باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 10:20 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مەن ساڭا بەخىت بېرەلمەيمەن

بەزى نەرسىلەرنى ئادەم شۇنچە ياخشى كۆرسىمۇ لىكىن ئۆزىگە تەۋە قىلالمايدىكەن ، بەزى نەرسىلەردىن ئايرىلىشقا كۆڭلى ئۇنىمىسىمۇ ، كۆزى قىيمىسىمۇ لىكىن يەنىلا ۋاز كىچىشكە مەججبۇر بولىدىكەن .سىكونت ئىچىدە ئىسىدە قالغان بەزى نەرسىلەرنى بىر ئۆمۈر سەرپ قىلسىمۇ ئۇنتۇيالمايدىكەن ، نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەر كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا تارىخقا ئايلىنىپ ئۇنتۇلۇپ كىتىدىكەن.ئۆزۈمگە ئايان ، باشقا بىر كىشى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىلىشى ناتايىن .
نۇرغۇن ئىشلاردا تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىش بولدى ،مەن ھىچقانچە تەييارلىقسىزلا رەھىمسىز رىئاللىقنى كۈتىۋىلىشقا مەجبۇر بولدۇم ، مەن نىمە قىلالايتتىم؟
ئۇنىڭ شارائىتى مەندىن ياخشى ،ئائىلىدىكىلەرمۇ پۇللۇق ،ماڭا ئوخشاش ساڭا سۆيگۈدىن باشقا ھىچنىمە بېرەلمەيدىغانلاردىن ئەمەس ،بىراق سەن ئۆزۈڭ بىز بىر-بىرىمىزنى ھەقىقىي ياخشى كۆرسەكلا ، باشقا مەسىلە يوق دىگەن ،مەنمۇ ساڭا ئىشەنگەن ئىدىم ،ھىچقايسىمىز ۋاز كىچىشنى ئويلىمىغان ئىدۇق ، بىراق سەن بۈگۈن تۇيۇقسىز ناتۇنۇشلا بىرىگە ئايلانغان ئىدىڭ.ھەي....
بۈگۈن ئەتىگەن تېلىفوندا ئاۋازىڭنى ئاڭلاپ تولىمۇ خوش بولغان ئىدىم ،بىراق ئايرىلىپ كىتەيلى دىيىشىڭنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ،ئۆزۈمنى قانداق بىسىۋالغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، مەن بۇ كۈننىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلگەن بولساممۇ ،بىراق بۇنداق تىز كىلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،سىنىڭدىن سەۋەبىنى سوراشنىمۇ خالىمدىم ، ئۇ سەنسىز ياشىيالمايتتى ،شۇڭا مەن سىلەرگە بەخت تىلىدىم .سەن <<سەن شۇنچە قەيسەر، مەن بولمىساممۇ ئوخشاشلا ياخشى ياشىيالايسەن ، ئەمما ئۇ ساڭا ئوخشىمايدۇ ، ئۇنىڭغا مەن بولمىسام بولمايدۇ >>دىگىنىڭچە تېلىفۇننى قويىۋەتتىڭ ... ئۇ سەن ئۈچۈن ئۆلىۋالماقچى بوپتۇ ، ئۇ قىلغاننى مەنمۇ قىلالايتتىم، لىكىن مەن تەھدىت بەدىلىگە ئېرىشكەن مۇھەببەتنى ۋاقىتلىق بولىدۇ دەپ قارايتتىم ،شۇڭا ئۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدىم ،بىلسەڭ جىنىم مەن سىنى سۆيەتتىم ،سىنىمۇ مىنى سۆيىدۇ ھامان بىر كۈنى يىنىمغا قايتىپ كىلىدۇ، بۇ پەقەت ۋاقىت مەسلىسى دەپ ئىشىنەتتىم ......
سىنىڭدىن ئايرىلىپ مەن قەيسەرلىكنى ئۆگەندىم ،باشقىلارنىڭ مىنى ياراتماسلىقىدىن ، سىنىڭدىن ئايرىلىپ قالسا ياشىيالمايدۇ دەپ قارىماسلىقى ئۈچۈن شۇنچە تىرىشتىم ، سەنسىزمۇ ياخشى ياشىشىم ، قەيسەر بۇلىشىم كېرەكتە..ھازىردىن باشلاپ مەن ئۆزۈمگە قايتىشىم ، مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۆزگەتىمەن دىمەي تىرىشىپ ياخشى ياشىشىم كېرەك، مەن ئىنتىلىپ ئېرىشكەن مۇھەببەت ماڭا پەقەت قۇرۇق ۋەدىلا ئاتا قىلغان ئىدى ....
سىنى سىغىنساممۇ پەقەت سىنى چۈشلىرىمدىلا كۆرەلەيمەن ،مۇمكىن بولسا ئىدى چۈشۈمدىن مەڭگۆ ئويغانمىغان بولاتتىم ، لىكىن بۇ مۇمكىنمۇ؟
گەرچە، مەن سەنسىز ياشاشقا ئانچە كۈنەلمىگەن بۇلساممۇ ،لىكىن ئىشىنىمەنكى، چۇقۇم سىنى ئۇنتۇپ ،سەنسىزمۇ خوشال خۇرام ياشايدىغان كۈنلىرىم كىلىدۇ .
بۇگۈن كىچىمۇ يانا سىنى ئويلاپ ئۇيقۇم قاچتى ، قاچانمۇ سىنى ئويلىمايدىغان ، سەنسىزمۇ خۇشال يۈرەلەيدىغان بولارمەن ؟
  بىلەمسەن ؟ كۈنلىرىم ئازاپ ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ ،كۈندە كەچتە يوتقىنىمغا پۈركۈنۈپ ئوغۇرلۇقچە يىغلايمەن ،ئۆزۈمنىڭ نىمىشقا بۇنچە ئاجىز يارالغانلىقىمدىن،نىمىشقا ياش تۆكۈشكە ئامراقلىقىمدىن ،نىمىشقا سىنى شۇنچىۋالا ياخشى كۆرىدىغانلىقىمدىن ئاغرىنىمەن ..
ھەي، ئەمەلىيەتتە سىنىڭ قىلغىنىڭنىمۇ خاتا دىگىلى بولمايدۇ ،خاتا بولغىنى بىزنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىمىز..
مەن يەنىلا ساڭا بەخىت تىلەيمەن ، رەھىمسىز رىئاللىق ماڭا ھەر قانداق سىناققا بەرداشلىق بېرەلىگەن ، ھىچقانداق مەنپەئەتنى چىقىش قىلمىغان مۇھەببەتنىڭلا ئەڭ گۈزەل بولىدىغانلىقىنى تونۇتتى ...
قانداقلا بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر مەن چوقۇم تىرىشىپ ئىشلەپ ،ياخشى ياشايمەن ، سۆيۈش، ئېرىشىشلا بەخىت ئەمەس، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقىنى كۆرۈشمۇ  بىر خىل بەخت !

تەرجىمە ئەسەر

مەنبە:www.07938.com
 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • بەزى چاغلاردا سۆيۈش . ئېرىشىشمۇ ئادەمگە بەخىت ئېلىپ كىلەلمەيدىكەن . ئېرىشكەندىن كېيىن بولسا يەنە باشقا بىرىگە تەلپۈنۈپ ياشايدىكەن .ئۆچۈرۈش2012-1-28 13:49[3 نۇمۇر]باھارىم
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY