باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 05:57 | ئاپتور: مەھشىيە | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

سېنى كۆرۈپ تۇراي

سېنى كۆرۈپ تۇراي


( مېي خەن )


   ئاپام دوختۇرخانىمىزغا كىرگەندىن بۇيانلا ، مەن ئۆزۈمنىڭ شۇ چاغلاردا نېمىشقا بۇ كەسىپنى تاللىغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىشقا باشلىدىم . ئاپپاق خالات كىيگەن بىزدەك دوختۇرلار ، باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ، ئەڭ گۈزەل پەرىشتىگە ئوخشايمىز . بىمارنىڭ ھايات – ماماتى بىزنىڭ قولىمىزدا . لېكىن بارغانسېرى ئورۇقلاپ ، ياداپ كېتىۋاتقان ئاپامغا كەلگەندە ، ھەرقېتىم ئۇنىڭ يېنىغا كىرسەملا ، زورىغا كۈلۈپ تەسەللىي بېرىپ ، باشقا چاغلاردا ئۇ كۆرمەيدىغان يەرلەردە كۆز يېشىمنى سۈرتۈشتىن باشقا ئامالىم يوق ... نۇرغۇن بىمارلار مېنىڭ قولۇمدا ساقىيىپ ، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلدى . ئاپامنىڭ كېسىلىگە كەلگەندە بولسا ، مەن ئامالسىز قالدىم ...
   ئاپام بىزنىڭ زورىمىز بىلەنلا ، مەجبۇرىي دوختۇرخانىغا كىرىپ ياتتى . ئۇ ۋاقىتتا ، راك ھۈجەيرىلىرى ئاپامنىڭ كۆكرەك قىسمىغا پۈتۈنلەي تارقىلىپ بولغاچقا ، ئاغرىق ئازابى ئۇنى كېچە – كېچىلەپ كۆز يۇمدۇرمايتتى . بىراق ئۇ ئاشۇ ھالەتتە تۇرۇپمۇ ، بىر ئېغىز ئۈندىمەيتتى . ھەرقېتىم بالنىسقا ئۇنى يوقلاپ كىرگىنىمدە ، ئاپام ناھايىتى خاتىرجەم ھالدا ، چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ : « ھازىر ئۆزۈمنى بۇرۇنقىدىن خېلى ياخشى بولۇپ قالغاندەك ھېس قىلىۋاتىمەن . سېنىڭ خىزمىتىڭ ئالدىراش ، دائىم مېنى يوقلاپ كىرمىسەڭمۇ بولىدۇ » دەيتتى . ئاپامنىڭ جۈدەپ قورايدەك بولۇپ قالغان قوللىرىنى سىلىغىنىمدا ، ئۆز ۋاقتىدا سانسىز قېتىملاپ مېھرىبانلىق بىلەن بېشىمنى سىلىغان بۇ قوللارنىڭ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئورۇقلاپ ، پەي – تومۇرلىرىنىڭ كۆپچۈيۈپ قالغانلىقىنى ، يۈزلىرىنىمۇ قېرىلىق داغلىرىنىڭ قاپلاپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولاتتى . بېشىمنى كۆتۈرۈپ كارىۋات بېشىدىكى ئاسما بوتۇلكىسىغا قارىدىم ، يۈرىكىم بولسا ئۈنسىز كۆز يېشى قىلىۋاتاتتى ...
   ئاپا ، مەن سەن ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن ؟ ھېچبولمىغاندا ، سەن ئۈچۈن بىر سائەت ئاغرىق ئازابىڭنى تارتىشىپ بېرەلىگەن بولسام ، سەنمۇ بىر سائەت قېنىپ ئۇخلىۋالساڭ . لېكىن مەن ھېچنېمە قىلالمايمەن ، مەندە پەقەت بۇ دوختۇرخانىدىكى تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ ئەڭ ياخشى مەسئۇل ۋراچى دېگەن قۇرۇق ئاتاقلا بار ...
   چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرى ، ئاپامنىڭ ئاپپاق كىرلىكىگە چۈشۈپ تۇراتتى . مەن ئۇنىڭ ئاق ئارىلىغان چېچىنى تاراپ ئولتۇرۇپ ، توختىماي ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى تاپىلاشلىرىنى ئاڭلىدىم . ئۇنىڭ دېيىشىچە ، بىز بىلەن خوشلانقاندىن كېيىن ، شەھەردە تۇرغۇسى يوق ئىكەن . بۇ يەر بەك شاۋقۇن – سۈرەن بولغاچقا ، ئۇنىڭ تاغ – سۇلىرى بار ، تىنىچ يەرنى تېپىپ ئارام ئالغۇسى باركەن . ئۇ دوختۇرغا كىرىشتىن بۇرۇنلا ، ئۆزىنىڭ ئاخىرەتلىكلىرىنى تەييارلاپ قويغانلىقىنى ، پەقەت بىر كۆينەكنىڭ كاملىقىنى ، بىزنىڭ ئىنكانقەدەر تېزراق تولۇقلاپ بېرىشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇ بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا ، باشتىن – ئاخىر چىرايىدا بىر خىل خاتىرجەملىك ، تەبەسسۇم بار بولۇپ ، ئۆلۈم توغرىسىدا ئەمەس ، خۇددى بىر گۈزەل ئۇچرىشىشقا بارىدىغاندەك قىياپەتتە سۆزلەيتتى . كۆز يېشىمنى تۇتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدىم ، ياشلىرىم بىر تامچە – بىر تامچىدىن ئاپامنىڭ چاچلىرىغا ئېقىپ چۈشىۋاتاتتى . ئاپام بىر ئۆمۈر گۈزەللىكنى ، پاكىزلىقنى سۆيۈپ كەلدى . مانا ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئايرىلىش ئالدىدىمۇ ، ئۆز سالاپىتىنى يوقىتىشنى خالىمايۋاتاتتى ...
   ئاپام ياتقان ياتاق بىلەن ئىشخانامنىڭ ئارىلىقى پەقەت بىر نەچچە قەدەملا كېلەتتى . بىراق ئۇ ئەزەلدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن مېنى ياتىقىغا چاقىرىپ باقمايتتى . ھەر قېتىم ئاپامنى كۆرگىلى كىرگىنىمدە ، ئۇ مېنى قوغلاشقا ئارانلا تۇراتتى . مېنى نۇرغۇن بىمارلارنىڭ ساقلاۋاتقانلىقىنى ، ئۇلارغىمۇ ئۆزۈمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىشىمنى تاپىلايتتى . ئەمەلىيەتتە ، ھەرقېتىم ئاپامنىڭ يېنىدىن ئايرىلغىنىمدا ، كەينىمدىكى ئاشۇ بىر جۈپ كۆزنىڭ قىيالماسلىق نەزىرى بىلەن تاكى سايەم يۈتكىچە ماڭا قاراپ تۇرىدىغانلىقى ماڭا ناھايىتى ئايان ...
   مەن ئاپام بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن بەختلىك مىنۇتلارنى مىنۇت بويىچە ھېساپلىسام ، ئاپام مېنى كۆرۈپ تۇرغان ھەربىر دەقىقىنى سىكۇنت بويىچە ھېساپلايتتى . بەزىدە تېخى ئاغرىق ئازابىغا چىداپ ، كارىۋاتتىن چۈشەتتى – دە ، ئاستا ئىشخانامنىڭ ئەينەك ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ ، ئۈن – تىنسىز ماڭا قاراپ تۇراتتى . بۇنى مەن بىر نەچچە قېتىم تاسادىپىي بېشىمنى كۆتۈرگەندە ، كۆرۈپ قالغانىدىم . كۆزلىرىمىز ئۇچراشقان شۇ دەقىقىدە ، ئاپام خىجىل بولغاندەك كۈلۈمسىرەپ قوياتتى – دە ، كىچىك بالىلاردا كەينىگە يېنىپ ، ئۆرۈلۈپلا ياتىقىغا كىرىپ كېتەتتى .
   ئۇ كۈنى ، بىر بىمارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن دېيىشىپ قالدىم . بەك ھاياجانلىنىپ كەتكەچكىمىكىن ، ئاپام بىلەن ئارىلىقىمىزنىڭ نەچچە قەدەملا كېلىدىغانلىقىنى ئېسىمدىن چىقىرىپتىمەن . ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق : ياشلا بىر قىز بىمار بولۇپ ، جىددىي كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ئېھتىياجلىق ئىدى . دەل مۇشۇ دوختۇرخانىمىزدا يەنە بىر ياش يىگىت بولۇپ ، كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغاچقا ، ھەرۋاقىت ھاياتىغا خەۋپ يېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىدى . شۇڭا ئۆزۈمنىڭ دوختۇرلۇق مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ، ئۇ يىگىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئەگەر ئوغلى راستىنلا كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا ، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىنى ھېلىقى قىزغا تەقدىم قىلىشقا دەۋەت قىلدىم . يىگىتنىڭ دادىسى تەكلىپىمگە قوشۇلدى ، لېكىن ئاپىسى ئۇنىڭغا ئوخشىمايتتى . ئۇ خۇددى ئېلىشىپ قالغان ئادەمدەكلا ، مېنى ئىزدەپ كېلىپ سۆزلەپلا كەتتى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، مېنىڭ دوختۇر بولۇشقا سالاھىتىم توشمايدىكەن ، ئايال كىشى بولۇشقا تېخىمۇ مۇناسىپ ئەمەسكەنمەن . چۈنكى مەن بىر ئانىنىڭ قەلبىنى پەقەتلا چۈشەنمەيدىكەنمەن . ئۇ يەنە ئوغلى بۇ دۇنيادىن ئايرىلغان تەقدىردىمۇ ، ھېچكىمنىڭ ئوغلىنىڭ بىر تال مويىغا تېگىشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى .
   مەن بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغاندىن بېرى ، نۇرغۇن ھەل قىلىش قىيىن بولغان ئىشلارنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىپ كەلگەن بولساممۇ ، بۇنىڭدەك قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغانىدىم . بىر تەرەپتە قىزنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ يېلىنىپ يالۋۇرۇشلىرى ، يەنە بىر تەرەپتە يىگىتنىڭ ئاپىسىنىڭ ئۆز ئوغلىنى جان تىكىپ قوغدىشى . ئاخىرى ، مېنىڭ دەۋىتىم يىگىتنىڭ ئاپىسىنى خاپا قىلىپ قويدىمۇ ، ئۇ ئايال تۇيۇقسىز يۇقىرى ئاۋازدا : « سېنىڭ ئىدىيەڭ ئوچۇق بولغانكىن ، نېمىشقا ئائىلەڭدىكىلەرنى تەقدىم قىلىشقا دەۋەت قىلمايسەن ؟! » دېدى . بۇ گەپ بىلەن تەڭ بىردىنلا جايىمدا تۇرۇپ قالدىم ، ئۈنۈم ئىچىمگە چۈشۈپ كەتكەنىدى .
ئاپامنىڭ قايسى ۋاقىتلاردا ، ئىشخانامنىڭ ئىشىكى ئالدىدا پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلمەيمەن . تونۇش بىر ئاۋازنىڭ چاقىرغانلىقىنى ئاڭلىغاندىلا ، بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاپامنىڭ يۈزلىرىنىڭ ئاللىقاچان كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلغانلىقىنى كۆردۈم . « بالام ، مېنىڭ مۈڭگۈز پەردەمنى ئۇ قىزغا بېرىشكە بولامدۇ ؟ » ئۆي ئىچى بىردىنلا جىمىپ كەتتى ، بارلىق كۆزلەر ئاپامغىلا مەركەزلەشكەنىدى . مەن بۇ سۆزلەرنىڭ ئاپامنىڭ ئاغزىدىن چىققىنىغا ئىشىنەلمەيۋاتاتتىم . چۈنكى ئاپامنىڭ ھەممىدىن بەرداشلىق بېرەلمەيدىغىنى كەمتۈكلۈك ئىدى . ئويلىمىغان يەردىن ، مانا ئەمدى ئاپام ئۆز رازىلىقى بىلەن بۇ دۇنيادىن ئۆزىنى كەمتۈك قىلىپ ئايرىلماقچى بولىۋاتاتتى .
   كۆپچىلىكنىڭ ئۆزىگە ھاڭ – تاڭ بولۇپ قاراپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ، تۇيۇقسىز ئاپامنىڭ مەڭزىدە كۆرمىگىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولغان كىچىككىنە قان رەڭگى پەيدا بولدى . ئۇ ئاستا ئالدىمغا كېلىپ ، ماڭا ئۈن – تىنسىز بىرەر مىنۇتچە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، بوشقىنە ئاۋازدا : « بالام ، مېنىڭ سىنى كۆرۈپ تۇرغۇم بار . سىنى كۆرۈپ تۇراي » دېدى .
   كۆز يېشىم بۇلدۇقلاپ ئېقىشقا باشلىدى ، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز بىمارلىرىمنىڭ ئالدىدا سالاپىتىمنى يوقىتىشىم ئىدى . مەن بۇنىڭ ئاپامنىڭ كېتىش ئالدىدا ، مەن ئۈچۈن قىلىپ بەرمەكچى بولغان ئەڭ ئاخىرقى ئىشى ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم . چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت ، قىيالماسلىق ئۇنى يەنە ماڭا ياردەم بېرىشكە ئۈندەۋاتاتتى . خۇددى ئۆتمۈشتە نۇرغۇن قېتىملاپ ، چوڭ – كىچىك ئۆتكەللەردىن ماڭا ھەمراھ بولۇپ ئۆتكەنگە ئوخشاش ...
   كېيىن ، يىگىتنىڭ ئاپىسى كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئوغلىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىنى ھېلىقى قىزغا تەقدىم قىلىشقا قوشۇلدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ، ئوغلىنىڭ مۈڭگۈز پەردىسى قانداقلا بولمىسۇن ، ئاپامنىڭكىدىن ياش ئىدى . ئەڭ مۇھىمى ، ئۇمۇ ئوغلىنىڭ كۆزىنىڭ ئۆزىگە مۇشۇنداق قاراپ تۇرىشىنى ئۈمىد قىلاتتى ...
   ئانا بولۇش شۇنداقلا قىز بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ، بىز بىر ھەقىقەتنى چۈشەنگەنىدۇق :
   ئەسلىدە مۇھەببەتنى مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەنمۇ داۋاملاشتۇرغىلى بولاتتى !
 

مەھشىيە تەرجىمىسى

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • مەزمونى تەسىرلىك ھەم مەزمونلۇق تەرجىمە ئەسەر ئىكەن.ئۆچۈرۈش2011-6-7 10:30[3 نۇمۇر]مەرپو
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY