يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-7 05:50 | ئاپتور: مەھشىيە | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ئۇچۇر
ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە ئۇچۇر
ئايالىم مېنىڭ قۇيرۇقىمغىلا ئوخشايتتى ، نەگە بارسام كەينىمدىن ئىزدەپ سوراپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى . مەن ياقتۇرمىغانسېرى ، ئۇ تېخىمۇ كىرىشىپ قالاتتى . بىراق ، بۇ « قۇيرۇق » ئاشۇ قاتتىق يامغۇر ياغقان كېچىدە بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك ئايرىلدى ...
كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ، قەلبىم چەكسىز ئازاپ ۋە ئۆكۈنۈش تۇيغۇسىدا پۇچۇلاندى ... مەن ئۆزۈمنىڭ خاتالىقىنى بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىز كەچۈرەلمەيمەن !
تويىمىز بولغان ۋاقتىدا ، ئايالىم ئۆزىگە ئۈزۈك ئالىدىغان پۇلغا ماڭا يانفون ئېلىپ بەرگەنىدى . ئۇ كۈنى كېچىچە ، ئىككىمىز ياتاق ئۆيگە كىرىۋېلىپ توختىماي يانفوننىڭ قوڭغۇراق ئاۋازىنى تەڭشىدۇق . بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ھاياتمۇ مۇشۇ قوڭغۇراق ئاۋازىدەك جاراڭلىق ھەم يېقىملىق بولۇپ ، ئارزۇ - ئىستەككە تولغانىدى ...
شۇ كۈندىن باشلاپ ، مەن دائىم ئۇنىڭ تېلفونىنى قوبۇل قىلىدىغان بولدۇم : « قەدىرلىكىم ، ئىشتىن چۈشكەچ كۆكتات ئالغاچ كەلسىڭىز ! » « قەدىرلىكىم ، قاچان قايتىپ كېلىسىز ؟ سىزنى سېغىندىم ...» « بۈگۈن كەچتە بىللە ئاپاملارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەپ كېلەيلى ! » بۇنداق چاغلاردا قەلبىم ئىللىق سېزىمغا تولاتتى . بىر قېتىم مەن تېلفونغا توك قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دەل شۇ كۈنى ، ئىدارە باشلىقلىرىغا ھەمراھ بولۇپ ئاساسىي قاتلامغا خىزمەتكە باردىم ھەم كەچتە زىياپەتتىن يېنىپ يېرىم كېچىدە ئاران ئۆيگە قايتتىم . ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپلا ، ئايالىمنىڭ كۆزلىرىنىڭ قىزىرىپ كەتكىنىنى كۆردۈم . ئەسلىدە ئۇ مەن ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھەر 15 مىنۇتتا بىر تېلفون ئۇرغانىكەن . لېكىن ھەرقېتىم مېنى « مۇلازىمەت رايونىدا ئەمەس » دېگەچكە ، ئايالىم تېخىمۇ تىت - تىت بولۇپ مەندىن ئەنسىرەشكە باشلاپتۇ . چوقۇم بىرەر كېلىشمەسلىك بولغان چېغى دەپ ئويلاپ ، ھەر 10 مىنۇتتا بىر تېلفون ئۇرۇشقا باشلاپتۇ . تاكى مەن ئىشىكنى ئېچىپ كىرگىچە ... مېنىڭ كىرىشىمگىلا ئۇ تېلفون تۇرۇپكىسىنى قويدى . مەن ئايالىمنىڭ كىچىك ئىشنى چوڭايتىپ سۆزلەشلىرىگە ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم : « مەن يا كىچىك بالا بولمىسام ، نېمە ئىش بولماقچىتى ؟ » بىراق ، ئايالىم ئۆزىدە باشقىچە بىر خىل تۇيغۇ بولغانلىقىنى ، مەن تېلفوننى ئالمىغانسېرى قايتىپ كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى . مەن ئايالىمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ، بېشىغا بوشقىنە ئۇرۇپ كۈلۈپ كەتتىم : « ئەخمەق ! » بىراق ، شۇنىڭدىن كېيىن مەن ئىزچىل تېلفونىمغا ۋاقتىدا توك قاچىلاشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدۇم .
كېيىنچە مېنىڭ دەرىجەممۇ ئۆسۈپ ، خېلى پۇللۇق بولۇپ قالدىم ، يانفوندىنمۇ نەچچىنى ئالماشتۇرۇپ بولدۇم . تۇيۇقسىز بىر كۈنى ، ئۆزۈمنىڭ ئايالىمغا بىر تال ئۈزۈككە قەرزدار ئىكەنلىكىم ئېسىمگە كەلدى - دە ، ئۇنى ئېلىپ خۇشال ھالدا سودا سارايغا كەلدىم . بىراق ئايالىم پۇكەي ئالدىغا كېلىپ يەنە ئىككىلىنىپ قالدى : « ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈكنى بارمىقىغا تاقىۋالغاننىڭ نېمە پايدىسى ؟ ماڭا يەنىلا بىر يانفون ئېلىپ بەرسىڭىز بولامدۇ ؟ شۇنداق بولسا ، سىز بىلەن دائىم ئالاقىلىشىپ تۇرالايتتىم . » شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭغا بىر يانفون ئېلىپ بەردىم .
ئۇ كۈنى بىرسىمىز ياتاق ئۆيدە ، بىرسىمىز مېھمانخانىدا ئولتۇرۇپ ئۆزئارا قىسقا ئۇچۇر يوللىشىپ ، بەكمۇ خۇشال بولۇشتۇق ...
بىر كۈنى كەچتە ، مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە دوستىمىزنىڭكىگە بېرىپ كورت ئوينىدىم . ئويۇن تازا قىزىۋاتقاندا ، ئايالىمدىن تېلفون كەلدى :
- سىز قەيەردە ؟ نېمىشقا ھازىرغىچە ئۆيگە قايتمايسىز ؟
-مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە كورت ئويناۋاتىمەن .
- قاچان قايتىپ كېلىسىز ؟
- سەل تۇرۇپ ...
بىردە ئۇتتۇرۇپ ، بىردە ئۇتىۋەردىم . ئايالىممۇ توختىماي تېلفون ئۇرىۋەردى . سىرتتا قاتتىق يامغۇر يېغىشقا باشلىغانىدى ، ئايالىمدىن يەنە تېلفون كەلدى :
- سىز زادى قەيەردە ؟ نېمە قىلىۋاتىسىز ؟ تېزراق قايتىپ كېلىڭ !
- سىزگە دېدىمغۇ ؟ مەن خىزمەتدىشىمنىڭ ئۆيىدە دەپ ، شۇنداق قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتسا قانداق قايتىپ كېتىمەن !
-ئەمىسە ماڭا قەيەردە ئىكەنلىكىڭىزنى دەپ بېرىڭ ، مەن سىزنى ئالغىلى باراي .
-ھاجىتى يوق ! - بىللە كورت ئويناۋاتقان دوستلىرىمنىڭ ھەممىسى مېنى « ئايالى قاتتىق باشقۇرىدىكەن » دېيىشىپ كۈلۈشۈپ كەتتى ، شۇ ئاچچىقىمدا مەنمۇ يانفونۇمنى ئېتىۋەتتىم .
تاڭ ئاتتى ، مەن ئىككى قولۇم قۇرۇقدىلىنىپ قالغىچە ئوينىدىم . كېيىن دوستۇم ماشىنىسى بىلەن مېنى ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قويدى . كۈتۈلمىگەندە ئۆينىڭ ئىشىكى چىڭ تاقالغان بولۇپ ، ئايالىم ئۆيدە يوق ئىدى . دەل شۇ ۋاقىتتا يانفونۇم سايرىدى ، تېلفوننى قېينئانام ئۇرغان بولۇپ ، تېلفوننىڭ ئۇ تەرىپىدە يىغلاپ سۆزلەۋاتاتتى : ئايالىم يېرىم كېچىدە ، قاتتىق يامغۇرغا قارىماي كۈنلۈكنى ئېلىپ ۋېلىسپىت بىلەن مېنى ئىزدەپ چىققانىكەن ، ئۇ ھەممە خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئۆيىگە بىر - بىرلەپ بېرىپتۇ . كۈتۈلمىگەندە يولدا قاتناش ۋەقەسىگە يولۇقۇپ ، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كېتىپتۇ ...
مەن يانفونۇمغا قارىدىم ، يانفونۇمدا پەقەت تېخى كۆرۈلمىگەن بىر پارچە ئۇچۇرلا تۇراتتى : « ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ بۈگۈن بىزنىڭ توي قىلغان خاتىرە كۈنىمىز ! مەن سىزنى ئىزدەپ ماڭدىم ، كېتىپ قالماڭ ، مەن كۈنلۈك ئېلىۋالىمەن ! » ئۇ مېنى ئىزدەپ ماڭغان ئاشۇ يولدا ، مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەنىدى ...
كۆز ياشلىرىم مەڭزىمنى بويلاپ ئېقىشقا باشلىدى . بۇ ئۇچۇرنى قانچە قېتىملاپ كۆرگىنىمنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن ؟ لېكىن ئاشۇ ئاخشىمى مەن پۈتۈن دۇنيارىمنى ئۇتتۇرىۋەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم ...
ئايالىمنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە 3 ئاي بولغان بولسىمۇ ، لېكىن مەن بۇ قاباھەتلىك چۈشتىن تېخىچە ئويغىنالمايۋاتاتتىم . ئىشقا بارغۇممۇ كەلمەيتتى ، كۈن بويى روھىم چىقىپ كەتكەندەك سۇلغۇن يۈرەتتىم . ھەتتا نەچچە قېتىملاپ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىشنى ئويلىدىم ...
مەھشىيە تەرجىمىسى
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- بار ۋاقتىدا قەدرىنى بىلمەيمىز،يوق بولغاندا پۇشايمان ئالدىغان قاچا تاپالماي يۈرۇيمىز،ئۆچۈرۈش2012-7-19 07:30[3 نۇمۇر]گۈلمى
- بەكلا ياخشى ئەسەر ئىكەن ، سىز ياخشىلىرىنى تاللاپ تەرجىمە قىلىدىكەنسىز .ئۆچۈرۈش2011-7-15 16:42[3 نۇمۇر]ئەخمەق
- تۇرمۇشقا يىقىن تەسىرلىك ھىكاينى جانلىق ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز.ئەجرىڭىزگە رەخمەت.ئۆچۈرۈش2011-6-7 10:34[3 نۇمۇر]مەرپو
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە