باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-6 17:21 | ئاپتور: مەھشىيە | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى

گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى

 

    بېشىمنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىغىنىمدا ، مەن ئامالسىزلىقتىن ھەسرەت چېكىمەن . ئاتا - ئانامنىڭ تىل - ئاھانىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەن ھەپتە ئاخىرىدىكى تەكرار سىنىپىغا مەجبۇرىي قاتناشمىسام بولمايدۇ. ھازىر مەن ھەممىدىن بەك ئۆيدە تۇرۇشتىن قورقىمەن ، دادامنىڭ چوڭقۇر ئويغا تولغان كۆزى ، ئاپامنىڭ ئالدىمدا قولىدىن چۈشۈرمەيدىغان توخۇ شورپىسى ، ئادەم گىياھ مېۋىسى دېگەندەك نەرسىلەردىن بەك قورقىمەن . ۋېلسىپىت ھەيدەپ كوچا ئايلىنىۋاتىمەن ، ئۆزۈمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغىنىم ئۆزۈمگىمۇ ئايان ئەمەس . توغرا ، ئۇنى ئىزدەپ باراي . ئۇ كىم ؟ مەنمۇ تونىمايمەن ، پەقەت توردا تونۇشقان ، ئىسمى «گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى»، مېنىڭ ھازىرقى بىردىنبىر دوستۇم . بارلىق كاپشىشلار ۋە تاپىلاشلاردىن قۇتۇلۇپ ، ئاخىرى «كۆك ئاسمان تورخانا» سىغا كەلدىم .
- ياخشىمۇسىز؟ مەن توردىكى خاسىيەتلىك ئادەم ، - ئۆزۈمنى ئازراق بولسىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن ، مەن ئۆزۈمگە مۇشۇنداق تور ئىسمى قويدۇم . ئۇنىڭغا يەنە خەت يوللىدىم : «سىز قەيەردە ؟ ماڭا مۇڭدىشىشىپ بېرىڭ . كەيپىياتىم ئىنتايىن ناچار .» ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىنلا ئۇنىڭدىن جاۋاپ كەلدى :
- ياخشىمۇسىز ، نېمە توغۇرلۇق پاراڭلىشىمىز ؟
- ئائىلىڭىز ، ئاتا - ئانىڭىز توغۇرلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز .
- ھە . ئۇلار ناھايىتى ياخشى ، دادام دوختۇر ، ئاپام سېستىرا .
- سىلەر ھەممىڭلار ئۆيدىمۇ ؟ - بۈگۈن ھەپتە ئاخىرى بولغاچقا ، مەن « بارلىق ئاتا - ئانىلار بالىلىرىغا ھەمراھ بولىۋاتىدۇ » دەپ پەرەز قىلدىم .
- ياق ، ئۆيدە مەن ئۆزۈم يالغۇز . مەن رەسىم سىزىۋاتىمەن .
«گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى » نىڭ يېشى مەندىن بىر ياش كىچىك ، ئۇ كېلەر يىلى گۈزەل - سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا ئىمتاھان بەرمەكچى . مەن بىلەن تونۇشقىلىمۇ 2 ئاي بولدى ، لېكىن ھازىرغىچە كۆرۈشۈپ باقمىدۇق ، پەقەت توردا ئالاقىلىشىۋاتىمىز .
- نېمە سىزىۋاتىسىز ؟
- ئۆزۈمنى سىزىۋاتىمەن ، ھى .. ھى ... ھى .

- نېمىگە كۈلىسىز ، سىزغىنىڭىز ئوخشىدىمۇ ؟ سىزغان رەسىمىڭىزنى ماڭا ئەۋەتىپ بېرەلەرسىزمۇ ؟ ،- مىنىڭ ئۇنىڭ چىرايىنىڭ قانداقلىقىنى بىلگۈم بار ، ئىلگىرى كۆرىششنى تىلغا ئالغان . لېكىن ئۇ قارشى چىققان ، ھەتتا تېلىفون نۇمۇرىنىمۇ ماڭا ئاشكارىلىمىغان . « ئۇنداق قىلساق توردا دوسىت تۇتۇشنىڭ سىرلىقلىق ماھىيتىنى يوقىتىپ قويىمىز . » ئەينى ۋاقىتتا ئېكراندىكى مۇشۇ جۈملە سۆزگە قاراپ كومپىيۇتېر ئالدېدىكى شۇ گۈزەل قىزنىڭ چىراي ئىپادىسىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم . مېنىڭچە ئۇ چوقۇم ماھىرەگە ئوخشاشلا مىجەزى ئوچۇق ، كۈلگۈنچەك قىز . ماھىرە مەن ئىلگىرى ياخشى كۆرگەن قىز ، ئۇ دائىم ماڭا چوقۇنۇش نەزىرى بىلەن قاراپ : «سىز ۋاسكىتبولنى ھەقىقەتەن ياخشى ئوينايدىكەنسىز » دەيتتى . مەن ئۇنىڭ مېنى ماختىشىنى ياخشى كۆرەتتىم . ئوغۇللار قىزلارنىڭ ئۆزىنى ئېتراپ قىلىشى ۋە ئىلھاملاندۇرىشىغا مۇھتاج ، شۇندىلا ئوغۇللار ئۆزىنى تېخىمۇ قىممىتى ۋە كۈچى بار دەپ قارايدۇ .
- ئەلۋەتتە ، ئەتىلا ئەۋەتىپ بېرەي . ئېتراپ قىلىشىم كېرەككى ، ئۇنىڭ خەت بېسىش سۈرئىتى مېنىڭكىدىن خېلىلا تېز .
- ئىمتىھانغا يەنە 60 كۈن قاپتۇ ، مېنىڭ ئازراقمۇ ئىشەنچىم يوق ، مەن ۋاز كېچەيمىكىن دەيمەن .
- ياق ، سىز غەيرەت قىلىڭ ، سىز چوقۇم قىلالايسىز ، مەن ئىشىنىمەن ، - ئۇ ناھايىتى تېزلا ئىنكاس قايتۇردى . كومپىيۇتېرنىڭ بۇ تەرىپىدىكى مەن سوغۇققىنە كۈلدۇم :
-ئىشەنچ ؟ بىلەمسىز ، دەل ھەممە ئادەم مېنىڭ ئىقتىدارىمغا ئىشەنگەچكە ، مەن ئۆزۈمدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن . ئۇلارنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنىڭ سالمىقى بەكلا ئېغىر، مەن ماڭا ئىشەنگەن بارلىق كىشلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويۇشتىن قورقىمەن . كىچىكىمدىن تارتىپلا مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئارزۇلۇق بالىسى ، مۇئەللىملەر نەزىرىدىكى ياخشى ئوقۇغۇچى . مەن تىرىشپ تۇرۇپ ئۇلار قىلىشىمنى ئۈمىد قىلغان ئىشلارنى قىلىمەن ، قىلىدىغان ئىشىم ھەرقانچە مۈشكۈل بولۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ ، مەن قىياپىتىمدىن قىلچە چاندۇرمايمەن. مەن ئۇلارغا مېنى ناھايىتى قابىلىيەتلىك دەپ قارىسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن . ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ، مىنىڭ توختىماي تىرىشىشىم ئاستىدا ، نەتىجەم ئىزچىل ئەلا بولۇپ كەلدى، يەنە تېخى مەكتەپ ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى . مەن 19ياشقا كىرگۈچە خۇشال - خۇرام ياشىدىم ، تولۇق ئۈچىنجى يىللىقنىڭ ئىككىنجى مەۋسۈمىغا كەلگەندىلا دادام ماڭا ئۆزىنىڭ بالىلىق ۋاقتىدا تىبابەت مەكتىپىدە ئوقۇش ئارمىنىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپ ، مېنىڭ ئۇنىڭ ئورنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇمنى تاپىلىدى . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، مىنىڭ تۇرمۇشۇمدا ۋاسكېتبول بولمىدى ، خوشاللىقمۇ بولمىدى ، بار نەرسە پەقەتلە بېسىم . مەن ئۆزۈمنىڭ تۇرۇپلا بوشىشىپ كەتكىنىمنى بىلمەيلا قاپتىمەن ، ئىككى قېتىملىق مانىۋىر ئىمتاھاننىڭ ئىككىلىسىدىلا نۇمۇر سىزىقىم مۆلچەردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ نومۇر سىزىقىغا يەتمىدى، مەن ئەزەلدىن بۇنداق قورقۇنچ ھېس قىلىپ باقمىغان .

- مۇمكىن بولسا دېڭىز بويىغا بېرىپ ، ئۆزىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ كېلىڭ ، - گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ماڭا شۇنداق تەكلىپ بەردى .
- سىز ماڭا ھەمراھ بولۇپ بارامسىز ؟ ،- مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلاشقۇم بار . ياق ، توغرىسىنى ئېيىتقاندا ، مەن دەرتلىرىمنى تۆكىدىغان بىرسىگە مۇھتاج .
-ماڭا ئېيتىپ بېرىڭ ، سىز نىمىشقا "گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى" دېگەن ئىسىمنى قوللاندىڭىز ؟ ،- ئۇزاققىچە قارشى تەرەپتىن جاۋاپ كەلمىدى ، مەن تىنچ جاۋابنى كۈتتۈم .
- ئۇنداقتا بوپتۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە توغرا كۆرۈكتە كۆرۈشەيلى ، كۆرۈشمىگىچە ئايرىلمايمىز ،- ئۇ ئالدىرىماي تۇرۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى . مەن ئۇنى چوقۇم ماڭا ئوخشاشلا ھاياجانلاندى ، دەپ ئويلىدىم . سائەت ھازىر دەل 10 بوپتۇ. ئەمدىكى ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىش كېرەك ؟ مەن بىر خەنزۇتىلى تەقلىدىي ئىمتاھان سۇئالى ماتىرىيالىنى ئېلىپ تورخانا سىرتىدىكى ئەپلىك بىر يەردە بېشىمنى قاماللاپ ئىككى سائەت ئولتۇردۇم . بىر نۇسخا سۇئال تۈگىدى ، مەن ئالدىرىغان ھالدا ئۆلچەملىك جاۋابنى سېلىشتۇردۇم ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە 107، مەن بېشىمنى چايقىدىم ، دادامنىڭ پىلانىدىكى 125نومۇرغا سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تەلەپتىن يىراق . يەنە بىر قېتىم سائەتكە قارىسام 12 بوپتۇ، ئەمدى ئۆيگە قايتىدىغان چاغ بولدى .

ئۆيگە كىرسەم دادام گېزىت ئوقۇپ ئولتۇرۇپتۇ، ئاپام ئاشخانىدا تاماق ئېتىش بىلەن ئالدىراش . مەن بۇخىل ھالەتنى ئەڭ ياقتۇرمايمەن ، دادام ئەستايىدىللىق بىلەن ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىغا مۇناسىۋەتلىك ھەربىر مەزمۇننى قىزىل قەلەم بىلەن سىزىۋاتقان ، ئاپام ھەتتا مەخسۇس بىر تاماق تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ ، ئىنتايىن قەرەللىك ھالدا ماڭا ئوزۇقلۇق تولۇقلاۋاتقان . لېكىن مەنچۇ ، نېمىلا يېيشىم ئوخشاشلا شام چاينىغاندەك .
- چۈشتىن كىيىن يەنە دەرىسىم بار ، مەن ئىككى بىلەنلا كېتىمەن ، - ئەشۇ بىر جۈملە سۆزنى قالدۇرۇپ ، خاس ھۇجرامغا كىرىپ كەتتىم . ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن بارغانسېرى كەمسۆز بولۇپ كەتتىم .

مەن پۈتۈشكەندىن بىر سائەت بۇرۇن توغرا كۆۋرۈككە يېتىپ كەلدىم . قۇملۇق ۋە شېغىللىق ، ماڭا قەلبىم يۆلىنىدىغان نەرسە باردەك ھېس قىلدۇردى . مەن خالىغان يەردىن بىرنى تېپىپ ئولتۇردۇم ، كۆزۈمنى يۇمدۇم ، ئاخىرى بىراقلا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن . ئويغانغان ۋاقتىمدا كۆز ئالدىمدا بىر قىز ئۆرە تۇرىدۇ ، قاپقارا قوي كۆزلۈك ، سۇمبۇل چاچلىق ماھىرەدىنمۇ گۈزەل بۇ قىزنى تۇنجى ئۇچرىتىپلا تونۇدۇم . مەن ئالدىراش ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئۆزۈمنى ئازراق قالايمىقان ھېس قىلىپ قالدىم .
- سىز " گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى " مۇ ؟، - ئۇ بېشىنى لىڭشىتتى ،- ياخشىمۇسىز ؟ مەن توردىكى " خاسىيەتلىك ئادەم " . ئۇ بايىقىدەكلا بېشىنى لىڭشىتتى . مەن توردا شۇنداق ئوچۇق - يورۇق دەپ ئويلىغان قىزنىڭ ئەمدى نېمىشقا جىمغۇر بولىۋالغانلىقىنى بىلەلمىدىم .
- مەن ناھايىتى قاملاشقانمىكەنمەن ؟ ئۇلار ھەممىسى مېنى رۇكاۋاغا ئوخشىتىدۇ ، سىزچىچۇ ؟ ،- ئۇ يەنىلا بېشىنى لىڭشىتتى ، - نېمىشقا گەپ قىلمايسىز ؟ ، - دەپ سورىدىم مەن ئاخىرى . ئۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا ماڭا بىر ۋاراقچىنى ئۇزاتتى :
- سىز گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭلىغانمۇ ؟ ،- مەن بېشىمنى چايقىدىم . ئۇ ۋاراقچىنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى ئۆرىدى ، - گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى بولمايدۇ ، شۇڭا مەن گەپ قىلالمايمەن ، - مەن ئۆزۈمنىڭ ئەشۇ ۋاقىتتىكى چىراي ئىپادەمنى ئەسلەپ بېرەلمەيمەن ، بەلكىم ئىككىم مىنۇت ئىپادىسىز قېتىپ قالغاندىمەن ، - ھېچقىسى يوق ، مەن ئاڭلىيالايمەن ، قېنى سۆزلەڭ ، - ئۇ تېز - تېز يېزىپ يەنە بىر ۋاراقچىنى ماڭا ئۇزاتتى .
- سىز ... ... پەقەت يېزىشقىلا تايىنىسىز ؟
" گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى " بىردەم نىمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى ، ئاندىن قولىدا يۈرەكنىڭ شەكلىنى چىقاردى . مەن چۈشەندىم يەنە يۈرەك بىلەن ، ئىككىلىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق . شۇ كۈلكىمىز ئارىمىزدىكى ياتسىراشنى يوقاتقان بولسا كېرەك . مەن ئۆزۈمنىڭ ھەقىقىي قىلغۇسى بار نۇرغۇن گەپلەرنى قىلدىم ، ئۇ سالماقلىق بىلەن قۇلاق سېلىپ ، مەندە بىر خىل بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ھېس قىلدۇردى. كۈن ئولتۇرۇشقا قايرىلغاندا ئاندىن خوشلاشتۇق. ئۇ ماڭا ئەڭ ئاخىرقى پارچە ۋاراقچىنى تۇتقۇزدى ، ئۈستىگە «غەيرەت قىل » دەپ توشقۇزىۋىتىلگەن ئىدى .

ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ خېتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم . ئاسمان كۆكى رەڭلىك كونۋېرتتا ، ئۇنىڭ موم قەلەم بىلەن سىزغان ئۆزىنىڭ رەسىمى ۋە ئۇنىڭ سەرگۈزەشتىسى بار ئىدى :
" تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بېرىدىغان يىلى ، مەن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچراپ . دادام خىزمەت قىلىدىغان دوختۇرخانىدا بالنىستتا ياتتىم ، بەدەن ئىچىدىن چىققان قان سۆزلەش نېرۋا ھۈجەيرىللىرىمنى بېسىۋالغاچقا، ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن سۆزلىيەلمەس بولۇپ قالدىم . دادام ھەرخىل ئاماللارنى قىلىپ باققان بولسىمۇ ، ھېچقايسىسى كار قىلمىدى . ئۇ شۇ چاغلاردا دائىملا ئۆزىنى مېنى ياخشى داۋالىيالمىدىم دەپ ئەيىبلەپ يۈردى . لېكىن مەن ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى دادا ، ئەڭ ياخشى دوختۇر ئىكەنلىكىنى بىلىمەن ، ئۇمۇ بار تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتتى .مەن تۇغۇلىشىمدىن شوخ ئىدىم ، ئەمدى بىر تۇيۇقسىزلا گەپ قىلالماس بولۇپ قېلىپ قاتتىق ئازابلاندىم . ئاپام ھالىمدىن تېخىمۇ ياخشى خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن ئۆيدە ماڭا ھەمراھ بولدى، ئۇمۇ يېرىم دوختۇرلۇق قوشۇلغان سېستىرا بولدى . ئۇ چاغدا مەن كارىۋاتتىن چۈشەلمەيتتىم ، كەيپىياتىممۇ ناھايىتى ئوسال ، دائىملا ئاچچىقلىنىپ ھەم يىغلاپ ھەم قاخشايتتىم . بىر قېتىم ، ئۇخلاپ ئويغانسام ئاپام كارىۋاتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كۆز يېشى قىلغىلى تۇرۇپتۇ ، مەن ئۇنىڭ مېنىڭدىن بەك ئازابلانغانلىقىنى بىلىمەن . ئاتا- ئانامنىڭ ماڭا بولغان ئۈمىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى ، ئۇلار ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ مېنىڭ داڭلىق رەسسام بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتقان. شۇڭا كىچىكىمدىن تارتىپ ماڭا گۈزەل - سەنئەتنى ئۆگەتكۈزدى . بىراق مەن گەپ قىلالماس بولۇپ قالغاندىن كېيىن ئۇلار مېنىڭ گۈزەل - سەنئەت مەكتىپىگە ئىمتاھان بېرىدىغان ئىشىمنى قايتا تىلغا ئالمىدى، ئۇلار پەقەت مىنىڭ خۇشال بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلدى . مېنىڭ خۇشاللىقىم ئۇلارنىڭ بەختى . گەرچە نورمال ئادەملەردەك بۇلارنى تىل ئارقىلىق ئىپادىلەپ بېرىلمىسەممۇ ، لېكىن مەن ئۆز ئارزۇيۇمدىن قىلچىلكمۇ ۋاز كەچمىدىم ، مەن ئىزچىل ئۆزلۈكىمدىن تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن . كۈچ چىقارسا چوقۇم ئېرىشىش بولۇشى ناتايىن ، لېكىن كۈچ چىقارمىسا ھېچقانداق ئېرىشىش بولمايدىغانلىقى مۇقەررەر ، مەن بارلىق كۈچۈم بىلەن تىرىشىپ باقىمەن ، يېڭىلسەممۇ ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن .
سىز قايتىدىن روھلىنىپ ، ئۆز ئارزۇيىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالامسىز ؟ مېنىڭ ئەتەم كۆك رەڭلىك ، چۈنكى ئۆزۈم تاللىغان بولغاچقا ئۇنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل . سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ياخشى رەڭ تاللاپ بولدىڭىزمۇ ؟ كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ سىزگە ئىشەنگەنلىكى ئۇلارنىڭ سىزنى سۆيگەنلىكىدىن ، چۈنكى سىز چوقۇم تىرىشىسىز . مەنمۇ سىزگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىز «خاسىيەتلىك ئادەم » ".
«مەن خاسىيەتلىك ئادەم » سۇ كۆكى رەڭلىك قەلەمدە بۇ خەتنى يېزىپ چىقتىم ھەم ئۆزۈمنىڭ ئەتىكى رەڭگىنى تاللىدىم .مەن يەنە بىر ۋاراق قەغەز ئېلىپ مۇنۇلارنى يازدىم :
" گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازى ، ئەگەر مەن ئۆزۈمگە ئىشەنسەم ، ئەگەر مەن ھازىردىن باشلاپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسەم ، ئەگەر مەن راستىنلا دوختۇر بولسام ، سىز ماڭا ئىشىنەمسىز ؟ مەن ... گۈلنىڭ ئېچىلغان ئاۋازىنى ئاڭىيالايمەن .

خەتنى كونۋېرتقا سېلىپ ئاغزىنى ھىملىگەندىن كېيىن ، مەن توساقتىن ئاتلىغاندەك تەسىراتقا كەلدىم . مەن قېلىن سوئاللار توپلىمىنى ئېلىپ يەنە يېڭى بىر خەنزۇ تىلى ئىمتاھان سۇئالى سىنىقىنى باشلىۋەتتىم . ئەڭ ئاخىرقى نەتىجى 119 . مەن كۆڭلۈمنى يېرىم قىلمىدىم ، كېيىنكى قېتىم تىخىمۇ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .بۇ ۋاقىتتا ئاپام كىرىپ كەلدى ، - سۈت ئىچەمسەن ؟ ، - مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم ، ئاپامنىڭ كۆز چۆرىسىدىكى قورۇقلارغا قاراپ ،- رەھمەت ئاپا ، - دېدېم . «مەن چوقۇم تىرىشىمەن » دېدىم يەنە كۆڭلۈمدە ، كۆز نۇرۇم ئارقىلىق ئاپامغا كاپالەت بېرىپ ...

قارانچۇق تەرجىمىسى

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئۈچ تەرەپ تەربىيىسىىدىكى بۇلۇپمۇ ئائىلدە بالىلارنىڭ ئۇچرىغان بىسىمىنىڭ ئېغىرلىقىنى ،كۈيۈنۈشنىڭ مىھىر ئەمەس ،يۈكتەك بالىلارنىڭ قەلىب دۇنياسىنى بىسۋىلىشى ياخشى ئىپادە قىلىنىپتۇ تەرجىمىدە.ئۆچۈرۈش2011-6-7 10:38[3 نۇمۇر]مەرپو
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY