باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-13 03:26 | ئاپتور: Oghuz_han | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ھەممىگە قادىر ماشىنا

ھەممىگە قادىر ماشىنا


(ئىلمىي فانتازىيىلىك ھېكايە)
R. شېكلىي(ئامېرىكا)

گېرىگال ئۈستەلگە كېلىپ ئولتۇردى. «AAAسەييارىلەر دېزىنفېكسىيە شىركىتى»نىڭ ئىشخانىسىنى قويۇق چاڭ – توزان قاپلىغان بولۇپ، بۇ مەخسۇس يىڭى سەييارىلەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشىلايدىغان شىركەت ئىدى. گېرىگال قولىدىكى 2305 خىل ئوخشىمىغان بۇيۇمنىڭ تىزىملىكىگە كۆزىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماي مىقتەك تىكىلگەن بولۇپ، چالا قالغانلىرى بارمۇ - يوق تەكشۈرۋاتاتتى.
رادىئاتسىيىدىن ساقلىنىش مەلھىچۇ؟ ئالەمدە ئىشلىتىلىدىغان يورۇتۇش ئوقى ۋە سۇ تازىلاش ئۈسكىنىلىرىچۇ؟ ياق، بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى تىزىملىكتە بار ئىدى. ئۇ بىر ئەسنىۋالغاندىن كىيىن قول سائىتىگە قارىدى. شېرىكى ئارنولدېررىنىڭ قايتىپ كىلىدىغىنىغا يېقىنلىشىپ قالغان ئىدى. ئۇ ئەتىگەندىلا لازىملىق بۇيۇملارنى سېتۋىلىپ ئالەم كېمىسىگە قاچىلىغىلى كەتكەن بولۇپ، بىرنەچچە سائەتتىن كىيىن ئۇلار دىمېگې 2- نومۇرلۇق سەييارىگە ئۇچۇپ بېرىپ ۋەزىپە ئىجرا قىلماقچى ئىدى.
ئەمما ھەممە ئىش تەل بولدىمۇ – يوق؟ ئالەم كېمىسى خوددى بىر يېگانە ئارالغا ئوخشايدۇ. ھەممە ئىشتا پەقەت ئۆزىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا پۇرچاقنى يەپ تۈگۈتۋەتسىڭىز سېتۋالدىغان ماگزىن يوق. ھالىمادىس ئالەم كېمىسىنىڭ مۇھاپىزەت قىپى بۇزۇلسا سىزدە زاپاس قاپلاش تاختىيى، لازىملىق سايمان ۋە چۈشەندۈرۈش كىتابى بولۇشى كېرەك. ئالەم ھەقىقەتەن بەك چوڭ، ھادىسىگە يولۇققاندا بىرەر كىشىنىڭ قۇتۇلدۇرۋىلىشتىن ئۈمىد كۈتمىسىمۇ بولىدۇ.
تىزىملىكتە يەنە ئوكسىگېن ھاسىل قىلىش ئۈسكۈنىسى، پاپىروس... قاتارلىقلارمۇ بار بولۇپ، بۆلۈمچە ئىچى ئالەم كېمىسىگە ئەمەس بەلكى بىر دەرىجىدىن تاشقىرى بازارغا ئوخشاپ قالغان ئىدى. گېرىگال تىزىملىكنى تاشلاپ قويۇپ، زېرىكىشلىك بىلەن قارتنى ئېلىپ ئۆزى كەشىپ قىلغان قارتا ئۇيۇنىنى باشلىدى. بىر نەچچە مىنوتتىن كىيىن ئارنولدېررى چوڭ – چوڭ قەدەم تاشلاپ تەكەللۈپسىزلا ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى. گېرىگال چۈشەنمىگەندەك قىلىپ ھەمراھىغا قارىدى: ئادەتتىكى ئەھۋالدا پەقەت مۇشۇ پاكار خىمىكنىڭ چىرايى ئېچىلىپ، خۇشاللىقتىن قىن – قىنىغا پاتماي قالغان بولسىلا شىركەتكە چوڭ ئامەت كىلۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.
- ھەممىنى تەقلەپ قويدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى گېرىگال زىيادە ئەنسىرەپ كەتكەنلىكتىن تەخىر قىلالماي.
- ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك، - دېدى ئارنولدېررىتۇلۇق ئىشەنچ بىلەن، - بىز ھازىرلا ئۇچىمىز...
- پۈتۈنلەي خاتىرجەم بولۇڭ، ھېچقانداق مەسىلە يوق، - دېدى ئۇ ساغرىسىنى ئۈستەلنىڭ گىرۋىكىگە ئىلىپ، - مەن شىركەتكە نۇرغۇن پۇل تېجەپ بەردىم.
- شۇنداقمۇ؟- دېدى گېرىگال، - سىز يەنە قانداق ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويدىڭىز؟
- ياق، - دېدى ئارنولدېررى ئەستايىدىللىق بىلەن، - سىز پەقەت ئۈسكىنە – سايمانلارغا قانچىلىك پۇل ئىسراپ قىلغانلىقىڭىزنى ئويلاپ بىقىڭ. بىز 2305 خىل بۇيۇمنى تولۇق ئىلىشىمىز كېرەك. بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېھتىماللىقنى كۆزدە تۇتۇپ بولۋاتقان ئىش. ئەمەلىيەتتە بولسا بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر –ئىككى خىلنىلا ئىشلىتىشىمىز مۇمكىن. نەتىجىدە ئالەم كىمىسىنىڭ ئىچى تامامەن كارغا كەلمەيدىغان نەرسىلەر بىلەن توشۇپ كېتىپ، قىستاڭچىلىق كېلىپ چىقىدۇ.
- بىراق كۆپىنچە ھاللاردا دەل شۇ بىر –ئىككى خىل بۇيۇم بىزنىڭ جىنىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ.
- ئەلۋەتتە، مەن بۇ مەسىلىنى ئويلاندىم. تەلىيىمىزگە مەن يىراق سەپەردە ئەسقاتىدىغان بىر نەرسىنى تاپتىم.
گېرىگال قەددىنى روسلاپ ئۆزىنى بېسۋىلىپ ئېيتتى:
- ئارنولدېررى، سىزنىڭ نېمە تاپقانلىقىڭىزنى بىلمەيمەن. بىراق سىز ئەڭ ياخشىسى يەنىلا 2305 خىل بۇيۇمنى كېمىگە قاچىلاڭ.
- ئەپسۇس، بولمايدۇ، - دېدى ئارنولدېررى مۇغەمبەرلەرچە كۈلۈپ تۇرۇپ، - پۇل يەتمەيدۇ، چۈنكى مەن ئاشۇ لازىملىق سايماننى سېتىۋالدىم.
- ئۇ قانداق نەرسە؟
- مۇتلەق تەڭدىشى يوق، باھاسى مۇۋاپىق بۇيۇم. ئالەم كېمىسىگە بېرىپ كۆرۈپ بىقىڭ. مەن سىزنىڭ كۆزىڭىزنى ئېچىپ قۇياي.
ئالەم قاتناش پورتىغا بېرىش يولىدا ئارنولدېررى باشتىن ئاخىر سىرلىق كۈلۈپ چىقتى. ئۇچار كېمە تەييارلىنىپ تىكلەپ قۇيۇلغان بولۇپ، يولغا چىقسىلا بولاتتى. ئارنولدېررى بۆلۈمچە ئىشىكىنى قايتا ئاچتى.
- دەل مۇشۇ نەرسە، - دېدى ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا، - قاراڭ، بۇ ھەرقانداق ئاپەتكە تاقابىل تۇرالايدىغان «ھەممىگە قادىر ماشىنا».
گېرىگال بۆلۈمچىگە كىرىپ يوغان بىر غەلىتە ماشىنىنى كۆردى. ماشىنىغا تۈرلۈك شكالا تەخسىسى، سىگنال چىراغ ۋە تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى سائەت ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
- بۇ قانچىلىك كارامەتكە ئىگە؟
- ئەجەبا سىزگە يارىمىدىمۇ؟ - دېدى ئارنولدېررى ماشىنىنى يېنىك ئۇرۇپ تۇرۇپ، - مەن سەييارىلەر ئارا كونا ماللار سودىگىرىدىن بۇ ماشىنىنى ناھايىتى مۇۋاپىق باھادا سېتىۋالدىم.
گېرىگال شۇئان ھەممىنى چۈشەندى. ئۇ ئۆزىمۇ بەزىدە بۇنداق مەككار سودىگەرلەر بىلەن مۇناسىۋەت قىلاتتى، بىراق بىرەر قىتىممۇ كۆڭۈللۈك بولمىغان ئىدى. ئۇلار ساتقان ئاجايىپ - غارايىپ ماشىنىلار گەرچە نورمال خىزمەت قىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ياراتقان ئۈنۈمى تامامەن باشقىچە ئىدى.
- بۇ سودىگەرلەرنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىنى ئېلىپ ئالەم بوشلۇقىغا كىرمەيمەن، - دېدى گېرىگال چۇرت ئۈزۈپلا، - مەن ئۇنى كېرەكسىز تۆمۈر – تېسەك ئورنىدا بىر تەرەپ قىلۋىتىشكە رازى.
ئۇ شۇنداق دەپلا ئەتراپتىن بۇلقا ئىزلەشكە باشلىدى.
- توختاپ تۇرۇڭ، - دېدى ئارنولدېررى ئۆتۈنگەن قىياپەتتە، - سىز ئالدى بىلەن مېنىڭ سىناپ بىقىشىمغا رۇخسەت قىلىڭ. ئويلاپ بىقىڭ: ناۋادا ئالەمدە ماتوردىن كاشىلا چىقىپ ئۈچىنچى چىشلىق چاق بۇشاپ قالسا، گايكىنى ئىزدەپ تاپالمىسىڭىز بۇ چاغدا سىز قانداق قىلىسىز؟
- مەن 2305 خىل بۇيۇم ئىچىدىن بىر يىڭى گايكا تېپىپ بۇ خىلدىكى ئالاھىدە ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرىمەن، - دېدى گېرىگال.
- راستىنلا شۇنداقمۇ؟ بىلىشىڭىز كېرەككى تىزىملىكتە 4 دىيوملۇق ئاليۇمىن قىتىشمىسىدىن ئىشلەنگەن گايكا يوق، - دېدى ئارنولدېررى غەلبىسىمان ئاۋازدا، - مەن تەكشۈرگەن، بۇ چاغدا قانداق قىلىش كېرەك؟
- ئۇنداقتا ئامال يوق، سىزنىڭ قانداق ياخشى چارىڭىز بار؟
شۇنىڭ بىلەن ئارنولدېررى مەردانە قەدەم تاشلاپ ماشىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بىر كۇنۇپكىنى بېسىپ ماشىنىغا قاراپ ياڭراق ھەم ئوچۇق ئاۋازدا تۆۋەندىكى گەپلەرنى ئېيتتى:
- قاتتىق ئاليۇمىن گايكا، دىئامېتىرى 4 دىيوم.
- ماشىنىدىن پەس گۈرۈلدىگەن ئاۋاز چىقىپ، چىراغلار چاقناشقا باشلىدى. قاپقاق ئاستا – ئاستا ئېچىلىپ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن چۈشكەندەكلا بىر دانە پارقىراق نەرسە -- ياسىلىپ پۈتكەن گايكا پەيدا بولدى.
- قانداق؟ - دېدى ئارنولدېررى مەمنونىيەتلىك بىلەن.
- ھىم، - دېدى گېرىگال ئانچە قىزىقمىغان قىياپەتتە، - ئۇ پەقەت بىر تال گايكىغۇ. يەنە نېمە ياسىيالايدۇ؟
ئارنولدېررى كۇنۇپكىنى قايتا بېسىپ دېدى:
- بىزگە بىر قاداق ئېغىرلىقتىكى چوڭ راك كېرەك.
قاپقا ئېچىلىدى. ئىچىدە راستىنلا ناھايىتى تەملىك بىر چوڭ راك تۇراتتى.
- مەن راستىنلا گاڭگىراپ قىلىۋاتىمەن، قائىدە بويىچە پاكىز يۇيۇلۇپ تەييارلانغان راك بولۇشى كېرەك ئىدى، - دېدى ئارنولدېررى ئەپسوسلانغان ھالدا.
- ئۇ يەنە نېمە قىلالايدۇ؟ - سورىدى گېرىگال.
- سىزگە نېمە كېرەك؟ ئويۇنچۇق يولۋاسمۇ؟ 25 ۋاتلىق لامپۇچكا ۋە ياكى سېغىز كەمپۈتمۇ؟
- سىز نېمىگە ئاساسەن ئۇ ھەممىنى ياسىيالايدۇ دەيسىز؟
- شۇنداق، ئۇ ھەرقانداق نەرسىنى، ھەممىنى ياسايدۇ. سىزگە كېرەكلىك بولسىلا. بۇ دېگەن ھەممىگە قادىر ماشىنا. قېنى ئۆزىڭىز سىناپ بىقىڭ.
گېرىگال سىناپ بېقىۋىيدى ناھايىتى تېزلا مىنېرال سۇ، قول سائەت ۋە بىر قۇتا سالاتقا ئېرىشتى.
- يامان ئەمەس، - دېدى ئۇ، - بىراق ...
- يەنە نېمە؟
گېرىگال بېشىنى چايقىدى. ئەمەلىيەتتە ئۆزىمۇ نېمە دىيىشنى بىلمەي قالغان ئىدى. لېكىن ئۆز تەجرىبىسىگە ئاساسەن بۇ خىل يىڭى نەرسىنىڭ ئانچە كېرەككە كەلمەيدىغانلىقىنى، ھەرگىز بىر قاراپلا ئىشىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلەتتى.
مىزلىك راك بىلەن سالات يىيىلىپ بولۇشىغىلا ئۇلار ھايال بولمايلا يولغا چىقىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۋالدى. بىر سائەتتىن كىيىن ئۇلارنىڭ ئۇچار كېمىسى ئەلەم بوشلىقىغا كىردى.
ئۇلاردىمېگې 2- نومۇرلۇق سەييارىگە قاراپ ئۇچۇپ كەتتى. بىر بىر ئوتتۇرا دەرىجىلىك يۇلتۇز بولۇپ، كىلىماتى پىژغىرىم ئىسسىق ھەم نەم بولۇپ، ئۈسۈملۈكلەرنىڭ ئۈسۈشىگە تولىمۇ باب كېلەتتى. بىرلا كەمچىلىكى يامغۇر زىيادە كۆپ بولۇپ، ئاساسەن ھەممە ۋاقىتتا دېگۈدەك يامغۇر يىغىپ تۇراتتى. ياغمىغان تەقدىردىمۇ بۇلۇتلار ئەگىپ يۈرىشەتتى. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپىسى ئىمكان بار يامغۇرنى تىزگىنلەش بولۇپ ئانچە تەس ئىشمۇ ھىساپلانمايتتى. پەقەت ھاۋارايىنى تەڭشەش پرىنسىپىنى ئىگىلۋالسىلا بىر نەچچە كېچە ئىچىدە ھەممە نەرسىنى نورماللاشتۇرغىلى بولاتتى.
يولدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى. مەنزىل ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئارنولدېررى ئاپتوماتىك ھەيدەش قۇرۇلمىسىنى ئېتۋىتىپ، ئۇچار كېمىنى ھەيدەپ قىلىن بۇلۇت – تۇمانلاردىن ئۆتتى. ناھايىتى تېزلا تاغ چوققۇلىرى مىڭ مېتىر قىلىنلىقتىكى ئاقۇچ تۇمانلار ئىچىدىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. بىر نەچچە مىنوتتىن كىيىن كېمە تىمتاس كۈلرەڭ تەكشىلىكنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا ئايلىنىشقا باشلىدى.
- بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسى ئۆزگىچىكەن، - دېدى گېرىگال باھا بېرىپ.
ئارنولدېررى بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. ئۇ ئادىتى بويىچە ئۇچار كېمىنى بۇرمىسىمان ئىزدا ھەيدەپ مۇقۇملاشتۇرغاندىن كىيىن تەڭپۇلۇقىنى ساقلىغان ھالدا ماتورنى ئۈچۈرۈپ پەسلەشكە باشلىدى.
- قىزىق، بۇ يەردە نېمىشقا ئۆسۈملۈكلەر ئۆنمىگەندۇ؟ - دېدى گېرىگال ئۆز - ئۆزىگە.
بىردەمدىن كىيىن ئۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندى: ئۇچار كېمە ئۇشتۇمتۇت ئۇلار قۇنماقچى بولغان بوش مەۋھۇم تۈزلەڭلىك ئىچىگە چۈكۈپلا كەتتى. ئون نەچچە مېتىر تۆۋەنلىگەندىن كىيىنلا ئاندىن گۇم قىلىپ سوقۇلغىنىچە يەرگە چۈشتى.
ئەسلىدە ئۇلارغا كۈلرەڭ كۆرۈنگەن «تۈزلەڭلىك» بىر قەۋەت قويۇق تۇمان بولۇپ، دىمېگې 2 – نومۇرلۇق سەييارىدىن باشقا ئورۇنلاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار بىخەتەرلىك تاسمىسىنى يىشىپ، يارلانمىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئاندىن كېمىنى تەكشۈردى.
بۇ خىل بىنورمال قۇنۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ئەمەس: سىمسىز رادىئو ۋە ئاپتوماتىك ھەيدەش قۇرۇلمىسى كاردىن چىقىپ، كېمىنىڭ سىرتقى قىپىدىكى ئون پارچە مۇھاپىزەت تاختىيى ئىگىلپ ئاجراپ كەتكەن. تېخىمۇ يامىنى مەشغۇلات سېستىمىسىدىكى بىر قىسىم دىتاللىرىمۇ بۇزۇلغان ئىدى.
- تەلىيىمىز بار ئىكەن،- دېدى ئارنولدېررى خۇلاسىلەپ.
- شۇنداق، - دېدى گېرىگال قويۇق تۇمانغا قاراپ قۇيۇپ، - بىراق كېيىنكى قېتىم سىز ئەڭ ياخشىسى ئاپتوماتىك قۇرۇلما بىلەن قوندۇرسىڭىز بولغۇدەك.
- ئەمدى سىز ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ كارامىتىنى كۆرىسىز. بىز رېمونت خىزمىتىنى باشلىساق قانداق؟
ئۇلار بارلىق بۇزۇلغان زاپچاسلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقتى. ئارنولدېررى ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كېلىپ كۇنۇپكىنى باستى:
- كېمىنىڭ مۇھاپىزەت تاختىيى، 5 دىيوملۇق چاسا شەكلىدە، قىلىنلىقى يېرىم دىيوم، 342 – نومۇرلۇق مېتال بىرىكمىسىدىن ياسالسۇن.
ھەممىگە قادىر ماشىنا ئۇنىڭغا كېرەكلىك تاختىنى ياساپ چىقىرىپ بەردى.
- بىزگە 10 پارچە كېرەك، - دېدى گېرىگال.
- بۇنى بىلىمەن، - دېدى ئارنولدېررى ۋە كۇنۇپكىنى باستى، - يەنە بىر قېتىم تەكرارلا!
ماشىنا ئىنكاس قايتۇرمىدى.
- قارىغاندا مەن بۇيرۇقنى تولۇق چۈشۈرسەم بولىدىغان ئوخشايدۇ، - دېدى ئارنولدېررى جەزىملەشتۈرۈپ.
ئۇ ئالىقىنى بىلەن كۇنۇپكىنى بېسىپ تۇرۇپ يەنە بۇيرۇق چۈشۈردى:
- ئۇچار كېمىنىڭ مۇھاپىزەت تاختىيى، 5 دىيوملۇق چاسا شەكلىدە، قىلىنلىقى يېرىم دىيوم. 342 – نومۇرلۇق مېتال بىرىكمىسىدىن ياسالسۇن.
ئەمما ھەممىگە قادىر ماشىنىدىن ھېچقانداق سادا چىقمىدى.
- قىزىق، - دېدى ئارنولدېررى.
- نېمە بولدى؟ - دەپ سورىدى گېرىگال بىر يامانلىقنى تۇيغاندەك.
ئارنولدېررى يەنە بىر قېتىم سىنىدى. يەنىلا ھېچقانداق نەتىجە بولمىدى. ئۇ بىردەم خيالغا چۆككەندىن كىيىن كۇنۇپكىنى يەنە بىر قېتىم باستى:
- بىر دانە سۇلياۋ قاچا كەلتۈر.
ماشىنا شۇئان يالتىراپ تۇرغان ئاسمان رەڭگىدىكى بىر قاچىنى چىقىرىپ بەردى.
- يەنە بىرنى، - دېدى ئارنولدېررى.
ماشىنا ئۇنىڭ بۇيرىقىغا يەنە پەرۋامۇ قىلىپ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئارنولدېررى ئۇنىڭدىن بىر تال شام سورىدى. ماشىنا ياساپ بەردى.
- ماڭا يەنە بىر تال شام كېرەك، - دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى ئارنولدېررى. ماشىنا يەنە ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىدى.
- راستىنلا غەلىتە ئىش، - دېدى ئارنولدېررى، - مەن باشتىلا بۇ ئېھتىماللىقنى ئويلىشىم كېرەك ئىدى.
- بۇ نېمە دىگىنىڭىز؟
- ئىنىقكى، ھەممىگە قادىر ماشىنا ھەقىقەتەن ھەرقانداق نەرسىنى ياسىيالايدۇ، ئەمما پەقەت بىرلا قېتىم.
ئارنولدېررى يەنە بىر قېتىم سىناق قىلدى. ئۇ ماشىنىغا بۇيرۇق قىلىپ بىر تال قەلەم ياساتتى. ئەمما پەقەت بىر تالغىلا ئېرىشەلىدى.
- ما چاتاقنى، - دېدى گېرىگال، - بىزگە يەنە توققۇز پارچە مۇھاپىزەت تاختىسى كېرەك. مەشغۇلات سېستىمىسىغىمۇ ئۈچ دانە پۈتۈنلەي ئوخشاش زاپچاس لازىم بولىدۇ. ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
- چوقۇم ئامال تىپىلىدۇ، - دېدى ئارنولدېررى ئىلگىرىكىدەكلا خاتىرجەم قىياپەتتە. بۇ چاغدا سىرىتتا سىم – سىم يامغۇر يىغىشقا باشلىغان ئىدى.
- مەن بۇ ماشىنىنىڭ ھەرىكىتىنى مۇنداق چۈشەندۈرەلەيمەن، - دېدى ئارنولدېررى بىرنەچچە سائەتتىن كىيىن، - ئۇ بولسىمۇ بۇ ماشىنا كونىسىدىن-يېڭىسىنى ياخشى كۆرىدۇ.
- نېمە؟ - دېدى گېرىگال قاتتىق چۆچىگىنىچە. بايا ئۇ شىلدىرلاپ يىغىۋاتقان سىم – سىم يامغۇرنىڭ تەسىرىدىن مۈگدەپ قالغان ئىدى.
- بۇ بىر ئىدراكلىق ماشىنا، - دېدى ئارنولدېررى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، - بۇيرۇقنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن ئۇ ئىجرا قىلىش تىلىغا تەرجىمە قىلىدۇ ھەم ئىشلەپچىقىرىدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن بىرلا قېتىم ئىشلەيدۇ؟ بۇ مەسىلىنىڭ ئاچقۇچلۇق يېرى. مېنىڭچە بىردىنبىر سەۋەبى شۇكى: بۇ ماشىنا بىلەن ئىنسانلار ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدۇ، يەنى پەقەت يىڭى مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغان چاغدىلا ئاندىن بىر خىل خوشاللىققا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما ياساپ بولغاندىن كىيىنلا ئۇنىڭدىن زېرىكىدۇ. شۇڭا ئۇ پەقەت يىڭى مەھسۇلات ئىشلەيدۇ، قايتىلاشنى ياخشى خالىمايدۇ.
- مەن بۇ ئۆمرۈمدە بۇنىڭدىنمۇ بىمەنە مۇلاھىزىنى ئاڭلاپ باقمىغان! – دېدى گېرىگال گۈكىرەپ، - ئەمما سىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىڭىزنى توغرا دەپ قارىساق، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
- بۇنى مەنمۇ بىلمەيمەن، - دېدى ئارنولدېررى.
- مېنىڭچىمۇ شۇنداقتەك تۇرىدۇ.
بۇ كەچلىكى ھەممىگە قادىر ماشىنا ئۇلارنى مايدا قورۇلغان كالا گۈشى، ئالما قۇتۇرمىچى قاتارلىق مول كەچلىك غىزا بىلەن تەمىن ئەتتى. مىزىلىك تاماقلار ئۇلارنىڭ روھى كەيپىياتىنى خېلى يۇقىرى كۆتۈردى.
- بىز ئورنىغا ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنايلى، - دېدى گېرىگال چوڭقۇر ئويلانغاندىن كىيىن. ئۇ «ھەممىگە قادىر ماشىنا» ماركىلىق پاپىروسنى بىر شوراپ قويغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋام قىلدى، - 342- نومۇرلۇق بىرىكمە مېتال بىردىنبىر مۇھاپىزەت تاختىيى ياسايدىغان ماتىريالمۇ ئەمەس، باشقا بىرىكمە مېتاللارنى ئىشلىتىپمۇ يەر شارىغا قايتىپ كەتكىلى بولىدۇ.
بىراق ھەممىگە قادىر ماشىنا تۆمۈر بىرىكمىسىدىن ياسالغان مۇھاپىزەت تاختىيى ياساشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار برونزا تاختا ياسىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئەمما شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ماشىنا يەنە برونزا تاختا ياكى قەلەي تاختا ياساشنى رەت قىلدى. ئەمما ئاليۇمىن تاختا ناھايىتى تېز بولۇپ، بىردەمدىلا ياساپ چىقتى. ئارقىدىنلا يەنە كادمىي، پلاتىنا، ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەردىن تاختىلار تەييارلاندى. ھەتتا ۋولفىرامدىن ياسالغان ئالاھىدە تاختىمۇ ياسىلىپ تەق قىلىندى. بۇ نەرسىلەرنى قانداق قۇيغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولمايتتى. ئارنولدېررى يەنە ئولتىرا قاتتىقلىقتىكى ساپال تاختا ئىشلەتتى. ئاخىرىدا يەنە بىر تاختا ساپ سىنىكتىن ياسالدى.
ئەلۋەتتە، بىر قىسىم مېتال تاختىلارنىڭ ئېرىش نۇقتىسى يۇقىرى بولماسلىقى مۇمكىن. بىراق سۇۋۇتۇش سېستىمىسىدىن كاشىلا كۆرۈلمىسىلا ئۇلار يەر شارىغا يىتىپ بېرىشقا چىدايتتى. بۇ كېچە ئۇلار يامان ئەمەس ئىشلىدى. ئەتىگەندە «ھەممىگە قادىر ماشىنا» ماركىلىق ئۈزۈم ھارىقى بىلەن خۇشاللىقىنى تەبرىكلەشتى. ئىككىنچى كۈنى ئۇلار مۇھاپىزەت تاختىلىرىنى قولمۇ - قول ئورناتتى. كېمە قۇيرۇقى بەئەينى پارچە- پارچە پۇرۇچلاردىن تىكىلگەندەك ئالا – يېشىل تۈسكە كىرىپ قالدى.
بىراق، مەشغۇلات سىستېمىسىنى رېمونت قىلىشتا چوڭ مەسىلىگە يولۇقتى. بۇ خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئۈچ دانە تامامەن ئوخشاش زاپچاس كېرەك بولاتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ئىنچىكە ئىشلەنگەن ئەينەك ۋە ئۆتكۈزگۈچتىن ياسالغان بولۇپ باشقا نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇشقا ھەرگىز بولمايتتى.
ھەممىگە قادىر ماشىنا ھايال بولمايلا بىرىنچى زاپچاسنى تەمىنلەپ بېرىشى بىلەن ھەممىسى ئاخىرلاشتى. تاكى چۈشكىچە ھېچقانداق ئامال بولمىدى. ئۇلار چوڭ راك يىمەكچى بولغان ئىدى، ماشىنا بىردەم گۈرۈلدىگەندىن كىيىن جىمىپ قالدى. چۈنكى ئۇلار بىر قېتىم راكنى ئىلىپ بولغان ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ راكلارنىڭ ھەممىسى قاسىراقلىق ھايۋانلارغا تەۋە ئىدى. قارىغاندا ماشىنا نەرسىلەرنى تۈرلەر بويىچە رەتكە تۇرغۇزغان ئوخشايدۇ.
- دېمەك بىز پەقەت كونسىرۋالا يىيەلەيدىكەنمىز، - دېدى گېرىگال خورسىنغان ھالدا.
ئارنولدېررى چۈشكۈن قىياپەتتە كۈلۈپ قويدى:
- ئەپسۇس، مەن بۇ ماشىنىنى سېتىۋالغان چاغدا تېخى يېمەك – ئىچمەكتىن غەم قىلمايمىز دەپ ئويلىغان ئىكەنمەن، شۇڭا...
- سىز كونسىرۋالىق يىمەكلىكلەرنىمۇ تەييارلىمىغانما؟
- توپتوغرا.
ئۇلار ماشىنىدىن سالمون بىلىقى ياكى تاتلىق سۇلۇق بېلىق سورىدى، نەتىجىسى بولمىدى. قوي پۇتى ياكى كالباسا يىمەكچى بولغانتى ئوخشاشلا شۈمشىيىپ قىلىشتى.
- بىز كالا گۈشىنى يەپ بولدۇق. بۇ بارلىق سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ گۈشىگە ئەمدى ئېغىز تىگەلمەيدىغانلىقىمىزدىن دېرەك بېرىدۇ، - دېدى ئارنولدېررى، - بۇلاردىن پايدىلىنىپ ھېچقانچە قىينالمايلا مۇكەممەل بولغان جانلىقلار تۈر ئايرىمىسىنى تۇرغۇزغىلى بولغۇدەك.
- پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا بىز ئاچلىقتىن ئۈلىمىز، - دېدى گېرىگال مەيۈسلۈك بىلەن.
ئۇ قايتىدىن كىچىك بىر توخۇ قورمىسى بۇيرۇتتى. بۇ چاغدا ماشىنا قىلچە ھايال بولمايلا تەييار قىلىپ بەردى. ئەمما ئۇ شۇئانلا يوغان بىر توخۇ تەلەپ قىلمىغىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدى.
دىمېگې 2- نومۇرلۇق سەييارىدە يامغۇر يىغىۋەردى. ئۇچار كېمىنىڭ ئەتراپىنى بىر قەۋەت تۇمانسىمان يامغۇر قاپلىۋالدى.
يەنە كەچلىك تاماق ۋاقتى كېلىپ ئۇلار ئازاراق نەرسە تەييارلىماقچى بولۇشتى. سۇغاق سەيلەرگە ھېچقانچە كۈچ كەتمىدى. بىراق كالورىيىسى يىتىشمەيتتى. ماشىنا ئۇلارغا قاقلانغان بولكا يەتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ پوشكالدىن ئەمدى ئۈمىد كۈتكىلى بولمايتتى. ئۇلار بىر سائەتلىك بۇيرۇق ۋە رەت قىلىشلاردىن كىيىن ئاندىن قورۇلغان كىت گۈشىگە ئېرىشتى. قارىغاندا ھەممىگە قادىر ماشىنا كىتنى قانداق تۈرگە ئايرىشنى بىلمىسە كېرەك.
ئۇچار كىمىنىڭ ئىچكى دىۋارىدا سۇ تامچىلىرى پەيدا بولۇشقا باشلىدى. پولات مۇھاپىزەت تاختىيىدىمۇ داتلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
ئەمدى چۈشلۈك تاماق مەسىلىسى كېلىپ چىقتى. ئالما پوشكىلى سەۋەبلىك بارلىق مېۋە تۈرىدىكىلەر چەكلەنگەن ئىدى. ئۇلار ئامالسىز پاقا، قاقلانغان سېرىق چۇمچۇق ۋە كەسلەنچۈك گۆشى يىيىشكە مەجبور بولدى. شۇنىڭدىن كىيىن بارلىق ئۆملىگۈچى ھايۋانلار، ھاشاراتلار ھەمدە قوش ماكانلىق ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى كەلمەسكە كەتتى. بۇلار ھەقىقەتەن چوڭ يوقىتىش بولۇپ ھىساپلىناتتى.
كېمىنىڭ سىرتىدا سىم – سىم يامغۇر شارىلداپ ياغماقتا. ئۇچار كېمە پاتقاققا تېخىمۇ چوڭقۇر پىتىشقا باشلىدى.
گېرىگال ئاخىرى بىر ئامال تاپتى. ئۇ قايتا – قايتا ئويلاپ گەرچە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ كىچىكلىكىنى بىلسىمۇ بىر سىناپ باققۇسى كەلدى. ئۇ ئاستا ماڭغىنىچە ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئارنولدېررى ئەجەپلەنگىنىچە ئۇنىڭغا تىكىلدى:
- سىز نېمە قىلماقچى؟ - سورىدى ئارنولدېررى.
- مەن بۇ ئەبلەخكە ئەڭ ئاخىرقى بۇيرۇق چۈشۈرمەكچىمەن، - دېدى گېرىگال بوغۇلغان ھالدا.
ئۇ تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن كۇنۇپكىنى بېسىپ تۆۋەن ئاۋازدا بىرنېمىلەرنى دېدى. دەسلىپىدە ھېچقانداق ئىنكاس بولمىدى. كىيىن ئارنولدېررى:
- تېز كەينىڭىزگە چىكىنىڭ، - دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ماشىنا توختىماي تىترەپ سىلكىنىشكە باشلىدى، چىراقلىرى قالايمىقان لىپىلداپ ئىستىرىلكىلىرى ئۇياق – بۇياققا توختىماي تەۋرىنەتتى.
- سىز ئۇنىڭغا نېمە دىدىڭىز؟- سورىدى ئارنولدېررى.
- مەن ئۇنىڭغا ئۆزىگە ئوخشاش ماشىنىدىن بىرنى ياساشنى ئېيتتىم.
ماشىنا تارتىشىپ قالغاندەك ئالدى – كەينىگە قاتتىق سىلكىنىپ، قويۇق ئىس كۆتۈرۈلۈپ ئۇلارنى توختىماي ھۆتەلدۈرۋەتتى. ئىس – تۈتەك تارقىغاندىن كىيىن ئۇلار ھەممىگە قادىر ماشىنىنىڭ ئۆز ئورنىدا تۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن جايلىرىدىكى سىرىنىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى، بەزى چىراغلىرىنىڭ كاردىن چىقىپ پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆرۈشتى. بىراق يېنىدا يېپيېڭى بىر دانە ھەممىگە قادىر ماشىنا تۇراتتى.
- قالتىس! – دەپ ۋارقىرىدى ئارنولدېررى، - بىز قۇتۇلدۇق!
ئۇ يېڭى ماشىنىغا بۇرۇلۇپ كۇنۇپكىسىنى باستى:
- مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ بىر دانە زاپچىسىنى تەييار قىل!
بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۇلار دىمېگې 2 – نومۇرلۇق سەييارىدىكى تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى. ئارنولدېررى، گېرىگال ۋە ئۈچ دانە ھەممىگە قادىر ماشىنا كىننىدى ئالەم پورتىغا ئۇچۇپ قايتىپ كەلدى. يەرگە قۇنۇپلا ئارنولدېررى كېمىدىن سەكرەپ چۈشۈپ كىرا ئاپتۇموبىلىغا ئولتۇرۇپ نىيو – يورۇك شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى ھەم بىرنەچچە سائەتتىن كىيىنلا كېمىگە قايتىپ كەلدى.
- ھەممە نەرسە تەييار بولدى، - دېدى ئۇ گېرىگالغا، - مەن بىر قىسىم ئۈنچە – مەرۋايت سودىگەرلىرى بىلەن دېيىشىپ قويدۇم. ئۇلار بىز تەمىنلىگەن چوڭ ئالماسنى يۇقىرى باھا قويۇپ سېتۋىلىشقا قوشۇلدى.
گېرىگال كۆڭلى پاراكەندە بولغان ھالدا ئۇنىڭغا قارىدى.
- سىز بىرەر مەسىلىنى سەزمىدىڭىزمۇ؟
- قانداق دەيسىز؟ - دېدى ئارنولدېررى تۆت ئەتراپقا كۆز يۈگرۈتۈپ. ئەسلى ئۈچ ماشىنا تۇرغان ئورۇندا ھازىر تۆتىنچى ماشىنا تۇراتتى.
- سىز ياساشقا بۇيرۇق بەردىڭىزما؟ - دەپ سورىدى ئارنولدېررى، - بۇنىڭ نېمە ھەيران قالغۇچىلىكى بار، ئۇلارغا ئالماس ياساتساقلا بولدى.
- سىز تېخى چۈشەنمەپسىز، - دېدى گېرىگال ھەسرەت چەككەن ھالدا، - قاراڭ!
ئۇ ئەڭ يېقىندىكى بىر ماشىنىنىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ دېدى:
- ماڭا ئالماس كېرەك.
ھەممىگە قادىر ماشىنا شۇئان تىترەشكە باشلىدى.
- ئۇلار ھازىر پەقەت مۇشىنىلا چىقىرىدىغان بولۇپ قاپتۇ، - دېدى گېرىگال چارچىغان ھالدا.
ھىلىقى ماشىنا توختىماي تىترەپ ئاخىرىدا يېپيېڭى بىر دانە ھەممىگە قادىر ماشىنا چىقىرىپ بەردى...


تەرجىمە قىلغۇچى: ئوغۇزخان

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ئوغۇزخاننىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرىگە بەركەت ياغسۇن!!!ئۆچۈرۈش2011-6-20 01:53[3 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY