يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-14 15:36 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: ئانا مېھرى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
ئانا مېھرى
ئانا مېھرى
كىلىن قېينىئانىسىغا :
- تۇزى كەم بولسا يېمىسىڭىز، ئازراق تىتىپ قالسا تۇزلۇقكەن دىسىڭىز، سىز گە زادى نىمە قىلىپ بەرسەم بولىدۇ ؟ - دىدى زەردە بىلەن .
ئانا ئوغلىغا بىر قاراپ قويغاندىن، كىيىن تاماقنى مەجبۇرى يىيىشكە باشلىدى. ئوغلى ئانىسىنىڭ تامىقىنى بىر چوكا يەپلا تۈكۈرۋەتتى ۋە ئايالىغا :
- مەن سىزگە بۇرۇنلا ، ئاپامنىڭ كېسىلىگە تۇزلۇق تاماق زىيان قىلىدۇ دىگەنغۇ؟
كىلىن ئالىيىپ تۇرۇپ :
- ھە مەيلى ، ئەمىسە ئۆزىڭىزنىڭ ئاپىسى بولغاندىكىن ، تاماقنى ئۆزىڭىز ئېتىپ بېرىڭ! - دىگىنىچە ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى .ئوغلى ئېغىر خۇرسىنغىنىچە :
- بولدى ئانا يىمىگىن ، مەن ساڭا باشقا تاماق ئىتىپ بېرەي. - دىدى . ئانا ئوغلىغا:
- ئوغلۇم ماڭا دەيدىغانا گىپىڭ باردەكلا قىلىدىغۇ ، قىنى دەپ باقمامسەن ؟ ئىچىڭگە يۈتىۋەرمە ...
ئوغلى سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا :
- ئانا ئەمىلىم ئۆستى. ئەمدى بۇندىن كىيىن بەكلا ئالدىراش بولۇپ كېتىمەن ، كىلىنىڭنىڭمۇ خىزمەت قىلغۇسى باركەن .
ئانا خۇددى ئوغلىنىڭ ئىچىدىكىنى بىلگەندەكلا يېلىنغان ھالدا:
- ئوغلۇم مىنى قېرىلار ساناتورىيىسىگە ئاپىرىۋەتمىگىن! - دىدى .
ئوغلى بىردەم سۈكۈت قىلدى، بەلكىم ئۇ تىخىمۇ ياخشى سەۋەپ ئىزدىگەندۇ ؟ ئۇ :
- ئانا ! يەنىلا قېرىلار ساناتورىيىسىدە تۇرساڭ ياخشى ئەمەسمۇ، كىلىنىڭ خىزمەت قىلسا ، مىنىڭمۇ خىزمىتىم ئالدىراش بولۇپ كەتسە، ئۆيدە ھالىڭدىن كىم خەۋەر ئالىدۇ ؟ ئۇ يەردە مەخسۇس كۈتىدىغان ئادەم بار تۇرسا ، مەنمۇ سىرتقا خىزمەتكە چىقساممۇ خاتىرجەم بولىمەن ئەمەسمۇ ؟ - دىدى .
ئوغلى يۇيۇنۇپ بولۇپ ، تەييار چۆپنى يەۋىلىپلا كۈتۈپخانىغا كىرىپ كەتتى . ئۇ ئىككىلىنىپ قېلىۋاتاتتى ، دادىسى ئۇ كىچىك چېغىدىلا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ ، ئاپىسى ياشلىقىنى ئۇنىڭغا بېغىشلاپ قايتا تويمۇ قىلماي ئۇنى بېقىپ قاتارغا قوشقان ئىدى ، ئەمما خوتۇنى " ئاجرىشىپ كىتىمەن" دەپ تەھدىت سىلىۋاتاتتى .... ئۇ يەنىلا ئىككىلىنىپ قالدى ...
" كىيىنكى ئۆمرۈڭدە ساڭا ھەمراھ بولىدىغىنى ئاپاڭمۇ خوتۇنۇڭمۇ ؟ ئاناڭ ئاللىقاچان قېرىپ قالدى ، ئۇ قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ؟ " دوستىنىڭ سۆزى قۇلاق تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولۇپ ، ئۇنى خىياللار قوينىدىن رىئاللىققا قايتۇردى . ئۇ يەنە ئويلىنىشتىن قورقۇپ قالدى ، ئۆز قارارىدىن يېنىپ قېلىشتىن قورقتى ...
كەچ كىردى، قۇياش ئالتۇن رەڭلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تاغ كەينىگە مۆكتى . تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بىر قېرىلار ساناتورىيىسى بار بولۇپ ، بۇ يەرگە پەقەت پۇلى بارلارلا كىرەلەيتتى .
ئوغلى ئانىسىغا پۇلنى كۆپرەك خەجلىسە كۆڭلى سەل جايىغا چۈشكەندەك ھېس قىلاتتى .
ئوغلى ئانىسىنى ئېلىپ كەلگەندە زالدا سافادا نەچچە ياشانغان ئەر- ئاياللار ئولتۇرۇپ تىلىۋىزور كۆرىۋاتاتتى ، ئۇلار ئۇلارغا خۇرسىنىپ قويدى .
ئوغلى ئانىسىنىڭ يورۇققا ئامراقلىقىنى بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ئانىسىغا قۇياش نۇرى چۈشۈپ تۇرىدىغان، بىر ئۆينى تاللاپ قويغان ئىدى . دېرىزىدىن چىملىقنى ، سۈنئىي تاغنى ، گۈللۈكنى كۆرگىلى بولاتتى . ئوغلى دېرىزە يىنىغا كىلىپ ، بىر سېستىرانىڭ بىر موماينى چاقلىق ئورۇندۇق بىلەن ئىتتىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈۆڭلى سەل يېرىم بولدى. ئۇ ئانىسىغا ھەمراھ بولۇپ بىردەم ئولتۇردى. كەچ كىردى، بۇ يەرنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقاتتى . ئۇ يەنە ئېغىر خۇرسىندى:
- ئانا مەن كەتتىم . - ئۇ ئانىسى بىلەن خوشلاشتى . ئانا خۇددى ئۇنىڭغا دەيدىغان گىپى باردەك گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى ئۆمەللىدى-يۇ، توختاپ قالدى . ئوغلى شۇندىلا ئانىسىنىڭ قېرىغانلىقىنى ھىس قىلدى . ئۇ تۇرۇپلا كىچىك ۋاقتىدىكى بىر ئىشنى ئەسلەپ قالدى ، ئۇ چاغدا ئۇ 6 ياش ئىدى ، ئانىسىنىڭ يۇرتىغا بارىدىغان مۇھىم ئىشى چىقىپ قالغان بولغاچقا، ئۇنى تاغىسىنىڭ ئۆيىگە قويۇپ قويماقچى بولدى . ئانىسى ماڭىدىغان چاغدا ئۇ ئانىسىنىڭ پۇتىغا مەھكەم يىپىشىۋىلىپ " ئانا! مىنىمۇ بىللەپ ئىلىپ بار، مىنىڭ بۇ يەردە قالغۇم يوق " دەپ يىغلاپ تۇرىۋالدى، ئانا ئاخىرى ئۇنىمۇ بىللە ئىلىپ باردى . ئۇ ئىشىكنى ئىتتىكلا يىپىۋەتتى ، ئۇ يەنىلا قارارىدىن يېنىپ قېلىشتىن قورقتى ...
ئوغلى ئۆيىگە كەلدى ، خوتۇنى بىلەن قىيىنئانىسى ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىنى رەتلەۋاتقان بولۇپ ، يەردە بىر مۇكاپات لوڭقىسى ياتاتتى . ئۇ __ ئۇ باشلانغۇچتىكى ۋاقتىدا «مىنىڭ ئانام» تىمىسىدىكى، ماقالە يىزىش مۇسابىقىدا ئالغان لوڭقا بولۇپ ، ئانىسى ئۇنى تەبرىكلەش ئۈچۈن نەچچە ئاي پۇل يىغىپ شىنخۇا ئىنگىلىز تىلى لۇغىتىنى ئېلىپ بەرگەن ئىدى . يەنە تىخى ئانىسىنىڭ كەچلىكى سۈرىدىغان رىماتىزىم دورىسىمۇ يەردە تۇراتتى. دىمەك ، ئۇلار بۇنىمۇ ئەخلەت قاتارىغا چىقىرىۋىتىپتۇ-دە ، ئۇ چىداپ تۇرالمىدى ...
- بولدى! بولدى قىلىڭلار ، ئاتماڭلار!
- بۇ ئەخلەتلەرنى تاشلىۋەتمىسەم مەن نەرسىلىرىمنى نەگە قويىمەن ؟- قىيىنئانا ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن كۈيئوغلىغا قارىدى .
- شۇ ئەمەسمۇ ، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىسەك نەگە ئاپىرىمىز؟ يەنە تىخى ماۋۇ كونا كارۋاتمۇ بار، ئەتە مەن ئانامغا يىڭى كارۋاتنى ئېلىپ كەلسەم نەگە قويىمىز؟- خوتۇنى غۇدۇرىغاچ بىر مۇنچە سۈرەتلەرنى يەرگە ئاتتى . ئۇلار ھەممىسى ئۇنىڭ بالىلىق ۋاقتىدىكى سۈرەتلەر بولۇپ ، ئانىسى ھەر يىلى پۇل تىجەپ باغچىلارغا ئاپىرىپ چۈشۈرۈپ قويغان سۈرەتلەر ئىدى ، ئانىسى ئۇلارنى بايلىقى ھىسابلايتتى .
- ئۇ ، ئۇلار دىگەن ئانامنىڭ نەرسىلىرى ، تاشلىۋەتسەك بولمايدۇ! - دەپ ۋاقىرىدى . كىلىن :
- بۇ نىمە دىگىنىڭىز؟ ئانامغا ۋاقىرىسىڭىز قانداق بولىدۇ؟ ئانامدىن كەچۈرۈم سوراڭ ! - دەپ ۋاقىرىدى. ئوغلى خوتۇنىدىن :
- مەن سىزنى ئالغاچقا، سىزنىڭ ئانىڭىزنىمۇ شۇنداق ياخشى كۆرىمەن. سىز نىمىشقا مىنىڭ ئانامغا ئۇنداق مۇئامىلە قىلىسىز؟ - دەپ سورىدى .
يامغۇردىن كىيىنكى ھاۋا سەل سوغۇق ئىدى ، شەھەر كىچە جىمجىتلىقىغا چۆمگەن بولۇپ، يولدا ماشىنىلارمۇ ئىنتايىن شالاڭ ئىدى . بىر تۇلپار ماركىلىق ماشىنا ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە قاراپ ئۇچقاندەك كىتىۋاتاتتى ، تۇلپار ياشانغانلار ساناتورىيىسگە كىلىپ توختىدى ، ئوغلى ماشىنىدىن چۈشۈپ بىناغا قاراپ يۈگۈردى .
ئوغلى ئانىسىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرگەندە ئانا تىزىنى ئۇۋىلاپ ئولتۇراتتى ، ئانا ئوغلىنىڭ قولىدىكى دورا قۇتىسىنى كۆرۈپ كۆڭلى سەل جايىغا چۈشكەندەك بولدى -دە ، ئوغلىغا :
- ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ، ھىلىمۇ ياخشى ئالغاچ كەپسەن، - دەپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى . ئوغلى ئانىسىنىڭ يىنىغا كېلىپ يۈكۈندى .
- كەچ بولۇپ كەتتى ئوغلۇم ، تىزراق قايتقىن ، ئەتە يەنە ئىشقا بارىسەن ئەمەسمۇ ؟ دورىنى مەن ئۆزۈم سۈرىۋالىمەن ، تىزراق قايتقىن . - ئانا ئوغلىنى قايتىشقا ئۈندىدى . ئوغلى ئېسەدەپ تۇرۇپ :
- ئانا ، مىنى كەچۈرگىن! بىللە قايتايلى! - دىدى .
تەرجىمە ئەسەر
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە