يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-14 15:48 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجىمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
«ئاشىق- مەشۇقلار كىيىمى»
«ئاشىق- مەشۇقلار كىيىمى»
ھازىر ئۇنىڭ پۇلىمۇ بار ، ۋاقتىمۇ بار. بىكار ۋاقىتلىرىنى تولا ھاللاردا باي خېنىملار بىلەن بىللە بازار چۆگىلەپ ئۆتكۈزەلەيدۇ ، لىكىن نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ئەسلىمىلىرى يەنىلا 10 يىل بۇرۇنقى قىشقا كىتىپ قالىدۇ .
ئۇ يىلى قىش ئىنتايىن سوغۇق بولدى ، ئۇلار بىر كۈن كەچكىچە بازار چۆگىلەپمۇ ھېچنىمە ئالالمىدى . ئۇلارغا يارايدىغان كىيىم يوق ئەمەس بەلكى بەكلا قىممەت ئىدى . ئۇلاردا پەقەت 300 يۈەنلا پۇل بار بولۇپ ، بۇ كىچىككىنە شەھەردە ئىستىمال سەۋىيە بەكلا يۇقىرى بولمىسىمۇ لىكىن بۇ پۇلغا ئىككى چاپان كەلمەيتتى ...
يىگىت : " بولدى سىزگە بىرنىلا ئالايلى ، قىش دىگەن بىردەمدىلا چىقىپ كىتىدۇ، سىز ھېچنەگە بارمىسىڭىزلا ، مەن سىنىپ بىلەن ياتاقتىن باشقا يەرگە بارمايدىغان تۇرسام، مەن توڭلىمايمەن " دىدى . لىكىن قىز ئۇنىمىدى. كەچ كىردى ، ئۇلار مەكتەپكە قايتماقچى بولدى. قىز بەكلا توڭۇپ كەتكەن ئىدى ، شۇڭا يىگىتكە " مىنى ئىسسىتىپ قويۇڭ " دىدى. ئۇلار ياش بولغاچقا ، بىر-بىرىگە ئىنتايىن قىزغىن ئىدى ، ئۈمىدۋار ئىدى . مۇھەببەت - پۇل بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايتتى .
يولدا قىز تۇيۇقسىزلا قەدىمىنى توختاتتى ۋە يىگىتكە كەينىگە قايتىشقا ئىلتىماس قىلدى ... ئۇلار مودا كىيىملەر دۇكىنىدىن بىر ھاۋارەڭ چاپاننى كۆرۈپ سىناپ باقتى، بۇ چاپان ھەم ياخشى ھەم ئىسسىق ئىدى . قىز يىگىتكە " بۇ چاپاننىڭ پاسونى قايسىمىزلا كىيسەك ماسلىشىدىكەن " دىدى ، ئۇلار ئاخىرى بۇ چاپاننى 260 يۈەنگە ئالدى .
ئۇ يىلى قىشتا، ئۇلار ئىككىسى بۇ چاپاننى كىم مەكتەپ سىرتىغا چىقماقچى بولسا شۇ كەيدى . دوستلىرى بۇ چاپاننى « ئەر-خوتۇنلار چاپان» دەيتتى ، بۇ ھەرگىزمۇ مازاق قىلىش بولماي بەلكى دوستلىرى ئۇلارغا ھەۋەس قىلاتتى . ئۇلارنىڭ پۇلى بولمىسىمۇ شۇنچە ئىجىل- ئىناق، خۇشال -خۇرام ئىكەنلىكىگە مەستلىكى كىلەتتى . ئۇلار بولسا بۇ چاپاننى «ئاشىق- مەشۇقلار كىيىمى» دەيتتى ... ئۇلارنىڭ بۇ قىشى «ئاشىق -مەشۇقلار كىيىمى» بېغىشلىغان ئىللىقلىق ئىچىدە تىزلا ئۆتۈپ كەتتى...
ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىن مۇھەببىتىمۇ ئاخىرلاشتى ، ئۇلار ئايرىلىپ كەتتى ....
ھازىر ئۇ بىرەر كىيىم ئۈچۈن ئۇنچىۋالا ئىككىلىنىپمۇ كەتمەيدۇ ، كىيىم ئىشكابىمۇ ئېسىل كىيىملەر بىلەن لىققىدە تولغان . لىكىن نۇرغۇن چاغلىرىدا يەنىلا شۇ «ئاشىق -مەشۇقلار كىيىمى» نى ئويلايدۇ، چۈشلىرىدە شۇ «ئاشىق -مەشۇقلار كىيىمى» نى كىيىپ خۇشال يۈرگەنلىكىنى كۆرىدۇ ....
مەنبە: www.arw.com.cn
مەرپو تەرجىمىسى
- مەزمۇن قاتارى
-
- تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ئىنكاس يوللاش
- تەۋسىيە