باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-8 17:40 | ئاپتور: گۈلكەبى | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئاشنا

 

 

 

ئاشنا

 

             

ئاپتورى: مارگرات. دوراس (فىرانسىيە)

 

ۋاڭ داۋچيەن

 

 

 

تەرجىمە قىلغۇچى: گۈلجەننەت مۇھەممەت

 

 

    مېنىڭ يېشىم بىر يەرگە بېرىپ قالدى. بىر كۈنى بىر ئاممىۋىي چوڭ زالدا، بىر ئەر مەن تەرەپكە كەلدى دە، ماڭا ئۆزىنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن: « مەن سىزنى بۇرۇنلا تونۇيمەن، باشقىلار سىزنى ياش ۋاقتىدا ناھايىتى گۈزەل دېيىشىدىكەن. لېكىن مەن سىزگە شۇنى دېمەكچىمەنكى، مېنىڭ قارىشىمچە سىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭىز ياش ۋاقتىڭىزدىكىدىنمۇ چىرايلىق، سىزنىڭ ئىلگىرىكى قىز ۋاقتىڭىزدىكى چىرايىڭىزدىن ھازىرقى بۇ بەتبەشىرە چىرايڭىزنى مەن تېخىمۇ بەك ياقتۇرۇپ قالدىم» دېدى.

    مەن دائىم ماۋۇ پەقەت ئۆزۈملا ئويلايدىغان، ئەزەلدىن باشقىلارغا دەپ باقمايدىغان بۇ ئوبرازىمنى ئەسلەپ قالىمەن. ئۇ جايىدىلا، ھېلىقى ئۆتمۈشتىكى جىمجىتلىق ئىچىدە تۇراتتى، مەن بۇنى ماختىماي تۇرالمايمەن. بۇ بارلىق ئوبرازىمدىكى ئۆزۈم ئەڭ رازى ھەمدە ئۆزۈمگە ئەڭ تونۇشلۇق بولغان، مېنىڭ ئېسىمنى پۈتۈنلەي ئاداشتۇرغان بىر ئوبراز ھېسابلىناتتى.

    ھاياتىمدىكى نەۋ باھارىم بەك بالدۇر توزۇپ كەتكەن. 18 ياش ۋاقتىمدىلا گۈلدەك پورەكلەپ ئېچىلىدىغان ۋاقتىم توزۇپ خازان بولغان، 18ياشتىن 25 ياشقىچە بولغان ۋاقىتتا، مېنىڭ چىرايىم ئويلىمىغان يەردىن ئۆزگىرىپ كەتتى. 18 يېشىمدىلا مەن قېرىپ ماغدۇرۇمدىن كەتتىم، ھەر قانداق بىر كىشى مۇشۇنداقمۇ ؟ بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ئىدى، مەن بۇنى ئەزەلدىن سۈرۈشتۈرۈپمۇ باقمىدىم. بىرەيلەننىڭ ماڭا «سىز ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ ياش، ئەڭ ماختاشقا تېگىشلىك بولغان ۋاقتىڭىزنى ئۆتكۈزۋاتىسىز، مۇشۇ مەزگىلدە بەزى ۋاقىتلاردا تۇيۇقسىزلا ھاڭ-تاڭ قالىدىغان ھەيران قالارلىقلارغا ئىتتىرىلىپ كىرىپ قالىسىز» دېگەنلىكى غۇۋا ئېسىمدە ئىدى. بۇنداق قېرىپ ماغدۇرىدىن كېتىشىممۇ كىشىنى بەكمۇ ئويغا سالاتتى.

    مەن چىرايىمنىڭ كۈنسېرى قېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن، مېنىڭ يۈزۈمدىكى قورۇق سىزىقلىرىمۇ پەرىقلىق ئۆزگىرىپ، كۆزلىرىم يوغىناپ، ئېغىزلىرىم تېخىمۇ پولتىيىپ چىقىۋاتاتتى، پېشانەمدىمۇ ناھايىتى ئېنىق روشەن بولغان قورۇقلار پەيدا بولدى. مەن بۇ ئىشتىن بەكمۇ چۆچۈپ كەتمىدىم، ئەكسىچە ھېكايىلاردا دېيىلگىنىدەك شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ئۆزۈمنىڭ قېرىلىق باسقان چىرايىمنى كۆزىتىپ تۇرۇپتىمەن. ئۇ ۋاقىتتا مەن خاتالاشمىغان ئىدىم، مەن ھامان بىر كۈنى بۇ خىل قېرىقلىقنىڭ پەسىيىشىپ، نورمال سۈرئەتكە كېلىشىگە ئىشىنەتتىم.

    ھېلىقى مەن ئون يەتتە يېشىمدا فىرانسىيىگە قايتقان ۋاقىتتا مېنى تونۇيدىغان كىشىلەر، ئىككى يىلدىن كېيىن مەن ئون توققۇز ياشقا كىرگەندە مېنى قايتىدىن كۆرگەن ۋاقتىدا ناھايىتى بەك ھەيران قالغان. كېيىن مەن شۇ يېڭى چىرايىمنى ساقلاپ قالدىم. ئۇ دەل مېنىڭ ئىلگىرىكى چىرايىم ئىدى. ئەلۋەتتە يەنە داۋاملىق قېرىشىم مۇمكىن. بىراق، سۈرئىتى دەسلەپكىسىدىن ئاستىراق بولاتتى. ھازىر مەندە قېرىغان، قورۇقلارغا تولغان چىراي بار ئىدى. لېكىن ئۇ بەزىبىر ھۆسنى جامالى گۈزەل تۇرۇپ، بىردىنلا ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلەرنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ يەنىلا ئەسلىدىكى ئىزناسىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، پەقەت ئەۋرىشىملىكىلا بۇزۇلغان خالاس. مەندە بىر بۇزۇلغان چىراي بار، مەن سىزگە يەنە نېمە دېيەلەيتتىم، ئۇ ۋاقىتتا مەن تېخى ئون بەش يېرىم ياشتا ئىدىم.

    ئۇ چاغدا مەن مىكون دەرياسىدىكى بىر كىچىك كېمىدە ئىدىم.

    بۇ ئوبرازىم پۈتۈن بىر دەريادىن ئۆتۈش مۇساپىسىدە ساقلىنىپ قالغان.

    مەن ئەمدىلا 15 يېرىم ياش، ئۇ زېمىندا ئەزەلدىن تۆت پەسىل ئېنىق ئايرىلغان ئەمەس، بىز بىردىنبىر پىژغىزىم ئىسسىق ھەم مەنىسىز پەسىلنى ئۆتكۈزدۇق. بىز دەل تار ھەم ئۇزۇن ئىسسىق بەلباغ رايونىغا جايلاشقان ئىدۇق. ئۇ يەردە باھارمۇ يوق، يېڭىلىقمۇ يوق ئىدى.
    مەن سايگوندىكى بىر دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتەپتە تۇردۇم. مەن ئۇ يەردە پەقەت ئۇخلايتتىم، تاماق يەيتتىم. لېكىن مەن سىرتتىكى بىر فىرانسىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇيتتۇم. مېنىڭ ئاپام باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، ئۇ كىچىك قىزىنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى. سەن ئەسلىدە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇشۇڭ كېرەك ئىدى دەيتتى. بۇنىڭدا ئاپامنىڭمۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقان بولاتتى. بىراق مەن ھازىر ئاپامنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. ئاۋۋال ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقۇپ بولۇش، ئاندىن ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. مەن مەكتەپتە ئوقىغاندىن تارتىپ، ئاپامنىڭ بۇ ئىستىقامەت جاۋىلداشلىرىنى ئاڭلاپ كەلدىم. مەن ئەزەلدىن ئۆزۈمنىڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىق ئۈنۋانى ئىمتىھانى ئۆتكىلىدىن قېچىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان. مەن ئاپامنىڭ مەندىن بۇنداق ئارزۇلارنى كۈتكىنىدىن بەكمۇ خوشال بولغان ئىدىم.

    مەن دائىم ئاپامنىڭ ھەمىشە ئۆزىنىڭ بالىسى ئۈچۈن ھەمدە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن غەم يەۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. دەل شۇ كۈنگە كەلگەندە، ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىدىغان ۋاقىتتا، ئۇمۇ ئامالسىز باشقىنى ئويلاشقا مەجبۇر بولدى. بالىسى ياراملىق بولمىسىمۇ، قانداقلا بولمىسۇن، ئىش شۇنداق بولغان ئىدى. ئۇلارمۇ كۈچىنىڭ بېرىچە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان ھەمدە ۋاقتىنى بىكارغا ئۆتكۈزمىگەن ئىدى.

    مېنىڭ كىچىك ئاكام (يازغۇچى ئىككىنچى ئاكام دەپ قارىتىلغىنى) نىڭ تېخى بوغالتىرلىقنى ئوقىغانلىقىمۇ ئېسىمدە بار. ئۇ سىرتتىن ئوقۇيدىغانلار مەكتىپىنىڭ ماتېرىياللىرىنى ئۆگەنگەن. ھەرقانداق ياشتىكى، ھەرقانداق سەۋىيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆگىنەلەيتتى. ئاپام دائىم «ئوبدان ئۆگىنىپ يېتىشىۋالغىن» دەيتتى. كىچىك ئاكام ماتېماتىكىنى مۇزاكىرە قىلسا، ئەڭ كۆپ دېگەندە ئۈچ كۈن داۋاملاشتۇرالايتتى. ئەزەلدىن تۆتىنچى كۈنىگە يەتكۈزگەن ئەمەس، يەتكۈزگىنى يوق، ئەزەلدىن شۇنداق. ھەر قېتىم ئۆي كۆچكەن ۋاقتىمىزدا كىچىك ئاكام مەكتەپتىن توختاپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئامال يوق باشقا بىر مەكتەپكە بېرىپ يېڭىدىن باشلايتتى. ئاپام توپتوغرا ئون يىل ئاكامنىڭ دەرس تاللىشىدا چىڭ تۇردى. ئاخىرىدا بىر نەرسە ئۆگىنىپ چىقالمىدى. ئاكام يوق ۋاقىتلاردا ئاپام بىر ئىجارە يەرنى سېتىۋالدى. بۇ دېگەن بىر خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق ئىدى. لېكىن ئىككىمىزگە نىسبەتەن بۇ ئۇنچە قورقۇنچلۇقمۇ ئەمەس ئىدى.

    مېنىڭ ئاڭلىشىمچە، مېنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىم، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىمدە كۈچلۈك ئاپتاپنىڭ قىزىتىشىدىن بولغان دەيدىكەن. لېكىن مەن ئەزەلدىن بۇنداق قاراشقا ئىشەنمەيمەن، يەنە بەزىلەر تېخى ماڭا كەمبەغەللەرنىڭ باللىرى كۆپ ئويلايدۇ دەيتتى. بىراق ئەمەلىي ئەھۋال ئۇنداق ئەمەس ئىدى. ئېغىر ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ياش ئۆسمۈلەرنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىش ئالامەتلىرى بولىدۇ دەيدىكەن. لېكىن بىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، بىز ئەزەلدىن ئاچارچىلىقتا قالمىغان. چۈنكى بىز ئاقتەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى. بىز بۇرۇن بۇنداق ئىشلاردىن نومۇس قىلاتتۇق. بىز ئائىلە جابدۇقلىرىمىزنى سېتىپ باققان بولساقمۇ، لېكىن بىز ئاچ قېلىپ باقمىغان. بىز تېخى بىر خىزمەتكارمۇ ئىشلەتكەن. بەزى ۋاقىتلاردا بىزمۇ ئەكسىچە قالايمىقان نەرسىلەرنى يېگەن، سۇ قۇشلىرىنى يېگەن، كايمان تىمسىقىنى يېگەن. لېكىن بۇ مەينەت نەرسىلەرنىمۇ خىزمەتكارلار بىزگە پىشۇرۇپ تەييار قىلىپ بېرەتتى. يەنە تېخى ئۇلار بىزنى كۈتەتتى.

    بىزمۇ بەزى ۋاقىتتا بۇ نەرسىلەرنى يېيىشنى رەت قىلاتتۇق، چۈنكى بىز ھەشەمەتچىلىك قىلساق قىلىمىزكى يېمەيتتۇق. ياق، مەن 18 ياش ۋاقتىمدا، تۇيۇقسىز بىر ئىش يۈز بەرگەن.( يازغۇچىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلدى.) بۇ ئىش يېشىمغا تېخىمۇ زەئىپلىك ۋە سۇلغۇنلۇق ئېلىپ كەلدى. بۇ ئىش يېرىم كېچىدە يۈز بەرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۆزۈمدىن بەكمۇ قورقۇپ كەتكەن ئىدىم. تەڭرىدىنمۇ قورقتۇم. كۈندۈزى بولغاندىلا، مەن ئۇنچىلىك بەك قورقۇپ كەتمەيتتىم، ئۆلۈممۇ ئۇنچىۋالا ئېغىر دەرىجىدە ئەمەستۇ بەلكىم. لېكىن ئەزرائىلنىڭ سايىسى مېنىڭدىن ھېچ ئايرىلمىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن راستىنلا ئاكامنى ئۆلتۈرۋېتىش خىيالىغا كەلگەن. راستىنلا ئۇنى ئۆلتۈرۋەتكەن بولسام بوپتىكەن، مېنىڭ ئۇنى راستىنلا بويسۇندۇرغۇم بار ئىدى. بۇ بىر قېتىم بولۇپ قالدى. كېيىن ئۇنىڭ ئۆلگىنىنى كۆرىمەن. ئۇ ۋاقىتتا ئاپامنىڭ يۈزى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى بىر تەرەپكە قويۇپ قويدۇم، ئۇنىڭ مۇشۇ ئوغلى، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان ئوغلى، ئۇنىڭ ئاپىسىنى جازالىشى دەل ئاپىسىنىڭ ئۇنىڭغا ھەددىدىن زىيادە مېھرىنى بەرگەنلىكى سەۋەب بولغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەنمۇ ئاكامنىڭ قولىدىن كىچىك ئاكامنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن دەپ ئويلىدىم. چوڭ ئاكامنى كىچىك ئاكامنىڭ تېنىدىكى كۈن نۇرىنى توسۇپ تۇرغان بىر پارچە قارا رەخت دېسەممۇ بولاتتى. ئۇ جاھاننى بېشىغا كىيىدىغان، خالىغىنىنى قىلىدىغان بىر ئادەم. ئۇ گەرچە ئىنسانىيەتكە تەۋە ئادەم بولسىمۇ، لېكىن قىلىقلىرى ھايۋاندەك ئىدى. كىچىك ئاكام ھايات ۋاقتىدا، ئۇ ئۈزلۈكسىز ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا قورقۇنچىلارنى پەيدا قىلىپ تۇردى. ئۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يۈرىكىنى ۋەھىمىلىك قورقۇنچ بېسىۋلغانلىقى بىلەن قازا قىلدى. ( يازغۇچىنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى 27 ياش ۋاقتىدا كېسەل سەۋەبىدىن قازا قىلغان، ئۇ ئىككىنچى ئاكىسىنى ئۇزۇن ۋاقىت چوڭ ئاكىسىنىڭ قورقىتىشىدىن ئۆلۈپ كەتكەن دەپ قارايتتى).

    مەن ئائىلەمدىكىلەرنى تەسۋىرلەپ بېرىمەن دەپ نۇرغۇن قەلەم سىياھلىرىم كەتتى. لېكىن مەن ئۇلارنى تەسۋىرلەپ يازغان ۋاقتىمدا، مېنىڭ ئاپام بىلەن مېنىڭ قېرىنداشلىرىم تېخى بۇ دۇنيادا ھايات ئىدى. بىراق مەن پەقەت ئۇلارنى، بۇ ئىشلارنى چۆرىدەپ يازدىم، لېكىن بىۋاسىتە ئېچىپ، ئىنچىكلەپ يازمىدىم.

    مېنىڭ ھاياتىمدىكى تارىخ مەۋجۇت ئەمەس ئىدى. ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئەمەس. ئەزەلدىنلا بىر مۇھىم نۇقتىسى بولغانمۇ ئەمەس، يول بولغانمۇ ئەمەس، يەنە يىپ ئۇچىمۇ يوق. بەزى كەڭ كەتكەن جايلاردا كىشىلەر چوقۇم شۇ يەردە ئادىمىزات بولىدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ھەقىقەت ئەمەس. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق، ياش ۋاقتىمدا، مەن ئازىراق ھېكايىلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى يېزىپ بولغان ئىدىم. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ غۇۋا، كىشىنى بەس مۇنازىرىگە سالىدىغان تارىخ ئىدى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم دەل مۇشۇ ھېكايە ھەمدە ھېلىقى دەريادىن ئۆتكەندىكى ھېكايە. لېكىن بۇ يەردە يازغانلىرىم ھەم ئوخشىمايدىغان ھەم ئوخشايدىغان نەرسىلەر ئىدى. بۇرۇنقى مېنىڭ سۆزلەپ ئۆتكەن شۇ نۇرلۇق دەرۋرىم، ئاشۇ يورۇتىلغان دەۋرىم ئىدى. يەنە بۇ يەردە مېنىڭ سۆزلىمەكچى بولغىنىم ياشلىق باھارىم ئىچىگە يوشۇرۇنغان دەۋرىم. مەن مەلۇم پاكىتلار، مەلۇم ھېسسىيات، مەلۇم ئىشلار ئارقىلىق بۇ تارىخنى ئاچىمەن، مەن ئىنتايىن بىر خىجىللىق ئىلكىدە بۇ ھاياتىمنى يېزىشنى باشلىدىم. ئۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئۈچۈن يازغان نەرسىلەر يەنىلا ئەخلاققا مۇۋاپىق ھەم ئۇيغۇن كىلىدۇ. لېكىن ھازىر يازماقچى بولغان نەرسىدە ئۇنچىلىك بەك ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمىدىم. بەزى ۋاقىتلاردا ئەگەر ئوي پىكىر ئېنىق بولمىسا ساقلىنىپ قالغان ئۆتكەنكى ئىشلار ئارلىشىپ كېتىدىكەن. ئەگەر شۆھرەتپەرەسلىك بولۇپ، تۇراقسىز داۋالغۇسا، ئۇنداقتا يېزىپ چىققان نەرسە چوقۇم ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ دېگەن قائىدىلەرنى بىلەتتىم. يەنە بەزىدە، ئەگەر ئوي-پىكىر ئېنىق بولمىسا، بارلىق نەرسىلەر بىر خىل دېگىلى بولمايدىغان ئېرىتكۈچ ئارقىلىق ئېرىتىلىپ بىر پۈتۈن نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا يېزىپ چىقىلغان نەرسە تالالاردىكى ئېلانلاردەك بولۇپ قالىدۇ دېگەنلەرنىمۇ بىلەتتىم. لېكىن، كۆپ ھاللاردا مەندە مۇستەقىل پىكىر كەمچىل، مېنىڭچە، بارلىق مەيدان ھەممىسى ئېچىۋېتىلگەن. ھەرگىزمۇ سېپىل تام يوق. قەلەم تەككەن يەرلا بولسا سىز يوشۇرۇنغىدەك جاي تاپالمايسىز. قانداق يىغىشتۇرۇشنى، قانداق ئىپادىلەشنى بىلمەي قالىسىز ھەمدە بىردەكلىكنى يوقاتقان سۆز-ھەرىكىتىڭىز بىلەن كىشىنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولالمايسىز. لېكىن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى مەن ئۇنداقمۇ كۆپ ئويلاپ كەتمەيتتىم.

    ھازىر مەن ئۆزۈمنىڭ يەنە ناھايىتى ياش تۇرغانلىقىمنى كۆرۈدۈم. ئون سەككىز ياش، ھەتتا ئون بەش ياش، مېنىڭ چىرايىمدا كېيىنكىلەرنىڭ تاكى ئوتتۇرا ياشلىقلارنىڭكى، ھاراقنى كۆپ ئېچىش كېسىلى بىلەن ھۆسنىنى بۇزۇش ئالامەتلىرىنىڭ ئاسارىتىنى قالدۇردۇم. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاراقنى ئېچىپ تۈگىتىۋەتسەملا تەڭرى بولىمەن، ھېچكىمدە بولمىغان تەسىر پەيدا بولاتتى، تەڭرى مېنى ئۆلتۈرۋېتەلەيدۇ، تەڭرى ئادەم ئۆلتۈرەلەيدۇ. مېنىڭ بۇ ھالىتىم ھاراقنى كۆپ ئىچىۋېلىشتىن بۇرۇنلا پەيدا بولغان. ھاراق پەقەت ھەممە ئېتىراپ قىلىدىغان بىر رولنى ئوينايتتى. بۇرۇنلا ياخشى ھاراق بولسىكەن دەپ ئارزۇ قىلاتتىم. بۇ جەھەتتە مەن باشقىلارغا ئوخشىمايتتىم. مەن بۇنداق خۇمارنىڭ بالدۇر كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەتتىم. بۇ خۇددى تېنىمدە بۇرۇنلا شەھۋانىي تەلەپ بولۇش ئارزۇسى بولغانغا ئوخشاش ئىدى. ئون بەش ياش ۋاقتىمدا مېنىڭ چىرايىمدا ھوزۇرلىنىش ئىپادىسى بولغان. لېكىن مەن شۇ ۋاقىتلاردا نېمىنىڭ ھوزۇرلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مېنىڭ بۇ چىرايىمدا ناھايىتى روشەن بىلىنگەن. بەلكىم ئاپاممۇ بۇرۇنلا بۇنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ ئىككى ئاكاممۇ ھېس قىلالايدۇ. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەممە ئىش مۇشۇنداق ئىدى. مېنىڭ بۇ تاشقى قىياپىتىمدىن، چارچىغان، يامان چىرايىمدىن ۋە بۇ بىر جۈپ بۇرۇنلا قارا چەمبىرەك بولۇپ قالغان كۆزلىرىمدىن باشلانغان ئىدى.

    ئون بەش يېرىم ياش ۋاقتىم، بۇ دەل ھەر ئادەم ھاياتىدا ئۆتكۈزىدىغان كۈن. ھەر قېتىم مەن سايگونغا ساياھەتكە كەلگەن ۋاقتىمدا، بولۇپمۇ مەن ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىۋاتقان ۋاقتىمدا، مەن دائىم كېمىدە ئولتۇراتتىم. ئۇ كۈنى ئەتىگەندە، مەن شالېكدا ماشىنا توسىۋاتقان ئىدىم، ئاپام ئۇ يەردىكى بىر قىزلار مەكتىپىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بولۇپ، ئۇ ۋاقىتتا مەكتەپ يازلىق تەتىل ئاخىرلاشقان ۋاقىتى ئىدى، قايسى تەتىل ئىكەنلىكىنى يەنە ئېسىمگە ئالالمىدىم. مەن ئاپامنىڭ خىزمەت قىلىدىغان كىچىك ھوجرىسىدا تەتىلنى ئۆتكۈزدۈم. ئۇ كۈنى مەن سايگوندىكى ھېلىقى سىرتتىن كەلگەنلەر ئوقۇيدىغان مەكتەپكە قايتماقچى بولغان ئىدىم. شۇ يەرلىك كىشىلەر ئولتۇرىدىغان ماشىنا شالېك مەيدانىدىن قوزغىلاتتى. ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا ئاپام مېنى ماشىنىغا چىققۇچە ئۇزىتىپ قويدى ھەمدە مېنى شوپۇرغا ھاۋالە قىلىپ تاپشۇرۇپ قويدى. ئۇنىڭ مېنى سايگون ئاپتوموبىلى شوپۇرىغا ھاۋالە قىلىپ قويۇشى، يولدا بىرەر ئىش چىقىپ قالسا، ئوت ئاپىتى، باسقۇنچىلىق، دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچىراپ كېتىشتىن ھەمدە ماشىنىنىڭ يېرىم يولدا ئوقى چىقىپ كېتىش قاتارلىق ھادىسىلەردىن ئەنسىرەپ مېنى شوپۇرغا ياخشىراق قاراپ قويۇشنى تاپىلاپ قوياتتى. يەنە بۇرۇنقىدەكلا، مېنى شوپۇرنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويدى. ئۇنىڭغا يانداپ ئولتۇرغانلار ھەممىسى مەخسۇس ئاقتەنلىكلەرگە قالدۇرۇپ قويغان ئورۇن ئىدى. دەل مۇشۇ قېتىملىق سەپەردە، ھېلىقى ئوبراز ئېنىق ئىپادىلىنىپ بېرىلگەن. ئۇ ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ئېنىق، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ كۆرسىتىپ بېرەلەيتتى، ئۇ ئەمەلىيەتتىمۇ ساقلاپ قالالايتتى. ئەمەلىيەتتە سۈرەتكىمۇ تارتىۋالسا بولاتتى، خۇددى باشقا رەسىملەرنى باشقا يەرلەردە تارتىۋالغان رەسىملەرگە ئوخشاش. ئەپسۇسلىنارلىقى بۇ ئوبراز ئۈچۈن بىرمۇ كۆرۈنۈش قالدۇرۇپ قويمىدىم. بەلكىم ھەددىدىن زىيادە يۈزەكى قارىغانلىقىم تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، بۇ كۆرىنىشنى قالدۇرۋېلىش ھەرىكىتى پەيدا بولمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر بۇرۇنراق بۇ قېتىمقى دەريادىن ئۆتۈشنىڭ مېنىڭ ھاياتىمدا ئاشۇنداق مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلگەن بولسام، بۇ ئوبرازنى كۆرۈنىشكە ئېلىپ ساقلاپ قويغان بولاتتىم. ھالبۇكى، دەل مۇشۇ ئوبراز پەيدا بولغاندا، ئادەملەر ھەتتا ئۇنىڭ بارلىقىنىمۇ ھېس قىلالمىغان ئىدى. پەقەت تەڭرىلا بىلەلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ ئوبرازمۇ مۇشۇنداق دېيىلگىنىدەك، بەلكىم ھەقىقەتەن مەۋجۇت بولمىغان بىر ئوبراز بولۇشى مۇمكىن، ئۇ سەل قارالدى، ئۇ ئۇنتۇلدى. ئېنىق تولۇق بولغان ئىزناسىنى كۆرسەتمىدى. لېكىن، ئۇ راستىنلا گۈزەللىكنىڭ بارلىقىنى، قالتىس گۈزەل، گۈزەللىكنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. دەل كىچىك كېمىدە ئولتۇرۇپ مىكون دەرياسىدىن ئۆتىۋاتقاندا، بىر تارماق ئېقىنغا كەلگەندە، مەن ئاپتوموبىلدىن چۈشۈپ قالدىم، بۇ كىچىك كېمە ئېقىنغا قارشى يول بىلەن شالېك ئارىسىدا قاتنايتتى. ھېندىچىنىنىڭ جەنۇبتىكى بىر پارچە پاتقاقلىق ۋە شاللىقى كەڭرى كەتكەن تۈزلەڭلىك بولغان «قۇش يۇرتى» دا، ماشىنىدىن چۈشۈپ قالدىم، مەن كېمە قىرغىقىغا قاراپ كېتىۋاتتىم. كۆز ئالدىمدىكى ئېقىننى كۆرۋاتاتتىم، ئاپام ئىلگىرى ماڭا « ئەمدى بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىزمۇ مىكون دەرياسى ۋە ئۇنىڭ ئېقىنلىرىدەك چىرايلىق، ھەيۋەتلىك ھەم ئۆركەشلەپ ئاقىدىغان ئېقىننى كۆرەلمەيدىغان بولدۇم» دېگەن ئىدى. بۇ ئېقىنلار دېڭىزلارغا قويۇلىدۇ. بۇ، سۇ يۇرتىدىكى زېمىنلار دېڭىزنىڭ قوينىدا غايىپ بولىدۇ. بۇ كۆز يەتكۈسىز تەكشى زېمىندا، مۇشۇ دەريانىڭ ئېقىن سۇلىرى شىددەتلىك ئاقماقتا. خۇددى قۇرۇقلۇق يانتۇ شەكىلدىكىدەك دەريا سۇلىرىنى ئۇدۇل ئېقىتىپ چۈشمەكتە. ھەر قېتىم ئاپتوموبىل كىچىك كېمىگە چىققان ۋاقىتتا، مەن داۋاملىق ئاپتوموبىلدىن مېڭىپ چۈشىۋالاتتىم. بۇ شىددەتلىك قاينام ئىچىدە، مەن ئەجىلىمنى كۆرۈپ قالاتتىم. ئېقىن سۇ نەقەدەر رەھىمسىز، ئۇ ھەممىنى ئېلىپ كېتەلەيتتى. مەيلى تاش بولسۇن، مەيلى چىركاۋ، ھەتتا پۈتۈن شەھەرنىمۇ ساقلاپ قىلىش خېلى تەس ئىدى. دەريانىڭ چوڭقۇر ئېقىنلىرىدا، بوران-چاپقۇن كۆتىرىلمەكتە. دەم-دەم چىقىۋاتقان شىددەتلىك بوران ئۆزئارا  قاتتىق ئۇرۇلماقتا.

    مەن مۇزلىندىن پۈتۈن كۆينەك كىيىۋالغان ئىدىم، بۇغۇ بەك كونىراپ كەتكەن بولۇپ، ئىچىلىرىم كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئىلگىرى بۇ كۆينەك ئەسلى ئاپامنىڭ ئىدى. ئاپام ئۇنى ھەرگىزمۇ كىيمەيدىغان بولدى. چۈنكى ئاپام ئۇنى بەك ئوچۇق دەپ كىيمەي، ماڭا بېرىۋەتكەن. بۇ كامانە يەڭ، مەيدىسى ئېچىۋېتىلگەن كۆينەك. مۇزلىننىڭ رەڭگى چاي رەڭدە بولۇپ، شۇ ۋاقىتلاردا مودا بولىۋاتقان رەڭلەرنىڭ بىرى ئىدى. بۇ مېنىڭ بىردىنبىر ئېسىمدە قالغان پۈتۈن كۆينەكلىرىمنىڭ بىرى. مېنىڭچىمۇ بۇ كۆينەك ماڭا بەك ياراشقان، بېلىمگە بىر تاسما تاقىۋالغان ئىدىم، بەلكىم ئاكامنىڭ تاسمىسى بولسا كېرەك، شۇ ۋاقىتتا پۇتۇمغا قانداق ئاياق كىيگەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. پەقەت شۇ ۋاقىتلاردا كىيگەن بىر قانچە قۇر كۆينەكلا ئېسىمدە قاپتۇ. مەن دائىم يالاڭئاياق ياكى لاتا ئاياق كىيىۋالاتتىم. مېنىڭ دېگىنىم مەن سايگوندىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇشتىن ئىلگىرى ۋاقىتىنى دەۋاتىمەن. مەن ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىغاندىن كېيىن، ئەلۋەتتە داۋاملىق ئاياق كىيىدىغان بولدۇم. ئۇ كۈنى مەن سرىق رەڭلىك ئىگىز پاشىنىلىق ئاياقنى كىيىدىم، چۈنكى ئۇ كۈنى كىيىدىغان باشقا ئاياق تاپالمىغان ئىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇ ئاياقنى كىيىۋالغان. بۇنى ئاپام باھاسى چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ ئىچىدىن ماڭا ئېلىپ بەرگەن باھاسى چۈشۈرۈلگەن ئاياق. مەن بۇ سرىق رەڭلىك ئىگىز پاشىنىلىق ئاياقنى كىيىپ ئوتتۇرا مەكتەپكە باردىم. مەن بۇ كېرەكسىز سېرىق رەڭ ماتېرىياللىرىدا سۈرەتلەرنى چىقىرىپ ياسىغان ئاياقنى كىيىپ ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىدىم. بۇنىمۇ مەن ئۆزۈم خالاپ قىلغان. مەن بۇ ئاياققا پەقەتلا كۆنەلىدىم خالاس. ھېلھەم بولسىمۇ كۆنەلەيمەن. بۇ ئىگىز پاشىنىلىق ئاياق مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى بىرىنچى قېتىم كىيگەن خۇرۇم ئايىقىم بولۇپ قالغان. ئۇ بەك چىرايلىق، مېنىڭ بۇرۇن كىيگەن بارلىق يۈگۈرۈش ئاياقلىرىم، ئوينايدىغان ۋاقتىمدا كىيىدىغان ئاق تەگىلىك لاتا ئاياقلىرىمدىنمۇ بەك چىرايلىق ئىدى.

    لېكىن ئۇ كۈنى قىزچاقنى باشقىچە كۆرسىتىپ قويغىنى ئۇ ئاياق ئەمەس بەلكى، كۆزگە بەكىرەك چىلىقىدىغىنى دەل ئۇنىڭ بېشىدا كىيىۋالغان ئەرەنچە قالپىقى ئىدى. قىزىل رەڭلىك، يۇمشاق كىگىز قالپاق بولۇپ، ئۇنىڭ قارا رەڭلىك لىنىتىسىمۇ بار ئىدى. دەل بېشىدىكى بۇ شىلەپە قىزچاقنى ئۆزگەرتىپ، باشقىچە قاملاشمىغان تەسىر بېرىپ قويغان ئىدى. بۇ شىلەپە قانداق قىلىپ مېنىڭ قولۇمغا چۈشۈپ قالغانلىقى ھازىر ئېسىمدە قالماپتۇ. ماڭا كىمنىڭ بەرگەنلىكىنىمۇ ئېسىمگە ئالالمىدىم. مېنىڭچە بەلكىم ئاپام تەلىپىم بويىچە ماڭا ئېلىپ بەرگەن بولۇشى مۇمكىن. بىردىنبىر جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدىغىنى، بۇ چوقۇم باھاسى چۈشۈرۈلگەن ماللار ئىچىدىن سېتىۋېلىنغان باھاسى چۈشۈرۈلگەن نەرسە. نېمىشقا بۇنداق شىلەپە سېتىۋالغاندىمىز؟ ئۇ ۋاقىتتا، مۇستەملىكتە زېمىندا، بىرەر ئايالمۇ، بىرەر قىزچاقمۇ بۇنداق ئەرەنچە شىلەپە كىيمەيتتى، ھەتتا شۇ يەرلىك ئاياللارمۇ كىيمەيتتى. بۇ ئىش بەلكىم مۇنداق يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن: مەن ئوينىشىپ بۇ شىلەپىنى كىيىپ باققان، مانا مۇشۇنداق قىلىپ، مەن دۇكاندارنىڭ ئەينىكىگە قاراپ باقتىم، بۇ ئەرەنچە شىلەپىنىڭ ئاستىدىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئورۇق فىگورا، ھېلىقىندەك گۆدەكلىكتىكى كەمچىللىك دەرھال باشقا بىرخىل ھالەتكە ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئەمدى ھەرگىزمۇ تەبىئىيلىكتىكى قوپال ۋە پالاكەت ئوبراز بولماي، دەل ئەكسى بولۇپ قالغان. بۇ خىل تاللاش ئۇنى ئوخشىمىغان باشقا بىر ئادەمگە ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ بىر خىل ئاقىلانە تاللاش بولغان ئىدى. تۇيۇقسىزلا بىر ئادەم ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدى. تۇيۇقسىزلا مەن ئۆزۈمنىڭ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىمنى، سىرتتا بىر كىشىگە يېڭىچە نەزەردە قارىلىدىغان ئادەمدەك ھېس قىلدىم. ئۇ بارلىق كىشىلەر ئۈچۈن، كۆپچىلىك تىكىلىپ قارىشى بىلەن شەھەردىكى كىشىلەر قاينىمىغا سىڭىپ كەتتى. تاشيوللارغا سىڭىپ كەتتى، ئارزۇ- ئارمانلار ئىچىگە سېڭىپ كەتكەن ئىدى. بۇ شىلەپىنى كىيگەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باقمىدىم. بۇ شىلەپە مەندە بار بولۇپلا، ئۇنىڭغا تەۋە بولۇپ قالغان ئىدىم. مەن پەقەت ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ باقمىدىم. مېنىڭ ئۇ خۇرۇم ئايىقىمنى ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ، ئەھۋاللار ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزۈمگە نىسبەتەن بۇ ئاياق ماڭا بەكمۇ ياراشقان ئىدى. مەن ئوخشاشلا ئۇنىمۇ تاشلىۋېتەلمەيمەن. سىرتلاردا مەيلى قانداق ھاۋا، قانداق مەيدان، سورۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن دائىم بۇ ئاياقنى، شىلەپىنى كىيىۋالاتتىم. مانا بۇمۇ مېنىڭ شەھەرگە كىرگەندىكى ياسىنىشىم ئىدى.

    مەن ئوغلۇمنىڭ 20 ياش ۋاقتىدىكى رەسىمىنى تاپاي. ئۇ ئۇنىڭ دوستى ئېلىكتا، ئېلزابىت، رانىرلار بىلەن كالفورنىيىدە چۈشكەن سۈرىتى ئىكەن. ئۇ بەك ئورۇق، قارىماققىلا ئۇگاندانىڭ ئاقتەنلىكلىرىگە ئوخشايتتى. مەن ئۇنى تەكەببۇر كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك، ئازىراق مەڭسىتمىگەندەك ھالىتىنى ھېس قىلدىم. ئۇ بىر خىل ئورۇق، ئاجىز، كىتابۋازدەك غەلىتە ھالەتنى چىقىرىپ ئۆزىچە كۆرەڭلەپ كەتمەكچى ئوخشايدۇ. مۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدىكى، بۇ سۈرەت ئۆز ۋاقتىدىكى كىچىك كېمىدىكى ھېلىقى ھېچقانداق ئىزناسى قالمىغان قىزچاقنىڭ ھالىتىگە ئوخشايتتى. ماڭا بۇ كەڭ قارا قىرلىك شىلەپىنى ئېلىپ بەرگەن ئايال دەل مۇشۇ ئايال ئىدى. دەل مەلۇم سۈرەتتىكى بۇ ئايال بولۇپ، ئۇ دەل مېنىڭ ئاپام ئىدى. مەن بۇ سۈرەتتىن باشقا، يېقىندا چۈشكەن سۈرەتلىرىگە قارىغاندا، ئۇنى ئاسانراق تۇنىۋالالايمەن. بۇ سۈرەتنى «كىچىك كۆل» يېنىدىكى بىر ئۆينىڭ ھويلىسىدا چۈشكەن. ئاپام ھەممە باللىرى بىلەن بىرگە ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەن ئاران تۆت ياشتا ئىدىم. ئاپام بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئولتۇرغان بولۇپ، ئاپامنىڭ قانچىلىق بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى قىلچىمۇ كۈلمىگەنلىككىدىن قاراپ بىلگىلى بولاتتى. خۇددى سۈرەتكە چۈشۈشتىن شۇنچىلىك بىزار بولغاندەك تېزراق تارتىلىپ بولۇشىنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ھارغىن، ئوسال ھالىتىدىن، ئادەتتىن تاشقىرى ئاددى كىيىنىشىدىن، ئېغىر روھسىز كۆز نۇرىدىن، شۇ ۋاقىتتىكى يازنىڭ تومۇز ۋاقتى ئىكەنلىكىنى، ئاپامنىڭ ھالسىزلىنىپ ماغدۇرىدىن كەتكەنلىكىنى، ئىچىنىڭ تىتىلداپ تۇرغانلىقىنى بىلەلەيتتىم. بىراق، بىزنىڭ كىچىك ۋاقتىمىزدىكى بۇ بىچارە كىيىنىشلىرىمىزدىن ئاپامنىڭ بەزى ۋاقىتلاردىكى بىنورمال روھى ھالەتلىرىنى ئويلاپ قالىمەن. مۇشۇ سۈرەتتىكى يېشىمىزدا، بىز ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلەتتۇق. ئاپام دائىم تۇيۇقسىزلا بىزنى يۇيۇپ-تاراندۇرۇپ قويۇشنى، كىيمىمىزنى كىيدۈرۈشنى بىلمەي قالاتتى. ھەتتا بەزىدە بىزگە تاماق ئېتىشنىمۇ ئېسىگە ئالالمايتتى. 

    ئاپام كۈندە دىگۈدەكلا بۇ خىل تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ھالەتنى داۋاملاشتۇردىغان بولۇپ قالدى. بۇ خىل ھالەت بەزىدە ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملىشاتتى. بەزىدە كېچىلەردە ئوڭشىلىپ قالاتتى. ھەر ھالدا مەن تەلەيلىك ئىكەنمەن. مۇشۇنداق ئۈمۈدلىرى پۈتۈنلەي يوقالغان ئاپىغا يولۇقۇپ قالغىنىم. يەنە كىلىپ، ئۈمۈدلىرى تۈپتىن يوقالغان، ھەتتا تۇرمۇشتىكى خۇشاللىق ئىشلار، مەيلى قانچىلىك بولۇپ كەتسۇن، ئۇنىڭ چىرايىدىكى دەر-ئەلەم، قايغۇسىنى يوقىتىشمۇ، كۆڭلىنى ئېچىش، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشمۇ تەسكە توختايتتى. مەن تا ھازىرغىچە ئاپامنىڭ نېمە سەۋەبلىك بىزدىن بۇنچە يىراقلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىدىم.

    ئاشۇ قېتىم، بەلكىم ئاپام ئېلىشىپ قالغانلىق سەۋەبلىك ئاندىن بۇ ئۆينى سېتىۋالغان بولۇشى مۇمكىن، دەل سۈرەتتىكى شۇ ئۆي ئىدى، بىزگە قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى بولمىغان بۇ ئۆينى سېتىۋالغان. بولۇپمۇ شۇ ۋاقىتلاردا دادام قاتتىق ئاغرىپ قالغان بولۇپ، نەچچە ئاي ئۆتە ئۆتمەيلا ئالەمدىن ئۆتتى. بەلكىم ئۇمۇ ئۆزىنىڭ تېخى يېڭىدىنلا دادامنىڭ ھېلىقى ئەجەللىك كېسەلنى يۇقتۇرۋالغانلىقىنى بىلگەنلىكىدىن بولسا كېرەك. ئىشلار دائىم ئۇدۇل كىلىپمۇ قالىدۇ ئەمەسمۇ. مېنىڭ چۈشەنمەيدىغىنىم، ئاپام تۇرمۇشتىن زادى بۇنچىۋالا ئۈمۈد-ئىشەنچىسىنى يوقاتقىدەك قانداق خاراكتېردىكى زەربىگە ئۇچىرىغاندۇ؟ بۇنى بەلكىم ئاپاممۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. دادامنىڭ بۈگۈن-ئەتىلىكى قالغانلىقى سەۋەبلىكمىدۇ؟ ناھەقچىلىك ياكى ئۆزىنىڭ باھارىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىمىدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدىكى بۇ توي ئىشىغا گۇمان چۈشۈپ قالغانمىدۇ؟ بۇ ئېرىدىن گۇمانلىنامدۇ ياكى بۇ بالىلاردىن گۇمانلىنامدۇ ۋە ياكى بولمىسا ئۇنىڭ بارلىق مال-دۇنيالىرىنىڭ يوققا چىققانلىقى سەۋەبىمۇ؟ ئاپامنىڭ بۇ كېسىلى كۈنلەرنىڭ ئۆتىشى بىلەن مۇشۇنداق داۋاملىشىپ مېڭىۋەردى. بۇنى جەزىملەشتۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بۇ نېمە دېگەن قوپاللىق ھەم ئەدەپسىزلىك ئەمدى. ھەر كۈنى مەلۇم بىر ۋاقىتتا، ئۇ ئۇشتۇمتۇتلا پۈتۈنلەي مۈشكۈل يولغا بېرىپ قالاتتى. ئاندىن كېيىن ئۇلاپلا ئۇخلىيالمايتتى. شۇنداق پەرىشان بولۇپ كېتەتتى، ھېچقانداق ئىش بىلەن كارى بولمايتتى. بەزى ۋاقىتلاردا دەل ئەكسى بولۇپ قالاتتى. كەيپىياتى بىر ئۆزگىرىپلا ئۆينى سېتىۋالدى. ئۆي كۆچتۇق، بەزى ۋاقىتلاردا قاتتىق ئاچچىقلىنىپ كېتەتتى. دەل مۇشۇ مىجەزى سەۋەبلىك قاتتىق چارچاپ ھالىدىن كېتىپ قالاتتى. شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا، بەئەينى ھەشەمەتلىك خانىشلاردەك، نېمە لازىم بولىدۇ دېسە، ئۇ شۇ نەرسىنى ئالىمەن دەپ تۇرۋالاتتى. شۇنىڭ بىلەن ھېچنىمىدىن ھېچنىمە يوقلا كۆل بويىدىكى ئۇ ئۆينى سېتىۋالدۇق. بۇ دادامنىڭ سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا ئويلىغان چىقىش يولى ئەمەس ئىدى ۋە ياكى قىزىنىڭ ھېلىقى تۈز قىرلىق شىلەپىسىنى ياخشى كۆرگەنلىكى بىلەن ھېلىقى ئالتۇن رەڭلىك ئاياق مودىدىن قالغان ھەم نامرات كۆچمەن ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق سەۋەبمۇ يوق. مۇشۇنداق بىرخىل گومۇش بولۇپ، ئېلىشىپ قىلىپ ئۆلۈپ كەتتى.

    مەن تېلېۋېزورلاردىمۇ، ئەزەلدىن بېشىمغا كىيىۋالغاندەك مۇنداق تۈز قىرلىق شىلەپىلەرنى كىيىۋالغان، مەيدىسىگە ئىككى تال چېچىنى چۈشۈرىۋالغان ھىندىئانلارنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم، شۇ كۈنى مەنمۇ چېچىمنى ئىككى تال ئۆرۈپ چۈشۈرۋالغان ئىدىم، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئېگىز بوغىۋالمىغان. پەقەت شۇ كۈنىلا ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ تارىۋالغان ئىدىم. مەنمۇ كىنولاردا ئەزەلدىن كۆرۈنۈپ باقمىغان قىزلارغا ئوخشاپ قالغان ئىدىم. ئىككى تال ئۇزۇنغىنا ئۆرۈم چېچىمنى ئالدىمغا چۈشۈرۋالدىم، لېكىن كىچىك بالىنىڭ ئۆرۈم چىچىدەكلا بولۇپ، مۇشۇ شىلەپە بولغاندىن تارتىپ، ئۇنى بېشىمغا كىيىۋېلىشىم ئۈچۈن، مەن ئىككىنچى ئۇنداق قويىۋېتىپ باقمىدىم. مەلۇم ۋاقىتلاردىن بۇيان، مەن چېچىمنى ناھايىتىمۇ چىڭ بوغىۋالدىم. كەينىگە تاراپ ئامال بار ئۇنى بېسىپ تۈزلىۋالاتتىم، باشقىلارنىڭ شىلەپەمنى قىلىن، ئىگىزكەن دېمىسۇن دەپ شۇنداق قىلىۋالاتتىم. ھەر كۈنى كەچتە مەن دائىم چېچىمنى تارايمەن. ھەمدە ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئاپام ماڭا ئۆگىتىپ قويغاندەك تەكشى تارايتتىم. مېنىڭ چېچىم ھەم توم ھەم يۇمشاق ئىدى. كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغان تۈپتۈز مەيدەمگە چۈشۈپ تۇرىدىغان قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن چېچىم بار ئىدى.

    كىشىلەر مېنىڭ چېچىمنى مەندىكى ئەڭ گۈزەل نەرسە دىيىشەتتى. مېنىڭ چۈشىنىمچە بولسا، ئۇلار مېنىڭ تەقى تۇرىقىمنى چىرايلىق ئەمەس دېمەكچى خالاس. بۇ ئەڭ چېلىقىدىغان چېچىمنى مەن 12-13 ياشلىرىم ۋاقىتلىرىمدا، شۇ ئاپامدىن ئايرىلغان بەش يىلدىن كېيىن، پارىژدا كېسىۋەتتىم. مەن «كېسىۋېتىڭ!» دېگەن ئىدىم ساتىراچ شۇنىڭ بىلەن كېسىۋەتتى. پەقەت بىر قايچا بىلەنلا ھەممىنى كېسىۋەتتى. چاچنىڭ تېگىنى رەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى مۇزدەك قايچا مېنىڭ بوينۇمدىن سۈركىلىپ ئۆتەتتى. چاچلىرىم يەردە تۇراتتى. ساتىراچ مېنىڭدىن چېچىمنى لازىم قىلىش قىلماسلىقنى سورىدى، ئەگەر لازىم قىلسام، ئۇ ماڭا قاچىلاپ بېرەتتى. مەن «ئالمايمەن» دېدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، بىرەرسىمۇ مېنىڭ چىرايلىق چېچىم توغرىسىدا گەپ قىلىپ باقمىدى. دېمەكچى بولغىنىم كىشىلەر مېنى ئەزەلدىن چېچىم بار ۋاقىتتىكىدەك، چېچىمنى كەسمەستىن بۇرۇنقىدەك چىرايلىق سۆزلەرنى قىلىپ باقمىدى، پەقەت ئۇنىڭ كۆزى بەك چىرايلىق، ئۇنىڭ كۈلۈمسىرىشى يامان ئەمەس دەپ قوياتتى.

    ماڭا قاراڭ، ھېلىقى كىچىك كېمىدە مەن يەنىلا ئاشۇ گۈزەل ئۇزۇن چېچىمنى قويۇپ بەرگەن ئىدىم. ئەمدىلا ئون بەش يېرىم ياش ۋاقتىم ئىدى. بىراق مەن ئەڭلىك سۈرۈپ پەرداز قىلىشقا باشلىغان ئىدىم، ھەر كۈنى «تۇگانۇن» ئەڭلىكىنى سۈرەتتىم. مەڭزىمدىكى، كۆزۈمنىڭ ئاستىدىكى سەپكۈنلىرىمنى ياپاتتىم. «تۇگانۇن» ئەڭلىكىنىڭ ئۈستىگە يەنە تېرە ئاسرىغۇچ ئەڭلىكىنىمۇ سۈرىۋالاتتىم. بۇ ئەڭلىك ئاپامنىڭ ئىدى. ئۇ پەقەت شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرغان كەچلىك مۇراسىملىرىدىلا بۇ ئەڭلىكنى سۈرەتتى. ئۇ كۈنى تېخى لەۋ سۇرۇقىمۇ سۈرىۋالغان ئىدىم. قارامتۇل قىزىل رەڭلىك بولۇپ، گىلاس رەڭگىگە ئوخشايتتى. ئۇنىمۇ نەدىن ئەكىلىۋالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بەلكىم ھېللىنا لانگول ئاپىسىنىڭكىنى ئوغرىلاپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭمۇ تازا ئېنىق ئىسمدە قالماپتۇ. مېنىڭ ئەتىرەم يوق. ئۆيىدە پەقەت ئاپامنىڭ گۈل سۈيى بىلەن پالما زەيتۇن كىر يۇيۇش سوپۇنى بار ئىدى.

    ئۇ كىچىك پارومدا، يولۇچىلار ئاپتومۇبىلىنىڭ يېنىدا، بىر قارا رەڭلىك «لىموسىن» پىكاپى بار بولۇپ، ئىچىدە پاختا رەختتىن تىكىلگەن ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان شوپۇر ئولتۇراتتى. شۇنداق، بۇ دەل مەن بىر قانچە كىتابلاردا كۆرگەن ھېلىقىدەك چوڭ تىپتىكى تاۋۇت ماشىنىسى. بۇ دەل ھېلىقى مورېس لېئون بورېل پىكاپى. فىرانسىيىنىڭ كالكوتتادا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىدىكى ھېلىقى قارا رەڭلىك «رانلىس» پىكاپى تېخى مېنىڭ ئەسىرىمگە كىرگۈزۈلمىگەن ئىدى. 

    شوپۇر بىلەن ئىگىسى ئارىسىدا يەنە بىر سېيرىلمىلىق ئەينەك ئىشىك بار بولۇپ، يەنە تېخى قوشۇلغان قاتلىما ئورۇن بار ئىدى. ماشىنىنىڭ ئىچى چوڭلىقىدىن راستىنلا بىر كىچىك ھۇجۇرىغا ئوخشايتتى.

    ئاۋۇ «لموسىن» ئاپتوموبىلى ئىچىدە تەقى-تۇرىقى سالاپەتلىك كىلىشكەن بىر ئەر ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇ بىرلا ئاقتەنلىك ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ غەرىبچە ياسىنىۋېلىشى، سايگون بانكىسىنىڭ ئاچ رەڭلىك يىپەك رەختىلىك خىزمەت فورمىسىدەك كىيىم كىيىۋالغان ئىدى. ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. مەن باشقىلارنىڭ ماڭا قارىشىغا كۈنۈپمۇ قالغان ئىدىم. مۇستەملىكە قىلىنغان يەردە، شۇ يەرلىك كىشىلەر دائىم ئاق تەنلىك ئاياللارغا تىكىلىپ قارايتتى. ھەتتا 12 ياشلىق قىزلارنىمۇ كۆزدىن قاچۇرۇپ قويمايتتى. بىراق ئۈچ يىلدىن بېرى، مەن بازارلارغا چىققاندا، ئاقتەنلىك ئەرلەرمۇ ماڭا قارايدىغان بولىۋالدى. ھەتتا ھەر قېتىم ئاپامنىڭ ھېلىقى ئەر دوستلىرىنىڭ ئاياللىرى بارىدىغان «تەنتەربىيە كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبى »غا بىليارد ئوينىغىلى بارغاندىمۇ، بۇ ئەرلەر دائىم قىزغىنلىق بىلەن مېنى ئۆيلىرىگە تاماقتىن كېيىنكى تاتلىق تۈرۈملەرنى يېيېىشكە تەكلىپ قىلاتتى. بەلكىم خاتا چۈشىنىپ قالغان بولۇشۇم مۇمكىن، دائىم ئۆزۈمنى ئاشۇ چىرايلىق ئاياللار بىلەن ئوخشاش ۋە ئاشۇ دائىم باشقىلارنىڭ ئاياللىرىغا ئوخشاش جەلىپ قىلارلىق دەپ ھېس قىلاتتىم. چۈنكى راستىنلا نۇرغۇن كىشلەر ماڭا قاراشنى ياخشى كۆرەتتى. بىراق مېنىڭ كۆڭلۈمگىمۇ ناھايىتى ئايان ئىدى. ئەمەلىيەتتە مەسىلە مېنىڭ چىرايلىق ياكى كۆرۈمسىز ئىكەنلىكىمدىن ئەمەس ئىدى. بۇنىڭدا چوقۇم باشقا بىر گەپ بار ئىدى. مەسىلەن روھى ھالەتتىكى مەسىلە بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەن قانداق ياسانغىم كەلسە شۇنداق ياسىنىمەن. ئەگەر باشقىلار مېنى چىرايلىق ياكى گۈزەل دېسە، ئۇنداقتا مەن چىرايلىق گۈزەل بولىمەن. مەسىلەن ئۆيدىكىلەرگە سېلىشتۇرغاندا چىرايلىق دېسە، بۇ چاغدا پەقەت ئۆيدىكىلەرگىلا قارىتىلغان بولىمەن. ئادەتتە باشقىلار مېنى قانداق ياسىنىۋال دېسە مەن شۇنداق ياسىنىۋالىمەن ھەمدە ئۆزۈمگە ئىشىنىشتە قىلچە گۇمان قويمايتتىم. مەن ئۆزۈمنىڭ سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىمگە ئىشىنەتتىم. ھەر قېتىم مەن ئۆزۈمنى ناھايىتى گۈزەل دەپ بىلگەن ۋاقتىمدا، دەل مۇشۇ ۋاقىتتىكى گۈزەللكىم باشقىلارنىڭ نەزىرىدىمۇ ئەمەلىيەت بولۇپ چىقاتتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ كۆزىگە ياخشى كۆرۈنىشىمنى ئارزۇ قىلغان ۋاقتىمدا، مېنىڭ كۆڭلۈمدىمۇ بۇنى ھېس قىلىپ بولاتتىم. شۇڭلاشقا مەن ھەقىقەتەن كىشىنى زوقلاندۇرىدىغان ئوماق ھالەتتە ياسىنالايتتىم. ھەتتا كىچىك ئاكام كېسەل سەۋەبلىك كۆڭلۈم پاراكەندە بولىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ، مەن يەنىلا مۇشۇنداق ئوماق ھالەتنى ساقلاپ كەلدىم. كىچىك ئاكامنىڭ ئۆلىمىگە كەلسەك، پەقەت بىرلا شېرىكلىشىپ قەستلىگۈچى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئاپام ئىدى. بۇ يەردە ئىشلەتكەن «ئوماق» سۆزى مېنىڭ ئەتراپىمدىكى ئادەملەر كىچىك بالىلارغا ئوخشىتىپ دەۋالغان گىپى ئىدى .

    مەن بارلىق تەييارلىقلارنى قىلىپ قويغان ئىدىم. بەزى ئىشلارنى بىلەلەيدىغان بولدۇم. بىر ئايال كىشىگە نىسبەتەن ئۇنىڭ گۈزەللىكى، ئۇنىڭ كىيىنىشى ياكى ئۇنىڭ گۈزەل قول ھۆنىرىگە باغلىق ئەمەسلىكىنى ئىنكار قىلغىلى بولمايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئۇپا ئەڭلىكنىڭ قىممىتىگىمۇ باغلىق ئەمەس ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۇنىڭدىكى زىبۇ-زىننەتنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ قىممەت، ئەرزان ياكى ئېغىر-يېنىكلىكى بىلەنمۇ باغلىق ئەمەسكىلىنى بىلەتتىم. مەن يەنە سېھرىي گۈزەللىكنىڭ باشقا تەرەپلەردىن ئىكەنلىكىنىمۇ بىلەتتىم. بىراق مەن سېھرىي گۈزەللىكنىڭ زادى نەدىكىلىنى بىلمەيتتىم. پەقەت ئاياللار ئۆزىنىڭ قايسى كىيىم-كېچەك، باش كىيىملىرىنىڭ شۇنچىلىك جەلىپ قىلارلىق ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىمەن. سايگون كوچا بېشىدا، يېزىدىكى يامۇلدا، مەن نۇرغۇن ئاياللارنى كۆزىتىپ باققان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزىلىرى شۇنچىلىك چىرايلىق، تېرىلىرى شۇنچىلىك ئاق ھەم سۈزۈك، ئۇلار بۇ يەردە ياسىنىپ تارىنىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. بولۇپمۇ سەھرادىكى يامۇل ئىچىدە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى. ئۇلار ھەر كۈنى دېگۈدەك بىكار، پەقەت ئۆزىنى ئاسىراشنىلا بىلەتتى. ئۇلارنىڭ ياۋروپاسى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئاشنىلىرى ئۈچۈن، كەلگۈسى كۈنىدە ئىتالىيىگە ساياھەتكە بېرىش ئۈچۈن، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم كىلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئالتە ئايلىق دەم ئېلىش ئۈچۈن ئىدى. شۇ ۋاقتىغا كەلگەندە، ئۇلار ئاندىن ھەۋەس بىلەن، شېرىن سۆزلەر بىلەن بۇ يەردىكى بارلىق ئىشلارنى دىيىشەتتى. بۇ خىل مۇستەملىكتىكى ئالاھىدە ياشاۋاتقان بۇ كىشىلەرنى سۆزلەپ باقايلى، بۇ ئەر مالايلار ئۇلارغا شۇنچىلىك يېقىنچىلىق قىلاتتى، كۈتۈشلىرى شۇنچىلىك ئەتراپلىق بولۇپ، بۇ يەردە يەنە دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار، تانسا كېچىلىكلرىمۇ بار ئىدى، بۇ چەت جايدا، كەنت بازارلاردىكى مۆتىۋەرلەرنىڭ ئاق رەڭلىق داچىلىرى بار بولۇپ، ئۆيلىرى ھەم ئىگىز، ھەم چوڭ ئىدى. قارىسىڭىز بېشىڭىزنى ئايلاندۇرۇپ قوياتتى. بۇ ئاياللار ساقلاپ تۇرماقتا. ئۇلار ھېچبىر مەقسەتسىز ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە قارىشىپ قوياتتى. بۇ داچىلاردىكى دەرخلەرنىڭ سايىسى ئاستىدا، ئۇلار ئۆز-ئارا بېقىشىش ئۈچۈن كىلىشەتتى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار رومانلاردىكى بىر خىل تۇرمۇشنى كەچۈرۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇزۇن كەتكەن داچىدىكى تام ئىشكاپلىرى ئاللىبۇرۇنلا رەڭگارەڭ كىيىم –كېچەكلەر بىلەن تولغان ئىدى. كۆپلىكىدىن قانداق بىر تەرەپ قىلىشنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇلار بارلىق كۈتۈش ۋاقتىدىكى مۇشۇنىڭدەك يىغىلغان ۋاقىتتا، بىردىن-بىردىن يىغىۋالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى زېرىكىشلىك سەۋەبىدىن ساراڭ بولۇپ قالغانلىرىمۇ بار ئىدى. بەزى ئاياللار ئەرلىرىنى ئىندەككە كەلتۈرۋالغان ھەمدە جىم تۇرىۋالدىغان ياش ئايال مالايلارنى سۆككەنلىكى سەۋەبىدىن ئېرىدىن بىرىنچى دەرىجىلىك جاراڭلىق تەستەك يېگەن ئىدى. جاراڭلىق سۆزىنىڭ مەنىسى دەل شۇ ئاياللارغا قارىتىپ ئېيتىلغان. بۇ تەستەكتىن چىققان ئاۋازغا ئوخشىتىلغىنى بولۇپ، دەل ئېرىنىڭ بەرگەن تەستىكىنىڭ ئاۋازى ئىدى. بەزىلىرى شۇ سەۋەبلىكمۇ ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىدى. بۇ خىلدىكى خوتۇن-قىزلار ئائىلىسىدىكىلەر ئۆزىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەرسىسى ئۈچۈن تالاش-تارتىپ قىلىپ، كۈنلىشىپ، سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ، ئۆز-ئۆزىگە جاپا سېلىشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى. مېنىڭچە بۇمۇ بىر خىل خاتالىق. ھېچقانداق بىر ئىندەككە كەلتۈرگىدەك يات جىنىسلىق نەرسە يوق ئىدى. ئۇ پەقەت ئايال تېنىدىكى ئەر كىشىگە بولغان تەلمۈرۈش ياكى ئەزەلدىن مەۋجۇت بولمىغان نەرسە ئىدى. بىرىنچى قېتىم كۆزلەر ئۇچىراشقان ۋاقىتتا، ياكى بولمىسا بۇ نەرسە ئاللىقاچان بار بولغان بولۇشى ياكى بولمىسا ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەس. بۇ كۆز نۇرى بەلكىم بىر جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشتىكى بىۋاسىتە سىگنال بولۇشى ياكى بولمىسا ئەزەلدىن ھېچنىمىگە ھېساب بولماسلىقىمۇ مۇمكىن ئىدى. بۇ نۇقتىدا، مەندىكى ئاللىبۇرۇن «تىگى- تەكتىگە يېتىپ» بېقىشتىن بۇرۇنقى بارلىق چۈشەنچەم ئىدى.

    ھېلىننا لانگول بۇ خىل نۇقساندىن ئۆزىنى چەتكە ئالالايدىغان بىردىنبىر كىشى. چۈنكى ئۇ بىر يېتىلىشى كېچىككەن قىز ئىدى.

    ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى، مېنىڭ بىرەر تال ئۇزۇن پۈتۈن كۆينىكىم يوق ئىدى. پۈتۈن كۆينىكىم ئاساسىي جەھەتتىن تاغار تۈرىدىكى نەرسىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاپامنىڭ كونا كۆينەكلىرىدىن ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. يەنە كېلىپ، ئاپامنىڭ بۇنداق پۈتۈن كۆينەكلىرى ئەسلىدىمۇ تاغاردەك نەرسىلەر ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا بىر قانچە قۇرلىرى ئاپامنىڭ دۇ ھەدە دەپ ئاتايدىغان بىرى ماڭا تىكىپ بەرگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا ئىدى. ئۇ، ئەزەلدىن ئاپامنىڭ يېنىدىن ئايرىلمايدىغان ئايال خوجىدار. ئاپام فىرانسىيىگە قايتىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئاكام ئىلگىرى شالېك شەھىردىكى ئۆيدە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق قىلىش غەرىزى بولغان بولسىمۇ، بىزنىڭ قولىمىزدا ئۇنىڭغا بەرگۈدەك مائاش يوق ۋاقىتلار بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا ئاپامدىن ئايرىلىشنى خالىمايتتى. دۇ ھەدە بىر مۇناستىردا چوڭ بولغان ئىكەن. ئۇ گۈل تىكىشكە بەك ئۇستا ئىدى. پۈرمە تىكەلەيتتى. نەچچە ئەسىرلەر ئىلگىرىكى قول ھۆنىرىگە ئوخشاش يىپ-يىڭنە ئىشلىرىنى قىلالايتتى. ئۇنىڭ ئىشلەتكەن يىڭنىلىرى خۇددى چاچتەكلا ئىنچىكە ئىدى، ئۇ گۈل كەشتىلىيەلەيتتى. شۇڭا ئاپام ئۇنىڭغا كارۋات ئەدىياللىرىنى كەشتىلىتەتتى. ئۇ جىيەك قىلالايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاپام ماڭا يۈز پۈرمىلىك كۆينەك تىككۈزۈپ بەردى. سەۋەبى دۇ ھەدە جىيەك چىقىرىپ كۆينەك تىكەلەيتتى. مېنىڭ ئۇچامدىكىگە ئوخشاش رەختلىك خالتا كۆينەك ئىدى. چۈنكى بۇ كۆينەكلەرنىڭ پوسۇنى بۇرۇنلا ۋاقتى ئۆتكەن، يەنە تېخى ئۆسمۈر بالىلارنىڭ كىيىم پوسۇنلىرىدىن ئىدى. ئالدىغا ئىككى يول جىيەك سېلىنغان، ياقىلىرى شۇنچىلىك قوپال، كۆينەك ھەددىن زىيادە بەدەنگە چاپلىشىپ تۇراتتى ياكى بولمىسا بىر يول يانتۇ رەخت ئۇلاپ قوياتتى. مەن بۇنداق خالتا شەكىللىك كۆينەكلەرنى كىيىپ بەلباغ باغلىۋالاتتىم، ئاندىن كۆينەكنىڭ شەكلىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پۈتۈن كۆينەكلەر ئۇزۇن مۇددەتلىك بولۇپ قالدى. كەيسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

    مەن ئون بەش يېرىم ياشقا كىرگەن ۋاقىتتا، بەدەن قۇرۇلۇشۇم شۇنچىلىك زىلۋا، ھەتتا شۇنچىلىك ئورۇق ھەم ئاجىز ئىدى. كۆكرەك قىسمىم يەنىلا كىچىك بالىنىڭكىدەكلا ئىدى. يۈزۈمگە ئەتتىرگۈل رەڭلىك ئەڭلىك بىلەن قىزىل ئەڭلىك سۈرەتتىم. ئۇچامدىكى كىشىلەر كۆرسە زاڭلىق قىلىدىغان، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچكىم كۈلمەيدىغان كىيىنىشمنى قوشقاندا، ئەتراپىمدىكى ئىشلارنى بىلىپ تۇرىدىغان بولدۇم، مەن ئەتراپىمدىكى ھەممە نەرسىلەرگە نەزەر سالاتتىم. ھەممىسى مېنىڭ كۆرگەنلىرىم ئىدى. مېنىڭ بىر نەرسە يازغۇم كەلدى. مەن ئاپامغىمۇ دېدىم. يېزىقچىلىق مېنىڭ ئارزۇيۇم ئىدى. ئاپام تۇنجى قېتىم بۇنى ئاڭلاپ، ماڭا جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدى. كېيىن ئۇ مەندىن نېمە يازىسەن دەپ سورىدى. مەن كىتاب يازىمەن، رومان يازىمەن دېدىم. ئۇ قوپاللىق بىلەن سەن ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، نېمە يازغىڭ كەلسە شۇنى ياز، مېنىڭ بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دېدى. ئۇنىڭ ماڭا قارشى تۇرشىدىكى خىيالى، بۇنداق قىلىشنى يارامسىزنىڭ ئىشى دەپ قارايتتى. بىر نەرسە يېزىشنى خىزمەت ھېسابلىمايتتى. بۇ پەقەت بىر چاقچاق پاراڭ ئىدى. كېيىن ئۇ ماڭا گەپنى ئۈزۈپلا بۇ بالا قالايمىقان خىياللارنى سۈرۋاتىدۇ دەيدىغان بولدى. كىگىز قالپاق كىيىۋالغان قىزچاق كۆل يۈزىدىكى ئەكسىنى كۆرۈپ تۇراتتى. تەنھا، يالقاۋلىق كىچىك پاروم يىنىدىكى قىرغاقتا تۇراتتى. كىگىز قالپاق ئەتراپنى ئەتتىرگۈل رەڭگە بويىۋەتكەن ئىدى. بۇ بىردىنبىر رەڭ ئىدى. دەريادىكى تۇمان ئارلاش پىژغىرىم ئىسسىق كۈن نۇرى ئاستىدا، ئىككى قىرغاقنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئېقىن خۇددى ئۇپۇق بىلەن تۇتاشتەك كۆرىنەتتى. دەريا سۈيى تىنچ ئېقىۋاتاتتى. ھېچقانداق ئاۋاز چىقارمايتتى. خۇددى تومۇردا ئېقىۋاتقان قاندەك بولۇپ، ئېقىننىڭ كۆرىنىشىدە شامال يوق ئىدى. كىچىك پاراخوتنىڭ ماتورى پۈتۈن ئاۋازلارنىڭ ئىچىدىكى بىردىنبىر ئاۋاز ئىدى. بۇ پولاتتىن ياسالغان كونا تىپتىكى تەۋرەنمە يەلكىلىك ھەرىكەتكە كەلگۈچى پاروم ئىدى. بەزى ۋاقىتلاردا بىر دەملىك يېنىك گەپ قىلىشقان ئاۋازلار كىلىپ قالاتتى. شۇندىن كېيىنلا يەنە ئۆي ئىتىنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالاتتى. بۇ ئاۋاز تۆت ئەتراپتىن كىلىۋاتاتتى. ئاۋۇ قويۇق تومان ئارقىسىدىن كىلىۋاتاتتى. بارلىق كەنت مەھەلىلەردىن كېلىۋاتاتتى. قىزچاق كىچىكىدىن تارتىپلا بۇ كىچىك پارومدىكى رولچىنى تۇنۇيتتى. قېرى رولچى ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قوياتتى، ئۇنىڭغا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ خەۋىرىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرەتتى. ئۇ دائىم ئاپىسىنىڭ بۇ يەردىن دەريادىن ئۆتىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتاتتى. ئۇنى دائىم كامبوزژا تەرەپتە يەر ئىجارە ئالدىغاننى ئېيتاتتى. قىزچاقنىڭ ئاپىسىنى بەك ياخشى دەيتتى. پارومنىڭ تۆت ئەتراپى دەريا سۈيى بولۇپ، ئېقىننىڭ ئىككى تەرىپى قاقاسلىق ئىدى. ھەرىكەتچان دەريا سۈيى شاللىقتىكى توختاپ قالغان ئۈلۈك سۇدىن ھالقىپ ئۆتەتتى. لېكىن ئىككىسى ھەرگىزمۇ قېتىلىپ كەتمەيتتى. بۇ دەريا كامبودژا ئورمانلىقىدىن ئېقىپ كىلەتتى. ئۇ يولىدا ئۇچىرىغان بارلىق ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېقىتىپ كىلەتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قوينىغا كىرگەن بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كېتەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئوت-چۆپتە ياسالغان ئۆي، ئورمانلىق، ئوتتا كۆيۈپ كەتكەن جەسەت سۈڭەكلەر، ئۆلۈك قۇش، ئۆلۈك ئىت، تۇنجىقىپ قالغان يولۋاس، سۇغا چۆكۈپ ئۆلگەن ئەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاياللىرى، يەملەنگەن ھەمەلگۈل باغلىمى، بۇ بارلىق نەرسىلەر تىنچ ئوكيانغا ئېقىپ باراتتى. ئۇلار تېخى لەيلەشكىمۇ ئۈلگىرەلمەيلا ھەممىسى شۇ تىنچ ئېقىن ئىچىدە چوڭقۇر، تىرەن ھەم جىددىي بولغان بوران-چاپقۇن بىلەن ئېلىپ كېتىلەتتى. بارلىق ھەممە چوڭ دەريانىڭ ھەيۋىسى بىلەن لەيلىتىلىپ كېتەتتى. 

    مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇمنىڭ يېزىقچىلىق ئىكەنلىكىنى، پەقەت مۇشۇلا ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. باشقىسى يوق دېدىم. بىراق ئۇ ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. جاۋاپ قايتۇرمىدى. پەقەت تۇيۇقسىزلا كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قويدى. مۆرىسىنى يىنىك كۆتىرىپ قويۇپ، ئادەم ئېسىدىن چىقارمىغۇدەك بىر ھالەتنى پەيدا قىلىۋالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا، مەن بىرىنچى قېتىم ئۆيدىكىلەردىن ئايرىلىپ چىققان ئىدىم. بىراق يەنە نەچچە يىل ساقلىساملا ئاندىن ئاپام مەندىن ئايرىلغان بولاتتى، مەندەك قىزىدىن ئايرىلىشىنى ئۇ بۇرۇنلا بىلگەن، ھامان بىر كۈنى ئۇ كېتىدۇ، ئاخىرى ئۆيدىن چىقىپ كېتىدۇ دېگەنلەرنىمۇ ئويلىغان ئىدى.

    قىزچاق فىرانسوز تىلىدا بىرىنچى بولغان ئىدى. مەكتەپ مۇدىرى ئۇنىڭغا«خانىم، سىزنىڭ قىزىڭىز فىرانسوز تىلىدا بىرىنچى بولدى» دېدى، لېكىن ئاپام بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. ھېچنىمە دېمىدى. ئۇ تېخى خۇشال بولمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى فىرانسوز تىلىدا بىرىنچى بولغان ئەمەس. مېنىڭ بۇ ئىپلاس ئاپام يەنە ئۇنىڭدىن«ماتېماتىكىدا قانداقراق؟» دەپ سورىدى. مەكتەپ مۇدىرى «بۇ قېتىم تېخى بىرىنچى بولمىدى، بىراق ھامان بىرىنچى بولالايدۇ» دېدى. ئاپام «قاچان يەنە بىرىنچى بولالايدىغاندۇ» دەپ سورىدى. مەكتەپ مۇدىر جاۋاپ بېرىپ «ئۇ بىرىنچىلىكنى ئالغان ۋاقىتتا خانىم » دېدى. مېنىڭ ئاپام، ئانا مېھرى، ئەڭ ئىشەنگىم كەلمەيدىغان غەلىتە مەخلۇق ئىدى. ئۇ دۇ ھەدە تىكىپ، ياماپ بەرگەن پاختا يىپلىق ئۇزۇن پايپىقىنى كىيىۋالغان ئىدى. بۇ ئىسسىق بەلباغلىق جايدىمۇ ئاپام شۇ ئۇزۇن پايپاقنى كىيگەندىلا، ئاندىن ياخشى مەكتەپ مۇدىر خانىمى بولالايدۇ دەپ قارايتتى. ئاپامنىڭ پۈتۈن كۆينەكلىرى ھەم ئەسكى ھەم سەت بولۇپ، ھەممىسىنى دۇ ھەدە ياماپ تىكىپ بەرگەن ئىدى. ئاپام ئۆزىنىڭ پىكارددىكى ھويلىسىدىكى ئادىتىگە ۋارىسلىق قىلغان بولۇپ، بىر نەرسىلەرگە بەكمۇ ئىتىبار بېرىپ كەتمەيدىغان، دائىم ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ بىلىدىغان، نەرسىلەرنى ئۆز جايىغا ئىشلەتتىم دەپ قارايتتى. ئاپامنىڭ شۇ خۇرۇم ئايىقى، پاشىنىسى ئاللىبۇرۇن يىرتىلىپ بۇزۇلۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇنى كىيىپ ماڭسىمۇ قىڭغىر-سىڭغىر بولۇپ كېتەتتى، بىئارامچىلىققا چىدىغىلى بولمايتتى. ئاپام چېچىنى ناھايىتى چىڭ تارىۋالاتتى. چىچىنى تۈگۈپ جۇڭگولۇق ئاياللىرىنىڭ چېچىغا ئوخشاش قىلىۋالاتتى. ئاپام راستىنلا بىزنى بىئەپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. ئۇ بازارلاردا، مەكتەپ ئالدىلىرىدا، ھەقىقەتەن يۈزۈمنى تۆكۈپ قوياتتى. ھەر قېتىم ئۇ b12 –يول ئاپتوبوسىغا چىقىپ بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ئالدىغا كەلگەندە، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ كېتەتتى. لېكىن ئاپام يەنىلا ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۇلارغا ئېرەن قىلىپمۇ قويمايتتى. راستىنلا ئۇنى بىر يەرگە سولاپ قاتتىق بىر ئۇرۇپ، ئۆلتۈرۋەتكىم كىلىپ كېتەتتى. ئاپام ماڭا قاراپ تۇرۇپ ماڭا «سەن چىقىپ جاھان كۆرۈپ باقساڭ بولامدىكىن» دەيتتى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، ئۇ دائىم مۇشۇنى ئويلايتتى. ئۇ ھەرگىزمۇ مېنى بىر نەرسە ئۆگىنىۋالسۇن دىمەيتتى. يەنە تېخى مېنى بۇرۇنلا مەكتەپتىن توختاپ جان بېقىشى كېرەك دەپ قارايتتى.

    ئاپام يېڭى ھاۋا بىلەن ئۇچىراشقاندا، دەرھاللا ئۈمىدسىزلىكتىن ئۈزۈپ چىقاتتى. ئاپام ئاخىرى بۇ ئەرەنچە قالپاقنى ۋە بۇ ئالتۇن رەڭلىك خۇرۇم ئاياقنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ مەندىن«- بۇ نېمە »دەپ سورىدى. «-ھېچنىمە» دېدىم. ئاپام ماڭا قاراپ تۇردى، بۇ نەرسىلەر ئۇنى خۇشال قىلدى. ئۇ مىيقىدا كۈلۈپ قوياتتى. بۇ نەرسىلەرنى يامان ئەمەسكەن دېدى. ماڭا نىسبەتەن خېلى ماس كەلگەن بولۇپ، بىر ياسىنىۋالساملا، ئۆزۈمگە ئوخشىمايلا قالاتتىم. ئاپام بۇ نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ سېتىۋالغان ياكى سېتىۋالمىغانلىقىنى سورىمىدى. ئاپام چوقۇم ئۆزىنىڭ سېتىۋالغانلىقىنى بىلەتتى. ئۆزىنىڭ بۇنداق ئىقتىدارىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. بەزى ۋاقىتلاردا، يەنى مەن دېگەن شۇ ۋاقىتلاردا، بىز ئۇنىڭدىن كېرەكلىك نەرسىلىرىمىزنى ئالداپ ئېلىۋالاتتۇق، ئاپام بىزگىمۇ ئامالسىز قالاتتى. مەن ئۇنىڭغا-«بۇ نەرسىلەر ھەرگىزمۇ قىممەت ئەمەس، ئۇنچە ئىچ ئاغرىتىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ »دەيتتىم. ئاپام مەندىن-«نەدىن سېتىۋالدىڭ؟» دەپ سورايتتى، مەن-«كادىن بازىرىدىن سېتىۋالدۇق، ئەرزان ماللار ماگىزىنىدىكى ئەرزان ماللار» دەيتتىم. ئۇ ماڭا خۇشاللىق بىلەن قارايتتى. ئۇ بەلكىم قىزىنىڭ مۇنداق تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىنىڭ بارلىقىغا، مۇشۇنداق ياسىنالىغىنىغا خۇش بولغان بولۇشى، كىشىگە سۆزسىز خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان بىر خىل ھېسسىيات دەپ قارىغان بولىشىمۇ مۇمكىن. ئۇ مېنىڭ بۇ خىل كۈلكىلىك ياسىنىشىمغا قوشۇلۇپلا قالماي، بۇ خىلدىكى كىشىنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان كىيىنىشىم، گەرچە ئۆزىگە چىڭ تۇل خۇتۇن بولغان تەقدىردىمۇ كۈلرەڭ كىيىم كىيىپ، بەئەينى راھىبلىقىنى تاشلىغان مۇناققىلا ئوخشىسىمۇ، بىراق مېنىڭ بۇ قاملاشمىغان ياسىنىشىم ئۇنى خۇشال قىلىۋەتكەن ئىدى. بېشىمدىكى بۇ ئەرەنچە قالپاق ئەمىلىيەتتە ئائىلىنىڭ نامراتلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى. چۈنكى مەيلى قانداق ئۇسۇل قوللىنىشتىن قەتئىينەزەر دائىم ئويلايدىغىنىم ئۆيدىكىلەرگە ئازىراق پۇل قىلىپ بېرىش ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئەتراپىدا، گەرچە ھېچنىمە ئۈنمەيدىغان يەر بولسىمۇ، ئوغۇللىرىمۇ بىر ئۆمۈر ھۈنەرسىز قالسىمۇ، ئۇلار كەلگۈسىدە بىرەر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىسىمۇ، ھەتتا تۇپراقمۇ تۇزلۇق بىلىنىپ، چوقۇم بىكاردىن بىر تالاي پۇللارنى خەجلىۋېتەتتى، چوقۇم ھېچقانداق ئۈمىد يوق ئىدى. قالغىنى پەقەت مانا مۇشۇنداق كۈندىن-كۈنىگە چوڭ بولىۋاتقان قىزى بولۇپ قالدىم. بەلكىم ئاشۇ ئاپام ھامان بىر كۈنى قانداق قىلىپ بۇ ئۆيگە پۇل ئەكەلگىنىمنىمۇ بىلىپ قالار. دەل مۇشۇ ۋەج تۈپەيلى، ئانا بولغۇچى قىزىنى گۈدەك جالاپ خوتۇندەك قىلىپ ياساپ مېنى كوچىغا ئېلىپ چىقتى. بۇ نۇقتىنى، بۇ ئەھۋالنى قىزى بىلمەيتتى. لېكىن راستىنلا مۇشۇ ۋەج بىلەن قىزچاقمۇ ئۇستازسىزلا بۇلارنى بىلىپ بولغان ئىدى. كىشىلەرنى قانداق قىلىپ ئۆزىگە بولغان دىققىتىنى بۇرمىلاپ پۇل تەرەپكە قارىتىشنى بىلەتتى. بۇنىڭدىن ئانا بولغۇچىنىڭ گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى. ئەگەر قىزچاق راستىنلا بېرىپ تېنىنى سېتىپ پۇل تاپسا، ئاپىسى چوقۇم يەنە توسقۇنلۇق قىلمايتتى. قىزچاق ئاپىسىغا-«مەن مەلۇم بىر خېرىداردىن 500پىياستىر ئالدىم، فىرانسىيىگە بېرىشىمىزغا ئاسان بولىدۇ» دېسە، ئاپىسى چوقۇم-«ئۇنداق بولسا بەك ياخشى بوپتۇ»دەيدۇ. پارىژغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن دەل مۇشۇ پۇلغا لازىم بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئۇ يەنە-« ماڭا 500پىياستىر بەرسەڭلا بولاتتى» دەيدۇ. قىزچاقنىڭ كۆڭلىگە ئايان بولدى. بۇنداق سودا دەسلەپتە دەل ئاپىسى ئۆزىنىڭ قىزىنى مۇشۇ يولىنى تاللىغۇزغانلىقىنىڭ ئىشى بولۇپ، پەقەت قىزىنىڭ شۇ يۈرىكى بولسىلا، كۈچى بولسىلا، پەقەت قىزچاق كۈندە بۇ ئىش توغۇرلۇق ئازاپ ۋە ھالىدىن كېتىپ چارچىغانلىق توغرىسىدا گەپ قىلمىسىلا بولاتتى.

    مېنىڭ كىتابىمدا مېنىڭ ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىمدىكى ھېكايىلەرنى بايان قىلغاندا، مەن تۇيۇقسىز نېمىلەردىن ئۆزۈمنى چەتكە ئالغىنىمنى، نېمىلەرنى دېگىنىمنى بىلەلمەي قالاتتىم. ئويلاپ باقسام، بەلكىم ئاپىمىزغا بولغان مېھىرى-مۇھەببىتىمىزنى سۆزلىگەن بولىشىم مۇمكىن. بىراق ئاپامغا بولغان ئۆچمەنلىكىمنى سۆزلىدىممۇ يوق بىلمەيمەن. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى مېھىرى-مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنى سۆزلىدىم. مەيلى مۇھەببەت ياكى نەپرەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە يوقىلىشى بولسۇن، ئومۇمىي تارىخى شۇنچىلىك جىددى ئىدى، بىراق بۇ بارلىق ئىشلار، شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ چۈشىنىش دائىرەمدىن ھالقىپ كەتكەن ئىدى. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا بەرىبىر بولۇپ، پەقەت مېنىڭ قان تومۇرلىرىمغا سىڭىپ كەتكەن ئىدى. چۈنكى مەن ئەمدىلا يەرگە چۈشكەن بىر بوۋاققا ئوخشاش كۆز ئالدىمدىكى بارلىق نەرسىلەرنى كۆرەلمەيتتىم. بۇ ئائىلىنىڭ ۋەيران بولۇشى دەل سۈكۈت قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇدا سۈكۈت ئىچىدە ياشاپ كەلدىم. سۈكۈت ئىچىدە بىر ئۆمۈر ئىشلىدىم. مەن ھازىر ھايات تۇرۋاتىمەن، بۈگۈنكى غەلىتە ياشلار دەۋرىگە يۈزلىنىپ تۇرۇپتىمەن.

    مەن مىكون دەرياسىدىكى پارومغا چىققان ۋاقىتىمدا، يەنى ھېلىقى قارا رەڭلىك، كونا تىپتىكى پىكاپنى ئۇچىراتقان كۈنى، ئاپام ھېلىقى دېڭىز دامبىسىدىكى، ھېلىقى يەرنى ئىجارىگە ئېلىشتىن تېخى ۋاز كەچمىگەن ئىدى. مەن يەنە بۇرنقىدەكلا كېچىدە يول يۈرۋاتاتتىم. يەنىلا ئۈچ ئادەم بىر يول بولدۇق. نەگىلا بارساق قۇناتتۇق. بىز ئاشۇ كارىدورى بار بىر قەۋەتلىك ئۆيدە قوندۇق. ئۇدۇلدا سىئام تېغى بار ئىدى. ھازادىن كېيىن بىز يەنە ھەرىكەتكە كىلىپ شەھەرگە قايتتۇق. ئاپام ئۇ يەردە ھېچ ئىش قىلماپتۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا پات-پات ھېلىقى يەرگە قايتىپ كېتەتتى. ئۇ يەردىكى كارىدوردا، مەن، كىچىك ئاكام، ئاپام بىللە تۇراتتۇق. ئۇدۇلىمىزدا ئورمانلىق بار ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مەن چوڭ بولۇپ قالغان ئىدىم. كۆلگە بېرىپ يۇيۇنۇشقا خىجىل بولدۇم. ئىككىنچى دەريا ئېغىزىدىكى سازلىق يەردە قاپلان تۇتۇشقا بارمىدىم. بىز ئاللىبۇرۇن ئورمانلىققا بارمايدىغان بولدۇق. ئىككىنچى قارمۇچ دەرىخى ھايۋانات-ئۆسۈملۈك باغچىسىدىكى كەنىتكە بېرىپ باقمىدۇق. بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەر چوڭ بولۇپ كەتتى. مەيلى سۇ كالىسىنىڭ ئۈستىدىكى بولسۇن ياكى باشقا جايلاردىكى بولسۇن، كىچىك بالىلارنىڭ سايىسىنىمۇ كۆرەلمەيتتۇق.

    بىزمۇ غەلىتە بىر كېسەللىكنى يۇقتۇرۋالدۇق، ھېلىقى ئىلگىرى ئاپامنىڭ يۇقتۇرۋالغان سۆرەلمە كېسىلى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بىزمۇ شۇنداق سۆرەلمە، دۆتلۈك كېسىلىنى يۇقتۇرۋالدۇق. بىز ھېچقانداق ھۈنەر ئۆگەنمىدۇق، پەقەت ئورمانلىققا قاراپ كۈتۈش، قايغۇرۇشنىلا بىلەتتۇق. ئۇ ئويمان زېمىن پۈتۈنلەي تۈگەشكەن ئىدى. ھېلىقى خىزمەتكارلار پەقەت ئىگىز يەردىكى ئاشۇ پارچە يەرلەرنى تېرىيتتى، ھەيدەيتتى. بىز شاللارنى ئۇلارغا بېرەتتۇق، ئۇلار شۇ يەردە ئىش ھەققى يوق داڭقىتىپ تۇرۇپ قالاتتى. ئۇلار ئاپام ئادەم چاقىرتىپ ياسىتىپ بەرگەن ئاددىي ئۆيلەردە تۇراتتى. ئۇلار بىزنىڭ ئۆزلىرىنى يېقىنلىرىدەك مۇئامىلە قىلىشىمىزنى ياقتۇراتتى. ئۇلار يەنە بۇرۇنقىدەكلا بۇ ئۆيلەرگە قاراپ قوياتتى. ئاشۇ كونا ئاشخانا جابدۇقلىرى بولۇپ، قاچا–قۇچىلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى. يامغۇر سۈيى بىلەن چىرىپ كەتكەن ئۆينىڭ ئۆگىزىسى بارا- بارا يوقىلىۋاتاتتى. بىراق ئائىلە سايمانلىرى يەنىلا پاكىزە سۈرتۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن بىر ئۆي يەنىلا بۇرۇنقى ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئىدى. پاكىزلىقىدا رەسىمدىكىدەكلا تۇراتتى. يولدا تۇرۇپ قارىسىلا كۆزگە چىلىقاتتى. ئۆينىڭ ئىشىكى ھەركۈنى ئوچۇق بولۇپ، سوغۇق شامال ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئۆينىڭ ياغاچلىرىنى قۇرۇتاتتى. كېچىدە ئىشىك دېرىزىلەر چىڭ ئىتىلەتتى. ياۋا ئىت ۋە تاغدا ئېزىپ قالغان جىنايەتچىلەرنىڭ كىرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. 

    شۇڭا، سىلەرمۇ كۆرۈپ چۈشىنەلەيسىلەركى. مەن ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا يازغاندىكىدەك لىئەننا مېھمانخانىسىدا كۆرگەن ھېلىقى قارا پىكاپى بار، داچىغا ئوخشىمايدىغان، يەنى بىز ھېلىقى ئىجارە يەردىن ۋاز كەچكەندىن كېيىنكى ئۈچ يىلدىن كېيىن، كىچىك پارومدا ئۇنى كۆرگەن، يەنى مەن دېگەن ھېلىقى كۈنى، ھېلىقى تۇمان ھەم پىزژغىرىم قىزىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۇنى كۆرگەن ئىدىم. 

    شۇ قېتىملىق تاساددىپىي ئۇچىرىشىپ قالغاندىن كېيىنكى بىر يېرىم يىلدىن كېيىن، ئاپام مېنى فىرانسىيىگە قايتۇرۇپ كەتتى. ئۇ بارلىق ئۆي-جابدۇقلىرىنى سېتىۋەتكەن ئىدى. كېيىن يەنە، ئەڭ ئاخىرىقى قېتىم توسما بار يەرگە بېرىپ كۆرۈپ كەلدى. ئۇ كارىدوردا تاغ كەينىگە ئولتۇرۋاتقان قوياشقا قاراپ ئولتۇراتتى. يەنە بىر قېتىم سىئام تېغى تەرەپكە تىكىلدى. بۇ ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئىدى. كېيىن قەتئىي بېرىپ باقمىدى. ھەتتا ئاپام يەنە بىر قېتىم فىرانسىيىدىن ئايرىلغان ۋاقىتتىمۇ، يەنە بىر قېتىم قارارىنى ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر قېتىم ھېندىچىنىغا قايتىپ، سايگوندا ئۆزىنىڭ پىنسىيە رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەن ۋاقىتتىمۇ، ئىككىنچى ھېلىقى چوڭ تاغنىڭ ئالدىغا بېرىپ، سېرىق رەڭلىك ئاسماننى، يېشىل ئورمانلىقنى كۆرگىلى بېرىپ باقمىدى.

    شۇنداق، مەن نېمە دېسەم ياخشى بولار، ئۇ ھاياتىدا بەك كىچىككەن بولدى. بىراق يېڭىدىن باشلىدى. ئۇ فرانسوز تىلى مەكتىپى قۇردى. «يېڭى فىرانسوز تىلى مەكتىپى». بۇنىڭدا ئاپام ماڭا، بىر قىسىم ئوقۇش پۇلۇمنى ئاجىرىتىپ بېرەلەيتتى. شۇنىڭدەك، مۇشۇ ھايات ۋاقىتلىرىدا ھېلىقى چوڭ ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى. كىچىك ئاكام كانايچە ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغاندا، ئۈچ كۈن كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرىكى بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئىدى. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا مەن ئاپامدىن ئايرىلىپ كەتتىم.

    ئۇ دەل ياپونىيە ئىشغال قىلىۋالغان ۋاقىت ئىدى. ھەممە شۇ كۈنى جاكارلىنىپ ئاخىرلاشتۇرۇلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن ئىككىنچى ئاپامدىن ئۆزۈمنىڭ كىچىك ۋاقتىلىرىمنى سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىدىم ھەمدە ئاپامغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىدىم. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىچىك ئاكامنىڭ ۋاپاتىدا، ئۇمۇ ئۆلۈمگە لايىق ئىدى. ھەتتا ئاكاممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مەندە راستىنلا تۇيۇقسىز ئۇلارغا بولغان غەزەپ-نەپرەت ھېسسىياتىمغا بەرداشلىق بېرەلمىدىم. مەنمۇ ئۇلار ئۈچۈن كارى چاغلىقلا بولۇپ قالدىم. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىنچى ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۇچۇرمۇ قالمىغان ئىدى. ئاپام زادى قانداق قىلىپ شۇ تېنى ئاجىز كېسەلچان بالىسىغا بولغان قەرزىنى قايتۇرۇپ بولىدۇ؟ تا ھازىرغا قەدەر يەنىلا چۈشىنەلمەيتتىم. بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقاپ كەتتى. مەن ئۇلارنى شالېكدىكى كىچىك مېھمانخانا ئۆيدە ئولتۇرغىنىنى كۆرگەندەك قىلدىم. ئۇچىسغا ئاق رەڭلىك كىيىم كىيىۋالغان، بىلىگە پوتا باغلىۋالغان بولۇپ، ئۇلار بىر ئاي، توپتوغرا بىر يىل ئۇ يەردە تۇردى. بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى. مەن ئاپامنىڭ ئۇ يەردە يىغلاۋاتقانلىقىنى، ئۇ بالىلارغا لەنەت ئوقۇپ تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتىم. ئۇ ئۆزىنىڭ ھوجۇرىسىدا بولۇپ، سىرتقا چىقىشنىمۇ خالىمايتتى. ئۇ ۋارقىراپ باشقىلارنىڭ تىنچ تۇرسۇن دەيتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاڭلىيالمايتتى. كۈلۈمسىرەپ، شۇ يەردە جىمجىت تۇراتتى. كېيىن، مەن ھېچنىمىنى ئويلىمايدىغان بولدۇم. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئاپام، ئۇ ئىككى ئاكام ھەممىسى ئۆلدى. مېنىڭ خاتىرەمگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئوخشاشلا ھېچنىمىنى ئەسلىيەلمىدىم. مەن ئۇلارنى ھازىرمۇ قەتئىي ياخشى كۆرمەيمەن. ئاپامنىڭ شۇ يىللاردىكى تېنىدىن چىققان خۇشپۇراقلىرىنى ئېسىمدە ساقلىۋالمىدىم. مېنىڭ كۆزۈمدىمۇ ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆزىنىڭ رەڭگى يوقالدى. مەن ئاپامنىڭ چارچاپ كەتكەندە، بەزىدە ئاخشاملىرى ماڭا دېگەن بىر قىسىم يېقىملىق ئاۋازىدىن باشقا، ئۇنىڭ سىماسىنى ئىككىنچى ئېسىمگە ئالمىدىم. ھەتتا كۈلكە ئاۋازىنىمۇ مەن ئىككىنچى ئاڭلىمىدىم. كۈلكە ئاۋازىمۇ يوق، ۋارقىرىغان ئاۋازىمۇ يوق. ھەممىسى تۈگىگەن ئىدى. ھەممىسى مېنىڭ خاتىرەمدىن يوقالدى. دەل مۇشۇ سەۋەبلىك، بۈگۈنگە كەلگەندە مەن ئۇنىڭ بۇ جاھانغا كىلىشىنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقىنى، لېكىن نەقەدەر ئۇزۇن بىر بايانات ئىكەنلىكىنى يازدىم. ئاپام مېنىڭ خالىغىنىمچە يازىدىغان راۋان، چۈشىنىشلىك بولغان ئۇسلۇب ئوبيېكتىم بولۇپ قالغان ئىدى .

    ئاپام بەلكىم 1932-يىلىدىن 1949-يىللىرىدا سايگوندا تۇرغان بولۇشى مۇمكىن. مېنىڭ كىچىك ئاكام 1942-يىلى 12-ئايدا ئالەمدىن ئۆتتى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئاپام ئۆيىدىن سىرتقا چىقىپ باقمىدى. ئاپام«مەن مۇشۇ يەردە قالىمەن» دەيتتى. قەبرىسىگىمۇ ئاز قالغان ئىدى. ئۆلۈشىگىمۇ ئاز قالغان ئىدى. كېيىن، ئۇ ئامالسىز فىرانسىيىگە قايتىپ كەتتى. بىز قايتا ئۇچىراشقان ۋاقتىمىزدا، مېنىڭ ئوغلۇم ئىككى ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم ناھايىتى كېچىكىپ ئۇچراشقان ئىدۇق. بۇنى ئۇنىڭ دەسلەپكى ئۇچىراشقان كۆزىنىڭ نۇرىدىن بىلىۋالغىلى بولاتتى.

    دەل شۇ پەيىتتە ھېچنىمىنى سۈرۈشتە قىلىشنىڭ ئورنىمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چوڭ ئوغلىدىن باشقا بارلىق ھەممىسى تۈگەشكەن ئىدى. ئۇ لىرات فۇگا ئۆلكىسىنىڭ ساختا مال سودىسى بولىدىغان ئون تۆت قەلئەدە ياشايدىكەن ھەمدە شۇ يەردە قازا قىپتۇ. ئۇ دۇ ھەدە بىلەن بىرگە تۇرۇپتۇ. شۇ ۋاقىتلاردا كېچىدە يەنىلا قورقىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر تال مىلتىق سېتىۋالغان ئىكەن. دۇ ھەدە قەلئەنىڭ ئەڭ ئۈستىنكى قەۋىتىدىكى ئۆيىدە كۈزەتچىلىك قىلىدىكەن. ئاپام يەنە چوڭ ئوغلى ئۈچۈن ئامبوسنىڭ يېنىدىن بىر پارچە زېمىنلىق يەر سېتىۋاپتۇ. ئۇ يەردە نۇرغۇن ئورمانلىق بار بولۇپ، ئۇ ئادەم ئىشلىتىپ بارلىق دەرەخلەرنى كەستۈرۋېتىپتۇ.

    چوڭ ئاكام پارىژدىكى بىر قەغەز قارتا قىمارخانىسىغا كىلىپ، پۇل تىكىپ قىمار ئويناپتۇ. ئاشۇ ئورمانلىقنى بىر ئاخشامدىلا قىمار ئويناپ پاك-پاكىز ئۇتتۇرۋېتىپتۇ. ئۇ دەل شۇ دەرەخلىكنى ئۇتتۇرۋەتكەندىن كېيىن، چوڭ ئاكامغا بولغان كۆز قارىشىم ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. مۇشۇ سەۋەبلىك، چوڭ ئاكام مېنىڭ كۆز يېشىمغا سەۋەبلىك بولۇپ قالغان ئىدى. مېنىڭ بىلدىغىنىم دەل كېيىن كىشىلەر ئۇنىڭ مونتپارناسقا يېقىن جايدىكى گابور قەھۋەخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر ماشىنىنىڭ ئىچىدە ياتقىنى كۆرۈپتۇ، ئۇ جىنىدىن تويغان ئىشلارنى قىلماقچى ئوخشايدۇ. كېيىنكى ئىشلارنى بىلمىدىم. لېكىن ئاپام قەلئەنى بۇزۇپ چېقىپ ھېچنىمىگە ئوخشىمايدىغان قىلىۋېتىپتۇ. كىشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز دەرىجىدە بولۇپ قاپتۇ. بۇ يەردىكى ھەممە ئىشلارغا ئاپامنىڭ شۇ 50 ياشقا كىرىپمۇ يەنە پۇل تېپىشنى بىلمەيدىغان ئوغلى سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئۇ بىر تۈركۈم چۈجە ئىنكۇباتۇر سېتىۋېلىپ، ئۇلارنى ئاستىنقى قەۋەتتىكى زالغا قويغان ئىكەن. ئاپام بىراقلا 600دانە چۈجە چىقىرىپتۇ. 

    بىراق يىراق ئىنفرا سىرتقى لىنيىسى قىزىتىش ۋاقتىنى تەڭشەشتە خاتا مەشغۇلات قىلىپ قويۇپ، نەتىجىدە چۈجىلەرنىڭ بىرىمۇ ھېچنىمە يېيەلمەپتۇ. ئۇ 600 دانە چۈجىنىڭ ئاغىزى يۇمۇلماپتۇ. مۇشۇ سەۋەنلىك تۈپەيلى ئۇلار ئاچلىقتىن ئۆلۈپ قاپتۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن، ئۇ ئىككىنچى تەۋەكۇلچىلىق قىلىپ باقماپتۇ. مەن چۈجىلەر تۇخۇمدىن چىققان كۈنى قەلئەگە كەلگەن. ئۇ خۇشال كۈنلەر ئىدى. كېيىن، ئۇ ئۆلۈك توخۇ بىلەن توخۇ يېمى سېسىپ ھەممە يەرنى بىر ئالدى. ئاپامنىڭ قەلئەسىدە تاماق يېسەملا ئىچىم ئۆرلەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.

    ئاپام ئاخىرى دۇ ھەدە ۋە ھېلىقى ئۆزى بىردىنبىر ئوغلۇم دېگەن ئوغلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆلدى. ئىككىنچى قەۋەتتە ئۆزىنىڭ چوڭ ھوجۇرىسىدا. ئاپام ئەڭ ئاخىرىقى ئايلىرىدا، سوغۇق پەسىللەر ئىدى. ئۇ دائىم 4 دىن 6 غىچە بولغان قويلارنى ھوجۇرىسىغا ئەكىرىۋېلىپ، ھايۋانلارنى ئۆزىنىڭ كارۋىتىنىڭ ئەتراپىدا ئۇخلىتاتتى.

    دەل مۇشۇ يەردە، ئاپامنىڭ لىراتتىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئۆيىدە، ئاپام مۇشۇ ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ تۈگەتكەندە يەنە ئۇنىڭ كەلدى- كەتتى ھەمدە توختىماي ئۆي كۆچۈش ھاياتىدا، مېنىڭمۇ بىرىنچى قېتىم ئاپامنىڭ ئۇنداق نېرۋا كېسىلى بولۇپ قىلىشىنى كۆرگىنىم ئىدى. مەن ئاپامنىڭ راستىنلا ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم. دۇ ھەدە بىلەن چوڭ ئاكاملارنىڭ ئاپامغا نىسبەتەن بۇ خىل نېرۋا كېسىلىنىڭ بارلىقىنى بۇرۇنلا ھېس قىلغانلىقىنىمۇ بىلدىم. ئۆزۈمگە كەلسەك، ئىلگىرى مەن ئاپامنىڭ كېسىلىنىڭ قوزغالغانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئاللىبۇرۇن بۇ كېسەلگە گىرپتار بولۇپتىكەن. تۇغۇلغاندىلا مۇشۇنداق ئىكەندۇق. قان تومۇرىدىلا مۇشۇنداق كېسەللىك بار ئىكەن. ئاپام بۇ كېسىلى تۈپەيلى ئۆزىنى ئازابلاپ يۈرمەيتتى. چۈنكى دۇ ھەدە ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ كېسىلى ئاللىقاچان ئادەتتىكى بىر نورمال ئىش بولۇپ قالغان ئىدى. ئاپاممۇ نورمال ئادەمگە ئوخشاش ياشىدى. دۇ ھەدە ۋە چوڭ ئوغلىدىن باشقا ھېچكىم بۇنىڭ ئىچىدىكى سىرنى چۈشىنەلمەيتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇن دوستلىرى بار ئىدى. ئاپام بۇ ئۇزۇن يىللىق دوستلىرىنى ساقلاپ قېلىپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن يېڭى دوستلار بىلەن تۇنىشاتتى. بۇ يېڭىدىن تۇنۇشقان دوستلىرىنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن سەھرادىن كەلگەن ياشلار ئىدى. ياكى بولمىسا دۇران رايونىدىكى ئادەملەر ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى فىرانسىيە مۇستەملىكە يۇرتقا قايتۇرغانلار ئىدى. ئاپام مۇشۇنداق نۇرغۇن ياش قورامى ئوخشاش بولمىغان ئادەملەرنى ئەتراپىغا يىغىپ، ئۇلارغا دەيدىغىنى ئۆزىنىڭ ئەقللىق ھەمدە نەقەدەر جەڭگىۋارلىقلىقىنىڭ سەۋەبى دەل ئۇنىڭ خۇشال، يەنى ئۆزىنىڭ تەڭدىشى يوق تۇغما بولۇپ، ھارغانلىقنى بىلمەيدىغانلىقى سەۋەبلىك دەيتتى.

    بۇ ئۈمىدسىزلىك سۈرىتىنى كىمنىڭ تارتقىنىنى بىلمەيمەن. بۇ دەل دەريا بويىدىكى ھويلىدا چۈشكەن ھېلىقى سۈرەت شۇ. بۇ بەلكىم دادامنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم چۈشكەن سۈرىتى بولۇشى مۇمكىن. نەچچە ئايدىن كېيىن، ئۇنىڭ سالامەتلىكى ياخشى بولالمىغانلىقى تۈپەيلى ئۇنى فىرانسىيە ئېلىپ كەتتى. بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە قازا قىلدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دادام فىنومپىنغا يۆتكىلىپ خىزمەت بېرىلدى. ئۇ يەردە دادام پەقەت نەچچە ھەپتىلا تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ئاپام بەلكىم دادام بىلەن فىرانسىيىگە قايتىشنى رەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئاپام يەنىلا بۇرنقى جايىدا قالدى. ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. دەل فىنومپىندىكى، بۇ سايگون دەرياسىغا ئۇدۇل ھەشەمەتلىك ئولتۇراق ئۆيىدە بولۇپ، بۇ ئۆي ئۆز ۋاقىتتا، كامبودژا شاھىنىڭ ئوردىسى ھەمدە ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان كەڭ گۈللۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئاپام دائىم قورقۇپ تۇراتتى. كەچ بولسىلا ئاپام بىزنى تېخىمۇ قورقۇتىۋېتەتتى. بىز پۈتۈن ئائىلىدىكى تۆت جان بىر كارۋاتتا ئۇخلايتتۇق.

    بۇ ئۆيدە، ئاپام دادامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغان. تىلگرامما كىلىشنىڭ ئالدىنقى كۈنى، ئاپام ئاللىقاچان ھېس قىلىپ بولغان. شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەقەت مەنلا كۆرگەن ئىدىم. بىر قۇشنىڭ ساراڭلاردەك سايراشلىرىنى ئاڭلىدىم ھەمدە شىمال تەرەپتىكى دادامنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئۈستىگە قونىۋالغان ئىدى. ئوخشاشلا ئىشخانىنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ يولدىشى قازا قىلىشىنىڭ نەچچە كۈن ئالدىدا، يېرىم كېچە بولغان ۋاقىت ئىدى، ئاپام تۇيۇقسىز دادىسىنىڭ سىماسىنى كۆرۈپ قالىدۇ. ئاپام چىراقنى ياندۇرىدۇ. بوۋام ھەقىقەتەن شۇ يەردە تۇراتتى. بوۋام سەككىز قىرلىق مېھمانخانا ئۈستىلى يېنىدا ئاپامغا قاراپ تۇراتتى. يەنە ئاپامنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازىمۇ مېنىڭ ئېسىمدە. ۋارقىراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى. ئاپام مېنى ئويغاتتى. ماڭا بولغان ئىشنى سۆزلەپ بەردى. بوۋامنىڭ قانداق قىلىپ دادامنىڭ يەكشەنبە كۈنى كىيگەن كۈلرەڭ فورمىسىنى كىيگەنلىكىنى دەپ بەردى. بوۋامنىڭ ئۇ يەردە قانداق تۇرغانلىقىنى، تىكىلىپ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى. ئاپام ماڭا«مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئۇنى چاقىرغاندەكلا بولدۇم »دېدى. ئۆزىنىڭ قورقمىغانلىقىنى، شۇ سايىسى يوقالغان تەرەپكە قاراپ يۈگۈركەنلىكىنى ئېيتتى. بوۋام بىلەن دادامنىڭ ئۆلۈمى ھەمدە قۇشلار خۇددى سايىدەكلا بىركۈندە پەيدا بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مەن ئاپامنىڭ بىلىمىگە ئازدۇر كۆپتۇر شەكسىز ھۆرمەتلەيدىغان بولدۇم. چۈنكى ئاپامنىڭ بىلمەيدىنى يوق ئىدى. ھەتتا ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنىمۇ ئالدىن سېزىپ بولالايتتى.

    ھېلىقى كېلىشكەن ئەر ئاشۇ «لموسىن» پىكاپىدىن چۈشتى. ئۇ ئەنگىلىيە تاماكىسىنى چىكىۋاتاتتى. ئۇ، بۇ بېشىغا ئەرەنچە كىگىز قالپاق كىيىۋالغان، پۇتىغا ئالتۇن رەڭلىك ئاياق كىيىۋالغان قىزچاققا قارىدى، ئۇ ئاستاغىنە قىزچاقنىڭ يېنىغا كېلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ سەل قورقۇنچاقلىقىنى قاراپلا بىلگىلى بولاتتى. دەسلەپتە، ئۇ كۈلۈپمۇ قارىيالمىدى. ئۇ ئەر ئاۋۋال قىزچاققا تاماكىدىن بىر تال تۇتتى. ئۇنىڭ قولى تىترەۋاتاتتى. ئۇلاردا مىللەت پەرقى بار ئىدى. چۈنكى ئۇ ئاق تەنلىك ئەمەس ئىدى. بىراق چوقۇم قىزلاردىن ئۈستۈن تۇراتتى. شۇڭا ئۇ تىترەپ كەتتى. قىزچاق ئۇنىڭغا تاماكا چەكمەيدىغانلىقى ئېيتىپ«چەكمەيمەن رەھمەت» دېدى. قىزچاق ئۇندىن باشقا ھېچقانداق گەپ قىلمىدى. قىزچاق ئۇنىڭغا«مېنى ئۇرماڭ»دېمىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ سەل خاتىرجەم بولدى ھەمدە قىزچاققا ئۆزىنىڭ چۈش كۆرىۋاتقاندەك بولغانلىقىنى ئېيتتى. قىزچاق جاۋاپ قايتۇرمىغان ئىدى. قىزچاق كۈتىۋاتاتتى. بۇ ۋاقىتتا ئەر ئۇنىڭدىن«نەدىن كەلدىڭىز» دەپ سورىدى. قىزچاق ئۆزىنىڭ شالېك قىزلار مەكتىپىنىڭ ھېلىقى ئايال ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ ئەر ئۆزىنى سەل تۈزەشتۈرۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن بۇ خانىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىغانلىقىنى، قىزچاقنىڭ ئاپىسى ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئاپىسىنىڭ كامبۇدژادا يەر ئىجارىگە ئېلىپ ئانچە يۈرىشمىگەنلىكىنى ھەمدە «مۇشۇنداق ئىش بولغانمۇ؟»دەپ سورىدى. «شۇنداق، دەل مۇشۇنداق بولغان»دېدى. 

    ئۇ قايتا-قايتىلاپ مۇشۇ كىچىك پارومدا ئۇنى ئۇچىرىتىشنى ناھايىتى تەس ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. دەل شۇ كۈنى ئەتىگەندە، شۇنچىلىك چىرايلىق بىر قىزنىڭ، ئاق تەنلىك بىر قىزنىڭ، ئويلىمغان يەردىن ئۇچىراپ قالغانلىقىنى، يەنە كىلىپ تېخى يەرلىكلەر يولۇچىلار ئاپتومۇبىلىغا چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

    ئەر قىزچاققا بېشىدىكى قالپاقنىڭ ئۇنىڭغا بەك ياراشقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەرەنچە قالپاقنى ئېلىۋەتسە، راستىنلا ئۆزگىچىلا بولۇپ قالاتتى. نېمىشقا بولمايدىكەن، قىزچاق شۇنچىلىك چىرايلىق تۇرسا، ئۇ قانداق ياسانغىسى كەلسە شۇنداق ياسىنىدۇ-دە.

    قىزچاق ئۇ ئەرگە قاراپ تۇراتتى. قىزچاق ئۇنىڭدىن كىملىكىنى سورىدى. ئۇ ئەر ئۆزىنىڭ پارىژدىن ئۆگىنىش قىلىپ يېڭىدىن قايتىپ كەلگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ شالېكتا تۇردىغانلىقىنى، دەل دەريانىڭ ئۇ تەرىپىدىكى كۆك رەڭلىك دېرىزە رامكىسى بىلەن تام قوپۇرۇلغان چوڭ ئۆيدە ئىكەنلىكىنى، ئۇ يەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. قىزچاق ئۇنىڭدىن نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگولۇق بولۇپ، ئۆزىنىڭ جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى فۇشۈن شەھىرىدىن كەلگەنكىلىنى ئېيتتى. سىزنى سايگوندىكى ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قويىشىمغا قوشۇلامسىز؟ قىزچاق قوشۇلدى. ئۇ ئەر شوپۇرغا ماشىنىدىكى قىزچاقنىڭ يۈكتاقلىرىنى چۈشۈرۈپ، ئاندىن ئۇنى ئۆزىنىڭ پىكاپىغا سالدى.  

    بۇ جۇڭگولۇق، ھېلىقى شۇ يەرلىكلەرنىڭ بارلىق ئۆي زېمىنلىرىنى باشقۇرىۋالغان ئاز ساندىكى جۇڭخۇا سودىگىرى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى زاتلارغا تەۋە ئىدى. ئۇ دەل ھېلىقى كۈنى مىكون دەرياسىدىن ئۆتۈپ سايگونغا بارىدىغان ھېلىقى كىشى ئىدى.


    قىزچاق ھېلىقى قارا پىكاپقا ئولتۇردى. ئىشىك يېپىلدى، بىر خىل ئارانلا ھېس قىلالايدىغان ئۇھسىنىش بىلەن ماشىنا ئوت ئىلىپ قوزغالدى. مەن بىردىنلا ئۆزۈمنى ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىپ قالدىم. دەريا يۈزىدىكى كۈن نۇرىمۇ بارغانسېرى ئاجىزلاشقا باشلىدى. يەنە، قولىقىم ئازىراق غۇڭۇلداپ قالغان ئىدى. ھەممە نەرسە بىئاراملىق تۇمان ئىچىگە قاپلىنىپ كەتكەن ئىدى.
    مەن ئەمدى شۇ يەرلىكلەرنىڭ يولۇچىلار ئاپتۇبۇسىغا چىقماي ساياھەت قىلساممۇ بولىدىغان بولدى. لىموسىن چوڭ پىكاپىم مېنى مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان بولدى. لېكىن مەن مەڭگۈ ئازاب پۇشايمان ئىچىدە ياشايدىغان بولدۇم. ئۆزۈمنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىمغا، مەن ئېرىشكەن بارلىق نەرسىلەرگە، ۋاز كەچكەن بارلىق نەرسىلىرىمگە پۇشايمان قىلدىم. ياخشى يامان بولسىمۇ ئوخشاشلا ماڭا پۇشايماندەك بىلىندى. ئاشۇ تۇنۇش بولغان يولۇچىلار ئاپتوبوسى، ھېلىقى مەن ئىلگىرى چاقچاقلىشىپ باققان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى شوپۇرى، ئاشۇ يۈك-تاق جازىلىرىنىڭ ئۈستىدىكى بالىلار، يەنە مېنىڭ شالېكدىكى ئاشۇ ئۆيۈم، ھېلىقى شالېكدىكى ئۆيدىكى كىشىنى بىزار قىلىدىغان ئەبلەخ ۋە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جىمجىتلىقىلارمۇ بار ئىدى.   
    ئۇ ئەر ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى، ئۆزىنىڭ پارىژدىكى تۇرمۇشتىن زېرىككەنلىكىنى، پارىژدىكى شۇ ئۇماق قىزلارنى ياقتۇرمايدىغانلىقنى، ھېلىقى توي مۇراسىملىرى، ھېلىقى بومبىلار قاتارلىقلار..... يەنە ھېلىقى گابور ۋە رودەنات قەھۋەخانىسى بولۇپ، مەن تېخىمۇ بەكىرەك رودنات قەھۋەخانىسىنى ياختۇراتتىم، ئاشۇ كەچلىك كۇلۇبلارمۇ بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئەر ئىككى يىل ئىچىدە ئۆتكۈزگەن «ئەڭ قالتىس» تۇرمۇشى ئىدى. قىزچاق ئۇنىڭ ئۇزاق بولغان ئائىلىسىنىڭ بايلىقىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان سۆزلەرنى قىلىۋاتاتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئائىلىسىنىڭ بار بولغان ئومۇمىي پۇلى نەچچە يۈز مىليونغا بارىدۇ دېسە بەلكىم بۇنچە ئۇزۇن ئەزىۋەلەشنىڭ ئورنى يوق ئىدى. ئۇ سۆزنى داۋام قىلىۋەردى. ئۇنىڭ ئانىسى ئالەمدىن ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ پەقەت بىرلا يالغۇز بالا ئىكەن. ھازىر پەقەت ئاتىسىنىڭ مال دۇنياسىغا ئىگە بولۇشلا قاپتۇ. بىراق دادىسىنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلەمسىز؟ دادىسى ئەپيون بىلەن بىللە ياشاۋاتقىلى توپتوغرا ئون يىل بوپتۇ. ئۇ كۈندە مىكون دەرياسىغا قاراپ، ئۆزىنىڭ ھەربىيچە كارۋىتىدا يېتىپ ئۆزىنىڭ بايلىقىنى باشقۇرىدىكەن. قىزچاق ئۇنىڭغا گەپلىرىنى چۈشەنگەنلىكىنى ئېيتتى.   
    كېيىن دادىسى ئوغلىنىڭ شالېكدىكى بىر ئاق تەنلىك جالاپ بىلەن توي قىلىشىنى رەت قىلدى. ئۇ ئەر پىرومدىكى كېمىنىڭ يان تەرىپىدە ئۇ قىز بىلەن ئەھۋالىشىشىتن بۇرۇنلا، بۇ ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىغان ئىدى. دەل ئاشۇ قارا رەڭلىك لىموسىن پىكاپىدىن چۈشۈپ، قىزچاققا يېقىنلاشقان ۋاقىتتىلا، قىزچاق بۇنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭ قورققانلىقىنى بىلەلىگەن ئىدى.
    شۇ دەقىقىدىن باشلاپلا، قىزچاق نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ بولغان ئىدى، قىزچاق ئۆزىنىڭئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتۈپ بولغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدى. ھەتتا ئۇ بولمىسىمۇ، باشقا بىر ئادەم بولسىمۇ، مۇھەببەت يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان ۋاقىتتا، قىزچاق يەنە ئوخشاشلا ئۇنى خالىغىنىچە ئوينىتىپ قوياتتى. قىزچاق شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشنىڭ يەنە بىر تەرىپىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئۇنىڭغا ئۆز-ئۆزىگە ئىگە بولالمايدىغان ۋاقىتلار بەلكىم يېقىنلىشىپمۇ قالغان ئىدى. ئۇ تېخى ئۆزىنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بولغان بەزى مەجبۇرىيەتلىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا ئامالسىزمۇ قالاتتى. ئۇ كۈنى بۇنىمۇ ھېس قىلغان ئىدى، بۇنداق ئىشلارنى ئاپىسىنىڭ ياكى ئاكىسىنىڭ سېزىپ قېلىشقا قەتئىي بولمايتتى. ئۇ قارا رەڭلىك لىموسىن پىكاپىدا ئولتۇرغىنىدا، قىزچاق پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ بۇ ھاياتىدا تۇنجى قېتىم ھەمدە ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئائىلىسىدىن ئايرىلغانلىقىنى ھېس قىلدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، ئائىلىسىدىكلەر ئۇنىڭ ئۇچىرىغان بارلىق كۈلپەتلىرىنى سۈرۈشتە قىلمىسىمۇ بولىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ كىشىلەر ئۇلارنىڭ قولىدىن ئۇنى بۇلاپ كەتتى. ئۇنى ئازابلىدى، ئۇنى دەپسەندە قىلدى، ئۇلارنىڭ بۇلارنى بىلىشىمۇ تازا ياخشى ئەمەس ئىدى. مەيلى ئاكىسى ياكى ئاپىسى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىلسە بولمايدۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مۇشۇلار ئۇلارنىڭ تەقدىرى بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ ئوي-پىكىرلەر قىزچاقنىڭ شۇ قارا رەڭلىك لىموسىن پىكاپىدا ئولتۇرۇپ ئازابلىق ياشلىرىنى تۆكۈشكە يېتەرلىك ئىدى.   
    شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ قىزچاق شۇ ئەر بىلەن بېرش- كېلىش قىلىشنى باشلىدى. بۇ تۇنجى قېتىم دەل ئاشۇ كىچىك پارومدا پەيدا بولغان ئەر ئىدى.
ئىشلار ناھايىتى تېزلا راۋاجلىنىپ، ھەپتىنىڭ تۆتىنچى كۈنى يۈز بەردى. ئۇ ھەر كۈنى قىزچاقنى ئوتتۇرا مەكتەپكە ئالغىلى باراتتى ھەمدە ئۇنى مەكتەپنىڭ ياتىقىغا ئاپىرىپ قوياتتى، كېيىنكى بىر قېتىمدا، بىر ھەپتىنىڭ تۆتىسى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئالايىھەتەن مەكتەپ ياتىقىغا كېلىپ، ئۇنى ھېلىقى قارا رەڭلىك ماشىنىسىغا ئېلىپ كەلدى. ماشىنا قىرغاقتا ئىدى. بۇ يەر، ھېلىقى جۇڭگولۇقلار شەھەرچىسى بىلەن سايگون شەھەر مەركىزىنى ئۇلاپ تۇرىدىغان دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان يول ئېنىق بىلىنىپ تۇرىدىغان جاي ئىدى. بۇ ئامېرىكا يوسۇندىكى كەڭ كەتكەن يوللاردا رېلىسلىق تىراللىبوس، قول ھارۋىسى، چوڭ يولۇچىلار ئاپتوبوسلىرى ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بەكمۇ قىزقارلىق بىلىنمەيتتى. ھازىر چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىت ئىدى، ۋاقىت خېلى بالدۇر بولۇپ، ئۇ ياتاقلىق مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ مەجبۇرىلاش خاراكتېرلىك چۈشتىن كېيىنلىك سەيلە پائالىيىتىن قېچىپ چىققان ئىدى.  
    بۇ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە ئورۇنلاشقان بىر ئاددىغىنا ئۆي ئىدى. ئۆي ناھايىتى زامانىۋىي، ئۆي جاھازلىرىنىڭ ھەممىسى بىر خىل دەۋىرگە خاس پاسوندا ئىدى. لېكىن قارىماققىلا ناھايىتىمۇ ئالدىراش سەرەمجانلاشتۇرۇلغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ياخشىراق ئائىلە جابدۇقلىرىنى تاللىيالماپتۇ. ئۆيگە يورۇقلۇق ناھايىتىمۇ ئاز چۈشەتتى. لېكىن قىزچاق ئۇنىڭغا دېرىزە پەردىسىنى ئېچىۋېتىشنى ئېيتمىدى. قىزچاق بىر خىل ئېنىق سۈپەتلىگىلى بولمايدىغان ھېسسىياتنى تېخى ھېس قىلالمىغان ئىدى. خالىمىغان تەقدىردىمۇ رەت قىلمايتتى. بەلكىم بۇمۇ بىر خىل ئارزۇ-ئىستەكنىڭ بىشارىتىدۇر. ئۇ قىزچاقنى بىرىنچى كۈنى كەچتە بۇ يەرگە تەكلىپ قىلغان ۋاقىتتا، قىزچاق دەرھاللا ماقۇل بولغان ئىدى. قىزچاق ئاخىرى ئۆزى كېلىشكە تېگىشلىك بولغان جايغا كەلدى. قىزچاق ئازىراق قورققاندەك قىلاتتى، چۈنكى ئىشلار قارىماققا قىزچاقنىڭ كۈتكىنىدەك بولماي قالغاندەك قىلاتتى. يەنە كېلىپ قىزچاقنىڭ كونكرېتىنى ئەھۋالى بىلەن ماس كەلسە توغرا بولاتتى. قىزچاق شۇ ۋاقىتتىكى مۇھىتقا، ئۇ يورۇقلۇققا، شەھەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلىرىغا شۇنچىلىك دىققەت قىلدى. چۈنكى پۈتۈن ئۆي ۋاراڭ-چۇرڭ قاپلىغان ئاۋازلار ئىچىدە ئىدى.
    يەنە ئۇ، ئۇ يەردە تىتىرەپ تۇراتتى. ئۇ ئاۋۋال قىزچاققا قاراپ تۇردى، خۇددى قىزچاقنىڭ سۆز باشلىشىنى ساقلاۋاتقاندەك قىلاتتى. لېكىن قىزچاقمۇ بىر ئېغىز تىنىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ تىتىرەشتىن توختىتىدى. ئۇ قىزچاقنىڭ چاپىنىنى سالغۇزمىدى. ئۇ پەقەت قىزچاققا ئۆزىنىڭ ئۇنى سۆيۈپ ساراڭدەكلا بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ سۆزلىگەندىكى ئاۋازى شۇنچىلىك تۆۋەن ئىدى. ئاندىن كېيىن ئۇ سۈكۈتتە تۇرىۋالدى. قىزچاق ئۇنىڭ سۆزىگە جاۋاب قايتۇرمىدى، قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ سۆيمەيدىغانلىقىنى ئېيتسا بولىۋېرەتتى. لېكىن قىزچاق ھېچنېمە دېمىدى. تۇيۇقسىزلا قىزچاق ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى ھەمدە ئۆزىنى مەڭگۈ چۈشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدى. چۈنكى يۈزەكىلىلا جاھان رەپتارىغا كىرىۋالغان ئۇمۇ قانداق قىلىپ قىزچاقنى قانداق ئۇسۇللار بىلەن قولغا كەلتۈرۈشنىمۇ بىلمەيتتى. بۇ نۇقتىنى ئۇ مەڭگۈ قىلىپ بولالمايتتى. پەقەت شۇ قىزلا بۇ بارلىق نەرسىنى بىلىپ تۇرۋاتاتتى. پەقەت قىزچاقنىڭ كۆڭلىگىلا ئايان ئىدى. قىزچاق ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان تەقدىردىمۇ، ئۇنى قەتئىي چۈشىنىپ كەتمەيتتى. لېكىن قىزچاق ئۇشتۇمتۇت تۇنۇپ يەتكەندەك بولدى. پارومدىكى ۋاقىتتا، قىزچاق ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالغان بولۇپ، قىزچاق ئۇنى ياخشى كۆرەتتى، ئىش پەقەت قىزچاقنىڭ قارار قىلىشغا باغلىق بولۇپ قالغان ئىدى.   
    قىزچاق ئۇنىڭغا« ئەڭ ياخشىسى مېنى ياخشى كۆرۈپ قالماڭ، سىز مېنى ياخشى كۆرگەن تەقدىردىمۇ، مەن سىزنىڭ يەنە بۇرۇنقىدەكلا باشقا ئاياللار بىلەن بولغان ۋاقىتتىكىدەك شۇنداق ئەركىن ئىختىيارىي بولۇشىڭىزنى خالايمەن» دېدى. ئۇ بەكمۇ غەيرى ھالەتتە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ:«سىزنىڭ ئارزۇ قىلىدىغىنىڭىز پەقەت مۇشۇلىمۇ ؟» دەپ سورىغاندا، قىزچاق«شۇنداق » دەپ جاۋاب بەردى. ئۇ بىئارام بولۇشقا باشلىدى، بۇ ئۆيدە، تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ، بۇ جەھەتتىن ئۇ يالغان سۆزلىمىگەن ئىدى. ئۇ قىزچاققا، ئۆزىنىڭ بۇندىن كېيىن مەڭگۈ قىزچاقنى سۆيمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. دەسلەپتە قىزچاق ئۆزىمۇ بىلمەيمەن دېگەن ئىدى، كېيىن قىزچاق ئۇنىڭغا دىگۈزىۋەتتى. 
    ئۇ ناھايىتى غېرىپلىق ھېس قىلغانلىقىنى، چۈنكى ئۆزىنىڭ قىزچاقنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېيتتى. شۇڭا بۇنداق غېرىپلىق ئۇنىڭغا نىسبەتەن تېخىمۇ رەھىمسىزلىك بولغان بولاتتى. قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن سەۋەبىنى ئېيتمىدى. ئۇ :« سىز مەن بىلەن بۇ يەرگە بىللە كىلىپ، ئەگەر مېنىڭ ئورنۇمدا باشقا بىر ئادەم بولغان بولسا، سىز يەنىلا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىلەمتىڭىز؟» دەپ سورىدى. قىزچاق:« بۇنى مەن بىلىشكە ئامالسىزمەن» دەپ جاۋاپ بەردى. چۈنكى ھېچقانداق بىر ئەر كىشى بىلەن ئايرىم بىر ئۆيگە كىرىپ باقمىغان ئىدى. قىزچاق ئۇنىڭغا ئۆزىگە بۇنداق گەپ قىلىۋېرىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى، قىزچاق ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن يالغۇز بىر ئۆيگە كىرگەن ۋاقىتقا ئوخشاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قىزچاق ئۇنىڭدىن ئۆزىگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆتۈندى.
    ئۇ قىزچاقنىڭ پۈتۈن كۆينىكىنى سالدۇردى، كەينىدىنلا ئۇنىڭ ئاق، پاختا رەختلىك كىچىك ئۈچ بۇرجەلىك كالتا ئىشتىنىنى سالدۇردى. ئاندىن كېيىن ئۇنى قىپيالىڭاچ پېتى كارۋاتكا كۆتىرىپ ئاپاردى. ئۇ كەينىنى قىلىپ تۇرغاندا، قىزچاق يىغلاپ تاشلىدى. بۇ ۋاقىتتا قىزچاق ئۇنى ئاستا تارتتى، ئۇنىڭ كىيمىنى سالدۇرۇشقا باشلىدى. قىزچاق كۆزىنى يۇمىۋالدى، سالماقلىق بىلەن ئۇنىڭ كىيمىنى سالدۇردى. ئۇ قول تۇتۇپ قىزچاققا ياردەملەشمەكچى بولغان ئىدى، لېكىن قىزچاق قويمىدى، قىزچاق ئۆز قىلماقچى بولدى، قىزچاق ئۆز قولى بىلەن قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاخىرى، ئۇنىڭ كىيمىنى سالدۇرۇپ بولدى، قىزچاق ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاستاغىنا تېنىنى يېقىنلاشتۇردى. ئۇنى قورقۇتۋەتمەسلىكنى ئويلىدى.   
    ئۇ تەن كىشىگە بىر خىل ئالاھىدە ئىللىقلىق ھېس قىلدۇراتتى. ئۇنىڭ تېنى ئورۇق ھەم ئۇزۇن ئېگىز ئىدى، كۈچ يوق، مۇسكۇل يوق، ئۇ بەلكىم بەك كۆپ كېسەل بولغان بولۇشى مۇمكىن، بەلكىم سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىۋاتقان مەزگىل بولۇشى مۇمكىن، ئۇنىڭ ساقال-بۇرتى يوق، ئەرلىك سالاپەتمۇ يوق، ئۇ ناھايىتىمۇ ئاجىز ئىدى، ئۇ خۇددى دەل مەلۇم بىر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلى خورلىنىپ، جەبىر-زۇلۇم تارتسىمۇ، يەنە ئازابقا بەرداشلىق بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى. قىزچاق ئۇنىڭغا قارىمىدى، پەقەت ئۇنى سىلاۋاتاتتى. ئۇ نالە قىلدى، ئۇ يىغلاۋاتاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ كىشىنى نەپرەتلەندۈرىدىغان سۆيگۈنىڭ ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرىۋاتاتتى. ئۇ خۇددى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغىنىغا پۇخادىن چىققاندەك قىلاتتى. قىزچاق ئۆزىنى خۇددى بارا-بارا يەردىن كۆتىرىلىۋاتقاندەك، پەرۋاز قىلغاندەك، جەننەتنىڭ دۇنياسىغا كىلىپ قالغاندەك ........دېڭىز،...شەكىلسىز، پەقەت ئۇ بولغاچ سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغاندەك.....ھېس قىلىپ قالغان ئىدى.
بەلكىم شۇ پارومدا ئاللبۇرۇنلا، بۇ ھالەتنى ھازىرقى دەقىقىدىكى مەنزىرىنى ئالدىن سەزگەندەك قىلغان ئىدى.
    بىر قېتىم مەن تۇيۇقسىز ھېلىقى ئۇزۇن پايپاق كىيىۋالغان ھالەتتىكى ئايال كىشىنىڭ ھالىتىنى سۆيگىنىمنىڭ ئۆيىدە كۆرگەندەكلا بولدۇم. خۇددى ئۇنىڭ قىزىمۇ ئۆزىگە ئوخشاش مۇشۇنداق يەردە تۇرۇپتۇ. ئەمەلىيەتتە ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئاپىسىنىڭ رومانتىك ۋاقىتلىرىنى بىلىشەتتى. لېكىن قىزى، ئۇ ۋاقىتلاردا تېخى بىلمەيتتى. ئۇلار مەڭگۈگە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلمايتتى ھەمدە ئۇلار بۇنداق ئىشلاردىن يىراقلىشىپمۇ كەتكەن ئىدى. بۇ دەل ئاپامنىڭ ياش ۋاقتىدىكى بىر مۇھىم ھالقىسى، ئەڭ ئاخىرىقى داڭدار ئىشى. ئاپام ھوزۇرلىنىشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ.
    مەن قان چىقىدىغانلىقىنى راستىنلا بىلمەيدىكەنمەن، ئۇ مەندىن «ئاغرىدىمۇ؟»دەپ سورىدى، مەن«ئاغرىمىدى» دېدىم، ئۇ ئۆزىنىڭ ناھايىتى بەخىتلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ قاننى سۈرتتى، پاكىز يۇيۇپ قويدى، مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ئۇ ئۆزىنى ئەركىن ئازادا تۇتۇپ مېڭىپ كەلگىنىدە، يەنە بىر قېتىم كۈچلۈك ھەۋەس قوزغالدى، مەندە قانداق قىلىپ بۇنداق جاسارەت بولغانلىقىنى، ئاپامنىڭ ماڭا بولغان پەرھىزىنى بۇزغانلىقىمنى بىلمەيمەن، يەنە تېخى شۇنچىلىك ئۆز ئىختىيارلىقىمچە، شۇنچىلىك كەسكىن بولۇپ، راستىنلا ئۆزۈمنىڭ قانداق قىلىپ «كىچىك تار كوچىنى ئاخىرىغىچە ماڭغان» لىق ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالغانلىقىمنى بىلمەيمەن. بىز كۆزلىرىمىزنى بىر-بىرىمىزگە تىكىشتۇق، ئۇ مېنى قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇ مەندىن نېمىشقا بۇ يەرگە كىلىدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن «بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم، خۇددى مېنىڭ ۋەزىپەمگە ئوخشاش» دەپ جاۋاپ بەردىم. بۇ بىزنىڭ تۇنجى قېتىم پاراڭلاشقىنىمىز بولۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭغا ئىككى ئاكامنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردىم. مەن يەنە بىزنىڭ پۇلىمىزنىڭ يوقلىقىنىمۇ، يۇقسىزلىقلىقىمىزنىمۇ دېدىم. ئۇ مېنىڭ ھېلىقى ئاكامنى تۇنۇيدىكەن. ئۇ ئىلگىرى بازاردىكى تاماكا دۇكىنىدا ئۇنى كۆرۈپتىكەن. مەن ئۇنىڭغا چوڭ ئاكامنىڭ ھە دېسىلا ئاپامنىڭ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ تەييارلانغان چىكىم ئېلىپ چىكىدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇنىڭ تېخى خىزمەتكارنىڭمۇ پۇلىنى ئوغرىلاپ باققان، بەزى ۋاقىتلاردا تاماكا دۇكىنىڭ خوجايىنى ئۆيگە كېلىپ ئاپامدىن قەرز سۈيلەيدىغانلىقىنى دېدىم. مەن يەنە تېخى ئۇنىڭغا دېڭىز دامبىسىدىكى قۇرۇلۇشنىڭ ئىشىنىمۇ ئېيتىپ بەردىم. مەن ئاپامنىڭ ئۆلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى، ئۇزۇنغا بېرىپ بولالمايدىغانلىقىنىمۇ دېدىم. مەن يەنە تېخى ئاپامغا ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ سەۋەبىمۇ مېنىڭ بۈگۈنكى ئىشىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتتىم. 
    مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئۇ ماڭا ئىچ ئاغرىتتى، مەن دېمىگەن بولسام ئۇ ئىچ ئاغرىتمايتتى، ئاپامدىن باشقا ھېچكىم ماڭا ئىچ ئاغرىتمايدۇ. ئۇ ماڭا«سىزنىڭ كېلىشىڭىز سەۋەبى مېنىڭ پۇلۇم بولغانلىقىدىن» دېدى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقمنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە پۇلىنىمۇ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى دېدىم. يەنە كېلىپ مەن ئۇنىڭ بىلەن تۇنۇشقان ۋاقتىمدا، ئۇ شۇ ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئىدى، شۇ پۇل-بايلىقلارنىڭ ئىچىدە ئىدى. شۇڭا مەن راستىنلا ئەگەر ئۇ بىر پۇلى يوق ئادەم بولۇپ قالسا، مەن قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمنىمۇ بىلمەيتتىم. ئۇ ماڭا« مېنىڭ راستىنلا سىزنى ئېلىپ كەتكۈم بار، سىز بىلەن يىراقلارغا كەتكۈم بار» دېدى. مەن ئۇنىڭغا ئاپام قىينىلىپ ئۆلۈشتىن بۇرۇن، ئۇنىڭدىن ئايرىلسام بولمايدىغانلىقىنى دېدىم. ئۇ قارىغاندا بۇ بەختنىڭ مەڭگۈ-مەڭگۈ كەلمەيدىغانلىقىنى، لېكىن ماڭا داۋاملىق پۇل بېرىپ تۇرىدىغانلىقىنى مېنىڭ ئەنسىرمەسلىكىمنى ئېيتتى. ئۇ يەنە قايتىدىن يېتىۋالدى، بىز يەنە جىمجىت سۈكۈت ئىچىدە قالدۇق. 
    شەھەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلىرى شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدى. مېنىڭ ئېسىمدە قىلىشىچە، كىنولارنىڭ ئاۋازلىرىنى يۇقىرى كۆتىرىۋالغانغا ئوخشاش قۇلاقنى ئاغرىتاتتى. مېنىڭ ئېنىق ئېسىمدە، شۇ ۋاقىتتا ئۆينىڭ ئىچى شۇنچىلىك قاراڭغۇ بولۇپ، ئاۋاز چىقارمىدۇق، پۈتۈن ئۆي شەھەرنىڭ ئاشۇ توختاۋسىز چىقىۋاتقان ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى بىلەن قاپلىنىپ قالغان ئىدى. خۇددى پويىز شەھەر ئىچىگە ھەيدەپ كىرىلگەنگە ئوخشايتتى. دېرىزىگە ئەينەك سېلىنمىغان بولۇپ، پەقەت پەردە بىلەن قاتقات پەنجىرە ياپراقچىسى ئورنىتىلغان ئىدى. پەردىدىن قۇياش نۇرى ئاستىدا كېتىۋاتقان پىيادىلەر كوچىسىدىكى كىشىلەرنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ يەردە ھەر كۈنى دېگۈدەكلا ئادەم شۇنچىلىك كۆپ، مىغ-مىغ ئىدى. پەردىدىكى سايە قاتقات پەنجىر ياپراقچىسى بىلەن تال-تال سىزىقلارنى چىقىرىپ تۇراتتى. ھېلىقى گېتانىڭ تاق-تاق ئاۋازلىرى كىشىنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۋېتەتتى. كىشىلەرنىڭ سۆزلەشكەن ئاۋازلىرى يۇقىرى ھەم قۇلاققا خۇشياقمايتتى. جۇڭگوچە گەپ ئەسلىدىلا ۋاراڭ–چۇرۇڭلۇق تىل. خۇددى مېنىڭ ئويلىغىنىمدەكلا، قۇملۇقتىكى بىر خىل تىل بولۇپ، ھەقىقتەنمۇ كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن غەيرى تىل ئىدى. ھازىر دەل يېرىم كېچە ۋاقىتى بولدى، چۈنكى سىرتتىكى ۋاراڭ-چۇرۇڭلار، ئادەملەرنىڭ ئاۋازلىرىدىن، شاۋقۇن ئاۋازلاردىن پەرق ئەتكىلى بولاتتى. بۇ بىر ئادەت خاراكتېرلىك كېچىدە قاينام-تاشقىنلىققا تولىدىغان شەھەر ئىدى. شۇ دەقىقىدە قۇياش ئولتۇرۇپ بولغان، كېچە كىرىش ئالدىدا ئىدى. 
    بۇ ياغاچ ياپراقلىق قاتقات پەنجىر بىلەن پاختا رەختلىك پەردە كارۋاتنى شەھەردىن ئايرىپ تۇراتتى. ھېچقانداق قاتتىق جىسىم بىزنىڭ بىرلىكىمىزنى باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرغان ئەمەس، ئۇلار، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنى بىلمەيتتى، پەقەت بىزلا ئۇلارنىڭ مەلۇم نەرسىلەر بىلەن ئۇچىرىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتۇق، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى بولغان سايىسىنى تەسەۋۋۇر قىلالايتتۇق. خۇددى بار كۈچى بىلەن جار سالغان گۈدۈك ئاۋازى قايغۇلۇق ئەكس سادا قايتۇرمىغاندەكلا ئىدى.
    كارامېلنىڭ پۇرۇقى ئۆيگىچە كىردى، يەنە يەر ياڭىقى، ئۇماچ، كاۋاپ، ئۆسۈملۈك دورا، يەسىمەن گۈلى، چاڭ-تۇزان، كۈجە، كۆمۈر ئىسلارنىڭ پۇراقلىرىمۇ كىرۋاتاتتى، بۇ يەردە ياغاچ كۆمۈر ئوتىنى سېۋەتكە سېلىپ ئۇياق-بۇياققا ئېلىپ كوچا بويلاپ سېتىشاتتى. شەھەرنىڭ پۇرىقى دېمەك يېزىنىڭ پۇرىقىدۇر. ئورمانلىقنىڭ پۇرىقىدۇر.
    مەن ئۇشتۇمتۇت ئۇنىڭ قاراڭغۇ مۇنچىدا ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇ ئولتۇرۋالغان ئىدى، قولىدا ۋىسكى قويۇلغان رومكا بار بولۇپ، تاماكىمۇ چىكىۋاتاتتى. ئۇ مېنىڭ باياتىن ئۇخلاپ قالغانلىقىمنى، ئاندىن يۇيۇنۋالغانلىقىنى ئېيتتى. ئەمەلىيەتتە مەن تېخى ئەمدىلەتىن ئۇيقىغا بارغان ئىدىم. ئۇ بىر پاكار ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىكى ئۈستەل چىرىقىنى ياندۇرۇپ قويغان ئىدى. بۇ بىر مۇھەببەتكە ماھىر ئادەم، مەن تۇيۇقسىز ئۇنى ئېسىمگە ئالدىم، ئۇ دائىم بۇ ئۆيگە كىلىدۇ، ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان قەلىبلەرنى ئازارلىغان تۇرمۇشى بولغان. ئۇ شۇنچىلىك قورقۇنچاق بىر ئەر كىشى. ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى ۋەھىمىنى يوقىتىش ئۈچۈن، ئامالسىز ھاۋايى ھەۋەسنىڭ ئىچىگە چۆكەتتى. مەن ئۇنىڭغا چوقۇم نۇرغۇن ئاياللىرى بارلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ شۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرى بولۇپ قىلىشنى خالايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. بىز ئۆزئارا بىر بىرىمىزگە قاراپ تۇرىشاتتۇق. ئۇ مېنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىمنى چۈشەندى. تۇيۇقسىز ئۇنىڭ كۆز ئىپادىسى ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۆزگـەرتكىنى شۇنچىلىك ساختا، خۇددى قاتتىق ئازابلانغاندەك، ئۆلۈم بىلەن تىركەشكەندەكلا قىلاتتى. 
    مەن ئۇنى چاقىردىم، ئۇنىڭغا چوقۇم يېنىمغا كېلىشنى ئۆتىندىم. ئۇ كەلدى، ئۇنىڭ تېنىدە بىر خىل ئەنگىلىيە تاماكىسىنىڭ ھېدى بار ئىدى. يەنە ئالىي دەرىجىلىك ئەتتىرە ۋە ئېنىق ھەسەلنىڭ پۇرىقىمۇ بار ئىدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنىڭ ھېلىقى كۈنىدىكى دەريادىن ئۆتكەن ۋاقىتىلا ئاللىبۇرۇن ھېس قىلىغانلىقىنى، مېنى تۇنجى ئاشنا تۇتقاندىن كېيىنلا، مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ قالىدىغانلىقىمنى بىلىدىغانلىقىنى، كېيىن ھېسسىياتىم، ھاۋايى-ھەۋەسلىرىمنىڭ ئۇرغۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە ئۆزىنى چوقۇم ئالدايدىغانلىقىمنى، خۇددى مېنى قوغلاشقان بارلىق ئەرلەرنى ئالدىغانغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۆزىنىڭمۇ، بۇرۇنلا بىر بەخىتسىز ئالماش ئالتالغۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ماڭا بولغان بۇ ھەقىقىي سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلىقىمدىن ھەمدە ماڭا ئېيتقان بۇ كۆڭلىگە ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. ئۇ تۇيۇقسىز شۇنچىلىك قوپال بولۇپ قالدى، ھېسسىياتىنى شۇنچىلىك باسالمىدى، ئېتىلىپ كەلدى، مېنىڭ كىچىك ئەمچىكىمنى شورىدى، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى، لەنەت ئوقۇدى. مەن كۆزۈمنى چىڭ يۇمىۋالدىم، بۇ خىلدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەرگە بەرداشلىق بەردىم. ئۇ راستىنلا پىشقان بولۇپ، خۇددى ئۇنىڭغا ئادەتتىكى بىر ۋاق تاماقتەكلا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى خۇددى جىنسىي مۇھەببەتتەكلا، مۇشۇنىڭغا ئوخشاشلا دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭ قوللىرى شۇنچىلىك مەلىكىلىك، سېھرىي، شۇنچىلىك گۈزەل ئىدى. مەن نېمە دېگەن بەخىتلىك، ناھايىتى ئېنىق، بۇ ساھەدە ئۇ شۇنچىلىك كەسىپچان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىلەرنى قىلىش، نېمىلەرنى قىلماسلىقىنى، نېمىلەرنى دىيىش كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلەتتى. ئۇ مېنى بىر پاھىشە ئورنىدا كۆردى، پەقەت خۇرۇم ئاياقتەكلا. ئۇ ماڭا مېنى بىردىنبىر سۆيگۈنى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتى. لېكىن بۇ ئەلۋەتتە ئۇنىڭ دىيىشكە تېگىشلىك سۆزى ئىدى، چۈنكى سىز ئۇنىڭ قالايمىقان سۆزلىرىگە، خالىغىنىنى قىلىشىغا قارىماي، ئۆزىڭىز ئىخىتيارسىزلا، ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىپ ئويناپ، بارلىق كۈچى، تۈرلۈك يوللار بىلەن بەتقىلىق ئىشلارنى قىلغاندىلا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەممە نەرسىسىنىڭ شۇنچىلىك ئېسىل، بوزەك قىلمىغانلىقى، بارلىق تاشلاندۇقلارنىڭ يېپىپ كەتكەندەك، ئاشۇ ھەۋەسنىڭ تۈرتكىسدە قاينام ئىچىگە كىرىپ ئۆركەشلىمەكتە ئىدى.
     شەھەرنىڭ قالايمىغان ئاۋازلىرى بارغانسېرى يېقىنلىشىپ كىلىۋاتاتتى، ھەتتا ئۇلارنىڭ قاتقات پەنجىر ياپراقچىلىرىغا تىگىشىۋاتقان ياغاچ تاختىلارنىڭمۇ ئاۋازلىرىمۇ ئاڭلىناتتى، بۇ خىل ئاۋازدىن ئۇلار خۇددى بۇ ئۆيگە كىرىدىغاندەكلا بىلىنەتتى. بۇنداق ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاۋازلىرى ئىچىدە، مەن بۇ يەردە، ئۇنىڭ تېنىنى سىلاۋاتاتتىم. دېڭىز، ئومۇملاشتۇرۇپ دېگەندە، بىرگە بولۇش چەكسىز كەتكەن دېڭىز، خالىغاندا يىراقلايدىغان خالىغاندا يېقىنلىشىدىغان....
    ئۇ بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇرۇپ ماڭا سۇندى، ئۇلاپلا مېنىڭ ئاغىزىمغا چاپلاپ تۇرۇپ بوش ئاۋازدا ماڭا سۆزلىدى،
    مەنمۇ ئۇنىڭ تۆۋەن ئاۋازدا دېگەن سۆزنى ئاڭلىدىم.
    چۈنكى ئۇ ئۆزىنى ماختاشقا، مېنىڭ ئۇنىڭغا خوشامەت قىلىشىمغا ئادەتلەنمىگەن ئىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىدىكى بىر خىل نەپىسلىك سالاپىتىنى بىلمەيتتى، مەن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن سۆزلەپ كېتەتتىم.
    ھازىر كېچە كىرىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇ ماڭا بۇندىن كېيىن، بۇ چۈشتىن كېيىننى ئېسىمدە چىڭ تۇتۇشىمنى ئېيتتى، ھەتتا ئۇنىڭ چىرايىنى، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنتىماسلىقىمنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭدىن بۇ ئۆينى ئەسلەش ئەسلىمەسلىكىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا«ئۇنداق بولسا، كېيىن كۆرۈڭ»دېدى. مەن بىر قاراپ قويدۇم. مەن ئۇنىڭغا بۇ ئۆينىڭ ناھايىتى ئاددىيلىقىنى، باشقا ئۆيلەرگە ئوخشاشلىقىنى دېدىم. ئۇ « ھەئە»، «دەل شۇنداق، باشقا يەردىكى ئۆيلەرمۇ مۇشۇنداقمۇ؟ »دەپ سورىدى.
     مەن بۈگۈن ئۇنىڭ يەنە بىر چىرايىنى كۆردۈم، مەن يەنە ئۇنىڭ ئىسىمنى ئېسىمگە ئالدىم، مەن يەنە ھاكلانغان ئاق تامنى، ئاشۇ مەشكە ئۇدۇل تۈز سىزىقلىق رەخت پەردىنى، ھېلىقى ئۇنىڭدىن باشقا بىر ئۆيدىن يەنە بىر ئۆيگە تۇتىشىدىغان ئەگەمە پولات لىملىق ئىشىكنى ھەمدە ئوچۇق گۈللۈككە تۇتىشىدىغان، ئىچىدىكى گۈل-گىياھلارنىڭ ھەممىسى پىژغىرىم ئىسسىق سەۋەبىدىن قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى، ئەتراپىدىكى كۆك رەڭلىك رېشاتكىلىق تاملارنىڭ، خۇددى شالېك شەھىرىدىكى ھېلىقى مىكون دەرياسىغا قارالغان چوڭ داچىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆردۈم.  
    بۇ تولىمۇ قايغۇلۇق، تۈگەشكەن جاي ئىدى. ئۇ مەندىن نېمىنى ئويلاۋاتقانلىقمنى سورىدى. مەن ئاپامنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى، ئەگەر ئاپامنىڭ بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلسە، ئاپامنىڭ چوقۇم مېنى ئۆلتۈرۋېتىدىغانلىقىنى دېدىم. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇپ بىر گەپنى ئويلىدىم. ئاندىن ئۇ ئاپامنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇ دوراپ : مۇشۇنداق نۇمۇسسىز ئىشىنى قىلدىڭمۇ دىدى، ئۇ ئەگەر بىز توي قىلالىغان بولساق، ئۇ بۇنداق قاراشنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم ئۇمۇ ماڭا قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئۆزنىڭ چۈشەندۈرۈش بەرگىنىدىن مەغرۇرلاندى. ئۇ مەيلى ئۆز ئارا ھېسسىيات بار ياكى يوق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىشلار بولغاندىن كېيىن ناھايىتىمۇ ئازابلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ماڭا بۇ خىل ئازابنىڭ كېچە ئۆتسىلا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، كېچە بولغاندىلا ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
     مەن ئۇنىڭغا پەقەت كۈندۈزى بولغانلىقىدىن ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ خاتالاشقانلىقىنى، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىمنىڭ ھازىرقى ھالەت مېنىڭ كۈتۈشىمنىڭ بىر قايغۇ-ھەسىرەت ئىچىدە ئىكەنلىكى، يەنە كىلىپ بۇ خىل قايغۇ–ھەسىرەتنىڭ تۈپتىن ئۆزۈمدىن بولغانلىقىنى دېدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ ئەزەلدىن قايغۇ-ھەسىرەتلىك ئادەم ئىكەنلىكمنى، ھەتتا مېنىڭ بۇنداق قايغۇ –ھەسرىتىمنى قاراپ بىلگىلى بولىدىغانلىقىنى، شۇ ئىلگىرىكى قايغۇ-ھەسىرەتلەرگە ئوخشاش ئىدى، شۇڭا بۇ خىل قايغۇلۇقنىڭ مەن بىلەن مۇشۇنىڭدەك ئوخشاش ئىسىم قويۇلۇپ قالغاندەكلا بىلىنىدىغانلىقىنى دېدىم. لېكىن بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، مەن ئۇنىڭغا بۇنداق قايغۇ- ھەسىرەتنىڭ مېنىڭ بەختىم بولۇپ قالغانلىقىنى، خۇددى ھەر قېتىم ئاپامنىڭ شۇ مەنىسىز تۇرمۇشىدىكى يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىغان ۋاقتىغا ماڭا ئېيتقان ئاتالمىش نەس باسقان بەخىتكە ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتىم.
     مەن ئۇنىڭغا ئاپامنىڭ شۇ گىپىنى قەتئىي چۈشەنمەيدىغانلىقمنى، لېكىن بۇ ئۆينىڭ مەن دەل ئارزۇ قىلغان جاي ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم، مەن بىر تىنىق بىلەنلا دەۋەتتىم، ئۇنىڭ ئىپادىسىنى كۈتمىدىم. مەن ئاپامنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا تىللاشلىرىنىڭ ھېلىقى تەڭرىنىڭ ئەۋەتكەن ئەلچىسى دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتىم. ئۇنىڭ يۇقىرى ئاۋازلاردا مەڭگۈ ھېچقانداق نەرسە كۈتمەسلىكىمنى، مەيلى قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ياكى قانداقلىكى ھاكىمىيەت، مەيلى قانداقلىكى تەڭرى بولسۇن، ھەممىسىدىن ھېچنەرسە كۈتمەسلىكنى ئېيتقانلىقىنى دېدىم. ئۇ مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاپ تۇردى، مېنىڭ كۆزۈمگە تىكىلىپ قاراپ ئولتۇراتتى. مەن ئېغىز ئېچىپ سۆزلەپلا قالسام، ئۇ مېنىڭ ئاغزىمغا، يالىڭاچ بەدىنىمگە قاراپ تۇراتتى، مېنىڭ تېنىمنى سىلايتتى، بەلكىم مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن. مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى، قىلچىمۇ بەخت ھېس قىلمىغانلىقىمنى، بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلەمنىڭ ئاپامنىڭ مائاشىغا قاراشلىق ئىكەنلىكىمىزنى، تۇرمۇشىمىزنىڭ ناھايىتىمۇ كەمبەغەلىكىنى، ھەتتا يەيدىغان، كىيىم كېچەكلەرنىڭ بىز ئۈچۈن بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردىم. سۆزلىگەنسېرى كۆڭلۈم يېرىم بولدى، ئۇ مەندىن « سىلەر قانداق كىلىپ قالدىڭلار؟»دەپ سورىدى، مەن ئۇنىڭغا بىزنىڭ داۋاملىق ئۆيدە تۇرمايدىغانلىقىمىزنى، چۈنكى كەمبەغەلچىلىكتىن ھەتتا ئۆيىمىزنىڭ ئىنتايىن يوقسىزلىقىنى، دائىم سىرتلاردا مۇساپىر بولىدىغانلىقىمىنى، كىم نېمىنى قىلىمەن دېسە شۇنى قىلىدىغانلىقىمىزنى، پۈتۈن ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بىر مۇساپىرچىلىقتا ئۆتىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىمىزنى، دەل مۇشۇ سەۋەبلىك مېنىڭ بۇ يەرگە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنلىكىمنى ئېيتتىم. ئۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ تېنىمگە شۇڭغۇدى. بىز مۇشۇنداق بىردەم مىدىرلىمىدۇق. سىرتتىكى شەھەر ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئىچىدە ئېڭىرماقتا. دەسلەپتە بىز تېخى سىرتلاردىكى شاۋقۇن ئاۋازلارنى ئاڭلىغان ئىدۇق، كېيىن ھېچنىمىنى ئاڭلىيالمىدۇق.
     مېنىڭ تېنىمگە بىر دەم يېنىك سۆيۈشلىرى مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئىخىتىيارسىز يېرىم قىلىپ كۆز يېشى قىلدىم. قارىغاندا سۆيۈشۈش كىشىگە تەسەللىي بېرەمدۇ قانداق؟ مەن ئۆيدە ئەزەلدىن يىغلىمايتتىم. لېكىن بىر كۈنى مەن بۇ ئۆيدە، كۆز يېشىدىن تەسەللىي تېپىپ ئۆتكۈدۈم. مېنىڭ كەلگۈسىمگىمۇ تەسەللىي بەردى. مەن ئۇنىڭغا ھامان بىر كۈنى ئاپامدىن ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىمنى ھەمدە ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالىدىغانلىقىمنىمۇ دېدىم. مەن يىغلىدىم، ئۇ بېشىنى مېنىڭ تېنىمگە قويدى، مېنىڭ يىغلىغىنىمنى كۆرۈپلا ئۇ بېشىنى كۆتىرىۋالدى. مەن ئۇنىڭغا ئۆسمۈر ۋاقتىمدا ئاپامنىڭ بەخىتسىزلىكىنىڭ مېنىڭ چۈشۈمنىڭ باش تېمىسى بولۇپ، چۈش كۆرسەملا شۇ ئاپامنى كۆرەتتىم، ئەزەلدىن رېتۇرداۋا دەرىخىنى چۈشەپ باققىنىم يوق، بەزى ۋاقىتلاردا ئاپامنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىك تۇرمۇش دەستىدىن تۈگەشكەن تېرىلىرىنى چۈشەپ قالاتتىم، بەزىدە ئاپامنىڭ چۆل-باياۋاندا ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاۋاتقانلىقىنى ياكى بولمىسا ئۇنىڭ يېمەكلىك ئىزدەۋاتقانلىقىنى ياكى بولمىسا تۈگىمىگەن ئۆزىنىڭ گەپ–سۆزلىرىنى، --مالى رېگلان دروبايسنىڭ ئوقۇبەتلىرىنى سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ دېمەكچى بولغانلىرى ئۆزىنىڭ بىگۇناھلىقى، ئاددىي-ساددىلىقى، ئارزۇ ئارمانلىرىدۇر ئېھىتىمال.   
    ھېلىقى قاتقات ياپراقلىق پەنجىرىدىن كېچە بولغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. شاۋقۇن ئاۋازلار يەنە كۆتىرىلىپ، تېخىمۇ بەك ئەۋىجگە چىقىپ قۇللاققا خۇشياقماي قالغان ئىدى. سۇس قىزىل رەڭلىك يول چىراقلىرى يورىتىلدى.
    بىز ھوجۇرىدىن چىقتۇق. مەن يەنە ھېلىقى قارا رەڭلىك يىپەك ئەرەنچە شىلەپىنى، ھېلىقى ئالتۇن رەڭلىك خۇرۇم ئايىقىمنى كىيىۋالدىم، ئاغزىمغا قىزىل رەڭلىك لەۋ سۇرىقى سۈرىۋالدىم، ئۇچامغا پۈتۈن يىپەك كۆينەك كىيىۋالغان ئىدىم، مەن ماغدۇرىمدىن كەتتىم، تۇيۇقسىز بۇنى ھېس قىلىپ قالدىم، ئۇ بۇنى بىلىپ قالدىمۇ قانداق، شۇنىڭ بىلەن«ھاردىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى.
    پىيادىلەر يولىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئادەملەر توپى قايناپ كەتكەن ئىدى، ئادەملەرنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيتتى، بەزىلىرى ئالدىرىمايتتى، بەزىلىرى ئالدىراش ئىدى، بىز ئامالسىز ئادەملەر توپىدىن قىستىلىشىپ بىر يولغا چىقىۋالدۇق. بۇ ئادەملەر توپى خۇددى كىشىنى زېرىكتۈرىدىغان ئىگىسى يوق ئىتتەكلا ئىدى. يەنە خۇددى ھېچ بىر مۇددىئاسى يوق ئۇياق-بۇياققا چېپىپ يۈرگەنلەرگە ئوخشايتتى. مانا بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ كوچىسى ئىدى. بۇنداق ئادەملەر توپىنى بۈگۈنكىدەك ئاۋات مەنزىرىدىلا كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ ئادەملەر توپلىشىپ مېڭىشنى ئادەت قىلغان ئىكەن، ئەزەلدىن تەمتىرىگەن ئەمەس، قىستاڭچىلىقتىكى ئۇ شاۋقۇن ئاۋازلىق ئادەملەر توپىدا خۇددى يېنىدا ئادەم يوقتەكلا، خۇددى بەخت يوقتەك، ئازاب يوقتەك، ھېچقانداق بىر قىزىقىش يوقتەك، پەقەت يول مېڭىشنىلا بىلدىغاندەكلا بولۇپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئالماقچى بولغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، پەقەت بۇ يەردە ئايلىنىۋاتقاندەكلا، چۆگلەپ قويغاندەكلا قىلاتتى. ئۇلار تەنھا پېتى كېشىلەر توپى ئارىسدا بولۇپ، لېكىن قەتئىي يالغۇزلۇقنى ھېس قىلىپ باقمىغاندەك قىلاتتى.   
    مەن جۇڭگو مېھمانخانىسىغا كەلدىم، ئۇ بارلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. خۇددى سودا سارايدەك چوڭلۇقتا، ئىچىدە نۇرغۇنلىغان كىچىك ئۆيلەر بار ئىدى. رەستە بازاردا بالكون ۋە پىشايۋانلارغا ئوخشايتتى. بۇ قۇرۇلۇشلار ئىچىدىن چىقىۋاتقان ئاۋازلار ياۋروپا قىتئەسىدە كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايتتى. ئاۋۋال ئاشخانىدىكى مېھمانلارنىڭ تاماق ئېلىش ئۈچۈن ۋارقىرىغان ئاۋازلىرى، ئاندىن كېيىن، ئاشپەزنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا ئەگىشىپ چىقىۋاتقان ئاۋازلىرى، بۇنداق ئالىي دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا، تاماق ئۈستىدە ئەسلىدە گەپ قىلىدىغان ئادەم بولماسلىقى كېرەك ئىدى. سەھنىدە بىر قانچە جۇڭگو مۇزىكا ئەترىتى بار ئىدى. بىز تىنچ بولغان قەۋىتىگە كەلدۇق. بۇ مەخسۇس ياۋروپالىقلارنى كۈتىۋالىدىغان قەۋىتى ئىدى. ئەمەلىيەتتە تاماق تېزىملىكى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت بۇ يەردىكى ئادەملەر ئۇنچە يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىمايتتى. بۇ يەردە شامالدۇرغۇچ بار بولۇپ، تامدا يەنە قېلىن بولغان ئاۋاز ئۆتكۈزمەس تاختايمۇ بار ئىدى.
    مەن ئۇنىڭدىن دادىسىنىڭ قانداق قىلىپ باي بولغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ پۇلنىڭ گىپى چىقسىلا سەل غەلىتىلىك ھېس قىلىپ قالدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئۇنىڭ سۆزلەپ بېرىشىدە چىڭ تۇردۇم. ئۇمۇ ئۆزىنىڭ بىلىشىچە، ماڭا خالاپ ھېكايە تەرىقىسدە سۆزلەپ بەردى. ئۇ دادىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە قاش تەرەپتىكى يەرلىكلەر ئۈچۈن نۇرغۇن ئاددى ئۆيلەرنى رېمونت قىلىپ بەرگەنلىكىنى، جەمئىي 300 يۈرۈش قىلغانلىقىنى، شۇ ۋاقىتلاردىلا بىر قانچە كوچىلارلا دادىسىنىڭ مال-مۈلكىگە تەۋە بولغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ پارىژنىڭ فىرانسوز تىلى تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى، تەلەپپۇزى ئازىراقلا قىيىپ كېتەتتى. ئۇ پۇلنىڭ گېپىنى قىلسىلا تەبئىيلا ئېچىلىپ-يېيىلىپ كېتەتتى. قىلچىمۇ ئەيمەنمەيتتى. ئۇ داۋاملاشتۇرۇپ سۆزلەۋەردى، دادىسىنىڭ ئەسلىدە نۇرغۇن ئۆينىڭ بارلىقىنى، كېيىن ھەممىنى سېتىۋەتكەنلىكىنى، ھازىرقى شەھەرنىڭ جەنۇبىي توسمىسىدىكى جايدىن يېڭىدىن يەر سېتىۋېلىپ يېڭى ئۆي سالماقچى بولغانلىقىنى، قوشۇپ شالېكنىڭ شال ئېتىزلىرىنىمۇ بىرلىكتە سېتىۋلغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭدىن بىر قىسىم تارقىلىشچان كېسەللىككە مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى سورىدىم.
مېنىڭ دېگىنىم چۇما بولۇپ،بىر قانچە بويتاقلار ئولتۇراق ئۆي كوچىلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئايرىپ قويۇلغانلىقىنى، ھەتتا ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى مىخلاپ پىچەتلىۋەتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم،ئۇ، بۇ يەردە يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ سەل ئاز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكىبۇ يەردە چۇما كېسىلىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى يېزىلارنىڭكىدىن ياخشى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ ماڭا ئۇ كىچىك ئايرىم ئۆيلەرنىڭ راستىنلا ئىشەنچىلىك ئىكەنلىكىنى ماختىغىلى تۇردى. قانداقتۇر ھېلىقى ئۇلارنىڭ پۇللىرىنىڭ ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭكىدىن خېلى تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، ئاشۇ تارقاق ئۆيلەردىنمۇ بەكىرەك يەرلىكلەرنىڭ ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى بىر يەردە ياشاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ نامرات ئاھالىلەرنىڭ تېخىمۇ شۇنداق ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ياقا-يۇرتلاردىن كەلگەنلىكىنى، شۇڭا سىرتلاردا، ھەتتا كوچىلاردا ياشايدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ئۇ نامرات كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى بۇزىۋەتمەسلىكىنى، دادىسىنىڭ ئەمدىلەتىن نۇرغۇنلىغان پىشايۋانلىرى بار بولغان بىنا-ئۆيلەرنى سالغانلىقىنى، بىر يۈرۈش يامغۇر چۈشمەيدىغان ئۇزۇن كارىدور قىلغانلىقىنى، مۇشۇنداق بولغاندا، بۇ كوچا تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنىدىغانلىقى، كىشىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرەتتى. كىشىلەر كارىدورنىڭ ئاستىدا كۈندۈزى يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق كۈنلەردە ئۇلار تېخى بۇ يەردە ئۇخلىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كارىدوردا تۇرمۇش كەچۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. كىچىك ۋاقتىمدا ئۆينىڭ سىرتىدا ئۇخلاش مېنىڭ ئارزۇيۇم بولۇپ قالغان بولۇپ، مەن تۇيۇقسىزلا ناھايىتى بىئاراملىق ھېس قىلىپ قالدىم، لېكىن ئازىراقلا، ئابايلا ئازىراق ھېس قىلىپ قالغىنىم. بۇنىڭ سەۋەبى يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئوخشىمىغانلىقتىن بولغان ئىدى. چۈنكى ئۇ ئاباي ماڭا بىر يارا ئېغىزىنى قالدۇرۇپ قويدى. دەل شۇ، بۇ دەل مەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان ئادەم. بۇ دەل بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مېنىڭ تېنىمدىن خۇشاللىق ئىزلىگەن كىشى. مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىيالمىدىم. مەن ئۇنىڭ گەپ قىلغىنىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلىيالمىدىم. ئۇ بىلىپ قالدى، گەپلىرىنى يىغىشتۇرۋالدى، مەن ئۇنىڭ داۋاملاشتۇرۇشنى ئېيتتىم، مەن يەنە باشتىن ئاڭلىدىم. ئۇ پارىژنى تولىمۇ سېغىنغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە مەن پارىژلىقلار بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدىكەنمەن، قىزغىنلىقتا ئۇلارغا يېتەلمەيدىكەنمەن. مەن ئۇ قاتار ئۆيلەرنىڭ تىجارىتىنىڭ شۇنچىۋالا كۆپ پۇل تاپالىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۇ مېنىڭ بۇ گېپىمگە ئىككىنچى جاۋاپ بەرمىدى.  
    بىز ئارلاشقان توپتوغرا بىر يېرىم يىل ۋاقىت ئىچىدە، دائىم ھەر تۈرلۈك ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىشتۇق، لېكىن ئەزەلدىن ئۆزىمىز توغرىسىدا گەپ قىلىشمايتتۇق. چۈنكى بىزنىڭ ئورتاق بولغان نىشانىمىز ئەزەلدىن مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايتتى. شۇ سەۋەبلىك بىز ئەزەلدىن ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى سۆزلەشمەيتتۇق. بىز پەقەت خەۋەر تۈرىدىكى ئۇچۇرلار تېمىلارنى تەھلىل-مۇلاھىزە قىلىشاتتۇق،مەيلى چۈشىنەيلى ياكى چۈشەنمەيلى قارىسىغادېيىشىپ قوياتتۇق. مەن ئۇنىڭ فىرانسىيىدىكى شۇ تۇرمۇشىنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن چوقۇم بىر باياشاتلىقتا ئازدۇرلۇش كۈچى سەۋەبىنىڭ بولغانلىقىنى ئېيتتىم، ئۇ مېنىڭ كۆز قارىشىمغا قوشۇلدى. ئۇ پارىژدا ھەممە نەرسىنى سېتىۋالغىلى بولدىغانلىقىنى يەنى ئايال كىشى، بىلىم، ئىدىيە قاتارلىقلار ئىدى. ئۇ مەندىن ئون ئىككى ياش چوڭ بولۇپ، مۇشۇ ئىش ئۇنى ئەندىشىگە سالاتتى. مەن ئۇنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۆزىنىڭ قانداق ئالدانغانلىقى، مېنى قانداق سۆيىدىغانلىقى دېگەندەكلەر بولۇپ، بۇلار بىر خىل ئادەت خاراكتىرلىك ھەم سەمىمىي دىرامماتىكقا ئوخشايتتى.
    مەن ئۇنى ئۆيىدىكىلەرگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئېيتتىم. ئۇ ئاڭلاپلا دەرھال قېچىپ كېتشىنى ئويلىدى، مەن كۈلۈپ كەتتىم.   
    ئۇ ھەزىل قىزىقچىلىقلارنى دوراپ، ئۆزىنىڭ ھېسسىياتىنى ئىپادىلەيتتى. مەن ئۇنىڭ جۈرئىتى يوقلىدىن دادىسىغا قارشى تۇرۇپ، ماڭا ئۆزىنىڭ سۆيگۈسىنى ئىپادىلەپ، مېنى ئېلىش، مېنى ئېلىپ كېتىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. ئۇ دائىم يىغلاپ كۆز يېشى قىلاتتى. چۈنكى ئۇ مېنى سۆيۈش ئۈچۈن، قورقۇشتىن ئۈستۈن قويىدىغان كۈچنى تاپالمايتتى. ئۇنىڭ قەھرىمانلارچە غەيرەت-شىجائىتى، ماڭا بولغان مۇھەببىتىنىڭ دادىسىنىڭ پۇل –بايلىقىدىن، نومۇسسىزلارچە خۇشامەت قىلىشىدىن، ئىگىلىپ تېز پۈكۈشلىرىدىن بىلىنەتتى. 
    مەن ئاكامنى ئېغىزىمغا ئالساملا، ئۇ دەرھال قورقۇپ كېتەتتى ھەمدە ھەقىقىي ئەپتى –بەشرى بىلىنىپلا قالاتتى. ئۇ دەسلەپتە ئەتراپىمدىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ ماڭا توي تەكلىپى قويۇشنى كۈتىۋاتىدۇ دەپ قارىغان، لېكىن ئۇ ئەمدى بىلدى، بىزنىڭ ئۆيدىكىلەردىن ئۈمىد قالمىغان ئىدى. يەنە بۇنداق بىر ئائىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ پەقەت ئۇتتۇرغانسېرى شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق بولۇپ كېتەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا مېنىڭدىنمۇ ئايرىلىپ قالاتتى.  
ئۇ ئىلگىرى پارىژدىكى بىر سودا مەكتىپىدە ئوقىغانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن راست سۆزلىدى، ئۇ يەردە ھېچنەرسە ئۆگىنەلمەپتۇ. بىرەر ئىشنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالماپتۇ، ئاخىرى دادىسى ئىقتىسادنى ئۈزۈپتۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىش بېلىتىنى ئەۋەتىپ، ئۇنى ئامالسىز قويۇپ، مەجبۇرىي فىرانسىيىدىن قايتقۇزۇپتۇ. مۇشۇنداق قىلىپ، ئۇنىڭ بەخىتسىزلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ. چۈنكى شۇ سودا مەكتەپتىكى ئوقۇشى تېخى پۈتمىگەن ئىكەن، ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكىسىرتتىن ئوقۇتۇش مەكتىپىدىن بۇ كەسىپنى پۈتتۈرۈشنى پىلان قىلغانلىقىنى دېدى.
    ئۇ توسمىدىكى بىر چوڭ مېھمان سارايدا مېنىڭ ئائىلەمدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ ۋاقىتتا ئاپام بىلەن ئاكام ئىككىلىسى سايگونغا كەلدى. ئۇ ئەسلىدە بۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى ئەڭ چوڭ جۇڭگو مېھمانخانىسىغا تەكلىپ قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان، چۈنكى ئۇلار بۇنداق چوڭ يەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، ئۇلار ئەزەلدىن چوڭ مېھمانخانىلارغا كېلىپ غىزالىنىپ باققان ئەمەس.   
    كەچلىك تاماق نورمال بولىۋاتاتتى. مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام ئاچ بۆرىدەك يېيىشنىلا بىلەتتى. ئەسلا ئۇنىڭغا قاراپ سۆز قىلىشقا ئۈلگۈرمەيتتى. ھەتتا ئۇنىڭ مۇنداق بىر قاراپ قويىدىغانغىمۇ ۋاقتى چىقمايتتى. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭغا ئەدەبلىك مۇئامىلە قىلىشنى بىلگەن بولسا، ئۇنداقتا ئۇلار ئۆگەنگەنلىرىنىڭ نەتىجىسىنى ئاللىبۇرۇن كۆرگەن بولاتتى ھەمدە قانداق قىلىپ جەمئىيەت تۇرمۇشىدىكى بۇ ئەڭ ئاساسىي ئۇقۇملارغا قانداق بويسۇنۇشنى بىلگەن بولاتتى. كەچلىك غىزا ۋاقتىدا، پەقەت ئاپاملا سۆزلىدى. لېكىن ئۇنىڭ سۆزىمۇ كۆپ بولمىدى، ئاساسلىقى، باشلانغان ۋاقىتتا بەزى بىر قىسىم قورۇمىلارنىڭ بەك قىممەتلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەرنى قىلىپ، كەينىدىنلا جىمجىت بولىۋالدى. ئۇنىڭغا كەلسەك، ئۇ دەسلەپكى ئىككى قېتىمدا، روھى كۆتىرىلىپ، ئۆزىنىڭ پارىژدىكى پارلاق نەتىجىلىرىنى سۆزلىمەكچى بولغانلىرىنى پۈككەن ئىدى، لېكىن بۇمۇ بىھۇدە ئىش ئىدى. ئۇنىڭ گىپى قالمىغاندەك قىلاتتى ياكى سۆزلىگەن بولسىمۇ ئۇلار ئاڭلىمايدىغاندەكلا ئىدى. ئۇ ئويلىغانلىرىنى ئامالسىز سۈكۈت ئىچىدە يوقىتىشقا مەجبۇر بولدى، مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام داۋاملىق ئۇ يەردە ئاچكۆزلەرچە يەۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ ئۇنداق تويماس تۇرىقىنى مەنمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم.
    ئۇ ھېسابات قىلدى. پۇلنى پەتنۇسقا قويۇپ قويدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۋاتاتتى. ئېسىمدە قىلىشىچە ئۇ تۇنجى قېتىم 77پىئاست تۆلىگەن ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئاپام قاقاقلاپ كۈلىۋېتىدىغاندەك قىلاتتى. كۆپچىلىك قوزغىلىپ مېھمانخانىدىن ئايرىلدى. ھېچكىم رەھمەت دەپ قويمىدى، ھېچكىم تىنىپمۇ قويمىدى. بۇنداق مول بولغان بىر قېتىملىق كەچلىك تاماققا ، ئۇلار ئۇنىڭغا رەھمەت دەپمۇ قويمىدى. ئۇنىڭغا ئۆزۈرخالىقمۇ ئېيتماي، خوشلىشىپمۇ قويمىدى، ئۇنىڭدىن قانداقراق دەپمۇ سورىمىدى، ئەزەلدىن ئۆزئارا بىر ئېغىزمۇ سۆزلىشىپ قويمىدى.
    ئۇ ئىككى ئاكام ئۇنىڭغا ئەزەلدىن بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، خۇددى ئۇ يوق ئادەمدەكلا، كارايىتى چاغلىقتەكلا، ئۇلار خۇددى ھېس قىلالمىغاندەكلا تۇراتتى. ئۇلار ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالاتتى، ئاڭلاپ تۇرۇپ ئاڭلىمىغاندەك قىلىۋالاتتى. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ پەيىتتە ئۇ مېنىڭ كۆينىكىم ئاستىدا يېقىلىپ، ماڭا تەلەپ قويغان بولغاچقا ئىدى. يەنە كېلىپ ئۇلار ھۆكۈم قىلالايدىكى، مېنى ئۇنى سۆيمەيدۇ ، ئۇ مۇمكىن ئەمەس دەيتتى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ مېنىڭ بارلىق بېسىملىرىمغا بەرداشلىق بېرەلەيتتى، پەقەت بۇ ساقلانغان مۇھەببەتنىڭ بىكار بولۇپ كەتمىسلا بولاتتى. ئۇندىن باشقا يەنە بىر سەۋەبى ئۇ بىر جۇڭگولۇق بولۇپ، ئاقتەنلىك ئەمەس ئىدى. ئاكام شۇ سەۋەبلىك زۇۋان سۈرمىگەن، مېنىڭ سۆيگىنىمنىڭ مەۋجۇدلىقىغا كۆز سالمىغانلىقا دەل مۇشۇ ئىدىيە سەۋەبلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى دەل بىزنىڭ ئۈلگىمىز ئىدى، شۇڭا ماڭا ئۇدۇل تۇرغان بۇ ئاشىقىمغا، بىزنىڭ پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر ئاكامغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلدى. مەنمۇ ئوخشاش قىلدىم. ئۇلارنىڭ ئالدىدا، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەلمىدىم، بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەرنى قارىتىپ قويۇپ، پەقەت تاساددىپىي باشقا تېمىلاردىن بولمىسىلا، مەن مەڭگۈ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشەلمەيتتىم. مەسىلەن كەچلىك تاماقنى يەپ بولغان كېيىن، ئىككى ئاكام ئۆزلىرىنىڭ بۇلاق سۈيى تانسىخانىسىغا بېرىپ ئۇسسۇل، تانسا ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى دېدى. ئاۋۋال ئاڭلىمىغاندەك قىلىپ تۇرۋالدى، لېكىن مەن، ئۇنداق قىلمىسام بولاتتى، ئاكامنىڭ لوگىكىسى بويىچە مەن ئۇلارنىڭ بايقى گېپىنى تەكرارلىماسلىقىم كېرەك ئىدى. ئىككىنىچى قېتىم دېمەسلىكىم كېرەك ئىدى، ئەگەر دېسەم بۇ توغرا بولمىغان بولاتتى، مەن چوقۇم ئاشىقىمنىڭ لەنىتىگە ئۇچىراپ قالاتتىم. شۇنداق قىلىپ مېنىڭ سۆزۈمگە جاۋاب بەردى. ئۇ تۆۋەن ئاۋازدا يېقىنچىلىق بىلەن ئۆزىنىڭ مەن بىلەن ئايرىم بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ بۇ گەپنى قىلىشىنىڭ مەقسىدى قارشى تەرەپنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىش ئىدى. بۇ ۋاقىتتا مەنمۇ ئىلاجىسىز ئېنىق ئاڭلىيالمىغاندەك قىلدىم. خۇددى يەنە بىر يۇشۇرۇن خەتەرنى كۆپەيتىۋەتكەندەك قىلاتتىم. خۇددى ئۇنىڭ مەقسىدىنىڭ ئىشنى چوڭايتىۋېتىپ ئاكامغا كايىپ قويۇشتەكلا ئىدى. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، مەن يەنىلا ياخشىلىققا بۇرىمىدىم. لېكىن ئۇنىڭ تېخى تۈگىمىگەن ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ گەپ قىلدى، ئۇنىڭ تېخى شۇنچىلىك جۈرئىتىمۇ بار ئىكەن«قاراڭلار، ئاپاڭلار بەك چارچاپ كەتكەندەك قىلىدۇ، سىلەر قىلىپ ئۇنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئېلىڭلار»دېدى. دەرۋەقە، ئاپام ھەر قېتىم توسمىدىكى جۇڭگولۇقلار مېھمانخانىسىدا مول بولغان كەچلىك تاماقلاردىن كېيىن چارچىماي قالمايدۇ. مەن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم. بۇ ۋاقىتتا مەن ئاكامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدىم،
    ئۇ ناھايىتى قىسقا گەپ قىلدى. زەھەرخەندىلىك بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ دېدى. ئاپام دەرھال ئۇنى ماختاشقا باشلىدى «بۇ ئۈچ بالامنىڭ ئىچىدە شۇ ئازراق گەپچى»دېدى. ئاكام گەپ تۈگىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. «كۆپچىلىك توختاڭلار». مەن ئاشىقىمنىڭ قورقۋاتقانلىقىنى بىلەتتىم، ئىككىنچى ئاكاممۇ قورقىۋاتاتتى، ئۇ تاقابىل تۇرالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىز «بۇلاق سۈيى» تانسىخانىسىغا باردۇق. ئاپاممۇ بىز بىلەن بىرگە «بۇلاق سۈيى» تانسىخانىسىغا باردى. ئاپام «بۇلاق سۈيى» تانسىخانىسىدا مۈگدەپ قالدى.
    ئاكامنىڭ ئالدىدا، ئۇ ئامالسىز ئاجىزلىقىنى ئورۇنلۇق دەپ بىلدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ يەنىلا مېنىڭ ئاشىقىم. پەقەت شۇ ۋاقىت شۇ دەقىقىلەردە ئۇ مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھېچنېمە ئەمەس ئىدى خالاس. ئۇ كۆز يەتسىمۇ قول يەتمەيدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. لېكىن مېنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىم چوقۇم ئاكامنىڭ ھەيۋىسىگە بويسۇنىشى كېرەك. ئۇ ئاشىقىمنى ئىنكار قىلىۋەتتى. ھەر قېتىم مەن بىر ۋاقىتتا ئاشىقىم ۋە ئاكامنى كۆرگەندە، مەن چىدالماي كېتەتتىم، چوڭ ئاكامنىڭ ئالدىدا، ئېيتقۇسىز ئۆمۈرلۈك بىر نومۇسسىز، شەرمەندە بولۇپ قالغان ئىدى، بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزمۇ بىر خىل يوشۇرۇشقا تېگىشلىك شەرمەندىچىلىك بولۇپ قالدى. مەن ئاكامنىڭ بۇنداق ئۈنسىز بۇيرۇقلىرىغا قارشى تۇرسام بولمايتتى. ئەگەر كىچىك ئاكام بولسا مەن تەڭ تۇرۇشۇپ دىيىشىۋالساممۇ مەيلىدى. ئاشىقىمغا نىسبەتەن، مەن ھېسسىيات جەھەتتە ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا ئامالسىز ئىدىم. بۈگۈن مەن بۇ ئۆتمۈشلەرنى تىلغا ئالغىنىمدا، مەن يېڭىباشتىن چوڭ ئاكام ئاشىقىم بىلەن بىرگە غىزالىنىۋاتقاندىكى شۇ ساختا چىرايلار ۋە ئۇنىڭ كۆڭلى بىر يەردە ئەمەس روھىي ھالىتى، ئۇنىڭ داۋاملىق باشقا ياقلارغا قاراپ، قانداقتۇر بىر نەرسىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى كۆرىمەن. شۇنداق بولسىمۇ ئۇنىڭ چىشلىرىنى بوشغىنا كىرىشتۈرگەن ھالىتىدىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇكى، ئۇ دەل شۇ خىلدىكى ئىپلاس ھەرىكەتلەردىن ئىچ پۇشۇغى ۋە خاتىرجەمسىزلىك ھېس قىلىۋاتاتتى. ئۇ دائىم ئاشىقىمنىڭ سايىسىدا ئالىي دەرىجىلىك ئاشپۇزۇلدا راۋرۇس تولدۇرۇپ يەۋىلىشى قىل سىغمايدىغان ئىشلار ئىدى. ئەسلىمەمدە، ئۇ ئوۋچى كېچىسىنىڭ مەنزىرىسىمۇ كۆز ئالدىمدا ئېنىق تۇرۇپتۇ. قۇلاق تۈۋىمدە بىردەم قۇلاققا خۇشياقمايدىغان سىگنال ئاڭلىناتتى، بىر دەم كىچىك بالىلارنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىناتتى.  
    «بۇلاق سۈيى» تانسىخانىسىدىمۇ ئوخشاش بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلىپ قويمىغان ئىدى. ئۇلار ھەر بىرى بىر رومكىدىن مارتىل ئالدى. ئۇ ئىككى ئاكام بىر ئىچىپلا تۈگىتىۋەتتى. ئۇلاپلا يەنە ئىككىنچى رومكىسىنى ئالدى. مەن ۋە ئاپام ئۆزىمىزنىڭ ھاراقلىرىنى ئۇلارغا ئۆتۈنۈپ بەردۇق. بۇ ئىككىسى ئىچىپ قاتتىق مەست بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا گەپ قىلمايلا قالماستىن بەلكى ئەكسىچە تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ ئىككىنچى ئاكام. ئۇ، بۇ يەرنىڭ كىشىنىڭ ئىچىنى پۇشۇرىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە ئۇسۇلچى قىزلارنىڭ يوقلىقىنى تەنە قىلدى. ھەقىقەتەن «بۇلاق سۈيى» تانسىخانىسىدا ھەپتە ئاخىرىدىن باشقا كۈنلەردە، ئادەتتە مېھمانلار ناھايىتى ئاز ئىدى. مەن ئىككىنچى ئاكام بىلەن تانسا ئوينىدىم. ئاشىقىم بىلەنمۇ ئوينىدىم. لېكىن مەن ئەزەلدىن چوڭ ئاكام بىلەن تانسا ئوينىمايتتىم، چۈنكى مەن مەلۇم خەتەرلەرنى بىلەتتىم. كىشىنى ئەنسىز قىلىدىغان خاتىرجەمسىزلىك مېنى تېخىچىلا چۆرىدەپ يۈرەتتى. بۇنداق خەتەر ئۇ ھەر قانداق بىر ئادەمگە نىسبەتەن قىلالايدىغان ئاشۇ خەيرىلىك بولمىغان قىزىقتۇرۇش، بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ يېقىنلىشىشىدىن بولاتتى.  
    بىز قېرىنداشلار بىربىرىمىزگە بەكمۇ ئوخشايمىز، بولۇپمۇ يۈز قىسمىمىز كۆرىنەرلىكرەك ئىدى.
    توسمىدىكى جۇڭخۇا ئادىمى ماڭا گەپ قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ كۆز يېشى چانىقىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان ئىدى. ئۇ :« مەن زادى قانداق قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويدۇم؟»دېدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىش تۈپەيلى كۆڭلىنى بۇزماسلىقنى ئېيتتىم. چۈنكى ئۇلار دائىم شۇنداق ئىدى. بىز پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرگە نىسبەتەنمۇ شۇنداق ئىدى. مەيلى قەيەر، قايسى ۋاقىت بولىشىدىن قەتئىينەزەر، بىز دائىم مۇشۇنداق كۈن كەچۈرۈپ كەلگەن.
    بىز ھېلىقى ئاددىي ياتاقتا ئۇچىراشقان ۋاقتىمىزدا، مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بېرەتتىم. مەن ئۇنىڭغا چوڭ ئاكامنىڭ بۇنداق قوپال، سوغۇق، كىشىنى بوزەك قىلىدىغان مەنمەنچىلىكلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىزنىڭ ئىشىمىزغا قارىتىپ قىلغانلىقىنى ئېيتتىم. ئاكامنىڭ قىلالايدىغىنى ئادەم ئۆلتۈرۈش، ھاياتىنى نابۇت قىلىش ئىدى. ھاياتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش، باشقىلارنى كەمسىتىش، باشقىلارنى قوغلاش، باشقىلارغا جاپا سېلىشنىڭ ئۇنىڭ تەبىئىتى ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۇنىڭغا ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى، قورقماسلىقنى ئېيتتىم. چۈنكى چوڭ ئاكامنىڭ بىردىنبىر قورقىدىغان ئادىمى مەن ئىدىم. چوڭ ئاكام مېنىڭ ئالدىمدا تەبىئىيلا قورقۇنچاقلىقىنى كۆرسىتىپ قوياتتى.  
    ئەزەلدىن ياخشىمۇسىز، خەيرىلىك كەچ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك دېگەنلەرنى دەپ باقمىغان، ئەزەلدىن رەھمەت دېگەننىمۇ دەپ باققان ئەمەس. ئەزەلدىن پىكىر ئالماشتۇرمايتتۇق، ئەسلىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرۇش ھاجەتسىز ئىدى. ھەممىسى ھاڭۋېقىپ تۇراتتى، تىنىمايتتى، مۇھەببىتىمىزمۇ سۇسلاشتى. بۇ ئائىلىدىكىلەر تاش يۈرەك ئادەملەردۇر. قاتماللىقتا ئۇچىغا چىققان ھەم ھېچقانداق بىر ئادەمگىمۇ يېقىنلىشىپ كەتمەيتتى. بىزنىڭ مەقسىدىمىز ھەر كۈنى قارشى تەرەپنى ئازابلاش، ھەتتا ئۆز-ئارا ئۆلتۈرىشىش ئىدى. بىزنىڭ ئارىمىزدا بىر ئېغىز گەپمۇ قىلىشماي قالماستىن، ئۆز-ئارا بىر-بىرىمىزگە قارىشىپمۇ قويمايتتۇق. يۈزمۇ-يۈز ئۇچىرىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، كۆرمەسكە سېلىپ كېتەتتۇق. ئەگەر كىم كۆزىنىڭ قۇيرىقىدا قاراپ قالسا، ئۇنداقتا قىزىقىش ھەم يۈزىنى چۈشۈرۈشنى ئويلايتتى. شۇڭا، ئۆز-ئارا قاراپ قويۇشقا تېخىمۇ ئەرزىمەيتتى. پىكىر ئالماشتۇرۇش دېگەن بۇ سۆز بىزنىڭ ئارىمىزدا ئاللىبۇرۇن مەۋجۇدلىقىنى يوقاتقان بولۇپ، مېنىڭچە بۇ يەردىكى ئەڭ مۇۋاپىق سۆز «نۇمۇسسىز» ۋە «ھاكاۋۇر»دىن ئالدىغا ئۆتىدىغان سۆز بولمىسا كېرەك. بۇلار ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈچ ئورتاق تارىختىكى ئەڭ ئاساسىي ئامىل ئىدى. چۈنكى بىز ھەممىمىز مۇشۇ ئاق كۆڭۈل، جەمئىيەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىرىغان بىر ئانىنىڭ باللىرى. بىز، بۇ ئىلگىرى كەمبەغەلچىلىكتە قالدۇرۇپ ھالاكەت گىردابىغا قالدۇرۇپ قويغان جەمئىيەتنىڭ بۇ تەرىپىدە تۇرۋاتىمىز. كىشىلەر بىزگە شۇنچىلىك مۇلايىم ئىدى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ئاپامنىڭ بارلىق ئىش-پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن بىزنىڭ تۇرمۇشقا بولغان نەپرىتىمىز كۈچىيىپ كەتكەن بولۇپ، ئۆزىمىزگىمۇ نەپرەتلىنەتتۇق.  
    ئاپام ئۈمىدسىزلەنگەندىن كېيىن بىزگە قانداق ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگىنىنى ئۆزىمۇ پەرەز قىلىپ بولالمايتتى. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئاساسلىقى شۇ ئوغۇللار، ئاشۇ ئوغۇللىرى ئىدى. ئەمما، ئۇ بولسىمۇ كۆردى. ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىگە سۈكۈتنى ساقلاپ قالماقچىمىدۇ؟ ئۇ مەرھۇمنىڭ ئاۋازى ۋە قىياپىتىنى، كۆز نۇرى ۋە ئۇنىڭ ئانىلىق مېھرىنى ساختىلىق بىلەن دورىغىلى بولامدۇ؟ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئاپام ئاللىبۇرۇن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىشى، بۇرۇنلا كىشىنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان بۇنداق ئائىلىدىن بوشىنىشى كېرەك ئىدى. بۇرۇنلا ئۆينىڭ چۇڭى بىلەن ئىككى ئاكا سىڭىلنى تۈپتىن ئايرىۋېتىش كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. ئاپام شۇنچىلىك بىخەستە، شۇنچىلىك شاللاق شۇنچىلىك مەسئۇلىيەتسىز بولۇپ، ئەزەلدىنلا شۇنداق ئىدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتتى. ئۈچىمىزنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمىز ئادەتتىكىدىن ھالقىغان ئانا بالا مېھرىدۇر. مۇشۇ نۇقتىغا ئاساسەن، ئۇ ئەسلىدىمۇ بىزدىن بۇ ئىشلارنى سىر تۇتۇپ، يۇشۇرۇپ، يالغان سۆزلىدى. بىز ئۈچ قېرىنداشنىڭ خاراكتېرىمىز ئالاھىدىرەك، لېكىن بىزدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئوخشاش بولغان بىر پەرزەنت قەلبى بار ئىدى. 
    بۇ مەزگىلدىكى تارىخ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن، ئۇ توپتوغرا يەتتە يىل داۋاملاشتى. باشلانغان ۋاقىتتا مەن ئون ياش ئىدىم. كېيىن ئون ئىككى ياش، ئاندىن ئون ئۈچ ياش، ئاندىن ئون تۆت ياش، ئون بەش ياش، ئاندىن ئون ئالتە ياش، ئون يەتتە ياش.
    ئاپام بۇ يىللارنى بېشىدىن كەچۈرگەن ۋاقىتتا، توپتوغرا يەتتە يىل بولۇپ ھەمدە ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئارزۇسىمۇ ئاخىرى بەربات بولدى. ئارزۇسىدىن ئاخىرى ۋاز كەچتى. ھەتتا دېڭىز سۈيىنى توسىدىغان ئۇلۇغۋار نىيەتتىنمۇ ۋاز كەچتى. بىز بالكوندىكى كۈنگەي تەرەپتە سىئام تەرەپكە قاراپ تۇردۇق. كۆكتە ئوتتەك قۇياش بولغان تەقدىردىمۇ، بالكون يەنىلا بۇرۇنقىدەك قاراڭغۇ بولۇپ، خۇددى قارا سىر تۆكۈپ قويغاندەك ئىدى. كىچىك ئاكام 1942-يىلى 12-ئايدا ياپونىيە ئىشغال قىلىنغان ۋاقىتتا ئۆلگەن. 1931-يىلى، مەن ئىككىنچى قېتىم تۇلۇقسىز خۇلاسە ئىمتىھانىدىن كېيىن سايگوندىن ئايرىلدۇق. بۇ ئون يىل جەريانىدا، ئۇ ماڭا پەقەت بىر پارچە خەت يېزىپ باقتى. زادى نېمە ئۈچۈن؟ مەن زادىلا ئويلاپ يېتەلمىدىم. ئۇنىڭ يازغان ئۇ پارچە خېتى شۇنچىلىك ئۆز يارىشىغىدا بولغان بولۇپ، خەت قايتا كۆچۈرۈپ يېزىلغان، خاتالىقى يوق، پوچۇركىلىرىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى. ئۇ خېتىدە ماڭا ئۆزلىرىنىڭ ناھايىتى ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئاپامنىڭ مەكتىپىنىڭمۇ ناھايىتى يۈرۈشىۋاتقانلىقىنى يېزىپتۇ. بۇ خەت ئىككى بەت توشقان ئۇزۇن خەت ئىدى. مەن يەنە تېخى ئۇنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى قول يازمىسىنىمۇ تونۇيمەن. ئۇ يەنە تېخى ماڭا ئۆزىنىڭ بىر يۈرۈش ئۆيىنىڭ بارلىقىنى، بىر ماشىنىسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى، يەنە ماشىنىسىنىڭ داڭلىق ماركا ئىكەنلىكىنىمۇ دەپتۇ. ئۇ يەنە يېڭىباشتىن بىليارد ئويناشنى باشلاپتۇ. ناھايىتى ياخشى بولىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. يەنە تېخى مېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، مېنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئۇ ئۇرۇشنى تىلغا ئالماپتۇ. ھەم مېنىڭ چوڭ ئاكامنىمۇ تىلغا ئالماپتىكەن.  
    ھەر قېتىم مەن ئاشۇ ئىككى ئاكامنى تىلغا ئالغان ۋاقتىمدا، دائىم ئۇلارنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ بىلەتتىم. خۇددى ئاپامغا ئوخشاش. ئۇ دائىم شۇنداق قىلاتتى. مەن ئۇ ئاكىلىرىم دېسەم، ئاپام سىرتلارغا كەتكەنلەردە«ېنىڭ ئۇ ئوغۇللىرىمنى» دەيتتى. ئۇ دائىم بىر قىسىم ئاڭلىغۇسىز سۆزلەر بىلەن ئىككى ئوغلىنىڭ كۈچىنىڭ قانچىلىك چوڭلىقىنى سۈپەتلەيتتى. ئۇلارنىڭ تەقى-تۇرۇقىغا كەلسەك، ئاپام ئەزەلدىن ئىنچىكلەپ سۆزلەپ كەتمەيتتى. ئۇ چوڭى كىچىكىدىن قانچىلىك قاۋۇل دېگەندەك سۆزلەرنىمۇ قىلمايتتى. ئۇ پەقەت چوڭىنىڭ شىمالدىكى قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش قاۋۇل ئىكەنلىكىنى دەيتتى. ئۇ ئوغلىنىڭ قاۋۇللىقىدىن شۇنچىلىك مەغرۇر تەكەببۇرلىنىپ كېتەتتى. خۇددى ئۇ بۇرۇنقى كۈنلەردىكىدەك، ئۆزىنىڭ سېمىز يوغان ئىنىسىدىن مەغرۇرلانغانغا ئوخشاش قىلاتتى. چوڭ ئوغلىغا ئوخشاش ئۇمۇ تېنى ئاجىز ئادەمنى مەڭسىتمەيتتى. ئۇ توسمىدىكى ئاشىقىمنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئاكام بىلەن ئوخشاش بىر مۇقامنى ئېيتاتتى. مەن ئۇلارنىڭ ئۇ سۆزلىرىنى يېزىشنى خالىمىدىم. ئۇلارنىڭ ئۇ زەھەرخەندە سۆزلىرى خۇددى قۇملۇقتا سېسىپ كەتكەن جەسەتكە ئوخشاش كىشىنىڭ كۆڭلىنى بىئارام قىلاتتى. مېنىڭ ئۇ ئاكىلىرىم، چۈنكى ئىلگىرى مەن ئاشۇنداق ئېيتقان. پەقەت ئاخىرىغا كەلگەندىلا مەن سۆزۈمنى ئۆزگەرتتىم، چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا كىچىك ئاكام چوڭ ئادەم بولۇپ قالغان ئىدى ھەمدە خارلانغۇچى بولۇپ قالدى. بىزنىڭ بۇ ئۆيدە بىر بايرام ئۆتكۈزۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەزەلدىن بىرەر تۈپ رېژىستىرداۋا دەرىخىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدۇق. بىرەر تال گۈل كەشتىلەنگەن قولياغلىقمۇ يوق ئىدى، بىرەر دەستە گۈلمۇ تىزىپ باقمىغان ئىدۇق. ھەتتاكى يەرگە كىرىپ كەتكەن ئەجدادىمىزمۇ يوق ئىدى. بىرەر قەبرىمۇ بولمىغاچقا، ھېچقانداق بىر خاتىرىلەشكە تېگىشلىك ئادەملەرمۇ يوق ئىدى. پەقەت بىردىنبىر يالغۇز ئاپام ئۆزىلا بار ئىدى. چوڭ ئاكام كېيىن قاتىل بولۇپ قالدى، كىچىك ئاكام كالۋا چوڭ ئاكامنىڭ قولىدا ئۆلدى ھەمدە مەن يىراقلارغا كەتكەن ئىدىم، ھەر نېمە بولسا قېچىپ قۇتۇلۋالدىم تاكى ئاپام ئۆلگەنگە قەدەر ئاكام ئۇنىڭغا ئەگىشىپ يۈردى. ئۇ ۋاقىتلاردا، ئاپام مېنىڭ توسمىدىكى ئوبرازىم سەۋەبلىك ھەمدە ئاشىقىممۇ قاتتىق تېرىككەن ئىدى. ئاپام توسمىدىكى يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلادىن قىلچىمۇ خەۋىرى يوق ئىدى، لېكىن، ئاپامنىڭ مېنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلەلەيتتىم. مەن ئاپامنىڭ بۇرۇنلا گۇمانلانغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىنى چۈشىنەتتى. ئاپام ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە مېنىڭ روھىي كەيپىياتىمنىڭ تۇراقسىز ئىكەنلىكىنى، قارىماققىلا خۇددى ئېغىر مىجەز بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى، دىققىتىنى تارتقانلىقىمنى، گەپ قىلغاندا بۇرنقىدىنمۇ بەكىرەك سالماقلىق سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغىنىمنى، ئىلگىرى نېمىلا بولسا ھەيران قالىدىغان ئادەمنىڭ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۆزگەرگەن پەرۋاسىز ھالەتنى، ھەتتا كۆز نۇرىنىڭمۇ ئۆزگەرگەنلىكىنى بىلىۋالدى. ئۇ ئاپىسىنىڭ بەخىتسىزلىكىنىڭ كۆرۈرمەنى بولۇپ قالدى. خۇددى مەن ئاپامنىڭ ئىزىنى باسقاندەكلا قىلاتتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپامنىڭ تۇرمۇشىغا تۇيۇقسىز خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كەلدى. چۈنكى ئۇنىڭ قىزى ئەڭ چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىۋاتاتتى، ئۇ مەڭگۈ ياتلىق بولالمايدۇ، مەڭگۈ جەمئىيەتتە پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ، بۇ جەمئىيەتكە يۈزلەنگەندە، ئۇ ھەممىدىن ئايرىلغان ئۇنىڭدا ھېچبىر ئۈمىد قالمايدۇ دەيتتى. يالغۇز غېرىپ ئاپام چارقىراپ-جارقىراپ ماڭا ئېتىلىپ كەلدى. ئۇ مېنى بىر ئۆيگە قاماپ قويدى. مېنى مۇشتى بىلەن ئۇردى. قۇلاق تۈۋىمگە سالدى. مېنىڭ كىيىملىرىمنى سالدۇرۇپ، يېقىن كېلىپ مېنىڭ تېنىمنى پۇرىدى. مېنىڭ ئىچ كىيىملىرىمنى پۇرىدى. ئۇ مېنىڭ تېنىمدىن جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەتىرى پۇراۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، مېنىڭ ئىچ ئىشتىنىمدا قانداق بىر گۇمانلىق داغلارنىڭ بار يوقلىقىغا قارىدى. ئاندىن ئۇ تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا ۋارقىرىدى، ئۇنىڭ ۋارقىرىشىنى پۈتۈن شەھەر ئاڭلىيالايدىغان ئاۋازلار ئىدى. نېمە ھېلىقى ئۆزىنىڭ قىزىنى«جالاپ، ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىمەن» ئۇنىڭدىن نەپرەتلىشنىدىن پارتىلاپ كېتەي دەپ قالغانلىقى يەنە «ھېچكىم سېنى ئالمايدۇ»، يەنە مېنى«يۈزى يوق داپشاق، ئىتتىن بەتەر»دېگەندەك گەپلەر ئىدى. ئۇ بىر تەرەپتىن يىغلاپ، بىر تەرەپتىن«بۇنداق قىزنى باققاننىڭ نېمە پايدىسى، يەنە ئۇنىڭدىن كۆرە بالدۇراق ئۆيدىن قوغلىۋەتكىنىم ياخشى، بۇ يەرنى مەينەت قىلىۋەتمىگىن يەنە»دەۋاتاتتى. مېنىڭ چوڭ ئاكام مېنى سولاپ قويغان ئۆينىڭ كەينىدە ئىدى. چوڭ ئاكام ئاپامغا بولۇشۇپ، ئاكام ئاپامغا مېنى ئۇرۇش ھەق ئىكەنلىكىنى دەۋاتاتتى. ئۇ تۆۋەن ھەم توم ئاۋازدا، يېقىملىق، مۇلايىملىق بىلەن ئاپامغا«-قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئىشنىڭ راستىنى ئېنىقلايلى،قىزىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قالمىسۇن، سېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىسۇن» دېدى. ئاپام كۈچىنىڭ بېرىچە مېنى قاتتىق ئۇرۇۋاتاتتى. كىچىك ئاكام غىڭىشىپ ئاپامنىڭ كارى بولماسلىقىنى ئېيتتى. كىچىك ئاكام گۈللۈككە يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى، ئۇ يۇشۇرنىۋالدى، ئۇ مېنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ كېتىشىمدىن قورقاتتى. ئۇ قورقتى. ئۇ دائىم بۇ ناتۇنۇش كىشىدىن قورقاتتى- -- بىزنىڭ چوڭ ئاكىمىز.
    كىچىك ئاكامنىڭ قورقۇپ كېتىشى ئاپامنىڭ غەزىپىنى باستى. ئاپام ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى كىلىشمەسلىك بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆككەن قىزى ئۈچۈن يىغلاۋاتاتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە يىغلاپ كەتتىم.«- مەن قەسەم قىلايكى مېنىڭ تۇرمۇشىمدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىدى، ھەتتا بىرەر قېتىملىق سۆيۈشۈشمۇ بولمىدى، مەن دېسەم سىز ئويلاپ بېقىڭ، مەن قانداقمۇ بىر جۇڭگولۇق بىلەن، قانداقمۇ بىر پوچى ھەم تەكەببۇر جۇڭگولۇق بىلەن ئۇنداق ئىشىنى قىلىمەن»دېدىم، مەن ئاكامنىڭ ئىشىك سىرتىدا يۆلىنىپ، ئاڭلاپ تۇرغانلىقىنى بىلەتتىم. ئاپامنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنىمۇ، سىڭلىسىنىڭ قىپ يالىڭاچ قىلىنىپ تاياق يەۋاتقانلىقىنىمۇ بىلەتتى ھەمدە ئاپامنىڭ داۋاملىق ئۇرۇشىنىمۇ خالايتتى، تاكى ئۇرۇپ بىر ئىش بولغىچە. ئاپام ئاكامنىڭ مۇنداق قارانىيەت، زەھەرخەندە نىيىتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتتى.   
    ئۇ ۋاقىتلاردا بىز خېلى كىچىك ئىدۇق. چوڭ ئاكام بىلەن كىچىك ئاكام دائىم ھېچ ئىشتىن ھېچ ئىش يوق سەۋەبسىزلا ئۇرۇشۇپ كېتەتتى. داۋاملىق ئاكىسى ئىنىسىغا بىر ئېغىز« يوقال! تولغا ئىشىمغا دەخلى قىلماي!» دېگەچ قول ئىشلىتىپ ئۇرۋالاتتى. ئۇلار يەنىلا ئۇرىشاتتى. ھېچكىم بىر ئېغىز گەپمۇ قىلمايتتى. پەقەت ئۇلارنىڭ نەپەس ئالغىنىنى، ئاغرىقتىن ۋارقىرىغان ئاۋازى، يەنە ھېلىقى مۇشتلارنىڭ تەككەن ئاۋازلىنىلا ئاڭلايتتۇق. مەيلى قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاپام دائىم بىر خىل ۋارقىراپ، چېقىراپ ناخشا ئېيتىدىغان تىياتىرلاردەك كانىيىنى كېرىپ ۋارقىراپ بۇ جەڭ كۆرىنىشكە تەڭكەش قىلىپ بېرەتتى.   
    ئۇلار ھەممىسىنىڭ ئوخشاش ئاسان ئاچچىقلىناتتى ھەمدە بۇنداق ئاچچىقلىنىشمۇ پەقەت ئاكا-ئىنى ئارىسىدىلا بولاتتى. ئاچا-سىڭىل ئارىسىدا، ئاتا-ئانا ئارىسىدا ئاندىن كۆرگىلى بولاتتى. چوڭ ئاكام مەيلى ئۆيدە ياكى سىرتتا بولسۇن ئۆزىنىڭ خالىغىنى قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېلىشتۇراتتى. ئەمما كىچىك ئاكام چوڭ ئاكامنىڭ بۇنداق قورقۇتۇش ۋەھىمىگە سېلىپ قويۇش ھەرىكەتلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ ئامالسىزلىقىغا باش قاتتۇراتتى.
ئۇلار بىللە ۋاقتىدا، بىز كىچىك ئاكامنىڭ ئۇرۇپ ئۆلتۈرىلىشىدىن ئەنسىرگەن ئىكەنمىز، ئوخشاشلا چوڭ ئاكامنىڭمۇ ئۆلتۈرىلىشىدىن ئەنسىرەيتتۇق. ئاپام دائىم ئۇلار بىللە بولسا دائىم ئۇرىشىدۇ، ئەزەلدىن بىرگە ئويناپ باققان ئەمەس، ئەزەلدىن بىللە پاراڭلىشىپ باققان ئەمەس دەيتتى. ئۇلارنىڭ بىردىنبىر ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ بىر ئاپىدىن بولغانلىقى، بولۇپمۇ ئورتاق بىر سىڭلىسى بولغانلىقىدا، پەقەت قانداشلىقىنىڭ ئوخشاشلىقى خالاس.
    ئويلاپ باقسام ئاپام پەقەت چوڭ ئاكام ئۈچۈن سۆز قىلغان ۋاقتىدىلا، مېنىڭ بالام دەيتتى، بەزى ۋاقىتلاردا ئاپام ئۇنى شۇنداقمۇ چاقىرىپ قوياتتى، لېكىن باشقا ئىككى بالىسىغا دائىم « ئۇ ئىككىسى ئەڭ كىچىكى » لا دەيتتى.  
    ئۆيدىكى بۇ ئىشلارنى بىز سىرتلاردىمۇ سۆزلىمەيمىز، بىز ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى بىلىشىمىز كېرەك، ----كەمبەغەللىك، ----سۈكۈت قىلىشتۇر. يەنە باشقا بارلىق نەرسىلەرگىمۇ ئوخشاش سۈكۈتتە تۇرۇشتۇر. ئۇلار دەسلەپتە مەخپىيەتلىك بولدى. بۇ سۆز سەل مۇبالىغە بولۇپ قالىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىز قېرىنداشلارنىڭ ئاشنىسى، بىزنىڭ ھېلىقى كەنت سىرتىدىكى مەخپىي ئۇچىرىشىلىرىمىز، دەسلەپتە سايگوننىڭ كوچا ئېغىزىدا، كېيىن يولۇچىلار كېمىسىدە، پويىزدا، كېيىن بارىدىغان جايمۇ قالمىغان ئىدى. يېرىم كېچىلەردە، بولۇپمۇ قۇرغاقچىلىق مەزگىللەردە، ئاپامنىڭ تۇيۇقسىز قېنى قىزىپ، ئۇ ئۆيدىكى ھەممە يەرلەرنى ئادەم چاقىرىتىپ تازىلاپ يۇيغۇزاتتى، ئۇ پاكىزلىق ئۈچۈن، سالقىن بولۇش ئۈچۈن دەيتتى. بىزنىڭ ئۆيىمىز توغان ئۈستىگە سېلىنغان، ھويلا بىلەن بۆلۈنگەن، زەھەرلىك يىلان، پاشا، قىزىل چۈمۈلە، مىكون دەرياسىنىڭ سۇ ئاپىتى قاتارلىق پەسىللەر ئېلىپ كەلگەن سۇ ئاپەتلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىدى. ئۆينىڭ يەر شارائىتى ئىگىز بولغانلىقى تۈپەيلى، شۇڭا تازىلاش ئېلىپ بارغاندا چىلەكلەپ چىلەكلەپ چاچقىلى بولاتتى، ھويلىنىڭ ھەممىسىنى سۇنىڭ ئىچىگە قالدۇرۇپ قويغىلى بولاتتى. سۇ پەلەمپەينى بويلاپ تۆۋەنگە ئاقاتتى. ھويلىغا كىرەتتى، ئاشخانا ئۆيگە كىرەتتى، ئۇ مالايلار شۇنداق خۇشال بولۇپ كىتەتتى، بىز ئۇلار بىلەن بىللە ئوينايتتۇق. كۆپچىلىك ئۆزئارا سۇ چېچىشىپ، ئاندىن بىز ماسەينىڭ سوپۇنى بىلەن يەرنى چوتكىلايتتۇق.كۆپچىلىكنىڭ پۇتلىرى يالاڭئاياق، ئاپاممۇ يالاڭئاياق بولىۋالاتتى. ئاپام كۈلدى. بۇ ۋاقىتتا بىز قانداقلا قىلساق ئۇ قارشى تۇرمايتتى. پۈتۈن ئۆيدە خۇشپۇراقلار دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى، بىرخىل بوران چاپقۇندىن كېيىن يۇيۇلغان نەم تۇپراقتەك تارقاتقان ھېلىقى ساپ ھېدى چىقىپ تۇراتتى. بۇ تۇپىنىڭ پۇرىقى ئەگەردە ماسەي سوپۇنى ۋە ساپ پۇرىقى، ئۆلچەملىك پۇرىقى بىلەن ئاۋۇ كۆينەكلەردىكى پۇراق، ئانىنىڭ ھىدى بىلەن ئاپامنىڭ ئۇ ساددىلىقى، كەڭ قۇرساقلىقىنىڭ ھەممىسى ئارلىشىپ كەتكەن ۋاقىتتا بىر خىل كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئازادە قىلىدىغان مېزىلىك پۇراق پەيدا بولاتتى. سۇ ئۇدۇل تار كوچىغا ئېقىپ چىقىىپ كېتەتتى. مالايلار، ئۆيىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كەلگەن ئىدى. ھەتتا ئۇلارنىڭ مېھمانلىرىمۇ كەلگەن ئىدى. خوشنىمىزنىڭ ئاقتەنلىك قىزىمۇ كىرگەن ئىدى. بىزنىڭ ئۆينىڭ جابدۇقلىرىنىڭ قالايمىقان، ئوڭتەي-توڭتەي قويۇلغان بولۇپ ئاپام شۇنداق خۇشال ئىدى. بەزىدە ئاپام ئادەتتىن تاشقىرى خۇشال بولۇپ كېتەتتى. ئۇ ھەر قېتىم كۆڭلۈم ئازابلىرىنى ئۇنتىغان ۋاقىتلىرى، ھەر قېتىم ئۆيلەرنى يۇيۇپ تازىلىغان ۋاقىتلىرى دەل ئاپامنىڭ ئەڭ بەخىتلىك ۋاقىتلىرى ھېسابلىناتتى. ئاپام مېھمانخانا ئۆيگە كىرىپلا پىئانىنو چالاتتى. ئۇ پەقەت دەسلەپتە پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىدا ئۆگىنىۋالغان، بۈگۈنگە قەدەر يادقىمۇ بىلىدىغان مۇزىكىسىنى چالاتتى. ئۇ ناخشا ئېيتاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ھەتتا بىر تەرەپتىن چېلىپ بىر تەرەپتىن ئېيتىپ كېتەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندا، بىر تەرەپتىن ئېيتىپ بىر تەرەپتىن ئويناپ كېتەتتى. ئۆي ئىچى تۇيۇقسىزلا بىر كۆلچەككە، دەريا بويىدىكى ئېتىزلىقلارغا، ساھىللارغا، قۇملۇققا ئوخشاپ قالاتتى، لېكىن بىز تېخى ئەمدىلەتىن خۇشال بولىۋاتقان ئىدۇق.
    دەل ئاشۇ كىچىك ئىككىسى---كىچىك سىڭلىسى بىلەن كىچىك ئاكىسى----- ئون كۈلكىنىڭ بىر يىغىسى بولىدۇ دېگەندەك، ئۆتمۈشتىكى كۆڭۈلسىز ئىشلارنى ئېسىگە ئالاتتى- دە، شۇنىڭ بىلەن دەرھال تەبەسسۇمىنى يىغىشتۇرۋالاتتى. ئاندىن گۇگۇمدىكى گۈللۈك ئىچىگە مېڭىپ كېتەتتى.
    يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، مەن تۇيۇقسىز ئۆز ۋاقىتتىكى بىزنىڭ سۈزۈك سۇ بىلەن ئۆينى يۇيغان ۋاقتىمىزدا، چوڭ ئاكام يۈلۇڭدا ئەمەس ئىدى، ئۇ ۋاقىتتا ئۇ بىزنىڭ فىرانسىيىدىكى قوغدىغۇچى—روت كاروننىڭ ئۆلكىنىڭ بىر كەنتىدىكى پوپنىڭ ئۆيىدە تۇراتتى.
    چوڭ ئاكامنىڭمۇ كۈلىدىغان ۋاقىتلىرى بار، لېكىن بىزگە ئوخشاش ئۇنداق ئېچىلىپ-يېيىلىپ كۈلمەيتتى. مەن ھەممىنى ئۇنتۇپتىمەن، بۇنى تىلغا ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، مەن بىلەن كىچىك ئاكام بەك كۈلگۈنچەك بالىلار ئىدۇق، بىز دائىم كۈلسەك ئۈچىيىمىز ئۈزۈپ قالايلا دەيتتى.   
    ئۇرۇش ۋە بالىلىق دەۋىرلەر ماڭا ئوخشاش بولغان كۈلرەڭ ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. مەن ئۇرۇش مەزگىلى ۋە چوڭ ئاكامنىڭ ئۆيىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى بىرگە ئارلاشتۇرۋەتتىم. بۇ بەلكىم كىچىك ئاكامنىڭ ئۇرۇش ئەۋىجگە چىققان مەزگىلىدە قازا قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ يۈرىكى خۇددى مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك سەكرەشتىن توختىغان ئىدى. مەن ئىشىنىمەنكى، ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئاكا ئىنىسى ئىككىنچى كۆرەلمىدى. ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئىنىسىنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشىنى بىلىشىنىڭ ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق ئىدى. مېنىڭچە بۇ قېتىملىق ئۇرۇش ئۇنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش ھەممە يەرگە يامراپ كەتكەن بولۇپ، ھەر قانداق ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنالايتتى. ئوغرىلاش، زەھەرلەش، بارلىق ھەممىسى ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشىپ ۋە قوشۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تېنىدە، قەلبىدە مەۋجۇت ئىدى. ئويغاق ۋاقتىدا كۆرگىلى بولىدىغان، ئۇيقىغا كەتكەندە چۈشىدىن كەتمەي، شۇ كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان تۇپراقتا، ئۇنىڭ ھەر دەقىقىدە مۇستەملىككە بالىلار، ئاجىزلار ھەمدە ئىستىلا قىلىنغان خەلقنىڭ باش قېتىمچىلىقى ئۈچۈن بولغان چىن ھېسسىياتىدىن مۇستەسناسىز ئىدى. بۇنىڭ ھەممىسىنىڭ سەۋەبى رەزىللىكنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكى، ئۆيمۇ-ئۆي بېرىپ خەلقنى ئۆلتۈرۈپ قىرغانلىقتىن بولغان ئىدى.
    بىز يەنە ھېلىقى ئۇنىڭ يالغۇز تۇرالغۇسىغا قايتىپ كەلدۇق. بىز شۇنداق ئىناق ياشىدۇق، بىر-بىرىمىزگە قىيالمىدۇق. 
    مەن بەزى ۋاقىتلاردا مەكتەپ ياتىقىغا قايتمايمەن، بەلكى ئۇنىڭ يېنىدا قىلىپ كېچىنى بىللە ئۆتكۈزىمەن. مەن ئۇنىڭ ئىسسىق قوينىدا يېتىپ ئۇخلاپ كەتمەيتتىم، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن بىر ھوجۇرىدا، بىر كارىۋاتتا چۈشلەرگە غەرق بولساملا بولاتتى. بەزى ۋاقىتلاردا مەنمۇ دەرس تاشلىدىم. كېچىدە، بىز شەھەردىكى ئاشخانىلارغا بېرىپ تاماق يىدۇق. ئۇ مېنى يۇيۇپ قوياتتى، ماڭا گىرىم قىلىپ قوياتتى، مېنى كىيندۈرەتتى، ئۇ مېنى ياخشى كۆرەتتى. مەن ئۇنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئايال ئىدىم. ئۇ دائىم مېنىڭ باشقا بىر ئاشنام بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ھەر كۈنى دەككە –دۈككە يۈرەتتى. لېكىن مەن بۇنداق ئىشلارغا پەرۋا قىلىپ كەتمەيتتىم ھەم قورقۇشۇممۇ يوق ئىدى. ئۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەنسىرەيتتى، ئۇ يەنە مېنىڭ ئاقتەنلىك قىزچاق بولۇپلا قالماستىن ھەمدە ياش بولغانلىقىمدىن ناۋادا بىر كۈنى سىر ئاشكارلىنىپ قالسا، ئۇ چاغدا ئۆزىنىڭ زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن سولىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. مېنىڭ ئاغزىم چىڭ، داۋاملىق ئاپامغا، مەخسۇس چوڭ ئاكامغا يالغان سۆزلەشنى ئويلىشاتىم. مەن ئۇنى زاڭلىق قىلىپ توخۇ يۈرەك دېدىم. ئۇنىڭغا بىزنىڭ ئائىلىنىڭ شۇنچىلىك نامرات ئىكەنلىكىنى، ئاپامنىڭ ئۇنداق سوتلىشىپ بولالمايدىغانلىقىنى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ كىچىك بولغان داۋالارغا قاتناشقانلىقىنى لېكىن ھەممىسىدە مەغلۇب بولغانلىقىنى ئېيتتىم. مەيلى ئاشۇ يەر خىتى سەۋەبىدىن بولسۇن ياكى مەمۇرىي دائىرىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش بولسۇن ياكى يەرلىك باش نازارەتكە بولسۇن، ھەتتاكى ھازىرقى يۈرگۈزۈلگەن قانۇن-نىزاملارغا بولسۇن ئۇ ھەممىسىدە بىردىن-بىردىن مەغلۇب بولۇپ ئاياغلاشقان. ئۇ ئىبرەت ئېلىشنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭغا تەمكىنلىك بىلەن كۈتۈش، يەنە كۈتۈش ئىكەنلىكىنى ئېيتساق، ئۇ قىلالمىدى. ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا يىغلايتتى. ئۇمۇ بىر بىھۇدە ئېغىزنى ئۇپرىتىش، قۇرۇقتىن –قۇرۇق ئاۋارە بولۇش ئىدى. بىزنىڭ ئىشىمىز توغرىسغا كەلسەك، شۇنىڭغا ئوخشاشلا بولاتتى. پۈتۈنلەي ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوقلىقىنى دېدىم.
    مارى كرود كابىت بىر ئامېرىكىلىق بولۇپ، مېنىڭ ئېسىمدە قىلىشىچە ئۇ بوستۇندىن كەلگەن. ئۇنىڭ بىر جۈپ كۆكۈش كۈلرەڭ كۆزى تولىمۇ چىرايلىق ئىدى، دائىم شۇنداق نۇرلۇق چاقناپ تۇراتتى. ئۇ 1943-يىلىدىكى ئىش ئىدى. مارى كرود كابىت ئالتۇن رەڭلىك بۈدرە چاچلىق، تەقى-تۇرىقى شۇنچىلىك قاملاشقان ئايال ئىدى ئۇ دائىم كۈلۈمسىرەپلا تۇراتتى. مەن تۇيۇقىسىز ئۇنىڭ گەپ قىلغان ۋاقىتتىكى ئۇنىڭ ئىنچىكە زىل، ئۆزىگە ئانچە ماس كەلمىگەن تۆۋەن ئاۋازىنى ئېسىمگە ئالدىم. ئۇ 45 ياشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ 16-رايوندا ئولتۇراتتى. دەل ئامۇر كۆرىكىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا ئىدى. ئۇنىڭ تۇرار جايى دەل سىنارىۋار دەرياسى قىرغىقى يېنىدىكى بىنانىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتى ئىدى. بىز دائىم ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماق يەيتتۇق. قىش كۈنى كەچلىك تاماق يەيتتۇق، يازلىرى چۈشلۈك تاماق يەيتتۇق. تاماقلارنىڭ ھەممىسى پارىژنىڭ ئېسىل ئاشپۇزۇللىرىدىن كەلتۈرۈلەتتى. تاماق تۈرى رەڭگى جەھەتتە شۇنچىلىك مۇۋاپىق، كۆپمۇ ئەمەس، يېيىشكە ئاران يېتەتتى. بىزنىڭ كىلىشمىز پەقەت ئۇنى كۆرەلىگىنىمىز بولۇپ قالاتتى. ئۇنى سىرتلاردا كۆرمەيتتۇق. بەزى ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ ئۆيىگە مالار ئۇسلۇبىدىكى شائىرمۇ كىلىپ قالاتتى، دائىم بىر ئىككىسى بار ئىدى. ھەتتاكى ئۈچ ئەدەبىياتچىمۇ بولۇپ قالاتتى. لېكىن ئۇلار پەقەت بىر قېتىملا كىلەتتى، كېيىن يوقاپ كېتەتتى. مەن تا ھازىرغىچە ئۇنىڭ نېمىشقا بۇنداق كىشىلەرنى، قانداق يەرە تۇنۇشقانلىقىنىمۇ بىلمەيدىغان كىشىلەرنى نېمە ئۈچۈن تەكلىپ قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم. بۇ ئەدەبىياتچىلارنىڭ بىرىنىمۇ مەن ئاڭلاپ باقمىغان، ھەتتا ئوقۇپمۇ باقمىغان، باشقىلارنىڭ ئاغزىدىمۇ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. غىزالىىندىغان ۋاقىت بەكمۇ ئۇزاق ئەمەس ئىدى. كۆپچىلىك نۇرغۇنلىغان جەڭلەردىكى ئىشلارنى پاراڭلىشاتتى. ئۇ سىتالىنگرادتىكى ئۇرۇش ئىدى. ۋاقتى 1942-يىلىنىڭ ئاخىرىقى ۋاقتى، مارى كرود كابىتنىڭ ئاڭلىغانلىرى ناھايىتى كۆپ، سۈرۈشتۈرگەنلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ، سەل ئاز سۆزلەيتتى. ئۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى تېخى بىلمەيدىغانلىقى كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمەيتتى. ئۇ دائىم ھەيرانلىق ھېس قىلاتتى. ئۇ كۈلۈپ كىتەتتى. تاماق يەپ بولسىلا ئورنىدىن تۇرۇپ خوشلىشاتتى. چۈنكى ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، ئۇنىڭ يەنە قىلىدىغان ئىشى بار ئىكەن. ئۇ ئەزەلدىنلا ئۆزىنىڭ زادى نېمە ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولىدىغانلىقىنى دىمەيتتى، ھەر قېتىم بىزنىڭ ئادەم سانىمىز كۆپ بولۇپ قالغاندا، ئۇ كەتكەندىن كېيىن، بىز داۋاملىق شۇ يەردە بىر ئىككى سائەت تۇرۇپ قالاتتۇق.
    ئۇ دائىم بىزگە سىلەر قانچىلىك ۇرغۇڭلار كەلسە، شۇنچىلىك تۇرساڭلار بولىدۇ دەيتتى. ئۇ يوق ۋاقىتلاردا ھېچكىم ئۇ توغرىلىق مۇنازىرە قىلمايتتى. ئەمەلىيەتتە مېنىڭچىمۇ ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن كەڭ دائىرىدە مۇنازىرىشلىشىپمۇ بولالمايتتى. چۈنكى ھېچكىم ئۇنى چۈشەنمەيتتى. مەن خوشلىشىپ ئۆيگە قايتاتتىم، شۇ كۈن قاتتىق نەس باسقاندەك بولۇپ ، خۇددى بىر ناتۇنۇش كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە نەچچە سائەت تۇرۇپ كەلگەندەك ھېس قىلىپ قالاتتىم. ئۇ مېھمانلارمۇ شۇنداق بولۇپ قالاتتى، ئۆز ئارا تۇنۇشمايدىغان، خۇددى ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈنلا تۇرۋاتقاندەك، ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتقاندەك، ھېچقانداق مېھرى-مۇھەببەت، ياكى باشقا جەھەتلەردىكى ئىش- پائالىيەتلىرى يوق ئىدى. ئۇ يەرگە بارساقلا خۇددى ئۈچىنچى بىر دۇنيادىن ھالقىغاندەك، يەنە پويىزغا ئولتۇرۇپ سايەھەت قىلغاندەك ياكى بولمىسا دوختۇرخانىدىكى كېسەل كۆرۈش ئۆيى، مېھمانخانىدەك ياكى مەيدانغا ئوخشاپ قالاتتى. ياز كۈنلىرى، بىز ئاشۇ سەينا دەرياسىغا ئۇدۇل بالكوندا چۈشلۈك تاماق يەيتتۇق. يەنە تېخى لىق گۈلگە تولغان ئۆگىزىسىدە قەھۋە ئىچەتتۇق. ئۇ يەردە تېخى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىمۇ بار بولۇپ، لېكىن ئۇنىڭغا ھېچكىممۇ چۈشۈپ باقمىغان ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى پارىژغا، قۇپقۇرۇق كوچىلارغا، يەنە ئېقىنلارغا، كىچىك كوچىلارغا نەزەر سالاتتى. ئادەملىرى شالاڭ بولغان شۇ كوچىلاردا كاتىرى گۈل سېۋەتلىرى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈللەر بار ئىدى. مەن دائىم بۇ مارى كرود كابىتقا قارايتتىم. ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنىڭدىن نەزىرىمنى ئۈزمەيتتىم. ئۇنى بىر خىل قىلىپ قوياتتىم. لېكىن مەن دىققىتىمنى باشقا ياققا بۇراشقا ئامالسىز ئىدىم. مېنىڭ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىشىمدىكى مەقىسىتىم پەقەت بۇ مارى كرود كابىتنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىش بولۇپ، نېمىشقا ئۇ سىرتلارغا چىقمايدۇ، نېمىشقا ئۇ شۇنچە يىراق بولغان بوستۇندىن بۇ يەرگە كىلىدۇ؟ نېمىشقا ئۇ شۇنچىلىك باي، نېمىشقا كىشلەر ئۇنى كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن دەرىجىدە ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭ تېگى-تەكتىنى ئازىراقمۇ چۈشەنمەيدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ دائىم خۇددى ئامالسىز قالغاندەك بۇ مېھمانلارنى كۈتىدۇ؟ نېمىشقا ئۇنىڭ مەنىلىك كۆزلىرىدىن مەلۇم بىر خىل ئۆلۈمنىڭ مىكرولىرى كۆرىنىدۇ؟ نېمىشقا مارى كرود كابىتنىڭ بارلىق كۆينەكلىرىنىڭ ھەممىسىدە كىشى ئېيتقۇسىز نەرسىلەر كەمچىل؟ خۇددى بۇ كۆينەكلەر پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئەمەستەكلا، خۇددى ئەگەر بۇ كۆينەكنى باشقىلارنىڭ ئۇچىسدا تۇرسىمۇ شۇنداق كۆرىنىدىغاندەك، بۇ كۆينەكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ رەڭگى ئوچۇق ئەمەس، پوسۇنى تۈز، تولىمۇ ئاچ رەڭ، ھەتتا ئاق رەڭلىك بولسىمۇ، قەھرىتان قىشتىمۇ قاردەك ئاپپاق يازلىق كىيىم كىيىۋالغاندەك كۆرىنەتتى.
    يەنە بىرىنىڭ ئىسمى بىدى. فىرنەندىس بولۇپ، ھەر قېتىم ئايال كىشىنىڭ ئوبرازىنى ئەسلىگەن ۋاقتىمدا، ئەر كىشىنىڭ ئوبرازى بۇ ۋاقىتتا مەڭگۈگە سۇقۇنۇپ كىرىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىد.فىرنەندىس چەتئەللىك ئايال. ئۇنىڭ ئىسىمىنى تىلغا ئالساملا، ئۇ خۇددى ئالدىمدىلا تۇرغاندەك تۇراتتى، قاراڭ، ئۇ ئاستا قەدەملىرى بىلەن پارىژ كوچىلىرىدا كېتىپ بارىدۇ. ئۇ يېقىننى كۆرلمەيتتى. بىر نەرسىنى كۆرۈش ئۈچۈن شۇنچىلىك يېقىن كېلىۋالاتتى. ئۇ دائىم كۆزلىرىنى قىسىپ، تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈشكە قولايلىق قىلاتتى. ئۇ سىز بىلەن سالاملاشقان ۋاقتىدا، قولنى بوش سىقىپ، ياخشىمۇسىز، سالامەت تۇرۇپسىزمۇ دەپ قوياتتى. ئۇ ھازىر ئالەمدىن ئۆتتى. بەلكىم 30 يىللار بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. يەنە ئۇنىڭ ئەركىن نازاكەتلىك قىياپىتى ھازىرمۇ ئېسىمدە. ئۇنىڭ قىياپىتىنى ئۇنتۇپ كېتىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش بولۇپ، ئارتۇق زىيىنمۇ يوق، ئۇنىڭ تولۇق مۇكەممەل بولغان ئوبرازى، مەيلى قانداق ئەھۋال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەر قانداق ۋاقىتتا، مەيلى ئىسسىق-سوغۇق، ئاچارچىلىقتا بولسۇن، مەيلى ئەنگىلىيە مەغلۇپ بولغان ياكى ئۇنىڭ گۇناھلىرى ئاشكارىلانغان بولسۇن مەڭگۈ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچبىر زېيىنى يوق ئىدى. ئۇ مەڭگۈ تارىخىنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ھالدا پارىژ كوچىلىرىدا پەيدا بولاتتى. بۇ تارىخ قورقۇنچلىق بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق قىلاتتى.
    ئۇنىڭ بىر جۈپ بۇلاقتەك كۆزلىرى چاقناپ تۇراتتى. ئۇ ئەتتىرگۈل رەڭگىدىكى كونا كۆينەك كىيىۋالغان بولۇپ، بېشىغا توپا قونۇپ كەتكەن كەڭ كورىزلىك قالپاق كىيىۋېلىپ قۇياش نۇرى ئاسىتىدىكى يولدا كېتىپ باراتتى. ئۇنىڭ بوي تۇرىقى ئىنچىكە ئۇزۇن، كىلىشكەن، خۇددى جۇڭگونىڭ سىياھ رسىمىگە ئوخشاش، يەنە نەپىس ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشايتتى. كوچىدىكى كىشىلەر ئىخىتيارسىز قەدىمىنى توختىتىپ قارىشىپ كېتەتتى. ھەممىسى بۇ بېشىنى تۆۋەن سېلىپ كېتىۋاتقان چەتئەللىك قىزنىڭ گۈزەللىكىگە ھەيران قىلىشاتتى. ھەقىقەتەنمۇ بىر تەڭداشسىز ساھىبجامال. كىشىلەرمۇ ئەزەلدىن ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيتتى. كۆپچىلىك پەقەت ئۇنىڭ باشقا يۇرتتىن، چەتئەلدىن كەلگەنلىكىنىلا بىلەتتى، ئۇ بەك گۈزەل، ئۇنىڭ گۈزەللىكى؟؟؟؟
    بىدى .فىرنەندىس مېھمانلارنى كۈتىۋېلىپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ تېخى «كۈتىۋېلىش كۈنى» مۇ بار ئىدى. بەزىدە مەنمۇ ئالدىن دىيىشىپ قوياتتىم. بىر قېتىم، مەن بۇ يەردە تېخى دېئېرلا رىچارلىنى كۆرگەنمەن، بۇ كىشىنىڭ تەكەببۇرلۇق كىسىلىگە گىرىپتار بولغىنى ئېنىق ئىدى. ئۇ جىمجىت سۈكۈتتە تۇرماقتا ئىدى، بۇ ئۆزىنىڭ ئىلتىپات قىلىشقا ئېرىشكەنلىكىنى بىلىندۈرمەسلىك ئۈچۈن ئىدى. ئۇ يالغان ئاۋازى بىلەن بىر خىل تەرجىمانلاردەك سۆز ئىشلەتتى، تىلىنى چايناپ سۆزلەيتتى، قىلچىمۇ تەبىئىي ئەمەس ئىدى. بەلكىم شۇ ۋاقىتتا يەنە بىراچىياكمۇ بار ئىدى. لېكىن ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، راستىنلا پۇشايمانغا ئالىدىغان قاچا تاپالمىغان ئىدى. شات ئەزەلدىن ئۇنداق يەرلەگە بېرىپ يۈرمەيتتى. شۇ ۋاقىتتا يەنە نۇرغۇنلىغان مۇنپاناسنىڭ شائىرلىرىمۇ بار ئىدى، ئەپسۇسلىنارلىقى مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېسىمدە تۇتالماپتىمەن، ئازىراقمۇ ئەسلىيەلمىدىم. ئۆز ۋاقتىدا ئەنگىليىلىك يوق ئىدى. بىز سىياسىينى مۇنازىرلەشمەيتتۇق، پەقەت ئەدەبىيات توغرىسىدا مۇنازىرلىشەتتۇق. رامون. فىرنەندىس بالزاك توغرىسىدا مۇنازىرە قىلاتتى. بىز دائىم ئۇنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلاپ تاڭ ئاتقۇزۇۋېتەتتۇق. ئۇنىڭ بالزاكقا نىسبەتەن ئېيتىلغان ئۇلۇغۋار ھەقىقەتلىرىدىن ئازىراقمۇ سۆزلەپ بېرەلمىدى. ئاساسىي جەھەتتىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن، شۇڭا سۆزلەنگەنلىرى ئەمەلىيەتتە ئوننىڭ توققۇزى يالغان ئىدى. ئۇ بالزاكنىڭ ئەھۋاللىرىدىن ھېچقانچە تەمىنلەپ بېرەلمىگەن ئىدى. پەقەت ئۆزىنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى بايان قىلغان ئىدى. ئۇ بالزاكنى سۆزلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ تارىخىنى سۆزلىگەندەك قىلاتتى. رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ئۇ ئۆزى ئىلگىرى بالزاكتەك بىر زات بولۇپ قالغۇسى بارمىش. رامون . فىرنەندىستە بىر خىل ناھايىتى يۇقىرى بولغان كەمتەرلىك روھى بار بولۇپ، ھەتتا ئۇنىڭ ئۆگىنىش ۋاقىتلىرىدىمۇ بۇنداق روھىي كەيپىيات تولۇپ تاشقان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا، ئۇ تېخىمۇ بەك ئۆزىنىڭ بۇ خىل مۇقىم بولغان ئوچۇق يورۇقلۇق پوزىتسىيىسىنى ئىشلىتەتتى. ئەزلدىن ئۆز ئالدىغا ئۆزىنى نامايەن قىلمايتتى. ئۇ بىر سەمىمىي ئادەم، ئەگەر بەختىڭىزگە يارىشا سىز ئۇنى يولدا ياكى قەھۋەخانىدا ئۇچىرىتىپ قالسىڭىز، راستىنلا خۇشاللىنارلىق ئىش بولغىنىدۇر. ئۇمۇ ئوخشاشلا سىزنى ئۇچىراتقىنىدىن خۇشال بولاتتى ھەمدە راستىنى ئېيتقاندا، ئۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىق بىلەن سىزگە ئىھتىرامىنى بىلدۈرەتتى. «سالامەت تۇرۇپسىزمۇ»بۇ سۆزنى ئىنگىلىزچە جۈملە شەكلى بويىچە دەيتتى، جۈملە ئارلىقىدا پەش يوق ھەمدە سۆزلەپ بولغاندا بىردەم كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. بۇ كۈلكىنىڭ كەينىدە ياخشىلىق ئەمەس، چوقۇم بىر يامان غەرەزنىڭ بارلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. بۇنداق بىر ئاشكارا ھۆكۈمرانلىق ئۇرۇشىغا نىسبەتەن ھەم مۇشۇنىڭ سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بالايىئاپەتلەر«قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى»، «فىرانسىيە گىرمانىيە ھەمكارلىقى»، يەنە تېخى ئاچارچىلىق، توڭلاپ قىلىش، بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دەپسەندە قىلىش قاتارلىقلار بۇ بىر كۈلۈپ قويۇش بىلەنلا بولىدىغان ئىشلارمۇ؟  
    ئۇ بىد. فىرنەندىس، ئۇ پەقەت كىشىلەرنىلا مۇلاھىزە قىلاتتى، ئاشۇ ئۆزىنىڭ يوللاردا كۆرگەنلىرىنى مۇلاھىزە قىلاتتى ياكى بولمىسا ئۆزىنىڭ تۇنۇش-بىلىش كىشىلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە قىلاتتى، ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىلىرى قانداقلىقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلاتتى. دۇكاندىكى پوكىيىدىكى ماللارنىڭ قانچىلىك سېتىلىغانلىقى توغرىسىدا، يەنە قانداق كالا سۈتلىرى ۋە بېلىق تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ يەتكۈزۈپ بېرىشلەرنى تەمىنلەش كېرەكلىنى، قانداق نەرسىلەرنى تولۇقلاپ قويۇش كېرەكلىكىنى، كىشىلەرنىڭ توڭلاپ قىلىش ۋە ئاچ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىك نەسىلەرنى تولۇقلاش دېگەندەكلەر ئۈستىدە مۇلاھىزە قىلىشاتتى. تۇرمۇشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ شۇنچىلىك ئىنچىكە ھەم ئەستايىدىل بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئۇ ئىزچىل كىشىلەرگە نىسبەتەن دوستانە ۋە كۆيۈنىشنى ئىپادىلەيتتى. راستچىل ھەم مۇلايىم ئىدى. فېرنەندىس بىر ئائىلە كىشلىرىنىڭ ھەممىسى «ھەمكارلاشقۇچىلاردۇر». بىدى. فىرنەندىس بۇرۇنقى ھېلىقى گىرمانىيە ئىشغال قىلىۋالغان بىرمۇ ئادەم بولمىغان كوچىلارغا قارايتتى، پارژغا، مەيداندىكى رەڭگارەڭ ئېچىلغان كاتران گۈللىرىگە قارايتتى، ئۇ يەنە مارى كرود . كابىتكا ئوپمۇ ئوخشاش ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ «كۈتىۋېلىش كۈنى» بار ئىدى.
    ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئېسىل قارا رەڭلىك پىكاپى بىلەن قىزچاقنى مەكتەپنىڭ ياتىقىغا ئەكىلىپ قوياتتى. چۈنكى قۇرۇق گەپ –سۆزلەرنىڭ بولۇپ قىلىشى سەۋەبىدىن، ئۇ پىكاپىنىمەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا يىراقراق يەردە توختىتىپ قوياتتى.بۇ ۋاقىتتاتۈن يېرىم كىچە ئىدى.قىزچاق پىكاپتىن چۈشۈپلا يۈگۈرگەن پىتى كەتتى، ئارقىسىغىمۇ قاراپ قويمايتتى. دەرۋازىدىن كىرۋالسىلا، ئۇ كەڭرى كەتكەن مەيداندا يورۇپ تۇرغان چىراق نۇرلىرىنىلا كۆرەتتى. ئۇ ئەمدىلا كارىدورنىڭ ئالدىغان كەلگەندە، قىزچاق ئۇنىڭ ئۇ يەردە ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلەتتى.قىزچاقنىڭ ئەنسىزلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ يەردە تۈپتۈز تۇراتتى. چىرايىدا ئازىراقمۇ تەبەسسۇم يوق ئىدى. ئۇ قىزچاقتىن :- سەن نەگە باردىڭ دەپ سورىدى، قىزچاق:- مەن ئۇخلىغىلى كەلمىدىم، قىزچاق ھېچقانداق بىر چۈشەندۈرۈش بەرمىدى. بەلكى ئېلىننا لاگنېرمۇ ئۇنىڭدىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىدى. قىزچاق بېشىدىكى ئەتتىرگۈل رەڭلىك شىلەپىسىنى ئېلىپ، ئاندىن چېچىنى قويۇپ بېرىپ ئۇخلاشقا تەمشەلدى. بۈگۈن سەن مەكتەپكىمۇ بارمىغانسەن؟ ھە بارمىدىم، ئېلىننا ئۇلارنىڭ بىزنىڭ مەكتەپكە تېلېفون قىلغانلىقىنى، شۇ مەكتەپتىن دەرستىن قاچقانلىقىنى، يەنە ئۇنىڭغا چوقۇم مەكتەپ نازارەتچىسىنى ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. نۇرغۇنلىغان قىزلار مەيداننىڭ قاراڭغۇ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىدا تۇراتتى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاق رەڭلىق كىيىم كىيىۋالاتتى. دەرەختە بىر قانچە چوڭ چىراقلار ئېسىلغان بولۇپ، بەزى سىنىپلارنىڭ چىراقلىرى يېنىقلا تۇراتتى. بەزى ئوقۇغۇچىلار تېخى ئۆگىنىش قىلىۋاتاتتى. بەزىلىرى سىنىپقا قىلىپ پاراڭلىشاتتى، كورت ئويناتتى ياكى بولمىسا ناخشا ئېيتاتتى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا مۇنتىزىم ئۇخلايدىغان ۋاقىت بىكىتمىگەن ئىدى. چۈنكى كۈندۈزى ھەقىقەتەن بەك ئىسسىق بولغاچقا، شۇنىڭ ئۈچۈن كەچلىكى سەل ئىختىيارىي ئىدى. ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇ قىزلار ياتىقىنىڭ نازارەتچىسى نېمە قىلىمەن دېسە شۇنى قىلاتتى. بۇ دۆلەتلىك ياتاقلىق مەكتەپتە، بىز ئىككىمىز بىردىنبىر ئاقتەنلىق قىزلار ئىدۇق. بۇ يەردە ئارلاشما قان تىپىدىكىلەر ئاز ئەمەس بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپىنچىسىنى دادىسى تاشلىۋەتكەنلەر ئىدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى ئەسكەرلەر، ماتروسلار ياكى بولمىسا، تاموژنا، كەنت –بازارلار، ئاممىي قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ كىچىك خىزمەتچى خادىملىرى ئىدى.
    ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپىرەكى ئاممىۋىي ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش ئورنىدىن كەلگەن بولۇپ، بۇ يەردە يەنە تۆتتە بىر قىسىمدىكى ئارلاشما ئېرقىدىكى قىزلارمۇ بار ئىدى. ئېلىننا لاگىرنىڭ پەرىزىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى بۇ قىزلارنى تەربىيىلەپ دوختۇرخانىنىڭ سىستېراسى قىلماقچى ياكى بولمىسا، يىتىم بالىلار ساناتوريىسى، ماخاۋى كېسىلى دوختۇرخانىسى، نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئايال نازارەتچىسى قىلماقچى ئىدى. ئېلىننا لاگىر تېخى بۇ قىزلارنى خولېرا ۋە چۇما كېسىلى بىمارلىرىنى تەكشۈرۈش پونكىتىگە ئاپىرىپ خىزمەت قىلدۇرىدۇ دەپ قارايتتى. قىزچاق ئېلىننانىڭ ئىش-پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلاتتى، ئۇ :- سىز ئوتتۇرا مەكتەپكە دەرس ئوقىغىلى بارمىدىڭىزمۇ، ئاخشاممۇ بۇ يەرگە كىلىپ ئۇخلىمىدىڭىز، بىز ئامالىسىز ئاپىڭىزغا ئۇقتۇردۇق، مەن ئۇنىڭغا مېنىڭ باشقا ئامالىمنىڭ يوقلىقىنى، لېكىن بۈگۈندىن باشلاپ، مەن كۈچۈمنىڭ بارىچە مەكتەپنىڭ ياتىقىغا قايتىپ كىلىپ ئۇخلايمەن، مەن يەنە بۇ ئىشىنى مېنىڭ ئاپامغا ئېيتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق، ياش قىزلار ياتاق نازارەتچىسى ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇراتتى.
    كېيىن مەن يەنە يېڭىباشتىن ھېلىقى تۇرمۇشۇمنى باشلىۋالدىم. بىر ئىشتىن ئاۋۋال مەن ئاپامغا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم، ئۇ ئالاھىتەن ياتاقلىق مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرىدىن سوراپ، مېنىڭ كەچلىك پائالىيىتىمنى ئورۇنلاشتۇراتتى. ئىزچىل تۈزۈم ئىچىدە مەكتەپكە قايتىش ۋاقتىمنى ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېنى مەجبۇرىي ياتاقنىڭ ئارام كۈندىكى سەيلىگە زورلىمايتتى. ئۇ :- مېنىڭ بۇ بالام ئەركىن ئۆگىنىپ قالغان، ئەگەر ئۇنىڭغا ئەركىنلىك بەرمىسەم، ئۇ قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، ھەتتا بۇ ئاپا بولغۇچى بولسىمۇ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھېچقانداق ئامالى يوق ئىدى. مەن ئۇنى ئەركىنلىككە چىقىرىشم كېرەك.
     مەكتەپ مۇدىرى مېنىڭ ئۇنىڭ مەكتىپىدىكى ياتاقتا مېھمانخانىدا تۇرغاندەك تۇرىشىمغا قوشۇلاتتى.
    ناھايىتى تېزلا، مېنىڭ قولۇمدا بىر دانە ئالماس تويلۇق ئۈزۈك بار بولدى. ئاشۇ قىزلار ياتىقىنىڭ نازارەتچىسى ماڭا ىكىر قىلمايدىغان بولدى. كىشىلەر مېنى ئەزەلدىن بىراۋ بىلەن توي قىلالمايدۇ دەپ قارايتتى. لېكىن بۇ ئالماس ئۈزۈك ناھايىتى قىممەتلىك بولۇپ، ھېچكىم ئۇنى ساختا مال دەپ گۇمان قىلمايتتى. يەنە كېلىپ، بۇ بىر ياش كىچىك قىزچاققا سوۋغا قىلىنغان قىممەت باھالىق ئالماس ئۈزۈك ھەممەيلەننىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويغان ئىدى.   
    مەن ئېلىننا لاگېرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدىم. ئۇ كىچىك ئۇزۇن ئورۇندۇقتا يېتىپ يىغلاۋېتىپتۇ. چۈنكى ئۇ مېنى دەرھاللا ياتاقلىق مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ دەپ ئويلاپتۇ. مەن ئۇزۇن ئورۇندقتا ئولتۇردۇم. ئېلىننا لاگېر مېنىڭ يېنىمدا ياتقان ئىدى. ئۇنىڭ گۈزەل بەدىنى چىرايلىق پۈتۈن كۆينەكنىڭ ئىچىدە ئەركىن ئازادە تۇرماقتا ئىدى. بۇ چىن كۆڭلۈمدىكى گەپ ئىدى. مەن بۇندىن ئىلگىرى بۇنىڭدەك چىرايلىق كۆكسىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ھەم ئۇنى تۇتۇپمۇ باقمىغان ئىدىم. ئېلىننا لاگېر ئىزا تارتىشنى بىلمەيدىغان قىزچاق بولۇپ، ئۇ نېمىنىڭ ئىزا-نومۇسلىقىنى بىلمەيتتى. ئۇ تېخى قىپيالىڭاچ بولۇپ، ئۇچىسىدا كىيمى يوق كارىدوردا ئۇياق-بۇياققا مېڭىپمۇ يۈرەتتى. تەڭرى كىشىلەرگە ئەڭ گۈزەل نەرسىلەرنى ئاتا قىلغان بولۇپ، ئېلىننا لاگېرنىڭ بەدىنىدىن ئارتۇق بولماس بەلكىم. ئۇ راستىنلا تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدە گۈزەل ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنى بىلەن ئۇنىڭ ئالدىدىكى بىر جۈپ خۇددى ھەۋەسلەردىن ئايرىلغاندىكىدەك ئەمچىكى شۇنچىلىك سىممىتىرىك كۆرىنەتتى. ھەر قانداق بىر نەرسە ئۇنىڭ بۇ تولغان ئەمچىكىدىنمۇ بەكىرەك جەلىپكار نەرسە يوق بولۇپ، ئۇنىڭ ئەمچىكى شۇنچىلىك تولغان، سىرتقا چوقچىيىپ تۇرغان بولۇپ، قول بىلەن ئاسانلا تۇتىۋالغىدەكلا ئىدى. مۇشۇنداق كىشىنىڭ كۆزىنىڭ يېغىنى يەيىدىغان بۇنداق نۇر ئالدىدا، ھەتتا كىچىك ئاكاممۇ مەدىكاردەك تېنى بىلەن تەڭ كىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايتتى.
    ئەرلەرنىڭ بەدىنى ئاۋاقلىرىنىڭ كۆڭلى ياخشى كۆرىنەتتى، لېكىن شەكىل جەھەتتىن ئۇلارنىڭ كۆڭلى يەنىلا يالتايمايتتى. بۇ ئېلىننا لاگىرنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ بەدەن ھالىتىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالغىلى بولمايتتى. پەقەت بىر تال پەسىل گۈلى ئىدى. ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىت ئىچىدە توزۇپ خازان بولاتتى. ئېلىننا لاگىر دالى ئىگىزلىكىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى بازاردىكى بىر ئەمەلدار ئىدى. ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتلار ئىلگىرى مەۋسۈم ئوتتۇرىسىدا بۇ يەرگە كەلگەن، ئۇ بەك قورقۇنچاق بولۇپ، دائىم ئۈن-تىنسىز مېنىڭ يېنىمدا تۇرۇشنى خالايتتى ياكى بولمىسا يىغلاپ ياش تۆكەتتى. ئۇنىڭدا تاغلىقلاردا بولىدىغان بىر خىل قارامتۇل قىزىل تېرە رەڭگى بار بولۇپ، مۇشۇ سەۋەبلىك كىشلەر ئۇنى ناھايىتى ئاسانلا تونىۋالاتتى. چۈنكى بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قان ئاز بولۇپ قىلىش ۋە ھاۋانىڭ ئىسسىقلىقىدىن يۈزىلىرى ئاپئاق ھەم كۆكىرىپ كەتكەن ئىدى. ئېلىننا لاگېر تۇلۇقسىز دەرىسلىكىنى ئوقىمايتتى. ئوقۇشنى بىلمەيتتى. ئۆگىنىشنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ھېچنىمىنى ئېسىدە تۇتالمايتتى. ئۇ ياتاقلىق مەكتەپنىڭ باشلانغۇچ سىنىپىدا ئوقۇيتتى. يەنە كېلىپ بۇ دەرىسلىكلەرنىڭ ھېچقانداق پايدىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇ ماڭا يېپىشىپ يىغلاشقا باشلىدى. مەن ئۇنىڭ چېچىنى سىلاپ ۋە قولىنى تۇتۇپ تۇردۇم، مەن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە مەكتەپتە قالىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئېلىننا ئۆزىنىڭ نەقەدەر چىرايلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى ئۇنى قانداق بىر ئىختىساسلىق ئادەم قىلىپ تەربىيىلەپ چىقىشنى بىلمەيتتى. ئۇلارنىڭ خىيالى ئۇنى تېزراق ياتلىق قىلىۋېتىش ئىدى. ئېلىننا خالىغانچە بىر كەلگۈسى يولىدىشىنى تاپسا بولاتتى. لېكىن ئىزدەشنى خالىمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ توي قىلغۇسى يوق ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن خىيالى ئاپىسى بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش ئىدى. ئاخىرىدا، ئۇ يەنىلا ئاپىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ياتلىق قىلىندى. ئۇ ھازىرقى سەت قالپاق، پۇتىغا سېرىق ئالتۇن رەڭلىك ئاياق كىيىۋالغان مەندىنمۇ بەك چىرايلىق ئىدى. لېكىن ئۇنىڭدىن تېخىمۇ بەكىرەك پىشقان ھەمدە توي قىلىش يېشىغا مەن ئەڭ ماس كىلەتتىم. ئەلۋەتتە ئېلىننا لاگېرمۇ توي قىلىشقا يېشىغان توشقان، ماس ھالدا توي قىلسا بولىۋېرىدۇ، لېكىن ھېچنېمىنى بىلمەيتتى، سىز ئۇنى قورقۇتسىڭىز بولىدۇ، ئاندىن ئۇنىڭغا بارلىق قورقۇشلارنى چۈشەندۈرۈپ قويسا بولاتتى. ئۇنىڭغا شۇ جايدا جىم تۇرۇپ، گەپ ئاڭلاپ تۇرۇشنى ئېيتىسىڭىز بولىۋېرەتتى.
    ئېلىننا لاگېر مېنىڭ بىلىدىغانلىرىمنى ھەممىنى بىلمەيدۇ. ئۇ 17ياشقا كىرىپ قالغان قىز بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق ئىدى. خۇددى مېنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىغىنىمغا ئوخشاش بولۇپ، مېنىڭ بىلگىنىمنى ئۇ مەڭگۈ بىلىپ بولالمايتتى.  
    ئېلىننا لاگېرنىڭ بەدىنى چىڭ، ئاپئاق بولۇپ، ئۇنىڭ تېرىسى مەلۇم مېۋىنىڭ سىرتقى كۆرىنىشىدىكى سىلىق يۇمرانلىقىغا ئوخشايتتى. يەنە كېلىپ بۇ خىل يۇمرانلىق ناھايىتى تېزلا بىلىنمەيتتى. پەقەت ئۇنىڭدا ئازغىنا خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولاتتى خالاس. ئېلىننا لاگىر ئادەمگە ئۇنى ئۆلتۈرۋېتىش خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويغان بولۇپ، ئادەم ئۆز قولى بىلەن ئۇنىڭ گۈزەل چۈشىنى يوق قىلۋېتەتتى. ئۇنىڭ بەدىنى گەرچە سۈتتەك ئاپپاق بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىمۇ بەلكىم بۇنى ھېس قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇنى ئوينىتىدىغان بىر جۈپ قولىغا بېرىلگەن، ئۇلارنى سۈمۈرىدىغان ئېغىزىغا بېرىلگەن، يەنە كېلىپ، ئۇ بۇلارنىڭ كۆڭلىدە ساقلىيالمايتتى ھەم چۈشەنمەيتتى، ئاجايىپ كۈچىنى تېخىمۇ بىلمەيتتى. مېنىڭ راستىنلا ئېلىننا لاگىرنىڭ ئەمچىكىنى شورىغىم كىلىۋاتىدۇ. خۇددى مەشۇقىم جۇڭگو شەھەرچىسىدىكى ھېلىقى ئۆيدە مېنىڭ ئەمچىكىمنى شورىغاندەك. مەن ھەر كۈنى كەچ ئۇ يەرگە بارىمەن. ئۇ يەرگە بېرىپ تەڭرىگە بولغان تۇنىشىمنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇراتتىم. مەن ئۇنىڭ گويا سۈتتەك ئاق، يۇشماق كۆكسىگە تويمايتتىم. مېنىڭ راستىنلا ئۇنى مەن دائىم كەچتە بارىدىغان ھېلىقى ئۆيگە ئاپارغۇم كەلدى. مەشۇقىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىشىنى ئويلىدىم، ئاندىن مەن ئۇنىڭدىن بىر خىل ھوزۇر ئالاتتىم. ئاندىن مەن ئۆلۈپ قالساممۇ ئارمىنىم يوق ئىدى.  
    لاگىرنى ياختۇرىشىم مېنىڭ ئاشۇ قىرغاكتىكى ئاشىقىم بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەن ئۇلاردا كىشىنى قىزىقتۇردىغان تەن بار دەپ قارايتتىم. پەقەت لاگېرنىڭ تەن رەڭگى ئۇنىڭكىدىن پارقىراق ھەم بەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتى ھەر تامچە يېشى، ھەر بىر كەمچىلىكى، ھەر دائىملىق ئەقىلسىزلىقى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئوبرازىنىڭ تەكرار راۋاجلىنىشى ئىدى. ئېلېننا لاگىر دەل مۇشۇ بىچارە ئەرنىڭ ئايالى ئىدى. بۇ قىرغاكتىكى، چۈشىنىكىسىز جۇڭگولۇق ئەر ئىدى. ئېلىننا لاگىر مۇ جۇڭگوغا مەنسۈپ ئىدى.
    مەن ئېلىننا لاگىرنى ئۇنتۇپ قالمىدىم، بۇ بىچارە ئەرنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدىم. مەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمنى ئۈزگەندىن كېيىن، توپتوغرا ئىككى يىل ھەر قانداق بىر ئەركىشىگە يېقىنلاشمىدىم. ھەمدە بۇ خىلدىكى ئاجايىپ سادىقلىق پەقەت ماڭىلا مەنسۈپ ئىدى.
مەن ئۇ ۋاقىتتا يەنىلا مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدىم. چۈنكى ئۇ يەر مېنىڭ ماكانىم. بۇ يەردىن باشقا جايىم يوق، باشقا يەردىن ماڭا ئورۇنمۇ يوق ئىدى. دەل مۇشۇ سوغۇق، رەھىمسىز، جاپا-مۇشەققەتلىك شارائىتتا، مەن يەنىلا ئۆزۈمگە قەتئىي ئىشىنەتتىم. ئۆزۈمگە چۇشلۇق يۈكىم بار بولۇپ، ئۇ دەل مېنىڭ كېيىن يازغۇچىلىق كەسپىنى قىلىش ئىدى. 
    قىرغاقتىكى ئاشىقىمنىڭ بويتاقلار ياتىقىدا ئۆتكۈزگەن مەزگىللىرىم، ئىلگىرىكى بۇ تۇتۇق قاراڭغۇ جايدىكى خۇشال مەزگىللىرىم ئىدى. بۇ كىشىنى تۇنجۇقتۇرىدىغان جاي، ئەزرائىل بىلەن يېقىن خۇشنا بولۇپ تۇرغان جاي بولۇپ، زۇلۇم قىلىش، ئازاب تارتىپ، ئۈمىدسىزلىنىش، ھاقارەتلىنىدىغان جاي. بۇ دەل مېنىڭ قىرغاقتىكى بېقىنىۋالىغان جايىم. ئۇ دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدا ئىدى. لېكىن ھامان بىركۈنى، مەن دەريادىن ئۆتۈپ ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر ماكانىمنى تاپالايتتىم.
    مەن ئېلىننا لاگىرنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىلمىدىم ھەم ئۇنىڭ ھازىر ھايات ياكى ئەمەسلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. ئۇ بىرىنچى بولۇپ ياتاقلىق مەكتەپتىن ئايرىلغان ئىدى. مېنىڭ فىرانسىيىگە قايتقىنىمدىن خېلى بۇرۇن ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا ئاپىسى ئۇنى دالىغا ئېلىپ كەتمەكچى بولغان ئىدى. ئېسىمدە قىلىشىچە توي قىلىش ئۈچۈن كەتكەن ئىدى. چۈنكى ئۇ بەلكىم يېڭىدىن بىر چوڭ شەھەردىكى بىرىگە يولۇققان بولىشىمۇ مۇمكىن. بەلكىم مەن خاتالىشىپ قالغاندىمەن. ئۆزۈمنىڭ خىيالى بىلەن ئېلىننا لاگىرنىڭ ئاپىسىنىڭ سۆزىگە بىنائەن مەجبۇرىي ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن ئىشىنى مەن ئارلاشتۇرۇپ قويۇپتىمەن.  
مەنمۇ سىلەرگە زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي.
    ئىش مۇنداق ئىدى:
    ئەپيون چىكىش سەۋەبىدىن، چوڭ ئاكام خىزمەتكارلارنىڭ پۇللىرىنى ئوغرىلايتتى. يەنە تېخى ئاپامنىڭكىنىمۇ ئوغرىلىغان. ئۆيلەرنى ئاقتۇرۇپ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋېتەتتى يەنە ئوغىرلايتتى يەنە قىمار ئوينايتتى. دادام ئالەمدىن ئۆتىشتىن بۇرۇن «ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسى» دىكى ئۆينى سېتىلۋالغان. بۇ دەل بىزنىڭ بىردىنبىر مال-بىساتىمىز ئىدى. ئۇنىڭ ئۇدا قىماردا ئۇتتۇرىشى بىلەن ئاپام ئامالسىز ئۇ ئۆينى قەرزگە ھېسابلاپ بېرىۋەتتى. لېكىن بۇمۇ يەتمىگەن ئىدى. مەڭگۈ يەتكەنمۇ ئەمەس. ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىم ئىدى، ئۇ مېنى كاپور قەھۋەخانىسىدىكى بىر مېھمانغا سېتىۋەتمەكچى بولغان ئىدى. مېنىڭ ئاپام دەل ئاشۇنىڭ ئۈچۈن ياشايتتى. ئۇنىڭ ياخشى يەپ، ياخشى ئۇخلىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۇنى چاقىررىغان ئاۋازىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئىدى. ئاپام تېجەشلىك بىلەن ياشاپ، 10 يىل سەرپ قىلىپ پۇل يىغىپ ئامبوسقا يېقىن جايدىن بىر زېمىن سېتىۋالغان. لېكىن ئۇ بىر ئاخشامدىلا بۇ يەرنى گۆرۈگە قويىۋەتكەن. ئاپام ئامالسىز ئۆسۈمىنى بەردى. مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنى كېسىپ بىر ئاخشامدىلا ئۇتتۇرۇپ قۇپقۇرۇق قىلىپ قويغان. ئۇ يەنە مېنىڭ بۇ ئۆلەي دەپ قالغان ئاپامنىڭ پۇلىنى ئوغرىلىغان. ئۇ ئۆيلەرنى ئاختۇرۇپ ئوغرىلىق قىلىدىغان كەسپىي ئۆي ئوغرىسى ئىدى. ئۇنىڭ پۇراش سېزىمى شۇنچىلىك سەزگۈر بولۇپ، ئاختۇرۇشقا ماھىر، مەيلى دۆۋە دۇگلىنىپ كەتكەن رەخلەر بولسۇن كىچىك بۇيۇملارمۇ ئۇنىڭ قولىدىن قېچىپ قوتۇلغان ئەمەس. ئۇ يەنە تۇغقانلارنىمۇ نەرسىلىرىنى ئوغرىلاپ باققان. نېمە ھېلىقى زىبۇ-زىننەت، يېمەكلىك قاتارلىقلار. ئوغرىلىسلا بىر مۇنچىنى ئوغرىلىۋالاتتى. ئۇ يەنە دۇ ھەدىنىڭ، ئەر خىزمەتكارنىڭ، مېنىڭ، كىچىك ئاكامنىڭ نەرسىلىرىنىمۇ ئوغرىلىغان. مېنىڭكىنىلا كۆپ نەرسەمنى ئوغىرىلىۋالغان ئىدى.
    ئۇ ئاپىسىنىمۇ سېتىۋەتكىلى تاسلا قالغان. ئاپامنىڭ تىنىقى توختاپ، تېخى تىنىدىكى ئىسسىقلىق تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئۇ ئالمان-تالمان گۇۋاھلىق كىشىلەرنى چاقىرىپ كىلىپ، يالغاندىن ئازىراق تىمساق كۆز يېشى قىلغان ئىدى. ئۇ مۇنداق ئويۇنلارنى ئويناشقا ئەڭ ماھىر بولۇپ، شۇ دەقىقىدىلا ئاتا-ئانىسى ئۆلۈپ قالغاندەك قىلىپ كېتەتتى. گۇۋاھلىق ئورنىدىكىلەر ۋەسىيەتنامىنىڭ ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. چۈنكى ئۆلگۈچى ھەددىن زىيادە چوڭ ئوغلىنىڭ مەنپەئىتىگە يان بېسىپ يازغان بولۇپ، مېنىڭ مەنپەئىتىمگە زىيانلىق ئىدى. پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، كىشىنىڭ كۈلگىسىنى كەلتۈرەتتى. مەن چوقۇم ئۆز پەيتىدە تەدبىر قوللىنىشىم كېرەك بولمىسا قوبۇل قىلىش ياكى بولمىسا رەت قىلىش كېرەك ئىدى. مەن قوبۇل قىلغانىمنى ئىپادىلەپ ئىمزا قويدۇم. ئاخىرى بۇ ۋەسىيەتنامىنى قوبۇل قىلدىم. چوڭ ئاكامنىڭ قاپاقلىرى چۈشۈپ، بىر ئېغىز رەھمەت دىيەلىدى. ئۇ خىقىراپ يىغلاپ كەتتى. بەلكىم جەنۇبتىكى قارا نىيەت كىشىلەر ۋە ئەسكى كىشىلەر گۇرۇھىدىكىلەر، شۇ يەرلىك ساقچى ئىدارىسى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ئەمدى نەگە بېرىپ يۇشۇرىنىشىنىمۇ بىلمەيتتى. ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالدى. مەن تا ھازىرغىچە بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنچىكە ئىشلارنى بىلمەيتتىم. لېكىن ئۇ نېمىلا دېگەن بىلەن بىر قېتىملىق خەتەردىن قۇتۇلۇپ قالدى. بەلكىم ئۇ ئىلگىرى بىر قىسىم كىشىلەرنى ساتقان بولۇشى مۇمكىن، بىر قىسىم يەھۇدىلارنى ساتقان بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ قىلالايدۇ. ھەر قېتىم ئۇ ئادەم ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ياكى بولمىسا سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولغان ۋاقىتتا، شۇنچىلىك قۇلقى يۇمشاق، قىزغىن بولۇپ كېتەتتى. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ يولدىشىم تېخى جازا لاگىرىدا قامالغان بولۇپ، چوڭ ئاكام ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان ئىدى. ئۇ بىزنىڭ ئۆيدە ئۈچ كۈن تۇردى. مەن ئۇنىڭ كونا كېسەللىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. شۇڭا مەن دائىم سىرتقا چىققاندا، ھېچنىمىنى سولاپ قويماپتىمەن. ئۆز ۋاقتىدا مەن نورمىلىق تەمىنلەش كىنىشكىگە ئالغان شىكەر بىلەن گۈرۈچنى ساقلاپ قويغان ئىدىم، يولدىشىم چىققاندا بىللە يەرمىز دەپتىكەنمەن. ئۇ ھەممە يەرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، خالىغىنىچە مېنىڭ نەرسىلىرىمنى ئېلىپ كىتىپتۇ.
    ئۇ يەنە تېخى مېنىڭ ياتاق ئۆيبمدىكى كىچىك كىيىم ئىشكابىنىمۇ ئاختۇرۇپتۇ. ئاخىرى قولغا چۈشۈرگىدەك نەرسىنى تاپقان ئىدى. ئۇ مېنىڭ بارلىق يىغقان 50مىڭ فىرانىكنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ماڭا بىر سىنىتمۇ قالدۇرماپتۇ. ئۇ شۇنداق مەينەت نەرسىنى ئېلىپ مېنىڭ داچامدىن ئايرىلدى. كېيىن مەن ئۇنى كۆرگەن ۋاقتىمدا، ئۇنىڭ بىلەن بۇ كونا ھېسابنى قىلىشمىدىم. بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ناھايىتى نومۇسچىلىققا قالىدىغان ئىش ئىدى. مەن راستىنلا ئېغىز ئېچىشقا خىجىل بولدۇم. ئۇ ساختا ياسالغان ۋەسىيەتنامىگە كەلگەندە، لوق گۆشكە ئايلاندۇرۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ تېخى مورىپ يولىدىكى تۆت كوچا يىنىدىكى قەلئەنى سېتىۋېتىپتۇ. بۇ سودىمۇ ئاشۇ ۋەسىيەتنامىگە ئوخشاشلا، ساختا، كۆز بويامچىلىق ئىدى. ئاپام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ غېرىپ يالغۇز قالغان ئىدى. بۇ دۇنيادا ئۇنىڭ دوستى يوق ئىدى. ئۇ ئەزەلدىن دوست تۇتۇپ باققان ئەمەس. ئۇ مونپىلارسىردىكى ۋاقىتتا بىر قانچە ئاياللار ئۇنىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ ئاياللارنى ئىش قىلغۇزۇپمۇ كەتمەيتتى. ھېچ بولمىغاندا يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا ئىش قىلغۇزمايتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ ئەرلەرنى ئىشلىتەتتى. لېكىن بۇ ئەرلەر دائىم ئۇنىڭغا قەرز بولۇپ قالاتتى. ئۇ يىگانە قالدى. تۇرمۇشى شۇنچىلىك چىڭ، يالغۇزلۇقتا ئۆتمەكتە ئىدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كېيىنكى ئۆمرى تېخىمۇ بەك ئېچىنىشلىق ئىچىدە ئۆتتى. ئۇمۇ بىر ئەسكى ئادەم بولۇپ، ئۇنىڭ قىلىقلىرىنى تىلغا ئالغۇچىلىكىمۇ يوق ئىدى. ئۇ ئەتراپىدىكى كىشلەرنى قورقۇتىۋەتتى. مۇشۇ دەرىجىگە كىلىپ قالغان ئىدى. بىز بىلەن بىللە ئۆتكەن ۋاقىتلاردا، ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقىي خانلىق دۆلىتىدىن ئايرىلغان ئىدى. ئۇ تېخى بىر بۇلاڭچى ئەمەس، پەقەت ئائىلىدىكى بىر لۈكچەك، ئۆينىڭ ئىشكاپلىرىنى ئوڭتەي-توڭتەي قىلىدىغان ئۆي چاشقىنى، بىر قۇرۇق قول ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئىدى. لېكىن، ئۇ ئەزەلدىن ئۈمىدسىزلەنگەن ئەمەس. مۇشۇنداق ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ تۇرۇپ ياشىغان ئىكەن، ئۇ يەنىلا ياشاپ كىتەلەيتتى. ئۇنىڭ جەسۇر كەسكىن تەرەپلىرى يوق، ھەر كۈنى قورقۇپلا يۈرەتتى. دەككە –دۈككىدە كۈننى كەچ قىلىپ بولالمايتتى. ئاپام ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئاشۇنداق بىر خىل غەيرى تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈردى. تۇرسىتا، ئۇ قەھۋەخانىدىكى بىر كۈتكۈچى بىلەن تۇنۇشۇپ قالدى. ئۇلار بىلەن ئۆزىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ «يولى» قىلىۋالدى. ئاشۇ ھاراق پۇراپ تۇرغان دائىملىق مېھمانلار ئۇنىڭ قەھۋەخانىسىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى قەرت ئوينايدىغانلارنىڭ ھەمراھى بولدى. ئۇ خەق نېمىنى قىلسا شۇنى قىلىپ، ئۇلارنى دوراشقا باشلىدى. ئۇ جېنىنىڭ بېرىچە ھاراق ئىچەتتى، ئىككى كۆزىگە قان تولۇپ، ئىشىپ، ئېغىزلىرى مايماق بولۇپ، تەلەتى شۇنچىلىك ۋەھشىيلىشىپ كېتەتتى. تۇرىستا ئۇنىڭ ھېچنىمىسى قالمىدى. ئۇ ئىككى يەردىكى زېمىننى تۆۋەن باھادا قەرىزگە ھېسابلىۋەتكەندىن كېيىن، قۇرۇقدىلىپ قالدى. ئۇ ئاپام ئىجارىگە ئالغان ھېلىقى ئۆي جاھازىلىرىنى زاپاس ساقلاش ئۆيىدە توپتوغرا بىر يىل تۇردى. ئۇ تۇتقۇچلۇق ئورۇندۇقتا ئوخلىغغىلى توپتوغرا بىر يىل بوپتۇ. بەخىتكە يارىشا ئۆي ئىگىسى ھېسداشلىق قىلىپ، ئۇنىڭ كىرىپ قونىشىغا يول قويغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ شۇ يەردە بىر يىل تۇرالىغان ئىكەن. كېيىن، ئۆي ئىگىسى ئاخىرى مېھماننى قوغلاش بۇيرىقىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى قوغلىۋەتكەن.
    بۇ بىر يىل جەريانىدا، ئۇ قانداقمۇ ئۆزىنىڭ رەنىگە قالدۇرۇپ قويغان زېمىنى دو تىكىپ قايتۇرۇشنى ئويلىمىسۇن؟ ئۇ ئاپام قالدۇرۇپ قويغان ئۆي جاھازىلىرى زاپاس ساقلاش ئۆيىدىكى ھەممە ئۆي جاھازىلىرىنى بىردىن-بىردىن ئۇتتۇرۇپ بولدى. يەنە مىستىن ياسالغان بۇتنى، مىستىن ياسالغان قازان-قۇمۇچلارنى، كېيىن ھەتتا كارۋات، كىيىم ئىشكاپلىرى ۋە كىرلىكلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىپ قىمارغا تىكىۋەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىنى ئۇتتۇرىۋەتتى، ئۆزىنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيمىدىن باشقا ھەممە نەرسىسىدىن ئايرىلدى. تەنھا-يىگانە، غېرىپلىق بىلەن قالدى. بۇ بىر يىل ئىچىدە، ھېچكىم ئۇنى يېنىدا قالدۇرغىسى كەلمىدى. ئۇ پارىژدىكى بىر نەۋرە ئىنىسىغا قۇتقۇزۇش خېتى يازدى. ئاخىرى ماسيپۇر شەھىرىدە بىر قارا ئىشچىنىڭ ئۆيىنى تېپىپتۇ. بۇ 50 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان قېرى يىگىت ئاخىرى ھاياتىدىكى بىرىنچى كەسپىنى تاپتى. ھاياتىدىكى بىرىنچى قېتىملىق ئىش ھەققىنى قولىغا ئالدى. ئۇ خەيلون سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ قارا ئىشچىسى ئىدى. مېنىڭچە ئۇ ئۇ يەردە توپتوغرا 50 يىل خىزمەت قىلدى. ئۇ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى. لېكىن ئۇ يەردە ئۆلمىدى، بەلكى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئۆلگەن.  
ئاپام ئەزەلدىن بۇ ئوغلىنىڭ يامان تەرىپىنى قىلمايتتى. ئۇ ئەزەلدىن بۇ ئوغلىدىن رەنجىگەن ئەمەس. ئۇ ئەزەلدىن كىشىلەرگە ئوغلىنىڭ ئۇدۇل كەلگەنلىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلايدىغانلىقىنى، ئۆيلەرنى مالما-تالمان قىلىپ ئاختۇرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ھەرگىزمۇ ئېيتمايتتى. مۇنداق ئانا مېھرى ھەقىقەتەن گۇناھ بولۇپ، ئۇ دائىم بۇنداق جىنايى ئانا مېھرىنى يۇشۇراتتى. مۇنداق ئانا مېھرىنى كىشىمۇ چۈشىنەلمەيتتى. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ چۈشىنىشىدە، ئۇنىڭ ئوغلىغا نىسبەتەن، تەڭرىنىڭ ئالدىغان بارغاندىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيتتى. ئۇنىڭ ئوغلى ھەققىدە، ئۇ دائىم بىر قىسىم تۇتامىغا چىقمايدىغان ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىشنى ياخشى كۆرەتتى. ئەسلىدە بىز ئۈچىمىزنىڭ ئارىسىدا ئۇ ئەقىللىقراق ھەم گۈزەللىك قارشى ئەڭ يۇقىرى ئىدى. ئەڭ ئەقىللىق، قولىدىن ئىش كىلىدىغان ھەمدە يەنە كىلىپ ئاپىسىنى ئەڭ سۆيىدىغان بىر ئادەم ئىدى. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ ئاپىسىنى ئاخىرى چۈشىنىپ يەتكەن. ئاپام «مەن راستىنلا ئوغۇل بالىنىڭ بۇنچىلىك سەزگۈرلىكىنى ھېس قىلماپتىكەنمەن، شۇنچىلىك چوڭقۇر ھېسسىياتىنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن » دېگەن ئىدى.
    بىز كېيىن بىر قېتىم كۆرۈشتۇق، ئۇ مەن بىلەن كىچىك ئاكامنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا پاراڭلاشتى. ئۇ ماڭا كىچىك ئاكامنىڭ، بىزنىڭ كىچىك پاۋىلنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى، كىشىنىڭ ئىچىنى ئىلىشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    مېنىڭ كاللامدا بۈگۈنگە قەدەر بىزنىڭ ئائىلىنىڭ مۇشۇنداق بىر تۇرمۇش كۆرىنىشى قېلىپ قالغان. قىرغاقتىكى ئۆيدىكى تاماق ئۈستىلىدە ئىدۇق. بىز ئاكا-سىڭىل ئۈچىمىز ئاشخانىدىكى بىر ئۈستەلدە غىزالىنىۋاتقان، ئۇلار ئۇ ۋاقىتتا 17-18ياشلاردىكى ئادەملەر ئىدى. ئاپام بىز بىلەن بىرگە تاماق يېمىدى. دەسلەپتە چوڭ ئاكام مەن بىلەن كىچىك ئاكامنىڭ تاماق يېيىشىمىزگە قاراپ ئولتۇرغان. كېيىن، ئۇ ئارىنى قويۇپ، ئىككى كۆزى بىلەن كىچىك ئاكامغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى. چوڭ ئاكام كىچىك ئاكامغا سىنجىلاپ قارىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇشتۇمتۇت بىر سەت گەپنى ئېغىزىدىن چىقارغان. ئۇنىڭ دېگىنى يېمەكلىككە ئائىت گەپ ئىدى. چوڭ ئاكام كىچىك ئاكامنىڭ ئۆزىنى چاغلىشىنى، نەرسە يېگەندە تويمايدىغاندەك قىلماسلىقىنى ئېيتقان ئىدى. كىچىك ئاكام ئۈن چىقارمىغان. يېيىشىنى داۋاملاشتۇرىۋەرگەن. ئۇ يەنە بىر جۈملە ئەسكەرتىش بېرىپ، ئۇ چوڭ پارچە گۆشلەرنىڭ ئۆزىگە قالدۇرىشى كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئېيتقان. كىچىك ئاكام: بۇ گېپىڭنى قوي دېگەن. مەن ئۇنىڭدىن نېمىشقا بۇ گۆشلەرنى ساڭا قالدۇرىدۇ دەپ سورىدىم. ئۇ چۈنكى بۇ گۆشلەرنى ئەسلىدىلا ماڭا قالدۇرغان دېگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا: مەن راستىنلا سېنىڭ ئۆلىشىنىڭ ئارزۇ قىلىمەن، ئىككىنچى بۇنداق گۆشلەرنى يېيەلمەيسەن دېدىم. كىچىك ئاكاممۇ يېيەلمىدى. چوڭ ئاكام كۈتۈپ تۇرۋاتقان ئىدى، كىچىك ئاكام گەپ ياندۇرسىلا، بىرەر ئېغىز گەپ قىلسىمۇ، ئۇ ئۈستەل ئۈستىدىكى شۇ بىر جۈپ مۇشتى بىلەن ئۇنىڭ كاللىسىنى يېرىۋېتەتتى. كىچىك ئاكام يەنىلا ئۈن چىقارمىدى. ئۇنىڭ يۈزلىرى ئاقىرىپ كەتتى. كۆز ياشلىرى كىرپىكلىرى ئارىسىدىن سىرغىپ چۈشتى.  
    چوڭ ئاكام ئۆلگەن كۈنى ھاۋا تۇتۇق كۈن بولدى. ئېسىمدە قىلىشىچە ئۇ ئەتىياز ۋاقتى بولۇپ، تۆتىنچى ئاينى بىر كۈنى ئىدى. ئۇ كۈنى بىرەيلەندىن ماڭا تېلېفون كەلگەن. ئۇلار باشقا نەرسىمۇ دېمىدى، پەقەت ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى پولدا جان ئۈزگەنلىكىنى ئېيتتى. ئەزرائىل ئاخىرى ئۇنىڭ تارىخىنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋاقىتتا، بالدۇر كەلگەن ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ ھايات ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تەقدىرى ئاللىبۇرۇن بېكىتىۋېتىلگەن بولۇپ، پەقەت ئەزرائىل بەك كىچىكىپ كەلگەن ئىدى. كىچىك ئاكام ئۆلگەندىن كېيىنلا ئۇنىڭ تەقدىرى بالا-قازالار ئىچىدىن چىقالمىغان ئىدى.
    ئاپام ئىلگىرى ئۇنى ئۆزى بىلەن بىر يەرگە قويىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. قەيەردە ئىكەنلىكى، نەدىكى قەبرىستانلىققا كۆمگەنلىكى مېنىڭ ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. مەن پەقەت لۇۋار ئۆلكىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. ئۇ ئىككىسى ئوخشاش بىر گۆرگە كۆمۈلدى. يەنە كېلىپ تېخى ئۇ ئىككىسى. بۇ ھەقىقەت. كۆز بىلەن كۆرگۈسىز، كىشى چىداپتۇرغۇسىز مەنزىرە ئىدى.  
    يىل بېشىدا، گۇگۇم دائىم ئوخشاش بىر ۋاقىتتا پەيدا بولاتتى. قاش قارايغان ۋاقىت شۇنداق قىسقا بولاتتى. ئۇشتۇمتۇتلا يوقاپ كەتكەندەكلا بولاتتى. ھەر قېتىملىق يامغۇر پەسلىدە، تولۇق بىر ھەپتە قوياشنى كۆرەلمەيتتۇق. ئاسمان دائىم بۇلۇتلۇق ئىدى. ھەتتا ئاي نۇرىمۇ ئۆتۈشمەيتتى. ئەمما قۇرغاقچىلىق پەسلى دەل ئەكسى ئىدى. ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق، پاك-پاكىز بولۇپ، ئاي بولمىغان تەقدىردىمۇ كېچە ئاسمىنى شۇنچىلىك يورۇق ئىدى. زېمىندا، سۈ يۈزىدە، تاشيولدا ۋە تاملاردا تۈز كەتكەن سايىلار چۈشۈپ تۇراتتى.
    كۈندۈزىدىكى مەنزىرە ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. چۈنكى قۇياش نۇرى تەبىئەتنىڭ يوقاتقان رەڭلىرىنى يورىتىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىغان ئىدى. ئەمما كېچىنىڭ مەنزىرىسى مېنىڭ ئېنىق ئېسىمدە ئىدى. كۆك رەڭ ئاسماننىڭ قەھرىدە بولۇپ، قۇيۇق بۇلۇتلارنىڭ كەينىدە ھەمدە پۈتۈن ئاسماننى قاپلاپ تۇراتتى. ئاسمان ماڭا نىسبەتە ئاشۇ كۆك رەڭ ئاستىدىكى ساپ نۇر ھىسابلىناتتى. بۇ خىل بىرىككەن سوغۇق رەڭ ھەر قانداق رەڭدىن ئېشىپ چۈشەتتى. بىز يۇڭلۇڭدا تۇرۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا، ئاپام بەزى كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقىتلاردا، ئادەم چاقىرىتىپ، ئاشۇ كونا پوسۇندىكى قوش چاقلىق ئات ھارىۋىسىنى قوشقۇزاتتى. بىز ئات ھارۋىسىغا چىقىپ، ئاشۇ ئاجايىپ مەنزىرىلەردىن ھوزۇر ئالغىلى باراتتۇق. ئاي نۇرى يەرگە چۈشكەن ۋاقىت بولدى، سۈزۈك ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان شاقىراتمىغا، جىمجىتلىققا، مىدىرلاپمۇ قويمىغان ھاۋا بوشلۇقىغا چۈشۈپ تۇراتتى. بوشلۇقمۇ كۆك رەڭدە ئىدى. كىشىلەر ئۇنى قولىغىمۇ باغلىۋاللايتتى. بوشلۇق مانا مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز جۇلالىنىپ نۇرلىنىپ تۇراتتى. ئاي نۇرى ھەممە نەرسىنى يورۇتتى. دەريانىڭ قىرغىقىدىكى ئېتىزلىقنى، چەكسىز كەتكەن، كۆز يەتكىسىز دالالارنى يورۇتتى. ھەر بىر كېچىنىڭ مەنزىرىسى ئوخشىمايتتى. ھەممىسى ئوخشىمىغان ناملاردا ئاتىلاتتى. ھەمدە ئۇ كېچىدىكى ئاۋازلار دەل كەنىتتىكى ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازلىرى ئىدى. بەس-بەستە سىرلىق قاۋاشلىرى پۈتۈن كەنىتنى بىر ئېلىپ، تاڭ ئاتقۇچە داۋاملىشاتتى. 
    ھويلىدىكى چىغىر يولدا، ئاننونا دەرىخىنىڭ سايىسى ئاستى شۇنچىلىك قاراڭغۇ ئىدى. پۈتۈن گۈللۈك بىرخىل سوغۇق جىمجىتلىق ئىچىگە ئويۇلغان ئىدى. ئۆيمۇ ئوخشاش بولۇپ، شۇنچە ھەيۋەتلىك، يەنە قايغۇ-ھەسىرەتلىك ئىدى. كىچىك ئاكام ئىككىمىز ئالدىدا كىتىپ باراتتۇق. بۇ ۋاقىتتا ئۇ ئاشۇ جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرگەن يولدىكى ئوچۇق تۇرغان رېشاتكىغا قاراۋاتاتتى.
    بىر قېتىم ئۇ مېنى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئالدىغا كىلىپ ساقلىمىدى. پەقەت شوپۇر ئۆزى يالغۇز قارا رەڭلىك پىكاپنىڭ ئىچىدە ئولتۇراتتى. ئۇ ماڭا بەگزادىنىڭ شالېكقا كەتكەنلىكىنى، چۈنكى دادىسىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى. يەنە ئۇنىڭ ــــــ شوپۇرـــــ بۇيرۇققا بىنائەن سايگوندا مېنى مەكتەپتىن ئاپىرىپ ئەكىلىشكە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنىلا قارا رەڭلىك پىكاپنىڭ كەينى ئورنىدا ئولتۇراتتى، چۈنكى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ دائىم يۈزىنى باشقا يەرگە قارىتىۋالاتتى. ئۇ داۋاملىق يۈرەكزادىلا بولۇپ يۈرەتتى. بىز سۆيىشەتتۇق، ئازىراقمۇ ئاۋاز چىقارمايتتۇق، يەنە ئۇلاپ قۇچاقلىشىپ سۆيىشەتتۇق. ئۆزۈمنىڭ مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئىكەنلىكىمنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتەتتىم. ئۇ بىر تەرەپتىن سۆيۈپ، بىر تەرەپتىن يىغلايتتى. ئۇنىڭ دادىسى يەنە ياشىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى ئارزۇسى يەنە يوق بولدى. ئۇ ئىلگىرى دادىسىغا ئۆزىنىڭ تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مېنى يېنىدا داۋاملىق قېلىش ئۈچۈن يالۋۇرغان ھەمدە ئۆزىنىڭ ھېسسىياتنى چۈشىنىشىنى ئېيتقان. ھېچ بولمىغاندا، ھاياتىدىكى بىر قېتىملىق مۇشۇنداق كۈچلۈك مۇھەببەتنى توسۇشقا بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان. ئۇ دادىسىدىن ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق بىر ئاقتەنلىك قىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىغا يول قويىشىنى ئۆتۈنگەن. قىزچاقنىڭ فىرانسىيىگە قايتىشتىن بۇرۇن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇنى سۆيمەكچى بولغانلىقىنى، ھېچ بولمىغاندا ئۇنى بىر يىل بولسىمۇ سۆيىۋېلىشىنى ئۆتۈنگەن. چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەمدىلەتىن بىخلىنىۋاتقان بۇ مۇھەببەت شۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ، ۋاز كېچەلمەيتتى. بۇ تەننىڭ ئايرىلىشى شۇنچىلىك قورقۇنۇچلۇق ئىدى. دادىسى قانداقمۇ بىلسۇن، كېيىن بۇنداق مۇھەببەت ھەرگىزمۇ پەيدا بولمايتتى.
    دادىسى يەنە بىر قېتىم ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئوغلىنىڭ بالدۇر ئۆلۈپ كېتىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
    بىز بىرلىكتە ۋانىدا سوغۇق سۇدا چىلىنىپ تۇردۇق، ئۆزئارا سۆيىشەتتۇق، سۇلار شىلدىرلايتتى، دەر-ئەلەم، جانلاردىن تويغان ئىدۇق. لېكىن بۇ قېتىم، بىز ھوزۇرلىنىۋاتقانىمىز ھەقىقەتەن تەسەللىي تاپالمىغۇدەك ئازاپ بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئىدى. كېيىن ئۇ ماڭا ھېچقانداق ئۆكۈنىشىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ بايا دېگەن سۆزنى تەكرار ئۇنىڭغا دەپ بەردىم ھەم ئۆزۈمنىڭ ھەر ۋاقىتتا فىرانسىيىگە قايتىدىغانلىقىمنى، چۈنكى ئۆز ۋاقتىدا مەن ئۆزۈمنى كونترول قىلالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىمنى ئېيتتىم. ئۇ شۇنىڭدىن كېيىن، ھەممىگە قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەممىنى ۋەزىيەتنىڭ بىكىتىۋەتكەنلىكىنى، ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭغا دادىسىنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىدىغانلىقىمنى دېدىم ھەمدە بۇنداق داۋاملاشتۇرماسلىق ئىپادىسىنىمۇ بىلدۈردۈم. لېكىن مەن ئاساسىمنى ئېيتمىدىم.
    يۈلۇڭدىكى ئۇزۇن كوچا سايگون دەرياسىنىڭ قىزغىقىغىچە سوزۇلغان ئىدى. كېچە كىرگەندىن كېيىن، بۇ چوڭ كوچىدا دائىم بىرمۇ ئادەم قالمايتتى. ئۇ كۈنى ئاخشىمى باشقا ئاخشاملارغا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، تۇيۇقسىز توك توختاپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال قاچتىم. چۈنكى مەن قاراڭغۇلۇقتىن قورقاتتىم. مەن يۈگۈرگەنسېرى تېز يۈگۈردۈم. تۇيۇقسىز، ئارقامدا يەنە بىر ئادەمنىڭمۇ يۈگۈرىۋۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. مەن چوقۇم ئېيتالايمەنكى مېنىڭ ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپ ئارقامدىن كەلگەن ئىدى. مەن بىر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ بىر تەرەپتىن كەينىمگە قارايتتىم. مەن شۇ ۋاقىتتا ھەم ئىگىز ھەم ئورۇق بىر ئايالنى كۆردۈم. ئورۇقلىقىدىن خۇددى ئۆلۈك ئادەمگىلا ئوخشايتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ بىر تەرەپتىن كۈلىۋاتاتتى. ئۇ يالاڭئاياق بولۇپ، مېنىڭ ئارقىمدىنلا كىلىۋاتاتتى. مېنى تۇتىۋالىمەن دەۋاتاتتى. مەن ئۇنى تونۇپ قالدىم. ئۇ دەل بازاردىكى ھېلىقى ساراڭ ئايال ئىدى. ھېلىقى يۈلۇڭدىكى ساراڭ ئايال ئىدى. مەن تۇنجى قېتىم ئۇنىڭ سۆزلىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇ دائىم كېچىلىرىلا گەپ قىلاتتى. كۈندۈزى قاتتىق ئۇخلايتتى. بولۇپمۇ دائىم مۇشۇ كوچا ئېغىزلىرىدا ياكى بولمىسا باغچىنىڭ ئالدىدا ئۇخلايتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن يۈگۈرۈپ، بىر تەرەپتىن مەن بىلمەيدىغان بىر تىل بىلەن ۋارقىراۋاتاتتى. مەن شۇنچىلىك قورقىۋاتتىم. ئادەم چاقىراي دېسەممۇ ئاۋازىم چىقمايۋاتاتتى. ئۇ ۋاقىتتا مەن بەلكىم ئاران سەككىز ياش بولسام كېرەك. مەن ئۇنىڭ ساراڭلارچە كۈلگەن ئاۋازى بىلەن چېرقىراشلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتىم. ئۇ چوقۇم مېنى بىر كۆڭۈل ئېچىش ئوبيېكتى قىلىۋالغان ئىدى. مېنىڭ قەلبىمدە شۇنداق بىر قورقۇنچلۇق ئەسلىمە قىلىپ قالغان ئىدى. ئەگەر بۇنداق قورقۇنچنى مېنىڭ ئەقلىمدىن ئېشىپ كەتكەن دېسەك ئۇنداقتا راستىنلا مېنىڭ كۈچۈمدىن ھالقىغان بولاتتى. ئۇ ۋاقىتتا مەن سەل يېنىكرەك دېدىممىكىن دەيمەن. ئۇ ۋاقىتتا روھىم تېنىمدىن چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ كەتكەن ئىدىم. شۇ ۋاقىتتا ھېلىقى ساراڭ ماڭا قولىنى تەككۈزگەن بولسا، شۇنداق بىر يېنىك تەككەن بولسىمۇ، بەلكىم ئۆلگەندىنمۇ بەكىرەك بىچارە ھالغا چۈشۈپ قالغان بولاتتىم ھەمدە مەنمۇ بىر ساراڭغا ئايلىنىپ قالغان بولاتتىم. مەن بىر خۇشنىمىزنىڭ گۈللۈكىگە يۈگىرىپ كىرىۋالدىم. ئۆيگە كىرىۋالماقچى بولغان ئىدىم. لېكىن مەن پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقان ۋاقىتتا، ئىشىك ئالدىغا يىقىلىپ كەتتىم. بىر قانچە كۈنلەردىن كېيىنمۇ، مېنىڭ يۈرىكىم يەنىلا جايىغا چۈشمىگەن ئىدى. ئۇ ئاخشامدىكى كىلىشمەسلىكىنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرگۈسىز دەرىجىدە ئىدى.
ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان، مەن ئاپامنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتىم ــــــ مەن تېخى ئۇنىڭ بۇ خىل كېسىلىنى ئېنىق بېكىتەلمەيتتىم. ــــــــــ ھەرقېتىم ئۇ بالىسى بىلەن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ئۇ دەل مۇشۇنداق ھالەتتە بولۇپ قالاتتى. مېنىڭچە پەقەت مەنلا بۇ كۈندىكى ئەھۋاللارنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيتتىم. يەنە كىلىپ مېنىڭ ئۇ ئاكىلىرىم بىلىپ بولالمايتتى، چۈنكى ئۇلار ئاپامنىڭ ئۇنداق روھى ھالىتى ھېس قىلىپمۇ بولمايتتى.
    ئۇ بىزنىڭ پۈتۈنلەي ئايرىلىشتىن نەچچە ئاي ئىلگىرى ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا بىز يەنىلا سايگوندا تۇرۇۋاتقان ئىدۇق. بىر كۈنى، خېلى كەچ بولۇپ قالغان بولۇپ، بىز يەنىلا دەستار كوچىسىكى ئۆينىڭ بالكونىدا ئىدۇق. دۇ ھەدىمۇ شۇ ۋاقىتتا بار ئىدى. مەن ئاپامغا قاراپ تۇردۇم. دەسلەپتە مەن ئۇنى تونىيالماي قىلىۋاتاتتىم. كېيىن، ئۇنىڭ ھالىتى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىپ غۇۋا بولۇپ قالغان ئىدى، بىردەمدىلا ئۇنىڭ چىرايى بۆلەكچىلا ئۆزگىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھەتتا مەنمۇ ئۇنى تونىيالماي قالغان ئىدىم. بىردەمدىلا مېنىڭ يېنىمدا، ئاپامنىڭ ھېلىقى ئورنىدا، ناتۇنۇش بىر ئايال ئولتۇراتتى، ئۇ مېنىڭ ئاپام ئەمەس، لېكىن چىرايى ئاپامنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتەتتى. بۇ ئايال چوقۇم مېنىڭ ئاپام ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ روھى ھالىتى ئازىراق جانسىز ئىدى. كۆزى گۈللۈكتىكى بىر بۇلۇڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. خۇددى مەلۇم نەرسىنى سېزىپ قالسىلا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىدىغان ئىش يۈز بېرىدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ يەر ئاستى ئۆيدە نېمىنى كۆرگەندۇ، مەن ئويلاپمۇ تېگىگە يېتەلمىگەن ئىدىم. ئۇنىڭدا بىر خىل ياشلارنىڭ قىياپىتى ۋە كۆز نۇرى بار بولۇپ، يارىمشىلىق لېكىن تېزگىنلەپ قويۇلغان بەخىتلىك تۇيغۇسى بار ئىدى. قارىغاندا ئۇ بىر يارىشىملىق ئادەتلەنگەن ئايال بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئايال بەكمۇ گۈزەل ئىدى. دۇ ھەدە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇراتتى. لېكىن ئۇمۇ ھېچنىمىنى ھېس قىلمىغاندەك قىلاتتى. مەن راستىنلا ئۇنى تەسىۋىرلەپ بېرىشمگە ھاڭ-تاڭ قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇنىڭ فىفوراسى، ئۇنىڭ ئاشۇ بەختلىك روھى ھالىتى ھەمدە ئۇنىڭ گۈزەل رۇخسارى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مېنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ئۇ تېخى بايىلا ئاپامنىڭ ئورنىدا ئولتۇرغان بولۇپ، ئاپام بىلەن ئالماشقان ئىدى. مېنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە، ھېچكىم ئاپامنىڭ بۇ ئورنىدا ئولتۇرۇپ باقمىغان. شۇڭلاشقىمۇ پەقەت ئۇ ئۆزىلا ئولتۇراتتى. لېكىن مۇشۇنداق ئالماشتۇرغىلى بولمايدىغان راست ئادەم تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى. ئىككىنچى ئۇنى قايتا چاقىرىپ پەيدا قىلالمىدۇق. ھەرقانداق بىر نەرسە ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ بىر تىرىك ئادەمدەك ھالەت چىقىرالمايتتى. مەن ئەس-ھوشۇم جايىدا تۇرۇپ، ئۆزمنىڭ ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردۈم، چوقان كۆتۈردۈم، بىر خىل تۆۋەن ئاۋازدا چېرقىرىدىم. مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق ۋارقىراشلىرىمدىن بۇ قاتتۇرۇلغان كۆز ئالدىمدىكى خىيالى كۆرۈنۈشنىڭ ئەينىكىنى چېقىۋېتىشنى ئويلىدىم. ئەينەك ئاخىرى چېقىلدى. ئاپامنىڭ ھالىتى ئاخىرى ئەسلىگە كەلدى. 
    مەن پۈتۈن شەھەرنىڭ ھەممە يېرىنى ھېلىقى ئايالغا ئوخشاش ئاياللار بىلەن تولۇپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم. مەيلى شەھەردە بولسۇن، يېزىدا بولسۇن، سىئام تاغ ئىتىكىدە بولسۇن ياكى بولمىسا سايگون دەياسىدا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەن قورقۇپ كەتكەن ھېلىقى ساراڭ ئايالدىن كەلگەن ئىدى. ئۇ ھەر تەرەپتىن كىلەتتى. مەيلى ئۇ قەيەردىن كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەڭ ئاخىرىدا كالكوتتاغا كەلگەن. قىزچاق دائىم مەكتەپ ھويلىسىدىكى ئاشۇ قىزىلمۇچ دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۇخلاپ قالاتتى ھەمدە ئاپىسىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا قارايتتى. ئۇنىڭ قۇرۇت چېقىۋالغان جايلىرىنى، چىۋىن قونۇپ توشۇپ كەتكەن پۇتلىرىنى داۋالاپ قوياتتى. ئاپىسىنىڭ مۈرىسىدە ئۇخلاۋاتقان قىزچاق دەل مۇشۇ ھېكايىدىكى قىزچاق ئىدى. ئاپىسى ئۇنى ئىككى مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن ئەكەلگەن. لېكىن ئاپىسى قىزچاققا ئۆچ بولۇپ قالغان ئىدى. قىزچاقنى خەققە بېرىۋەتكۈسى كەلدى. ئاپىسى«ھەي ، بۇنى ئەكەتسىڭىزچۇ، ماڭا بۇ بالا كېرەك ئەمەس »دەيتتى. ئۇنىڭ يېنىدا ھېچقانداق پەرزەنتى يوق ئىدى. باللىرىنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ كەتتى ياكى بولمىسا ئۇنى تاشلاپ كەتتى. ياكى بولمىسا، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغا بېرىپ قالغاچ، باللىرى بىر توپ بولىۋالغان ئىدى. ئاۋۇ قىزلمۇچ دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۇخلاۋاتقان قىزچاق تېخى ئۆلمىگەن ئىدى. ئۇ كېيىن كىشىلەرنىڭ تەزىيىسىنى قوبۇل قىلاتتى.
    ئۇ يول بويىدىكى شاللىقنىڭ دۆڭ تەرىپىدە تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋازدا تازا يىغلىۋالدى. تازا كۈلىۋالدى. ئۇ ئاشۇ مېھرىبان، ئاقكۆڭۈل قەلىمى بىلەن ئۇ دۇنيادىكى ئۆلۈكلەرنى، بالىنىڭ قەلىمىنى ئاڭلاشنى خالايدىغان ھەرقانداق بىر قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغۇچى كىشىلەرنى ئويغىتالايتتى. بىر قېتىم، تاڭ ئەمدىلەتىن يورىغان بولۇپ، ئۇ ئويغىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ يولغا چىقتى. بۇ كۈنى ئۇ ھەرىكەتكە كەلگەن ئىدى. بەلكىم ئۇ تەكشى كەتكەن ئاشۇ سېرىق ۋە يېشىل ئاسماننى كۆرگەلىكىدىن بولسا كېرەك، ئۇ تەكشىلىكتىن ھالقىپ ئۆتتى. دېڭىزغا قاراپ ماڭدى. قۇرۇقلۇقنىڭ ئاخىرىغىچە قاراپ ماڭدى. ئۇ چوڭ قەدەملىرى بىلەن ئورمانلىقتىكى دۆڭلەردىن چۈشتى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە ئورمانلىقنىڭ سېسىق تىنجىق ھاۋا بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھاۋاسى بەكمۇ ئىسسىق يەر ئىدى. بۇ يەردە دېڭىزدىكىدەك كىشىنىڭ روھىنى يەڭگىلىتىدىغان مەيىن شامال يوق ئىدى. پەقەت پاشا توپىنىڭ غىڭىلىدىغان ئاۋازى، يەنە ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاق جەسەتلەرلا بار ئىدى. يامغۇر ھەر كۈنى توختىماي ياغاتتى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۈچ بۇرجەك قىتئەگە كەلدى، بۇ يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ ئۈچ بۇرجەك قىتئەسى ئىدى. بۇ يەرنىڭ ھەممىسى قارا پاتقاق لايلار بولۇپ، دەريا ئېقىنى بۇ يەردە يىغىلىپ جىدا پورتىغا قويۇلاتتى. بىر كۈنى، ئۇ ئاخىرى دېڭىز ساھىلىغا كەلدى. ئۇ ۋاقىراپ سەكرەپ كەتتى. ئۇ قۇشقاچقا ئوخشاش بىردەم-بىردەم ئاجايىپ غەلىتە ئاۋازلارنى چىقىرىۋاتاتتى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ كۈلكە ئاۋازى، ئۇنىڭ جىدا پورتىغا بىر پاراخوتنى چاقىرىپ كەلدى. پاراخوتتا بىلىقچىلار ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلدى. ئۇنى بىنگال قولتۇقىغا ئېلىپ كەتتى.
    كېيىن، كىشىلەر دەسلەپتە كالكوتتا رايونىدىكى ئەخلەت مەيدانىغا يېقىن جايدا ئۇنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. كېيىن، ئىككىنچى ئۇنىڭ سايسىنىمۇ كۆرمىدى. ئۇندىن كېيىن ئۇ يەنە قايتىپ كەلدى. كىشىلەر ئۇنى بۇ شەھەردىكى فىرانسىيە كونسۇلخانىسىنىڭ ئارقا تەرىپىدە كۆرۈپتۇ. ئۇ باغچىدا كېچىنى ئۆتكۈزۈپتۇ. يېنىدا مول يېمەلىكلەر بار بولۇپ، قۇرسىقىنى تويغۇزۇپتۇ.
    بىر كۈنى، مەنمۇ شۇ يەرگە كەلدىم. مەن ۋاقىتلىق بۇ يەردىن ئۆتتۈم، مەن شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 17 ياشتا ئىدىم.بۇ يەر گىرمانىيىلىكلەرنىڭ ئولتۇراق رايونى بولۇپ، كونسۇلخانىنىڭ گۈللۈكى ئىدى. بۇ ۋاقىت دەل موسسۇن شامىلى مەزگىلى بولۇپ، بىليارد مەيدانىدا بىرمۇ ئادەم يوق ئىدى. دەريا بويىنى بويلاپ ماڭساق، بىر توپ ماخاۋې كېسەللىك بىمارلىرىنىڭ كۈلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
    بىز ئولتۇرغان پاراخوت بۇزۇلۇپ قالغانلىقى تۈپەيلىدىن، كالكوتتادا ۋاقىتلىق توختاپ قالغان ئىدۇق. ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىز بۇ شەھەرنى ئىكسىكۇرسىيە قىلدۇق. ئەتىسى كەچقۇرۇن بىز يەنە پاراخوتقا چىقىپ يۈرۈپ كەتتۇق.
    مەن 15 يېرىم ياش ۋاقتىمدا، مېنىڭ نامىم، كىشىلەرگە مۇشۇ ياسىنىۋالغان مۇقامدا يوق ئادەمدەك تەقى-تۇرىقىممۇ شالېك بازىرىدا تارقىلىشى بەك تېز بولۇپ كەتكەن. ئاپامنىڭ ھەرقانداق ئىشتا مۇستەقىل كۆز قارشى يوق ئىدى. ھەتتا بۇ قىزىنى قانداق تەربىيىلەش توغرىسىدىمۇ بىلمەيتتى. نېمە دېگەن بىچارە قىزچاق بۇ ھە، سىز بۇ قالپاقنى ئۇنچىلىك سەمىمىي دەپ قالماڭ، يەنە ھېلىقى بولىشچە سۈرۋالغان لەۋ سۇرىقىمۇ بار، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە بىر مەقسەت بار بولۇپ، ھەممىسى ئۇنچىۋالا سەمىمىي ئەمەس. دېمەكچى بولغىنىم، ئۇ پەقەت كىشىنى دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن، پۇل تېپىش ئۈچۈندۇر. يەنە ئىككى ئەسكى ئاكىسىمۇ بار، بۇ جۇڭگولۇق بايۋەچچىلەر بەگزادىسى بولۇپ، ئۇ سايگون دەرياسى بويىدىكى كۆك رەڭلىك ئەينەكلىك داچىسى بار. لېكىن ئۇنىڭ دادىسى بۇ ئاق تەنلىك قىزغا قەتئىي قىزىقمىغان ئىدى. ئۇ ئوغلىنىڭ بۇنداق قىزنى، ئاقتەنلىك ئەسكىلەر ئائىلىسىدىكى قىزچاقنى تېپىشىغا قەتئىي قوشۇلمايتتى.
    ئۇ «خانىم» دەپ ئاتالغان ئايال ساۋانناكخەتتىن كەلگەن بولۇپ، ھازىر يۈلۇڭدا ئىدى. ئۇنىڭ يولدىشى مەنسەپدار بولۇپ، يۈلۇڭغا ئۆسۈپ كەلمەكچى ئىكەن.
بىراق توپتوغرا بىر يىل، كىشىلەر يۈلۇڭدا بۇ خانىمنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. بۇ ساۋانناكخەتتە مەمۇرىي مۇئاۋىن ئەمەلدار بولغان ياشىنىڭ دەرھاللا يۈلۇڭغا كىلىپ ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، خانىم بىلەن ئۇنىڭ ئاشنىسى ئاخىرىغىچە داۋاملىق ئارلىشىپ بولالمىدى. خانىم ئېرىنىڭ يۈلۇڭغا خىزمەتكە ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى ھەمدە يېنىدا ئۇلارنىڭ قىزىنىڭ بارلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ئاشنىسىغا بۇنداق مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. شۇڭا ئۇ يولدىشىنىڭ ساۋانناكخەتتىن يۈلۇڭغا كەلگەن شۇ كۈنىلا، بازاردىكى خەلق مەيداندىلا، خەلقى ئالەم ئالدىدىلا، بىر پاي ئوق بۇ ئاشنىنىڭ يۈرىكىنى تېشىپ ئۆتتى. 
    ھەر كۈنى كەچتە، بۇ چۈشكۈن قىزچاق دائىم قىرغاقتىكى بۆرىلەر ئۇۋىسى ناملىق ئولتۇراق رايونىغا كىلىپ، ھېلىقى لۈكچەك جۇڭگولۇق باۋەچچە بەگزادىگە تېنىنى بېرەتتى. بىراق كۈندۈزى، ئۇ يەنىلا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ دەرىسىنى ئوقۇيتتى. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىك قىزلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تەنلىكلەرنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ئىدى. ئۇلار «تەنتەربىيە كۇلۇبى»دا غەۋۋاسلىق، بېغىرلاپ ئۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ مەشىق قىلىۋاتاتتى. بىر كۈنى مەكتەپ بۇ قىزلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ شالېكتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئايال ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن گەپ قىلىشماسلىقىنى ئېيتتى.
 دەرس ئارلىقىدىكى گىمناستىكىدا، ئۇ ئۆزى يالغۇز غېرىبانە جۇدۇنلۇق مەيداندا تۆرۈككە يۆلىنىپ تۇرۇپ، سىرتتىكى كوچىلارغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ مەكتەپتىكى سوغۇق مۇئامىلىگە ئۇچىراش ئەھۋاالىغا كەلسەك، ئۇ ئاپىسىغا ئازىراقمۇ تىنىپ باقمىدى. ئۇ داۋاملىق قىرغاقتىكى جۇڭگولۇقنىڭ قارا رەڭلىك پىكاپىغا چىقىپ مەكتەپكە كىلىۋاتاتتى. قىزلار ئۇنىڭ ماڭغىنىنى كۆرەتتى. شۇڭا قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا گەپ قىلمايتتى. بىرىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. بۇنداق يالغۇزلۇق ئۇنىڭغا يۈلۇڭدىكى خانىمىنى ئېسىگە سېلىپ قوياتتى. ئۇ يۈلۇڭغا كەلگەن ۋاقىتتا، ئۇ 28ياشتا ئىكەن. بۇ قىزچاق 10 ياشتا ئىكەن. لېكىن ھازىر، قىزچاق بۇ ئىشنى ئېسىگە ئالغاندا 16 ياشقا كىرىپ قالغان ئىدى.
    بۇ ئايال ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى پىشايۋاندا تۇرۇپ، سايگون دەرياسىنىڭ بويىدىكى كوچىغا تىكىلىپ قارايتتى. ھەر قېتىم مەن بىلەن كىچىك ئاكام دەرىسلەرنى ئاڭلاپ بولۇپ قايتىقان ۋاقتىمىزدا، دائىم ئۇنىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆرەتتىم. ئۇنىڭ ئۆيى ئۈستىدىكى پىشايۋاننىڭ كۆركەم ئىمارەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ھەمدە ئىمارەتلەر ياۋروپا سۆگەتگۈلى ۋە كاپوستا دەرىخى باغچىسىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ئىدى. بۇ خانىم بېشىغا تۈز قىرلىق شىلەپە كىيىۋالغان قىزچاققا ئوخشاش باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان تەرەپلىرى بار بولۇپ، ئۇلار بازاردىكى باشقا كىشلەردىن ئايرىلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئىككىسىلا دەريا بويىدىكى ئاشۇ ئۇزۇن كەتكەن يوللارغا تىكىلىپ قارايتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىرنىمىلەر ئىدى. ئۇلار ئىككىسى ئادەملەر ئۈچۈن تەنھا تۇرماقتا ئىدى. پەقەت شۇلارلا بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان مەشھۇر كىشىلەر بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلارنىڭ بەخىتسىزلىكى دېمىسىمۇ ئىنتايىن چۈشىنىشلىك ئىدى. ئۇلار ئىككىسى شۇنىڭ ئۈچۈن نام چىقىرىپ كەتكەن. پۈتۈنلەي ئۇلارنىڭ تېنىنىڭ خاراكتىرىگە ئارتىپ قويۇشقا بولاتتى. بۇ تەن ئاشنىسى تەرىپىدىن ئوينالدى، سۆيۈلدى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە بولغاندا، بىر خىل يۈكسەك دەرىجىدىكى ھوزۇرلىنىشنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەنلىكىدىن بولدى. بىر خىل مۇھەببىتى بولمىغان ئاشنا بىلەن بىرىككەندىن پەيدا بولغان ئاجايىپ ھوزۇرلىنىش ئىچىدە ئىدى. دەل مۇشۇ ئاجايىپ ھوزۇرلىنىشنىڭ شۇنچىلىك كۈچىيىپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، ئۇلار تۈرلۈك يوللار بىلەن قوغلىشىپ، ھېچبىر تەپتارتماستىن، مەيلى شەھەردە بولسۇن، يېزىنىڭ ھاجەتخانىلىرىدا بولسۇن، ھەر قايسى جايلار مەركەزلىرى بولسۇن، كۈتىۋېلىش يىغىنلىرى بولسۇن، ھەتتا باش مەھكىمە تانسا كېچىلىكلىرىدە بولسۇن ھەممىلا يەردە بۇ خىلدىكى داڭلىق ئىشلارنى مۇلاھىزە قىلىشاتتى.
بۇ خانىم ئەمدىلا يېڭىباشتىن مېھمان كۈتىشنى باشلىغان ئىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە ئىشلار ئاللىبۇرنلا تۈگىگەن ئىدى. ساۋانانكخەتتىكى ئۇ ياش ئەر ئاللىبۇرۇنلا باشقىلار تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەنە بىر كېچىلىك ئۇيۇشتۇرۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە داۋاملىق ئۇچىراشتۇردى، ئاشۇ قورقۇنچلۇق يالغۇزلۇقتىن ئۈزۈپ چىقتى. چۈنكى بۇ ئادەملەر يىل بۇيى بىر چەت كەنىت بازارلاردا خىزمەت قىلاتتى، ئەتراپىدىكى چوڭ كەڭرى شال ئېتىزلىرى بولۇپ، ۋەھىمىلىككە، ئەسەبىيلىككە تولغان ۋە كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلغان جاي ئىدى.
    تۈن كېچىدە مەكتەپتىن قايتقاندا، ئاشۇ ئالىي دەرىجىلىك قارا رەڭلىك پىكاپ ۋە ئاشۇ بېشىدا دائىم قاملاشمىغان شىلەپە كىيىۋالغان، پۇتىدا سېرىق رەڭلىك ئاياق كىيىۋالغان قىزچاق تۇراتتى. ئۇ ماڭدى، ئاشۇ جۇڭگولۇق بايۋەچچە بەگزادىگە بېقىنىشقا ماڭدى. ئۇ پۈركۈگۈچنىڭ ئاستىدا ئۇنى يۇيۇپ قوياتتى. سالماقلىق بىلەن ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن يۇيۇپ قوياتتى. خۇددى ئۇ ھەر كۈنى كەچتە ئاپىسىنىڭ يېنىدىكىگە ئوخشاشلا ئىدى. ئىدىشتا مەخسۇس شۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان سوغۇق سۇدا ئۇنى يۇيۇپ قوياتتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنى ھۆل پېتىلا كۆتۈرۈپ كارۋاتقا ئەكىلەتتى. شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ، ئاندىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ھەممە يېرىگە سۆيۈپ كېتەتتى ھەمدە ئۇمۇ دائىم ئۇنىڭ شۇنداق داۋاملاشتۇرىشىنى، داۋاملىق شۇنداق سۆيۈشىنى تەلەپ قىلاتتى. كېيىن ئۇ يەنە ياتاقلىق مەكتەپكە قايتىپ كىلەتتى. ھېچكىم ئۇنى تەنقىدلىمەيتتى. ئۇنى ئۇرمايتتى، ئۇنى مەسخىرە قىلمايتتى.
    ئۇ تاڭ سۈزۈلگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. بازاردىكى چىراقلار مەيداننى يورۇتقاندا بولغان، لېكىن ئۇ شۇ ۋاقىتتا تانسا ئويناۋاتاتتى. ئارقىدىنلا تاڭمۇ يورىدى. ئۇنىڭ تېنى تۈگىلىپ قالغان ئىدى. كېيىن بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە، قۇياش نۇرى ئۆلۈككە چۈشۈپ، جەسەتنىڭ شەكلى ئۆزگەرگەن ئىدى. ئۇ بىلگەندىن كېيىن، قانداق يىغىشتۇرۇشنى بىلمەي قالغان ئىدى. چۈش ۋاقتى بولغاندا، ئۇ يەرلەر ناھايتىمۇ پاكىزە تازىلىۋېتىلگەن ئىدى.
   ئاپام ياتاقلىق مەكتەپنى مۇدىرىغا « بۇنىڭ ھېچ ۋەقەسى يوق، شۇڭا بۇ ئىشلارنىڭمۇ كاراھىتى چاغلىق، سىزمۇ كۆردىڭىزغۇ، بۇ كونا كۆينەكلەر، بۇ ئەتتىرگۈل رەڭلىك شىلەپە، يەنە بۇ بىر جۈپ ئالتۇن رەڭلىك ئاياق بارلىق بۇ كىيىنىشلەر ئۇنىڭغا ناھايىتى ماس كەلگەن تۇرمامدۇ؟» دېگەن ئىدى. ئاپا بولغۇچى ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ گىپىنى قىلغان ۋاقىتتا، دائىم قاش كىرپىكلىرىنى ئوينىتىپ، تولىمۇ يېقىملىق تۇيۇلاتتى. ياتاقلىق مەكتەپنىڭ ئاشۇ سىنىپىدىكى ياش قىزلار نازارەتچىسى زور قىزىقىش بىلەن ئاپامنىڭ ئۇ يەردىكى قالايمىقان سۆزلەشلىرىنى ئاڭلاۋاتاتتى. ئۇ:«بازاردىكى بارلىق ئەرلەرنىڭ ئۇنى ئايلىنىپ يۈرىيدىغانلىقىنى، مەيلى توي قىلغان ياكى بويتاق بولسۇن، ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق كىچىك قىزلارنى ياقتۇردىغانلىقىنى، تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن كىچىك بىر نېمە، قاراڭلارچۇ، بۇ تېخى كىچىك بالا تۇرمامدۇ؟ خەقلەر تېخى بۇنى نۇمۇس قىلىشنىمۇ بىلمەيدۇ دەيدۇ. لېكىن مەن سورايكى، شۇنچىلىك سەمىمىي ئىشنىمۇ نېمىشقا نومۇسسىز ئىش دەپ قارايسىلەر ؟
    ئاپام گەپدانلىق قىلىپ، توختىماي سۆزلەپلا كەتكەن ئىدى. ئاپام يەنە ئۇلارغا مېنىڭ ئابرويۇم ۋە بېرىش كىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ھەمدە بىر تەرەپتىن سۆزلەپ بىر تەرەپتىن كۈلىۋاتاتتى. بۇ بالىنىڭ دەريادىن ئۆتكەندىكى سەت ئىشىغا كۈلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ ھەزىلكەشلەردەك ياسىنىۋېلىشىغا، قىڭغىر كىيىۋالغان شىلەپىسىگە كۈلىۋاتاتتى. يەنە تېخى ئۇنىڭ تەڭداشسىز چىرايىمۇ بار ئىدى. بۇ فىرانسىيە كۆچمەنلەر زېمىنىدا بۇ خىلدىكى قارشى تۇرغىلى بولمايغان نەرسىگە ـــــــ ئاقتەنلىك ئاياللارنىڭ تېرىسىگە، بۇ ياش قىزچاقنىڭ تېرىسگە كۈلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىزىنىڭ ئىلگىرى بىر نامرات ۋە قاقاس جايلاردا كۆمۈلۈپ قالغانلىقىنى ھەم بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە تەلىيى كىلىپ، خۇددى گۆھەر يەردە قالماس دېگەندەك ئاجايىپ جۇلالىنىپ، شەھەردىكى ھەممىگە مەلۇم بولغان داڭلىق زات بولۇپ قالدى. شەھەردىكى ئامما نەزەر سالىدىغان ۋە بىر جۇڭگولۇق بايۋەچچىنىڭ لۈكچىكى بىلەن ئېلىشىپ قاپتۇ. قولىدا يەنە تېخى بىر ئالماس ئۈزىكىمۇ بار بولۇپ، خۇددى ئايال بانكىرغا ئوخشاشلا ئىدى. سۆزلە-سۆزلە ئۇ يىغلاپ كەتتى.
    ئاپام بۇ ئالماس ئۈزۈكنى كۆرگەن ۋاقىتتا تۆۋەن ئاۋازدا، بۇ ئۈزۈك مەن ئۆز ۋاقىتتا بىرىنچى يولدىشىم بىلەن توي قىلىشنى بېكىتكەن ۋاقىتتىكى كىچىك بىر توي كىلىشىم بولۇپ، مەن ئۇنى ئوسگار ئەپەندىم دەپ چاقىراتتىم دېدى، مەن بۇ غەلىتە ئىسىمنى ئاڭلاپلا كۈلۈپ كەتكەن ئىدىم. ئۇ بۇ شۇنىڭ ئىسمى ھەم راست دېدى.
بىز ئۆز ئارا ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلاشتۇق. ئاندىن مىيقىدا كۈلۈمسىرەپ قويدۇق. كۈلگەندىمۇ شۇنداق مۇلايىم كۈلدۇق. ئازاراق مەسخىرەئارلاش مەنىسىمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قىزىغا قانداق قىلىپ تايانچ بولالايدىغانلىقىنى نامايەن قىلغان بولۇپ، تېخى ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغاننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنىمۇ چۈشەنگەندەك قىلاتتى، مەن ئۆزۈمنىڭ قىرغاقتىكى ئىشىنى ئاشكارلاپ قويغىلى تاسلا قالغان ئىدىم. لېكىن مەن ئېغىزىمدىن چىقارمىدىم، ھەم مەڭگۈ ئېغىزىمدىنمۇ چىقارمايمەن.
    ئۇ مېنىڭ ئېغىز ئېچىشىمنى كۈتۈپ تۇرغان ئىدى. ئاندىن ئۇ بىر خىل يېقىملىق تەلەپپۇزدا سەن شۇنى بىلىۋاتامسەن ھەممە نەرسە سەن ئۈچۈن تۈگەشتى، سەن بىلىۋاتامسەن، سەن بۇ يەردە مەڭگۈ ئەرگە تىگەلمەيدىغان بولدۇڭ دېدى. مەن مۈرەمنى مىدىرلىتىپ قويماي كۈلۈپ قويۇپ، مېنىڭ ئەرگە تەگكىم كەلگەندە، نەدىلا بولسا تىگىۋېرىمەن دېدىم. ئاپام بېشىنى لىڭشىتىپ، مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ «بولمايدۇ، سېنىڭ بۇ ئىشىڭنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى، شۇڭا سېنى بۇ يەردە ھېچكىم ئالمايدۇ »دېدى، ئۇ ماڭا قاراپ تۇرۇپ ئۇنتۇلغۇسىز گەپتىن بىرنى قىلدى « ئەرلەر سېنى ياقتۇرامدۇ؟ مەن« ھەئە، ئۇ ئەلۋەتتە مېنى ياخشى كۆرىدۇ»دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇنىڭ بۇ گەپنى دىيىشتىكى مەقسىدىنىڭ مۇشۇ ھالىڭ بىلەن ياقتۇرىدىغان ئەرلەر چىقامدۇ دېمەكچى ئىدى.
    ئۇ يەنە مەندىن سېنىڭ ئۇنى ئىزدىشىڭ پۇل ئۈچۈنلىمىدى؟ مەن ئىككىلىنىپ قىلىپ ئاندىن كېيىن «ھەئە، مەن پەقەت پۇلنى دەپلا ئىزدەيتتىم» دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ يەنە ماڭا ئۇزۇندىن ئۇزاق قارىدى. ئۇ مېنىڭ سۆزۈمگە قىلچە ئىشەنمىگەن ئىدى. مەن ئۇنىڭغا«مەن بۇرۇن ساڭا ئوخشىمايتتىم، مەن ئۆگىنىشتە سەل قىينالغان بولساممۇ، لېكىن مەن خېلى دۇرۇس، بۇ دۇرۇسلۇقنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولغان، ئەمدى كېچىكتىڭ، مەندىكى ئۇنداق خاتىرجەملىك ۋاقىتلار يوقىدى» دېدىم.
    ئۇ شالېكتىكى ئارام كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى بولۇپ، ئۇ تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا ئارام ئېلىۋاتقان، ئىككى پۇتىنى ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە ئېلىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئادەم چاقىرىتىپ مېھمانخانا ئىشىكى بىلەن ئاشخانا ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى ئېچىۋېتىشنى شامال ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىنى ئېيتتى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تولىمۇ خاتىرجەم، ئەركىن-ئازادە، ئازىراقمۇ ئاچچىقى يوق ئىدى. ئۇ تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ كىچىك قىزىنى كۆرۈپ قالدى. قىزى بىلەن شۇنداق پاراڭلاشقۇسى كەلگەن ئىدى.
    ئۇ ۋاقىتلاردا مەن بۇ يەردىكى كۈنلىرىمنى ئاخىرلاشتۇراي دەپ قالغان ئىدىم، بىز توسمىدىكى ئۇ پارچە يەردىن ۋاز كەچمەكچى بولدۇق. بۇ ۋاقىتتا مېنىڭ فىرانسىيىدىن ئايرىلىشىمغا ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت قالمىغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ تەۋرەنمە ئورۇندۇقتا چۈشكە غەرق بولغانلىقىنى كۆردۈم.
    بەزىدە ئاپام تۇيۇقسىز بۇيرۇق چۈشۈرۈپ «ئەتە ھەممىمىز رەسىمخانىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشىمىز » دەيتتى. ئۇ سۈرەتنىڭ ھەقىقەتەن بەك قىممەتلىكىگە ئاغرىنىپ كېتەتتى. لېكىن بىر پارچە ئائىلىۋىي سۈرەتكە چۈشىۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ يەنىلا بۇ پۇلنى خەجلەشنى خالايتتى. سۈرەتنى تىلغا ئالسىلا، بىز بەزى ۋاقىتتا قولىمىزغا ئېلىپ بىرلىكتە كۆرۈپ كېتەتتۇق. ئادەتتە بىزنىڭ ئارىمىزدا ھېچكىم ھېچكىمنى كۆرمەيتتى، ئۇ ئۆزىنىڭكىنى كۆرەتتى، مەن ئۆزۈمنىڭكىنى كۆرەتتىم دېگەندەك بولۇپ، ھەتتا بىرەر ئېغىز تەھلىللەرمۇ يوق ئىدى، كۆپچىلىك سۆرەتنى كۆرۈپلا قوياتتى. ئۆزئارا بىر-بىرىمىزنىڭكىنى كۆرسەكمۇ كۆرمەسكە سالاتتۇق. كۆپچىلىكننىڭ ھەممىسى سۈرەتتىن باشقا ئائىلە ئەزالىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى. مەيلى يالغۇز كىشىلىك، مەيلى كوللېكتىپ سۈرەت بولسۇن كۆرەتتى. ئاشۇ كونا سۈرەتلەر ئىچىدە، بىز تېخى ناھايىتى كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدىمۇ يەنە تېخى كۆپچىلىكنىڭ بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى كۆرەتتۇق. بىراق يېڭى سۈرەتلەردە، بىز ئامالىسز مېنى ئۇ، ئۇنى مەن كۆرۈپ تۇراتتۇق. ئىككىنچى بىر كوللېكتىپ چۈشكەن سۈرەتنى كۆرۈپ باقمىدۇق. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى ئارازىلىقلار بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىپ كەتتى. بۇ سۈرەتلەر كۆرۈلۈپلا قالسا، كىيىم ئاسقۇچ ئىشكابىنىڭ ئىچىگە تىقىلىپ كېتەتتى. ئاپامنىڭ بىزنى سۈرەتكە چۈشۈرۈپ قويىشىنى ئۆز ئارا بىر-بىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرۇش ھەمدە بىزنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزنى كۆرۈش ئىدى. ئۇ دائىم بۇ سۈرەتلەرنى شۇنچىلىك ئىنچىكىلىك بىلەن كۆرۈپ كېتەتتى. خۇددى ئاپا ئۆزىنىڭ بالىسىنىڭ رەسىمى كۆرىۋاتقاندەك كۆرۈپ كېتەتتى. ئۇ بۇ سۈرەتلەرنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ كېتەتتى، ئۆز-ئۆزىگە باللىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش ئەھۋالىنى سۆزلەپ كېتەتتى. لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭ سۆزىگە پەرۋا قىلمايتتى.
    ئاپام بالىلىرىنى سۈرەتكە چۈشكەندە ئەزەلدىن باشقا نەرسىلەرنى تارتقۇزمايتتى. مېنىڭ يۈلۇڭدا چۈشكەن سۆرىتىم يوق ئىدى. بىر پارچىسىمۇ يوق. گۈللۈكتە چۈشكەنىمدىنمۇ، دەريا بويىدا ياكى بۇ فىرانسىيە ئىستىلا قىلغان زېمىندىكى ئاشۇ ئىككى تەرەپتە تۇرغان ئەلگەك دەرىخىنىڭ تۈپتۇز بازارلىرىدا چۈشكەنلىرىدىمۇ يوق ئىدى. بىز تۇرۇۋاتقان بۇ ئۆيدە چۈشكىنىمدىنمۇ يوق ئىدى. بۇ ئاق ھاكتا ھاكلانغان ئۆيدە، ئىچىدە ئالتۇن رەڭلىك سىرلانغان چوڭ تۆمۈر كارۋات قويۇلغان، ئۆيدە يولدا ئىشلىتىدىغان سۇس قىزىل رەڭلىك چىراغلار ياندۇرۇلغان ، سىنىپنىڭ چىراغلىرىغا ئوخشاش يورۇق، ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يېشىل رەڭلىك قالەي قالپىقى، بارلىق نەرسىلەر، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىگۈدەك دەرىجىدە بولۇپ، ھەممىسى ۋاقىتلىق ئىدى. ئاددىيلىقىدىن كۆز يۈگۈرۈتكىدەك يېرىمۇ يوق بولغاچقا، سۈرەت چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرمىغان ئىدۇق. ئاپام مانا مۇشۇنداق يەرلەردە ئىستىكام قۇرۇپ، كېيىنكى كۈنگە كەلگەندە فىرانسىيىگە قايتىشنى ساقلىغان. ئۇنىڭ مىجەزىگە ئاساسەن، ياش ۋە ھەسرەت چەككەن ھېسسىياتى، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چۈشمەيدىغان ئۆمۈرلۈك جايى ــــــــ بۇدكالىس بىلەن «ئىككى دەريا» ئارلىقىدىكى جاي بولۇپ، بۇ يەردە ئوبدانراق كۈن كەچۈرمەكچى بولغان. لېكىن كېيىن، يا كۈلىشىنى يا يىغلىشىنى بىلمەي، يۇرت ئالمىشىپ لېلورنت ئۆلكىسىدە خاتىرجەم ياشاۋاتقان مەزگىلدە، ئۇنىڭ ئۇ ئۆيى يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك ئۆتمۈشتىكى شالېك بازىرىدىكى ھېلىقى ئۆيگە ئوخشايتتى، قالايمىقان، كۆرگىسىز ئىدى.
بەلكىم ئۇ بۇرۇنلا شۇ يىللاردىكى ئۇلۇغۋار پىلانلىرىنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتكەن بولىشى مۇمكىن. 
    ئۇ ئەزەلدىن قەدىمىي ئاسار-ئەتىقىلەرنى، مەنزىرىلەر قاتارلىقلارنى سۈرەتكە تارتمايتتى، پەقەت بىزنىلا، ئۆزىنىڭ باللىرىنىلا تارتاتتى ھەمدە دائىم بىزنى بىر يەرگە ئەكىلىپ تارتىپ قويۇپ رەسىم چۈشكەن پۇلنى تىجەيتتى. بىزنىڭ ئۇ بىر قانچە قوپال تۇتۇق بولغان سۈرەتلىرىمىزنى ئاپامنىڭ دوستلىرى تارتىپ قويغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپامنىڭ يېڭى خىزمەتداشلىرى بولۇپ، ئەمدىلەتىن بۇ كۆچمەنلەر رايونىغا كىلىپ ئولتۇراقلاشقانلار ئىدى. شۇڭا نۇرغۇنلىغان ئىسسىق بەلباغ مەنزىرلىرى، كوكوس دەرىخى، مەدىكارلارنىڭ رەسىملىرىنى تارتىۋالغان بولۇپ، يۇرتداشلىرىغا ئەۋەتىپ، ئۆيىدىكىلىرىگە كۆرسىتەتتى.
   ئاپام تەتىل ۋاقىتلىرىدا، دائىم بىزنىڭ رەسىملىرىمىزنىڭ ئوغرىلىقچە ئېلىپ ئاپىسىغا ئاپرىپ كۆرسىتەتتى. بىز ھەممىمىز بۇ ئۆيگە بېرىشنى خالىمايتتۇق. مېنىڭ ئۇ ئىككى ئاكام ئەزەلدىن بېرىپمۇ باقمىغان ئىدى. مەن ئۆيدىكى ئەڭ كىچىك قىز ئىدىم. شۇڭا دەسلەپتە ئاپام مېنى ئېلىپ باراتتى. كېيىن مەنمۇ بارمايدىغان بولدۇم. چۈنكى ئۇ كىچىك ئاپىلىرىم بىزنى ئەخلاق ساپاسى يوق، ئىش-ھەرىكىتى جايىدا ئەمەس دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقا، ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى مەن بىلەن ئارلاشتۇرغۇزمايتتى. شۇ سەۋەبلىك، ئاپام ئامالسىز بىزنىڭ رەسىملىرىمىزنى ئېلىپ ئاپىرىپ كۆرسىتەتتى. ئاپامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزىنىڭ باللىرىنىڭ رەسىملىرىنى ئاپىرىپ ئاچا-سىڭىللىرىغا كۆرسىتىشمۇ بىر لوگىكىغا چۈشىدىغان، قىلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىدى. ئۇ مۇشۇنداق قىلىشى كېرەك بولغاچقا شۇڭا ئۇمۇ شۇنداق قىلاتتى. ئاپامنىڭ ئۇ بىر تۇغقان ئاچ-سىڭىللىرى ئاپامنىڭ بىردىنبىر تۇغقانلىرى ئىدى. شۇڭا ئۆيدىكى ھەممەيلەننىڭ رەسىملىرىنى ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا كۆرسىتەتتى. ئۇلار بۇ ئايالنىڭ بارلىق قىلغان ئەتكەنلىرىدىن مەلۇم بىر خىل خاراكتېرىنى چۈشىنىپمۇ قالارمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئۇ ھەرقانداق ئىشلاردا قەتئىي بوشاشماي، ئۆلسىمۇ كەينىگە يانمايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ سىڭىللىرىنىڭ ئىشىنى ھەرگىزمۇ قايرىپ قويۇپ كارى بولماي تۇرمايتتى. كۆز ئالدىدىكى قىيىنچىلىقلارغا ھەرگىزمۇ بوشاشمايتتى، توختاپ قالمايتتى. بۇ نۇقتىغا مېنىڭ ئىشەنچىم بار ئىدى. يەنە بۇ خىلدىكى مىللەتنىڭ ئەپسانىچە جاسارىتىدىن، ئۇنىڭ شۇ خىلدىكى تەبىئىي گۈزەللىكىنى بايقىغان ئىدىم.
   ئۇ يىلدىن يىلغا قېرىپ ماغدۇرىدىن كېتىپ، چاچلىرى ئاقارغان ۋاقىتتىمۇ يەنىلا سۆرەتخانىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشەتتى، ئۇ يالغۇز باراتتى. ئاشۇ قارامتۇل قىزىل چىرايلىق پۈتۈن كۆينىكىنى كىيىپ سۈرەتكە چۈشەتتى. يەنە ئۇنىڭ ئىككى يۈرۈش زىبۇ زىننەتلىرىمۇ بار ئىدى، بىرى بوينىغا ئېسىپ ئالدىغان چۈشۈرۋالغان مارجىنى بىلەن بىرى قاشتاش كۆزلۈك ئالتۇن قىسقۇچى ئىدى. سۈرەتتە، ئۇ چېچىنى شۇنچىلىك رەتلىك تارىۋالاتتى، بىرەر چىقىپ قالغان ياكى چۇۋۇش جايلىرى يوق ئىدى. بەئەينى بىر ئۆلچەملىك سۈرەت ئىدى. تۇرمۇشى باياشات يەرلىك كىشىلەرمۇ سۈرەتخانىغا بېرىپ سۈرەتكە چۈشەتتى. لېكىن بىر ئۆمرىدە پەقەت بىر قېتىملا باراتتى. ئۇلار ئەزرائىل يېقىنلىشىپ قالاي دېگەن ۋاقىتدىلا ئاندىن بېرىپ بىرەر پارچە سۈرەتكە چۈشۈپ قويۇشنى، خاتىرە قالدۇرۇپ قويۇشنى ئويلاتتى. ئۇلار چۈشكەن سۈرەتلەرنىڭ ئۆلچىمى شۇنداق چوڭ بولۇپ، ھەممىسى بىر قىلىپتا، ھەممىسى ئالتۇن رەڭلىك رامكىغا ئېلىناتتى ھەمدە دائىم ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ مېھرابتى يېنىغا ئېسىپ قويىلاتتى. مەن نۇرغۇنلىغان سۈرەتكە چۈشكەن كىشىلەرنى كۆرگەنمەن، ھەممىسى شۇ بىر خىلدىكى ئوپمۇئوخشاش سۈرەتلەر ئىدى. ئوخشاشلىقتا كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى. بۇ پەقەت قېرىلارنىڭلا ئوخشاش چىرايى بولۇپلا قالماستىن بەلكى بارلىق نۇرغۇن سۈرەتلەر پەردازلانغان ئىدى. مۇنداق قارىغاندا، چىرايىدىكى مەلۇم بىر خىل ئالاھىدىلىكى تەبىئىي ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، ھەممىسىنىڭ ئاجىزلىق تەرىپى ياسىلىپ ئوپمۇئوخشاش چىقاتتى. ئونمىڭلىغان كىشى بىرخىل شەكىلدە چىقاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايلىرى دائىم بىر خىل شەكىلدىكى پەردازلاش بولۇپ، مەڭگۈ ئۇنتۇلماسلىق ئۈچۈن دائىم ئاددىيغىنا نەيرەڭلەر بىلەن شۇ ئوبرازنى قېرىقلىتىن ياشارتىپ قوياتتى. بۇ كۆپچىلىكتە ئورتاق بولغان ئارزۇ ئەلۋەتتە. بۇ خىل تاشقى قىياپەتتىكى ئوخشاشلىق، بۇ خىل رەتلىك چىرايلىق كىيىنگەن ئوبراز نېمىلا دېگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ تارىخى ئۈچۈن قالدۇرغان ئەسلىمىدىكى بىر قەۋەت گۈزەل بولغان يېپىنچا ئارتىۋالغاندەك بولىدۇ ئەمەسمۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىلدىكى خاتىرىنىڭ ئالاھىدىكى ئۇنىڭ ئەمەلىيەتچانلىقى نامايەن قىلىپ تۇراتتى. بۇ چىرايلار قانچىكى ئوخشاشقانسېرى، شۇنچىكى ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان بىر جەمەتتىكى ئەزا ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ قوياتتى. ئۇندىن باشقا، بارلىق ئەرلەر ئوخشاش بولغان ياغلىق يۆگىۋالاتتى. ئاياللىرى بولسا ئوخشاش بولغان چاچ پوسونى تارىۋېلىپ، چېچىنى كەينىگە تۈگىۋالاتتى. ھەممىسى ئوخشاشلا چېچىنى چىڭ تارىۋالاتتى. ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشاش بولغان تىك ياقىلىق ئۇزۇن يەڭلىك تون كىيىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىپادىسى ئوخشاش ئىدى. لېكىن مەن يەنىلا ئېنىق ئايرىۋالالايتتىم. ئاپامنىڭ ئۇ قىزىل رەڭلىك كۆينىكىنى كىيگەندىكى سۈرىتىدىكى چىراي ئىپادىسى ئۇلارنىكىگە ئوخشاش ئىدى. بەزى كىشىلەر بۇ بىر خىل سالماق چىراي ئىپادىسى دەپ قارايتتى. لېكىن بەزى كىشىلەر بۇ خىل چىراي ئىپادىسىنى ئاددىي ساددا، ھېچقانداق خاراكتىر يوق دەپ قارايتتى.
    ئۇ ئىككىسى قەتئىي كەلگۈسىدىكى چوڭ ئىشلار توغرىسىدا مۇنازىرلەشمەيدىغان بولدى. چۈنكى شۇ ئىشلارنىڭ نەتىجىسى بېكىتىلىپ بولغان ئىدى. دادىسىنىڭ ئۇ قىزنى ئەمرىگە ئېلىشىغا قوشۇلىشىغا ھېچقانداق ئۈمىد قالمىغان ئىدى. دادىسىنى باغرى تاشلىق قىلدى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولاتتى. ئوغلىغا ئازىراقمۇ ئىچ ئاغرىتىپ قويمىغان ئىدى. بۇ دادا ھەرقانداق بىرىگىمۇ مېھرى –شەپقەتلىك قىلمايتتى. بارلىق بۇ يەردە سودا قىلىدىغان جۇڭگولۇق كۆچمەنلەرنىڭ ئارىسىدا، بۇنداق كۆك رەڭلىك ئەينەكلىك پىشايۋىنى بار جۇڭگولۇقنىڭ ئالدىنقى ئەڭ چوڭ كاتتىسى بولۇپ، ئەڭ بايۋەچچىسى ئىدى. ئۇنىڭ مال-دۇنياسى شالېكىنىڭ ئەڭ يىراق بولغان جايلىرىغىچىلا تارقالغان ئىدى. تاكى قىرغاققىچە بولۇپ ـــــــــــ بۇ فىرانسىيىگە قاراشلىق ھېندىچىنىڭ جۇڭگولۇقلار مەركىزى ئىدى. بۇ قىرغاقتىكى ياش يىگىت دادىسى ۋە قىزچاقنىڭ قارارىنىڭ بىردەك ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. نەتىجسى مۇقىم، ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇلار ھېچ بولغاندا چۈشەنگەندەك قىلاتتى، پەقەت قىز كېتىپلا قالسا، ئۇلار ئايرىلىپ كېتەتتى. يەنە بۇ ئۇلارنىڭ ئارىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئاخىرلىشىشىدىكى بىر ياخشى پۇرسەت بولۇپ قالاتتى. ئۇلارمۇ بۇ ئاقتەنلىك قىزچاقنىڭ ئەزەلدىن ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشتا چىڭ تۇرمىغانلىقىنىمۇ بىلەتتى. كىم بىلەن توي قىلسا بولىۋېرەتتى. ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش كېرەك، ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىش كېرەك ھەمدە ئۇنى ئاقتەنلىكلەرگە بېرىۋېتىش، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىغا بېرىۋېتىش كېرەك ئىدى.
    ئۇ قىزچاقنىڭ تېنىگە ئىشتىياق بىلەن بېرىلگەندىن بۇيان، قىزچاق ئىككىنچى ئۆزىنىڭ ئورۇقلىقىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى. بەلكى، غەلىتە تۇيۇلغىنى ئاپىسى ئۇنىڭدىن بۇرۇنقىدەك ئەنسىرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. خۇددى قىزچاقنىڭ تېنىنىڭ ئاخىرى خېلى يامان ئەمەس بولۇپ قالغاندەكلا، باشقىلار بىلەن ئوخشاشتەك، باشقىلارمۇ قوبۇل قىلالايدىغان بولغان ئىدى. لېكىن ئۇ، شۇ قىرغاقتىكى ئاشىنىسى، بۇ ئاق تەنلىك قىزچاقنىىڭ يېتىلىشىنى تۇغۇلىشىدىنلا قاتتىق ئىسسىق ھاۋانىڭ تەسىرىدىن بولغان دەپ قارايتتى. ئۇ ئۆزىمۇ مۇشۇنداق ئىسسىق ھاۋا رايونىدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش تەرەپلىرىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە مۇشۇ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان تا مۇشۇنداق كىشى تەستە ئۆتكۈزىدىغان مۇنداق شارائىتتا ياشاشىغانلىقتىن، ئۇنىڭ مۇشۇنداق بىر ھىندىچىنىنىڭ قىزلىرىغا ئۆزگىرىپ قالغان ئىكەن. يەنە تېخى ئۇنى ئۇلارغا ئوخشايدۇ دەيتتى. ئىنچىكە بىلەكلىرى، قۇيۇق ئىنچىكە چېچى، ئۇنىڭغا بىر خىل زور دەرىجىدىكى تۇيغۇ بەرگەنلىكىنى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇ تېرىسى، مەخسۇس ئاياللارغىلا خاس بولغان تۇرىقى، كىچىك بالىلارنى يامغۇر سۈيىدە يۇيىۋەتكەندەك تېرىلىرى بار ئىكەن. ئۇ فىرانسىيە ئاياللىرىنى شۇ يەرلىك ئاياللارغا سېلىشتۇرغاندا، فىرانسىيە ئاياللىرنىڭ تېرىلىرى بىر قەدەر پىششىقراق كۆرىنەتتى ھەتتا شۇنچىلىك قوپال دەيتتى. ئۇ يەنە ئىسسىق بەلباغدىكى يېمەكلىك كەمچىل ھەم ئاددىي بولغانلىقى، پەقەت بېلىق بىلەن مېۋىلا ئەمەسلىكى بۇ پەرقلىق ئىخىتلاپنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق سەۋەبىدىن دەيتتى. يەنە بۇ يەردىكى كىشىلەر پاختا رەخت، يىپەكلىك كىيىملەرنى شۇنچىلىك چوڭ ھەم كەڭ قىلىپ كىيىۋالاتتى. بەدىنىگە چاپلىشىپ تۇرمايتتى. كىيىملىرى يالاڭ بەدەنلىرىنىڭ ئۈستىدە ئويناپ تۇراتتى.
    ئۇ قىزغا قاراپ تۇراتتى. ھەتتاكى كۆزىنى يۇمىۋالسىمۇ ئۇنىڭغا قارايتتى. ئۇ ئۇنىڭ يۈزىدىن تىنىق ئالاتتى. ئۇ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئۇنىڭ ھىدىنى پۇراۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئېغىزىدىن ئىسسىق تىنىقىدا تىنىق ئېلىۋاتاتتى. ئۇ بارغانسېرى بۇ تەننىڭ چەك چىگرىسىنى ئېنىق ئايرىمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ بىر ئۆزگىچە بولغان تەن بولۇپ، پۈتۈنلەي يېتىلمىگەن ئىدى. بۇ ئۆينىڭ ئىچىدە داۋاملىق چوڭ بولىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېتىلىشتىن توختىمىغان، داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇراتتى ھەمدە ئۇ پەقەت يىگىت كۆرەلەيدىغان جايلاردىلا ئىدى. باشقا جايلاردىمۇ ئۇنىڭ سايىسى بار ئىدى. بۇ تەن ھالاك بولۇشنىڭ ئويۇنى تەرەپكە قاراپ كىلىۋاتاتتى ھەمدە ئۇنىڭ دىققەت نەزىرىدنن ھالقىپ كېتىپ باراتتى. ئۇ شۇنچىلىك مۇلايىم ئەپچىل ئىدىكى، بىر ھوزۇرلىنىش قاينىمىغا چۆكۈپ، خۇددى بىر يېتىلگەن كىشىنىڭ تېنىگە ئوخشاپ قىلىۋاتقان ئىدى. ئۇ ئەركە ئەمەس ئىدى، لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك، يەنە كىلىپ زېرەك جانلىق بولۇپ كىشىنى ھەيران قالدۇراتتى.
    مەن ئۇنىڭ مېنى قانداق قىلىدىغانلىقىغا، مېنى قانداق ئوينايدىغانلىقىغا قاراپ تۇردۇم. لېكىن مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى ئويلىماپتىمەن. ھەتتا مېنىڭ كۈتكىنىمدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن ئىدى. پۈتۈنلەي مېنىڭ قايسى كۈنىدىكى تېنىمنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن ئىدى. مۇشۇنداق قىلىپ مەن ئۇنىڭ قولىدىكى بالىغا ئوخشاپ قالدىم. ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇمۇ باشقا بىر خىل ئوبرازغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. مەن ئۇنىڭ تېرىسىدە، ئۇنىڭ پۈتۈن تېنىدىمۇ بىرخىل تىل بىلەن ئىپادىلىگۈسىز دەرىجىدىكى راھەتلىكىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. خۇددى ئۆزى ئەمەستەكلا بولۇپ قالغان ئىدى. باشقا بىر ئەركىشىنىڭ سايىسى بەلكىم بۇ ئۆيدە پەيدا بولغان بولىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بۇ دەل ھېلىقى ياش قاتىلنىڭ سايىسى ئىدى. پەقەت شۇ ۋاقىتلاردىكى ئىشلار تېخى بۇ دەرىجىگە راۋانلانمىغان ئىدى. شۇڭا ھېچقانداق بىر ئەكسى تەسىرى كۆز ئالدىمدا پەيدا بولغان ئەمەس. يەنە بىر ئەر كىشىنىڭ سايىسىمۇ بىللىلا بۇ ئۆيدە پەيدا بولدى. لېكىن بۇ ساينى مەن بىلەتتىم. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ مېنىڭ خۇشاللىق ۋاقىتلارىمدا پەيدا بولاتتى. مەن ئىلگىرى ئۇنىڭغا، قىرغاقتىكى شۇ ئاشىنامغا ئېيتقان ئىدىم. ئۇنىڭ گەۋدىسىنى سۈپەتلەش تەس بولغان بىرخىل ھوزۇرلىنىش ھېسسىياتى ئىكەنلىكى، شۇنداقلا ئۇ ئورمانلىقتا، قارا قاپلان يوقاپ كەتكەن دەريا ئېغىزىدا مۇشۇنداق غەيرەتنى ئىپادىلىگەن ئىدى. مەن نېمىلا دېيىشىمدىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ نەپسىنىڭ رايىغا باقاتتىم. ئۇنى ئۆزۈمگە تېخىمۇ ئىگىلىۋالاتتىم. مەن ئۇنىڭ بالىسىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدىم. ھەر كۈنى كەچتە ئۇ ئۆزىنىڭ بالىسى بىلەن كۆڭۈل ئاچاتتى. لېكىن بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ تۇيۇقسىز قورقۇپ كېتەتتى. مېنىڭ تېنىمدىن قورقۇپ كىتەتتى. چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغانلىقىمنى ھېس قىلىپ قالغاندەك قالاتتى، تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ مەندىن بۇرۇن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالاتتى. ئۇ ھەقىقەتەن شۇنچىلىك ئورۇق ئىدى. بەزى ۋاقىتلار ئۇنى ھەقىقەتەن چۆچىتىپ قوياتتى. ئۇ يەنە قىزچاقنىڭ باش ئاغرىق كېسىلىدىن غەم قىلاتتى. بۇ كېسەل ئۇنى شۇنداق زەئىپلەشتۈرۈپ، چىرايى ئاقىرىپ، ماغدۇرسىزلىنىپ، كۆزىگە قارا لاتا تارتىۋالاتتى. ئۇمۇ قىزنىڭ تۇيۇقسىز جاندىن تويغان كەيپىياتى بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇنىڭ كەيپىياتى تۆۋەن ۋاقىتلاردا، ئۇ ئاپىسىنى ئېسىگە ئالاتتى. ئۇنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئاپىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىچە بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى ئويلايتتى. ئاشۇ بالايى-ئاپەتلەرنى پەيدا قىلغان ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈپ يوقىتىشمۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ تۇيۇقسىز داد-پەرياد كۆتۈرۈپ، قاتتىق بىر يىغلايتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ يۈزىنى قىزنىڭ يۈزىگە ياقاتتى. ئۇنىڭ يېشىنى سۈرتەتتى. ئۇنىڭ چىڭ قۇچاقلىۋالاتتى. قىزنىڭ كۆز يېشى، قىزنىڭ غەزىپى، ئۇنىڭ ھاۋايى ھەۋىسىنى قوزغىتىۋېتەتتى. 
    ئۇنىڭ ئۇنى قوينىغا ئېلىش خۇددى كىچىك بالىنى قوينىغا ئېلىۋالغاندەكلا ئىدى. ئۇ بالىنىڭ تېنى بىلەن ئويناۋاتاتتى. ئۇنى خالىغىنىچە كۆتىرىپ قىلاتتى. ئۇ كىچىك بالىنىڭ بەدىنى بىلەن ئۆزىنىڭ يۈزىنى، ئېغىزىنى، كۆزىنى ئېتىۋالاتتى. لېكىن قىزچاق يەنىلا ئۇنىڭ ئويناشلىرىغا بەرداشلىق بېرەتتى ھەمدە تۇيۇقسىزلا، قىزچاق ئۇنىڭدىن ئۆتىنىشكە باشلايتتى، لېكىن قىزچاق ئۇنىڭدىن نېمىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتمىدى. لېكىن ئۇ، ئۇنىڭ ئاۋاز چىقارماسلىقىنى، ئۆزى قاتتىق ۋاقىرىراپ-جارقىراپ، بۇندىن كېيىن ئۇنىڭ كېرىكى يوقلىنى ئېيتتى. ئىككىنچى ئۇنىڭ بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئۇلار مانا ھازىرمۇ بىر يەردە بولۇپ، ئەنسىزلىك ئىچىدە قامىلىپ قالغان ئىدى. ئۇلار مانا مۇشۇنداق كۈندە دېگۈدەكلا ئەنسىزلىك، كۆز يېشى، ئۈمىدسىزلىك ۋە بەخىت ئىچىگە چۆكۈپ كەتكەن ئىدى.
    ئۇلار پۈتۈن بىر كېچە سۈكۈتتە، بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان ئىدى. ھېلىقى ئۇنى ئاپىرىپ ئەكىلىدىغان قارا رەڭلىك پىكاپنىڭ ئىچىدە، قىز ئۇنىڭ مۆرىسىگە بېشىنى قويىۋالغان ئىدى. ئۇ قىزنى چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدى. ئۇ قىزغا فىرانسىيىنىڭ پاراخوتى پورتقا كىلەي دەپ قالغانلىقىنى ھەمدە ئۇنى ئېلىپ كەتمەكچى بولغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يولدا، ئۇلار تۇيۇقسىز جىمجىت بولۇپ قالدى. بەزى ۋاقىتتا، ئۇ شوپۇرغا دەريا بويىغا بېرىپ شامال يەپ كىلىشنى ئېيتاتتى. قىزچاق بەكلا چارچاپ كەتكەن ئىدى، ئۇنىڭغا يۆلىنىپ ئۇخلاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ قىزنى سۆيۈپ قويىشى قىزنى ئويغىتىۋەتكەن ئىدى.
كارىدورنىڭ ئىچى پۈتۈن يېشىل نۇر ئىدى. بىر خىل پۇراقلىق كۈجىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىيالايتتى. ھەر قېتىم قاش قارايغان ۋاقىتتا كىشىلەر كۈجە كۆيدۈرەتتى. ئىسسىق دەستىدىن توختاپ قالاتتى. بارلىق دېرىزلەرنى ھەممىسىنى ئوچۇق قوياتتى. ئازىراقمۇ شامال يوق ئىدى. ئاۋاز چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئايىقىمنى سېلىۋەتكەن ئىدىم. لېكىن مەن ناھايىتىمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالغان ئىدىم. چۈنكى قىزلار ياتاق نازارەتچىسى ئويغىنىپ كەتمەيتتى. چۈنكى مەكتەپ ھازىر مېنىڭ كېچىسى خالىغان ۋاقىتتا سىرتقا چىقىپ كىرىشىمگە يول قويغان ئىدى. مەن دەرھال ئېلىننانىڭ كارۋىتىغا بېرىپ قارىدىم، مەن دائىم ئۇنىڭدىن كۈندۈزى مەكتەپتىن قېچىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيتتىم. ئۇ ئۇ يەردە بار ئىدى. ئۇ ناھايىتىمۇ تاتلىق ئوخلاۋاتاتتى. بۇنىڭ بىر خىل كاجلىق ئىكەنلىكى ئېسىمدە ئىدى. ھەتتا قەستەنگە قاتتىق ئۇيقۇغا كەتكەندەك قىلاتتى. بىر خىل جاھىل خاراكتېرلىق جاپالىق ئوخلاش ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنى ئەركىن تاشلاپ قولىنى گېرە قىلىپ ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئۇخلاش ھالىتى باشقا قىزلارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. پۇتىنى ئەگىمەچ قىلىۋالاتتى، يۈزى قىسمىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ياستۇقى باشقا بىر ياقلارغا قىچىپ كېتەتتى. مېنىڭ پەرىزىمچە ئۇ باياتىن چوقۇم مېنىڭ قايتىپ كىلىشىمنى كۈتكەن. كېيىن مەن كەلمىگەچكە زېرىكىپ قالغان بولۇشى، خاپا بولۇپ ئاندىن مۇشۇنداق ئەگرى-بۈگرى بولۇپلا ئۇخلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇ ئاباي چوقۇم يەنە تېخى يىغلىدى. شۇنىڭ بىلەن تىگى يوق بىر ئۈمىدسىلىك ھاڭىغا چۆكۈپ كەتكەن. مېنىڭ ئۇنى ئويغىتىۋەتكىم كىلىپ كەتتى. بىرلىكتە پىچىر-پىچىر پاراڭلاشقۇم كەلدى. چۈنكى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەن ھېلىقى قىرغاكتىكى ئەگەر قىلىدىغان ھېچقانداق سۆزۈم قالمىغان ئىدى. ئۇمۇ ماڭا گەپ قىلمايدىغان بولدى. شۇ دەقىقىدە ئېلىننانىڭ مەندىن سۇئاللارنى سورىشىنى خالايتتىم. ئۇ ئاشۇنداق گەپ ئاڭلىمايدىغان كىشىلەرگە بىر خىل سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغان پاك قەلبى بار ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى مېنىڭ ئۇنى ئويغىتىۋېتىشكە كۆڭلۈم قويمىدى. بىر قېتىم، يېرىم كېچىدە مەن ئۇنى ئويغىتىۋەتكەن ئىدىم. نەتىجىدە كېيىن ئۇ ئۇخلىيالمىغان ئىدى. ئورنىدىن تۇرۇپ ئايلىنىپ كىرەتتى. ئۇ راستىنلا ئايلىنىشقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ پەلەمپەيدىن يۈگىرىپ چۈشەتتى، كارىدوردىن چىقىپ مەكتەپ ھويلىسىغا چىقاتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن يۈگۈرگەچ بىر تەرەپتىن مېنىڭ ئىسمىمنى چاقىراتتى. ئۇ شۇنچىلىك شوخلۇق قىلاتتى، ھېچكىم ئۇنى توسىمايتتى. ئەكسىچە ئۇنى سەيلە قىلما دېگەن ۋاقىتتا، سىز ئاندىن ئۇنىڭ ھەقىقىي كۈتىشىنى بىلىسىز. مەن ئىككىلىنىپ قالدىم، يەنىلا بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ئۇنى ئويغاتمىدىم. پاشىلىقنىڭ ئىچى ئىسسىقلىقىدىن تېنىق ئالغىلى بولمايتتى. مەن ھەر قېتىم پاشىلىقنى قايرىپ قويغان ۋاقتىدا، ئادەم تېخىمۇ بەك چىداپ تۇرالمايتتى. لېكىن مەن بىلەتتىم، مەن ئەمدىلا قايتىپ كەلگەن، بايىلا تېخى دەريا بويىدىن كەلگەن ئىدىم، دەريا بويى كېچىسى تولىمۇ سالقىن بولۇپ كىتەتتى. مەن كۈنۈپمۇ قالغان ئىدىم، مەن يېتىپ مىدىرلاپمۇ قويمايتتىم. بۇ ئىسسىق ھاۋانىڭ چىقىپ كېتىشىنى ساقلايتتىم. ئىسسىق ھاۋا ئاخىرى چىقىپ كەتتى. لېكىن مەن ئەمدى دەرھاللا ئۇيقىغا بېرىپ چۈشلەرگە غەرق بولالمايتتىم. مەن تۇغۇلغاندىن بۇيان بۇنداق چارچاپ باقمىغان ئىدىم. مەن قىرغاقتىكى ئۇ ئەرنى ئويلاۋاتاتتىم. مۇشۇ دەقىقىدە، ئۇ بەلكىم «بۇلاق سۈيى مېھمانخانىسى»نىڭ يېنىدىكى كەچلىك كۇلۇبتا بولۇشى مۇمكىن، شوپۇرى بىلەن ھاراق ئىچىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. ھەر قېتىم ئۇلار بىللە ۋاقىتتا، ئۇلار ساكې ئىچەتتى. ياكى بولمىسا بۇ ۋاقىتتا ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن ھەمدە ئۆزىنىڭ شۇ ھوجۇرىسىدىكى چىراق نۇرى بىلەن ئۇيقىغا كەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن. ھېچكىمگە بىرەر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىغان بولىشى مۇمكىن ئىدى. شۇ كۈنى ئاخشىمى، مەن ئۇ ئەرنى ئويلاپلا قالسام چىدالماي كېتەتتىم. يەنە كىلىپ ئېلىننانى ئويلاپ قالساممۇ چىداپ تۇرالمايتتىم. خۇددى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا گۈزەل بىر خىل تۇرمۇش باردەك قىلاتتى. لېكىن بۇنداق تۇرمۇش ئۇلارنىڭ ئۆز تېنىدىن سىرتدىكى بىرخىل تۇرمۇش ئىدى. ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، مەن ئۇنىڭدەك بەختلىك ئەمەس ئىدىم. ئاپام «بۇ قىز مەڭگۈ قانائەت قىلمايدۇ» دەيتتى.
    ھېس قىلىشىمچە مېنىڭ تۇرمۇشۇم ئەمدى مېنى كولدۇرلىتىشقا باشلاپتۇ. مېنىڭچە مەن بۇ تەرەپنى ھېس قىلالىدىم. شۇنىڭ بىلەن مەندە غىل-پال ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالى پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ تۇرمۇشىمدا مۇنداق ئىدىيىدىن ئۈزۈپ چىقالماي قالدىم. مېنىڭچە مەندە بىر خىل يالغۇز ياشاش ئىدىيىسىمۇ سۇس پەيدا بولۇپ قالغان ئىدى. مەن يەنە ئۆزۈمنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىم بىلەن خۇشلاشقانلىقىمنىمۇ ھېس قىلدىم. مەن بۇ «ئوۋچى» ئائىلىسىدىن ئايرىلغان كېيىن، مەن تەنھا قىلىپ باقمىغان ئىدىم. مەن كىتابكا ئېيتىلىغىنىدەك سۆز قىلدىم. بۇ مېنىڭ كەلگۈسى ئارزۇيۇم ئىدى. بىر چەكسىز كەتكەن قۇملۇقتىكى كىشىلىك ھاياتنىڭ كەلگۈسى تەسەۋۋۇرىنى نامايەن قىلىشى ئىدى.
    ئۆز ۋاقتىدا سايگوندىكى كەلگەن تېلېگراممىنى قانداق يازغانلىقىم ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ. تېلېگراممىدا كىچىك ئاكامنىڭ ۋاپاتىنى يازغانمۇ، ياكى بولمىسا، كىچىك ئاكامنى تەڭرى ئېلىپ كەتكەننى يازغانمەن؟
    خۇددى كىچىك ئاكامنى تەڭرى ئېلىپ كەتكەن دېگەندەك يازغان ئېسىمدە بار. لېكىن، بىر تەرىپى ماڭا بەك ئايان. تېلېگراممنى ئۇ ئەۋەتكەن ئەمەس ئىدى. كىچىك ئاكام ئۆلدى، دەسلەپتە مەن گاڭگىراپ چۈشىنەلمەي قالغان ئىدىم. بىراق كېيىن، ئۇشتۇمتۇتلا، يۈرەكنى قاتتىق ئازابلايدىغان ئىش يۈز بەردى. ئۇ ھەر تەرەپتىن كېلىۋاتاتتى. دۇنيانىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلاملىرىدىن كىلىۋاتاتتى. ئازاب مېنى خۇددى يۈتىۋالغاندەكلا مېنى ئېلىپ كېتىپ باراتتى. مەن يوقىلىۋاتاتتىم. چۈنكى دەردىم تولۇپ تاشتى. مەن زادى نېمە ئۈچۈن ئازاب بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەيتتىم. چۈنكى نەچچە ئاي ئىلگىرى مەن بىر بالىدىن ئايرىلىپ قالدىم ، شۇنىڭ بىلەن بۇ قايغۇ مېنى قورشىۋالغان، بېسىۋالغان ياكى بىر خىل يېڭى ئازابمىدۇ؟ مەن ئەمدى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. ئۇ بىر خىل يېڭى ئازاب، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن بالام، تۇغۇلغان ۋاقىتتىلا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراپ ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى. مەن بۇ يېڭى ھاياتلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم ھەمدە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىلگىرىكى دەر-ئەلەمدىن، جاندىن تويغاندىكىدەك ئۇنداق قىسقا بولمىغان ئىدى.
    ئاكام ئۆلۈپ كېتىپ، بارلىق ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ دەپنە قىلىنغان ئىدى.
    كىچىك ئاكامنىڭ ئۆلۈپ كەتكەندىكى گەۋدىسىگە، كېيىنكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا نىسبەتەن بولغان ھېسسىياتىنى كىشى پەرەز قىلىپ بولالمايتتى. ئۇنىڭ 27 يىللىق ھاياتىدا، ئۇ تاكى مەلۇم بىر خىل كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقىپ كېتىدىغان نەرسىنى يۇشۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ئۆزىمۇ بۇنى ئېنىق پەرىقلەندۈرۈپ بولالمىغان خالاس.
    مەن شۇ چاغدىلا خاتالاشقان ئىدىم. بۇ بىر نەچچە مىنۇت ئىچىدە سادىر قىلغان چوڭ خاتالىق غايەت زور دەرىجىدىكى بالا-قازالارنى ئېلىپ كىلەتتى. كىچىك ئاكام ئەسلى ئۆلمەيتتى. پەقەت بىز ئۇنى قايتا كۆرەلمەيدىغان بولدۇق. ئۇ شۇ ھايات ۋاقىتلىرىدا، ئۇنىڭ ئۆلمەس روھىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە يوقالغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، دۇنيامۇ شۇنداق ئەمەسمۇ. كىشىلەر تەرىپىدىن سۈرۈشتۈرلىدىغان بۇ گەۋدە يوقالغان ئىدى ھەمدە كىشلەرنىڭ سۈرۈشتىرىشىمۇ تۈگىگەن ئىدى. كىشىلەر پۈتۈنلەي خاتالاشقان ئىدى. خاتالىق، بالايى- ئاپەتلەر، بارلىق شەئىيلەر، شەرمەندىچىلىكلەرنى يۇشۇرۇشقا تەڭرى يول قويدۇ ئەلۋەتتە.
    ھېچكىم مەندەك ئېنىق چۈشەنمەيتتى. ئۇنداقتا، مەندە مۇشۇنداق تۇنۇش بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن بۇ تۇنۇش شۇنىسى شۇنچىلىك ئاددىي بولۇپ، كىچىك ئاكامنىڭ گەۋدىسى دەل مېنىڭ گەۋدەم ئىدى. شۇڭلاشقا، ئەسلىدە مەنمۇ ئۆلۈپ كېتىشىم كېرەك ئىدى، مەن ئۆلۈپ بولدۇم .
    ئەسلى ئىشلاردىن بۇرۇن بۇ ساۋاقلارنى كىشىلەرگە ئېيتىشىم كېرەك ئىدى. ئۇلارغا ئۆلمەس نەرسىلەرنىڭمۇ ھامان يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىشىم كېرەك ئىدى. بۇنداق ئىش بۇرۇنمۇ يۈز بېرىپ باققان بولۇپ، ھازىر يەنىلا داۋاملىق يۈز بەرمەكتە. كىشىلەرگە شۇنى تۇنىتىش كېرەككى، ئۆلمەس نەرسىلەرنىڭ بىلىپ بىلمەيلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغانلىقىنى بىلىش كېرەك، ياق، داۋاملىق ئۇنداق ئەمەس، ئۇ پەقەت مۇتلەق بولغان ئىككى خىل مۇھىم خاراكتېر. ئۇ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلارنىڭ ئارىسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرمايدۇ، پەقەت پىرىنسىپ ئۈستىدىلا مەۋجۇت ئىدى. بەزى كىشىلەر ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشىنى تامامەن يۇشۇرالايتتى. پەقەت شۇ قانداق يۇشۇرۇشنى بىلمەيتتى. بىلىش كېرەككى، ئۇ راستىنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقاندا، ھاياتلىق ئاندىن داۋاملىشىدۇ. ئۆلمەسلىكنىڭمۇ ھېلىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. بۇ ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىدىكى مەسىلە ئەمەس ھەمدە ئۆلۈش ياكى تىرىلىشنىڭ ئىشى ئەمەس. ئەگەر ئۆلمەسلىكنى باش-ئاخىرى يوق ئىش دەپ ئېيتساق ئۇنداقتا، يەنە خاتالاشقان بولىمىز، ئۇ روھنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى بىلەن مەۋجۇت بولۇپ، ئۆلگەندىن كېيىن باشلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىش بولىدۇ دەپ ئېيتىش كېرەك. ئۇ روھنىڭ كاتىگورىيىسىگە تەۋە بولغان ئىكەن، ئۇنداقتا ۋەھشىيلىك بىلەن ئارقىدىن قوغلاپ يېتىدىغان خاراكتېر بولغان بولىدۇ. بۇ قۇملۇقتىكى ئاۋۇ قىلچىمۇ مىدىرلاپمۇ قويمايدىغان قۇملار بىلەن ئاشۇ ۋاقىتسىز ئۆلۈپ كەتكەن بوۋاق جەسەتلەرگە قاراڭچۇ، ئۆلمەسلىك ئۇ يەردىن ئۆتۈپ باققان ئەمەس، ئۇ پەقەت توختاپ قالغان ياكى بولمىسا شۇ يەرگە كەلگەندە ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكەن.
    كىچىك ئاكامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭدا بىر خىل مۇكەممەل بولغان، كىشىنى ئەسلىتىدىغان نەرسىلەر بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازى شۇنچىلىك پاك ھەم ئېسىل بولۇپ، سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايتتى. كىچىك ئاكامنىڭ ئۇ دۇنياغا كەتكىنىگە يۇقىرى ئاۋازدا يىغلاشنىڭمۇ قىلچە ھاجىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ قايغۇرىدىغان ھېچقانداق ئىشى يوق بولۇپ، مەيلى قايسى تەرەپتىن بولسۇن، بۇ يەردە بولسۇن، ھەممىسىدە ئۇنىڭ قايغۇرغىدەك ئىشى يوق ئىدى. ئۇ مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان، ئۇ دائىم بىر نەسە ئۆگىنەلمەيتتى. ئۇ سۆزگە ئۇستا ئەمەس ئىدى. پەقەت زورىغا كىتاب كۆرەتتى. زورىغا بىر قانچە خەت يېزىپ قوياتتى. بەزى ۋاقىتتا كىشىلەر ئۇنىڭدا ئازابنىڭ ھېسلىرىمۇ بولمايدۇ دەپ ئويلايتتى. ئۇ بىر ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان قورقۇنچلۇق ئادەم ئىدى.
    مېنىڭ كىچىك ئاكامغا نىسبەتەن بۇ خىلدىكى مۇھەببەتنىڭ بارلىقى، مېنىڭ ئۈچۈن يەنىلا بىر تېگى يوق مەخپىيەتلىك ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ نېمىشقا بۇنچىلىك دەرىجىدە ئۇنى سۆيىدىغانلىقمنى بىلمەيتتىم. ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلۈشكىمۇ رازى ئىدىم. ئەمەلىيەتتە شۇ ئىش يۈز بەرگەن ۋاقىتتا، مەن ئۇنىڭدىن ئايرىلغىلى 10 يىل بولغان ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتلاردا، مەن ئۇنى ناھايىتى ئاز ياد ئەتتىم. خۇددى مەن ئۇنى ياخشى كۆرىدىغاندەكلا قىلاتتىم. مەڭگۈ ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ھەمدە ھەر قانداق يېڭى بىر خىل ھېسسىيات بۇنىڭدەك دەرىجىگە يەتمەيتتى. مەن ھەتتاكى ئۇنىڭ ئۆلۈپ ئۇ دۇنياغا كەتكەنلىكىنىمۇ ئېسىمدىن چىقىرىپ قوياتتىم. 
    بىز ناھايىتى ئاز پاراڭلىشاتتۇق، چوڭ ئاكامنىڭ ئىشلىرىنى ناھايىتى ئاز پاراڭلىشىپ قوياتتۇق. ئۆزىمىزنىڭ بەختسىزلىكى توغرىسىدىمۇ ئاپامنىڭ بەخىتسىزلىكى بىلەن بۇ خىلدىكى يېزا-قىشلاق، تۈزلەڭلىكلەرنىمۇ پاراڭلاشمايتتۇق. بىز ئوۋ ئوۋلاش، كارابىن مىلتىقى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللار توغرىسىدا پاراڭلىشىشنى ياخشى كۆرەتتۇق. ئۇ ئىلگىرى شۇ ئاپتوموبىلىنىڭ سۇقىشىپ كەتكەنلىكىدىن قاتتىق ئاچچىقلانغانلىقىنى ھەمدە ماڭا قايناپ بەرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ شۇ كونا ماشىنىلارنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. ئەلۋەتتە، بىز يەنە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ خەتەرلىكلىگىنى، دىققەت قىلمىسىلا يولۋاسنىڭ يېمى بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر شىددەتلىك ئېقىندا ئۈزۋاتقان بولسا، كۆلگە بېرىپ تۇنجىقىپ قالىدىغانلىقىنى دېيىشەتتۇق. ئۇ مەندىن ئىككى ياش چوڭ ئاكام ئىدى.
    شامال توختىدى. دەرەخنىڭ ئاستىدا بىر ئاجايىپ نۇر سىزىقى پەيدا بولدى. ئارقىدىنلا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.
    خۇددى سېھىرلەنگەندەك قۇشلارنىڭ گىژىلداشلىرى ئۇلارنى بىزار قىلىۋەتكەن ئىدى. ئۇلار ئاغزىلىرىنى يىپىشتۇرۇپ، جىنىنىڭ بېرىچە ۋارقىراشلىرىغا تايىنىپ، سۇغۇق ھاۋانىڭ كىرىشىگە قارشى تۇرماقتا ئىدى. ئۇلار ئېغىزىنى تېخىمۇ چوڭ ئېچىپ ۋارقىرايتتى، ۋارقىرىغان ئاۋازى قۇلاقنى يېرىۋېتەتتى.
    ئۇ چوڭ تىپلىق پاراخوتلار سايگون دەرياسى قىرغىقىنى بويلاپ ئېقىنغا قارشى كېتىپ باراتتى. ئۇلار ھەرىكىتنى توختىتىپ قويغان ئىدى. سۆرەش كېمىسى سۆرەۋاتقان ئىدى تاكى سايگون دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىنغا ئاپارغىچە تارتاتتى. دەل سايگون دەرياسى ئىدى. يولۇچىلار پاراخوتى بۇ يەردە بىر ھەپتىدەك توختاپ قالغان ئىدى. ھەر قېتىم كېمە پورتتا تۇرغان ۋاقتىدىلا، خۇددى فىرانسىيە سىزگە يېقىن جايدىكىدەكلا تۇراتتى.
    كىشىلەر كېمىگە چىقىپ بىر ۋاق فىرانسىيە تائاملىرىنى يېسە بولاتتى. يەنە تېخى تانسا ئوينىسىمۇ بولاتتى. لېكىن ئاپامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ يەرنىڭ تاماقلىرى بەك قىممەت ئىدى. يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئۇ يەرگە بېرىپ غىزالىنىشنىڭ زۆرۇرىيىتىمۇ يوق ئىدى. پەقەت قىرغاقتىكى ئاشىقىم بىلەن بېرىپ قالمىساقلا، بېرىپ بېقىشمۇ يوق ئىش ئىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ ئۇ يەرگە ئاپىرىشنى خالىمايتتى. چۈنكى ئۇ باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. شۇنچىلىك كىچىك بولغان بىر ئاقتەنلىك قىزنى يېتىلىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرەيتتى. بۇنى ئۇ ھەرگىزمۇ دىمەيتتى. لېكىن قىزچاقنىڭ كۆڭلىگە بەك ئايان ئىدى. شۇ دەۋىردە، ئەمەلىيەتتە تېخى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ۋاقىتتىكى ئىشلار ئىدى. 50 يىللار ئىلگىرىكى ئىشلار ئىدى. پەقەت پاراخوت بىلەن ھەممە يەرگە بارغىلى بولاتتى. پۈتۈن جاھاننى ئايلانغىلى بولاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا شۇ كەڭ قۇرۇقلۇقلاردا تېخى تاشيول يوق، تۆمۈر يولمۇ يوق ئىدى. نەچچە يۈز كىلومېتىر ئەتراپىدىمۇ نەچچە مىڭ كىلومېتىرلىق زېمىندىمۇ، پەقەت قەدىمقى يوللارلا بار ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا، نەچچىلا فىرانىسىيە دېڭىز پوچتا شىركىتىنىڭ يولۇچىلار كېمىسى بار ئىدى. مەسىلەن «باس نومۇرلۇق»، «دادىنىڭ نومۇرلۇق» ۋە «ئالمىس نومۇرلۇق» دەل مۇشۇ « ئۈچ مەرگەن» ھىندىچىنى بىلەن فىرانسىيىنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى.
    شۇ قېتىملىق ساياھەت 24 كۈن داۋاملاشقان ئىدى. بۇ ئۇزنغا ماڭىدىغان دېڭىز پاراخوتلىرى بىر شەھەرگىلا ئوخشايتتى. كوچىلىرى، مەيخانىسى ۋە قەھۋەخانىلىرى بار ئىدى. يەنە كۇتۇپخانىسى ۋە يىغىن زاللىرىمۇ بار بولۇپ، يەنە مەخپىي ئۇچرىشىش ئورۇنلىرىمۇ بار ئىدى. ئاشنىسى بارلار ھەتتاكى ئۆلۈم–يېتىم ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بار ئىدى. پاراخوتتا بىلىپ بىلمەي بىر ئىجتىمائىي سورۇن شەكىللىنىپ قالاتتى. بۇ ئىجتىمائىي ئالاقىلىلەر قەتئىي كەم بولسا بولمايتتى. كۆپچىلېكنىڭ ھەممىسى بىلەتتى ھەم ئۇنتىيالمايتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ۋاقىتلىق تەشكىللەنگەن ئىجتىمائىي سورۇنمۇ راھەت ھەم ئەركىن-ئازادە ئىدى. بەزى ۋاقىتتا ھەتتاكى بىر خىل ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىقلار بولاتتى. پاراخوتقا چىقىپ ساياھەت قىلىش ئايال كىشىنىڭ ۆمرىدىكى بىردىنبىر ساياھىتى دەپ ئېيتىشقا بولاتتى. بولۇپمۇ كۆپلىگەن ئاياللارغا قارىتىلغان ئىدى . ئەلۋەتتە بەزى ۋاقىتلاردا بىر قىسىم ئەرلەرمۇ مۇشۇنداق بولۇپ قالاتتى. كېمىگە چىقىپ يۇرت كۆرۈپ ساياھەت قىلىش ئۇلارنىڭ ئۆمرىدىكى بىر قېتىملىق ھەقىقىي خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىش بولۇپ قالاتتى. ئاپامغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ دېڭىزدىكى ساياھىتىمىز ھەمدە مېنىڭ ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىم، ئۇنىڭ دېمەكچى بولغان ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل چاغلاردىكى ئىشلار ئىدى.
    يەنە بىر كېمە قوزغالدى، ھەر قېتىم قوزغالغاندا ئوخشاش ئىدى. ھەر قېتىملىقى بىر قېتىملىق يىراققا ساياھەت قىلىدىغان يولۇچىلار ئىدى. يەنە ئۇلار دائىم ئوخشاش بولغان ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلاتتى. مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەرلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايتتى. ئاشۇ ھىندىئانلارنى، مۇتەپپەكۇرلارنى ۋە ئاشۇ بىر قېتىم پاراخوتقا چىقىپ دېڭىزدىن ئۆتۈپ ساياھاتكە بارىدىغانلارنى توسۇپ قالغىلى بولمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن ئايرىلىپ يۇرتىدىن ئايرىلىشنى يوشۇرۇشنى توسۇپ قالالمايتتى ھەمدە ئۇ ئاياللار ئۆزلىرى يۇرتلاردا قالاتتى. دەل مۇشۇنداق جەمەت-نەسەب، بۇ ماكاندىكى مال-بىسات، يىگىتلەرنىڭ قايتىپ كەلگەندىكى تەقدىرى بولۇپ قالغان ئىدى. نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان، دېڭىز سەپىرى بۈگۈنگە كەلگەندىمۇ تېخىمۇ ئاستا بولۇپ قالغان ھەمدە تېخىمۇ چۆلدەرەپ قالغان ئىدى. سەپەرنىڭ ۋاقتى بىلەن جۇغراپىيىلىك بوشلۇقى دائىم تەبىئىيلا سېلىشتۇرۇلۇپ قالاتتى. ئۇ ۋاقىتلاردا، كىشىلەر دېڭىز بىلەن قۇرۇقلۇقتىكى بۇ خىل ئاستا يۈرۈشكە، بۇ خىل كىشلەرگە، دېڭىز شامىلىنىڭ كىلىشىنى كۈتۈش، ئوچۇق ھاۋانى كۈتۈشكە كۈنۈپ قالغان بولۇپ، يەنە پاراخوتنىڭ ھادىسىلەرگە ئۇچىرىشىغا، ئوتتەك ئاپتاپ قىزىقىغا، يەنە رەھىمسىز ئەزرائىلغا كۈنۈپ كەتكەن ئىدى. بۇ ئاق تەنلىك قىزچاق ئولتۇرغان پوچتا پاراخوتى دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دېڭىز يولۇچىلار پاراخوتى ئىدى. سەۋەبى بوشلۇقتىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيىسى قىزچاقنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا بار بولغان ئىدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئاۋىئاتسىيە ئاستا-ئاستا كىشىلەرنىڭ دېڭىز يۈرىشىدىكى ئېھتىياجىنى يوقاتتى. 
    بىز يەنىلا ھەر كۈنى شۇ قىرغاقتىكى بويتاقلار ياتىقىغا باراتتۇق.يەنە بۇرۇنقىغىلا ئوخشاش ئىدىشتىكى سوغۇق سۇ بىلەن مېنى يۇيۇپ قوياتتى. ئاندىن مېنى كۆتىرىپ كارۋاتقا ئەكىلەتتى. ئۇ مېنىڭ يېنىمغا كىلىپ، مەن بىلەن ياتاتتى، ئەمما، ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ كەتكەن بولۇپ، قىلچە قىزىقىش يوق ئىدى. مېنىڭ ۋەتەنگە قايتىدىغانغا يەنە شۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت بولغان تەقدىردىمۇ، لېكىن، مەن ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ بەدىنىمگە نىسبتەن ھېچقانداق مادار دېگەن نەرسە قالمىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇنىڭدىن بۇ قارارىمنى يۇشۇرۇغان ئىدىم، بۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئەخمىقانىلىق ئىدى. ئۇنىڭ بەدىنى ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان، يۈز ئۆرۈپ كەتمەكچى بولغان بۇ بەدەننى ئەمدى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ماڭا ئەمدى سىز بىلەن بىرگە ئويناشقا ئامالسىزمەن، مەن تېخى بولالايمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئويلىمىغان يەردىن مەن ئەمدى بولالمايدىكەنمەن دېدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. سۆزلىگەندە بىر خىل ناماقۇل يوسۇندا كۈلۈمسىرەپ قويغان ئىدى. ئۇ يەنە بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق خۇشاللىقتىن مەھرۇم قالغانلىقىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭدىن بۇنداق بولۇشنى خالاش-خالىماسلىقىنى سورىدىم. ئۇ كۈلگەندەك قىلدى، ئۇ مەن بىلمەيمەن، بەلكىم ھازىر شۇنداق بولۇشىنى خالىشىم مۇمكىن دېدى. ئۇنىڭ ئىللىقلىقى بۇ ئازاب ئىچىدە مەۋجۇد ئىدى. لېكىن ئۇ ئەزەلدىن بۇ خىل ئازابىنى ئېيتمايتتى. ئۇ ھەر گىزمۇ بۇنداق ئازابىغا بىر ئېغىز تىنىمايتتى. بەزى ۋاقىتتا ئۇنى يۈزلىرى تىتىرەپ كېتەتتى. ئۇ كۆزىنى يۇمىۋالغان ئىدى. چىشلىرىنى زىچ كىرىشتۈرۋالغان ئىدى. لېكىن، بۇنداق ئىككى كۆزىنى چىڭ يۇمىۋالغان ھالەتكە قاراپ تۇرغاندا، ئۇ دائىم ھېچقانداق سۆز قىلمايتتى، قارىماققا خۇددى ئۇ بۇخىل ئازابنى ياخشى كۆرىدىغاندەكلا قىلاتتى. خۇددى مېنى ياخشى كۆرگەندەكلا ئىدى. ناھايتىمۇ كۈچلۈك بولۇپ، ھەتتاكى ئۆلسىمۇ رازى بولىدىغاندەكلا ئىدى. بۇ دەقىقىدە، ئۇ بۇ خىل ئازابنى مېنى ياقتۇرغاندىنمۇ بەكىرەك ياقتۇراتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا مېنى سىلاپ قويىشىدىكى سەۋەبى مېنىڭ شۇنداق ھەددىدىن زىيادە ھەۋىسىمنىڭ بولغانلىقى يەنە ھەر قېتىم ھوزۇرلانغان ۋاقىتتا، دائىم مېنىڭ رايىمغا باقىدىغانلىقى ئېيتاتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ماڭا قاراپ، بىر تەرەپتىن كىچىك بالىنى قولغا ئالغاندەك ئەركىلىتەتتى. بىز ئىلگىرى شۇندىن كېيىن كۆرىشمەسلىك توغرىسىدىمۇ قارار قىلغان ئىدۇق، لېكىن ئېغىزدا دېمەك بەك ئاسان ئىكەن. چۈنكى بۇ ئەسلىدىمۇ مۇمكىن بولمايدىغان بىر ئىش ئىدى. ھەر كۈنى كەچتە، مەن يەنە يېڭىباشتىن ئۇنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىدا مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ھېلىقى قارا رەڭلىك پىكاپىدا ئولتۇرغانلىقىنى ھەمدە ئىزا تارتقانلىقىدىن ماشىنىنىڭ كەينىدىكى ئۇرۇندا ئولتۇردىغانلىقىنى كۆرەتتىم.
    پاراخوت قوزغىلىدىغان ۋاقىتتا، پاراخوت ئۈچ قېتىم سىگنال ئاۋازى بەردى. ئۇ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن بولغان سىگنال ئاۋازى بولۇپ، قۇلاقنى پاڭ قىلىۋەتكىدەك دەرىجىدە ئىدى، پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئاڭلىيالايتتى. شۇ دەقىقىدە، پورت تەرەپتىكى ئاسمان بىر پارچە قارا ئىس بىلەن قاپلىنىپ كېتەتتى. بۇ ۋاقىتتا، سۆرىگۈچى كېمە يولۇچىلار كېمىسىگە يېقىنلىشاتتى ھەمدە ئۇنىڭغا چىتىلىپ، قىرغاقنى بويلاپ دەريا تەرەپكە ماڭاتتى. ۋەزىپە تۈگىگەندىن كېيىن، سۆرىگۈچى كېمە سىنوبىر زەنجىرىنى بوشىتىۋېتەتتى، ئاندىن ئوزىنىڭ پورتىغا قايتىپ كىلەتتى. بۇ ۋاقىتتا، يولۇچىلار كېمىسى يەنە بىر قېتىم خوشلىشىش سىگنالى بېرەتتى. يېڭىباشتىن ئاشۇ قورقۇنچلۇق سىرلىق ئاۋازنى چىقىراتتى، شۇنچىلىك ئېچىنىشلىق ئىدى. ئاڭلىغان كىشى تۇيۇقسىز كۆز يېشى قىلىپ سالاتتى. پەقەت ئۇ يىراققا ماڭغان يولۇچىلارلا بولماستىن، ئاشۇ ئايرىلغان كىشىلەر بولماستىن، ھەتتاكى شۇ قايناق شەھەردىكى كىشىلەرمۇ، ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق كىشىلەرمۇ، ئۈنسىز كۆز يېشى قىلىپ سالاتتى. ئاندىن پاراخوت ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن ئاستا دەريادا يۈرۈپ كېتەتتى. كىشىلەر ئۇ ئىگىز يوغان يىراقلاپ كېتىۋاتقان پاراخوتقا قاراپ قالاتتى. نۇرغۇن كىشىلەر يەنىلا پورتتا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. داۋاملىق قوللىرىدىكى ياغلىقلىرىنى، باش كىيىملىرىنى پۇلاڭلىتىپ، يېقىنلىرى بىلەن خۇشلىشاتتى. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى بارا- بارا ئاستىلاپ كېتەتتى. بارا-بارا مەيۈسلىنىپ كېتەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، دېڭىز پاراخوتنىڭ سايىسىنى ئۆزىنىڭ ئەگرى-توقاي جايلىرىدا بېسىپ كېتەتتى، ھاۋا ناھايىتى ئوچۇق ۋاقىتتا، كىشىلەر پاراخوتنىڭ ئاستا- ئاستا دېڭىز يۈزىدە يوقىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇراتتى.
ئۇمۇ ئوخشاشلا، پاراخوت بىرىنچى قېتىملىق خوشلىشىش ئاۋازىنى چىقارغاندا، كېمە يان شوتىسى كۆتىرىلگەن ۋاقىتتا، سۆرىگۈچى كېمە يولۇچىلار كېمىسىنى سۆرەپ قۇرۇقلۇقتىن ئايرىلغان ۋاقىتتا، ئۇمۇ يىغلاپ تاشلىدى. لېكىن ئۇ باشقىلارغا ئۆزىنىڭ كۆز يېشى قىلغانلىقنى كۆرسەتمەيتتى. چۈنكى ئۇ بىر جۇڭگولۇق ئىدى. يەنە كىلىپ بۇنداق ئاشنىغا قول پۇلاڭلىتىپ ئايرىلىشقىمۇ بولمايتتى. ئۇ ئاپىسىغىمۇ، ھېلىقى كىچىك ئاكىسى قىيىنچىلىققا دۇچار بولغاندىمۇ بۇنداق ئازابلىنىپ باقمىغان بولۇپ، گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا، ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىشمۇ بىر ئادەت خاراكتېرلىك ئىش ئىدى. ئۇنىڭ شۇ چوڭ قارا رەڭلىك پىكاپى شۇ جايىدا توختىتىلغان بولۇپ، ھەم ئۇزۇن ھەم قارا ئىدى. ماشىنىنىڭ ئالدىدا بىر ئاق فورما كىيىۋالغان شوپۇر ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ماشىنىسى فىرانسىيە كېمە پوچتىسى شىركىتىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا يىراقراق جايدا يالغۇز تۇراتتى. ئۇ ئاشۇ قول ھەرىكىتىدىن ئۇنى تۇنىۋالغانىدى. كەينىدە تۇرغان ئادەم دەل ئۆزى شۇ، ئۇنىڭ ئوبرازى بەكمۇ ئېنىق ئەمەس، لېكىن پەرق ئەتكىلى بولاتتى. ئۇ ئۇ يەردە ھاڭۋاقتىدەك تۇراتتى. ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىغان ئىدى. قىزچاق ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. قىزچاقمۇ ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغان ئىدى. قىزچاق ئۇنى ئىككىنچى كۆرەلمەيدىغان ۋاقىتتا، يەنىلا شۇ قارا رەڭلىك پىكاپقا قاراپ تۇراتتى. ئەڭ ئاخىرىدا، ماشىنىسىمۇ كۆرەلمىدى. پورتتىن غايىپ بولغان ئىدى. كېيىن قۇرۇقلۇقمۇ يوق بولۇپ كەتكەن ئىدى.
    يولۇچىلار پاراخوتى چوقۇم جۇڭگو دېڭىزى، قىزىل دېڭىز، ھىندى ئوكيان ۋە سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتىشى كېرەك ئىدى. تاڭ سەھەر، يولۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئويغاندى. كېمە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتاتتى. گەرچە مىدىرلاۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغىلى بولمىغان تەقدىردىمۇ، كۆپچىلىك پاراخوتنىڭ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى چەكسىز جىمجىت دېڭىزدا ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. ئەڭ ئاۋۋال چوقۇم بۇ ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈش كېرەك ئىدى. بۇ ئەڭ يىراق بولغان، ئەڭ كەڭ كەتكەن ئوكيان بولۇپ، ئۇ ئانتاراكتىدا قىتئەسىگە تۇتاشقان ئىدى. سەيلۇندىن سۇمالىغا بولغان بۇ ئىككى بىكەت ئارىسىدىكى مۇساپە ئەڭ ئۇزۇن ئىدى. بەزى ۋاقىتتا دېڭىز شۇنچىلىك تىنىچ بولۇپ، بىپايان سۈزۈك ئاسمان، مەيىن شامال دېڭىزدىكى سەپەرنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قوياتتى. شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن پاراخوتتىكى كىشىلەر جانلىنىپ كېتەتتى، بارلىق مېھمانخانا، يول ۋە پاراخوت دېرىزىلىرى ھەممىسى ئوچۇق تۇراتتى. يولۇچىلار ئارقا–ئارقىدىن ھېلىقى دىمىق، ئىسسىق بولغان كايوتادىن چىقىۋالاتتى دە بەلگىلەنگەن يەرگە بېرىپ ئۇخلايتتى.
    بىر قېتىم سەپەردە، پاراخوت بۇ ئوكياندىن ئۆتكەن ۋاقىتتا، بىر يولۇچى يېرىم كېچىدە ئۆلۈپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىملىق سەپەردىمۇ ياكى يەنە بىر قېتىملىق سەپەردە يۈز بەرگەنلىكى ئۇنىڭ تازا ئېسىمدە قالمىغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا بەزى يولۇچىلار ئالدىنقى كوزۇپتا كورت ئويناۋاتاتتى. كورت ئويناۋاتقانلاردىن بىرى، بىر ياش يىگىت، تۇيۇقسىزلا بۇ يىگىتنى كۆرۈپ ھېچنىمە دېمىدى، كورتنى بىر تاشلاپ مەيخانا تەرەپكە كېتىپ قالدى، پالوبادىن يۈگىرەپ ئۆتۈپ ئاندىن ئېرغىپلا دېڭىزغا سەكرىۋالدى. بۇ تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان پاراخوت توختاپ ئۇنى ئىزدىگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭ تېنى پۈتۈنلەي غايىپ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
    ياق، يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىكى ئۇ پاراخوتلا بولۇپلا قالماستىن بەلكى باشقا بىر جاي ئىدى. ئاشۇ قىزچاق ھىكايە ئاڭلىغان جاي بولۇپ، ھېلىقى شالېكتىكى جاي، دېڭىزغا سەكرىۋالغان ئوغۇل بالا مەمۇرىي ئەمەلدارنىڭ ئوغلى ئىدى. قىزچاق ئۇنى تۇنۇيتتى، چۈنكى ئۇ بالا سايگوندىكى مەكتەپتە ئوقىغان ئىدى. قىزچاقنىڭ ئېسىدە قىلىشىچە ئۇ بالا ناھايىتىمۇ ئىگىز، ئىللىق چىراي، قوڭۇر رەڭلىك چېچى بار بولۇپ، بىر كاتېتا شەكىللىك كۆز ئەينەك تاقىۋالاتتى. ئۇ ېمىدىكى ۋاقىتتا ھېچقانداق بىر غەيرى ئەھۋاللارنى سەزمىگەن ئىدى. بىرەر پارچە خەتىمۇ يوق ئىدى، ئۇنىڭ يېشى قۇرقۇنچلىق ھالدا ئۇنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالغان ئىدى. ئۇمۇ بىر 17 ياشلىق ياش يىگىت ئىدى. تاڭ سەھەر بولغاندا، پاراخوت يەنە قوزغالدى. ئەڭ قورقۇنچلۇق بولغىنى ئالدىغا ئىلگىرلىيەلمەسلىك بىلەن قايتىدىن قوزغالدى. كۈن چىقتى. دېڭىز قۇپقۇرۇق، ھەمدە توختىتىپ ئىزدەش بۇيرىقى كىشىلەر بىلەن ئۇنىڭ ئارىسىدىكى ئايرىلىش جۇدالىق مەنىسىنى بىلدۈرەتتى.
    يەنە بىر قېتىم يەنە مۇشۇ قېتىملىق سەپەردە بولۇپ، ئوخشاشلا ئوكياننى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن چاغ ئىدى. كېچە قاراڭغۇسى چۈشكەن ۋاقىت ئىدى. ئاساس پالوبادىكى زالدىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. ئۇ شوبىرىتنىڭ ۋالىس مۇزىكىسى ئىدى. قىزچاق بۇ مۇزىكىنى بىلەتتى ھەمدە بۇ مۇزىكا بىلەن بىر مەزگىل مەخىپىي سىرىمۇ بولغان، چۈنكى ئۇ بۇرۇن بۇ مۇزىكىنى ئۆگەنگەن ئىدى. بىراق ئۇ توپتوغرا نەچچە ئاي سەرپ قىلىپ ئۆگەنگەن بولسىمۇ بۇ مۇزىكىنى چىلىشنى ئۆگىنەلمىگەن ئىدى. ئاخىرىدا ئاپىسى ئامالسىز ئۇنىڭ پىئانىنو چىلىشىدىن ۋاز كەچكەن. بۇ كۈنى كېچىدە، بۇ قىزچاق بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ پاراخوتتا نۇرغۇنلىغان بىھۇش كىچىلەرنى ئۆتكۈزگەن ئىدى، شوبىرىتنىڭ بۇ مۇزىكىسى يورۇق ئاسماندا ياڭرىغان چاغدا، ئۇ قىزچاقمۇ شۇ يەردا بار ئىدى. شۇ چاقىتتا ئازىراقمۇ شامال يوق ئىدى. بۇ مۇزىكا پاراخوتنىڭ ھەممە يېرىدە ئاڭلىناتتى. ئۇ تەڭرىنىڭ ئىستىكىگە ئوخشاۋاتاتتى. نېمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇ يەنە تەڭرىنىڭ بۇيرىقىغىمۇ ئوخشاۋاتاتتى، لېكىن ئۇنىڭدا نېمە گەپ بارلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بۇ قىزچاق ئۇ يەردە تۈپتۈز تۇرۇپ قالغان ئىدى. خۇددى دېڭىزغا شۇڭغۇپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. كېيىن ئۇ يىغلاپ تاشلىدى. چۈنكى ئۇ قىرغاقتىكى سۆيگەن ئەرنى ئەسلەپ قالغان ئىدى. قىزچاق تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ ئۇ ئەرنى زادى ياخشى كۆگەن كۆرمىگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرەلمىگەن ئىدى. ئۇ كۆرۈپ باقمىغان مۇنداق مۇھەببەت يوق ئىدى. چۈنكى بۇ خىلدىكى مۇھەببەت تارىخىتىن غايىپ بولغان بولۇپ، خۇددى ئېقىن سۇ قۇملۇقتا يوقىلىپ كەتكەن ئوخشاش ئىدى. لېكىن ھازىر، دەل ھازىر، بۇ مۇزىكا پۈتۈن دېڭىزغا تارقالغان ۋاقىتتا، ئۇ ئاندىن بۇ يوقالغان مۇھەببىتىنى ھېس قىلغان ئىدى. بۇ ھەقىقەت يۈز بەرگەن ۋاقىتتا كىچىك ئاكىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتىغا ئېرىشكەنگە ئوخشاش بولغان ئىدى. 
    ئۇنىڭ ئەتراپىدا، كىشىلەر ھەممىسى ئۇيقىغا كەتكەن ئىدى، گەرچە مۇزىكا ئۇلارغا ئاڭلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى ئويغىتالمىغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاتىرىجەم ئۇخلاۋاتاتتى. قىزچاق تېخى بايىلا بىر غېرىپلىك ئىچىدىكى بىر كېچىنى ئۆتكۈزگەن ئىدى. كېيىن، ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەندىكى پۈتۈن مۇساپىدە، ئىككىنچى بۇنداق غېرىپلىق ئىلكىدىكى كېچە بولۇپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ھېس قىلىشىچە ئۇ كېچىدە، خۇددى كىچىك ئاكىسى بىلەن بىر ئايال پالوبادا پەيدا بولغاندەك قىلاتتى. ئاكىسى كېمە پەلەمپىيىدە ئۇنى قۇچاقلىغاندەك، ھەمدە ئۇلار ئۆز-ئارا سۆيۈشكەندەك قىلاتتى. قىزچاق يۇشۇرنىۋېلىپ ئۇلارنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرمەكچى بولغان ئىدى. ئۇ قىزچاق ئۇنىڭ كىملىكىنى تۇنىۋالدى. ئۇ كىچىك ئاكىسى بىلەن بىر تەن بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇلار ئەمدى ئايرىلماس بولۇپ قالغان ئىدى. بۇ بىر توي قىلىپ بولغان ئايال ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ يولدىشى ئازىراقمۇ ھېس قىلمىغاندەك قىلاتتى. سەپەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىدە، كىچىك ئاكام بىلەن ئۇ ئايال ھەركۈنى دېگۈدەكلا كايوتا ئىچىدە ئىدى. پەقەت كېچىسى بولغاندىلا ئۇلار ئاندىن پەيدا بولاتتى. بۇ كنولاردا كىچىك ئاكىسى ئاپىسى بىلەن سىڭلىسىغا قاراپ تۇراتتى، لېكىن قارىماققا ئۇلارنى تۇنىيالمىغاندەكلا قىلاتتى. ئاپىسى تېخىمۇ ياۋۇزلىشىپ كەتكەن ئىدى. قىزچاق ئۈنسىز ئىدى. ھەسەتخورلۇقتا كۆزى قىزارغان ئىدى. لېكىن ئۇ، سىڭلىسى، ئۇ ئەنسىرەپ تۇراتتى. قىزچاق ئۇ ئايالنى ناھايىتىمۇ بەخىتلىك ھېس قىلغان ئىدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىچىك ئاكىسىنىڭ كېيىنكى بەخىتسىز بولىشىدىن ئەنسىرەيتتى. ئۇ ئايال ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلاردىن ۋاز كېچىشكە رازى ئىدى. ئۇ ئايال بىلەن بىللە كېتىپ قالاتتى. لېكىن ئۇنداق بولمىدى. فىرانسىيىگە قايتقان ۋاقىتتا، ئاكىسى ئۇلار بىلەن بىرگە بولغان ئىدى.
    ئۇ ئاق تەنلىك قىز كەتكەندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا ئۇ دادىسىنىڭ ئىستىكىنى ئەمەلگە ئاشۇردىكىن، ھېلىقى 10 يىل ئىلگىرى ئۆيىدىكىلىرىنىڭ دىيىشكەن قىزى بىلەن توي قىلىدىغان ئىدى. بۇ قىزمۇ بىر باي مەلىكە ئىدى. باشتىن ئاياق ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇ جۇڭگولۇق قىز شۇ يەرلىك بولۇپ، شىماللىق فۇشۈن شەھىرىدىن ئىدى. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن بىر يۇرتتىن ئىدى.
    ئۇ بەلكىم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ئۇنىڭ بىلەن ماسلىشالمىغان بولىشى مۇمكىن، ئۇنىڭغا ئەجدادلىرىنىڭ ۋارىسىلىقىنى قىلالمىغانلىقى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ ھېلىقى ئاق تەنلىك قىز بىلەن بولغان ئىشلىرى چوقۇم سۈرەتلىك ئەسلىمىلەربولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ قىزچاقنىڭ تىنى چوقۇم شۇ يەردە بار، شۇ كارۋاتتا بار. كۈندۈزى قىزچاق چوقۇم بۇرۇنقىدەكلا ئۇنىڭ قىزغىنلىقىنى قوبۇل قىلىۋاتاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھاياجىنىنى باسالمايتتى، ئىشقى مۇھەببەتنىڭ ئىچىگە ئاستا-ئاستا شۇڭغۇپ كېتەتتى. كېيىىن بۇ كۈن ئاخىرى يېتىپ كەلدى. ھەممە ئىشلار مۇمكىنچىلىققا ئايلانغان ئىدى. ئۇ دەل ئۇ ئاقتەنلىك قىزنىڭ ھەۋىسى تەرەققىي قىلىپ چىداپ تۇرالمىغان ۋاقىتتا، قىزىپ پەللىگە يەتكەندە، ئۇ چوقۇم يېڭى باشتىن بۇر ئاق تەنلىك قىزنىڭ ئوبرازىنى كۆرەتتى ھەمدە ئۇ ئاق تەنلىك قىزچاقنىڭ بۇنداق قىزغىنلىقى ۋە يەنە بىر ئايالنى بىرلەشتۈرۋەتكەن ئىدى. ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ پەرىز بىلەن ئۇ ئايالدىن ھوزۇر ئالغان ھەمدە خىيال بىلەن بۇ ئائىلىسىنى تۇتۇپ كەتمەكچى بولغان. تەڭرى ئۇ شىماللىقنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئۇنىڭ بولغان ۋارىسلىق پەرمانى، ئەجداد ئىزىنى داۋاملاشتۇرۇش ئىدى.
    بەلكىم ئۇ ئايال بۇ ئاق تەنلىك قىزنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۇ بۇرۇن شالېكلىك بىر خىزمەتكارنى ئىشلەتكەن. يەنە بۇ ئايال خىزمەتكارلار ھەممىسى بۇ تارىخىنى بىلەتتى. ئۇلار چوقۇم بۇنىڭدىن ئازراق سۆز-چۆچەكلەرنى قىلغان بولىشى مۇمكىن، ئۇ چوقۇم ئازابلاندى، ئۇ ئىككىسى بەلكىم تەڭتۇشلار، 16 ياش ئىدى. شۇ توي كېچىسى، ئۇ ئايال ئۇنىڭ ئازابلىق ياش تۆككەنلىكىنى كۆرگەنمىدۇ؟ يەنە ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرگەنمىدۇ؟ بىر 16 ياشلىق قىزچاق، بىر 30 يىللاردىكى جۇڭگونىڭ توي قىلمىغان قىزلىرى ھۆرمەت بىلەن بىر پىشقان ئەر كىشىگە تەسەللىي بېرىشتەك بۇ خىلدىكى ئۇنىڭ زىممىسىگە ئېلىشقا تىگىشلىك بولغان ئازاب-ئوقىبەتمۇ ؟ كىم بىلىدۇ؟ ئۇ بەلكىم ئۆزىنى–ئۆزى ئالداۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن، بەلكىم ئۇ ئىككىسى ھۆڭرەپ يىغلىشىۋاتقان بولشىمۇ مۇمكىن. بىر كېچە بىر بىرىگە بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلىشمىغان بولىشى مۇمكىن. كېيىن، ئازابلىق يىغلىشىپ بولغاندىن كېيىن، ھېسسىيات ئاخىرى ئازابنىڭ ئورنىغا دەسسىگەن بولىشى مۇمكىن.
    ئۇ، ئاق تەنلىك قىزچاق، ئۇ بۇ ئىشلاردىن بەلكىم خەۋەرسىز.
    ئۇرۇشتىن كېيىن نەچچە ۋاقىتلاردىن كېيىن، ئىلگىرىكى بۇ ئاقتەنلىك نەچچە توي قىلدى، بالىلىق بولدى، توي قىلدى، كىتاب يازدى. بىر كۈنى، ئۇ ئۆتمۈشتىكى جۇڭگولۇق ئاشنىسى ئۆزىنىڭ ئايالىنى ئېلىپ پارىدغا كەلدى. ئۇ قىزغا تېلېفون قىلدى. « بۇ مەن» دېدى، بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپلا، ئۇنى دەرھال تۇنىۋالدىم. ئۇ« پەقەت سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلىغۇم بار ئىدى» دېدى، ئۇ« ھە ، مەن، ياخشىمۇ سىز» ئۇ ئازراق قورقۇنچاق ئىدى. ئۇ بۇرنقىغا ئوخشاشلا قورقۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى تۇيۇقسىز تىتىرەپ كەتتى. يەنە بۇ بىر تىترەشتىن قىزچاق ئۇنىڭ جۇڭگولۇقنىڭ تەلەپپۇزنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ قىزچاقنىڭ نۇرغۇن كىتاب يازغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى، قىزچاقنىڭ ئاپىسىدىن ئاڭلىغانلىقىنى، بۇرۇن سايگونغا بېرىپ قىزچاقنىڭ ئاپىسىنى يوقلىغانلىقىنى ئېيتتى. ئاندىن ئۇ قىزچاققا ئۆزىنىڭ يۈرىكىدىكى سۆزنى ئېيتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ئىكەنلىكىنى، يەنىلا ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنىڭ كونترول قىلالمايدىغانلىقىنى تاكى ئۆلگىچىلا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


1984-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى
پارىژ

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY