باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-19 14:15 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

رېئاللىقتىن چۈش قىرغاقلىرىغىچە

رېئاللىقتىن چۈش قىرغاقلىرىغىچە


(ئەدەبىي ئوبزور)
ھەۋەس


    ياش يازغۇچى ئابدۇقادىر ھەمدۇللانىڭ «رېئاللىقتا كۆرگەن چۈش» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى(شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى2009-يىل 12-ئاي نەشىرى)نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنىڭ ئائىلە ۋە جەمئىيەت شۇنداقلا كىشىلەر مۇناسىۋەتلىرىگە ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقى، يامان تەسىرىنى ئۆتكۈر ساتىرىك « قارا يۇمۇر» شەكلى بىلەن دارىتمىلاپ قامچىلاشتەك خارەكتېرى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. بولۇپمۇ ئاپتور بۇ بىر بۆلەك ھېكايىلىرىدە چاققان-ئەپچىل، قىسقا، مۇكەممەل قۇرۇلما ؛ ئېدىياللاشقان ئېپىزوت -«زامانىۋىي ھېكايەت» ئۇسلۇبى تۈسىنى ياراتقان بولۇپ، تراگېكومېدىيەلىك ۋە ئۆتكۈر، تەنقىدىي پوزىتسىيە بۇ توپلامنىڭ بەدىئىي مۇۋەپپەقىيىتى بولۇشى مۇمكىن.
    مەزكۇر توپلامدا جەمئىي 18 پارچە قىسقا ھېكايە بار. مەزمۇن ۋە تىل ئۇسلۇبى جەھەتتىن ساتىرىك،كومېدىيىلىك ھەم تراگېدىيەلىك ئامىللارغا تولغانلىقى بىلەن ئىجادىيەت مىتوتى جەھەتتىن تەنقىدىي رېئالىزىمغا يانداشقان بولۇپ، تولۇپ-تاشقان جەڭگىۋارلىقى، ھەققانىيەتنى ياقىلاش روھى بىلەن دەۋىرنىڭ يارقىن سېگنالىنى ياڭرىتىدۇ. كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، توپلامدىكى ھېكايىلەرنى مەزمۇن جەھەتتىن بەش تېمىغا بۆلۈش مۇمكىن. بىرىنچىسى، مەمۇرىي خادىملارنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ئىستىلىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تېما قىلغان ھېكايىلەر. بۇنىڭغا«ئالدىرىماڭ يارەي، ساڭىمۇ بارەي»،«سادىق ھاكىمنىڭ غەزىپى»،«ئاھ، مېنىڭ ئاشۇ كۈنلىرىم» قاتارلىق ھېكايىلەر كىرىدۇ.«ئالدىرماڭ يارەي، سىزگىمۇ بارەي»،«ئاھ، مېنىڭ ئاشۇ كۈنلىرىم» ناملىق ھېكايىلىرىدە رەھبەرلىكنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى مەمۇرلارنىڭ ناتوغرا خىزمەت ئىستىلىنى قاتتىق قامچىلىغان بولسا، ئاپتور« ھاكىمنىڭ غەزىپى » ناملىق ھېكايىسىدە يېزا-بازارلىرىدا ساقلىنىۋاتقان مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تۇتقا قىلىپ، خەلقنىڭ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىنى قوغدايدىغان، خەلقچىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقىلايدىغان كادىرلارنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ بېرىدۇ. ئىككىنچىسى، ئىپپەتلىك خانىم-قىزلارنىڭ يامان نىيەتلىك ئەرلەرنىڭ ئازدۇرۇشى نەتىجىسىدە، تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ ھەسرەت ئوتىدا پۇچىلانغانلىق تېمىسىدىكى ھېكايىلەر. بۇنىڭغا«يامغۇرلۇق كېچە»،«كۈتۈلمىگەندە»(1)،(2)،«رېئاللىقتا كۆرگەن چۈش»،«بەزمىخانىدا تۆكۈلگەن ياش» قاتارلىق ھېكايىلەر مىسال بولىدۇ. ئاپتور «خىلى خىلى بىلەن» ناملىق ھېكايىسىدە بەڭگىلەر ئوبرازىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ بەڭگىللىك قىلمىشىنى مەسخىرە –كۈلكە قامچىسىغا ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس ياشاش ئادىتى، ئوي-خىياللىرىنى ، مىجەز-خۇلقلىرىنى كۆپتۈرمە مۇبالىغە قىلىش ۋاستىسى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئېچىپ بېرىدۇ. مەزكۇر ھېكايىگە سىڭدۈرۈلگەن پەلسەپەۋىي ئىدىيە كۆپ قىرلىقى بىلەن ئىنساننىڭ خۇي-پەيلى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەرنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. تۇرمۇشتىن غەمسىز ياشايدىغان بۇ بىر توپنىڭ ئاجايىپ كۈلكىلىك ھەجۋىي كەچۈرمىشلىرى ماھىيەتتە، ئاپتور سەنئەت دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن« قارا يۇمۇر» ئىپادىلەش ماھارىتىگە تايىنىپ، تۇرمۇشنىڭ كىچىك كۆرۈنۈشلىرى-دېتاللىرىدىن ئەپسانىۋىي تىپلارنى قېزىپ چىقىپ، ئۇنى تۇرمۇشقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.
    شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە مۇشۇنداق بەدىئىي چىنلىققا تويۇنمىغان ئەسەرنىڭ ئادەتتە ئىجتىمائىي ئۈنۈمى تۆۋەن، ھەتتا ئاتالمىش پېرسوناژلارنىڭ ئەگرى سىزىقلىق كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق مەقسەتلىك تەرغىپ قىلىنغان ئىنسان تەبىئىتىمۇ گۇمانلىق. ئۈچىنچىسى، دېھقانلارنىڭ ئىدىيۋىي ساپا ۋە قانۇن ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىنى تېما قىلغان ھېكايىلەر. بۇنىڭغا «ھۇجرىدىن قېچىش»،«ھېكايىگە ھۆ!»،«پېريۇم»،«خورلۇق» قاتارلىق ھېكايىلەر تەۋەدۇر. بۇ بىر يۈرۈش ھېكايىلەردە ئاپتور دېھقانلارنىڭ قانۇن ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت دەۋىر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلەش مەنزىلىنى كۆرۈپ ھېكايىنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى ئاشۇرغان. تۆتىنچىسى، ساقچىلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى ۋە بۇرچىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى تېما قىلغان ھېكايىلەر. بۇنىڭغا«تۈندىكى چولپان»،«تەھدىت» قاتارلىق ھېكايىلەر ياتىدۇ. بۇ تېمىدىكى ھېكايىلىرىدە، سېلىشتۇرما ئوبرازلار يارىتىلغان بولۇپ، مەدھىيلەشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بىلەن سۆكۈشكە تېگىشلىك تەرەپلەر جايىدا قامچىلىنىپ، ساتىرانىڭ كۈلكىدىن ئىبارەت ئۆتكۈر قورالىدىن ماھىرانە پايدىلىنىپ، قاراڭغۇ تەرەپلەر بىلەن يورۇقلۇقنىڭ كۈرىشىگە قويۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھەممە ئادەم كۆڭۈل بۆلىۋاتقان جىددىي، قىزىق نۇقتىلىرىغا ھازىر جاۋاب بەرگەن. بەشىنچىسى، ئاددىي ئادەملەرنىڭ تۈرلۈك مىجەز-خۇلق، خارەكتېرىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تېما قىلغان ھېكايىلەر. بۇنىڭغا«ئاداۋەت»،«خىلى خىلى بىلەن»،«شاھماتخۇمار»،«بىر مۇشت» قاتارلىق ھېكايىلەر ماس كېلىدۇ. ئاپتور بۇ خىلدىكى ھېكايىلىرىدە ناچار خارەكتېرنىڭ يامان ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، كىشىلەرنى ياخشى مىجەز-خارەكتېر يېتىلدۈرۈشكە چاقىرىدۇ.

    ئابدۇقادىر ھەمدۇللا ھېكايىلىرىنى بەدىئىي ماھارەت جەھەتتىن تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرنى بايقاش مۇمكىن.
   1.رېئال تۇرمۇشنىڭ كەسمە كۆرۈنۈشىنى ئايرىم كېسىپ ئېلىۋېلىپ، ئۇدۇل ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئارقىلىق مەلۇم بىر ئىدىيەنى يورۇتۇپ بېرىش سەنئىتى.
توپلامدىكى ھېكايىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە «كۆرۈنۈش»سىمان دېتاللار كۆپرەك بولۇپ، بۇنداق ئۇششاق ھالقىلار بىر ئاساسىي زىدىيەت-توقۇنۇش لىنىيەسىگە يانداشتۇرۇلغان. بۇ خىل ئۇسلۇپتىكى ھېكايىلەردە، سەھنە ئەسەرلىرىگە ئوخشاش تۇرمۇش پۇرىقى قويۇق بولغان دىئالوگ ئەڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ۋاستىسى قىلىنغان، سېلىشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق، ئىجابىي ۋە سەلبىي تەرەپلەر روشەن كۆرسىتىلگەن، ئوقۇغان كىشىدە چوڭقۇر تەسىرات قوزغايدۇ.
ئاپتور «خىلى خىلى بىلەن»ن املىق ھېكايىسىدە، بىر پۈتۈن تۇرمۇشتىن بەڭگىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا دائىر بىرقانچە دېتالنى كېسىۋېلىپ، شۇنى ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئارقىلىق، ھەرقانداق ئىشنىڭ ئۆزىگە يارىشا، يۈرۈشلىكى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت بەدىئىي چىنلىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. «رېئاللىقتا كۆرگەن چۈش»تە ئايجامالغا مۇناسىۋەتلىك «ئون پارچە ئېپىزوت»نى ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئارقىلىق، مۇھەببەت، نىكاھتا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغانلىق سەۋەبى ۋە جەريانلىرىنى جانلىق، كونكېرت ئېچىپ بەرگەن.
    دېمەك، پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتا، قويۇق تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك دېتاللارنى ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئارقىلىق «توقۇلما»نى تۇرمۇشقا يېقىنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
    2 .بەدىئىي توقۇلما ئارقىلىق كۈلكە شارائىتى بەرپا قىلىپ، تاسادىپىيلىق-ئۇقۇشماسلىق خاراكتېرىدىكى ئېپىزوت، قويۇق تۇرمۇش دېتاللىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئېدىئااللاشتۇرۇش سەنئىتى.
    ساتىرىك ھېكايىلەردە ، ئەركىن تەسەۋۋۇر ئارقىلىق قىلىنغان توقۇلما ۋەقەلەر ھەمىشە «ئۇقۇشماسلىق» شەكلىنى ئالغان بولۇپ، شۇ ئارقىلىق ئەتەي «كۈلكە»چىقىرىپ، مەلۇم بىر يارىماس قىلىق ياكى ئىللەت مەسخىرە قىلىنىدۇ. ئابدۇقادىر ھەمدۇللانىڭ ساتىرىك ھېكايىلىرىمۇ بۇ خىل ئوبراز يارىتىش ئۇسلۇبىدىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەلۋەتتە. كۆپىنچە ھېكايىلەردىكى كۈلكە ئاساسەن دېگۈدەك كۆپتۈرمە مۇبالىغە بولۇپ، ئاپتور سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە كۆپرەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن بۇنداق ۋەقەلەرنىڭ چىنلىقىدىن كۆرە، يەنى ئېدىياللاشقان «قارا يۇمۇر»لاشتۇرۇپ، مەركىزىي ئىدىيەنى ئىپادىلەيدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئاپتور ھېكايىلىرىدە رېئاللىقنى ئەينەن خاتىرلەپ قويماي، ئۇنى پىششىقلاپ سەنئەتلىك تۈسكە (ئېدىياللاشقان بويۇم) ئىگە قىلىشقا كۆپرەك ئورۇن بەرگەن.
    قىسقىسى، ئاپتور ئىجتىمائىي رېئاللىققا ھەقىقىي ئۇيغۇن ئەمەستەك تۇيغۇ بېرىدىغان «قارا يۇمۇر» شەكلىدىكى ئەپسانىۋىي توقۇلمىلاردا كىنايىلىكى ئاچچىق، دارىتمىلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تەنقىدىي رېئالىزمنىڭ تەنقىتلەش، پاش قىلىش ۋە كۈچلۈك غەزەپ-نەپرەتنى راستتەك بىشارەتلەپ كۆرسىتىدۇ.

    3.زىيادە تەبىئىي مۇھىت تەسۋىرىدىن خالىي سىدام تەسۋىرلەرنى ئىشلىتىپ، بايان تىلى ئۇسلۇبىدا ئىخچاملىق، ئاممىبابلىق سەنئىتى.
    ئاپتور مەزكۇر توپلامدىكى ھېكايىلىرىدە دانە-دانە ئاددىي جۈملىلەرنى كۆپ ئىشلىتىش ئارقىلىق ئىمكانقەدەر ئىپادىلەشكە تېگىشلىك مەزمۇنلارنى كونكېرت ئىپادىلەشكە تىرىشقانلىقىنى بايقاش مۇمكىن. مەزكۇر ھېكايىلەردىكى بۇ خىل تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى ئۇزۇندىن –ئۇزۇن تەڭداش ۋە كۆپ بېقىندىلىق جۈملىلەرنى ئىشلىتىشكە قارىغاندا جىق ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ھېكايە ئىجادىيىتىدە جۈملە قۇرۇلمىسىنىڭ يىغىق ئەمما مېغىزلىق، ئېنىق ئەمما تارتىمىلىق بولۇشىنى قوغلىشىش كېرەك. مەسىلەن:
   « ئايجامال غۇنچە بوي، كېلىشكەن قىز ئىدى. شىشىدەك سۈزۈك بويلىرىدىن ئىپاردەك خۇشپۇراقلار تارقىلىپلا تۇراتتى. ئۇ قانداقلا بىر كىيىم كەيسە، شۇنداق يارىشاتتى، بىر تال قىزىل گۈل «ھۈپپىدە» ئېچىلىپ ئاستا كۈچىۋاتقاندەك يولدا ئۇچرىغانلا يىگىتلەر ئۇنىڭغا خېلى ئۇزاققىچە كۆز تاشلىماي قالمايتتى.» («رېئاللىقتىكى چۈش» ھېكايىسىدىن 55-بەت)
    بۇ جۈملىلەر تۈزۈلۈش جەھەتتىن يۇقىرىقى تەلەپكە ئۇيغۇن بولغاچقا، بىزدە چوڭقۇر تەسىرات قوزغايدۇ، ئەلۋەتتە.مەزكۇر توپلامدىكى ھېكايىلەردىن بۇنداق تىل ئىشلىتىش ئۇسلۇبىنى كۆپلەپ مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن.
    ئاپتور سۆز-جۈملىلەرنى ئىشلەتكەندە، كەيپىياتقا ماس تىل شارائىتى يارىتىۋالغان. بۇ جەھەتتە قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا تولغان جانلىق ئېغىز تىلنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ، ئۇنى پېرسۇنازلار تىلىدا بەرگەنلىكتىن، شۇ پېرسۇناژنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ھەقىقىي ئېچىپ بېرەلىگەن. مەسىلەن: 
    «-ئۇ يەنە بىردىنلا قوشنىسى مۇتەللىپنى تىللاپ قارغاپ كەتتى:‹ ھۇ مۇتەل دېگەن قارا يۈز! نىيىتىڭنىڭ يامانلىقىدىن تۇخۇم باسقان مېكىيىنىڭمۇ بىر-بىرىدىن ئەقىلسىز گومۇش...»(«ئاداۋەت» ناملىق ھېكايە،16-بەت) 
    « -قاسىماخۇن ، ھەممە ئادەم بازار ئوينىغىلى كېتىۋاتسا، ئۆزلىرىگە نېمە بولدى، ئۆيگە قاراپ مېڭىپتىلىغۇ؟- دېدى. 
     ھېلىھەم چىرايىنى سۇلغۇنلۇق قاپلىغان قاسىم بەڭگى بولسا بۇرۇلۇپ، بوۋايغا قاراپ چىرايىنى قىلچە ئۆزگەرتمەي:
    -ھەي شۇمۇ بازار بولدىمۇ؟ ئادەم يوقكەن، -دېدى ئۇ سەل قوپالراق تەلەپپۇزدا.»
    («خىلى خىلى بىلەن» ناملىق ھېكايە،22-بەت)
     دېمەك، ئاپتور پېرسوناژ تىلىنى بەرگەندە، ئۇنى پېرسوناژنىڭ شۇ چاغدىكى كەيپىيات ئۆزگۈرۈشىگە قاراپ، ئۆرگەرتىپ تۇرغان.
    4. فولكلوردىكى « ياخشىلىققا ياخشىلىق، يامانلىققا يامانلىق» قىلىش ئېدىئولوگىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، رېئاللىق بىلەن غايىۋىلىكنى، رېئاللىق بىلەن چۈش دۇنياسىنى ماكان-زامان بىردەكلىكىگە كەلتۈرۈپ جەمئىيەتنىڭ مەنىۋىي ئىللەتلىرىدىكى ئومۇمىي، نازۇك ھالقىلارنى مەركەزلىك ئېچىپ بېرىش سەنئىتى.
     مەزكۇر توپلامدىكى نۇرغۇن ھېكايىلەرنىڭ يېشىمى «ياخشىلىق» نىڭ غەلبىسى بىلەن ياكى « ياخشىلىق» قا مايىل ئىش-ھەركەت، كەيپىيات، ئوي-خىيال ئاخىرلاشقانلىقىنى بايقايمىز. بۇ خىلدىكى يېشىم ئۇسلۇبىدا، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتتىق تۇتقا قىلىنىپ، ھەمىشە تىراگېدىيە كومىدىيەگە ئورۇن بوشىتىدۇ. مەسىلەن : ئازغان ئايال ئايجامال ئوبرازى يارىتىلغان «رېئاللىقتا كۆرگەن چۈش» ناملىق ھېكايە، يەنە بىر ئازغان ئايال تۇمارىسنىڭ يولدىشى ئەخمەت ئوبرازى، ساقچى ئوبرازى يارىتىلغان « تۈندىكى چولپان» ناملىق ھېكايىدىكى ئالاھىدە ساقچى قىز ئوبرازى قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاققا يات بولغان نەرسىلەر ھامان گۈزەللىككە تەسلىم بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئابدۇقادىر ھەمدۇللا ھېكايە ئىجادىيىتىدە، ئىدىئاللاشتۇرۇش پىرىنسىپى بويىچە ئوبراز يارىتىشنى ئاساس قىلىپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىدىغان يازغۇچى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 
    سەمىمىيلىك بىلەن ئېيتىشقا بولىدۇكى، مەزكۇر توپلامنىڭ مۇشۇنداق ئۆگەنگۈدەك تەرەپلىرىدىن باشقا، يەنە سوغۇق قانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزسەك ، قىسمەن يېتەرسىزلىكلەرمۇ ساقلانغانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، توقۇلمىنىڭ رېئال ئاساسى ئاجىز بولۇش؛ پىكىردىكى ئاددىيلىق؛ زىيادە ئىدىئاللاشتۇرۇش خائىشى كۈچلۈك بولۇش؛ ئىنسان تەبىئىتىنى قېزىشتەك ئىچكى كەچۈرمە تەسۋىرلەرنىڭ ئاز بولۇشى؛ پېرسوناژلار تىلىدىكى قوپاللىق، يەنى تىلغا ئالغىلى بولمايدىغان گەپ-سۆزلەرنى يالىڭاچ ئىشلىتىش قاتارلىقلار. ئەلۋەتتە بۇنداق مەسىلىلەر ئومۇمىي مۇۋەپپىقىيەتنىڭ ئالدىدا تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. لېكىن بۇلار ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ پرىنسىپىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك، مۇكەممەل ساقلانغىلى بولمايدىغان ياكى نۆۋەتتىكى ساتىرىك ھېكايىلەردە ئومۇميۈزلۈك سەل قارىلىۋاتقان نۇقتىلار ھېسابلىنىدۇ.
     قىسقىسى، ئابدۇقادىر ھەمدۇللا ھېكايىلىرى قويۇق تەنقىدىي رېئالىزملىق رەڭ بىلەن جۇلالىغان ئەسەرلەر بولۇپ، ئاپتور رېئاللىق بىلەن توقۇلمىنىڭ كېسىشىشىدىن ھاسىل بولغان «زامانىۋىي ھېكمەت»ئۇسلۇبىدىكى بۇ بىر يۈرۈش قىسقا – چاققان ساتىرىك ھېكايىلىرى ئارقىلىق، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىنى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىخسىغان مەنىۋىي ئەخلەتلىرىنى رەھىمسىزلەرچە ئېچىپ تاشلىغانلىقى بىلەن مۇۋەپىقىيەتلىكتۇر. شىپالىق دورا ئاچچىق بولغىنىدەك ، ئاپتورنىڭ بۇ رېئاللىقتا كۆرگەن قاباھەتلىك« چۈش» ىمۇ «ئىبرەتلىك چۆچەك» بولۇپ قالغۇسى!

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • يىقىندىن نۇرغۇن ياخشى تېمىلارنى يېزۋاتسىز.ئەجرىڭزىگە رەخمەت.ئۆچۈرۈش2011-11-24 09:31[3 نۇمۇر]ئايزىت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY