باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-24 09:27 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

يېپىلغان ئىشىكتىن ئېچىلغان سىرلار

يېپىلغان ئىشىكتىن ئېچىلغان سىرلار


(ئېھتىبارقىز ئەزىز دۆلەتنىڭ يېپىلغان ئىشىك ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە كىچىككىنە ئويلىنىش)

مەلىكە مۇھەممەت ئايزىت


    پروزا ئىجادىيىتىدە ھېكايە ژانىرى ھەجىمىنىڭ كىچىكلىكى ،سەھىپىسىنىڭ قىسقىلىقى، سىيۇژىتىنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئاددىي ھەم يېقىشلىق ، ئىخچام ھەم موللىغى بىلەن قۇرۇلما ھەم مەزمۇن جەھەتلەردىن ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىپ ئۆزىنىڭ ‹‹باش تېمىسى ئاددىي، سىيۇژىت ئىخچام›› ئالاھىدىلىكىنى جانلىق ، تولۇق جارى قىلدۇرۇپ يازغۇچى ۋە كىتاپخانلارنىڭ ئىجادىيەت، ئەدەبىي زوقلىنىش باسقۇچلىرىدا ئومۇمىي تەرەپلەردىن رەڭدارلىشىپ ئۆزىنىڭ جەزبىدارلىقىنى نامايەن قىلىۋاتىدۇ.
    ياخشى يېزىلغان ھېكايىلەرنى ئۇچرىتىش كىتاپخانلارنىڭ تېپىلغۇسىز قىممەتلىك پۇرسىتى بولسا، ياخشى ھېكايىدىن ئىزدىنىش خارەكتېرلىك ھاسىلات ھاسىل قىلىش ئەڭ چوڭ خۇشاللىق ھېساپلىنىدۇ.
    ئاياللارنىڭ يېقىن دوستى، دىلكىشى بولغان ‹‹شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژۇرنىلىنىڭ2011-يىلى 7-سانىدا ئېلان قىلىنغان ئېھتىبارقىز ئەزىز دۆلەتنىڭ‹‹ يېپىلغان ئىشىك ›› ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇۋېتىپ ئاپتوردىن ، قىسقسى ئەسەرنىڭ تېتىملىق مەزمۇنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.
    مەزكۇر ھېكايىدە لالە ئىسىملىك قىز ئۆزىدىن 15ياش چوڭ ، خىزمەتدىشى مۇقىيتنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ، ئۇلار ئىشلەۋاتقان شىركەتتىن بىر قېتىملىق تاغقا ساياھەت قىلىش پائاليىتى ئۇيۇشتۇرغان چاغدا، تۇيۇقسىز تاغدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ كېتىپ ، بىرگە ئوينىغىلى چىققان بىر توپ ئادەم ھەر تەرەپكە تارقىلىپ، يامغۇردىن پاناھلىنىدىغان دالدا ئىزلەپ كېتىپ قالىدۇ. لالە بىلەن تەڭ دىمەتلىك ياش يىگىتلەر قارىغاينىڭ ئاستىدا توڭلاپ ،يامغۇردىن دالدىنالمىغان لالەگە كۈنلۈك ياكى چاپانلىرىنىمۇ سۇنۇشماي تۇرغان پەيتتە پەقەت مۇقىيتلا ‹‹ زۇكامداپ قالماڭ›› دىگەندەك ئادەتتىكى ئەھۋال سوراش سۆزلىرى بىلەن چاپىننى سېلىپ بېرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ناھايىتى تۈز كۆڭۈل قىز لالە مۇقىيتنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى كىچىك ئىشلاردىن تارتىپ خىزمەتتىكى كەسىپچانلىقىغىچە ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىپ ،ئۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتچان خارەكتېرگە ، چىقىشقاق ، كەمتەر مىجەزىگە ، كەسپى جەھەتتىكى ئىقتىدارلىق تالانتىغا تېخىمۇ قايىل بولغان ھالدا غايىۋانە ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ ،ئارىلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇرسەت ئىزلەيدۇ. مۇقىيتنىڭ ئايالى بارلىقىنى بىلسىمۇ ئۇنىڭ ئىشقىدا يوشۇرۇن كۆيۈپ ئازاپلىنىدۇ.
    لالە ئۆزىنىڭ خىيالىدا مۇقىيت بىلەن شېرىن مۇھەببەتلىششنى ئىزلەپ يۈرگەن كۈنلەردە ئۇنىڭ تەلىيىگە ئىدارىسىدىن ئۇلارنى كاماندورۇپكىغا ئەۋەتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. لالەنىڭ رومانتىك خىياللىرى قاناتلىنىپ ، قەلبىنى تاتلىق تۇيغۇلار قاپلايدۇ. ئۇلار يولغا چىقىپ قاش قارايغان پەيتتە ماشىنا تۇيۇقسىز بىرنېمىگە سوقۇلۇپ ، مۇقىيت ئاپتووبۇسنىڭ ئەينىكىنى سۇندۇرۇپ لالەنى قۇتۇلدۇرىۋالىدۇ. بۇ چاغدا لالە پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ مۇقىيتتىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. مۇقىيت كەسكىن ھالدا قۇتقۇزۇش ئورنىدىكىلەر بىلەن ئالاقىلاشقىلى كېتىپ قالىدۇ. كاماندۇرۇپكىغا چىققانلارنىڭ تۇرمۇشى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، لالەنىڭ كۆڭلى پەقەت ھېچنىمىدىن سۇ ئىچمەيدۇ. لالە ياتىقىدا چىرايلىق ياسىنىپ ، نەپىس كېچىلىك كىيىمى بىلەنلا ياندىكى مۇقىيتنىڭ ياتىقىغا ئوغۇرلۇقچە كىرىپ مۇقىيتنىڭ تېلفوندا ئايالىغا يولدا بولغان ۋەقەنى دېگەچ ، ئايالى ھەم قىزىنى قايتا كۆرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرىگەنلىك ، ئائىلىسىنى سېغىنغاندىكى ھېسىياتىنى ئاڭلاپ ‹‹ داڭ›› قاتقىنىچە تۇرۇپلا قېلىپ مۇقىيتنىڭ كىچىككىنە يۈرىكىگە پەقەت ئايالىدىن ئىبارەت ئۆمۈرلۈك ھەمراھىنىڭلا سىغىپ، باشقا ئادەمنىڭ ئورۇن ئېلىشىنىڭ ئەسلا مۇمكىن ئەمەسلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى تونۇپ يېتىپ ، كەينىگە يېنىپ ئىشىكنى چىڭ يېپىش بىلەن قەلبىدىكى مۇقىيتقا بولغان ھېسىياتىدا خاتا ئېچىلغان سۆيگۈ ئىشىكىنىمۇ مەڭگۈلۈككە ئېتىۋىتىدۇ.
    ئىلزابىتافۇن: ‹‹ ياخشى بىر ھېكايە يېزىشتا ئۈچ تەرەپنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك. بىرى، ئاددىي بولۇش كېرەك. ئاددى بولۇش دېگەندە چۈشنىش ئاسان ،ئوڭاي ئەستە قالىدىغان ، ئۇدۇل بولۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ؛ يەنە بىرى ، جەزمەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان بولۇشى لازىم. گەپلەر ئىمكانقەدەر قىسقاراق بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىسى ،ياخشى ھېكايىلەرنىڭ باشلىنىشى ئوبدان بولۇشى كېرەك! ›› دەيدۇ. ئېھتىبارقىز ئەزىز دۆلەتنىڭ ‹‹ يېپىلغان ئىشىك ›› ناملىق ھېكايىسدە يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئۈچ تەرەپ تولۇق گەۋدىلەنگەن.
نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزدىمۇ ‹‹يېپىلغان ئىشىك›› ناملىق ھېكايىدىكى ۋەقەلىكلەرنى يوق دەپ كېتەلمەيمىز. لالەدەك ئۆزى كىچىك، ساددا، تۇرمۇشتا پىشىپ يېتىلمىگەن، مۇھەببەت قارىشى مۇكەممەل بولمىغان قىزلار مۇقىيتتەك ئەقەللىي ئەرلەرگە خاس مەسئۇلىيەتچان خارەكتېر، كۆيۈمچان مىجەزىنىڭ تەسىرىنى خاتا چۈشىنىۋېېلىپ ، ئۆزىنىڭ ئىچكى ھسىياتىغىلا تايىنىپ ئۇلارنىڭ مېھرىبان ئايالى ، گۈلدەك بەخىتلىك ئائىلىسى بارلىقىنى بىلسىمۇ ، بىلمەسكە سېلىپ ھېسىيات پاراكەندىچىلىكى چىقىرىدىغان خاھىشلارخېلى كەڭ دائىرىدە مەۋجۇت. ئاپتور دەل مۇشۇ خىل چىنلىقنى يامغۇردا چاپان بېرىپ تۇرۇش، ماشىنا ۋەقەسىدە قۇتقۇزۇشتىن ئىبارەت كىچىك ئىككى ئاددىي كۆرۈنۈشكە چۈشىنىشلىك  ،ئەپچىل ئورۇنلاشتۇرۇپ مۇقىيتتەك ئەرلەر قەلبىنىڭ پاكىز ،ئالىيجاناپلىقىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق لالەدەك ساددا قىزلارنىڭ ھايات سىناقلىرىدا، مۇھەببەت تاللىشىدا ئەتراپلىق مۇئامىلە قىلىشىنى شەرتلەيدۇ. بۇخىل شەرتلەش قىزلارنىڭ كېيىنكى سۆيگۈ قەدىمىنى ئېلىشىغا پايدىلىق، قەدىر-قىممىتىنى ساقلاش، كىشلىك –مۇناسىۋەت جەھەتلەردە بىر تەرەپلىمە ھېسىياتنىڭ ئېغىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىلدۈرگۈ.
    يىغىپ ئېيتقاندا ، ئېھتىبارقىز ئەزىز دۆلەتنىڭ ‹‹يېپىلغان ئىشىك›› ناملىق ھېكايىسىدا قۇراشتۇرۇش مۇۋاپىق، راۋان بولىشىغا ئەھمىيەت بەرگەن. پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە بىۋاستە كۆرسىتىش، ئاددىي ھالدا تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىچكى دۇنياسىنى كۆرسىتىپ ، سىيۇژىتنى رەتلىك، باغلىنىشلق ئورۇنلاشتۇرغان .

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY