باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-25 09:58 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

"سەسكىنىش"رومانىغا كىرىش

 

"سەسكىنىش"رومانىغا كىرىش


(ئەدەبىي ئوبزور)
ھەۋەس


        تالانتلىق يازغۇچى ياسىن نىياز ئەپەندىنىڭ "سەسكىىش" ناملىق رومانى نۆۋەتتىكى نىكاھ، ئائىلە، جەمئىيەت ئەخلاقىمىزنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەتنىڭ سەلبى تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ بارغانسېرى ئەنئەنىۋى مەدىنيىتىمىزدىن ياتلىشىپ، بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىدەك رېئالىي ئاساسىي زىدىيەتنى ئېچىپ بېرىشنى تېما قىلغان ئاكىتىۋال مەزمۇندىكى قويۇق دەۋىر روھىغا ئىگە ئەسەر ھېسابلىنىدۇ.شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، مۇشۇنداق مۇھىم مۇرەككەپ زىددىيەت توقۇنۇش ئېلىپ كەلگەن خىرىس ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئائىلىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتىدۇ، ھەتتا ھالاك قىلىۋاتىدۇ.مىللەتنىڭ بايراقدارى بولمىش زىيالىلار قوشۇنى ئارىسىدىمۇ مۇشۇنداق مەنىۋى پۈچەكلىك ئىستىل بۇزۇلۇش ھادىسىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى نېمە دېگۈلۈك؟ شۇنى بىلىش كېرەككى،زىيالىلىرى بۇزۇلغان مىللەتنىڭ مائارىپى بولمايدۇ. بىزدە سۇلتاندەك زىيالىلار زادى قانچىلىك؟ ماددىي نامراتلىق مەنىۋى نامراتلىقنىڭ بالياتقۇسى.مەنىۋى نامراتلىق كەلگۈسىنىڭ ھالاكەت ئارخىپى.
    جەمئىيىتىمىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قاراپ ئىلگىرلەۋاتقان تارىخىي تەرەققىيات دەۋرىدە دەۋىر بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلەش-ئەخلاق بىلىم قابىلىيىتى مۇكەممەللىكىدە پەرۋاز تاپالايدۇ. بۇ نۇقتىدىن ،"سەسكىنىش "رومانىدىكى سۇلتان ئوبرازى ھازىرقى ئەھۋالىمىزنىڭ بەزىبىر جىددىي مەسىلىلىرىنى يۈرەكلىك كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى بىلەن دىققەتكە ئالاھىدە سازاۋەردۇر.داڭلىق يازغۇچى ھىيوگو:"دۇنيادا ئەڭ كەڭ نەرسە دېڭىز-ئوكيان، ئوكياندىنمۇ كەڭ نەرسە ئاسمان. ئاسماندىنمۇ كەڭ نەرسە ئادەمنىڭ كۈڭلى-كۆكسى"دەيدۇ.دېمەك ، پېرسۇناژلار ئوبرازىدا ئەنە ئاشۇنداق "ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، تەكتىگە يەتكىلى بولمايدىغان ھەۋەس ۋە يوشۇرۇن ئاڭ"نى ئىنچىكە تەسۋىرلەشكە تىرىشقاندىلا ، ئاندىن "ئۆز"ىنى تاپقىلى بولىدۇ.
    بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر رومان-قىسسە ئىجادىيىتىدە پەقەت بەدىئىي ئىپادىلەش سەنئىتى جەھەتتىنلا پېرسۇناژلارنى كۆپ تەرەپلىمە تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالدىنئالا سېستىمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان كونكېرت تەپسىلات-ئېپىزوت ئىنتايىن پۇختا، تەسۋىرلىرى قويۇق، ئاپتور بايانى، مۇھاكىمە ئۇسۇلى ئاساسىدا بېرىلگەن "دوست-دۈشمەن" ئوڭايلا ئايرىلىپ گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ. ئاپتور "سەسكىنىش"رومانىدىكى سۇلتان ئوبرازىنى ياراتقاندا ئۇنىڭ ئەقىل ۋە ھېسىيات ، ئاڭسىزلىق، ئىرادە ، ھەۋەسلەرنىڭ مۇرەككەپ توقۇنۇشىنى ئىپادىلەشتە تولىراق دىققەت، سەزگۈ، ئاڭسىزلىق ۋە جىنسىي ھەۋەسلىرىنى يېزىشقا قارىتىدۇ. 
    مەلۇمكى ، بەدىئىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەللىكى ئەدەبىي ئەسەر ئىستېتىك قىممىتىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىز بولۇشىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك. بولۇپمۇ تويۇنغان ئوبراز كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ يارقىن شولىسى بولالايدۇ. ئوبرازنىڭ كۆپ قىرلىق شەكلى تۇرمۇشنىڭ مۇكەممەللىكى ، ئىنسانىي تۇيغۇنىڭ تىلسىملىق دۇنيا ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئەينەكلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ."بەدىئىي ئەسەرلەردە ئوبراز بولۇپ، ئوبرازغا مۇناسىپ ئىدىيە بولمىسا، ياكى ئىدىيە بولۇپ، ئىدىيەگە مۇناسىپ ئوبراز بولمىسا ، بۇنى بەدىئىي ئەسەر دېگىلى بولمايدۇ. بىز ئادەتتە زوقلىنىش جەريانىغا كىرگەندە ، ئىدىيە ئارقىلىق ئوبرازنى تاپمايمىز، بەلكى، ئوبراز ئارقىلىق ئىدىيە بىلەن ئۇچرىشىمىز."(1) دېمەك ، ئەدەبىي ئوبرازنىڭ مۇكەممەل يارىتىلىشى شۇ ئەسەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ ئۇنى تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ئەينىكىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇنداق ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى قىممىتى ئۇنىڭدىكى يۈكسەك بەدىئىي مۇكەممەللىك ئىچىدە پىشىپ يېتىلىدۇ. سەنئەت يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلىدۇ. بەدىئىي جەھەتتىكى تاكامۇللۇق باش قەھرىماننىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى خاسلىقى ئارقىلىق ئومۇملۇقنى جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدىغان تىپ ئورنىغا كۆتۈرۈلىشى ، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ پۇختا قۇرۇلما ، ئەگرى-توقاي سيۇژت ، يۇقىرى ئىپادىلەش سەنئىتى مۇھىتى ئىچىدە يارىتىلىشى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىمىلىك جەھەتلەردە بولىدۇ.بۇنداق بەدىئىي تويۇنۇشقا يەتمىگەن ھەرقانداق ئەسەرنىڭ بەدىئىي زوقىدىن ئېغىز ئېچىشمۇ تەس.ئىستىتىك قىممىتىمۇ سۇس بولىدۇ. شۇڭا مەلۇم بىر ئەسەرگە باھا بېرىشتە بەدىئىي ئوبراز تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەنمۇ-يوق؟ دېگەن مەسلە ئاساسلىق ئۆلچەم قىلىنىدۇ.ئۇنداقتا "سەسكىنىش"رومانىدىكى سۇلتان ئوبرازى تىپ بولالامدۇ؟
    ئاۋىستىرىيە نېرۋا كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى فىرود"ئاڭسىزلىق ئادەمنىڭ پۈتۈن روھىي تۇرمۇشىنى بەلگىلەيدۇ." ،"كىشىلەر ھوزۇرلىنىشقا بولغان ئىستەكلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا يوشۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ"دەيدۇ.يوشۇرۇن ئاڭ سۇبېكىتنىڭ (پېرسۇناژ)نىڭ ھەقىقىي ماددىلاشقان ھالىتى بولۇپ، مۇدېرنىزىم ئەدەبىي ئېقىمىدىكى ئاپتور ئەڭ كۈچەپ تەسۋىرلەپ قازىدىغان "بۆز يەر" ھېسابلىنىدۇ.
    جۈملىدىن "سەسكىنىش"رومانىدىكى سۇلتان ئوبرازى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىچكى كەچۈرمىش تەپسىلاتى ئىچىگە يۇغۇرۇلغان بولۇپ،ئ ۇنىڭدىكى ئىنسانىي تۇيغۇ ، ئىدىيۋىي ھېسىيات، ئىرادە، غايە، ئېتىقات شولا بىلەن كۆلەڭگىنىڭ ،گۈل بىلەن تىكەننىڭ زىدىيەتلىك كۈرىشىدە ھاياتىي كۈچ تاپىدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجودۇدىكى ئىشىق ئوتى ئورۇنسىزلاۋۇلداپ كۈڭۈلنىڭ بىكارلىق تۇترۇقى بولۇپ قالىدۇ. ئاقىۋەتتە "ئاڭسىزلىق"ئۇنىڭ پۈتۈن روھىي دۇنياسىنى ئىگەللەپ ، چۈشكۈنلۈك ئىسكەنجىسىگە ئالىدۇ. سۇلتاننىڭ تۈمەن دەرياسى بويىدا دوناي جىگدىلەرنى ئاشىقى تىمسالىدا تەسەۋۋۇر قىلىپ قۇچاقلاپ كېتىشى دەريا ساھىلىدىكى قۇمغا رۇقىيەنىڭ شەكلەن رەسىمىنى سىزىپ ۋىسال تەشنالىقىدا مەستخۇشلۇقى ،ھەتتا جىنسىي پاراكەندىچىلىك پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ ھاۋايى نەپسىنى قول بىلەن لەززەتلىنىشتەك بىنورمال ھەركەت
پائالىيەتلەردىن ئىستەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى قاتارلىق پىسخىك نورمالسىزلىق ھادىسلىرى سۇبېكىتنىڭ "قەلب دىئالوگى"ماددىلاشقان كۆرۈنۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.مانا بۇ بەدىئىي ئوبرازنىڭ كونكرېتلىقى ، جانلىق،ھېسسىيلىقى، شۇنداقلا ئاپتور تۇرمۇش چىنلىقىدىن قېزىپ چىقارغان بەدىئىي چىنلىقتىن ئىبارەت. دېمەك، سۇلتان ئوبرازىدىكى بىر ئالاھىدىلىك ئىدىيىۋى جەھەتتىكى مۇرەككەپلىكى ئۇنىڭ نىكاھ، ئائىلە ، جەمئىيەتتىكى تۇتقان زىددىيەتلىك روھىي ھالىتىدە ئەكس ئېتىدۇ. ئەمما بۇ تەرەپلەردىن كۆرە ، بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈردىغىنى شۇكى، ئاقكۆڭۈللۈك، تىرىشچان بولۇش، ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك بولۇشتەك مەنىۋى گۆھەرلەرگە باي بولغان سۇلتان قانداقتۇ غايىۋى ئىشىق سەۋداسىدا بىراقلا چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى ئوڭايلا تۈگەشتۈرىۋالىدۇ. ئەمدى بىز سوغاققانلىق بىلەن سۇلتان ئوبرازىنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتى نۇقتىسىدىن ئۇنىڭ ئىككىنچى يۈزىگە ئىنچىكە نەزەر ئاغدۇرساق، روماندا تەسۋىرلەنگەن ئالىي مەكتەپتىكى سۇلتاننىڭ "مۇھەببەت تارىخى"بىرلا تەرەپنىڭ قىزغىنلىقى پەقەت ئۆزىلا كۆيۈش، زارلىنىش، تاشقى شەكىلگە مەپتۇن بولۇش، تەلپۈنۈش ھېسىياتى بىلەنلا چەكلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بايقايمىز.بولۇپمۇ ئۇ يۈزەكى ھادىسلەرگە قايمۇقۇپ، ئورۇنسىز، تەگسىز خىيال دېڭىزىدا  لەيلەپ يۈرگەن سۇلتان ئۆزىنىڭ تىرىشچان، ئىزدىنىش ئىرادىسى كۈچلۈك كىتابخۇمار بولۇشقا يارىشا، ئازراق پىسخىك توسالغۇغا بەرداشلىق بېرەلمەي، پىسخىكىسى بىنورمال ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. ئۈچ يىل بىر سىنىپتا ئوقۇغان بۇ ئىككى ساۋاقداش تويۇقسىزلا بىر قېتىملىق تانسىدىن كېيىن ، بىر-بىرىگە مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ.بۇ مەپتۇنكارلىق ھېسىياتى قوش يۈرەكنى مەھكەم باغلىيالمايدۇ. چۈنكى رۇقىيە تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي سەۋەبلەرنى كەلتۈرۈپ، سۇلتاننىڭ سۆيگۈ تەكلىپىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ "مۇمكىن بولمايدىغان ئىشلىقىنى"باشتىنلا ئوچۇق-ئاشكارە ئېيتىپ ئۆتىدۇ. ئەپسۇس قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق دېگەندەك يىگىتلىك ھېس -تۇيغۇغا باي سۇلتاننىڭ نەزىرىدە بۇ شوخ، چىرايلىق قىز ئىنتايىن قۇۋ، ئۇنى-بۇنى ئەخمەق ئېتىپ يۈرۈيدىغان شاللاق قىز تىمسالىدا لەيلەپ چىقىدۇ.شۇغىنىسى رۇقىيەگە دائىر ئېپىزوتلار ئاپتورنىڭ "ئىدىيە چەمبىرىكى" ئەپسۇنىدىن خالىي بولالمىغان. كىشىدە زومۇزو شۇنداق توقۇلما قىلىنغاندەك سۈنئىي ھېسىياتتەك تۇيغۇ بېرىدىغان پارچە -پۇرات بۇنداق تەپسىلاتلار سۇلتان ئوبرازىنى تولۇقلاش ئۇياقتا تۇرسۇن تېخىمۇ مۇجىمەللەلتۈرۋېتىدۇ.روماندا سۇلتان گاھ نېرۋا كېسەل، بىنورمال ئادەمدەك، گاھ پروففېسسسور تەتقىقاتچىدەك مۇكەممەل بولمىغان شەكىل، ھېسىياتتا گەۋدىلىنىدۇ. يا ئۇنىڭ شۇنچىلىك قىلغىنىغا تۇشلۇق ئىزدىنىش نەتىجىسىمۇ يوق، يا تۇرمۇشتا ماختىغۇدەك بىرەر ئارتۇقچىلىقىمۇ يوق، ھەرقانچە ئۇرۇنۇپ كۆرسەكمۇ ئۇنى ئاقلىيالماي قالىمىز.ياكى ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىق چاكىنلىق تەرەپلىرىنى كۆرۈپمۇ بىزدە نەپرەتلەنگۈدەك ، ئۇنىڭدىن سەسكەنگۈدەك ھېسىياتقا ئېرىشەلمەيمىز. نېمە ئۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟ بۇ يەردىكى تۈپ مەسلە ، ئاپتور ھەل قىلماقچى بولغان ئىلغار غايە تولۇق قېزىلمىغانلىقتىن پۈتۈن روماننىڭ ئومۇمىي كەيپىياتىدا دراماتىك تۈسى ئاجىز، تېراگېدىيەلىك ھېسىياتى ئېزلەڭگۈ، سۇس بولۇشتەك ئوبراز كەمتۈكلىكىدىن ساقلىنالمىغانلىقىدىن بولغان.دېمەك، پېرسۇناژنىڭ يورۇقلۇق تەرىپى بىلەن قاراڭقۇلۇق تەرىپىنىڭ ئارلىقى بەكمۇ يىراق، زىدىيەتلىك بولۇپ قېلىشى سۇلتان ئوبرازىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزۈپ قويغان.شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، تىپىك پېرسۇناژنىڭ تىپىك خاراكتېرى قۇيۇق تىپىك مۇھىت ئىچىدە ،زىددىيەتنىڭ كەسكىن كۈرىشىدە ئېچىپ بېرىلىشى كېرەك.شۇ چاغدىلا ئۇ ئومۇمىي خاراكتېرغا، شۇنداقلا ۋەكىل خاراكتېرغا ئىگە بولالايدۇ.ئوبزورچى كېرىمجان ئابدۇرەھىم:"پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ياخشىلىرىدا زۆرۈرلۈك جەھەتتىن باش تېما، پېرسۇناژ ، سىيۇژېت، مۇھىتلاردىن قېلىشمايدىغان ناھايىتى بىر مۇھىم ئامىل بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ مەنىۋى كەيپىيات"دەيدۇ.
    "سەسكىنىش"رومانىدىكى سۇلتان ئوبرازى مەنىۋى چۈشكۈنلۈكنىڭ مەنبەسىنى پەقەت مۇھەببەت مەغلۇبىيىتىنىڭ ھەسرىتى، ئىچكى كەچۈرمۇشىنىڭ زىددىيەتلىك كۈرىشى ئۈستىگە قۇرغانمۇ ياكى جەمئىيەت ئەخلاقىنىڭ زەھەرلىشىدىنمۇ دېگەن مەسىلىدە ئىككىلەنمەي تۇرالمايمىز.  

شۇنى بىلىش كېرەككى،رېئالىزمدىكى ئىلغار غايە ئۇنىڭدىكى مۇھەببەت-نەپرەتنىڭ ئىنتايىن روشەن،كەسكىن بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ.ئاپتور يىرگىنىشلىك قىلىق،ئىللەت،ئىدىيىلەرنى رەھىمسىزلەرچە قامچىلاش،تەنقىدلەش بىلەن بىرگە ئىنسانىي گۈزەللىكلەرنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ مەدھىيەلەش ئارقىلىق ئىجتمائىي تۇرمۇشنىڭ ئۈمىدۋارلىقى ،گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرغاندا ،ئاندىن كىتابخانلاردا ئېستىتىك زوق پەيدا قىلالايدۇ.قىسقىسى ،سۇلتان ئوبرازىدىكى مەنىۋى قاتلامن ئاپتور ئۈمىدسىزلىك،يىگانىلىك،ئۆزىنىڭ سۇبېيكتىپ دۇنياسى بويىچە پىنھان ياشاش،ھېسىيات بىلەن ئەقىل،ئاڭ بىلەن ئاڭسىزلىق،چۈشكۈنلۈك بىلەن ئىلغارلىقغا ئىنتىلىش كۆرۈشىدە گاڭگىراش ئىچكى بۇرۇختۇرمىلىق كەيپىياتى بىلەن چۆمكەپ قويغانلىقتىن سۇلتان ئوبرازنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ قويىدۇ.

 مانا مۇشۇنداق سۇس كەيپىيات سۇلتان ئوبرازىنىڭ تاكامۇللىشىپ تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ.ئەلۋەتتە مۇھەببەت ئازابىدا نېرۋىسى كاردىن چىقىشقا تاس قالغان سۇلتان ئەقىل-ئىدراك ،ئىرادە-غايىنىڭ تۈرتكىسىدە قايتىدىن ئويغىنىدۇ.ئەمما ئۇنىڭ ئاجىز روھى زامانىۋى مەدىنيەتنىڭ رەڭمۇرەڭ چىراقلىرى شولىسىدا تەۋرەپ گاڭگىراپ قالىدۇ.ئاقىۋەت"جالاپ قېرىسا بۈۋى بولار"دېگەندەك سۇلتان ئىسلام دىننىڭ ناماز پەرھىزلىرىنى ئادا قىلىش ئارقىلىق ئاللاغا نالە قىلىپ روھىي ناپاكلىقنى يۇيماقچى بولىدۇ.دېمەك،سۇلتان بۇلغانغان تېنى،زەئىپلەشكەن روھىنى دىننىڭ سېھرىي كۈچىلا قۇتقۇزىۋالىدۇ.ئائىلە ئەخلاقتا قاتتىق بۇزۇلغان ،كۆڭۈلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان سۇلتان نېمە ئۈچۈن ئېغىر جازاغا تارتىلمايدۇ؟ۋىجدان سوتىدا تېگىشلىك سوتلانمايدۇ؟شۇنىڭدەك رۇقىيەچۇ؟"ئەسكىلىكلەر"گە زادى جازا يوقمۇ؟!

     ئاپتورنىڭ سۇلتان ئوبرازىدىكى"كۆپ ياقلىمىلىق ئېغىش مەسلىسى "ماھىيەتتە ،ئاپتورنىڭ دۇنياقارىشىنىڭ پىشىپ يېتىلمەي تۇرۇپ قەلەم تەۋرەتكەنلىكىنى،كونكرېت ئېيتقاندا،مۇرەككەپ تۇرمۇش دېتاللىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەنئەت بايقاش ئېقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقىدىن بولغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن.بىز روماننىڭ سىرتىغا چىقىپ نەزەر ئاغدۇرۇپ باقايلى:ئۇنداقتا جەمىيەتتە سۇلتاندەك زىيالىلار يوقمۇ؟ئەلۋەتتە ساماندەك كۆپ،قورسىقىنى تومپايتىپ، سومكا ئېسىپ"كىتاپ يۈدۈپ"يۈرگىنى بىلەن ،شۇنىڭغا تۇشلۇق قانچىلىك نەتىجە يارىتالىغاندۇ؟ساختا شەرەپ،دېپلۇم سېتىۋېلىپ كۆرەڭلەپ يۈرگەنلىرىچۇ؟بۇلارنى دېمەيلا قويايلى،بىراق "سەسكىنىش"رومانىغا قايتىپ كىرسەك،مانا مۇشۇ مەسىللەر مەلۇم دائىرىدە ئەكس ئەتكىنى بىلەن،ئاپتور بۇ خىل"پارچە-پۇرات ھېسسىي ماتېرىياللار"نى سەنئەت قانۇنيىتىنىڭ نۇقتىسىدىن چىقىپ ياخشى بىر تەرەپ قىلالمىغانلىقىنى بايقايمىز.بۇ يەردىكى تۈپ مەسىلە قانداق مەسىلىنى ئوتتۇرغا تاشلىغانلىقىدا ئەمەس،شۇ خىل مەسلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلالىغانلىقىدا بولۇشى كېرەك.

دېمەك "سەسكىنىش"رومانىدا ئاپتور بۇزۇلغان مەنىۋىيەتتىن "سەسكىنىش"ھېسىياتىنى ئىپادىلىمەكچىيۇ،ئەمما ئۆزى بىلىپ بىلمەي ئۇنى "مەدھىيلەپ تەشۋىق قىلىپ"قويىدۇ.ئاپتورنىڭ "ھېسىيات"نى "ئەخلاق"تىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇۋېلىشى نەتىجىسىدە يارىتىلغان رۇقىيە ئوبرازى بۇنىڭ تىپىك مىسالى.ئىنسان تەبىئىتىنى چىنلىق بىلەن ئىپادىلەشنىڭمۇ مەلۇم بىر"سەنئەت قىممىتى"بولۇشى كېرەك.بولمىسا،ھەرقانچە چىن تەسۋىرلەر بولسىمۇ،ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟مېنىڭچە ،رومان ئىجادىيىتىدە ئاپتور يېزىشقا تېگىشلىك ماتېريال بىلەن يازمىسىمۇ بولىدىغان ماتېريالنىڭ مۇناسىۋىتىدە ئىنچىكە ئويلىنىشى،سەنئەت قىممىتى بارمۇ-يوق؟باش تېما ئىدىيىسىنى كۈچەيتتىشكە پايدىلىقمۇ دېگەندەك مەسىللەرنىمۇ قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشى كېرەك.قارا قويۇق "ھېسىيات"قوغلىشىپ يېزىۋېرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك. مۇئەييەن "سەنئەت قىممىتى قازىنى"دا قاينىمىغان ھەرقانداق بەدىئىي ئوبرازنىڭ ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ.ئىجابىي بىردۇنياقاراش تولۇق قېزىلمىغان ئەسەرنىڭمۇ سەنئەت قىممىتىدىن ئېغىز ئېچىش تەس،ئەلۋەتتە.

خۇلاسىلىگەندە ،سۇلتان ئوبرازى ئىزدىنىش،يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلگەن،ياخشى ئىجتىمائىي قىممەتكە ئىگە بولغان دەۋىر روھىغا باي يېڭى ئوبرازلارنىڭ سۈپىتىدە رومان ئىجادىيەت گۈلزارلىقىمىزدىكى ئۆزگىچە رەڭ بىلەن جۇلالايدۇ.ئەپسۇس،باش قەھرىمان بىلەن يانداش پېرسۇناژلارنىڭ مۇناسىۋىتى،ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئارقىلىق ئارقىلىق ئىپادىلەنگەن ئىلغار مەنىۋى كەيپىياتنىڭ سۇسلۇقى بىزنى كۆڭۈلدىكىدەك خۇش قىلالمايدۇ.شۇ نەرسە ئايدىڭكى،ئىستىتىك قىممەت ئىدىيىگە ئاساسلىنىپ ئوبراز يارىتىشتا ئەمەس،ئوبراز ئارقىلىق ئىدىيە ئىپادىلەش جەريانىدا يۈكسەك پەللە تاپالايدۇ.بۇ شۇنى چۈشەندۈردىكى ،ھەرقانداق ئەسەرنىڭ "ھېسىيات ئەۋجى"يەنى مەنىۋى كەيپىيات پەللىسى بولىدۇ.چەكسىزلىكنىڭمۇ ھامان قىرغىقى بولغىنىدەك "سەسكىنىش"رومانىدىكى سۇلتان ئوبرازىنىڭ تىپ دەرىجىسىگە تېخى يېتەلمىگەنلىكى يۇقۇرىقىدەك كۆپ تەرەپلىمە ئىجادىيەت سەنئەت تەجىربىلىرىنىڭ سەنئەت مەنتىيقىسى نۇقتىسىدىن يۈكسەك پەللىگە چىقالمىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.

مانا بۇلار مېنىڭ "سەسكىنىش"رومانى ھەققىدىكى دەسلەپكى قاراشلىرىم.كەڭ ئوقۇرمەن دوستلارنىڭ تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. 

پايدىلانغان ماتىرىياللار:

(1) " ئۇيغۇر رومانچىلىقى توغرىسىدا"شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 94-بەت،1987-يىلى نەشىرى

(تامام)

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY