باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-3 15:40 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئۆزئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

«تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى»رومانىغا كىرىش

«تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى»رومانىغا كىرىش


( ئەدەبىي ئوبزور )
ھەۋەس


    ياش يازغۇچى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇتنىڭ تۇنجى رومانى «تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى» جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە قۇرتلىغان كۆيۈمسىزلىك، شەخسىيەتچىلىك، ساختىپەزلىك ، بالىلارنى ئۆگەيلەشتەك زەئىپ روھقا ئېتىلغان نەپرەت تېشىدۇر.
    ھارام ئەمگەك ، ئاچكۆزلۈك، شەخسىيەتچىلىك، ئالدامچىلىقلار قەلىبنى چىرىتىپ،رەھىمسىز مەخلۇققا ئايلانغان داۋۇت ھەقىقەتەن بارلىق ئىپلاسلىقلارنىڭ ئىگىسى. قورسىقىدا ئۇماچنىڭ تايىنى يوق، پەزىلەتسىز،  ساختىپەز بۇ ئادەم قەيسەرنىڭ ئائىلىسىنى دەرد-ھەسرەت ئوتىدا كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغان بارلىق پاجىئەنىڭ قاتىلى. جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق كىشىلەرنىڭ زەئىپ روھى ھەر زامان نەپرەت تېشىغا كۆمۈلگەن بىلەن يەنىلا بۇنداق كىشىلەر باشقىلارنىڭ سايىسىدە كۆكلەپ يىلتىز تارتماقتا. يامانغا راستىنلا ئۆلۈم يوقمۇ !؟
    روماندا داۋۇتنىڭ قارا نىيەتلىك، ئالدامچىلىق ، ساختىپەزلىك بىلەن تاپقان شان-شۆھرىتى گەرچە ئۇنىڭغا ۋاقتىنچە سايە بولغان بىلەن كىشىلەر ئۇنىڭ پەزىلەتسىز «مەخلۇق» ئىكەنلىكىنى ئاخىرى تونۇپ يەتتى. قەيسەرگە كەلگەن بارلىق خورلۇق، ئازاب، يېتىملىك دەردى، نامراتلىق، سەرسانلىق، ئۆگەيلەش زۇلۇملىرى ئۇنىڭ گۆدەك قەلبىنى ئاخىرى مىجىپ قان – ياشقا تولدۇرۇپ، تاشقا ئايلاندۇردى. ئەجىبا بۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە بىزنى چۆچۈتمەسمۇ؟!؟

    بالىلانى ئۆگەيلەش - ئەڭ ياۋۇزلۇق، ئەڭ پەسكەشلىك شۇنداقلا يىرگىنىشلىك زەئىپ روھتۇر. مىللىتىمىزدە مانا مۇشۇنداق زەئىپ روھ ئۇزاق تارىختىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىجادىيىتىمىزدىمۇ بەلگىلىك دەرىجىدە ئەكس ئېتىۋاتىدۇ.
    نۆۋەەتتە ئىشلەنگەن VCD فىلىملىرىنىڭ تولىسىدا بۇ تېمىنى چوڭقۇر قېزىپ، ئەۋلادلارغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇھىملىقى تەشەببۇس قىلىندى. دېمەك ، يېتىم بالىلار ئوبرازىنى يارىتىش-بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ قىزىق بىر تېمىغا ئايلاندى.
    "تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى"نى يېتىم بالىلارنىڭ قان-ياشلىق ئۆتمۈشىنى بىرقەدەر تەسىرلىك تەسۋىرلەپ،بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئىدىيىسىنى چوڭراق دائىرىدە يورۇتۇپ بېرىشكە ئىزدەنگەن تۇنجى تاشلانغان قەدەم دېيىش مۇمكىن.روماننىڭ ماۋزۇسىدىلا ئازاب-ئوقۇبەتلىك تۇرمۇش، ئارمانسىز ئۆلگەن يۈرەكنىڭ ساداسى ياڭراپ تۇرىدۇ. مەزكۇر ئەسەرنىڭ پۈتۈن مۇقامى مىللىتىمىزدىكى زەئىپ روھنى تازىلاش، ئىلغار روھنى مەدھىيلەشنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت.
    ئۆگەي ئانا ئوبرازى ئەدەبىياتىمىزدا (مەيلى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، يازما ئەدەبىيات بولسۇن)تولۇق قېزىلىپ ۋايىغا يەتكەن ئۆلمەس ئوبرازلارنىڭ بىرى بولغاچ، ھەممىگە ئۆگەي ئانىنىڭ سۆرۈن تەلەتى، يىرىك ،غەزەپلىك تىل نەشتىرى، قوپال، يىرگىنىشلىك ھەركەت-قىياپىتى بەش بارماقتەك ئايدىڭ. ئەمما ئۆگەي دادا ئوبرازى تېخى تولۇق قېزىلمىغان ياش ئوبرازلارنىڭ بىرى بولۇپ،"تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى"نىڭ مۇۋەپىقىيىتى دەل مۇشۇنداق ئوبرازنى جانلىق ياراتقانلىقىدا.
    روماندا قەيسەر ئوبرازى قانچە ئېچىنىشلىق، ھەسرەتلىك يارىتىلغانلىقى بىلەن داۋۇت ئوبرازىدەك ھەم سىرلىق ھەم جەلىپكار تۇيغۇ بېغىشلىيالمىغانلىقىدەك سەۋەبىمۇ شۇ بولسا كېرەك. داۋۇتنىڭ خام سېمىز، كېلەڭسىز گەۋدىسى، مۈرىسىدىكى ياڭاقچىلىق چوڭلۇقتىكى قارا مېڭى ،سوغۇق كۈلكىسى، نەشتەردەك گەپ-سۆزلىرى خۇددى قورقۇنچلۇق قارا سايىدەك تېنىمىزنى ئىختىيارسىز شۈركەندۈرىدۇ.(قەيسەرنىڭ ئاتىسى پولاتنىڭ قان-تەر بەەدىلىگە كەلگەن ئۇزۇن يىللىق ئەمگەك مېۋىسىنى ئوغۇرلاش، ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇش، ئۇنى ئاز دېگەندەك ،ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قەيسەرنى قاتتىق ئۆگەيلەپ، ئۇنىڭغا ، ئاپىسىغا ئېغىر زۇلۇم سېلىپ، ھەتتا قەيسەرنىڭ ئۆلۈشىنى، سارەمنىڭ ساراڭ بولۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتەك چېكىدىن ئاشقان رەزىل قىلمىشى ، جىنايىتى نەقەدەر دەھشەتلىك –ھە؟!

    داۋۇتتەك پەس تەبىئەتلىك كىشىلەرغۇ جەمىيىتىمىزدە ئانچە كۆپ ئەمەس ، ئەپسۇسكى ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ تولىسى مەلۇم ئورۇن ئىگىلىگەن ، ئۆمۇچۈكتەك تور توقۇپ ، يۇقىرى ـ تۆۋەننى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان . شۇڭا ، ئۇلار بىزگە زور تەھدىت ، بېسېم پەيدا قىلماقتا . بۇ مۇرەككەپ تۇرمۇش دېڭىزىدا نۇرلۇق قىرغاققا تەلپۈنۈپ ، ھالال ياشاپ كېلىۋاتقان رېھىم شەپقەت ، ئىبادەتخان ئانىدەك ئاق كۆڭۈل پەرىشتىلەرمۇ ئاز ئەمەس .

ھەممە ئىنسان قىلسا ساخاۋەت ،
بۇ دۇنيادا قالمايتتى ھەسرەت .
ياشناپ كەتسۇن قەدىرلىك خەلقىم ،
بىرـ بىرىگە يەتكۈزۈپ شەپقەت .
ــ ئۆمەرجان سىدىق

    بىز شۇنداق بولۇشقا نەقەدەر تەشنا ئىدۇق ـ ھە ؟!
   روماندىكى «تاشقا ئايلانغان مۇھەببەت » كۆز يېشى جەمئىيىتىمىزدىكى يېتىملىك دەردىنى كۆپ تارتىپ ، ياشلىق گۈلى خازانلىققا ئايلىنىۋاتقان ئەۋلادلىرىمىزنىڭ كۆز يىشى !  لۇشۈن ئەپەندى ئېيتقاندەك «غەزەپ بىلەن ھومۇيىمەن قەبىھ زالىملارغا ، كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبىي بالىلارغا » دېگەن ئالىيجاناپ روھ ھەربىر كىشىنىڭ قەلب ئېتىزىدا بىخلىسا، جەمئىيىتىمىز تېخىمۇ گۈللەنمىسمىدى؟! 
    ئومۇمەن،« تاشقا ئايلانغان كۆز يېشى»روھىيىتىمىزدىكى مەنىۋى زەئىپلىكنى سەنئەت يۈكسەكلىكىدە جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن يىرگەندۈرۈپ ، بىزنى ئۆزىمىز توغۇرلۇق ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە سوغاققانلىق بىلەن ئويلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى. مەزكۇر روماننىڭ ئىدىيۋى قىممىتىمۇ مانا مۇشۇ يەردە.
    روماندىكى قەيسەر ئوبرازىدىكى يورۇقلۇق ھەرقانداق شارائىتتا ئىللىق بىر ماكانغا ، ئائىلىگە تەلپۈنۈش ھەم زەئىپ روھقا قارشى كۈرەش قىلىشتا چاقنايدۇ. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن ئېغىر ئوڭۇشسىزلىق ، قاتتىق يوقسۇزلۇق ئىچىدىمۇ ۋىجداننى يەكسان قىلىدىغان تۇيۇق يولغا ھەرگىز قەدەم باسمايدۇ. ئۆز ئاپىسى، ئۆگەي دادىسى يېقىن ئەتراپتا تۇرۇقلۇقمۇ توڭ قىشتا ئىگە – چاقىسىز قالغان ئەھۋالدىمۇ ھالال ئەمگىكى بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. داۋۇتتەك رەھىمسىز كىشىلەر ، سارىخاندەك نادان ، ساپاسىز ئانىلار ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئېغىر كۈنگە قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ ، تۇرمۇش تار يولدا قىيىن – قىستاققا ئالسىمۇ ، ئۇ يەنىلا پاك، سەبىي روھىنى بۇلغىمايدۇ؛ ۋىجدان، غورۇرىنى ئالدىمايدۇ. مۇشۇنداق زېرەك، كۆيۈمچان، غورۇرلۇق بالىلار نېمە ئۈچۈن جەمئىيىتىمىزدە تېگىشلىك ئورۇنغا، ئەڭ ئاددىسى ئىللىق بىر ماكانغا -ئائىلىگە ئېرىشەلمەيدۇ!؟ بىزنىڭ دىلىمىزدىكى دىنايەت ، ئىنساب دېگەنلەر ئەمدى تىلىمىزغا ماكانلاشقان ئوخشايدۇ. بىزدە ۋەز-نەسىھەت دېسە، مىڭ ئېشەككە يۈك، ئەمما ئەمەلدىكىلىرى زادى قانچىلىك!؟  كىشىلىك تۇرمۇش رەڭگارەڭ، ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر جەريان. ساخاۋەت، دىيانەت، ئىنساب ئاتموسفىراسىدىكى زېمىنىدىلا ئىناقلىق گۈللىرى خۇش پۇراق چاچىدۇ.
    كۆيۈمچانلىق، مېھرىبانلىق بىلەن ياش ئەۋلادلىرىمىزغا يارىتايلى، پۈتۈن جەمئىيىتىمىزدىكى بالىلار ئۆز پەرزەنتىمىز. سەبىي قەلىبلەرنىڭ لىق ياشقا -زەرداپقا تولۇپ، تاشقا ئايلىنىشى قاباھەتلىك چۈش ئەمەسمۇ؟!

( تامام)

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY