باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-8-24 04:38 | ئاپتور: ئازىت | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئاخىرقى بېكەتتىكى خىياللار

ئاخىرقى بېكەت

(نەسىر)
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار


    تۇغۇلغان يەردە ئۆلگەنلەرمۇ بار. ماڭغان يەردە توختاش دېگەندەك. چېچەك پەسلى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى بېكەت بولالمايدۇ. ئەمما ئۇمۇ ئاخىرقى بېكەتتىن ئۆتىدۇ. خۇددى ئادەم بۆشۈكتىن - تۆشۈككە قەدەر ھايات ئالىمىدە بېكەتسىز ياشالمىغاندەك. ئۆتكەن ۋاقىت ئۆلدى. ئەمما ئارمانلىرىم نارەسدە قىزدەك كۈندىن - كۈنگە بوي تارتماقتا. ئۇ چۈش كۆردى. چۈشىدە پاقىلار ئۆمىلىمەكتە، قۇدۇق ئىچىدە كۇركىرىماقتا. ساداسىز قالغان تاشلاندۇق يىغا. يىغا ئىچىدە مۇڭ، ھەسرەت، ئازاب گۈللىرى تۈككۈچ ئىزىدەك قەلبتىن - قەلب ئارا پارلىماقتا. لالما ئىتنىڭ غىڭشىشىدىن مىسكىنلىك توپا توزىتماقتا. قۇلاقلىرى سالپايغان ئېشەك ئېغىر خۇرجۇنىنى يۆتكىگىنىچە بېكەتسىز بېكەتكە قەدەم تاشلىماقتا. ئۇنىڭ ئىزىدىن ئۈنگىنى ناخۇشلۇق.
    -خىتە ئاناڭنى ئۆلۈملۈك ئەبگاھ. تاياقنىڭ پۇلاڭلىشىدىن غىل - پال تىترىگەن تەن، سالۋا تەلپەك كىيگەن سەپرا ئادەم نېمىگىدۇر ئالدىرىغاندەك ئېشىكىنى نوقىماقتا. ئەمما ئۇنىڭ ئېرىشىدىغىنى يەنىلا مىس - مىسلىق .... 
    ئۇنىڭ كۇسا ساقىلىغا ئاق سانجىغان، چىرايى تەقدىرىدەك پۇرلەشكەن، يۈرىكى سەۋزىدەك قىرىلغان، ئالدىدا چەكسىز يول. ئۇ نەگە بېرىشىنى ۋە نېمە قىلىشىنى بىلمەيدۇ. بىلىدىغىنى پەقەت ئاچ قالماسلىق. شۇڭا ئۇ «شۈكرى»لىقنى يانچۇقىغا تولدۇرۇۋالغان.
    ئېشەك كۆزلىرىدىن يېشىنى قەدىمىدەك تېمىم - تېمىم تامچىلىتىپ ماڭماقتا.
    ئۇنىڭ ھارغىن تۇرقىدا بېكەتنىڭ ياپراقلىرى كۆيمەكتە. چۈش ئويغاندى ۋە دېدى: بۇغداي بەك پىشىپ كەتسە تۆكۈلىدۇ. ئادەممۇ شۇ. ئەمما ئاخىرقى بېكەت رېئاللىققا يالىڭاچ تاشلانمايدۇ.
    ئاخىرقى بېكەتتە ئۆلۈممۇ، ۋەھىمىمۇ، بەختمۇ بار، دېدىم مەن. يولۇچىAئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى. كۈن ئۆتسە، قورساق ئاچ قالمىسا بولدى،- دېدى پەرۋاسىز ھالدا. يولۇچى Bئاخىرقى بېكەت ئېھتىمال ئۇ دۇنيادا، ئۇ يەردە دوزاقمۇ بار، بۇ ۋەھىمە. جەننەتمۇ بار، بۇ بەخت. راست گەپ، ئاخىرقى بېكەت ئۆلۈم-، دېدى نېمىنىدۇ ئويلاپ. يولۇچى Cئاخىرقى بېكەت قان - ياش بەدىلىگە قۇرۇلغان. بۇ جايغا ھەممە كىشى بارىدۇ، ئەمما بەزىلەر ۋىجدان، ئىنساپ، دىيانەت، ئىمان، ئېتىقاد، تۆھپىسى بىلەن بارسا، بەزىلەر ھۇرۇن، تۇزكور، ساتقىن ھالەتتە بارىدۇ،- دېدى ھەسرەتلىك تىنىپ. يولۇچى Dئاخىرقى بېكەت ئالدى ۋە ئارقىمىزدا، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كەتتى. تىرىكلەر ئۈچۈن ھايات، ئەمما قانداق بېرىش، قاچان بېرىش بىزگە بۇ سۇئال بەلگىسى،- دېدى جىددىي قىلىپ.
    راست ئاخىرقى بېكەت بىزنى كۈتمەكتە، - دېدىم ئۆزۈمگە ئىچىمدە ئاستاغىنە.


ئاخىرقى بېكەتتىكى خىياللار


ئايزىت


    نەسىر ئەدەبىي ژانىرلار ئىچىدىكى مەزمۇنى ،شەكلى ، تىلى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئەڭ جانلىق ، ئەڭ ئەركىن، ئەڭ ئىخچام بىر تۈر بولغاچقىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر نەسىر يېزىش ھېكايە، شېئىر يېزىشقا قارىغاندا ئاسان دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىتاپخانلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ ، دىلىنى چەككۈدەك شەكىل ھەم مەزمۇنغا ئىگە نەسىر يېزىش تولىمۇ مۈشكۈل. 
    چۈنكى نەسىرنىڭ شېئىرلارغا ئوخشاش مۇقىم ئۆزگەرمەس شەكلى بولماي تىل، شەكىل، مەزمۇن جەھەتلەردە ئەڭ ئىخچام ، ئەڭ ئاز چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. مۇئەللىپتىن سۆزلەرنى تاللاپ ئىشلىتىشنى ، ھېسىياتنى ئوبرازلىق يارقىن، لىرىك بىخلاندۇرۇپ ،پەلسەپىۋىي مەزمۇندا تويۇندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
    مەن مۇنبەردىكى ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيارنىڭ «ئاخىرقى بېكەت»ناملىق نەسىرىنى ئوقۇپ قۇتيارنىڭ تۇرمۇش ھەقىقىتى، ھايات مۇساپىسىدىن ئىبارەت مەنزىل پىكىر نۇقتىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كەڭلىكىدىن ، مەنا چوڭقۇرلىقىغا ئاددىي، ئىنچىكە تەسۋىر ، لىرىك ئوبراز ،لىرىك بايانلار ئارقىلىق كىرىپ ئۆزىنىڭ روھىيىتىدىكى سىلكىنىش بىرلە ، قاتتىق ئويلىنىش، ئىچكى ھېسىياتنىڭ يورۇتقانلىقىدىن سۆيۈندۈم ھەمدە بۇ قىسقا نەسىرنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئىلھام ئالدىم. ئوقۇغانسېرى قەلبىمنى ئاخىرقى بېكەتتىكى ئوقۇرمەنگە ماھىرلىق بىلەن ئىشارە قىلىنغان بوشلۇقلاردا قانچىلىك تۇرغانلىقىمنى ، ئاپتورغا ئەگىشىپ قەيەرگە بارغانلىقىمنى، كىم ئادەم، قايسى شەيئىي بىلەن ئۇچراشقانلىقىمنى ، مەن بىلگەن، بىلىشكە قىزىققان، ئىشىكى ئالدىغا كېلىپ قانداق كىرىشنى بىلمەي مەڭدەپ قالغان، كىرىۋېلىپمۇ ئاخىرقى بېكەت شۇ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرەلمەي ئەتراپقا بەزىدە تەلمۈرۈپ، بەزىدە گاڭگىراپ قالغان ھەتتاكى ئويلىشىپمۇ باقمىغان ئاخىرقى بېكەت ئىچىدە بىردە خۇشال، بىردە ئىزتىراپلىق ئويلاردا ئولتۇرۇپ قالدىم.
    نەسىرنى يېنىشلاپ ئوقۇغانسېرى ئۆزەمنىڭ ئاخىرقى بىكىتى ، مېنى ساقلاپ تۇرغان شەكىللىك، شەكىلسىز تالاي ئاخىرقى بېكەتلەر ھەققىدە چوڭقۇر خىياللارغا پاتتىم. 
    «ئاخىرقى بېكەت » تىن ئىبارەت قىسقا نەسىرگە ئىشتىراك قىلغان ھەربىر كىتاپخان نەسىرنىڭ تىلىدىكى لىرىكا ،كۈچلۈك ئوبرازچانلىق ئاستىدا گەۋدىلەندۈرۈلگەن نەسىرنىڭ ئىجتىمائىي تۈسىنىڭ قويۇقلىقىنى تەربىيىۋى رولىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى چىن بايقاپ تەپەككۈرنىڭ نەسىر مەزمۇنغا ئىلىنىپ ، ئۆزىنىڭ تۇيغۇسىغا يېتەكلىنىپ تېخىمۇ ئەركىن ، ئىگىز پەرۋاز قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالالايدۇ ھەم ئاپتورنىڭ قەلىمىگە قايىللىقىنى سۆزلىمەي تۇرالمايدۇ.
    ئاپتور:« تۇغۇلغان يەردە ئۆلگەنلەرمۇ بار. ماڭغان يەردە توختاش دېگەندەك. چېچەك پەسلى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى بېكەت بولالمايدۇ. ئەمما ئۇمۇ ئاخىرقى بېكەتتىن ئۆتىدۇ. خۇددى ئادەم بۆشۈكتىن - تۆشۈككە قەدەر ھايات ئالىمىدە بېكەتسىز ياشالمىغاندەك. ئۆتكەن ۋاقىت ئۆلدى. ئەمما ئارمانلىرىم نارەسدە قىزدەك كۈندىن - كۈنگە بوي تارتماقتا» 
    يۇقارقى پارچىلارنى ئىخچام ،جانلىق تەسۋىرلەش ئارقىلىق سۈرەتلىك كۆركەم تەسۋىرسىزىپ تەسەۋۋۇر ھەم پىكىر قاتلاملىرىدا قايتىلانما ئىزلىنىش يارىتىپ پەلسەپىۋى مەزمۇن قاتلىمىنىڭ ئۇزۇن، كەڭلىكلىكنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە ئومۇملاشتۇرۇپ ئىپادىلەشنىڭ رولىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ تەسەۋۋۇردىكى سۇبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپنى، ھادىسە بىلەن ماھىيەتنىڭ ئۆتۈشۈش، ئىستىخىيلىك سىڭىشىنى ئېچىپ بەرگەن.
    نەسىردىكى ھېسياتلىق مەزمۇننى : 
    «ئېشەك كۆزلىرىدىن يېشىنى قەدىمىدەك تېمىم -تېمىم تامچىلىتىپ ماڭماقتا.
    ئۇنىڭ ھارغىن تۇرقىدا بېكەتنىڭ ياپراقلىرى كۆيمەكتە. چۈش ئويغاندى ۋە دېدى: بۇغداي بەك پىشىپ كەتسە تۆكۈلىدۇ. ئادەممۇ شۇ. ئەمما ئاخىرقى بېكەت رېئاللىققا يالىڭاچ تاشلانمايدۇ»
 
    ئوبېكتىپ تۇرمۇش چىنلىقتىن روياپقا چىقىرىپ ئاخىرقى بېكەتتىكى ئارزۇ، ئۈمۈد ،غايە، مۇھەببەت، ئىشەنچ، دەرت-ئەلەم ، بەختسىزلىك ، ھالاكەت قىسمەتلىرىنى كونكېرت تۇرمۇش چىنلىقى ئىچىدە باي ھېسىياتنى تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ ئىجتىمائىي زىدىيەتلەرنىڭ پەيدا بولۇش، تەرەققىي قىلىنىش جەريانلىرىنىمۇ روشەن يورۇتۇپ بەرگەن.
    ھەرقايسى ژانىرلاردا ئىجتىمائىي تۇرمۇش قىسمەن ياكى پۈتۈن ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ. بىراق نەسىردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن رېئال تۇرمۇشنىڭ ماھىيىتى باشقا ئەدەبىي ژانىرلارغا قارىغاندا يىغىنچاق ، مەركەزلىك بولىدۇ. شۇڭا نەسىرنىڭ «شەكلى تارقاق، مەزمۇنى يىغىنچاق»لىق خۇسۇسيىتى ئاپتورنىڭ ماتىريال تاللاش دائىرىسىگە كەڭرى زىمىن ھازىرلاپ ،مەزمۇننى قويۇق لىرىك،كۈچلۈك ئوبرازچانلىقتا ئەكىس ئەتتۈرىشگە تۈرتكىلىك بولۇپ ئاپتوردىن ئىنچىكە كۆزىتىش، پارچە-پارچە تۇرمۇش تەمەچلىرىنى باغلانما تەسەۋۋۇردا جەلىپكار بىر-بىرىگە ئۇلاپ ھاسىلاتنى لوگىكىلىق تەپەككۈردىن ئۆتكۈزۈپ پەلسەپىۋىلىككە كۆتۈرۈشنى تەخىرسىزلەندۈرىدۇ.
    قۇتيارمۇ ئاخىرقى بېكەتتىكى كونكېرت مەزمۇنلارنى : 
    «ئاخىرقى بېكەتتە ئۆلۈممۇ، ۋەھىمىمۇ، بەختمۇ بار، دېدىم مەن. يولۇچىAئۇنىڭ بىلەن كىمنىڭ كارى. كۈن ئۆتسە، قورساق ئاچ قالمىسا بولدى،- دېدى پەرۋاسىز ھالدا. يولۇچى Bئاخىرقى بېكەت ئېھتىمال ئۇ دۇنيادا، ئۇ يەردە دوزاقمۇ بار، بۇ ۋەھىمە. جەننەتمۇ بار، بۇ بەخت. راست گەپ، ئاخىرقى بېكەت ئۆلۈم-، دېدى نېمىنىدۇ ئويلاپ. يولۇچى Cئاخىرقى بېكەت قان - ياش بەدىلىگە قۇرۇلغان. بۇ جايغا ھەممە كىشى بارىدۇ، ئەمما بەزىلەر ۋىجدان، ئىنساپ، دىيانەت، ئىمان، ئېتىقاد، تۆھپىسى بىلەن بارسا، بەزىلەر ھۇرۇن، تۇزكور، ساتقىن ھالەتتە بارىدۇ،- دېدى ھەسرەتلىك تىنىپ. يولۇچى Dئاخىرقى بېكەت ئالدى ۋە ئارقىمىزدا، ئۆلگەنلەر ئۈچۈن كەتتى. تىرىكلەر ئۈچۈن ھايات، ئەمما قانداق بېرىش، قاچان بېرىش بىزگە بۇ سۇئال بەلگىسى،- دېدى جىددىي قىلىپ.
    راست ئاخىرقى بېكەت بىزنى كۈتمەكتە، - دېدىم ئۆزۈمگە ئىچىمدە ئاستاغىنە.» 
    جانلىق بەدىئىي تىل ، مۇھاكىمە ، بايان ئارقىلىق تۇرمۇشنىڭ بىر توغرا كەسمە يۈزىنى ئەمەس ھاياتلىقنىڭ كەڭ سەھنىسىنى رېتىمى ئېنىق، بەدىئىيلىكى يۇقىرى يورۇتقان.
    مەن بۇ قسىقا يوللانمام ئارقىلىق ماڭا ئىزلىنىش يولى ئېچىپ بەرگەن قۇتيار ئەپەندىمگە تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • نەسىر ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.ئۆچۈرۈش2011-8-28 03:50[3 نۇمۇر]خۇشنۇد
  • ئوبروزلىرىڭىزنى ياقتۇردۇم،قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.ئۆچۈرۈش2011-8-25 08:08[3 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY