باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-8-19 04:41 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئۆزئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

رېئاللىقنىڭ ئىككىنچى يۈزى

رېئاللىقنىڭ ئىككىنچى يۈزى


(ئەدەبىي ئوبزور)
ھەۋەس

(يازغۇچى، مائارىپچى ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇننىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى توغرىسىدا )


    ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن80-يىللارنىڭ ئاخىرىدا "ئىشنىڭ يولى" ناملىق ھېكايىسى بىلەن پروزا ئىجادىيىتى سېپىگە رەسمىي كىرىپ كەلگەندىن بۇيان،ھازىرغىچىلىك ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 30پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ئۇنىڭ ھېكايە ئىجادىيىتى ساتىرىك شىڭگىل ھېكايىلەردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئىخچام، ئەپچىل ھېكايە قۇرۇلمىسىغا ئاپتور رېئال تۇرمۇشنىڭ ئىككىنچى يۈزىنى سىغدۇرۋەتكەنلىكى بىلەن دىققەتكە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن ھېكايىلىرىنىڭ ئىدىيۋىي ۋە بەدىئىي جەھەتتىن باھالىغاندا ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تۆۋەندىكىدەك خاس ئالاھىدىلىكلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقاش مۇمكىن:
    1. ئىخچام، ئەپچىل، چاققان ئەدەبىي قۇرۇلما ئارقىلىق رېئال تۇرمۇشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئېتوت شەكلىدە كەسكىن ھەم ئەينەن سىزىپ بېرىش-ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن ئەسەرلىرىنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى.
     مەلۇمكى، ھېكايە گەرچە توقۇپ چىقىرىش بولسىمۇ ئۇنىڭ قىممىتى تىپىك رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بىرەر كىچىك ئەمما مۇكەممەل سىيۇژىت ئارقىلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەلۇم بىر تەرىپىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشىنى ئىخچام تەپسىلات تەسۋىرى، درامماتىك توقۇنۇش ئىچىدە ئەينى راست ئىشلاردەك سىزىپ بەرگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆتكۈر، ئاچچىق، كىنايىلىك كەيپىياتقا تويۇنغان دارىتما مەنالىق قىسسقا ھېكايىلىرى ھەقىقەتەن تامچە ئارقىلىق دېڭىزنى ئەكس ئەتتۈرۈش، ياپراق ئارقىلىق ئورماننى ئەكس ئەتتۈرۈشتەك ئىجادىيەت مېتوتى پرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇپ، "ئاز، ئەمما ساز"بولۇش يولىدىكى ياخشى تاشلانغان كىچىك بىر قەدەمگە ئوخشايدۇ.
     2. ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن ھېكايىلىرى ئارتۇقچە تەسۋىرلەردىن خالىي، ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ پەردازسىز تەسۋىرى بولۇپ، ئۆزگىچە بەدىئىي ماھارەت ، شەكىل ئۇسلۇبىغا ئىگە. 
     ئۇنىڭ بەزى ھېكايىلىرى.  مەسلەن:"باغاق ئۈستىدىكى ئويلار"،"،مۇھەببەت سىنىقى"،"باغاق ئۈستىدىكى ئويلار"،"دوستۇمدىن كەلگەن خەت"،"تۈرمىدە يېزىلغان خەتلەر" قاتارلىقلار پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى كەچۈرمىشلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان. بۇ خىلدىكى ھېكايىلەردە مۇرەككەپ روھىي توقۇنۇش سەھنە ئەسەرلىرىدىكىدەك باشتىن-ئاخىر مەركىزى ئورۇنغا قويۇلۇپ كەسكىن، جىددىي ،مەركەزلىك ھالدا قانات يايدۇرۇلغان.
     3. بەزى ھېكايىلىرى، يەنى"ھەي. .سەن-زە!"، "مېيىت"،"ئايالىم"،"خىجىللىق" قاتارلىقلاردا دىئالوگ ئاساسىي ئىپادىلەش ئۇسۇلى قىلىنىپ، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاققا يات قىلمىشلار ئېپىزوت شەكلىدە كىنايە ، يۇمۇر ئاستىغا ئېلىنىپ ئاچچىق ساۋاق بېرىلىدۇ. .مەسلەن: 
     (1)"- مەن ئۇنداق ھاراقكەشلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرمەيمەن، ئۇنداق كىشىلەرنىڭ نامىزىنى چۈشۈرۈش گۇناھتۇر. 
           -ئۇنداق دېمەڭ،دادا. شۆھرەت دېگەن ھېلىقى يۈسۈپ ھاكىمنىڭ بالىسى، سىز بۇنى بىلەمسىز؟ 
           -يۈسۈپ ھاكىمنىڭ دېدىڭما؟
          -ھە...
          -ئۇنداق بولسا مەن باراي..." 
         ("مېيىت" ناملىق ھېكايىسىدىن) 
     (2) - سەنمۇ ھېكايە يازدىڭمۇ تېخى؟-ئالايدى ئۇ بالىسىغا.
          -قويغىنا ، شۇ ھېكايە دېگەن نېمىتى.
         تۇرسۇن بالىنىڭ قولىدىكى قەغەزنى"شارت"پارچە -پۇرات قىلىپ يەرگە ئاتتى. ئاتىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن بالا ھېچ نەرسىنى چۈشىنەلمەي يىغلامسىراپ:
        -ئاتا، بۇ نېمە قىلغىنىڭىز! بۇ ماڭا، ئۇكىلىرىمغا بولغان كۆيۈمچانلىقىڭىزنى مەدھىيلەپ يازغان"مېنىڭ ئاتام" ناملىق ھېكايە ئىدى، -دېدى. 
       -نېمە ، نېمە دېدىڭ؟ مېنى مەدھىيلەپ يازغانمۇ؟
       -ھەئە!...
       -ئاپلا! نېمىشتا باشتا شۇنداق دېمەيسەن؟ 
       -ھەي - سەنزە! 
      ("ھەي،سەنزە..!"ناملىق ھېكايىدىن) 
       بۇ بايانلاردىن، ھەجۋىي تۈستىكى تەسۋىرلەردىن تۇرمۇشتىكى "خامىليون"لارنى كۆرۈش مۇمكىن.
     4. ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن ھېكايىلىرىنىڭ ئىدىيىۋى قىممىتى شۇكى، مەۋجۇت مەنىۋىي مەرەزلەرنى كېسىپ تاشلاپ، گۈزەل ھاياتقا، ياخشىلىققا دەۋەت قىلىشتىن ئىبارەت.
     "ئىچەرمەنلەر رىقابىتى"،"دادام"،"خوتۇنۇم"،"ھېيتنىڭ خاسىيىتى"،"يېڭى قوشنا لەتىپىسى"،"يۇيۇلغان پۇل"،"يېڭى كېلىن" قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ، ئۆتكۈر پاش قىلىش تىلى بىلەنلا ئەمەس، تەپەككۈرىمىزگە تاشلانغان سۇئالدەك ئۆزىمىز ئۈستىدە سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇ ئەسەرلەردە ئۇششاق ئائىلە زىدىيىتى، كىشىلەرنىڭ مىجەز-خۇلقىدىكى ئوخشىمىغان تەبىئەتلەر تېما قىلىنغان بولۇپ،"نىكاھ، ئائىلە ۋە جەمئىيەت" تىن ئىبارەت ئۈچ بۇرجەكلىك رايون ئىچىدىكى مۇناسىۋەت ، كۆزقاراش، ھېسىيات جەھەتتىكى بەزى ئېغىش، تار دائىرىلىك خائىشلار رېئاللىقتىن كېسىپ ئېلىنىۋىلىنغان چىن تەپسىلاتلارنىڭ ئىچىدە ھاياتىي كۈچ تاپىدۇ. جۈملىدىن، "ۋاپادار كېلىن" ئەدەبىي ئاخبارات ئاددىي، ئەمما يەڭگىل، تەسىرلىكلىكى بىلەن كىشىگە مەنىۋىي ئازادىلىك بېغىشلايدۇ .بولۇپمۇ بۈگۈنكى زامان ئائىلە، نىكاھ قارىشىنىڭ كۈنسېرى سۇسلىشىپ بېرىشى نۇرغۇن ياش قىزلاردا توي قىلغاندا" ئۆي ئايرىپ چىقىش"،"قىيىنئانا كۆرمەسلىك"،"تاڭ سېڭنى غارغا سولىۋېلىش" تەك شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ،"جىن پەرىلەرنىڭ ۋەسۋەسىسى " گە سالماقتا. ئويلاپ كۆرەيلى: پىچان ناھىيە چىقتىم يېزا تەنزە كەنتى 4-مەھەللىدىكى ساياخان روزىدەك ۋاپادار كېلىنلەر بۇ جەمىئىيىتىمىزدە زادى قانچىلىك؟ قىز-چوكان، كېلىنلىرىمىزدىكى ئەنئەنىۋىي جۇلا قانچىلىكتۇ؟ ھەقىقىي كېلىن، مېھرىبان ئانا ساياخان روزىغا قەلب تۆرىمىزدىن يۈكسەك ئورۇن بېرەلەمدۇق!؟
     "ھۆرمەتكە لايىق دادا"دىن مەن نەپرەتلىنىدىغان دادىغا ئۆزگەرگەن ساپاسىز ئاتىلاردىكى شەكىلۋازلىق، ساختىلىق بىزنى چۆچۈتمەسمۇ؟"دادام" ناملىق بۇ چاققان ھېكايە ئاددىيلىق ئىچىگە ئەنە شۇنداق رېئال بىر پاكىتنى سىغدۇرىدۇ.
      قىسقىسى، ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇننىڭ قىسقا ھېكايىلىرى مەزمۇن جەھەتتىن تۇرمۇشقا يېقىنلىقى، ئىجتىمائىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى؛ تىل جەھەتتىن ساتىرىك ، يۇمۇر ئامىللارغا قويۇق بولۇش، ئاغزاكى تىلنى پىششىقلاپ ھېكايىگە كىرگۈزۈشتەك خاس ئۇسلۇبى بىلەن چاغداش ئۇيغۇر پروزىسىدا مىكرو ھېكايە ئىجادىيىتىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشتى.
      ئاخىرىدا، ھەبىبۇللا سىيىت باۋۇدۇن ئەپەندىنىڭ بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىر تەرەپتىن ئائىلىدە بىر مېھرىبان ، مەسئۇلىيەتچان ئاتا بولۇپ ، ئائىلىدە تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىسا، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي ئىشلارنىڭ جىددىيچىلىكىدە مەكتەپ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئۆتەپ تۇرۇپمۇ ئالتۇن ۋاقىتلاردىن ۋاقىت ئاجرىتىپ ئەدەبىياتقا بولغان ساماۋىي ئىششىق ئوتىنى قەلبىدە يالقۇنجىتىپ توختاۋسىز ئىجادىيەت بىلەن مەشغۇل بولۇپ، ئەل-يۇرتقا مەنىۋىي ئەمگەكلەرنى بەرگەنلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىمەن ھەم ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە، تۇرمۇشىنىڭ بەخىتلىك، ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا تىلەكداشلىقىمنى بىلدۈرىمەن.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY