باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-8-18 20:35 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تۇرمۇشقا يېقىنلىقتىكى جەلىپكارلىق

تۇرمۇشقا يېقىنلىقتىكى جەلىپكارلىق

مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ «كەچلىك بازاردا»ناملىق
ھېكايىسى ھەققىدە


ئايزىت


    رۇس يازغۇچىسى ئا.پ.چىخوپ :«ھېكايە ئۈستىدە يىغلاش ،ئاھ ئۇرۇش مۇمكىن.ئۆزقەھرىمانلىرىڭىز بىلەن بىللە ھەسرەت چېكىشىڭىز مۇمكىن...ھېكايە قانچە ئوبېكتىپ بولسا شۇنچە كۈچلۈك تەسىرات قوزغايدۇ»دېگەنىدى.
    ئۆزىنىڭ «قىزارغان ئۇپۇق»، «يوقىتىش»، «ئىككى ئىت»، «قاشتېشى سوۋغا قىلىش»، «يېڭى ھۈنەر»، «بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىقرارى»، «ئازغان ئايال»، «قەدىرسىز كېچىلەر»، «ئەۋلىيا خوراز»، «كونا بازار» قاتارلىق ھېكايە، پوۋېستلىرى بىلەن كىتاپخانلارنىڭ قەلبىدە بەلگىلىك ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان مېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ «تارىم ژۇرنىلى »نىڭ 2010-يىل 2-سانىغا بېسىلغان« كەچلىك بازاردا »ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇپ، ئاپتورنىڭ ئىخچام سىيۇژېت، ئاددى باش تېما ئارقىلىق ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا كەڭ ئوبېكتىپ رىئال تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۈرۈرىشىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.

    مېنىڭچە، ئوبېكتىپ چىنلىق تۇيغۇسى تۆۋەن، كىتاپخانلار قەلبىدە ھېچقانداق ئىستىتىك زوق، قىممەت قاراش تۇرغۇزۇلمىغان ھەجىمى چوڭ، سەھىپىسى ئۇزۇن، پۈچەك، ئوقۇرمەننى زېرىكتۈرىۋېتىدىغان ھېكايە، پوۋېستلاردىن «كەچلىك بازاردا»دەك مەزمۇنى كۆپ قاتلاملىق، چاققان ھېكايىلەرنىڭ كىتاپخانلارغا بولغان تەسىرى زور دەپ قارايمەن.
    بىزمېھرىگۈل ئابلىز نەزەرنىڭ «كەچلىك بازاردا» ناملىق ھېكايىسىنى ئوقۇغىنىمىزدا، «مەن» نىڭ ئۆيىگە مېھمان كېلىشى سەۋەپلىك كەچلىك بازارغا توخۇ ئالغىلى بارغىلى يىپ ئۇچى قىلىنىپ، «مەن»نىڭ كەچلىك بازاردا بۇرۇن بىرگە ئىشلىگەن كونا خىزمەتدىشى ھۆرنىسانى ساقلىغان قىسقا ۋاقىتقا، ئىككى توخۇ ساتىدىغان ئايال بىلەن بىردەم پاراڭلاشقان مۇھىتقا ئاپتورنىڭ ماھىرلىق بىلەن ئوبېكتىپ رىئاللىقنىڭ كىچىك بىر بۆلىكىنى چىن، تەبىئىي رەۋىشتە جانلىق، ئىخچام سىغدۇرىۋەتكەنلىكىنى بايقايمىز. 
     يەنى دۆلىتىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى كارخانا ئىسلاھات داۋامىدا ئىش ئورنىنى ئىخچاملاپ ، خادىم قىسقارتىش سەۋەپلىك ئىش ئورنىدىن قالغان ئەسەردىكى پېرسۇناژ ھۆرنىسانىڭ ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن قىلچە زارلانماي، خىزمەت داۋامىدىكى ئىسلاھاتقا ئىلمىي مۇئامىلە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىسلاھاتقا يۈزلىنىپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ، ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنى تونۇپ تۇرۇپ، ئۆزىنى يېڭىلاش ئارقىلىق سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، بازارغا يۈزلەنگەنلىكى، سودىدا ئادىل، سەمىمىي بولۇپ، ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بىلەن ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىنكى تۇرمۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى ئارقىلىق قىممەت يارىتىشى، شۇنداقلا سوتسىيالستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكى سەۋەبىدىن بازارغا يۈزلەنگەن ئىككى توخۇ ساتىدىغان ئايالنىڭ بازار ئىگىلىكىدىكى ناتوغرا رىقابەت قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، پەقەت ئۆزىنىڭ شەخسى بالا نەپسى ئۈچۈنلا سودا قىلىدىغان ئىجتىمائىي ئەخلاققا خىلاپ، جۈملىدىن سودا ئۈچۈن ھېچنىمىدىن تەپ تارتمايدىغان ناچار خارەكتىرىنى ئىخچام سىيۈژىت ئارقىلىق ئىچىپ بەرگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. يىغىنچاقلىغاندا ، ئاپتور ئاددىي باش تېما ئارقىلىق ئۈچ توخۇ ساتىدىغان ئايالنىڭ روھىي دۇنياسىنى جانلىق يورۇتۇپ بەرگەنلىكى ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىدۇر.
    ئاپتور، ھۆرنىسا ئوبرازى ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىش ئورنىدىن قالغان ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىدە توغرا قىممەت قارىشى تۇرغۇزىشى ھەرگىزمۇ، ئىش ئورنىدىن قېلىش سەۋەپلىك ئۆزىنىڭ ھايات، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە ھەدەپ ئىسلاتنى قاغاش، ئەتراپىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئادەملەرنى تىللاپ، ھاقارەتلەش، چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇشتەك ناچار خاھىشلارنى سادىر قىلماي، ئىش ئورنىدىن قالغاندىن كېيىنكى پىسخىكىلىق ئېغىشلارنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، جەمىئىيەتتە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ساغلام ئىدىيە، توغرا پۇزۇتسىيىدە كىشلىك تۇرمۇشقا يۈزلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كىتاپخانلارغا بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «ئادەمنىڭ ئالىيجاناپلىقى» ئۇنىڭ خىزمەتتىكى يۇقىرى- تۆۋەنلىك، ماددىيەتتىكى باي –نامراتلىق، ئەمەلدىكى چوڭ –كىچىكلىكتە ئەمەس. بەلكى، پەقەت ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا، «روھىيىتىدە»ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھايات ھەقىقىتىنى ئېچىپ بەردى.
    ئاپتور، ھۆرنىساغا روشەن سېلىشتۇرما ئىككى توخۇ ساتىدىغان ئايالنىڭ ئوبرازى ئارقىلىق ئەتراپىمىزدا مۇئەييەن نىسپەتتە مەۋجۇد بولىۋاتقان، ئاياللارنىڭ ئەخلاق– پەزىلىتىنى خۇنۈكلەشتۈرىۋاتقان بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەردىن ئاياللاردىكى بىر-بىرىنى كۆرەلمەسلىك، ئۇششاق گەپ، پىتنە –پاسات تارقىتىش، سودا بازىرىدا سەمىمىي، ئادىل بولماي ساختىلىق، ھىيلە بىلەن مېلىنى داڭلاپ سېتىپ ئىستىمالچىلارنى قاقتى– سوقتى قىلىدىغان، قوشنا سودىگەرلەر بىلەن ناتوغرا رىقابەتلىشىپ، يولسىزلىق بىلەن خېرىدار تالشىدىغان بىر تۈركۈم سودا ئېڭى تۆۋەن كىشىلەردىن نەپرەتلىنىش تۇيغۇسىنى كىتاپخانلار قەلبىدە ئويغاتتى.
   ئاپتورنىڭ «كەچلىك بازاردا» ھېكايىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك بەدىئىي ئالاھىيدىلىكى پېرسوناژلارغا بېقىنىپ يېزىش.
   پېرسۇناژلارغا بېقىنىپ يېزىش دېگەن نېمە؟‹1›«ھەر بىر پېرسۇناژنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق تۇرمۇش مەنتىقىسى، ھېسيات يۆلىنىشى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ گەپ - سۆز، ئىش –ھەركىتى كىملىكى ۋە مىجەز –خاراكتېرى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭا يازغۇچى پېرسۇناژلارنىڭ سوبىكتىپ پەرىزىگە بېقىندۇرۋالماستىن، بەلكى ئۇلارنى چۈشۈنىشى، مەسىللەرنى ئۇلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. پېرسۇناژلارغا مايىل بولۇپ، چىڭ يېپىشقاندىلا، ئاندىن پېرسۇناژلارنى جانلىق گەۋدۈلەندۈرگىلى بولىدۇ.»  ئاپتور «كەچلىك بازاردا» ھېكايىسىدە ئۈچ ئايال پېرسۇناژنىڭ ئوخشاش بولمىغان سودا پوزىتسىيىسى، پىسخىكا ئۆزگىرىشى، قىممەت قارىشى، مىجەز- خاراكتېرىنى ئىنچىكە كۆزىتىپ ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى كونكېرت يورۇتۇپ چىققان. مەسلەن ئەسەرنىڭ 102-بەتتىكى
« ئەسلىدە بانكىدا ئون ئۈچ يىل جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەش داۋامىدا ھېساۋاتىدىن سېنت چاغلىق مەسىلە كۆرۈلمىگەن قابىلىيەتلىك، ئەخلاقلىق، ئەستايىدىل ھەم چىقىشقاق بۇ ئايالغا ئۆزگىچە ھۆرمىتىم بار ئىدى.»
كىتاپخانلارغا مەلۇملوق، پۇل-مۇئامىلە سېستىمىسى مۇرەككەپ بىر تۈر . بولۇپمۇ بانكا مالىيە خىزمىتى خىزمەتچىلەردىن ئىنچىكە، تەپسىلىي خىزمەت ئىشلەشنى، مۇئامىلىدارغا بولغان مۇئامىلىدە سەمىمىي، باراۋەر، قىزغىن پوزىتسىيە تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھۆرنىسادىكى خىزمەت ئىشلەش جەريانىدا ئۆزلۈكسىز مۇكەممەلەشكەن ئەستايىدىللىق خاراكتىرى خىزمەت ئورنىدىن قالغاندىن كېيىنكى كۈنلەردىكى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىگە ئاۋاز قوشۇپ كەچلىك بازاردا توخۇ ساتقاندىمۇ ئۆزگەرمەي، 102بەت«ئۇ ئۆزىنىڭ ئەستايىدىللىقىنى توخۇ پىشۇرۇشقىمۇ سىڭدۈرگەن بولۇپ، توخۇلىرى شۇنداق تەملىك ئىدى.» دېيىش ئارقىلىق، ئەستايىدىللىقنىڭ ئۇنىڭ تىرىكچىلىك يولىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغانلىقىنى، خېرىدارلار قەلبىدىكى ئورنىنىڭمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلىشىگە كۆۋرۈك بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋالىمىز.
101-بەت
«ئايال قولىدىكى مايلارنى كىرلىشىپ كەتكىنىدىن ئەسلى رەڭگىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن پەرتۇقىغا سۈرتكەچ ماڭا يېقىنلاشتى. ئۇنىڭ قوللىرىدىكى مايلار ماڭا خۇددى سېمىز ھەم كېلەڭسىز بەدىنىدىن تەپچىرەپ چىققاندەكلا بىلىنىپ كەتتى.»
بۇ تەسۋىرلەرنى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا بىز كەچلىك بازاردىكى توخو ساتىدىغان ئايالنىڭ كۆلەڭگىسى يېنىمىزدا ئەگىگەندەك، كەچلىك بازار ھەم توخۇنى ئويلىغىنىمىزدا ، ئۇ ئايال بىز بىلەن بىللە تۇرغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىمىز.
    ھېكايىلەردە پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتىكى ئۆلچەم ئوخشاش ئەمەس. ئۇ ئاپتورنىڭ بەدىئىي دىتى، قەلەم قۇۋۋىتى، سوبېكتىپ تەسەۋۋۇرى، تۇرمۇشنى كۆزىتىشى، تېما خام ماتىريال تاللاش نۇقتىسى، يورۇقلۇققا چىقارماقچى بولغان مەزمۇنغا ئېھتىياجلىق مول تۇرمۇش ئەمەليىتى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىگە چېتىلىدۇ.
    ئاپتور«كەچلىك بازاردا» ھېكايىسىدىكى پېرسوناژلار ئوبرازىنى يارىتىشتا پېرسوناژلارغا بېقىنىپ يېزىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ھېكايىدىكى ئۈچ توخۇچى ئايال پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازىنى ئۇلارنىڭ گەپ – سۆز، ئىش– ھەركىتى ئارقىلىق يارىتىپ ھېكايىنى كۈچلۈك ھەركەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ ھېكايىنىڭ ئىدىيىۋىلىكىدىكى قاراتمىلىقىنى كۈچەيتكەن. مەسلەن«كەچلىك بازاردا»103-بەت.
« - ماۋۇنى ئالامسىز؟ بۇ تېخى قۇيمىغان يەرلىك چۈجىنىڭ گۆشى. كىسەلگە شىپا، تەنگە داۋا بولىدۇ. ئاۋۇنى ئالامسىز يا؟ ئۇ قارا مېكىياننىڭ گۆشى. ئۇنىڭ سۆڭىكىمۇ دورىلىققا يارايدۇ. ئىككىسى بىر-بىرىدىن قېلىشقۇسىز، قايسىسىنى ئالسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ھەقىقى توخۇ گۆشى يېگەندەك ھۇزۇرلىنىپ يەيسىز، ھەرگىز پۇشمان قىلمايسىز.»
103- بەت
« ئۇ كىملا كەلسە مېنىڭ توخۇلىرىم يەرلىك دەپ ماختايدۇ، ئەمەلىيەتتە نەدىمۇ يەرلىك بولسۇن؟ سۆڭەك ئۆستۈرۈش دورىسىنى جىق ئىشلەتكەن توخۇلار ئۇ. سىزمۇ باشقىلاردەك سۆڭەك ئۆسۈپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالماي دېسىڭىز،  ئۇنىڭ توخۇلىرىنى ئالماڭ. مانا، مېنىڭ توخۇلىرىم ھەقىقى يەرلىك توخۇلار. نەچچىنى ئالىسىز؟ قايسىسىنى ئالىسىز؟ ئۆزىڭىز تاللىۋېلىڭ.»
104-بەت
« - ھۇ ئىززىتىنى بىلمەيدىغان سېرىق ئاسلان، قايسى ھالىڭغا مەن بىلەن خېرىدار تالىشىسە؟ سېنىڭ توخۇلىرىڭمىچۇ، مېنىڭكىدەك جىڭ يەرلىك بولسا خېرىدار ئۆزلۈكىدىن ئىزلەپ كېلىپ ئالىدۇ، توخۇلىرىڭنى ساتالماي ماڭا كۆزۈڭ قىزىرىۋاتامدۇ؟ »
104-بەت.«- ئېغىزىڭنى چايقىۋېتىپ سۆزلە گۆش تاغىرى، كىم سېنىڭ خېرىدارىڭنى تالىشىپتۇ؟ كىم ساڭا كۆز قىزاتىپتۇ؟ جىڭ يەرلىك توخۇلارمىش تېخى! سېنىڭ توخۇلىرىڭنىڭ دورىدا سەمرىتكەن جا توخۇلار ئىكەنلىكىنى كىم بىلمەيدۇ؟ »
104-بەت
.«- ئايشەمگۈل، تۇنىسەخان نېمە بولۇشتۇڭلار؟ يەنە خېرىدار تالىشىپ ئورىشىۋاتامسىلەر؟ يائاللا، مۇشۇ ئىككىڭلار قاچانمۇ بىر ئەپ ئۆتەرسىلەر؟ بولدى قىلىڭلار. خېرىدار تالىشىپمۇ ئىشمۇ ئەمدى ؟ خېرىدارنى بىز تاللىمايمىز، خېرىدارلار بىزنى تاللايدۇ، بىزنىڭ توخۇلىرىمىزنى تاللايدۇ. توخۇلىرىمىز ياخشى بولسا بىر قېتىم ئالغاندىن كېيىن چۆپقەت بولۇپ قالىدىغان گەپ، ياخشى بولمىسا سەۋەنلىكنى ئۆزىمىزدىن ئىزدەپ، تۈزەتسەكلا يەنە خېرىدارلىق بولالايمىز ئەمەسمۇ.»
    ‹2›گومورو: < تىل - زۆرۈر قورال. سەن ئومۇمەن تىلنى تاللاش، باشقۇرۇش، يارىتىشتا، خۇددى ھەيكەلتاراشنىڭ قولىدىكى بوياققا ئوخشاش، تىلنى ئەركىن ھالدا بىر تەرەپ قىلالىساڭ، ئاندىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيسەن» دەيدۇ.
    ئاپتور خەلق تىلىنىڭ ئەمەلىي، جانلىق، باي، رېئال تۇرمۇشنى ئىپادىلەيدىغان گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەدەبىي تىلنىڭ تۈگىمەس-پۈتمەس بۇلىقى ئىكەنلىكىنى، تىلنى دەل جايىدا ئىشلىتىپ، ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇشتا تىلنىڭ مول غەزىنىسى بولغان يەنە ماقال –تەمسىل، تۇراقلىق بىرىكمىلەردىن، ئىدىيۇملاردىنمۇ ئۈنۈملىك پايدىلانغان.
    101-بەت «نېمە ئىش قىلىسەن دىسە توخۇ ساتىمەن دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە
«ئات ئايلىخانغا ، يول سارىخانغا.»
    102 -بەت .ئۇنىڭ توخۇلىرى بىزنىڭكىدىن ئەرزان. «خېرىداردا كۆز يوق» دېگىنى راستكەن. «ياخشى كۆرگەننىڭ قاغىسىمۇ ئاق كۆرۈنۈپتۇ» دېگەندەك، مەن ئۇنىڭغا زىيادە ھۆرمەت ۋە ھېسداشلىق قىلغاچقا ئۇنىڭ ئاشۇنداق ئىشلارنىمۇ قىلىدىغانلىقىنى نەزىرىمدىن پۈتۈنلەي ساقىت قىلغان ئىكەنمەن،»
    103«ئۆتمەس ماتا، زورلاپ ساتا» دېگەندەك ئۇنىڭ ماختاشلىرىغا مەپتۇن بولۇپ كەتمەڭ. «كۆنگەن خۇي ئۆلگىچە» دېگەندەك، ئۇ كونا خۇيىنى ھازىرمۇ تاشلىماي يۈرەرمىش.
    104-بەت يەنە كېلىپ بۇ جېدەل مەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا غىپپىدە تىكىۋېتىشنىڭ ئورنى تېخى يوق.
    105-بەت سېرىق ئايالمۇ «قىلغۇلۇقنى ئۆزى قىلىپ ماڭا دۆڭگەشلىرىنى كۆرەيمۇ» دەپ غودۇرىغىنىچە بۇ يەردىن ئايرىلدى.
     يۇقۇردىكى «كەچلىك بازاردا»دىن ئېلىنغان پارچىلاردىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ئاپتور ماقال–تەمسىل، ئىدىيوملارئارقىلىق پېرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ زىدىيەتلىك تەرىپىنى ماھىيەتلىك يورۇتۇش بىلەن بىرگە ئەسەر تىلىنى، ئەسەردىكى ئوي- پىكىرنى ئىخچاملىققا، ئوبرازچانلىققا، جانلىقلىققا، چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلىپ ھېكايىدىكى ئەدەبىي ئەسەر تىلىنىڭ بەدىئىيلىك ھەم ئىدىيۋىلىك تەرەپلەرنىمۇ بېيتىقان.
    «كەچلىك بازاردا» ھېكايىسىنىڭ كىتاپخانلارنى قايىل قىلىدىغان يەنە بىر بەدىئىي ئالاھىيدىلىكى شۇكى، پېرسۇناژلار تولىمۇ ئىخچام يارىتىلغان. سىيۇژېت لىنيىسىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈچلا ئايال پېرسۇناژ پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. «مەن»نىڭ ئىش –ھەركىتى ئاساسلىق پېرسۇناژلار تىلىدىكى مونولۈگ ئارقىلىق قىستۇرما قىلىنىدۇ.  ئەسەردىكى بەدىئىي مۇھىتمۇ ئالاھىدە يىغىنچاق. پېرسۇناژلارنىڭ ھەركەت پائاليىتى پەقەت كەچلىك بازاردىن ئىبارەت تۇرمۇش نۇقتىسىغىلا كونكىرت، چىن مەركەزلەشكەن. ئەسەردىكى زىدىيەتلەر توقۇنىشى تەرتىپلىك باياندا بىر بەدىئىي لىنيە بويىچە راۋاجلانغانلىقتىن، ھېكايە پېرسۇناژلىرىنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى بىلەن ھەركەت تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق گەۋدىلەنگەن.
    قىسقىسى، «كەچلىك بازاردا » ئۇ - ئۆزى بىر ئاددى باش تېما . بىراق ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن تۇرمۇشنىڭ ئجتىمائىي تۈسى كۈچلۈك، چىنلىق تۇيغۇسى قويۇق، ئاپتورنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىگۈدەك نادىر ھىكايە.

پايدىلانغان مەنبەلەر :
‹1› تولۇق يىللىق تاللانما دەرسلىك 3-قىسىم.
‹2› ئابلەت ئۆمەر تۈزگەن «ئەدەبىيات نەزەريىسى»

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY