باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-10 12:13 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تور ئەدەبىياتىدىكى ئىنكاسچانلىقىمىزغا نەزەر

 

تور ئەدەبىياتىدىكى ئىنكاسچانلىقىمىزغا نەزەر
 
ئايزىت
 
    يېقىندا مەن خىزمەت ئېھتىياجى سەۋەپلىك سىرتتا نەچچە كۈن تۇرۇش جەريانىدا جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە، قاتلىمىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن يېقىن، يىراق، بىۋاستە، ۋاستىلىك، مەقسەدلىك، مەقسەدسىز ئۇچرىشىپ ماس تېمىدا نۇرغۇنلىرىنىڭ پىكىر يۆنىلىشى، قىزىقىشى، قىسقسى جۈملىدىن ھەر تەرەپلىمە ئېھتىياج تەقەززاسىنى چىقىش قىلغان ھالدا ئوچۇق-يورۇق، سەمىمىي مۇڭدىشىپ كۆپ سانلىق پىكىرلەشكەن ئوبىيكىتلىرىمنىڭ تور ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىر ھەپتە ئىزچىل ھالدا توردىكى داڭلىق تور بېكەت، مۇنبەرلەردىن تارتىپ تاكى يېڭى قۇرۇلغان بېكەت، مۇنبەرلەرگىچە ئارلاپ ئىنچىكلىك بىلەن ھەربىر تەسسىس قىلىنغان سالونلارغا مەسئۇلىيەت روھى، ئىزلىنىش خاراكتىردە چۆكۈپ باقتىم.
    سالون بەتلەرنى ئارلاپ قىزىق تېما ، جەۋھەر تېما ، نادىرلانغان تېمىلارنى ، شېئرىيەت، پىروزا تۈرلىردىكى مەزمۇنلارنى بىرمۇ بىر ئوقۇپ بەكرەك ئەسەرلەرگە چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىپ تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. ئېرىشكىنىم تور ئەدەبىياتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن مۇنبەر، بېكەتلەر مۇنازىرە ئىشتىراكچىلىرى مول بىلىم ، ئىقتىدار ،ئۇنۋېرسال ساپاسى يۇقىرى ياش تالانت ئىگىلىرى بولسىمۇ ئەمما، شۇ مۇلاھىزىسىدە، ئىنكاسىدا مۇلاھىزىگە قاتناشقۇچى قارشى تەرەپكە ياكى ئەتراپىدىكى پىكىر ئورتاقلىشىپ يېڭى ئىزلىنىش روھىنى قېزىشقا ، ئىجادىي پىكىرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئەدەبىيات –سەنئەتنىڭ سەنئەت ھەم قوراللىق  قوش خاراكتىرىنى تەڭ ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەشنا مۇنبەرداشلارغا نىسبەتەن بىرەر بىلىم بايلىقىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىيالمايدىغان ، پۈچەك ، پىكىر قاتلاملىرى رەتسىز، كۆپىنچىىسى دېگۈدەك قۇرۇقتىن قۇرۇق خۇددى كىچىك بالىلار ئويۇن ئويناپ قىزىرىشپ گەپ تالاشقاندەك بىرى تاغدىن سۆزلىسە، يەنە بىرى باغدىن سۆزلىگەن ياكى ياسالما ، قېلىپلىشپ قالغان سۇئال –جاۋاب تەرىزدىكى سەپسەتىلەردىن  ئىبارەت بولدى.
    مىنىڭچە شۇ قۇرۇق پايدىسىز سەپسەتىلەر بوشلۇقنى ئىگەللەپ ،بوشلۇق سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزگىنىنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى، ئۈنىمى يوق. نادىر تېمىلىرى ، ئىنكاسلىرى مۇنبەرداشلارنىڭ چۈشۈنۈپ تەھلىل قىلىپ بىلىمىنى جۇغلاپ ئورتاق پىكىر يولى ئېچىش تەس. قارىماققا ئىشلىتىلگەن سۆز-جۈملىلەر ناھايىتى پاساھەتلىك ، مەزمۇنى راۋان، ئەسلەتمە قىلىشقا بولسىمۇ ئەمما، يىڭىلىق يارىتىش، زامانىۋىيلىق تۈسى خۇنۈك، ئويلاتما تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن سۆز ئېچىشقا يىقىن بولمىغان تېما ئىنكاسلار. گۇڭگالىقتا باشقىلارنى گاڭگىراتقانلىقى ئۈچۈن نادىر دەپ ئاتىمىساق باشقىچە خاسلىقى يوق . مۇنبەرداشلار ئىنكاس يازمىسا تېما يوللىغۇچى يامان سۆز بىلەن ئۆزىنى پەشتاققا قويۇپ تۇرۇپ كۆرۈرمەنلەردىن زارلىنىپ يازغان ئەينەكتەك ئىنكاسلار. بىلىشىمىز مۇمكىن ئەينەكنىڭ ئۆزى بەك سىلىق ئەمما قاتتىق. ئۇلارنىڭ دوق قىلىپ يازغانلىرى دەماللىققا ئوقۇغۇچىغا شۇ دەبدەبىيلىك شەخسىيەتچىلىك پىسخىكىسىدىكى ، قېيداش خاراكتىردىكى ئىنكاسلىرى قىممەتلىك كۆز قاراشقا ئىگە شەخسنىڭ ئەمگىكىنى بىلمەي قالغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرسىمۇ ، ئەقىل كۆزى روشەن، يىراقنى كۆرەرلىرىمىزگە «تېشى پارقىراپ تۇرغان، ئىچى لەش خام قاپاق » نى ئەسلىتىدۇ خالاس!
    يۇقۇرقى بىر قىسم ساقلانغان مەسىلىلەردىن سىرت يەنە مۇنبەرلەردە مۇلاھىزە قىلىشقا سۇنۇلغان ماقالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى مىللەت ئىچىدىكى ساقلانغان ئەخلاقسىز«چاكىنا ئاياللارنىڭ ھەم ئېتىقادسىز ئەرلەرنىڭ، نومۇسىنى يوقاتقان قىزلار، ھاياسىز ، ھايۋان دەپ ئاتىساقمۇ كاملىق قىلمايدىغان ئاتىلاردىكى ئۆز قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلىش، نائەھلى ئوقۇتقۇچىلاردىكى ئۆزى تەربىيلىگەن سىنىپىدىكى قىزلارنىڭ نومۇسىغا تېگىش ... » ئاز بىر قىسىم خائىشلار ، جەمئىيەتنىڭ تۈزۈلمىسى ئىچىدىكى «مائارىپ ئىسلاھاتى، قانۇن –تۈزۈم قۇرۇلۇشى، قوش تىل ئوقۇتۇشى، ئىشسىزلىق، دەرسلىكى ئىسلاھاتى...» ئىقتىساد ساھەسىدىكى«دەرىجىسى يۇقىرى كادىرلارنىڭ ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىن چىرىكلىشىپ بۇزۇلىشى، مائاش ئىسلاھاتىدىكى ئادالەتسىز تۈزۈم، مەبلەغ سېلىش نۇقتىلىرىدىكى بىر تەرەپلىمە قىممەت قاراش...» بىۋاستە بىر تەرەپ قىلىشتا باشقۇرغۇچىلار قىينىلىدىغان، ساقلانغان مەسىلىلەرنى پاكىت كۆرۈنىشى بىلەن چوڭقۇر تەپەككۈر يۈكسەكلىكىدە روشەن ئەكىس ئەتتۈرگەن ماقاللەرمۇ بەلگىلىك خېلى زور سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ ،نۇرغۇنلىغان مۇلاھىزە قىلغۇچى مۇنبەرداشلار دادىل قايىل قىلارلىق ئاساسلار بىلەن جانلىق ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بۇ بىرخىل مۇنبەرداشلاردىكى ياخشى ئەھۋال .بىراق شۇ ئىنكاس، تېمىلارنى كۆرىۋاتقان ھەربىر مۇنبەرداش بەلكىم ئەپسۇسلىنىش، يىرگىنىش، نەپرەتلىنىش، ئۈمۈدسىزلىنىش...
كەيپىياتلىرىدا بىز يەنە سەزمىگەن ، ھېس قىلمىغان پىسخىكىلىق داۋالغۇشلارغا دۇچ كېلىپ قەلبىنى ئالەمچە ھەسرەت قاپلاپ ئادىمىيلىك بۇرچ، ئىتقاد ، ياشاش پەلسەپىسىدە تاللاش، بۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىن.
 
******************************
 
    تور دۇنياسىدىكى ياكى ئەتراپىمدىكى مۇھىتتىنمۇ ئىشقىلىپ ئەيتاۋۇر ، نۇرغۇن ئويلىغانلىرىمنىڭ ئىچىگە چۆكۈپ ئالدىمغا نەزەر سالدىم. يېشىم چوڭىيىپ ، ئەقىل يېشىم مۇكەممەللىككە تويىنىۋاتامدۇ ياكى ئىلگىرى ئەقىل كۆزۈمدە نەزىرىمنى ئاغدۇرمىغان چوڭ-كىچىك ، ئېنىق ، مەۋھۇم، بوشلۇقلارغا قايتا قاراپ تەپەككۈر چوڭقۇرلۇقۇمنى قېزىۋاتىمەنمۇ ... ئۆزەمدىن ھالقىپ كېتەلمىگەن .دۆلەت تۈزۈپ بەرگەن نورمال دەم ئېلىش كۈنلىرى شەنبە،يەكشەنبىدىمۇ يەرلىك سىياسەت روھى بىلەن تېمپىراتۇرىنىڭ كۆرىنەرلىك ئۆرلەپ كېتىشى، ھېرىپ - چارچاش ئېسىگە كەلمەي بىر خىل ئىشلەشنى تەلەپ قىلىۋاتقان باشقۇرغۇچىلارغا بولغان نارازىلىقىمنى يوشۇرۇپمۇ ، يوشۇرۇپ بولالماي ئامالسىزلىق ئىچىدىن قارشىلىق روھنىڭ جاسارىتىدە ئامال ئىزلەپ ئۆزەمنى ئۆز ئەركىمچە ھۆرمەتلەپ ئۈن - تىنسىز توربەتتىكى ئىنكاسچانلىق ھەققىدە ئويلاشقا باشلىدىم.
 
     بىلىم ئىگىلىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك روياپقا چىقىپ كەينى-كەينىدىن يېڭى تېخنىكىلارنىڭ ئختىرا قىلىنىشى ، كىشىلەر تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ماددى، مەنىۋى جەھەتتىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىشى، تۇرمۇشتا ھەر بىرىمىزگە ئوخشاش بولمىغان دائىرە، مەزمۇندا خرىس، بېسم، ئېرىشىش، يوقىتىشتىن ئىبارەت ھاياتنىڭ ياشاش مۇساپىمىزدىكى يۈكلىرىنى دولىمىزدا كۆتۈرۋالغان، تار دائىردە ئىجتىمائىيلىشىشقا يۈزلەنگەن ، كىشىلىك مۇناسىۋەت سۇسلىشىپ، كۆڭۈللەردىن ئەقىدە ، ئىمان كۆتۈرۈلۈپ چىن ئىنسانىي مۇھەببەت ، سۆيگۈ يەكلىنىپ ، گۈزەللىك پايخان، ئېھسان، ھىممەت خاراپلىشىپ، ئۆزلۈك يادلىشىۋاتقان بۈگۈنىمىزدىكى مەنىۋى قۇرغاقچىلىق ، ساختىلىق كۆرۈنىشلىرىدىن تور ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىنكاسچانلىقتا ساقلانغان مەسىلىلەرنى شۇ خىل رېئاللىقنىڭ توغرا كەسمە يۈزى دەپ قاراپ ، قېرىنداشلىرىم بىلەن سەمىمىي نىيەت ، قىزغىن كەڭ قورساق پوزىتسىيە، ئىلمىي نەزىرىيە قارشىدا ئورتاقلىششنى لايىق تاپتىم.
    كەڭرى دائىرىدە ئۇيغۇر تور بىكەت ، مۇنبەرلىرىگە ئىشتىراك قىلغىنىمزدا شەكسىز مۇنۇلارنى ھېس قىلىمىز.
    ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرگە پەلسەپىدىكى ھەركەت نەزەرىيىسى بىلەن مۇئامىلە قىلغىنىمىزدا ماكان، زامان، سان، سۈپەت باسقۇچلىرىدىكى ئۆزگىرىش، بىزنى ئوراپ تۇرىۋاتقان مۇھىتنىڭ رەڭدارلىششى، ھەربىرىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان تەربىيە ، ئېرسىيەت ، پىسخىكىمىزدىكى ئىندىۋىدال ئايرىم پەرق، خاسلىق، ئورتاقلىق ، تىمپىرامىنىت، تەربىيلىنىش مۇھىتى قاتارلىق تۇرمۇش پائاليىتىمىزدە ئاكتىپ رول ئوينايدىغان بىرلىكلىرىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن مۇنبەردىكى ھەرخىل تېمىلارغا قاتنىشىش، ئىزلىنىش، تەپەككۈر ھاسلاتلىرىنى جۇغلاش، سەنئەت نۇقتىىسدا تۇرۇپ ئىستىتىك زوق ئېلىش، بىلىم يىڭىلاش، ئىشلىتىش... پەرىقلىرىمىزنىڭ چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال. ئەمما، پىكىر يولى ئېچىشتا قايسىلا نۇقتىدا تۇرۇپ پائالىيەت قىلايلى .ئەقلى ئەمگىكىمىزدىكى ھاسىلاتلارنى كېڭەيتمەكچى، ئورتاقلاشماقچى، ئىنكار قىلىپ يېڭى بىلىم ، قاراشنى مۇئەييەنلەشتۈرمەكچى بولغان ئىنكاسچانلىقىمىز چوقۇم ئادىمىيلىكنىڭ ئالىي نىشانى ئېسل خۇلق، ياخشى سۆز بىلەن باشلانسا ، مۇلاھىزە زەھەر بولماي چوقۇم بالدەك تېز تۇرمۇش رېتىمى جەمئىيەت، خىزمەت ، ئائىلىدە كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان بىزنى يا ئالدىغا ، يا كەينىگە مىڭىشقىمۇ شۈبھە بىلەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان ، ئۆزىمىز سېكۇنت ، دەقىقە ئۆزىمىزچە بولالماي ، ھەسرەتلىك تىنغان ، ئاچچىق خۇرسىنغان، ئۈنسىز بوي بەرگەن چاغلىرىمىز يارا قىلغان قەلىبلىرىمىزگە شىپالىق مەلھەم بولۇپ ، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرۇپ بۈگۈنىمىزگە ، ئەتىمىزگە شۇنداقلا ھەر بىر قېرىنداشلىرىمىزغا ئازادە ، ئەركىن مېھرىلىك باقاتتۇق.
    تولىمۇ ئەپسۇس ، ھازىرغا قەدەر يازغان ئىنكاسلىرىمىزدىكى قاتماللىق، مەمەدانلىق، زەھەر خەندىلىك . تاغنى يازسا ، باغدىن پىكىر جۆيلۈش، تەپەككۈرنى چېچىش، مۇھىم نۇقتىنى ئەگىپ گەپتىن قەستەن گەپ تۇغدۇرۇپ، قۇرۇقتىن –قۇرۇق ، پۈچەك سەپسەتە سېتىش، مەنىسىز ، مۇناسىۋەتسىز چىراي ئىپادە كىرگۈزۈش، ئوقۇغىنىنى، بىلىۋالغان بىر يېرىم چەتئەللىك تەتقىقاتچىنىڭ چۈشەنچىىسىنى ماھىيەتتە تېگىگە بىلىپ يېتەلمىسىمۇ شەكلەن قوغلۇشۇپ بىلەرمەنلەرچە ھەدەپ تەشەببۇس قىلىش، ئويغاق تەپەككۈرچانلىققا يات ، ئەتراپىمىزدا رامكا ئازدەك جانلىق پىكىر ، ئىزلىنىش يولىنى جاھىللىقتا قېلىپلاشتۇرۇش، ئۆزىنىڭ مەزمۇن ھەم شەكلى بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشنى ئاۋارچىلىق كۆرۈپ ، يۈگرەپ يىقىلىپ تۇرسىمۇ ئۆزىنى تونۇشنى نومۇس، ھېچكىم بولمىسا پاكىتسىز ھالدا ئۆزىدىن چىقىپ ئۆزىدىن سەۋەپ ئىزلىمەي توغرىسى ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ئېڭى سۇس ساختىپەزلەرنىڭ ئىلىمگە ، ئۆزىگە خىيانەت قىلىپ ئىنكاسچانلىقنى ئاسرىغان ، ئالتۇندەك ساپلىق ، ئانا سۈتىدەك پاكلىق، ئىلمىي يوسۇندا كۆيۈم پەزىلەت بىرلە تۈرتكىلىك بېرىشنى يىراققا تاشلاپ ساپاسىز، كەچ قالغان بازارچىدەك ئالدىراپ، ياخشى مېۋىگە بالدۇر چۈشكەن قۇرۇتتەك غاجاپ، جاھالەتچىدەك قارا-قويۇق يېزىش شۇنچىلىك ئېغىر...
 
******************************
 
    ئىنكاسچانلىقتىكى قىزغىنلىق : 

   
مەن ئىنكاسچانلىقتىكى قىزغىنلىق ئۈستىدە گەپ باشلاشتىن بۇرۇن بۇ ھەقتە كاللامدا نۇرغۇن ئويلىنىش، تالاش –تارتىش... دىگەندەك ھاسىلاتلار كېچىپ ئەڭ ئاخىرقى تاللىشىمدا «قىزغىنلىق»نى بىرەر پەن، بىرەر ساھە كەسپى مەزمۇن بويىچە ئىزاھاتسىز پەقەتلا ئىنكاسچانلىقتىكى ئورنى، رولى، قاتلىمى بويىچە مۇنبەرداشلارغا ئۇچراشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
    قايسىلا مۇنبەرنى، بىكەتنى ئارلىمايلى ئىنكاسچانلىقىمىزدىكى قىزغىنلىقنى بىلمىگىمىز ئاددىيلا بىر ئىش .نادىر ، جەۋھەر، بىر قەدەر يۇقىرى سەۋىيىلىك ، پايدىلىنىش ئورنى كەڭرى ، ئىشلىتىش قىممىتى يۇقۇرى «ئىدىيىۋىلىكى، بەدىئىيلىكى»ئەسەرلەر بولسۇن ياكى ئىجادىيەت، مەزمۇن، ئىپادىلەشتە قسمەن يېتەرسىزلىك مەۋجۇت ياكى بىر پۈتۈنلۈكتە مۇكەممەلدەك كۆرۈنسىمۇ ئەمما ئۆزگىچىلىكى بولمىغان ئەسەر بولسۇن ۋەياكى جىددىي بىلدۈرگۈ دىن تارتىپ ھەممىسىدىلا قىزغىنلىقنىڭ قاپلىنىش دائىرسىنىڭ كەڭرىلىكىنى ئۇچرىتىمىز. ئەمەلىيەتتە مۇنبەرلەردىكى ئىنكاسچىلارنى ھىچكىم بىرەر ئېغىز مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن قىستۇرۇشقا، چىراي ئىپادىسى كىرگۈزۈپ قويۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ. بىراق ھەربىرىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى ھسىياتىغا تايىنىپ، ھېچنىمە دېمەي چىراي ئىپادە يوللىغىمىز كەلسە ، مۇناسىۋەتسىز مەزمۇن «يوقاپ كەتتىڭ ، ھېلىقى ئىش قانداق بولدى، تىلفۇن نومۇر ئۆزگەردىما...»قوشۇپ يۈرسە، بەزىلەر شۇ تېمىدىن ئالغان تەسىراتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ،ئىكار قىلىش قارىشىدا ،يەنە بەزىلەر شەخسىي غەرەز، ناچار ، چاكىنا ، تەسىرى ئوبدان بولمىغان قاراتمىلىقى كۈچلۈك ئىنكاس يوللاپ قىزغىنلىق ئىشتىراكچىسى بولىۋىلىشىدۇ. مەن بۇ مەزمۇنلارنى دىيىش ئارقىلىق ئىنكاسچىلارنى تەنقىدلەش، قابىلىيەت، ئوبرازىنى باھالاشنى مەقسەد قىلمىدىم. پەقەت ئىنكاسچانلىقتىكى قىزغىنلىقنىڭ ماھىيەت، خاراكتېر، شەكلىنى سۆزلىدىم ، خالاس!
    قىزغىنلىقنىڭ مەزمۇن ، شەكىللىرىدىن ئۇنىڭغا يوغۇرۇنغان ، يوشۇرۇلغان، ئىسراپچىلىقلارنى سەزدىم.

    قىزغىنلىقنىڭ قوش يۈزىگە تەپسىلىي قاراي دەپ ، قىزغىنلىقنىڭ ئىچىگە چۆكىۋېتىپ قىزغىنلىقنىڭ يۇيۇلمىغان يۈزىدىكى ھەقىقەت كىرلىرىگە قارىدىم. بىرى تاغدىن، بىرى باغدىن، يەنە بىرى سالامدىن قالغان كىرلەرنىڭ كۆرۈمسىزلىكى بىلەن ئوقۇرمەنگە بېرىدىغان تەكەببۇرلىقى ... قىزغىنلىقىنىڭ يۈزىدىكى كىرلەرنى ھەقىقەت دەپ ئاتىغانلىقىم ئۈچۈن بەلكىم قىسمەن ئوقۇرمەنلەر بۇنى تەنە ياكى چۈشەنچىنى ئىپادىلەشتىكى ئۇقۇم خاتالىقىمىدۇ دىگەندەك ئويلارنى قىلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە مەن« ھەقىقەت» نى پەقەت مۇشۇ مەزمۇندىكى پاكىت كۆرۈنىشىگە باغلاش ئۈچۈن ئىشلەتتىم. چۇنكى ھەقىقەتنىڭ ئۆزى بىر ئەمەلىيەت. ئۇ كىچىك ، چوڭ، ياكى ئىجادى، سەلبى بولىشىدىن قەتئىينەزەر ئىشقىلىپ ئۇ بەرىبىر ئەمەلىيەت. دىمەك قىزغىنلىقنىڭ يۈزىدىكى كىرلەر ھەرخىل مەزمۇن ، ھەرخىل شەكىلدە قىزغىنلىقنىڭ يۈزىگە ئۈستى-ئۈستىلەپ قوشۇلۇپ قوپال، ئىلمىي بولمىغان پوزىتسىيىدە ، نوقۇل شەكىل گۈزەللىكىلا قوغلىشىپ چىن گۈزەللىكنى سەتلەشتۈرۈپ پايخان قىلىدىغان نائۇستا گىرىمچىكلەرنىڭ خالىغانچە كۆرۈمسىز گىرىم قىلىپ ، بىشەملىكتە كۆكەرتىۋەتكەن يۈزىنى كۆردۈم. يۇيۇشقا تەمشىلىپ قىزغىنلىقنىڭ يەنە بىر يۈزىدىكى«سىرلار»دىن ئەيمىنىپ جاسارىتىمنى يىغىپ پۇرسەت ئىزلىدىم. قىزغىنلىقنىڭ يەنە بىر يۈزىدىكى سىرلارغا قاراپ «سىرلىق، سىر»دېگەن سۆزلەرنىڭ لۈغەت مەنىسى كاللامدىن لىپ كېچىپ ئۆتتى. ئادەتتىكى نەرسىلەرگە قارىغاندا سىرلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ تۇيغۇسى سەل مۇرەككەپ. ئىنكاسچانلىقتىكى قىزغىنلىقنىڭ يۈزىدىكى سىرلار«يىراق، يىقىندىكى ئەدىب، ئالىملارنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىدىن نەقىل، قامۇسلاردىن ئۈزۈندە، لۈغەتلەردىكى تەرجىمىلەردىن كىرىشتۈرۈپ ، مەمەدانلىق قىلىش، بىلىمسىزلىكىنى ئۆزىدىكى بىلمىگەنلىكىدىن ئىزلىمەي ، يېرىم چىلەك سۇ شالاقشىغاندەك ھەدەپ ئۆزگىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ ، ئىناقسىزلىق ئۇرىقىنى چېچىۋىتىپ ، مۇتىھەملىك قىلىش، شەخسىيەتچىلىك بىلەن مەزمۇنسىز ئىززەت ھۆرمىتىنى ساختىلىققا جىنىنىڭ بارىچە ئوراپ ، يانغا چىقىپ كېلىۋاتقان ،كېتىۋاتقانلارغا ساماننىڭ ئاستىدىن ، سۇ يۈگۈرتۈپ يول كۆرسەتكۈچى بولىۋالغان، تالاش –تارتىش جوداغا ئايلانغاندا ئادىللىق، سەمىمىيەت توغرىسىدا سەپسەتە سېتىپ كور ئەقىلسىز قازىنىڭ يىنىدىكى پىر كامىل، دانا مەسلىھەتچى كۆرىنىشىدىكى ... »سىرلارنىڭ بىر-بىرىگە جىملىيىشى ، دومسىيىشدىن خىرە يورىۋاتقان قىزغىنلىقنىڭ يۈزىدىكى يۇيۇلمىغان يۈزىگە روشەن سېلىشتۇرما سىرلارغا ئايلانغان بەزى سىرلارنى ئېچىپ –ئېچىۋىتىشكە ماھىر بولساقمۇ ئەمما، ھازىرغىچە قادىر بولالماي شۇ سىرلارغا يوشۇرۇن بولسىمۇ سەت قاراۋاتىمىز.
    ئىنكاسچانلىقتىكى قىزغىنلىقنىڭ يۈزىگە يوشۇرۇنۇپ، يوشۇرۇنماي بىزنى يەۋەتقان مەسخىرلەر ..
قوش ئىسراپچىلىق ـ ئوقۇرمەن ھەم ئىنكاسچىنىڭ ۋاقتىنى ئىگەللەپ ئىككى تەرەپكە مۇئەييەن دەرىجىدە زىيان سېلىۋاتقان ۋاقىت ئىسراپچىلىقى. ئىنكاسچى تېمىغا يازغان مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتسىز ئىشقىلىپ قىممىتى يوق ئىنكاسنى يېزىشقا كەتكەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ، يازغان ئىنكاسنى ئوقۇشقا سەرىپ قىلىنغان ئوقۇرمەننىڭ ۋاقىت ئىسراپچىلىقى . ھەر بىر ئوقۇرمەننىڭ مۇنبەرگە ئەزا بولۇش ، ئەسەرنى ئوقۇش، چۈشۈنۈشكە يۈزلىنىش، مۇددىئاسى ، تاللىشى ھەرگىز بىرىنىڭكىگە بىرىنىڭ ئوخشىمايدۇ. شۇ ئاستا ئوقۇرمەننىڭ ئىنكاسچىنىڭ ئىنكاسىدىن ئېرىشىدىغان ھاسىلاتىمۇ پەرىقلىق ئەلۋەتتە. بۇ يەردە قوش ئىسراپچىلىقنى شەكىللەندۈرگەن مەسئۇلىيەت جاۋاپكارى شەكسىز ئىنكاسچى بولىدۇ . بۇنى تەپسىلىي شەرھىيلىمىسەممۇ ئەقىللىق دوستلار چوقۇم ھېس قىلىپ يىتەلەيدۇ. ئەگەر ھەربىر ئىنكاسچى ھەربىر ئىنكاسىغا قوش ئىسراپچىلىق قىلمىشىنى سادىر قىلماسلىقىنى ئەھدە قىلغان ئاساستا مۇئامىلە قىلسا بىر يولدا قوش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

    قوش مەنىۋىيەت ئىسراپچىلىقى ـ قوش مەنىۋىيەت ئىسراپچىلىقىنىڭ شەكىللىنىشىمۇ يەنىلا ئوخشاش قوش ۋاقىت ئىسراپچىلىغىدەك بىر جەرياندۇر، خالاس!

    بەلكىم بەزى ئىنكاسچىلىرىمىز خالىمىغان ئىنكاسلارنى كۆرمىسە ۋاقىت ، مەنىۋىيەت ئىسراپچىلىقى چىقماس ئىدى . دەپ قارىشى تۇرغانلا گەپ. بىر ئەسەر ، بىر ئەدىب بىر ئۆزىگە تەۋە بولۇشتىن سىرت شۇ مىللەت. خەلق، دەۋرگىمۇ مەنسۇپ. بەزى ساپاسىز ئۆكتىچى ئىنكاسچىلار ياخشى چىققان ئەسەر ، ئەدىبلىرىمىزگە خىيانەت قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئىززەت –ھۆرمىتىنى قاراپ تۇرۇپ ، پايخان قىلغان ئىنكاسلارنى كۆرگىنىمىزدە تەبىئىي ھالدا شۇ ئەسەر ، شۇ ئەدىپنىڭ ئۈستىدىكى ناھەقچىلىققا چىدىيالماي يۈكسەك مەسئۇلىيەت ، توغرىسى ئادىمىيلىك ھېسيات، ئەقىل، ئەخلاق –پەزىلەت قارىشىدا ئىشتىراك قىلساقمۇ ، جاھالەتچى ئىنكاسچىلار «يۇمشاق قۇرۇت ، قاتتىق دەرەخنى »بىمالال تويغۇزماي يېيەلىگىنىدەك ئۇلارمۇ ھەرخىل ھىيلە-مىكىردە ئەتراپىغا جۆلىگۈچى توپلاپ بىزنىڭ مەنىۋىيىتىمىزنى نومۇسسىزلارچە سېسىتىشقا ئۇرۇنۇپ قوش ۋاقىت ئىسراپچىلىقىغا ئوخشاش ، قوش مەنىۋىيەت ئىسراپچىلىقى قىلىشىدۇ. ۋىجدانلىق ، پەزىلەتلىك ئىشتىراك قىلغۇچى ئۈنۈمسىز مۇلاھىزىدىن ، سۈكۈتنى ئەلا بىلسە ، ئەخمەق ئىنكاسچى ئۆزىنى غالىب چاغلايدۇ. بىراق، ئۇ« مەغرۇر قوماندان ،جەڭدە مەغلۇب »بولىدۇ دىگەن ھېكمەتنى ئۇنتۇلغان بىچارە مەغلۇبىيەتچىلىكىنى بىلمىگەن ئەبلەخ! 

    ئىقتىساد ئىسراپچىلىقى ـ تەپسىلىي سۆزلىمەي پەقەت تورنىڭ سۈرئىتىگە زىيان سالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتتۇم. يۇقۇردىكى ئىسراپچىلىقلاردىن باشقا مەنىۋى مۇھىت ،كەيپىيات... ئىسراپچىلىقلىرىمۇ ئويلىنىشىمزغا تىگىشلىك مۇھىم تەرەپ.

ھەممىمىزگە ئايانكى ياخشى خارەكتېر ، ساغلام ئىدىيە ، تىتىك ، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت، كەڭ قورساق ، سەمىمىي پوزىتسىيە قىزغىنلىقىنىڭ ئىپادىسى. بۇ قىزغىنلىق ئەتراپتىكى ئىشلار ئۈچۈن شەخسىيەتسىز، سەمىمىي ھېسيات، ئاكتىپ پوزىتسىيە ، جانلىق قوش لىنيىلىك پىكىر يولى ئاچىدىغان مۇھىت ئارقىلىق ئىجادىي ئەمگەكنىڭ قىممىتىنى تونۇيدىغان، قىممەت قاراش ، شۇنداقلا ئۇنۋىرسال ساپاسىنىڭ مېۋىسىنى سوۋغا قىلىپ مەنىۋى ئىجاتچانلىقنىڭ خۇشاللىق بەرگۈچى، ئېرىشتۈرگۈچى كاپالەتتۇر.

سەمىمىيەت ـ ئەرەپچە «سەمىيمىلىك ،سادىقلىق،ساداقەتمەنلىك،ساداقەت دېگندەك مەنىلەرنى »بىلدۇردىغانلىقىنى تەپسىلىي كۆرۋىتىپ ئىنكاسچانلىقتىكى قىزغىنلىقنىڭ  بىز ئۇنتۇلۋاتقان يۈزى سەمىمىيەت ھەققىدە ئويلاپ قالدىم.ئەسىلىمۇ بۇ مەسلە ئۈستىدە تەپەككۈرۈم كۈندىلا قاناتلىق ئىدى.دۇنيادىكى تۈرلۈك تۈمەن مەۋجۇداتلارنىڭ ئوخشىمىغان شەكىل،مەزمونلارنىڭ ئىلكىدە ھەرخىل ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ساقلىشى ھەر بىر تەپەككۈر قىلغۇچىدىكى ھاسىلاتى تۇپتىن ئۇخشاش ئەمەس.چۇنكى كىشىلەرنىڭ شەئىيلەرنى بىلىشتىكى سۈبىكتىپلىقنىڭ پەرىقلىقنىڭ بولغانلىقىنىڭ مەھسولىدۇر.سەمىمىيەت ئەمەليەتتە كىچىك ياكى چوڭ دائىردە جەمىيەتنىڭ ھەر ساھە ،قاتلاملىرىدا قاپلىندۇ.پەقەت بىزنىڭ ئۇنى بايقاش،بايقىماسلىغىمىزدىكى ئىلگىرى -كېيىنلىك ،بىلىشىمىزدىكى تىيز-چوڭقۇرلىقىمىز،قىممەت قارشىمزدىكى ئوخشاش بولمىغان ئۆلچەم ،پىرىنسپلىرىمىز ...ئارقىلىقلا بەزىدە جۇلانسا ،بەزىدە خرەلىشىپ كۆڭلىمىزگە نۇرغۇن ھاياجانلىق ئىستەكلەرنى ئويغىتىدۇ.ئەمما ،تۆھپىنىڭ -چوڭ كېچىكى بولمىغىندەك سەمىمەتنىڭمۇ مەنچە چوڭ -كېچىك تەرىپى يۇق.چۇنكى ئۇنىڭ ھىس قىلغۇچىغا ،بايقۇغۇچىغا ،يىتەكلەنگۈچىگە بەخىش ئېتدىغىنى يەنىلا«سەمىيمىيەت،ساداقەتمەنلىق،ساداقەت»گۈزەل ئەخلاقى پەزىيتلەتتىن ئىبارەت خالاس!

شۇڭا مەن ئويلۇدۇم. ئىنكاسچانلىقتىكى سەمىمىيەتمۇ بەلكىم بىزنى ئوراپ تۇرغان بولسىمۇ ،ئوخشىمىغان باھانە -سەۋەپلەر بىلەن كۆرۈشىمىز،بايقىشىمىز،يۈزلىنىپ،مۇئامىلىنى مەزمون-شەكىلنىڭ يۈكسەك بىر-برىنى شەرت قىلىشى پىرىنسىپلىرى بۇيىچە جارى قىلدۇرۇپ كۆرمىگەندىمىز.

مەن تېمىىنى ئاخىرلاشترۇش ئالدىدا مەشھور ئاخپاراتچى زو تاۋفىننىڭ«دۇنيادا ساختىلىق قىلىش،ئەڭ قاتتىق قاتتىق ئازاپ-ئۇقۇبەتتۈر،سەمىيمى بۇلۇش ئەڭ زور خۇشاللىقتۇر  »دېگەن ھىمكەتلىك سۆزىنى ھەدىيە قىلىمەن.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY