باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-22 12:51 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئىككى پارچە نەسىر ھەققىدە ئويلىغانلىرىم

مېھىرگە قايتىش


مۇتىللا قىرانى


    تاۋكالاردىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم. ھوشۇقلارنىڭ ئوڭ-تەتۈر چۈشىشى چۈشۈمگىمۇ كىرمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئايالىمنىڭ مۇز چىرايىغا تەبەسسۇم ئالماشتى. بالىلارنىڭ ئەركىلەشلىرى، چالا، چۈچۈك تىللىرى ئىشتىھايىمنى ئاچقان ئىدى. ھەي، تاۋكا ئارىلاپ يۈرگەنلەردە ئېسىل تائاملارمۇ ئۆتمىگەن ئىدى، ئەمدىلىكتە تاشتەك قېتىپ كەتكەن نانلارنى ھوزۇر بىلەن يەۋاتىمەن. 
    مېھىر دېگەن شۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ. ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلىشقا باشلىدىم. بالىلارنىڭ كۆزلىرىدىكى شادلىق نۇرلىرى، يۈرىكىمنى گاھ يايراتسا گاھ ئېچىشتۇراتتى. ئۇلارنى قولۇمدىكى تۆت ئوشۇقچىلىك كۆرمىگىنىمنى ئويلىسام، ئۆزۈمنى كەچۈرەلمەيمەن.
    قويۇق ئىسقا توشۇپ كەتكەن، چىرايلاردىمۇ قان دىدارى يوقتەك سارغايغان، كۆزلەردىن بىر خىل رەزىللىك ماراپ تۇرغان بۇ جاي مېنىڭ ئامراق تاۋكارىم ئىدى. تالاي كېچىلەرنى مۇشۇنداق يەردە تاڭغا ئۇلىغانمەن. ھەمراھلىرىم بىلەن گاھ دوستلىشىپ، گاھ مۇشتلىشىپ ئۆتتۈم. بارلىقىمنى دوغا تىكىپ، ئۇتسام كۈلەلمەي، ئۇتتۇرسام ئۆلەلمەي يۈرگىنىمچۇ تېخى ...
    قولۇمدىكى ھوشۇقلار مەسخىرىلىك كۈلۈپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىگە پىسەنت قىلماي، ئۇلارنى سۆيەتتىم. ئۇلارنىڭ سىياھ چۈشۈشىشىنى تىلەيتتىم. باشقىلارنىڭ ئاھ ئۇرىشىنى شۇنداق كۆرگۈم بار ئىدى. لېكىن، كۈتكەن نەتىجىنى كۆرەلمىدىم. كۆرگىنىم، ئۆزۇمنىڭ ۋەيرانچىلىقى، خوتۇن-بالىلىرىمنىڭ ماكانسىز قىلىشى بولدى.
    ئاھ ئۇردۇم، مەيدەمنى مۇشتلاپ تۇرۇپ يىغلىدىم. كېچىككەن ئىدىم، قولۇمدىكى پۈرلەشكەن دەسمايەمنى، ئۆيۈمنى، جۈملىدىن ھەممىنى دوغا تىككەن ئىدىم. ئەشۇ تۆت ئوشۇق مېنى خانىۋەيران قىلغان ئىدى. ئوشۇقلارنى زەردە بىلەن پىرقىرىتىپ ئاتتىم. توۋا دەيمەن، بۇ نىجىس ئۇشۇقلار تەرەپ-تەرەپتە سىياھ چۈشۈپ، مېنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تېترەپ تۇرىشاتتى. دوسىز ئېتىلغان ئوشۇقلارغا ئەلەم بىلەن قارىدىم. بۇگۇننى قەيەردە ئۆتكۇزۇشنى ئويلىغىنىمدا، يۈرىكىمگە تىغ سانجىلغاندەك تولغۇنۇپ كەتتىم.
    مېھرى-مۇھەببەت مېنى قايتۇرۇپ كەلدى. تار ھەم قاراڭغۇ يەر ئاستى ئۆيى مېنى قاباھەتتىن ئويغاتتى. بالىلارنىڭ سۇلغۇن چىرايى، ئايالىمنىڭ كۆڭۇل ياساپ بەزلەشلىرى ئېچ-ئېچىمنى ئۆرتىۋەتتى. ئۆي كېچىك، قاراڭغۇ بولغىنى بىلەن، بۇ يەردە بىر تەگسىز مېھرىبانلىق ھەم ۋاپادارلىق بار ئىدى. يۈرىكىم ئاستا-ئاستا ئىللىشقا باشلىدى. ئوشۇق ئېتىپ، تېترەيدىغان بولۇپ قالغان قوللىرىم تىترەشتىن قالدى.
    ئايالىمنىڭ قولىنى چىڭ تۇتتۇم، بالىلارنى قۇچاقلىدىم. ھەممىنى باشتىن باشلاش قارارىغا كەلدىم. روھىمنى پاكلاش ئۈچۈن ئۆزۇمگە قەسەم بەردىم. سەھەردە بالىلارنىڭ ئوماق كۇلكىسىنى ھەمراھ قىلىپ، ئۈچ چاقلىق ۋەلسىپىتىمنى سۆرەپ ماڭدىم. ئايالىم كەچتە قولۇمدىكى پارچە پۇللارنى كۆرۇپ سۆيۇندى. ئۇنىڭ مىھىرلىك تەبەسسۇمى مېنى ئۇمۇدلەندۇردى.
    مەن بەك ئاز ئۇخلايتتىم. چارچىغىنىمدىن ئەمەس، چۈش كۆرۇشتىن قورقاتتىم. چۈشىمدە يەنە تەۋكا قۇرۇشنى، ئائېلەمدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى ئۇتۇشنى خالىمايتتىم. بالىلارنىڭ تاتلىق ئۇخلاشلىرىنى كۆرۇش مېنىڭ خوشاللىقىمغا ئايلانغان ئىدى.
    مەن تاۋكالاردا يۇرگەن چاغلىرىمنى ئەسلىدىم. شۇ چاغلاردا، مېنىڭ كۇلگەن ۋاقتىمدىن يېغلىغان تۈنلىرىم كۆپ ئىكەن. سەپرا مىجەز بولغىنىمدىن، مېنى سۆيىدىغان ئادەملىرىمنىڭ دىلىغا ئازار بەرگىنىمنى ئويلىغۇم كەلمىدى. ئۇلارغا قارارغا يۇزىم يوقلىقىنى بىلەتتىم. لېكىن، ئۇلارنى مېھرى مېنى قايتۇرۇپ كەلدى، روھىمنى پاكلاشقا يەنە پۇرسەت ئاتا قىلغان ئىدى.
    ئاخىر، ئوغلۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە گۆش يېيەلىدىم. قولۇمدىكى ئوشۇققا قاراپ خىيالغا كەتكىنىمنى بىلمەيمەن. كۆزلىرىم ياشلاندى، ئايالىمغا، بالىلىرىمغا قارىدىم. ئۇلارغا بىر نەرسە دېگۇم باردەك ئۇمتەلدىم. ئەمما، بوغۇزۇمدا بىر نەرسە تۇرۇپ قالغاندەك ئۈن چىقىرالمىدىم. تۇيۇقسىز ئوغلۇم قولۇمدىكى ئوشۇقنى يۇلۇپلا ئالدى-دە، سىرىتقا بار كۈچى بىلەن پىرقىرىتىپ ئاتتى. ئۇ كۆزلىرىمگە يەر ئاستىدىن قاراپ تۇرۇپ ئاستا، ئەدەپ بىلەن: " مەن ئوشۇقتىن يىرگىنىمەن " دېدى. يۈرىكىم ئېچىشتى، پۇتۇن ۋۇجۇدۇم تېترەپ كەتتى.
    ئوغلۇمدىن سۆيۇندىم، ئايالىم تېخى تىترەشتىن توختىمىغان قولۇمنى ئاستا تۇتتى. يۇرىكىمگە ئۇلارنىڭ مېھرى قايتىدىن ئېقىپ كىرگەندەك بولدى.


ئۆزۈمنىڭ بېكىتى

 
    بۇ لىنىيىگە پەقەت سەككىز بېكەت يېزىلغان. لېكىن مەن توققۇز يەردە توختاپ ئۆتىمەن.
سېنىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا، ئوخشاش يەردە ئاپتۇۋۇز كۇتۇپ تۇرىدىغىنىڭ ھېلىھەم ئېسىمدە. ئۇ يەردە قانداقلارچە بىر رەت توختاپ ئۆتكىنىمنى بىلمەيمەن. قول كۆتۇرمىگىنىڭنى باشقىلارنىڭ غۇدىراشلىرىدىن بىلدىم. ئەمما، مەن يەنىلا توختىدىم.
   ماڭا تېخى ئېيتىپ بەرمىدىڭ. ئاپتۇۋوزىمدا سەن ئولتۇرغىدەك بوش ئورۇن بولسىمۇ، سەن ھامان ئۆرە تۇرۇپ مېڭىشنى تاللايتىڭ. يان دەرېزىدىن كوچىلارغا قارىغىنىڭدا، پەرىشان چىرايىڭنى كۆرەلەيتتىم. كۆز ياشلىرىڭنى زورىغا يوشۇرىۋاتقانلىقىڭنى بىلسەممۇ، سوراشقا پىتىنالمايتتىم.
    سىم-سىم يامغۇر ياغقان ئەشۇ كۈنى ئۆزۇمنى ئەيىپلىدىم. مەن بۇرۇنراق بېكەتتىن قوزغالغان بولسام، سەنمۇ بۇنچە يامغۇردا قالمىغان بولاتتىڭ. نىمىشقا كۈنلۈك ئېلىۋالمىغانلىقىڭنى بىلمىدىم. ئۇزۇن يېپەك كېيىمىڭ يېڭى يۇيغاندەك بولۇپ كېتىپتۇ. چاچلىرىڭدىن سىرغىغان يامغۇر تامچىلىرى گۈل بەرگىدىن تۆكۇلىۋاتقان شەبنەمدەك، مەڭزىڭنى سۆيۇۋاتاتتى.
    تامچىلارغا كۈنلىكىم كەلدى. لېكىن، مەن تامچە بولالمايتىم. تامچىلارنىڭ مەڭزىڭگە سۆيۇشىنى توسۇش ئۈچۈن، ساڭا نەچچە كۈنلۈك سىتىۋالدىم. كۈنلۈك دۇكىنى ئاچقۇدەك بولغان بولساممۇ، بېرەرنى ساڭا بېرەلمىدىم.
    مەن ھەر كۈنى ئۆزۇمنىڭ ئالتىنچى بېكىتىگە كەلگەندە سېنى ئۇچرىتىمەن. بۇ بېكەت پۇتۇن لېنىيىدە ئەنگە ئېلىنمىغان بولسىمۇ، مەن توختاپ ئۆتىمەن. چۈنكى، مەن بۇ بېكەتنى سېنىڭ ئۈچۈن ئۆزۇم تەسىس قىلغانمەن. باشقا بېكەتلەرنىڭ نامى بار، پەقەت مەنلا بۇ بېكەتنى ئالتىنجى بېكەت دەيمەن. باشقىلار بۇ بېكەتنىڭ نامىنى بىلمەيدۇ، سەنمۇ ھەم بىلمەيسەن. مەن بۇ بېكەتتىن سېنىڭ ئاپتوۋۇزغا چىققانلىقىڭغا ئىشەنچ قىلمىغۇچە قوزغالمايمەن. بۇ بېكەتتە ئاپتوۋۇزۇمنىڭ نەچچە رەت بۇزۇلۇپ قالغىنىنى ساناپ بېرەلمەيمەن. باشقىلارنىڭ ئاچچىق تىللىرىغا كۆنۇپمۇ قالغانمەن. تىل ئاڭلاشقا رازىمەنكى، سېنى تاشلاپ كېتەلمەيمەن.
    سەن ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش بېكەتتە مېنىڭ ئېلىۋىلىشىمنى قوبۇل قىلىسەن. ئاخىرقى بېكەتكە بارغاندا، يەنە ئاپتوۋۇز كۇتۇپ قالىسەن. سېنى مەنزىلىڭگە يەتكۇزۇپ قويغۇم بولسىمۇ، ئامالسىزمەن. چۈنكى، بېكەت باشلىقىنىڭ تىللاشلىرىدىن ئەمەس، سېنىڭ خالىماسلىقىڭدىن ئەنسېرەيمەن. بۇ يول لېنىيەسىنى نېمىشقا بۇنچە قىسقا قىلىپ بېكىتكەن بولغىيدى؟ ناۋادا مەن بېكەت باشلىقى بولۇپ قالسام، سېنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس لېنىيە ئاچاتتىم، سېنى يەنە ئاپتوۋۇز كۇتكۇزۇپ بىتاقەت قىلمايتتىم. 
    ئوخشاش ۋاقىتتا، ئۆزۇمنىڭ بېكىتىدە يەنە سېنى ئۇزۇتۇپ قويىمەن. سەن ھامان ماڭا خوشمۇ دېمەي چۇشۇپ كېتىسەن. مەن سەن خىلى ئۇزاپ بولغۇچە ئاپتوۋۇزنى قوزغىمايمەن، سېنىڭ ئارقاڭغا قاراپ تەبەسسۇم بىلەن خوش دېيىشىڭنى كۇتىمەن. مېنىڭ كۇلكەڭنى بىر كۆرگۇم بار ئىدى، لېكىن كۆرۇپ باقمىدىم. خوشاللىق، كۇلكە، تەبەسسۇمنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغىنىڭغا ئىشەنمەيمەن. يۈرىكىڭنى ئەزگەن، سېنى خوشاللىقتىن يېراقلاشتۇرىۋاتقان، ئازابلىرىڭنى ئېيتىپ بەرگىڭنىڭ بار-يوقلىقىنى سورىغۇن بار بولسىمۇ، سورىيالمەيمەن. چۈنكى، ئىككىمىز تونۇش ھەم ناتونۇش. بىز بۇ لېنىيىدە پەقەتلا مېھمان ھەم ساھىبخان، خالاس.
    قولۇڭدىكى ئۇزۇكنى كۆرۇپ، ئۇمىدسىزلەندىم. شۇندىمۇ، ئالتىجى بېكەتتە توختىماي ئۆتەلمەيمەن. سەن سېرتلارغا قاراپ خىيال سۇرىدىغان دەرېزىگە كۈنلۈك ئېسىپ قويغىنىمنى ھېس قىلغان، قىلمىغىنىڭنى بىلمەيمەن. سېنىڭ ئۇ كۈنلۈكنى ئېلىپ چۈشۈپ كېتىشىڭنى قانچىلىك خالايدىغىنىمنى بىلسەڭ ئىدى، يۈرىكىمنى چۇشەنگەن، كۈنلۈكنى ئېلىۋالغان بولاتتىڭ.
    ئۆزۇمنىڭ بېكىتىدە سېنى كۇتتۇم، يولۇچىلار باشقا ئاپتوۋۇزغا ئالمىشىپ كېتىپ بولدى. سېنىڭ قاراڭنى كۆرمىدىم، چىرايىڭنىڭ سۇلغۇن ياكى تەبەسسۇم قىلىشنى ئۆگەنگىنىڭنى شۇنداق بىلگۇم بار ئىدى. ئەپسۇس، سېنى يوقىتىپ قويغان ئىدىم.
    ئوخشاش ۋاقىت، ئوخشاش بېكەت چۈشتەك ئۇنتۇلماقتا. بېكەتنىمۇ يول لېنىيەمدىن ئۆچۇرىۋەتتىم. ئەمما، سېنى ئۇنتۇيالمىدىم. ھەر نۆۋەت بۇ بېكەتتىن ئۆتكىنىمدە، تەشنالىق بىلەن قاراپ ئۆتىمەن. ئالتىنجى بېكەتتە سەن بولمىغىنىڭ بىلەن، تېنەپ يۇرگەن بىر پىنھان سۆيگۈ مېنى كۇتىۋالىدۇ.


ئىككى پارچە ئەسەر ئۈستىدە قىسقىچە تەھلىل


ئايزىت


    ئەدەبىي ئەسەرلەر ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى مەنبە قىلىپ يازغۇچىنىڭ سوبىكتىپ ئىدىيىۋى ھېسياتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قەلبىنى ئوخشاش بولمىغان دائىرىدە تەسىرلەندۈرۈپ رەڭگارەڭ تۇرمۇشنىڭ كارتىنىلىرىدە لەرزىگە سالىدۇ. يۇقاردىكى قىراننىڭ قىسقا ،مەزمۇنلۇق جۈملىدىن چىن سەمىمىي ھىسياتلىرىنىڭ سىڭىشىدىن يېزىلغان ئىككى پارچە نەسىرنى ئوقۇپ ھەۋەسكارلار قاتارى ئويلىغانلىرىمنى يازغۇم كەلدى. مەن پىشقان قەلەم ئىگىسى، تالانتلىق ئەدىبىي ئوبزورچىمۇ ئەمەس بەلكى ئەدەبىياتنى ،تۇرمۇشنى سۆيىدىغان ئادەتتىكى بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى، خالاس!
    مەن قىراننىڭ ئىككى پارچە نەسىرى ھەققىدە ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي ،قېرىنداشلار ئورتاقلىشىپ باقايلى.
    نەسىر قىسقا ھەم ئىخچام يېزىلىدىغان ئەدەبىي ژانىر. ئۇ يېزىلىش جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى، يەنى تىل ئىشلىتىش، ھېسىيات ئىپادىلەش، مەزمۇن ئەكىس ئەتتۈرۈش قاتلىمى جەھەتلەردىن ئۆزىگە خاس خارەكتىرلىنىپ ئوقۇرمەندە سەنئەتلىكى بىلەن پاسائەتلىك گۈزەل ھېس تۇيغۇلارنى، ئىزگۈ تىلەكلەرنى ئويغاتسا قۇراللىقى بىلەن ھايات ،تۇرمۇش ،تەغدىر -قىسمەتلەر ھەققىدە پاك ۋىجدان، چىن ئەقىدە، ئىمان- ئېتىقاد، ھايا-نومۇس بىرلە تەپەككۇر قىلىپ چىن ئىنسانىي مۇھەببەت يۈكسەكلىدە ئادىمىيلىكىنى تونۇشقا ،ياشاشقا ئۈندەيدۇ. قىراننىڭ «مېھرىگە قايتىش »سەرۋەرلىك بۇ نەسىردىمۇ قىسقا ،ئىخچام سيۇژىت ئارقىلىق بىر پۈتۈن مۇكەممەل ئائىلىدىكى ئىللىقلىقنىڭ ھىممىتىنى ئاددى تۇرمۇش تەسۋىرلىرىگە دادىدىن ئىبارەت پېرسۇناژنىڭ دولقۇنسىمان پىسخىكا تەسۋىرىنى چۈشىنىشلىك،كونكىرىت ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىغا تۇرمۇش دىشۋارچىلىقىدا قىماردىن ئىبارەت تۇيۇق يولغا كىرىپ ئۆلگۈدەك پۇشايمان ،نادامەت چىكىپ ۋىجدان سورىغىدا ھەر مىنۇت، ھەر سكۇنت، ھەر دەقىقە ئۆزىدىن چىقىپ تۇرۇپ يەنە ئۆزگىنى ئىچىدىن ئۆزىنىڭ ئاتىلىق بۇرچىنى قىينىلىپ ئىزلەۋاتقان ،ھالال جۈپتى ئالدىدا مېھرى مۇھەببەت مەسئۇلىيەت ئۆتكەللىرىدە تەمتىرىگەن ،بالىلىرىغا تۈۋرۈك بولالمىغىدىن ئۆكۈنگەن ئاتىنىڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەپ ئائىلىدىن ئىبارەت پەرزەنتلەرنىڭ جەننىتىنى ئاتىنىڭ قوغدىشىنىڭ مۇھىملىقىنى دىلىمىزغا سالسا ئاچچىق ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ يىڭى تۇرمۇش يولىغا قەدەم سالغان ئاتىدىكى شادىيانە بەختىيارلىق ، مەزمۇد قەدەملەرنىڭ تىۋىشىنى قۇلىقىمىزنىڭ يېنىدىلا جاراڭلىتىپتۇ.
    بىز ھازىرقى ئۇيغۇر نەسىرچىلىكىگە نەزەر سالغىنىمىزدا نەسىرچىلىكىدە كۆپ قاتلاملىققا ۋە كۆپ قىرلىققا ئىگە بولغان ئىجتىمائىي تېمىلارغا يۈزلىنىش، ئوبىكتىپ شەكلەن ھادىسلەرنى تەسۋىرلەشتىن سوبىكتىپ كەڭلىككە شۇڭغۇش ، ئىچكى مەنىنى چوخچىلاش جەھەتلەردە خىلى ئىلگىرلەش زور بولىۋاتىدۇ.
    قىراننىڭ «ئۆزەمنىڭ بېكىتى» سەرۋەرلىك نەسىرىدە رىئاللىق قوينىدىكى ئاددى تۇرمۇشنى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇردا ئەركىن، ئادەتتىكىدەك جاللاندۇرۇپ ،يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىكى پىنھان ، ئوتلۇق ئىنتىلىش ئىستەكلىرىنى مەننى ئىپادىلەشتىكى سۈپەتلەشلەرگە يارقىن باغلاپ ئاددى تۇرمۇش كارتىنىسى ئىچىدىكى مەنزىرە تەسۋىرلىرىگە مەننىڭ قەلبىدىكى ئۇنىڭ ئوبرازىنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ ساپ .پىنھان تەمەسىز سۆيگۈ يالقۇننىڭ ئۇچقۇنلىرىنى ئۇقۇرمەنلىرىمىزنىڭ قەلبىگە تەبىئىي رەۋىشتە چېچىپ مۇھەببەتلىك ھېسلارغا يىڭى ئىستەك قۇشسا ، كونا مۇڭلىرىمىزنى مۇڭلاندۇردى.
    يۇقاردىكىلەر مېنىڭ ئۆزەمچە ھىس قىلغانلىرىم  . قىراننىڭ ئىجادىيىتىگە ئىلھام .خۇشدىلدىكى قېرىنداشلارنىڭ نەسىر ھەققىدىكى ھاسىلاتلىرىغا تۈگۈنچە بولىشىغا تىلەكداشمەن.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY