باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-22 12:40 | ئاپتور: ئايزىت | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تەنھانامە ھەققىدە

تەنھانامە

 
مۇتىللا قىرانى


1


    ھەممىنى ئۇنتۇش بەك قېيىن بولسىمۇ، مەن ئۇنتۇشنى خالايمەن. چۈنكى، مېنىڭ يەنە ئەشۇ ئازابلار ئېچىدە مەڭدەم ئۆتكۈم كەلمىدى.
    ئىسمىمنى ئېسەدەپ تۇرۇپ چاقىرغىنىڭنى ئاڭلاپ تۇرساممۇ، ئۈنىڭگە ئۈن قېتىشىمنى، قوللىرىم بىلەن كۆز ياشلىرىڭنى سۈرتۈشىمنى ئەمدى خىيال ئەيلىمىگىن. چۈنكى، سېنىڭ ئۆزۇڭنىلا ئويلايدىغان يۈرىكىڭ مېنىڭ يۈرىكىمنى ئاللىقاچان بىر پارچە سوغۇق تاشقا ئايلاندۇرۇپ قويغان ئىدى.
    ئۆزۈمنى ئۆزۈم ئالداپمۇ باقتىم. لېكىن، ھېسلىرىمنى ئالدىيالمىدىم. سېنىڭ بىلەن خەيرلەشكۈم بولسىمۇ، ئۈنسىز ئايرىلىشنى قارار قىلدىم. چۈنكى، سېنىڭ سېھىرگە تولغان كۆزلىرىڭدىن قاچالماسلىقىمنى بىلىمەن. مېنىڭ قايتىدىن ئۆزۈم كۈتمەيدىغان رىشتە يىپىغا چۈگىلىپ قالغۇم يوق.
    كۆزلىرىڭنى بىھۇدە ياشلىما! مېنىڭ ئەزەلدىن مەۋجۇت ئەمەسلىكىمنى ئويلىغىن. ئىككىمىزنىڭ ئۇچرىشىشى تەقدىرنىڭ بىر قېتىملىق خاتالىقى ئەمەس، بەلكى يارالمىشىمىزنىڭ تەتۈرلىكى.
بارلىقىمنى قايتۇرۇپ ئالالمىساممۇ، ئۆزۇمگە تالىق بولغان ھېسلىرىمنى ئۆزۈمگە قالدۇرغىن. مەن شۇ ھېسلار ئىچىدە ياشاپ باقاي. ناۋادا، ئۆزۈمنى تاپالمىسام ساڭا قۇل بولۇپ ياشاشنى رەت قىلمايمەن.


2


    مەن تەنھالىقنى قوللىمايمەن. لېكىن، تەنھا ياشاپ ئادەتلەنگەنمەن. 
    ئادەملەر دېڭىزىغا ئايلانغان كوچىلاردا ئۆزۈم ئۈچۈن يول ئېچىش، چۈشىنىكسىز چۇقانلار ئىچىدىن ئۆزۈمنىڭ قوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن ئاۋارە بولۇشقا رازىمەنكى، باشقىلارنىڭ قولۇمدىن يېتىلىشىنى خالىمايمەن.
    ئۆزۈمگىلا تەئەللۇق بولغان بۇ يىگانە كەپە بارلىق رەزىللىكلەردىن مۇستەسنا ئوردا. مەن بۇ يەردە شاھ بولۇپ، ئۆز قەۋمىمدىكىلەرگە ھۆكۈمرانمەن، بەزىدە بىر قۇلمەن. مېنىڭ بارلىق خۇشاللىق ھەم ھەسرىتىم پەقەت كەپەمگە قاچانلادىدۇ ئۆگىنىپ قالغان، كۇنسايىن نەسىلسىزلىنىپ ئازلاۋاتقان، ئەشۇ بىر قانچە ياۋا كەپتەرلەرگە ئايان ئىدى.
    بۇ بىر مۇقەددەس جايمۇ ئەمەس، خەرىتىگىمۇ ئېلىنمىغان، بىر بۇرجەكتىكى پىنھان ماكان. ئەمما، ئۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوردام. بۇ يەردىكى نامراتلىق ۋە قەھەتچىلىك ماڭا مەنىسىز بىلىنمەيدۇ. قۇرۇپ كەتكەن ياۋا گۈللەرنىڭ ھىدىنىمۇ مېنىڭدىن باشقىلار ھېس قىلالمايدۇ. بۇ يەردە شاھلىقنىڭ مەھىشەتلىرى بولمىسىمۇ، مەن سۆيگەن ھەم مېنى سۆيگەن بىر كۈي بار. 
    مەن كۈي ئاشىقى. سۆيۈلمىسەممۇ سۆيۈنۈش ئىچىدە ياشاشنى بىلىدىغان كۈيچى. بۇ كۈيلەر ماڭا تەنھالىقنى ھېس قىلدۇرمايدۇ. ياۋا كەپتەرلەرنىڭ ئۈنلەشلىرى بۇ يەردە بارلىق نەرسىلەرنىڭ گۈزەللىكىنى ئەسلىتىپ تۇرىدۇ.
    مەن تەنھالىقنى قوللىمايمەن. لېكىن، تەنھا ياشاپ ئادەتلەنگەنمەن. مېنىڭ تەنھالىقىمدا يالغۇز ئۆزۈملا بار بولماستىن، ئۆزۈمنىڭ دۇنياسى، مەن سۆيگەن ئادەملارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى بار.


3


    ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىم ئەمەس، ياشاشنى خالىمىغىنىمدىن بولسا كېرەك، ئادەملەر توپىدىن سۈرگۈن قىلىندىم. مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ ئادىمىيلىكىمدىنمۇ گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
    مەن گۇماننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن ئۆزۇمنىڭ گۇمان تۇمانلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن. مېنىڭ ئۈچۈن بۇ كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات يالغاندىن كۈلۈمسىرەۋاتقاندەكلا تۇيىلىدۇ. يۇلتۇزلارمۇ تەبىئىيلىكىنى يوقىتىپ، زورىغا پارلاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.
مەن كۈلۈمسىرەشنى خىيال قىلدىم، كۈلەلمىدىم. قەدەم ئىزلىرىم ئارقىلىق يول ئاچماقچى بولدۇم، ئاچالمىدىم. يەنە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشنى پىلانلىدىم، قىلالمىدىم. چۈنكى، مەن ئۆزۈمدىن باشقىدىن گۇمانلىناتتىم. قۇياش بىلەن قول تۇتىشاي دېدىم، قولۇمنىڭ كۆيۈپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدىم، ۋاز كەچتىم.
    مەن ئايدىڭ كېچىنى ياقتۇرمايمەن ئەمەس، يورۇقلىقتىن قورقىمەن. مەن كېچىدە يول يۈرۈشكە ئامراق، ئىتلارنىڭ قاۋاشلىرى ئارامىمنى بۇزسىمۇ، بىخارامان يۈرىۋېرىمەن. چۈنكى، بۇ كېچىدە بارلىق مەۋجۇدات مېنىڭ مەۋجۇتلىقىمنى ھېس قىلالمايدۇ.
    مېنى ھەممىدىن ئايرىۋەتكەن بۇ يۇقۇملۇق ۋېرۇس ھەممە يەردە كۆكلىسە ئىدى، مەن يالغۇزلۇق ھېس قىلمىغان بولاتتىم. شۇ چاغدا مەن بىر شاھقا ئايلىناتتىمدە، گۇمانخورلۇقنى قانۇن ئورنىدا يۇرگۈزۈشنى پەرمان قىلاتتىم.


4


    سېنى تاشلاپ كەتكۈم يوق قۇشۇم. سەن ئۇچۇشنى ئۆگىنىۋېلىشتىن ئاۋال كەتمەسلىكىم كېرەك. ساڭا ئۇۋا بولغان ئالقانلىرىم قىزىماقتا، سېنىڭ ئۇچىشىڭغا بولغان تەشنالىق يۈرىكىمنى ئۆرتىمەكتە. 
    كۈتتۈم، تالاي تاڭلار ئۇلاشتى. سەن ئۇچۇشنى ئەسلا خالىمايدىغاندەك، ئالقىنىمدا تۈگۈلۈپلا ياشاپ كەلدىڭ. ئېغىزىم بىلەن سۇ بېرىپ باقتىم، پەرلىرىڭنى سىلاپ پۇۋلىدىم. نىمىشقىكىن، ئۆزۈممۇ ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولۇشقا باشلىغاندەك تۇيغۇنى كۆردۈم.
    نېمىلەرنى خىيال قىلىدىغانسەن؟ مېنىڭ ئۇچقۇم بار، ئۇچالمايمەن. سەن ئۇچۇشنى خالىمايسەن. كىچىك، يۇمران كۆزلىرىڭدىن شەبنەم تۆكمە، ئالقىنىم سېنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىلىك ئۇۋا بولسۇن.
مېنىڭدىن ئايرىلغۇڭ يوقمۇ ياكى كەڭ دالىلارنى كېزىشنى ياقتۇرمامسەن. بىلىمەن، ئۇچۇشنى خالىمايسەن ئەمەس، بەلكى ئۇچقاندىن كېيىن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىشتىن ئەنسىرەيسەن. چۈنكى، قول-قوللاردىكى ياسىداق، نەپىس قەپەزلەر سېنى كۈتمەكتە.
    ئەي، قۇشۇم! قەپەسكە كېرىپ قىلىشتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن. ئۇچۇشنى بىلمەسلىكتىن نومۇس ھېس قىل. پەرلىرىڭنى تاۋلاشنى بىلسەڭ، ئېگىز كۆكلەردە كېزىشنى ئىستىسەڭ قەپەس سېنىڭ چۈشىڭگە ئايلىنىدۇ.
    مەن سېنى ئۇۋىغا ئەمەس، سامان يولىغا تاشلاپ كەتمەكچىمەن. سېنىڭ ئەسلى ماكانىڭ مېنىڭ ئالقىنىم ئەمەس، ئۇپۇقتىكى سامان يولى.


5


    مەندىن كەچسەڭ مەيلى، زېمىستاندا يۈرىكىڭدىن ھارارەت بېرىپ ئۆستۇرگەن گۈللىرىڭدىن كەچمىگىن.
    مەن يۈرىكىمنى سېنىڭ گۈللىرىڭ ئۈچۈن ماكان قىلىپ بەرگەن ئىدىم. قېنىمدا سۇغۇرىشىڭنى ئۆتۈنسەممۇ، رەت قىلىشىڭنى ئويلىماپتىمەن. گۈللەر گەرچە قان شېرنىسىدە سۇغۇرۇلمىسىمۇ، شۇنداق قىزىل پورەكلىگىنىگە ھەيرانمەن.
    كۆز يېشى دېڭىز سۈيىگە ئوخشايدۇ. كۆز يېشىڭنى شەبنەم قىلغان بەرگىلەر قۇرىماقتا يوق، شۇنچىلىك يۇمران ئۆسۈپتۇ. قوللىرىڭنى يارا قىلغان گۈل تىكىنى تۆكۈلۈشكە باشلىغىنى نىكەم. قارمۇ قېلىنلاشقا باشلىدى، ئاچچىق سوغ شامال ئۈششۈك چۈشۈرۈشنى خىيال قىلماقتا. سېنىڭ بۇ گۈللەرگە يېپىنچا بولماي، كېتىپ قىلىشىڭنى كىم ئويلىغان دەيسەن؟
    مەن گۈلخۇمارمەن. گۈل ئۆستۇرۇشنى بىلمىگىنىم ئۈچۈن سېنى تۇتۇپ قېلىشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. سېنى تۇتۇپ قالالمىساممۇ، گۈللىرىڭنى سۇغۇرۇشنى خالايمەن. گۈللەر ھىدى دىماقلىرىمنى غىدىقلىغاندا، يەنە سېنى ئەسلەيمەن ھەم سېغىنىمەن.
    مەن سېنى ئۇنتۇشنى ئويلىدىم. لېكىن، ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن گۇللەر ھەر باھاردا چېچەكلىمەكتە. سۈبھىدە ئېچىلغان بىر چېچەك، بىر ئۈمىد بولۇپ قانلىرىمدا ئاقماقتا.
    مېنىڭدىن كەچتىڭ، گۈللەردىن كەچمىدىڭ. ئىزىڭ چۈشكەن گىرۋەكلەرمۇ گۈلىستان بولۇپ تىللاردا قالماقتا. بىلسەم، سېنىڭ گۈل پەرىشتىسى بولۇپ تۇغۇلغىنىڭ مېنىڭ ھاياتلىقىمنىڭ بۇرغىسى ئىكەن.


6


    دەرىزەمنى كۈنگەيگە يۆتكىۋەتكۈم بولسىمۇ، قېلىن تاملارنى كۆزنەك ئاچالمىدىم. سەھەردىكى قۇياش نۇرى كۆزلىرىمنى قارىغۇ قىلىپ قويۇدىغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ، يۈرىكىم بوغۇلماقتا. ناۋادا، غۇۋا ئاي نۇرى بولمىغان بولسا بۇ دەقىقە مېنىڭ ئاخىرقى كۈنۈم بولغان بولاتتى.
    بۇ يەردە كەچ بولمامدىكىن، بۇ دەرىزىدىن پەقەت كۈچلۈك بىنەپشە نۇرنىلا كۆرگىلى بولىدۇ. ياۋا گۈللەرنىڭ ھىدى كەلسىمۇ، چېچەكلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. قۇشلارنىڭ ئۈنى ئارىلاپ ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ، لېكىن ئۆزلىرىنى، پەر قىقىشلىرىنى كۆرۈشنى خىيالمۇ قىلالمايسەن.
    قاچانلاردا بۇ يەرگە ماكانلاشقىنىمنى بىلمەيمەن. بويۇم دەرىزە بىلەن تەڭلەشكەندە كۆرگىنىم، ئەشۇ بىنەپشە نۇر ئىچىدىكى دۇنيا ئىدى. مەن ئەرلىك مەۋسۈمىگە كەلگەندە، گۈل ھىدىنى، قۇش كۈيىنى ھېس قىلدىم. لېكىن، كۆرەلمىدىم. 
    مەن تالاي قېتىم دەرىزە ئورنىنى پىلانلىدىم. تۇيغۇمدا دەرىزەمنى قەيەرگىلا يۆتكىسەم، ئوخشاشلا كۆرىدىغىنىم بىنەپشە دۇنيارىم ئىدى. ئىشىك ئېچىلمىدى، بۇ ئىشىكنىڭ قاچانلاردا ئېچىلغىنىنى ئۇنتۇپمۇ كەتكەندىمەن. يۈزلىرىمگە ئۇرۇلغان شۇ سالقىن شامالمۇ قۇياش بورىنىغا ئايلانغان ئىدى.
مەن ئاخىرى ئۆزۈمگە تەن بەردىم. مېنىڭ كۆزۈم تۇغما قارىغۇلا ئەمەس، روھىممۇ قارىغۇ ئىكەن.


7


    ھەممىنى قايتۇرۇپ بەرگۈم بار. لېكىن، قايتۇرالمايمەن. ئۆتكىنى ئۆتكەن بولدى، ۋاقىتنى قايتۇرغىدەك قۇدرەت مەندە يوق. ناۋادا، بۇنداق قۇدرەت بولسا ئىدى، مەن ھەممىنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرگەن بولاتتىم.
    يېگانىلىك ئىچىدە ئۆتىۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بوپتۇ. ھەممىنى يېڭىدىن باشلاشنى ئويلىدىم، باشلىيالمىدىم. چۈنكى، يەنە بىراۋغا قەرزدار بولۇپ قىلىشنى خالىمايمەن. سېنىڭگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك نەرسىلەرنى قايتۇرالمىغاننىڭ ئۇستىگە، يەنە قەرز يۈكلىۋېلىشىم مۇمكىنمۇ؟ 
    ئەسلىمىلەرنى ئارىلاپ باقتىم، خۇشاللانغۇدەك بىرەر ئەسلىمە تاپالمىدىم. ھاياتتا قانداق ياشاپ ئۆتكىنىمنى بېلمەيمەن. قالغىنى پەقەت مەنىسىز، قۇرۇق خاتېرە ئىكەن، خالاس. شۇنداق تۇرۇقلۇق سېنىڭ خاتىرەڭدە بارلىقىمغا ھەيرانمەن.
    ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ. قالدۇرغىنىڭ ئېرىشكىنىمدىن كۆپ بولغاندەك تۇرىدۇ. ئۆزۇمنى قەرزداردەك ھېس قىلغۇم يوق. چۈنكى، مەن قەرزدارلىققا بەك ئۆچلۈك قىلىمەن. ئېيتقىن، ئامرىقىم! مېنى راستلا قەرزدار دەپ قارىساڭ، بارلىقىمنى قەرزگە سۇندۇرۇپ ئالغىن. ئۇنۇتمىغىنكى، يېگانىلىقىمنى ئۆزۈمگە قالدۇرغىن.
    كەتكىنىڭگە بىر مۆچەل بولدى. مەن يەنە قەرزدار سانىلامدىم. چۈشۈمدە بارلىق قەرز ئىگىلىرى قەرزىمنى كۆتۈرىۋەتكەن ئىدىغۇ؟ يەنە ساڭا قەرزدار بولۇپ، ياشاۋاتقىنىمنى بېلمەپتىمەن. روھىمنى، سۆيگۈمنى ئېلىپ كەتكىنىڭ بىلەن، قالدۇرغىنىڭ قەيسەرلىك ئىدى. ئەپسۇس، سېنىڭ بۇنى ئېلىپ كېتىشنى خىيال قىلمىغىنىڭ مېنىڭ بەختىم.


8

 
    مېنىڭ مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگىنىم، ئۆزۈمنى پۈتۈنلەي يوقىتىپ قويغىنىم ئەمەس. يۈرىكىم ھېلىھەم يۇمران يوپۇرماقتەك تېترەپ تۇرۇپتۇ. ئاجىز سوقۇۋاتقان تومۇرلىرىم، يەنىلا سۆيۈنۈشكە تولغان.
    مەن ھامان مەغلۇبىيەتنى چۈشۈنۈشكە باشلىغاندا، قەلبىمدە يېڭى بىر ئۇمۇت چېچەكلىگەندەك تۇيغۇدا بولىمەن. مەن ئۆزۇمنىڭ مەغلۇبىيەتچىلىكىدىن ئەمەس، ھەر بىر مەغلۇبىيەتسىزلىك ئىچىدىن ئۈمىد تاپالىغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن.
    مېنىڭ ھەممىنى يېڭىدىن باشلايدىغان ئادىتىم يوق. مەن پەقەت يىقىلغان يەردىن تىك تۇرۇشنى قوللايمەن. تەنلەرنىڭ يارىلىنىشى، باشقىلارنىڭ مەسخىرىلىك كۈلكىسى روھىڭنى تاۋلىغاندا، ئۆزۈڭنى قايتىدىن تونۇپ يېتەلەيسەن. ئابرويىڭدىن ئايرىلغىنىڭدىن ئۆكۈنمىگىن، نومۇسىڭنى يوقاتمىساڭلا سەن يەنىلا ھەقىقىي ئادەمدەك ياشىيالايسەن. 
    مەن مەغلۇپ بولدۇم، بارلىقىم بىر دەقىقىدە كۆپۈككە ئايلاندى. ھەممە مېنى ئۇنتۇشقا يۇزلەنگەندە، روھىم چۇقان كۆتۈردى. چۈنكى، مەن ھەممىدىن ئايرىلغىنىم بىلەن، ئادىمىيلىكىم ھەم پاك روھىمدىن ئايرىلمىغان ئىدىم.
    يېگانىلىق- قۇرقۇنۇشلۇق ئەمەس، ئەك قورقۇنۇشلىقى يېگانىلىق ئىچىدە مەنىلىك ياشاشنى بىلمەسلىك.


9


    بۇ كىچىك ئارالنىڭ رىۋايەتكە ئايلانغىنى نىكەم. بالا چاغلىرىمدا، سۇ كېچىپ نەچچە رەت بېرىپ كەلگىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە. بىر رېئاللىقنىڭ شۇنچە تېز رىۋايەتكە ئايلانغىنى، ماڭا غەلىتە تۇيۇلسىمۇ، قوبۇل قىلماي ئامالسىزمەن. 
    ئۇ يەردە، بىر بوۋاي بولىدىغان. ئۇنىڭ قاچانلاردىن باشلاپ بۇ يەردە ياشاۋاتقىنى ھېچكىم ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئۇنىڭ قەيەردىن كىلىپ، بۇ جاينى ئۆزىگە ماكان قىلغىنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمنى بىلمىگىنىمدەك بىر سېھرىي كۈي.
    ئۇ قۇشلارغا قىزىقمايتتى، گۈلمۇ ئۆستۈرمەيتتى. ئۇنىڭ كۈنى پەقەت كۈنسايىن ئازلاپ كېتىۋاتقان كۆل سۈيىگە قاراپلا ئولتۇراتتى. كىچىك ئېرىقچىلارنى قېزىپ، كۆلچەكلەرنى بىر بىرىگە تۇتاشتۇراتتى. تومۇز ئىسسىقتا ئىلاھىدىن يامغۇر تىلەپ، دۇئا قىلاتتى. چۈنكى، يامغۇر چۈشسىلا بۇ يەرنىڭ سۈيى كۆپىيىپ قالاتتى.
    ئۇنىڭ كەپىسىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ تۇرالغۇسى ئۆزى ياسىۋالغان ئاددىي ساتما بولۇپ، ئۇ بۇ ساتمىسىنى شاھ ئوردىسىدەك قەدىرلەيتتى. ئۇنىڭ بۇ ساتمىسىنى تۇرالغۇ دېگەندىن، سۇ ئۆلچىگۈچ دېگەن تۈزۈك. چۈنكى، ئۇ سۇ ئورنىغا قاراپ، ساتمىسىنى تەڭشەپ تۇراتتى.
    بۇ يەرلىكلەر ئۇنى دىۋانە دېيىشىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭ بىرەر قېتىم يۇرتقا كېلىپ، تىلەمچىلىك قىلغىنىنى ئاڭلىمىدىم. ئۇنىڭ نېمىلەرنى ئوزۇق قېلىپ، بۇ كەمگىچە ھايات ياشاپ كېلىۋاتقىنى بىلىدىغانلارمۇ يوق. شۇ ھەقىقەتكى، ئۇنىڭ ساتمىسى گاھ ئېگىز گاھ تۆۋەن كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
قۇرغاقچىلىق داۋاملاشماقتا، بوۋاينىڭ ساتمىسى پەسلەپ، ياۋا ئوتلار ئارىسىدا كۆرۈنمەي قالدى. قىر بويىدىكى يېگانە گەۋدە يۈتۈپ كەتتى، قارا لايدىن بېلىجان تېرىپ يەۋاتقان قۇشلارمۇ ئۈركىمەيتتى. خۇددى ئۇ يەردە ھاياتلىق مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندەك، جىمجىتلىق ھۆكۈمران بولماقتا ئىدى.
ھازىر بۇ ئارالنى، ئەشۇ تەنھا بوۋاينى رىۋايەت قىلىدىغانلارمۇ ئاز قالغان ئىدى. بەلكىم، مەنمۇ شۇ بوۋايدەك ئۇنتۇلۇپ كېتەرمەن. چۈنكى، مەن ئەشۇ بوۋاينىڭ قەدىم ئىزلىرىنى ئىزدەپ كەتكەن ئىدىم.


10

    بۇ بىر تال ئالمىنى ساقلاۋاتقىنىمغا ئۇزۇن بولدى. سېنىڭ كېلىپ، ئېلىپ كېتىشىڭنى كۈتتۈم. سەن كەلمىدىڭ، يەنە سۈرتۈپ دەرىزەمگە قويۇپ قويدۇم.
    بۇ قېرى ئالما كۆچىتى تالاي قېتىم چېچەك تۆككەن بولسىمۇ، سەن چېچەك كۆرمىدىڭ. مېۋىلىرىنى كۈتۈپ پۇشۇردۇم، شېخىدىن ئۈزمەي ئورىدىم. سېنىڭ ئۆز قولۇڭ بىلەن ئۈزىۋېلىشىڭنى شۇنداق ئۈمىد قىلاتتىم. لېكىن، يەنىلا ئۆزۈم ئۈزۈشكە مەجبۇر بولاتتىم.
    مېۋىنى مېۋىگە ئۇلاپ كۈن سانىدىم. قارا چاچلىرىمغا قىراۋ چۈشتى. سېنىڭ خەۋىرىڭنى ئالالماي يەنە باھار كەلدى. چېچەك بىلەن پۈركەنگەن ئالما شاخلىرى ياش تۆكمەكتە. ئەڭ ئېگىز شېخىغا قونۇپ سايراۋاتقان قۇچقاچمۇ كۈلگەندەك ئەمەس ئىدى.
    چېچەكلەر غورىدىدى، ھويلا تاملىرى شورلاپ پەسەيمەكتە. ئىسمىڭ چېكىلگەن نەقىشلىك تۈۋرۈكنىڭ نەقىشلىرىمۇ سۇسلاشماقتا. سېنى چاقىردىم، چاقىردىممۇ ياكى چاقىرىشنى ئويلىدىممۇ ئۈنۈم بوغۇلغاندەك بولدى. سېنىڭ تونۇش قەدەم تىۋىشىڭ كەلمىدى، ئىشىك ئېچىلمىدى.
    ئالمىنى يەنە ئالماشتۇردۇم. چۈنكى، ئۇنىڭ پۇرىقىدىن سېنىڭ ھىدىڭنى ئالالايمەن.


11


    سۈرىتىڭنى ئەۋەتتىم، خەتلىرىڭنى قايتۇرىشىمنى ئېيتمىغىن. كۈيلىرىمنى بەردىم، روھىمنى سورىمىغىن.
    مەن سېنى ئۇنتۇش ئۈچۈن خەتلىرىڭنى قايتىلاپ ئوقۇپ چىقىمەن. قۇرلار ئارىسىدىن سېنى ئىزدەپ تېپىپ، قىزىل سىزىقچىلاردا بويايمەن. كۆز ياشلىرىمدا قارا سىياھ ئىزنالىرىنى يۇيۇپ سۇسلاشتۇرىمەن. بوغۇملارنى بوغۇملارغا ئۇلاپ ئوقۇغىلى بولمايدىغان دەرىجىگە يەتكۈچە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرىمەن.
چاچلىرىڭ قۇر سىزىقى ئىكەن، كىرپىكىڭنى قەلەم قىلغىنىڭنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن. ئاپئاق قەغەز كونىراپ سېرىققا ئايلانغان بولسىمۇ، خەتلەردىن يەنە ئاۋازىڭ كېلىپ تۇرىدۇ. ھازىر بۇ خەتلەرنى كۆزۈمنى يۇمۇپ تۇرۇپمۇ ئوقۇيالايمەن.
    بۇ يەردىكىگە ئوخشاش قۇشلارنى كۆرگىنىڭدە، مېنى سوراپ يۈرمىگىن. ئۇلار ساڭا مېنىڭ خەۋىرىمنى ئەمەس، ئۆزۈڭنىڭ خېتىنى يادقا ئوقۇپ بېرىدۇ. قۇشلاردىن ئاغرىنمىغىن، ئۇلارمۇ سېنىڭ خېتىڭنى مېنىڭ  بىلەن بىرگە تالاي قېتىم ئوقۇپ تۈگەتكەن.
    خەتلىرىڭنى پوچتىدىن ئەۋەتمىدىم. قۇشلارمۇ سۆزلىيەلەيدىغان بولغاندا، ئۇلاردىن سوراشنى ئۇنتۇمىغىن. يۈرەكسىمان قاتلانغان شۇ خەتلەر قۇش يۈرىكى بولۇپ، قۇشلارنىڭ تېنىگە كۆچكەن ھەم ئۇلارنىڭ يۈرىكىگە ئايلانغان.
    قۇشلار ئۇچۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ سېنى ئىزدەپ بارىدىغىنىنى بىلىمەن. خەتلىرىڭنى قايتۇرىۋېلىشنى خالىساڭ، ئالقانلىرىڭنى ئۇۋا قىلغىن.


12


    كۆزۈمنى يۇمدۇم، سېنى كۆرمەسلىكنى ئويلىغىنىم بەربات بولدى. قولۇمنى قويۇۋەتكىنىڭنى بىلمەپتىمەن، يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالدىم. گۈل ھىدى تارقاپ بولدى، سوغۇق شامال يۈزىمنى ئۈشۈتمەكتە. 
   باغلىرىمنىڭ خازان بولغىنىنى ئاڭلىمىدىڭ ئەمەس، ئېرەن قىلمىدىڭ. تېنىمنىڭ ئاجىزلاۋاتقانلىقىنى سېنىڭ تىلىگىنىڭ يالغان، شىپاھلىق تاپالمىدىڭ. باشقىلارنىڭ ''سېنى تاشلاپ كەتتى" دېيىشىۋاتقىنى ئۆسەك گەپ، مېنىڭ ئۈچۈن ئىزتىراپ چېكىۋاتقىنىڭ ماڭا ئايان.
    ئۆزۈمنى ئالدىغۇدەك باھانە ئىزدەپلا كەلدىم، ئالدىيالىدىم. تالاي باھانىلەر ئېچىدىن سېنى ئالدىيالىغۇدەك باھانە تېپىلمىغىنىغا ھەيرانمەن. سېنى تۇتۇپ قالغۇدەك باھانە بولسا ئىدى، مەن سېتىۋالغان بولاتتىم.
    ئىزدىدىم، لېكىن باھانە سودىسى بولىدىغان بازار ئاللىقاچان تاقىۋېتىلگەن ئىكەن. ئۆزۈم بازار ئاچماقچى بولدۇم، خېرىدارسىز قالدىم. ئەپسۇس، سېنىڭدىن بەھانە تاپالماسلىق سەۋەپلىك ئايرىلىپ قالدىم.


13


    مەن قۇش ئەمەس ئىدىم، بالىلىرىنى ئۇچۇچان قىلمايلا تاشلاپ كېتىشكە چىدايدىغان. ئەجىبا، سېنىڭ قۇشچىلىكمۇ بولالمايدىغىنىڭنى ھېس قىلماپتىمەن. 
    قۇش ئۇۋىسىغا ئوت كەتتى، كەپسىز بالىلار كۈلمەكتە. تېخى قانات چىقارمىغان قۇش بالىلىرى ۋىچىرلاشماقتا. ئانا قۇش قان قۇستى، كەتمىدى. كىچىك ئېغىزلىرىدا سۇ توشۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇندى، لېكىن ئۆچۇرەلمىدى. بالىلىرىنىڭ ئۆلۇم ۋەھىمىسىنى كۆرۇپ تۇردى، چىدىيالمىدى. ئۆزىنى دەرەخكە ئۇردى، جان بەردى.
    قۇش يۈرىكى قانداقكىن، سورىدىم، بىلەلمىدىم. سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ قۇش يۈرىكىگە تەڭ ئەمەسلىكى، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. قۇش چىدىمىدى، سەن چىدىدىڭ. قۇش ئۇۋىسىدىكى ئوت ئۆچمىدى، سەن ئۆچتۈڭ.
    بالىلارنىڭ ئاھى تەڭرىگە يەتتى، سەن ئاڭلىمىدىڭ. يالغۇزلۇق يۇرىكىمنى تۈگەشتۇردى، سەن كۆكلىدىڭ. كۆكلەشنىلا ئويلىدىڭ، باھارغا ئەگىشىپ كۆزنىڭمۇ كېلىدىغىنى خىيال قىلمىدىڭ. سارغايغىنىڭدا ئېرىشكىنىڭنىڭ نەپرەت بولىدىغىنى ھېس قىلغىنىڭدا، ھەممىنى يوقاتقانلىقىڭغا تەن بەرمىگىنىڭنى كۆرەي.
    مەن ئاخىرى سېنىڭدەك ئادەم بولۇشتىن، قۇشقا ئايلىنىپ قىلىشنى تاللىدىم.


14


    باھار كۈلگەندە، مەن قايتىپ كېلىمەن. قۇشلارمۇ تېخى يولغا چىقمىدى. ئۇلارنىڭ يول باشلىشىدا، مەنزىلىمدىن ئاداشمايمەن. مېنى چاقىرىپ تۇرغىن، مەن نىشانىمنى بەلگىلىۋالاي.
    بۇ يەردە ئىزىم قالمىسىمۇ مەيلى، مەن نام-ئاتاقنى ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانمەن. كاتتا ساراي، باياشات تۇرمۇش جېنىمدىن ئۆتتى. سېردىشالمىدىم، كۈيلىرىمنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ قىلىۋاتقىنىمنى ئويلىسام، ئىچ-ئىچىمدىن ھەسرەتلىنىمەن.
    يۈرىكىم سىقىلماقتا، ئۈنۈم بوغۇلدى. ماختاشلارنى يېپەك تون ئورنىدا كېيدىم، ئۆزۇمنى شاھ سەزدىم. قاۋاققا قايۇتقۇم كەلدى، تاپالمىدىم. چاچلارغا چېگىلدىم، بارماقلارغا بوغۇلدۇم. قاداق قوللارنى ئىزدىدىم، ئۇچراتمىدىم. ئالتۇن قاچىلاردا غىزالاندىم، ساپال تاۋاقچىلىق ھوزۇر تاپالمىدىم.
ئۇ يەردە باھار كەلدىمۇ، قۇشلار باردىمۇ؟ ئەجىبا، بۇ يەردە تېخىچە قار كەتمەيۋاتىدۇ. باھار ھىدىدىن خەۋەر بېرىدىغان قۇشلارمۇ ئۇچۇپ ئۆتمىدى. سوغۇقتا تۇگۇلسەممۇ دەرېزىنى ئېچىۋەتتىم، قۇشلارنى كۆرمىدىم. 
    باھارنىڭ ئۆتۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خېتىڭنى تاپشۇرىۋالدىم. لېكىن، مەن باھارنى كۆرمىدىم. كەچۈرگىن، بۇ يەردە باھار بولمايدىغانلىقىنى بىلمەپتىمەن.


15


    مەن سېنى ئۇزۇتۇپ چىققاندا، تېخى سۈبھى كۆتۇرۇلمىگەن ئىدى. پەقەت يېراقتىن بىر چولپان يۇلتۇز كۆز قىسىپ گۇۋاھ بولۇپ تۇرغان ئىدى.
    ئاياق تىۋىشىڭ ئۇزىماقتا. سېنى چاقىرىۋېلىشنى خىيال قىلدىم، خوشلاشقاندا پۇلاڭلاتقان قولۇڭنى قايتىدىن تۇتىۋالغۇم بولسىمۇ، نېمىشقىكىن يەنە كېتىۋاتقىنىڭغا قاراپ تۇردۇم. تەنلىرىم قىزىل شەپەققە ئورالدى، سەنمۇ يېراقتىن بىر قىزىل شەپەق پارچىسىدەك كۆرۈنمەكتە ئىدىڭ. قۇياش شەپەقنى يېرىپ تۆرەلگىنىدە، ھەممە يوق بولاتتى. سەنمۇ مېنى يېگانىلىق چۆلىگە تاشلاپ، كۆز قارچۇقىمدىن يۈتەتتىڭ،
    كۆزلىرىم تېلىشقا باشلىدى، شەپەق پارچىسى بارغانسېرى سۇسلاشماقتا. خورازمۇ چىللىدى، مەزىننىڭ بوغۇق ئاۋازى ئۇزۇلۇپ ئاڭلانماقتا. ئىشىك ئوچۇق قالغان ئىدى، بۇ چاققىچە سوغۇق كارۋېتىمغا تۈنەككە چۈشۈپمۇ بولدى. مەن سېنى يا قوغلاشنى، يا قايتىپ كېرىپ كېتىشنى بىلمەي ئۇزاق تۇردۇم. 
    تاڭ سۈزۈلمەكتە.تاڭ بىلەن تەڭ ھەممە يوققا چىقتى. ئۈمىدىم، ئىتىقادىم روھىمدىن چىقىپ كەتكەندەك تۇيغۇدا گاڭگىراپ قىلىۋاتاتتىم. يېراقلاردىن ئاڭلانغان" غېرىپ ناخشىسى" ماڭا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى.


16


    سۆيگۈمنى كۆز ياشلىرىڭغا ئالماشتۇرغۇمنىڭ بار، يوقلىنى بىلمەيسەن. ماڭا سايىدەك ئەگەشمىگىن، مەن بۇ يولدىن قالالمايمەن.
    يولۇمغا مەيلى تېكەن تاشلىغىن، مەيلى گۈل ئۆستۇرگىن مېنى تۇتۇپ قالالمەيسەن. مەنزىلىمنى دەھشەت كۆرسەتمە، مېنىڭ ھەممىگە قەيسەرلىك بىلەن چىدايدىغىنىمنى ئۇنۇتقان ئوخشايسەن. ئۆتۇنۇشىمنى ئىلىك ئال، مېنى بۇ سەپەردىن قويمىغىن.
ب    ۇ كەچ قۇم بوران بولىشى مۇمكىن. مەن كەچكى شەپەق كەلگۇچە نامسىز قونالغۇغا بېرىۋالاي. بۇلاق سۇيىگە نان چىلاپ، قۇشلارنىڭ كۈيلىرىگە كۆمۇلۇپ ئارامغا باراي. قۇم بوران ئۆتۇپ كەتكەندە، مېنى ئىزدەپ يۈرمىگىن. مەن ئۇ چاغدا خىلى ئۇزاپ بولغان بولىمەن. 
    ئىتلىرىڭنى قويۇۋەتكىن، ئۇلار مېنى ئۇزۇتۇپ قاۋىسۇن. ئۇلانىڭ ئاۋازى بىسىققاندا، مېنىڭ ئۇزاپ بولغىنىمنى بىلگىن. ماڭا سەپەرلىك تەييارلاپ بەرگىنىڭدىن خۇرسەنمەن. گەرچە، سېنىڭ مېنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويغۇڭ بولمىسىمۇ، تۇتىۋېلىپ قاماپ قويمىغىنىڭدىن رازىلىق بەرگىنىڭنى بىلدىم.
ئامانلىق تىلەپ، دۇئا قىلغىن. مەن سەن يوللۇق بەرگەن نەينى ئۇ يەردە چېلىشنى خالايمەن.


17


    ئېغىر تىنىقلىرىڭدىن قەدەملىرىڭنىڭ توختاپ قالغىنى بىلدىم. پەقەت بىرلا قەدەم قالغان ئىدى، ئەشۇ بىر قەدەمنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلغىنىڭدىن سۆيۈندۈم.
    ئاخىرى ئىشىك چېكىلدى. لېكىن، مەن ئىشىكنى ئاچالمىدىم. پۈتۈن بەدىنىم سوۋۇماقتا، سېنىڭ ئىشىك تۈۋىدە كۈتىۋاتقىنىڭنى ياكى قايتىپ كەتكىنىڭنى بىلمىدىم. مەن پەقەت ھەممە يەرنىڭ تىمتاسلىقىنى، جىمجىتلىقنىڭ مېنى چاقىرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلالايتتىم.
    ئىشىكنى بۇزۇپ كىرىشكە بۇيرۇق بەرگىنىم ھەقىقەت ئىدى. نېمىشقىكىن ئىشىكنىڭ بۇزۇلغان ئاۋازى ئاڭلانمىدى. بوسۇغامدىلا پالتا بار ئىدى، تېخى قايسى كۈنى سىپىنى يېڭىلاپ قويغان ئىدىم. ئوت قويۇۋېتىشىڭنى كۇتكەن ئىدىم، قولۇڭدىن كەلمەيدىغىنىنى ئويلىماپتىمەن. بارلىق كۈتۈشلىرىم كۆپۈككە ئايلانغاندا، سېنىڭ ئەشۇ بىر قەدەمنى باسقان- باسمىغىنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالدىم.
بىر قەدەم. ئېغىر بىر قەدەم بىسىلغاندا، مېنىڭ ھاياتلىقىم داۋام ئەتكەن بولار ئىدى. ئەپسۇس، شۇ بىر قەدەمنىڭ ۋەزنى مېنىڭ ھاياتىم ۋەزنىنى بىسىپ چۈشىدىغانلىقىنى خىيال قىلماپتىمەن.


18


    كېچىچە توختىماي ياققان يامغۇر ئۇيقۇمنى ھارام قىلدى. ئورنىمدىن تۇرۇپ كەتتىم، دەرىزىدىن سىرىتقا قارىدىم. يامغۇردىن پاناھلىنىپ دەرىزەمگە مەھكەم چاپلىشىۋالغان قۇش ئۈركۈپ يەرگە يىقىلدى. كەينىمگە داجىدىم، كىچىككەن ئىدىم. بىچارە قۇش قوشنامنىڭ ئوغرى مۈشۈكىگە ئوۋسىز ئولجىغا ئايلانغان ئىدى.
    تەڭرىدىن ئاغرىندىم. ئۇيقۇمنى ئاتا قىلىۋەرگەندە ئىدى، ئەشۇ بېچارە قۇشنىڭ جىنىغا مەن قەرزدار بولمىغان بولاتتىم.
    تاڭ سۈزۈلۈشكە تېخى بۇرۇن ئىدى. يامغۇرنىڭ دەرېزىگە ئۇرۇلىشىنى تاماشا قىلىشقا خۇشتار بولساممۇ، يېقىنلىشالمىدىم. يەنە شۇنداق پاجىئەنىڭ يۇز بېرىشىنى خالىمىغىنىمدىن بولسا كېرەك، دەرېزىدىن بارغانسېرى يېراقلاشتىم. جىمجىتلىق ماڭا بەرگەن زىرىكىش داۋاملاشماقتا، تاڭ ئېتىشنى تەخرسىزلىك بىلەن كۈتۈشتىن باشقا يول قالمىغان ئىدى.
    تۇيۇقسىز ئىشىك قاتتىق چېكىلدى. ئازغۇن يولۇچى قونالغۇ سورىغان چېغى، ئۇنىڭ مېنى چاقىرغان بوغۇق، قوپال ئاۋاز ھېلىقى ئوغرى مۇشۇكنى قاچۇرىۋەتتى. ئىشىككە ماڭدىم، قەدەملىرىم ئېغىر. ناتونۇش يولۇچى ئۈچۈن ئىشىك ئېچىش ئەخمەقلىق ھېساپلانسىمۇ، ئېچىشقا مەجبۇرمەن.
ئىشىكنى ئاچتىم، ئادەم يوق. بوسۇغۇمدا بېچارە قۇشنىڭ پەرلىرى يىيىلىپ تۇراتتى. ئىشىكنى كەگەنلەپ، قانچە ئۇزۇن تۇرغىنىمنى بىلمەيمەن. يەنە بىر قۇشنىڭ مۇڭلۇق سايرىشى ئېسىمنى قايتۇرغىنىدا، ئۆيۇمنىڭ قۇشلار بىلەن تولۇپ كەتكىنىنى بىلدىم.


19

    قولۇمنى تۇتقىن، سوۋۇشقا باشلىغان يۈرىكىم ئىللىسۇن.
    بارلىقىمنى ئىلكىڭگە ئېلىۋالغىنىڭ، بارلىقىمنىڭ تۇگىگىنىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. مېنى ھەقىقىي چۈشۈنۈشنى خالىساڭلا، مېنىڭدە تېخى ئېچىلمىغان سىرلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلالايسەن. ئۇ چاغدا، مېنى قايتىدىن تونۇشقا باشلىغىنىڭدىن پەخرلىنىمەن. 
    مەن يېزىۋاتقان بۇ ناخشىنى ئېيتقىڭنىڭ بارلىقى ماڭا ئايان. مۇزىكىسىز غىڭشىپ يۇرگىنىڭنى باشقىلاردىن ئاڭلىدىم. ھەيرانمەن، شۇنچە ئۇزۇن تېكستنى يادقا ئېلىپ بولغىنىڭدىن، يەنە ئۆزۈڭچە قايتارما ئىشلىگىنىڭدىن.
    قەلبىمدە مۇزىكا پۇتكەن بولسىمۇ، يېزىشنى خالىمىدىم. سېنىڭ كۈتىۋاتقىنىڭنى بىلىمەن. چۈنكى، مېنىڭ يەنە قانچىلىك كۈتەلەيدىغانلىقىڭنى بەكمۇ بىلگۈم بار.
    ھەر كۈنى ئاڭلاپ تونۇش بولۇپ كەتكەن مۇزىكىسىز ناخشا داۋاملاشماقتا. قاچاندىن باشلاپ ناخشىغا ئامراق بولۇپ قالغىنىڭ ماڭا سىر بولسىمۇ، بۇ قىزىقىشىڭدىن سۆيۈندۈم. مېنىڭ سېنىڭ ئۈچۈن يېزىۋاتقان ناخشىلىرىم ئەمدى يېتىمسىرەپ قالماستىن، ئورۇنلىغۇچىنىڭ يۈرىكىدە كۆكلەپ ئېچىلغاندا، مەن ئۆزۇمنىڭ مېۋىسىنى كۆرگەندەك بولىمەن.
    قەلەمداننى نەگە قويغىنىڭنى ئېيتىپ بەرگىن. مەن بۇ مۇزىكىنى يۈرىكىڭگە يېزىپ بېرەي. سەن ئۇنى ئۆزۈڭنىڭ كۈيلىرىگە قېتىپ، مەمنۇنلۇق ئېچىدە ئېيتىشنى داۋام ئەتكىن. مەن بۇ مۇزىكىنى ئۆزۈم يازغانلىقىمنى ئۇنتۇپ كېتەي.

20


    مەيپۇرۇشنى ئۆلتۈرىۋەتكۈم كېلىدۇ، مەيخورلىقىم يول قويمايدۇ. قولۇمدىكى تاش قەدەھنى يەرگە ئاتتىم، چىقىلمىدى. مەي كۈپىگە ئوت ياقتىم، كۆيمىدى. 
    مەستلىكتە نېمىلەرنى قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. قولۇم قان، بەدىنىم يارا. كېملەرنى چاقىرغىنىمنى، نەلەرگە بارغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەقلىم يولدا چۇشۇپ قالغاندەك تۇيغۇدا قېينالدىم. يەنە بىر قەدەھ ئېچكۇم كەلدى، مەيپۇرىشنى چاقىردىم، ئاۋاز كەلمىدى. قولۇمدىكى قەدەھتە قان يۇقى تۇرۇپتۇ. ئېسىمگە كەلسەم، ئېچكىنىم مەي ئەمەس قان ئىكەن.
    چاچلىرىم چۈشۈرىۋېتىلدى، ئىسمىم نومۇرغا ئۆزگەردى. كۆنەلمىدىم، نە چارە كۆنمەكتىن باشقا يول يوق ئىدى. قاراڭغۇ ئۆيدە ئويلاندىم، مەي خۇمارىممۇ تۇتمايدىغان بولۇپ قالغىنى مېنى تېخىمۇ ئۆكۈندۇردى. ئۆكۇنۇش بىلەنلا ھەممىنى قايتۇرغىلى بولىدىغان بولسا، ئۆكۈنۈشكە بارلىقىمنى تېگىشكەن بولاتتىم.
    مەي ھىدى دىمىقىمغا ئۇرۇلغاندا، بۇ مەينىڭ مېنى ئۇزۇتۇش چېيى ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. ئىچتىم، قانمىدىم. يەنە ئىچتىم، تويۇنمىدىم. چۈنكى، ئىچىۋاتقىنىم ئۆزۇمنىڭ قېنى ئارىلاشتۇرۇلغان مەي ، ئۆزۈممۇ مەي كۇپى ئىدىم.
    مەي كۇپى چېقىلدى، مەي قارا يەرگە سىڭمەكتە. ئۇ يەردىن ئۈنگەن تىكەنلەر روھىمدەك زەھەرلىك ئىدى.


21


    يۇلغۇنلارنى چېپىۋەتمىگىن، ياۋا توشقانلار كۆچۈشكە مەجبۇر بولمىسۇن. قۇم بارىخانلىرى كۆپەيمەكتە، ئىزلارنى كۆمۇۋېتىشكە قېيالمايدىغىنىڭ ماڭا ئايان. ئەپسۇس، سەن يەنىلا يۇلغۇنلارنى چېپىۋەتتىڭ.
    سېنىڭ ياۋا توشقانلارنى قوغلاش ئويۇڭنىڭ بارلىقىنى بىلمەپتىمەن. چېپىلغان يۇلغۇنلار باھاردا يەنە كۆكلەيدۇ. سېنىڭ يۇلغۇنلارنى قايتا ياشاش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئوت قويىۋەتمىگىنىڭدىن خۇرسەنمەن.
    توشقان كاۋىپى ئۈچۈن، ئۆزۇڭ بەرپا قىلغان يۇلغۇنلىقنى چاپقىنىڭغا ئەقلىم يەتمىدى. لېكىن، قۇم دۆۋىلىرىگە قويغان قاپقانلىرىڭ سېنى نائۈمىد قويمىغان ئىدى. قىزارغان يۇلغۇن تاللىرى ئۆزى بېقىپ ھاياتلىق بەرگەن توشقانلىرىغا زىخ ھەم چوغ بولغىنىدىن ئۆكۈنۈپ، چاراسلاپ كۆيمەكتە. ئەشۇ چوغلارغا قاراپ تۇرۇپ، سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ كۆيمىگىنى ئۈچۈن قايغۇردۇم. 
    يۇلغۇنلار كۆكلىدى، ياۋا توشقانلار قايتا ئۇۋىلىمىدى. ئۇلار يۇلغۇنلاردىن ئەمەس، يۇلغۇن چاپقۇچىلاردىن بىزار بولغان ئىدى.


22

    تۇغۇلغان كۈنىڭگە مۇبارەك بولسۇن!
    بۇ سۆزنى سېنىڭ ئېيتقىنىڭنى تېخى ئۇنتىمىدىم. ئەشۇ نازۇك، لەرزان ئاۋاز يۈرەك تارەمنى چەككەن ئىدى. ئۆزۈمنىڭ بۇنداق خاسىيەتلىك كۈندە تۇغۇلغىنىمدىن تۇنجى قېتىم رازىمەنلىك ھېس قىلدىم.
مەن تۇغۇلغان كۈنۇمنى خاتېرىلەشكە ئاداتلەنمىگەنمەن. ئەجىبا، سېنىڭ تىلىكىڭنى ئاڭلىغاندىن بۇيان خاتىرىلەشنى ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم. سېنىڭ سوۋغا ئېلىپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلمايمەن، يەنە شۇ تىلىكىڭنى ئاڭلىغۇم بارلىقىنى ئېيتىپ قويۇشنىلا مەخسەت قىلماقتىمەن.
    سېنىڭ ئۈچۈن نەچچە رەت مېھمان چاقىرغىنىمنى بىلمەيمەن. سېنىڭ تىلىكىڭنى ئاڭلىغۇم بولسىمۇ، ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولالمىدىم. ھەر قېتىم رەت قىلىشىڭغا ئېرىشكىنىم بىلەن پەرۋاسىزلىقىڭنى ياقتۇرۇپ قالىدىغىنىمنى بىلمەپتىمەن. مېنىڭمۇ بىپەرۋالىقنى ئۆگەنگۈم بار ئىدى، ئەپسۇسكى ئۆگىنەلمىدىم.
    مەن تالاي تىلەكلەرنى ئاڭلىدىم. ئەمما، سېنىڭ تىلىكىڭدەك يېقىملىق تۇيۇلمىدى. مەن ئەشۇ تىلەك ئۈچۈن يېگانىلىق سەپىرىگە ئاتلانغىنىمدىن ئەپسۇسلانمايمەن. چۈنكى، مەن ھامان بۇ تىلەكنى قايتا ئاڭلىيالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.


23

    خاتىرەمنى يوقاتقىنىمدىن ئەپسۇسلانمىدىم، ئەسلىمە ئىچىدە ياشاشتىن قۇتۇلغىنىمدىن خۇشالمەن.
    سېنى ئىزدەپ كەتكەنلەر قايتىپ كەلدى، خەۋىرىڭنى ئالالمىدىم. ساڭا باغلىنىشلىق خاتىرىلەر بارغانسېرى سۇسلاشماقتا، سەن ھەدىيە قىلغان ياپراقچىلارمۇ سارغايدى.
    ئېسمىڭنى قۇش پەرلىرىگە ئېسمىمغا قوشۇپ يېزىپ قويدۇم. قۇشلار پەر تاشلىغاندا، سېنىڭ نامىمىز پۇتۇن جاھانغا تونىلىدۇ. سېنى كۆرۇپ باقمىغانلارمۇ سېنىڭ ئىسمىڭ بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى ئەسكە ئالالايدۇ. ئىككىمىزنى بىر-بىرىمىزگە باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشىدۇ.
    مېنىڭ ئۆزىڭنى كۆرگەنلىكىمنى ئىسىڭگە ئالالمىساڭمۇ مەيلى. ئىسمىمىزنىڭ بىر يەردە يېزىقلىق ئىكەنلىكىنى ئويلىغىنىڭدا، مېنىڭ ناتونۇش ئەمەسلىكىمنى ھېس قىلىسەن. مېنىڭ سېنىڭ بىلەن بىر يىپقا باغلانغانلىقىمنى رەت قىلالمايسەن.
خاتىرەمنى قايتۇرىۋالغۇم بار، ئەسلىمەمدە سېنى يادقا ئالغۇدەك قۇرلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلىمەن.


24

    تەنھالاردىن ئۆزۈمنى سوراپ كۆردۈم، ئۇلار ئېيتىپ بەرمىدى. تەنھانامەلەرنى ئاختۇردۇم، ئىسمىم خاتىرلەنمەپتۇ.
    ئۆزىمنى بىھۇدە تەنھالىق چۆلىگە پالىغىنىمدىن ئۆرتەندىم. ھەممىنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن، يەنە بىر قېتىم سەپەرگە ئاتلانماق بولدۇم. ئەپسۇس، بەلگە تېشىمنى يوقىتىپ قويغىنىمنى ئويلىماپتىمەن.
    قۇشلارنى چاقىردىم، ئۇلار سۆزلەپ بېرەلمىدى. ئىزلىرىمنى ئىزدىدىم، قۇملار كۆمۈۋېتىپتۇ. گۈللەردىن سورىۋېدىم، قۇشلار ئېلىپ كەتكەن دىيىشتى. بىلسەم، بارلىقى مېنىڭ تەنھالىقىمنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ.
    ماڭا ئاتاپ يېزىلغان ناخشىلارنى ئاڭلاپ تۈگەتتىم، ئۆزۈمنى تاپالمىدىم. مۇھەببەتكە تويۇنغان بۇ كۈيلەردە ئەقىدە ھەم ئېتىقاد كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك مېنى مەپتۇن قىلىشقا باشلىدى. چوڭقۇر مەنىگە يوشۇرۇنغان تەبەسسۇم ئىچىدىن ئۆز كۈلكەمنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم. 


   
ئەسكەرتىش:  بۇ ئەسەر مەتبۇئاتقا يوللانمىغان. شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قالايمىقان ئۆز مەيلىچە باشقا مۇنبەرلەرگە چاپلىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

 

تەنھانامە ھەققىدە قىسقىچە تەھلىل 

ئايزىت


    مۇتىللا قىرانىنىڭ " تەنھانامە " تېمىسى ئاستىدىكى پۈتۈن بىر يۈرۈش نەسىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن نەسىر ئىجادىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بولۇپمۇ نەسىرنىڭ ماتىريال تاللاش، قۇيۇق لىرىكىلىق ،كۈچلۈك ئوبرازچانلىق ، قۇرۇلمىسىدىكى ئەركىن جانلىقلىق تەرەپلەردە ئىزلىنىشىمگە تۈرتكە بولغان قىراننىڭ بۇ تېمىسىدىن سۆيۈندۈم. تەھلىل جەريانىدا تۇرمۇشقا يېقىنلىقىدىن بەلگىلىك ئىستىتىك زوق ئالدىم.
    نەسىر ئەدەبىي ژانىرلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەركىن ،ئەڭ جانلىق ،ئەڭ ئىخچام بىر تۈر بولۇپ . ئىپادىلەيدىغان مەزمۇنى مول ھەم كەڭ. ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى خىلمۇ –خىل .ئۇنىڭ شئېرلارغا ئوخشاش، مۇقىم ئۆزگەرمەس شەكلى بولمايلا قالماستىن بەلكى مەزمۇننىمۇ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ماتىرىيال تاللاش دائىرىسى كەڭ بولۇپ تېما جەھەتتىن زامان، ماكان ۋە شارائىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. نەسىردە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى رىئال ۋەقەلەر ئاساسىدا ئادەملەر ئارىسىدىكى ھەرخىل زىدىدىيەت ، توقۇنۇشلارنى ،تەبىئەت مەنزىرىلىرنى ، سۈرەتلەشكىمۇ ، ھايۋاناتلار دۇنياسىنى تەسۋىرلەشكىمۇ بولىدۇ . ئىشقىلىپ قىسقىسى قانداق تېما تاللىشىدىن قەتئىينەزەر ، ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ئوبىكتىپ رىئاللىقتىن پەيدا بولغان سۇبىكتىپ تەسىراتى ، تەسەۋۋۇرى ، ھېس –تۇيغۇسى، بەلگىلىك تونۇش ۋە مۇلاھىزىلىرىنى ئىپادىلەشنى ئاساس قىلىپ مۇئەييەن ئىدىيىۋى مەزمۇننى كىتاپخانغا تاپشۇرۇپ كىتاپخانلار قەلبىنى ئوخشىمىغان نۇقتا ، قاتلام ، دەرىجىدە لەرزىگە سالىدۇ .
    قىرانىمۇ بىر يۈرۈش " تەنھانامە" سەرۋەرلىك نەسىرىدە ئوقۇرمەننى قۇيۇق لىرىكىلىق تۇرمۇشقا يېتىلەپ كىرىپ لىرىك ئوبرازلارنى كۈچلۈك ئوبرازچانلىق خارەكتىرىدە يارىتىپ بىزنى پاسائەت ئالىمىگە شىجائەتلىك قەدەملەر بىلەن باشلاپ كىرىپتۇ.
 

     تەنھانامىدىكى كىتاپخانلارنى ئەڭ جەلىپ قىلىدىغان ، قىراننىڭ يۇقىرى بەدىئىي  ماھارەتلىك ، بەلگىلىك ئەدەبىي دىت يېتىشتۈرگەنلىكىنىڭ نامەيەندىىسى تەنھانامىدىكى بارلىق ئەسەرلەردىكى ھېسىياتنىڭ سېھرى كۈچىدۈر. ھېسىيات --ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى مۇھىم ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. نەسىردىكى ئىدىيىۋى –مەزمۇننى پەرۋاز قىلدۇرغان قانات –يەنىلا ھىسياتتۇر. كالىسبىن نەسىردىكى ھېسىياتنىڭ مۇھىم رولىغا قاراپ «ھېسىيات –روھنىڭ مۇزىكىسى ، تۇرمۇشنىڭ سوبىكتىپتا قوزغىغان كۈچلۈك ئەكىس سادىسىدۇر ، قەلبنىڭ  جاراڭلىق ، جۇشقۇن ناخشىسىدۇر، رېئال تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدىن تۇغۇلغان ھېس –ھاياجاننىڭ مەركەزلىك ئىپادىسىدۇر» دەپ ئېيتقانىدى.  تەنھانامىدە ئاپتور ھېسىياتنى مەركەزلىك تاۋلاپ ، لىرىك يولدا خاتىرلەپ ئىچكى ھېسياتنى چىن ،ئاددى ، تەبئىي  ئىپادە قىلغانلىقتىن بىر يۈرۈش نەسىر ئۆزىگە خاس ھىسيات دۇنياسىنى يارىتىپ كىتاپخانلارنىڭ روھىي دۇنياسى ، قىممەت ئېڭىدا مۇھەببەت بىلەن نەپرەت، چىنلىق بىلەن ساختىلىق، گۈزەللىك بىلەن رەزىللىك، ئەقىدە ، ۋىجدان ، ئىتقاد روشەن سېلىشتۇرۇلۇپ ئىنسانىي روھنىڭ چىن ئىپادىلىنىش ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ، سەنئەت بىلەن گۈزەللىكنى ئىستىخىيلىك باغلاپ تەنھانامىدىكى ئىدىيىۋى مەزمۇن قاتلاملىرى تەبىئەتكە ، قۇشلارغا ، گۈللەرگە ، مەدەنىيەتكە ، ھاياتلىققا ،ئاڭغا چېتىلىدىغان قاتلاملىرى پەلسەپىۋى  رەۋىشتە لىرىكىلاشتۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

  1


    بۇ يەردە ئىزىم قالمىسىمۇ مەيلى، مەن نام- ئاتاقنى ئۇلارغا ھەدىيە قىلىشنى ئۆگىنىۋالغانمەن. كاتتا ساراي، باياشات تۇرمۇش جېنىمدىن ئۆتتى. سىردىشالمىدىم، كۈيلىرىمنى چۈشەنمەيدىغان بولۇپ قېلىۋاتقىنىمنى ئويلىسام، ئىچ-ئىچىمدىن ھەسرەتلىنىمەن.
يۈرىكىم سىقىلماقتا، ئۈنۈم بوغۇلدى. ماختاشلارنى يىپەك تون ئورنىدا كىيدىم، ئۆزۈمنى شاھ سەزدىم. قاۋاققا قايتقۇم كەلدى، تاپالمىدىم. چاچلارغا چىگىلدىم، بارماقلارغا بوغۇلدۇم. قاداق قوللارنى ئىزدىدىم، ئۇچراتمىدىم. ئالتۇن قاچىلاردا غىزالاندىم، ساپال تاۋاقچىلىق ھوزۇر تاپالمىدىم .

2

    قۇش ئۇۋىسىغا ئوت كەتتى، كەپسىز بالىلار كۈلمەكتە. تېخى قانات چىقارمىغان قۇش بالىلىرى ۋىچىرلاشماقتا. ئانا قۇش قان قۇستى، كەتمىدى. كىچىك ئېغىزلىرىدا سۇ توشۇپ، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇندى، لېكىن ئۆچۈرەلمىدى. بالىلىرىنىڭ ئۆلۈم ۋەھىمىسىنى كۆرۈپ تۇردى، چىدىيالمىدى. ئۆزىنى دەرەخكە ئۇردى، جان بەردى.
    قۇش يۈرىكى قانداقكىن، سورىدىم، بىلەلمىدىم. سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ قۇش يۈرىكىگە تەڭ ئەمەسلىكى، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈردى. قۇش چىدىمىدى، سەن چىدىدىڭ. قۇش ئۇۋىسىدىكى ئوت ئۆچمىدى، سەن ئۆچتۈڭ.
    بالىلارنىڭ ئاھى تەڭرىگە يەتتى، سەن ئاڭلىمىدىڭ. يالغۇزلۇق يۈرىكىمنى تۈگەشتۈردى، سەن كۆكلىدىڭ. كۆكلەشنىلا ئويلىدىڭ، باھارغا ئەگىشىپ كۈزنىڭمۇ كېلىدىغىنىنى خىيال قىلمىدىڭ. سارغايغىنىڭدا ئېرىشكىنىڭنىڭ نەپرەت بولىدىغىنى ھېس قىلغىنىڭدا، ھەممىنى يوقاتقانلىقىڭغا تەن بەرمىگىنىڭنى كۆرەي. 
    مەن ئاخىرى سېنىڭدەك ئادەم بولۇشتىن، قۇشقا ئايلىنىپ قىلىشنى تاللىدىم ...

3

    مەن تالاي قېتىم دەرىزە ئورنىنى پىلانلىدىم. تۇيغۇمدا دەرىزەمنى قەيەرگىلا يۆتكىسەم، ئوخشاشلا كۆرىدىغىنىم بىنەپشە دۇنيارىم ئىدى. ئىشىك ئېچىلمىدى، بۇئىشىكنىڭ قاچانلاردا ئېچىلغىنىنى ئۇنتۇپمۇ كەتكەندىمەن. يۈزلىرىمگە ئۇرۇلغان شۇ سالقىن شامالمۇ قۇياش بورىنىغا ئايلانغان ئىدى.
مەن ئاخىرى ئۆزۈمگە تەن بەردىم. مېنىڭ كۆزۈم تۇغما قارىغۇلا ئەمەس، روھىممۇ قارىغۇ ئىكەن .


    بىز يۇقۇردىكى تەنھانامىدىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچىلارغا نەزەر سالغىنىمىزدا ، شۇنى ئويلىماي تۇرالمايمىز. تەنھانامىدىكى بىر يۈرۈش نەسىرلەر قىسقا ھەم ئىخچام يېزىلىپ بەدىئىيلىكتە ئۆزىگە خاس خارەكتېرلىنىپ ئوقۇرمەندە سەنئەتلىكى بىلەن پاسائەتلىك گۈزەل ھېس تۇيغۇلارنى، ئىزگۈ تىلەكلەرنى ئويغاتسا قوراللىقى بىلەن ئىنسان روھىيىتىدىكى ئەڭ نازۇك ھېس تۇيغۇلارنى ئىنسانىي مۇھەببەت، ئېتىقاد يۈكسەكلىدە ئادىمىيلىكىنى تونۇشقا ، ياشاشقا ئۈندەيدۇ. 

    يەنە بىز تـۆۋەندىكى پارچىلاردىن :

1

    توشقان كاۋىپى ئۈچۈن، ئۆزۈڭ بەرپا قىلغان يۇلغۇنلۇقنى چاپقىنىڭغا ئەقلىم يەتمىدى. لېكىن، قۇم دۆۋىلىرىگە قويغان قاپقانلىرىڭ سېنى نائۈمىد قويمىغان ئىدى. قىزارغان يۇلغۇن تاللىرى ئۆزى بېقىپ ھاياتلىق بەرگەن توشقانلىرىغا زىخ ھەم چوغ بولغىنىدىن ئۆكۈنۈپ، چاراسلاپ كۆيمەكتە. ئەشۇ چوغلارغا قاراپ تۇرۇپ، سېنىڭ يۈرىكىڭنىڭ كۆيمىگىنى ئۈچۈن قايغۇردۇم.
    يۇلغۇنلار كۆكلىدى، ياۋا توشقانلار قايتا ئۇۋىلىمىدى. ئۇلار يۇلغۇنلاردىن ئەمەس، يۇلغۇن چاپقۇچىلاردىن بىزار بولغان ئىدى.

2

    ھاياتتىن ئۈمىد ئۈزگىنىم ئەمەس، ياشاشنى خالىمىغىنىمدىن بولسا كېرەك، ئادەملەر توپىدىن سۈرگۈن قىلىندىم. مەن شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆزۈمنىڭ ئادىمىيلىكىمدىنمۇ گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
    مەن گۇماننىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن ئۆزۈمنىڭ گۇمان تۇمانلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقىنىمدىن ئەپسۇسلىنىمەن.  مېنىڭ ئۈچۈن بۇ كائىناتتىكى بارلىق مەۋجۇدات يالغاندىن كۈلۈمسىرەۋاتقاندەكلا تۇيۇلىدۇ. يۇلتۇزلارمۇ تەبىئىيلىكىنى يوقىتىپ، زورىغا پارلاۋاتقاندەك بىلىنىدۇ.

3

    مەيپۇرۇشنى ئۆلتۈرىۋەتكۈم كېلىدۇ، مەيخورلۇقۇم يول قويمايدۇ. قولۇمدىكى تاش قەدەھنى يەرگە ئاتتىم، چېقىلمىدى. مەي كۈپكە ئوت ياقتىم، كۆيمىدى.
    مەستلىكتە نېمىلەرنى قىلغىنىمنى بىلمەيمەن. قولۇم قان، بەدىنىم يارا. كىملەرنى چاقىرغىنىمنى، نەلەرگە بارغىنىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. ئەقلىم يولدا چۈشۈپ قالغاندەك تۇيغۇدا قىينالدىم. يەنە بىر قەدەھ ئىچكۈم كەلدى، مەيپۇرۇشنى چاقىردىم، ئاۋاز كەلمىدى. قولۇمدىكى قەدەھتە قان يۇقى تۇرۇپتۇ. ئېسىمگە كەلسەم، ئىچكىنىم مەي ئەمەس قان ئىكەن.
    چاچلىرىم چۈشۈرىۋېتىلدى، ئىسمىم نومۇرغا ئۆزگەردى. كۆنەلمىدىم، نە چارە كۆنمەكتىن باشقا يول يوق ئىدى. قاراڭغۇ ئۆيدە ئويلاندىم، مەي خۇمارىممۇ تۇتمايدىغان بولۇپ قالغىنى مېنى تېخىمۇ ئۆكۈندۈردى. ئۆكۈنۈش بىلەنلا ھەممىنى قايتۇرغىلى بولىدىغان بولسا، ئۆكۈنۈشكە بارلىقىمنى تېگىشكەن بولاتتىم.
    مەي ھىدى دىمىقىمغا ئۇرۇلغاندا، بۇ مەينىڭ مېنى ئۇزۇتۇش چېيى ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن. ئىچتىم، قانمىدىم. يەنە ئىچتىم، تويۇنمىدىم. چۈنكى، ئىچىۋاتقىنىم ئۆزۇمنىڭ قېنى ئارىلاشتۇرۇلغان مەي ، ئۆزۈممۇ مەي كۈپى ئىدىم.
    مەي كۈپى چېقىلدى، مەي قارا يەرگە سىڭمەكتە. ئۇ يەردىن ئۈنگەن تىكەنلەر روھىمدەك زەھەرلىك ئىدى.


    قىراننىڭ نەسىرچىلىك ئىجادىيىتىدىكى كۆپ قىرلىققا ئىگە بولغان ئىجتىمائىي تېمىلارغا يۈزلىنىش ، ئوبىكتىپ شەكلەن ھادىسلەرنى تەسۋىرلەشتىن سۇبىكتىپ كەڭلىككە بۆسۈپ كىرىش، ئىچكى مەنىنى چۇقچىلاش ، پىكىر قاتلاملىرىنى يارتىشتا خېلى مۇكەممەل ، ئۆزىگە خاس خاسلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقانلىقىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ روھىيىتىدە ئويلىنىش ئىچىدە قاتتىق سىلكىنىشنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ، ھايات، مۇساپە ، روھ مەنزىلىدىن ئىبارەت پىكىر نۇقتىلىرىنىڭ تەسەۋۋۇر كەڭلىكىدىن مەنىۋى مۇھىت چوڭقۇرلىقىغا ، چىن روھ تەسۋىرلىرى ، قەلب مونولوگ، تىلى بىلەن شۇڭغۇپ كىرىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەنىۋى زىمىنىغا سەنئەت ۋە گۈزەللىك ئۇرىقىنى چاچقانلىقىدىن سۆيۈنمەي تۇرالمايمىز... 

   
سېنى تاشلاپ كەتكۈم يوق قۇشۇم. سەن ئۇچۇشنى ئۆگىنىۋېلىشتىن ئاۋال كەتمەسلىكىم كېرەك. ساڭا ئۇۋا بولغان ئالقانلىرىم قىزىماقتا، سېنىڭ ئۇچۇشۇڭغا بولغان تەشنالىق يۈرىكىمنى ئۆرتىمەكتە.
    كۈتتۈم، تالاي تاڭلار ئۇلاشتى. سەن ئۇچۇشنى ئەسلا خالىمايدىغاندەك، ئالقىنىمدا تۈگۈلۈپلا ياشاپ كەلدىڭ. ئېغىزىم بىلەن سۇ بېرىپ باقتىم، پەرلىرىڭنى سىلاپ پۈۋلىدىم. نېمىشقىكىن، ئۆزۈممۇ ئۈمىدسىزلىككە مۇپتىلا بولۇشقا باشلىغاندەك تۇيغۇنى كۆردۈم.
    نېمىلەرنى خىيال قىلىدىغانسەن؟ مېنىڭ ئۇچقۇم بار، ئۇچالمايمەن. سەن ئۇچۇشنى خالىمايسەن. كىچىك، يۇمران كۆزلىرىڭدىن شەبنەم تۆكمە، ئالقىنىم سېنىڭ ئۈچۈن ئەبەدىلىك ئۇۋا بولسۇن.
مېنىڭدىن ئايرىلغۇڭ يوقمۇ ياكى كەڭ دالىلارنى كېزىشنى ياقتۇرمامسەن. بىلىمەن، ئۇچۇشنى خالىمايسەن ئەمەس، بەلكى ئۇچقاندىن كېيىن ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىشتىن ئەنسىرەيسەن. چۈنكى، قول-قوللاردىكى ياسىداق، نەپىس قەپەزلەر سېنى كۈتمەكتە.
    ئەي، قۇشۇم! قەپەسكە كىرىپ قېلىشتىن ئۆزۈڭنى قاچۇرمىغىن. ئۇچۇشنى بىلمەسلىكتىن نومۇس ھېس قىل. پەرلىرىڭنى تاۋلاشنى بىلسەڭ، ئېگىز كۆكلەردە كېزىشنى ئىستىسەڭ قەپەس سېنىڭ چۈشىڭگە ئايلىنىدۇ.
    مەن سېنى ئۇۋىغا ئەمەس، سامان يولىغا تاشلاپ كەتمەكچىمەن. سېنىڭ ئەسلى ماكانىڭ مېنىڭ ئالقىنىم ئەمەس، ئۇپۇقتىكى سامان يولى !


   
قىرانى بۇ پارچىدا قۇشقا سۆزلەپ قۇش ۋۇجۇدىدىكى روھ بىلەن ئىنسان روھىنى يوشۇرۇن ئۇچراشتۇرۇپ ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋىنى پىكىرنى يورۇتۇش ئارقىلىق ئىنسانلاردىكى شەخسىيەتچىلىك خائىشىنى يارقىن بىشارەتلىك لىرىك يول بىلەن شەرتلەپ ، ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتكە ، قۇشلارغا سالغان بۇزغۇنچىلىقىنى قاراتمىلىقى كۈچلۈك تەرىقىدە بايان قىلىپ ئىنسان ئەخلاقىدىكى ئەڭ ئالىي پاسىل ئادىمىيلىكنىڭ مۇھىملىقىنى باغلانما تەسەۋۋۇرىنى ئەركىن پەرۋاز قىلدۇرۇپ كىتاپخانلارنىڭ ئىچكى ھېسىياتىنى ئەڭگۈشتەردەك جۇلالاندۇرۇپ دۇنياغا مۇھەببەتلىك نەزەر سېلىشقا ئۈندىگەن.

داۋامى بار ...

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY