باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 03:58 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: قەلىمىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

شېئىرىيەت تەتقىقاتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

ئۇيغۇر شېئىرىيەت نەزەرىيىسى تەتقىقاتى ۋە بۈگۈنكى دەۋر شىئىرىيەت نەزەرىيىسى

تەتقىقاتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر

ئاينۇر دولقۇن

قىسقىچە مەزمۇنى:
مەزكۇر ماقالىدە ئۇيغۇر شىئىرىيىتىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مەزمۇن جەھەتتىكى تەرەققىيات، شىئىرىيەت نەزەرىيىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، نەزەرىيە تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسلىلەر ئەمەلىي مىساللارنى كۆرسىتىش ئارقىلىق سۆزلىنىپ بۈگۈنكى دەۋر شىئىرىيىمىزنىڭ تەرەققىيات يولى ھەققىدىكى پىكىرلەر قىسقا ئىخچام ھالدا بايان قىلىنىدۇ .

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر :
شىئىرىيەت نەزەرىيىسى تەتقىقاتى،  شېئىرنىڭ شەكلى ،  ساقلىنىۋاتقان مەسلىلەر

شېئىرىيەت-بەدىئىي ئەدەبىياتنىڭ چوڭ بىر تۈرى، ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان قىسمى. ئۇيغۇر شىئىرىيىتىنىڭ تۈنۈگۈنى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر سالىدىغان بولساق كۆپىنچە ئەھۋالدا مىڭلاپ يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا شاھلىق ئورننى ساقلاپ كەلگەن شىئىرىيەت ۋە ئۇنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى ئۇتۇقلىرى، داڭلىق شائىر، ئەدىبلىرىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئالەمشۇمۇل ئەسەرلىرىنى تىلغا ئالىمىز ۋە بەزىلەرنىڭ شىئىرىيەتنىڭ بۈگۈنىنى ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىنىڭ تىنىچلاپ قالغىنىغا ئوخشىتىۋاتقىنىنى ھېس قىلىمىز. ئەگەر مۇشۇنداق بولسا بۇنىڭدىكى سەۋەب زادى نېمە؟

ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، شېئىرىي مىللەت دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن مىڭ يىلدىن ئارتۇق شېئىرىيەت ئەدەبىياتتىكى ئاساسلىق ژانىر بولىدىغان ئەدەبىيات تارىخىنى بىشىدىن كەچۈرۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە ئەدەبىياتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىنىڭ بەس-بەستە ئىچىلغان گۈلدەك تەرەققى قىلىشى، پروزىنىڭ يىرىم ئەسىرگە يەتمىگەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە گۈللىنىپ شىئىرىيەتنىڭ ئەسلىدىكى ئورنىنى تەۋرىتىپ، بۈگۈنكى چاغداش ئەدەبىياتىمىزدىكى ئاساسىلىق ژانىرغا ئايلاندى. شۇندىمۇ، شىئىرىيەت ھەققىدىكى ئىزدىنىش، يىڭىلىق يارىتىش، بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ۋە نەتىجىلەرمۇ كۆرۈنەرلىك بولدى.

مەزمۇن جەھەتتىكى تەرەققىيات

«بىز شىئىرىيەت ئەنئەنىسى چوڭقۇر ئەنئەنىسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقانئەل ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ۋە مەدەنىيەت قۇرۇلمىمىزدا شىئىرىي دىتاللار (ۋەقە-سىيۇژىتلار) تەبئىي يوسۇندا مەۋجۇتتۇر. شۇ سەۋەبتىن، ئوي-پىكىرلىرىمىزنى شىئىر بىلەن بىلدۈرۈش ۋە ھېس تۇيغۇ ھەم كەيپ-ھاللىرىمىزنى شىئىر بىلەن نامايان قىلىش-بىز ئۈچۈن تەبئىي ئىش. ئۆتمۈشنى قويۇپ، يېقىنقى زاماندىن سۆز ئاچساق، شۇ نەرسە روشەنكى، 20-ئەسىردىكى شىئىرىيىتىمىز زامان ۋە ئەل روھى بىلەن ناھايىتى زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن. چۈنكى، زامان روھى ۋە ئەل روھىنى يارىتىشتا، شىئىرىيەت بەدئىي ئەدەبىياتتا ئاۋانگارتلىق رول ئويناپ كەلدى. ئويغىنىش، قەد كۆتۈرۈش، ئازادلىق، ئىجتىمائىي ئىسلاھاتلار ۋە 20-ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدىكى ئىسلاھات ۋە ئېچىۋىتىش قاتارلىق ھادىسىلەردىن تەركىب تاپقان مەدەنىيەت تۇپرىقى ۋە دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ھازىرقى شىئىرىيىتىمىزگە خاس خۇسۇسىيەتلەرنى ئاتا قىلدى.»①بۇ ماقالىسىدە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شىئىرىيىتىنى «قوراللىق خۇسۇسىيىتى»، «زامانىۋىلىق خۇسۇسىيىتى»، «يېڭىلىق خۇسۇسىيىتى»، «فولىكلورلۇق خۇسۇسىيەت» قاتارلىقلار بىلەن سۈپەتلەپ شىئىرىيەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى بۇ تەرەپلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ ئۆتىدۇ. يېڭى شىئىرىيەت نامايەندىلىرىنىڭ شېئىرلىرى جانلىق-تېمەن، ئۆتكۈر ھىسىياتلىق، يارقىن تۈسلۈك، گۈزەل-پاساھەتلىك، چوڭقۇر نۇكتىلىك بولۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن جۇلالىنىپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجادىيىتىدە ئەل مېھرى، قىرىنداشلىق مېھرى، دوستلۇق مېھرى، ئۆملۈك-بىرلىك مېھرى، ئىشىق شەۋقى، يىڭىلىق زەۋقى، ئومۇمەن، ھىسىياتى بارلىكى شەيئىلەر، ئەل-ئاۋام ئىچىدە بولىدىغانلا ھال-ئەھۋاللار نامايان قىلىنغان. بۇ-ئىجابى تەرىپى... ئەقىل كۆزى بىلەن نەزە سالىدىغان بولساق، ھازىر شىئىرىيىتىمىزنىڭ تېما دائىرسى تارىيىپ، تولا شىئىرلاردا «مەن»، «يار» ياكى «سۆيگۈ سەۋداسى» بايان قىلىنىدىغان بولۇپ قالدى... يەنە بىر نۇقسان شۇكى، بەزى شائىرلار ياكى شىئىرىيەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ شىئىرلىرىدا، مىسرالار ياكى بىيىتلارنىڭ تۈزۈلۈشى شىئىرىي گرامماتىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس، مىسرالار ئارا مەنتىقىلىك باغلىنىش يوق». ئەمما، شىئىرىيەت تەتقىقاتىمىزغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق، شىئىرىيەت تەتقىقاتىدا شىئىرنىڭ مەزمۇن ۋە ئىدىيىۋى ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئىلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار خىلى كۆپ سالماقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق شىئىرىيەتنىڭ شەكلى، تۈزۈلۈشى ۋە بەدئىي ئۇسۇللىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار بارماق بىلەن سانىغۇچىلىكلا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

شىئىرىيەت شەكىللىرى توغرىسىدىكى نەزەرىيە ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار

تۆۋەندە مەن ھازىرغىچە بۇ ھەقتە ئىلان قىلىنغان بىر قىسىم غوللۇق ئەسەر ۋە كىتابلارنى ۋە ئۇنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى قىسقىچە ئىيتىپ ئۆتىمەن.

1. شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نەشىرياتى 2002-يىلى 2-قىتىم نەشىر قىلغان ئابلەت ئۆمەر باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئاساسلىرى» نامىلىق كىتابتا شىئىرنىڭ شەكىللىرى ئۈستىدە بىر قانچىسى ئۈلگە سۈپىتىدە قىسقىچە تونۇشتۇرۇلۇپ ئۆتۈلگەن.

2. ئىمىن تۇرسۇننىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن 1990-يىلى نەشىر قىلىنغان «تارىمدىن تامچە» نامىلىق كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن «شىئىرىيەتتە بەدئىيلىك توغرىسىدا» نامىلىق ماقالىسىدە شىئىر، ۋەزىن ۋە ئارۇز ۋەزىن، ئۇنىڭ ھەر قايسى بەھرىلىرى ۋە شۇ بەھرىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئاساسلىق رۇكىنلار ۋە ئۇنىڭ ئىپادىلىنىشى، بەھىرنىڭ تۈرلىرى؛ قاپىيە ۋە ئۇنىڭ رولى، تۈرلىرى، كىلاسسىك شىئىرىيەتتە ئۇچرايدىغان ئالاھىدىرەك قاپىيە مەسلىلىرى، مىسرا، بىيىتى، بەند، كۈپلىت قاتارلىقلارغا ئومۇمىيۈزلۈك چۈشەنچە بىرىدۇ. شېئىرنىڭ شەكىللىرىدىن قوشاق-بېيىتلار، غەزەل، تەشبىھۇل ئەتراف، مەسنەۋى، رۇبائىي، قىتئە، تۇيۇق، مۇرەببە، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇسەممەن، مۇسەللەس، تەرجىئ بەند، مۇستەھزاد، چاچما شىئىر، مەرسىيە، مۇناجات، مەسەل، ھەسبىھال، سەجئە، قەسىدە، باللادا، ساقىنامە، داستان، شىئىرىي دراما، شىئىرىي رومان، سەپەرنامە، سېكىل، مۇۋەششەھ، نەزىرە، ئىقتىباس، مۇلەممە، مۇشائىرە... قاتارلىق شەكىللەرنىڭ ئېنىقلىمىسى، مەزمۇنى، مىسرا سانى... دېگەندەك مەسلىلەر ئۈستىدە ئومۇمىيۈزلۈك توختالغان.

3. ھاجى ئەخمەت كۆلتىگىن ئۆزىنىڭ «مىللىي شىئىرىيىتىمىزدىكى بەزىبىر شەكىللەر توغرىسىدا» نامىلىق ماقالىسىدە ئاساسلىقى مەسنەۋى، غەزەل، مۇسەللەس، مۇراببە، مۇخەممەس، مۇسەددەس، مۇسەببە، مۇسەممەن، مۇتەسسە، تەرجى بەنت، مۇستەھزاد، مۇۋەششەھ، مۇساۋىيات تەرەپەيىن، مۇھتەمىلات(تۇيۇق)، قىتئە(پارچە)، رۇبائىي، مۇشائىرە، مۇئەمما(تېپىشماق)، ئىقتىباس، نەزىرە(تەقلىت)، چاتما شىئىر(سېكىل) ،فەرد قاتارلىق شەكىللىرى ئۈستىدە بىر قاتار قىسقا مۇلاھىزىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمكى ۋە بۈگۈنكى زامان شىئىرلىرىدىن مىسال كەلتۈرگەن.

4. پىشقەدەم مائارىپچى، تەتقىقاتچى ئۆمەر ئوسمان شىپائى تېكىن ئۆزىنىڭ «ئېلىم ۋە ئالىم» نامىلىق كىتابىغا(قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2001-يىلى 6-ئاي 1-نەشىرى) كىرگۈزۈلگەن «شىڭگىل شىئىرلار ھەققىدە ئىككى شىڭگىلدىن گەپ» نامىلىق ماقالىسىدە مىسرائ، نەزم، فەرد، قىتئە، رۇبائىي، مۇھتەمىلات، تەجنىس، مۇختەلىف، مۇساۋىيات تەرەپەين، مۇئەمما قاتارلىق شىئىرىيەت شەكىللىرى ئۈستىدە توختالغان.

5. ئۇستازىمىز، پروفىسور زەمىر سەئدۇللازادە ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئىرىيەت، بولۇپمۇ ئارۇز ۋەزنى ۋە بۇ ۋەزىندە يېزىلغان شىئىرىي شەكىللەر، قاپىيە قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار تەتقىقات نەتىجىلىرى «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى ئىلمىي ژورنىلى»، «بۇلاق»، «ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئىلمىي ژورناللاردا ئىلان قىلىنغان ۋە ئىلان قىلىنىش، نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بۇ ساھەدىكى بوشلۇقنى تولۇقلاپ، كىلاسسىك شىئىرىيەتنى تەتقىق قىلىش، ئىسىل جەۋھەرلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشمىزنى ياخشى قورال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىئىرىيەت نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسلىلەر

1. ئاساسلىق ئاتالغۇلارغا ۋە قورال خاراكتىرلىك ئۆلچەملەرگە بىرىلگەن تەبىر ۋە ئۇقۇملاردا يۈزەكىيلىك ئېغىر بولۇۋاتىدۇ. كۆپىنچىسىدە مىسرا سانى ۋە قاپىيە شەكلى ئۈستىدە توختالغىنى بىلەن شىئىرنىڭ جىنى ۋە ئاساسى گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى ۋەزىن ۋە بەھرىلىرى ئۈستىدە ھىچقانچە توختالمىغان. مەسلەن: قوشاق-بىيىتلار–خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قەدىمكى ۋە كەڭ تارقالغان تۈرى، بەدئىي ئەدەبىياتنىڭ ئانىسى بولۇپ، قەدىمدىن تارتىپ تاكى بۈگۈنگىچە خەلقىمىز ئارىسىدا ئۆ‍ز سېھرىي كۈچىنى يوقاتماي نامايان قىلىپ كەلمەكتە. قەدىمكى قەھرىمانلىق قىسسىلىرى ۋە خەلق داستانلىرىمۇ خەلق قوشاقلىرى شەكىلدە يېزىلىپ دەۋردىن دەۋرگە، ئەجدادتىن ئەۋلادقا يېتىپ كەلگەن. قوشاقلارنىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىدە ئالىم ئېمىن تۇرسۇن ھاجى ئۆزىنىڭ «تارىمدىن تامچە»نامىلىق كىتابىدا «قوشاقلار كۆپىنچە بارماق ۋەزىندە ھەم ئارۇز ۋەزىندىمۇ يېزىلىدۇ. مىسرالىرى 7-8 بوغۇملۇق كىلىدۇ، مىسرالىرى تۆتلۈك شەكىلدە، تولاراق abab abcb ياكى aaab cccb سىخىمىلىرىدا قاپىيىلىنىدۇ. يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، تۆتلۈكنىڭ دەسلەپكى ئىككى مىسراسى كۆپىنچە تەبىئەت تەسۋېرى ياكى شەيئىلەر سۈرەتلىنىپ، كىيىنكى ئىككى مىسراسى ئىجتىمائىي مەزمۇننى ئىپادىلەيدۇ ».② ( 313-بەت)

يەنە شىئىرىيىتىمىزدە ھازىرمۇ كەڭ تۈردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان غەزەل ژانىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا قاراپ باقايلى:

ئىمىن تۇرسۇن «كىلاسسىك ئەدەبىياتتا لىرىك شىئىر ئومۇمەن غەزەل دەپ ئاتىلىدۇ. غەزەل ناھايىتى ئاھاڭدار شىئىر بولغىنى ئۈچۈن، كۈت-ناخشا تۈسىنى ئالغان. شۇڭا خەلىق ئارىسىدا غەزەل ئوقۇش بىلەن ناخشا ئوقۇش بىر مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ھازىرقى ئىستىمال مەنىسىدە aa ba ca ... شەكىلدە قاپىيەلىنىدىغان ۋە بىيىتتىن بېيىتكىچە بولغان لىرىكىلىق شىئىر غەزەل دەپ ئاتىلىدۇ»③ دەپ يازىدۇ. غەزەلنىڭ تىپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ تەئرىپ، تەۋسىپ، مەدھى، شەرھى ھاللارنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.

ھاجى ئەخمەت كۆلتىگىن ئۆزىنىڭ «مىللىي شىئىرىيىتىمىزدىكى بەزىبىر شەكىللەر توغرىسىدا» نامىلىق ماقالىسىدە غەزەل- قاپىيلىنىش تەرتىۋى ۋە كۈپلىت تۈزۈلۈشى جەھەتتىن مەسنەۋىگە ئوخشاپراق كىتىدىغان شىئىرىي شەكىللەرنىڭ بىرى تەكرار ئىككىلىك، يەنى غەزەلدۇر.شەكىل تەرەپتىن، دەسلەپكى بىيىت ئۆز ئارا قاپىيىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھەر بىر بىيىتنىڭ بىرىنجى مىسرالىرى ئوچۇق(قاپىيىسىز) قالدۇرۇلۇپ، ئىككىنجى مىسرالىرى دەسلەپكى بىيىت بىلەن قاپىيىلىنىدۇ. كۈپلىت سانى تاق بولۇپ بەش كۈپلىتتىن 13 كۈپلىتقا قەدەر يېزىلىدۇ.④

ئەمدى ئۇستازىمىز زەمىر سەئدۇللازادىنىڭ غەزەل شەكلى توغرىسىدا يۇقارقى مەزمۇنلاردىن باشقا يەنە غەزەلنىڭ ھەر قايسى بۆلەكلىرى، تېما دائىرسى ۋە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك نۇقتىلارنى تولۇقلاپ ئۆتىدۇ. تېمىسى جەھەتتىن غەزەل دەسلەپتە ئىشقى مۇھەببەت تېمىسىدىلا يېزىلغان بولسا، 15-ئەسىردىن كىيىن كىڭىيىپ بارغان. ناۋايى ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىدە ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە تۇرمۇش دائىرىسىگە كىڭىيىپ بارغان. كىيىنچە ئىشقى مۇھەببەت تېمىلىرى ئايرىم تەغەززۇل دەپ ئاتالغان. غەزەل قۇرۇلما جەھەتتىن مەتلەئ(غەزەلنىڭ بىرىنجى بىيىتى بولۇپ ئۆز ئارا قاپىيەلەنگەن بولىدۇ)، ئاساسى بۆلەك (غەزەلدىكى ئاساسى پىكىرنى ئىپادىلەيدىغان بۆلەك)، مەقتەئ (غەزەلنىڭ خۇلاسە قىسىمى)دىن ئىبارەت بولۇپ، مۇشۇ ئاخىرقى بۆلەكتە شائىر ئۆز تەخەللۇسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەگەر مەقتەئ بولمىسا قىتئە بولۇپ كىتىدۇ.

يۇقارقى ئېنىقلىمىلار ھەممىسى دېگۈدەك تۈزۈلۈشى، قاپىيىسى ۋە مەزمۇنى ئۈستىدە بولۇپ، ئارۇز ۋەزىنىلىك شىئىرلارنىڭ جېنى بولغان بەھر ۋە ۋەزىن ھەققىدە كونكىرىت بايانلار بېرىلمەيدۇ.

2.بۈگۈنكى دەۋردىكى تەتقىقاتىمىزدا كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزدىكى نەتىجىلەرنى قىزىش، تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە بۈگۈن ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش، قانداق قىلىپ بۈگۈنكى يېڭى زامان شىئىرىيىتىنى مۇكەممەللىككە ۋە ياخشى بولغان ئۆلچەم-قوراللارغا ئىگە قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز يېتەرلىك بولمىدى. كىلاسسىك شىئىرىيەت نەزەرىيىمىزگە قارايدىغان بولساق، نەۋائى يېزىپ قالدۇرغان «مىزانۇل ئەۋزان»ۋە زوھۇرىدىن بابۇرنىڭ «مۇختەسەر» نامىلىق ئەسەرلىرىدىكى شىئىرىيەت نەزەرىيىسىدىكى بايانلارغا ۋە ئەرەب-پارس شىئىرىيىتىدىكى مىزان-ئۆلچەملەردىن باشقا يىقىنقى دەۋرلەردە ئەنئەنىۋى شىئىرىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە قەدىمىگە ماس ھالدا بۈگۈنكى شىئىرىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلار، بولۇپمۇ ۋەزىن ۋە بەھرى شۇنداقلا شەكىللىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتلار يوق دېيەرلىك بولدى.

يىللارنىڭ رەھىمسىز قەدەملىرى، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە ياشىغان جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك-تۈمەن سىياسى، ئىجتىمائى ئۆزگىرىشلار، ھەر خىل يېڭىلىقلار ئەدەبىياتىمىزغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. سەئىدىيە خاندانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كىيىنكى ئەدەبىيات-سەنئەت بېغىغا قويۇلغان دەھشەتلىك ئوت، پەن-مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى ۋە كىتابلارنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى بىزنى نۇرغۇن ئەدەبىيات-سەنئەت بايلىقلىرىمىزنى ۋەيران قىلدى، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى خۇراپاتلىق بىلەن ئۈشكەللىنىپ، ئاپئاق خوجىنىڭ ئېزىىشى، سۈلۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى قىرغىنچىلىق، تەپرىقچىلىق يامراپ خەلق ئۇزۇن مەزگىللىك مەھكۇملۇق پاتقىقىغا پاتتى. گەرچە يېقىنقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىكى نەتىجىلەر بىزنى سۆيۈندۈرسىمۇ، لىكىن تەتقىقات ۋە نەزەرىيىۋى ئەسەرلەر يوق دېيەرلىك بولدى. ئىلىمىزدە شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشى پۈتكۈل جۇڭگۇ زېمىنى ۋە خەلقىنىڭ ئويغىنىش ۋە ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇ پىلتىسىگە ئوت ياقتى. بۇ دەۋرىدە يېڭىچە دىمكوراتىك ئەدەبىيات بارلىققا كەلدى. 20-ئەسىر پۈتۈن دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ چوڭ پىچىغا ئايلاندى. ئۆز نۆۋىتىدە، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمۇ باشقا ئەل ۋە مىللەت ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ يىڭىچە شەكىل ۋە تۈستە تەرەققى قىلىشقا باشلىدى. بىزنى ئۆكۈندۈردىغىنى شۇكى، گەرچە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىز بۈگۈنكى ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئانىسى ۋە مۇنبەت تۇپرىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنكى قاينام-تاشقىنلىقنىڭ ئاساسى بولسىمۇ، لىكىن قەدىمكى بىلەن بۈگۈن ئوتتۇرىسىدىكى «ھاڭ»غا ياخشى كۆۋرۈك سالالماي، «مىزانۇل ئەۋزان» ۋە «مۇختەسەر»گە ئوخشاش «ئارغامچا»غا ئېسىلىپ، ئاران ئۆتۈۋاتىمىز. يەنە بىر نۇقتىدىن، بۈگۈنكى دەۋردىكى تەتقىقاتىمىزدا كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمىزدىكى نەتىجىلەرنى قىزىش، تەتقىق قىلىش بىلەن بىرگە بۈگۈن ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش، قانداق قىلىپ بۈگۈنكى يېڭى زامان شىئىرىيىتىنى مۇكەممەللىككە ۋە ياخشى بولغان ئۆلچەم-قوراللارغا ئىگە قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز كىرەك. شىئىرىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن شەكىللەردىكى بۇزۇلۇش ئېغىر، بولۇپمۇ كىلاسسىك شىئىرىيىتىمىزدىكى ۋەزىن ۋە بەھىر، قاپىيە توغرىسىدىكى نەزەرىيىلەرگە چۈشۈرۈپ باھالايدىغان بولساق، ئەلۋەتتە ئۈمۈتسىزلەنمەي قالمايمىز. خوش، ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمىدە؟ شائىرلارنىڭ نەزەرىيىۋى بىلىمىنىڭ يوقلۇقىمۇ ؟

ئىمىن تۇرسۇن ئۆزىنىڭ «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-ساندا ئىلان قىلىنغان «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە دائىر مۇھىم مۇھاكىمىلەر ھەققىدە مەلۇمات» نامىلىق ماقالىسىدىكى «كىلاسسىك ئەدەبىياتقا ۋارىسلىق قىلىش مۇھاكىمىسى» دېگەن بۆلىكىدە «جاڭ جيې: ھازىر كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۆلچەملىرىدىن گۇمانلىنىش خاھىشلىرى بار؛ بىز كىلاسسىك ئەسەرلەرگە ئىھتىياجلىق، لىكىن ئۇنى ئىلاھىيلاشتۇرۋەتمەي، نەزەر دائىرىمىزنى كەڭرەك قىلىپ، يوشۇرۇن قىممەتكە ئىگە بولغان كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تاسقاپ تاللىۋىلىشىمىز كىرەك» دېگەندەك قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇھاكىمىسىدە «خەلقىمىزنىڭ مىللىي خاسلىق ئەھمىيىتى بىلەن بىللە، ئومۇمىي دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەدەبىياتشۇناسلار ئېتىراپ قىلغان يۇقىرى قىممەتلىك كىلاسسىك ئەسەرلەر مەۋجۇت. بۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ھازىرقى ئەدەبىيات تەرەققىيات باسقۇچىدا قايتىدىن ئوقۇپ چۈشىنىش، قايتىدىن شەرھىلەش، ئۇلارغا ھەقىقىي ۋارىسلىق قىلىش، ئىناق مەدەنىيەت بەربا قىلىش يولىدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى يەنە بىر بالداق يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن ياش كۈچلەرنى تەربىيلەش ئاكتۇئال مەسلىلەردىن سانىلىدۇ»⑤ دەپ قارايدۇ. دېمەككى، بىز كىلاسسىك ئەدەبىيات نەزەرىيىسىنى قىزىش ۋە ئۆگىنىش ئارقىلىق يىڭى نەزەرىيە ھاسىلاتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشىمىز كىرەك.

3.بۈگۈنكى شىئىرىيەت تەتقىقاتىمىزدا مەزمۇن جەھەتتىكى تەتقىقاتلار ئاساسى سالماقنى ئىگىلەپ، شەكىلى جەھەتتىكى تەتقىقاتلارغا سەل قارالدى. بۇ يەردە مۇنداق بىر مىسالنى كۆرسىتىپ ئۆتەيلى. شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى تەرىپىدىن 1999-يىل 5-ئايدا نەشىر قىلىنغان «تىيىپچان ئىلىيوپ تەتقىقاتى» نامىلىق كىتابنىڭ كىرىش سۆ‍ز قىسمىدىن كىيىنلا «تىيىپچان ئىلىيوپ توغرىسىدىكى تەتقىقاتىنىڭ شەكىللىنىشى»نامىلىق ماقالە كىرگۈزۈلۈپ شائىرنىڭ شىئىر ئىجادىيىتىدىكى تۆھپىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلگەن ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق تەتقىقات ماقالىلىرى ئاساسەن شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى، شىئىرلىرىدىكى تېما كەڭلىكى، دەۋر كۆرۈنۈشى، بەدئىي ئالاھىدىلىكى، ئىپادىلەنگەن پەلسەپىۋى قاراش، مەرىپەتچىلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى، داستانلىرى، لىرىك شىئىرىلىرى، ئىلمىي ئەسەرلىرىنىڭ قىممىتىگە ئائىت تەتقىقات ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، تەتقىقاتچىلا بىلىم-ماھارەت ۋە كۈچ تەلەپ شىئىرىيەتنىڭ شەكلى ۋە تۈزۈلۈشىگە ئائىت نۇقتىلارنى تەتقىقات دائىرىسىدىن سىرىتتا قالدۇرغان. شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرستېتى فىلولوگىيە ئېنىستىتوتى لىكتورى ئايگۈل ئابدۇرېھىم شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى 2008-يىل 3-سانىدا ئىلان قىلىنغان «ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئىرىيىەت نەزەرىيىسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا» نامىلىق ماقالىسىدىمۇ، ئىنسانىيەت شىئىرىيىتىنىڭ باشلاپ، ئۇيغۇرلاردا شېئىرىيەت چۈشەنچىسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە دەسلەپكى ئىجادىيەت باسقۇچى، بۇ دەۋردە مەيدانغا كەلگەن شىئىرىي شەكىللەر، بەزىبىر قىسىم شىئىرىي شەكىللەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان شىئىرىي ئەسەرلەر؛ ئۇيغۇر شىئىرىيەت نەزەرىيىسىنىڭ تارىخى ئۆزگىرىشى ۋە شەكىللىنىش دەۋرى باسقۇچى ھەم چاغاتاي دەۋرى ۋە يەكەن سەئىدىيە خانلىقى دەۋرى باسقۇچىدىكى شىئىرىيەتنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە، يۈزە بولغان ئومۇمى بايانلارنىلا بەرگەن خالاس ۋە «ئۇيغۇر شىئىرىيىتىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىدا شىئىرىيەت ژانىر نەزەرىيەسى، شىئىرىي ئىجادىيەت قۇرۇلما نەزەرىيىسى ھەم بەدئىي ئىستىدات نەزەرىيىسى بىلەن خاراكىتىرلەندى»⑥ دەپ خۇلاسىلەنگەن.

4. شىئىرىيەت نەزەرىيەسىگە ئائىت بىر قىسىم ئەسەرلەر ئىلان قىلىنغان بولسىمۇ، لىكىن«قۇراشتۇرۇش»تىن خالىي بولالمىدى. بۇ خىل ئەھۋال بۈگۈنكى دەۋر شىئىرىيىتىمىزنىڭ شەكىل جەھەتتىكى تەتقىقاتىنى «ئۆز ئورنىغا سەكرەش»تەك ئەھۋالدا قالدۇرۇپ قويدى.بۇ بىزدىكى شىئىرىيەت تەتقىقاتىنىڭ تولىمۇ يىتەرسىز بولۇشىنى، شۇ سەۋەبلىك مۇكەممەلرەك بولغان يېڭى-يېڭى نەزەرىيىۋى ئۆلچەملەرنىڭ بارلىققا كىلەلمەسلىكتەك ھالەتنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. ئۇيغۇر شىئىرىيىتنىڭ ئىجادىيەت ساھىبلىرى يەنىلا بىر قەدەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما، مەسىلە شۇ يەردىكى، شىئىر يازغانلار تۇنجى رەت باشقىلارنىڭ يازغانلىرىغا قاراپ دوراش ۋە تەقلىد قىلىش ئارقىلىق يازىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، ھەر خىل خاتالىقلار شىئىرىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارغا نىسبەتەن توغرا بولغان يۆلىنىش ۋە نەزەرىيىۋى ئاساسنىڭ تەمىنلەنمەسلىكى نەزەرىيەنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى ئەمەلىيەت، يەنى شىئىرىيەت نەزەرىيىسىنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى شىئىرلارنىڭ «ئەخلەت» بىلەن ئارلىشىپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سان ئۆزگىرىش ئاخىرقى ھىسابتا سۈپەت ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مانا بۇ بۈگۈنكى دەۋر شىئىرىيىتىمىزنى «يۈگەنسىز ئات»قا ئوخشىتىپ قويىدۇ.

5. ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتقا نىسبەتەن يىتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكى، ھەر قايسى نەشىرىي ئەپكارلارنىڭ شىئىر ئىجادىيىتىگىلا ئەمەس شىئىرىيەت تەتقىقاتىغىمۇ چوڭقۇرراق كۆڭۈل بۆلۈپ، شىئىرىيەتتە ساقلىنىۋاتقان ۋە يېڭى-يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلارغا تەشكىللەش، كوللىكىتىپ تەتقىقات ئىلىپ بېرىشقا ياكى تەتقىقاتچىلارنى ھەر قايسى جەھەتلەردىن قوللاش يىتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبلىك شىئىرىيەت نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنىڭ ئىشتىراكچىلىرى بارغانسىرى ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ.

نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن كىلىدۇ ۋە توغرا نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە نىسبەتەن ئىجابىي يىتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇڭا شىئىرىيەت نەزەرىيىسى تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە بۇ ساھەگە چوڭقۇرلاش ئۇيغۇر شىئىرىيىتىنىڭ تىخىمۇ تەرەققى قىلىشى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى.

پايدىلانغان مەنبەلەر :

1. ئىزاھلار
2. ئىمىن تۇرسۇن شېئىر ۋە شائىر بىيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى 2007-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى
3. ئىمىن تۇرسۇن تارىمدىن تامچە مىللەتلەر نەشىرياتى 1990-يىلى 6-ئاي 1-نەشىرى
4. ھاجى ئەخمەت كۆلتىگىن«مىللىي شىئىرىيىتىمىزدىكى بەزىبىر شەكىللەر توغرىسىدا»
5. ئىمىن تۇرسۇن «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە دائىر مۇھىم مۇھاكىمىلەر ھەققىدە مەلۇمات» «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-سان
6. ئايگۈل ئابدۇرېھىم «ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئىرىيىەت نەزەرىيىسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا» شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى 2008-يىل 3-سان
7. پايدىلانغان مەنبەلەر
8. ئىمىن تۇرسۇن شېئىر ۋە شائىر بىيجىڭ مىللەتلەر نەشىرياتى 2007-يىل 3-ئاي 1-نەشىرى
9. ئىمىن تۇرسۇن تارىمدىن تامچە مىللەتلەر نەشىرياتى 1990-يىلى 6-ئاي 1-نەشىرى
10. ئىمىن تۇرسۇن «ئەدەبىيات نەزەرىيەسىگە دائىر مۇھىم مۇھاكىمىلەر ھەققىدە مەلۇمات» «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2008-يىللىق 6-سان
11. ھاجى ئەخمەت كۆلتىگىن«مىللىي شىئىرىيىتىمىزدىكى بەزىبىر شەكىللەر توغرىسىدا»
12. ئۆمەر ئوسمان شىپائى تېكىن «ئېلىم ۋە ئالىم» قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى 2001-يىلى 6-ئاي 1-نەشىرى
13. ئابلەت ئۆمەر «ئەدەبىيات نەزەرىيەسى ئاساسلىرى» شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نەشىرياتى 2002-يىلى 2- نەشىرى
14. ئايگۈل ئابدۇرېھىم «ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئىرىيىەت نەزەرىيىسىنىڭ تارىخى توغرىسىدا» شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى 2008-يىل 3-سان

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY