باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-17 03:49 | ئاپتور: ئاينۇر دولقۇن | مەنبە: قەلىمىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۇيغۇرئەدەبىياتىدا ئەكىس ئەتكەن تراگىدىيە ئېڭى

ئۇيغۇر چاغداش ئەدەبىياتىدا ئەكىس ئەتكەن تراگىدىيە ئېڭى

ئاينۇر دولقۇن


ئاساسى مەزمۇنى : مەزكۇر ماقالىدە ئاساسلىقى تراگىدىيە ئۇقۇمى ۋە ئۇنىڭ مەيدانغا كىلىشى، غەرب ئەدەبىياتى، جۇڭگۇ ئەدەبىياتى شۇنداقلا ئۇيغۇر كىلاسسىك، ھازىرقى ۋە بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدا ئىپادىلەنگەن تراگىدىيە ئېڭى ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كىيىن، چاغداش ئەدەبىياتىمىزدا ئەكىس ئەتكەن تراگىدىيە ئېڭى مۇھەببەت، قەھرىمانلىق، مەنىۋىيەت، تۇرمۇش، خاراكتىر، تەبىئەت قاتارلىق جەھەتلەردىن ئومۇمىي بايان قىلىش ئارقىلىق مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: تراگىدىيە تراگىدىيە ئېڭى چاغداش ئەدەبىياتى

«تراگىدىيە» دېگەن بۇ نام ئەسلىدە تەڭرى دىئونىس شەرىپىگە ئۆتكۈزۈلگەن بايرامدىكى خەلق تاماشىسىدىن ئېلىنغان. دىئونىسقا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆچكە كەلتۈرۈلگەن(ئۆچكە گرىكچە tiragos دەپ ئاتىلىدۇ). بۇ مۇراسىمدا ئۇسۇلغا چۈشۈش ۋە قۇربانلىق قىلىنغان ئۆچكە ھەققىدە قوشاق ئېيتىش (قوشاقنى گىرىكچى ode دەپ ئاتايدۇ) قاتارلىق پائالىيەتلەر بولغان. دېمەك تراگىدىيە دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىككى سۆزدىن tiragos (ئۆچكە)ۋە ode(قوشاق) تىن تەركىپ تاپقان.تراگىدىيە گىرىكچە سۆز بولۇپ، دراماتىك ئەسەرلەرنىڭ بىر تۈرى. بۇ دەسلەپتە قەدىمكى گرىتسىىيىدە بارلىققا كەلگەن. ئۇنىڭ قەھرىمانلىرى زوراۋان كۈچلەرگە قارشى ھايات-ماماتلىق كۆرەش ئىلىپ بارىدۇ. كۆرەشنىڭ يېشىمى قەھرىمان ئۆز ھاياتىدىن ئايرىلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. مانا بۇ تراگىدىيىنىڭ خۇسۇسىيىتىدۇر»[1]. بۈيۈك بىرىتانىيە قامۇسىدا «تراگىدىيە تىياتىرنىڭ ئاساسلىق بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنىڭدا باش پېرسوناژنىڭ كۈلپەتلىرى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېچىنىشلىق، قورقۇنچلىق ئىشلارنى كەسكىن ھەم ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. بۇنى باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەرگىمۇ قوللىنىشقا بولىدۇ»[2] دەپ تەبىر بېرىلگەن.

قەدىمكى گىرىكلارنىڭ پەيلاسوپى ئارستوتىل ئۆزىنىڭ «مېتىرىكا»نامىلىق ئەسىرىدە، يۇنان تراگىدىيىلىرىدە ئاساسەن يېڭىپ بولمايدىغان زىددىيەتلەر بىلەن ئىپادلىنىدۇ، شۇنىڭدەك ئىجابي قەھرىماننىڭ مەغلۇبىيىتى ياكى ئۆلۈم پاجىئەسى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. مۇنداق قاراش ئۆتمۈشتىمۇ كىشىلەر تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان. كىيىنچە تراگىدىيە ئەسلى مەنىسىنى يوقىتىپ، مەخسۇس تىياتىر ئاتالغۇسىغا ئايلىنىپ قالغان. 16-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمى ۋە 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۈيۈك ئىنگىلىز دراماتورگى شىكىسپىرنىڭ ئۆتكۈر قارمۇ-قارشىلىقلارنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئېچىپ بەرگەن تراگىدىيىلىرى پۈتۈن دۇنيادا شۆھرەت قازاندى. ئىنگىلىس ئۆزىنىڭ لاسسالغا يازغان خېتىدە «تارىخنىڭ مۇقەررەر تەلىپى بىلەن بۇ تەلەپنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى تىراگىدىيىلىك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەنىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى، «تارىخى تەرەققىياتنىڭ خاھىشى، ئىلغار كۈچ ۋە ئىدىيىلەر بىلەن تارىخى تەرەققىياتقا توسقۇنلۇق قىلغۇچى قالاق كۈچ ۋە ئىدىيىلەرنىڭ زىددىيەت توقۇنۇشى تراگىدىيىنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇنىڭدەك، مۇئەييەن شارائىت تۈپەيلىدىن ئۆتمۈشتىكى ئىجابىي پېرسوناژلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت ۋە پاجىئەگە يولۇقماي قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆتمۈش جەمئىيەتنىڭ زور ئىجتىمائىي تراگىدىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىزنى قەھرىمانلارنىڭ بەختسىز سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن قايغۇغا سالىدۇ. ھەمدە بۇ ئارقىلىق جاھالەتلىك ئۆتمۈش جەمئىيەتكە قارىتا قەلبىمىزدە غەزەپ-نەپرەت ئويغىتىدۇ. مانا بۇ ئۆتمۈشتىكى تراگىدىيىلىك توقۇنۇشنىڭ ئىجتىمائىي ماھىيىتى» [3]. تراگىدىيە-ئىستىتىكىدىكى يۈكسەكلىك، نەپىسلىك، كومىدىيىلىك قاتارلىق ئاساسىي ئىستىتىك كاتىگورىيەلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تراگىدىيىلىك توقۇنۇش ۋە تراگىدىيىلىك ئاقىۋەتكە ئىگە بولغان بارىلىق سەنئەت ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لۈشۈنمۇ «تراگىدىيە ئىنسانلار تۇرمۇشىدىكى قىممەتلىك نەرسىلەرنى كىشىلەرگە ۋەيران قىلىپ كۆرسىتىدۇ» دەپ قارايدۇ.

خەنزۇ ئەدەبىياتىدىمۇ تراگىدىيە ژانىرىدا نۇرغۇن ئەسەرلەر يارىتىلغان. «سۇ بويىدا» رومانىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ ئاخىرقى ھېسابتىكى تەقدىرى، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» تىكى باۋيۈي بىلەن لىن دەييۈنىڭ مۇھەببەت تراگىدىيىسى، چوڭ جەمەتلەرنىڭ ۋەيرانچىلىقى... قاتارلىقلار جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى تراگىدىيەلەرنىڭ نەمۇنىلىرى بولالايدۇ. ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى 4-ماي دەۋرىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققاندىن باشلاپ تراگىدىيە ئەدەبىياتى، تراگىدىيىلىك مەزمۇن ۋە پىرسوناژلار ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ھەر قايسى ژانىرلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كىلىپ، ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا رىئالىزىملىق ئەدەبىياتتىن قالسا، كىشىنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغايدىغان مۇھىم مەزمۇنلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. لۈشۈن، گومۇرۇ، ساۋيۈي قاتارلىقلار ئۆىنىڭ بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى بىلەن تراگىدىيە ئەدەبىياتىنىڭ دولقۇنىنى قوزغىدى. مەشھۇر دراماتورگ ساۋيۈينىڭ «گۈلدۈرمامىلىق يامغۇر» نامىلىق تراگىدىيىسىدە كونا جۇڭگونىڭ جىنايىتى ئېچىپ تاشلىدى. بۇ تراگىدىيە قاتتىق پاجىئە بىلەن ئاياغلاشقان بولۇپ، ھازىرقى زامان تراگىدىيىلىرىگە ياخشى مىسال بولالايدۇ.

تراگىدىيە ئەدەبىياتىنىڭ ھەر قايسى دەۋر ئەدەبىياتىدا ياكى ھەر قايسى مىللەت دەۋر ئەدەبىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە سالمىقى ئوخشاش بولمايدۇ. «مۇئەييەن تارىخى شارائىت، تەبىئەت ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتا شەكىللەنگەن مىللىي يوشۇرۇن ئاڭ شۇ مىللەتنىڭ تراگىدىيە ئىستىتىكىسىنىڭ تىپىنى ۋە ماھىيىتىنى ئاستا-ئاستا بەلگىلەيدۇ. ھەتتا، شۇ مىللەت تراگىدىيىسىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ھىكايەت سەنئىتىنىڭ ئانا تېمىسى ۋە ۋەقەلىك «مودىل»ىنىمۇ بەلگىلەيدۇ»[4]. تۈرلۈك ئەپسانە-رىۋايەتلەردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تراگىدىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمى ئىلاھ ياكى تەبىئەت بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى تۈرلۈك ۋەقەلىكلەردە ئەكىس ئىتىدۇ. ئەينى زاماندا ئىنسانلار قاتتىق ۋەھىمە ئىچىدە بۇ دۇنياغا كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەھىمىسى تەبىئەت ۋەھىمىسى، ۋەھشىي ھايۋانلار ۋەھىمىسى ۋە كىسەللىك-ئۆلۈم ۋەھىمىسى ئىدى. بۇ دەۋردە ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەدەبىياتتا، بۇ خىل ۋەھىمە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك تراگىدىيىلەر ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. يۇقىرىدا ئىيتىلغىنىدەك، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىمۇ تراگىدىيىنىڭ يىلتىزى خىلىلا چوڭقۇر. «ئازاب، مۇھەببەت ۋە ئۆلۈم بىرلىشىپ ئىپادىلەنگەن كۈچلۈك تراگىدىيىلىك ئاڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت پىسخىكىسىدىكى قەدىمكى ئىزچىل ۋە گەۋدىلىك ئىستىتىك ئاڭ بولۇپ، ئۇ كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت پىسخىكىسىغا چوڭقۇر سىڭگەن. دۆلەت تەقدىرى، خەلق تۇرمۇشى، كىشلىك ھايات ۋە ئىنسان تەقدىرى مەسلىلىرىگە چېتىلىغان ئازاپ ۋە تراگىدىيە ھىسىياتى ‹ئوغۇزنامە›،‹شىراق›، ‹تۇمارىس رىۋايەتلىرى›، مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، قوچۇ دەۋرىدىكى‹ئىككى تىكىن ھىكايىسى›، ‹چاستانى ئىلىگ بەگ›قىسسىسى، ‹دىۋان ھىكمەت› قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەردە چوڭقۇر ئوتتۇرىغا قويۇلغان.» [5]. «شىراق» رىۋايىتىدىكى ئۆز ئېلىنى ياۋلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش ئۈچۈن، شاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۆز ئائىلىسى ۋە باللىرىغا ئىگە بولۇشقا كاپالەت ئالغاندىن كىيىن، ئۆزىنىڭ بۇرۇن-قۇلاقلىرىنى كىسىپ، ياۋ شاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىر ئۆزى پۈتۈن ياۋلارنى ھالاك قىلغان ئاددى چوپان شىراقنىڭ ئۆلۈمى ئارقىلىق رۋايەتلەردىكى قەھرىمانلىق تراگىدىيىسىنىڭ ئۈلگىلىرىنىڭ بېرى بولدى. چاغاتاي دەۋرىگە يېتىپ كەلگەندە، نەۋائىي كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى تراگىدىيە ئېڭىغا نىسبەتەن يېڭى تۈس ۋە «قان» بەردى. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تراگىدىيىلىك ئەسەرلەرگە قارايدىغان بولساق تاكى نەۋائىي دەۋرىگىچە ئاساسلىقى ئەرلەرنىڭ تراگىدىيىلىك باش قەھرىمان بولۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەلشىر نەۋائىينىڭ «پەرھاد-شىرىن» داستانى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ئىشقىي-مۇھەببەت تراگىدىيىسى، شىرىننى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى تراگىدىيىلىك ئايال باش قەھرىمان دەپ ئىيتىشقا بولىدۇ. نەۋائىي پەرھاد-شىرىن»، «لەيلى-مەجنۇن»غا ئوخشاش نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە ھىجرانلرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، ئىجادىيىتىدە، فىئوداللىق چىرىك مۇناسىۋەتلەر، مۇتەسسىپ ئەخلاق-قائىدىلەر ئىلىپ كەلگەن تراگىدىيەلەرنى قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەت، نىكاھ ۋە ئەخلاق پاجىئەسىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، بۇ ھايات پاجىئەسىنىڭ، تارىخى، ئىجتىمائىي يىلتىزىنى ئىچىپ بەردى.

يېقىنقى زامان ئەدەبىياتىمىزغا كەلگەندە تەنقىدى رىئالىزىمچى يازغۇچىمىز ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «رابىئە-سەئدىن»داستانى ئۇيغۇرلارنىڭ رىئال تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئەمەلىي ۋەقەنى يۈكسەك دەرىجىدىكى تىپىكلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەنلىكى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى باشقا مۇھەببەت تراگىدىيىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇردى. ئۇنىڭدا رابئە-سەئدىن تراگىدىيىسىنىڭ تۈپ مەنبەسى، ئەينى دەۋردىكى فىئوداللىق تەبىقىچىلىك ئېڭى، ئەرلەر ھاكىممۇتلەقلىقنى تۈپكى نېگىز قىلغان فىئوداللىق ئائىلە تۈزۈمى، شۇنداقلا ئەينى دەۋردە ھۆكۈمرانلىق ئورۇندا تۇرىۋاتقان بىر قاتار پاسسىپ ئەخلاقىي-دىنى قاراشلار دەپ كۆرسىتىدۇ. «رابىئە-سەئدىن» نامىلىق داستانى ئارقىلىق، ئەدەبىياتنى ۋە ئۇ ئەكىس ئەتتۈرۋاتقان تراگىدىيىلىك تۇرمۇشنى خەلقچىللىككە ئىگە قىلىپ يېزىپ چىقتى. يەنى، 10-ئەسردىن 20-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتىكى مىڭ يىللىق ئەدەبىياتىمىزدىكى تراگىدىيەلەرنىڭ كۆپ قىسمى «خەمىسە» ۋە شۇنىڭدىن شاخلىغان بىر تۈركۈم ئەسەرلەردە قىز-يىگىتلەرنىڭ مۇھەببەت تراگىدىيىسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. چۈنكى، «ئىنسانىيەتنىڭ پۈتكۈل ئارزۇ-ئىستەكلىرى ئىچىدە ھېچقايسىسى ئىشقى-مۇھەببەتتەك بۇنداق كۈچلۈك ھەم سىرلىق، جەلىپكار ئەمەس. ھىچقانداق بىر ئارزۇ-ئىستەك مۇھەببەتكە ئوخشاش ئەڭ تۆۋەن تەبئىي تۇيغۇدىن ئەڭ گۈزەل ھەم يۈكسەك روھىي ھادىسىگە كۆتۈرۈلۈشتەك چەكسىز ئىمكانىيەتكە ئىگە ئەمەس. مۇھەببەت ئازابى ئەڭ ئالاھىدە ھەم ئەڭ ئومۇمىي بولغان بىر خىل ئازاب بولۇپ، مۇھەببەتنىڭ سەنئەتكە ئايلىنىشى بولۇپمۇ، تراگىدىيىنىڭ مەڭگۈلۈك تېمىسى بولۇپ قىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس».[6]

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەدەبىياتىمىزدا ئەكىس ئەتكەن تراگىدىيە يەنە يېڭى-يېڭى مەزمۇن، شەكىللەرگە ئىگە بولدى. شۇ ۋاقىتلاردا شىنجاڭغا كىلىپ تەكشۈرۈشتە بولغان چوقان ۋەلىخانوف، نوشىرۋان يائۇشىف بىر قىسىم ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ قەلىمىگە ئېلىنغان كىشىلەرنىڭ رىئال ئىجتىمائىي ھاياتى شۇ دەۋردىكى ئويغاق ئۇيغۇر ئىلىمگەرلىرىنىڭ قەلىمىنى غېدىقلىدى. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف ئۇيغۇر بالىسى بۇ ئارىدا «بىزنىڭ تۇرمۇش»، «نوزۇگۇم»، «ئوماق ۋە ئامراق» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىلەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ھىكايە، پوۋسىت ژانىرىنى ئىلىپ كىرىش بىلەن بىرگە ئەدەبىياتتىكى بۇرۇنقى نىسپىي قىلىپلىشىپ قالغان تراگىدىيە مەزمۇنى ۋە ئامىللىرىغا يېڭىچە ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى. بۇ دەۋر ئەدەبىياتى «كۆچ كۆچ»تەك رىئال ۋەقەلەرنى، «نوزۇگۇم»دەك رىئال، تارىخى شەخسلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاچچىق تەقدىرىنى قەلەمگە ئالدى. «سىيىت نوچى»، «نوزۇگۇم» قاتارلىق داستانلارنىڭ مەيدانغا كىلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تراگىدىيە ئۇقۇمىنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تراگىدىيە چۈشەنچىسىنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كەڭ كىتابخانلارغا مەۋجۈت ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى پاجىئەلەرنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. ئابدۇقادىر داموللام يەنە جەمئىيەتتە تىزدىن ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئاياللار مەسلىسى، نىكاھ زىددىيەتلىرى، يېڭى مائارىپ تەربىيىسى ۋە ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ھەم بىر يۈرۈش ئەسەرلىرى ئارقىلىق يېڭىلىق تارقىتىش بىلەن يېڭى مەدەنىيەتكە قارشى تۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشلەرنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ئابدۇقادىر داموللام ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئەتكەن جەمئيەت، ئائىلە، نىكاھ پاجىئەلىرى بۇ دەۋردىكى تراگىدىيىلىك چۈشەنچىنى موللاشتۇردى.خەلقسۆيەر مەرىپەتپەرۋەر ئالىم، دىنى ئۆلىما ئابدۇلقادىر داموللامنىڭ قەستكە ئۇچراپ قازاقىلىشى خەلقىمىزگە نىسبەتەن غايەت زور يوقىلىش ئىلىپ كىلىپ، قەلەمدىكى ئەمەس بەلكى كۆز ئالدىمىزدىكى رىئال، ئېچىنىشلىق بىر تراگىيىننىڭ ئۆزى بولۇپ قالدى.

20 -ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغا كەلگەندە، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. لىكىن يۇرتىمىز شىنجاڭ جاھالەت ۋە غەپلەت پاتقىقىغا پىتىپ يۈرۈۋاتاتتى. بۇ چاغدىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاساسلىق زىددىيەت يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش بىلەن قارشى تۇرۇش، پەننى مائارىپ بىلەن كونچە مائارىپ، بەزى مۇتەسسىپ دىنى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەش ئىدى. بۇ دەۋردە ياشىغان ئەدەبىي ئىجادىيەتچىلەرنىڭ قەلىمى ئاستىدا جەمئىيەت تۈزۈلمىسى، جەمئىيەت سىياسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تراگىدىيىلىك ۋەقەلەر ۋە تراگىدىيىلىك تەقدىرگە مۇپتىلا بولغان پىرسوناژلار بارلىققا كىلىپ، رىئال ئىجتىمائى، تارىخى تېمىلار تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق شۇ دەۋرنىڭ چىرىك، زۇلمەتلىك تەرەپلىرى پاش قىلىندى.

«ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدا تراگىدىيە ئالدى بىلەن شىئىرىيەت ۋە خەلق قوشاقچىلىقىدا كۆرۈلۈشكە باشلاپ، بارا-بارا نەسىرىي ژانىرلاردىمۇ ئەكىس ئېتىشكە يۈزلەندى. بۇ دەۋردىكى تراگىدىيە مەيلى باش قەھرىمانلىرىنىڭ تاللىنىشى ياكى ئەكىس ئەتتۈرۈۋاتقان رىئاللىقى جەھەتتىن بولسۇن، كىلاسسىك ئەدەبىياتتىكى تراگىدىيەلەردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ.» [7] يالقۇنلۇق شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شىئىرلىرىدا ئىپادىلەنگەن تراگىدىيىلىك ئامىللار ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىدىكى تراگىدىيىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلىدا تىخىمۇ چوڭقۇر مەزمۇن ۋە يېڭىچە بىر بەدئىي شەكىل ھاسىل قىلدى. يېڭى مەدەنىيەت ھەركىتى بىلەن فىئودال كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان كەشكىن كۆرەشلەر باشلىنىپ، مائارىپ تراگىدىيىسى مەيدانغا كەلدى. ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رىئالستىك پروزىسىدا لۈشۈننىڭ ئىستىتىك ئىدىيىلىرىگە ياندىشالىغان كىشى-زۇنۇن قادىرى بولۇپ، تراگىدىيە ئېڭىدىكى چوڭقۇرلۇقنى «غۇنچەم»، «گۈلنىسا» قاتارلىق سەھنە ئەسەرلىرىدە ئىپادىلەپلا قالماي، ئۇيغۇر رېئالستىك پروزىسىنىڭ ئۇل تېشى بولغان «ماغدۇر كەتكەندە» ھېكايىسىدىمۇ كۆرسەتتى. بۇ ئەسەرنىڭ رېئالستىك پروزىمىزدىكى ئاڭ ئۇتۇقلۇق چىققان ئەڭ دەسلەپكى ھىكايە ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئۇنىڭدىن كىيىن باقىنىڭ ھايات تراگىدىيىسى، غۇنچەمنىڭ نىكاھ پاجىئەسى ئەينى يىللاردىكى دىھقانلارنىڭ ئورتاق تراگىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈردى.

ئۇندىن كىيىن مەمىتىمىن توختايۇپنىڭ 1945-1946-يىللىرى قەشقەردە يېزىلغان، خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ 1951-يىلى ئىلان قىلىنغان «قانلىق يەر» رومانى ھەقىقىي نەشىر قىلىنغان رومان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ رومان بوشلۇقىنى تۇنجى قىتىم تولدۇردى. ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى كىلاسسىك ئەدەبىيات ئەنئەنىلرىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا يېزىلغان مۇھەببەت تراگىدىيىسى بولدى. «كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى، ئەدەبىياتىمىز يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، 50-يىللارنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىغا كەلگەندە، بولۇپمۇ مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن ئىبارەت تارىخى تراگىدىيە ئوينىلىۋاتقان چاغلاردا تراگىدىيە ئىستىتىك زوقلىنىش كاتىگورىيىسىدىن سىقىپ چىقىرىلدى.» [8] ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىنىڭ دەسلەپكى 17 يىلى ئاساسلىقى ھەممە گۈللەر بەس-بەستە سايراش، ھەممە گۈللەر تەڭ ئېچىلىش چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىدا قاينام-تاشقىنلىق بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لىكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، يېڭى دەۋرنى مەدھىيلەپ، كونا دەۋرنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى پاش قىلىش ئەدەبىياتنىڭ ئاساسى تېمىسى قىلىنىپ ئەدەبىياتنىڭ رەڭدارلىقى ۋە خىلمۇ-خللىقى ، ىەلق تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي رىئاللىققا يېقىن بولۇشى ئەمەلگە ئاشالمىدى. 10يىللىق قالايمىقانچىلىق جۇڭگو خەلقى ئۈچۈن ھەقىقەتەن زور يوقىتىش بولدى. بۇ دەۋردە ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرى «سىياسەتنىڭ كارنىيى»غا ئايلىنىپ قالدى. بۇ مەزگىلدى نۇرغۇن يازغۇچى-شائىرلار تۈرمىگە تاشلاندى، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتتى.

پارتىيە 3-ئومۇمىي يېغىننىڭ ئېچىلىشى يېڭى جۇڭگۇ تارىخىدا شۇنداقلا خەلقنىڭ تۇمۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بىر يېغىن بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ يېڭى دەۋرى-چاغداش ئەدەبىياتىمىز باشلاندى. بۇ دەۋر ئەدەبىياتى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئالتۇن دەۋرى بولۇشقا مۇناسىپ. «ئىشىكنى سىرىتقا قارىتا ئىچىۋىتىش» ئۇيغۇر خەلقىنىمۇ، دۇنيا ۋە دۇنيا تەرەققىياتى، ئەدەبىيات-سەنئىتى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئەدەبىياتىمىزدا مەيلى سان ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن زور ئىلگىرلەش بارلىققا كەلدى. «بىز تۈرلۈك رامكا ۋە كىشەنلەردىن قۇتۇلغاندىن كىيىن ئىستىتىك قاراشلىرىمىزنى رەتلەپ چىقىش، قايتىدىن ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق».[9] «جاراھەت ئەدەبىياتى»، «گۇڭگا شىئىر ھادىسىسى»، «يېڭى پروزىچىلىق ھادىسىسى»، «تارىخى رومانچىلىق ھادىسىسى»، «شەھەر ئەدەبىياتى ھادىسىسى» قاتارلىق خىلمۇ-خىل ئەدەبىيات ھادىسىسى بارلىققا كەلدى.

چاغداش ئەدەبياتىمىزدا تراگىدىيە مەزمۇن جەھەتتىن بارغانسىرى رەڭدارلىشىپ ۋە چوڭقۇرلىشىپ باردى. ئەدەبىياتىمىز مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن رەڭدارلاشتى. يازغۇچىلىرىمىز ئۆز ئەسەرلىرىدە كىلاسسىك ئەدەبىياتىمىزدىن پەرقلىنىدىغان مول ھەم خىلمۇ-خىل تراگىدىيەلەرنى ئەكىس ئەتتۈردى. قەھرىمانلىق تراگىدىيىسى، ئاددى ئادەملەرنىڭ تراگىدىيىسى، مۇھەببەت، ئائىلە، تۇرمۇش تراگىدىيىسىنى، مۇھىت چەكلىمە ئىچىدىكى خاراكتىر تراگىدىيىسىنى، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك چېرىش، شۇ ئاساستا كىلىپ چىقىۋاتقان تەبىئەت تراگىدىيىسى، زامانىۋىيلىق بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرىسىدىكى تېڭىرقاش ۋە زىددىيەتلەردىن كىلىپ چىققان تۈرلۈك تراگىدىيەلەرنى ئەكىس ئەتتۈردى. 80-يىللاردىن باشلاپ مەيدانغا كەلگەن «ئۆچمەس ئىزلار»، «قاينام ئۆركىشى»، «ئويغانغان زېمىن »، «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»،«مەن قان ئىچمەيتىم»، «قۇملۇقنىڭ چۈشى»، «بۆرە جىلغىسى»...غا ئوخشىغان بىر قاتار ئەسەرلەر مەيدانغا كەلدى. بۇلارنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىلاردىن تەھلىل قىلىپ قاراپ چىقىمىز.

تارىخى رومانچىلىق ۋە قەھرىمانلىق تراگىدىيىلىرى

چاغداش ئەدەبىياتىمىزدا مەيدنغا كەلگەن تارىخى رومانچىلىق ۋە شۇنىڭغا سىڭىشكەن ھالدا ئىپادە قىلىنىۋاتقان تەزكىرە ئەدەبىياتى دەل قەھرىمانلىق تراگىدىيىلىرىمىزنىڭ ياخشى ئۆلگىلىرى بولالايدۇ. خېۋىر تۆمۈر، ئايشەم ئەخمەت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇللا تالىپ، ياسىنجان سادىق چوغلان قاتارلىقلارنىڭ «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»، «ئۆچمەس ئىزلار»، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «قاينام ئۆركىشى»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم»، «جاللات خېنىم»... قاتارلىق بىر تۈركۈم تارىخى رومانلاردا ئاساسلىقى تارىخىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلىرىمىزنى بەدئىي ۋە تارىخى چىنلىق ئىچىگە قويۇپ تۇرۇپ ئىپادىلەپ بەردى ۋە « تارىخى رومانچىلىق قىزغىنلىقى»نى يۇقىرى كۆتۈردى. بۇ رومانلارنىڭ باش قەھرىمانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ تەقدىرى تراگىدىيە بىلەن ئاياغلاشقان، شۇنىڭدەك، مۇئەييەن تارىخى، ئىجتىمائىي، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بۇ ئىجابىي پېرسوناژلارنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا مەغلۇبىيەت ۋە پاجىئەگە يولۇقماي قالمايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۆتمۈش جەمئىيەتنىڭ زور ئىجتىمائىي تراگىدىيىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىزنى قەھرىمانلارنىڭ بەختسىز سەرگۈزەشتىلىرى بىلەن قايغۇغا سالىدۇ. يۇقارقىغا ئوخشىغان قەھرىمانلىق تراگىدىيىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلەرنى ئوقۇساق، بۇ ئەسەرلەردىكى تراگىدىيىلىك قىممەتنىڭ ھەقىقەتەن يۇقىرىلىقىنى بايقايمىز. تراگىدىيىلىك قىممەت ئەسەردىكى تراگىدىيىلىك پېرسوناژ، تراگىدىيىلىك ۋەقە، تراگىدىيىلىك كەيپىيات قاتارلىقلارنىڭ كىتابخاننىڭ روھىدا ئەكىس ئېتىشىنىڭ مەھسۇلى بولۇپ، يۇقارقى ئەسەرلەردىكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى ئەينى دەۋردىكى كىشىلىرىمىزدىكى نادانلىق، قاششاقلىق ۋە خۇراپاتلىقنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى، جاھالەت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئادىمىلىك قىممىتى ۋە ھۆرمەت-نەپسى ھەققىدە ئېنىق، توغرا چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان كىشىلىرىمىزنىڭ «دىل كورلۇقى» يۈرىكىمىزنى غاجىسا، باتۇر، ئەزىمە تۆمۈر خەلىپىنىڭ لىنشىفۇنىڭ «قۇرئان تۇتۇپ ئەھدە قىلىشى»غا ئىشىنىپ، ئالدانغانلىقى ۋە پاجىئەلىك ئۆلۈمى كىشىلارنىڭ دىنغا بولغان سادىقلىقى ۋە ساددىلىقىدىن پايدىلانغان لىنشىفۇدەك «يالاقچى ئىت»لارغا غەزەپلەنسەك، پۈتۈن خەلقنى گۇمراھلىقتا قويۇپ، ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاشقا ئۇرۇنغان ياڭ زىڭشىن ھاكىمىيىتىنىڭ رەزىل ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىمىز. ئىنقىلابىي ۋەتەنپەرۋەت، ئوت يۈرەك دىمكوراتىك شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بوينىغا قىلىچ ئۇرۇلغاندا يۈرىكىمىز پارە-پارە بولسا، ئۆلۈم ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ توۋلىغان «ياشىسۇن ئەركىنلىك، ياشىسۇن ئازادلىق» دېگەن شوئارلىرىدىن قەلىبىمىز تىتىرەيدۇ. ئۆز سەلتەنىتى ۋە ھەيۋىتى بىلەن بىزنى پەخىرلەندۈرۈپ كىلىۋاتقان سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ سۈلۈكلەر ئوتتۇرىسىدىكى نىزا-ماجرالار، قەستلەشلەر بىلەن ھالاكەتكە يۈز تۇتقانلىقىدەك ئېچىنىشلىق تارىخى پاكىت مۆھتەرەم خېنىمدەك جەسۇر، باتۇر، قورقماس ئايالنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىساس ئىلىش ھەم ھاكىمىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئۆز ئېرىنى ئۆلتۈرۈشى، «تۈگمەننىڭ كويلىسىدا مىڭ ئادەمنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ قېنىنى ئاقتۇرۇشى»غا ئوخشىغان ۋەقەلەر بىلەن قوشۇلۇپ، قەلبىمىزدە ئېچىنىش، ھېسىداشلىق قىلىش ۋە ئۆكۈنۈشكە ئوخشىغان تراگدىك ئىستىتىكىلىققا ياتىدىغان تۇيغۇلار پەيدا بولىدۇ. ھەمدە بۇ ئارقىلىق جاھالەتلىك ئۆتمۈش جەمئىيەتكە قارىتا قەلبىمىزدە غەزەپ-نەپرەت ئويغىتىدۇ. بۇلار دەۋر قەھرىمانلىرى بولۇپ، ئومۇمنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۈرلۈك كىشەنلەرنى پاچاقلاپ، ئازادلىق، ئەركىنلىكنىڭ ئۆلمەش ناخشىسىنى ئۆز ئۆلۈمى ئارقىلىق ئىيتىدۇ ۋە كىشىلەرنى يۈكسەك بىر مەنىۋى مەنزىلگە چاقىرىدۇ.

مەمىتىمىن ھوشۇر ۋە مەنىۋىيەت تراگىدىيىسى

مەمىتىمىن ھوشۇر ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان پروزا ئىجادىيىتىدە ئالدىنقى قاتاردىكى يازغۇچىلارنىڭ بېرى بولۇپ، بۈگۈنكى زامان ئادەملىرىنىڭ خاراكتىرىنى، ھېس-تۇيغۇلىرىنى، قىممەت ۋە ئىستىتىك قاراشلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ھەجىۋىيلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن سۈرەتلەپ، ئۆزگىچە ئۇسلۇپ ياراتتى. ئەسەرلىرىدىكى قويۇق ھەجىۋىي تۈس، كىنايە ۋە كومىدىيىلىك كۆرۈنۈشلەر كىتابخانلارنىڭ كۈلكىسىنى قىستايدۇ، بىراق بۇ كۈلكىلەرنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان چوڭقۇر ئېچىنىش ۋە ئەلەم تۇيغۇسى ھەجىۋىيلىككە باي تراگىدىيىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ. «بۇ چۈش ئەمەس» ھىكايىسىدە ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى موتىف ئارقىلىق بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ مۇھەببەت تراگىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن بولسا، «بۇرۇت ماجراسى»دا ئادەم تۇتۇۋىتىپتۇ، دېگەننى ئاڭلاپ ساراسىمە ئېچىدە قالغان، كىيىن بۇنىڭ«بۇرۇت» بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر جىنايەتكە تاقىشىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ بۇرۇتىنى چۈشۈرۋەتكەن مەننىڭ تۈرلۈك بېمەنە خىياللىرى ئارقىلىق كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى ئۆز-ئۆزىدىن خۈدۈكسىرەش ۋە بىر-بىرىگە ئىشەنمەسلىكتەك «پىسخىك كىسەل»لەرنىڭ ئۇلارنىڭ روھىيىتىنى پۈچەكلەشتۈرۈپ كىتىۋاتقانلىقىدەك مەنىۋىيەت تراگىدىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. «ئالتۇن چىشلىق ئىت»تىكى «ئاپتۇر»نىڭ يېزىقچىلىقتىن سودىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى، چەتئەلگە چىقىپ تۇغقان يوقلاپ قايتاشىدا ئالتۇننى ئىلىپ كىلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە چېش سالغاننى ئاز دەپ ئىتقىمۇ چىش سالدۇرىشى، ئىتنىڭ ئۆز تەبىئىتىنى يوقىتىپ، «ئۆگزىدە تۇرۇۋىلىپ قۇيرۇقىنى دۈپدۈگىلەك قىلىۋىلىپ، كوچىدىن ئۆتكەن سەتەڭلەرنى قۇيرۇقى بىلەن شەرەتلەپ، چىشىنىڭ سىرىقىنى چىقىرىپ ھېجىيىپ ئولتۇرىدىغان» بولۇپ قالغانلىقى، «ئاق تاپان»نىڭ «قارنى يامان» دوختۇر تەرىپىدىن چىشى سۇغۇرۋىلىنىپ تاشلىۋىتىلگەنلىكى، دوختۇرنىڭمۇ يانچۇقىغا پۇل سالمىغانلارغا ھۈروىيىدىغان بولۇپ قالغانلىقىدەك ساتىرىك بايانلارنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان كىشى قەلبىنى يىغلىتىدىغان ئەخلاق تراگىدىيىسى ھەممىزنى ئۆزىمىز ۋە ئەتراپىمىزدىكى رىئاللىقىمىز ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا، ئۆزىمىزگە دىئاەىنوز قويۇشقا قىستايدۇ. «مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ كۆپ ساندىكى ئەسەرلىرىگە ئەنە شۇنداق تراگىدىيە يوشۇرۇنغان بولۇپ، بۇ ئەسەرلەرنىڭ مۇۋاپىقىيىتى زامانداشلىرىمىزنىڭ ئۆزىمىز ھەققىدە خىلى ۋوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت يېڭى بۇرۇلۇشنىڭ ماھىرلىق بىلەن بەدئىي شەكىلدە ئىپادىلەنگەنلىكىدە كۆرۈلىدۇ».[10]ئۇندىن باشقا «قىرلىق ئىستاكان»غا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن «قىرلىق ئىستاكان پاجىئەسى» ۋە ئۇنىڭ بەدئىي ئەدەبىياتىمىزدا ئەكىس ئېتىشى دەل مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «ساراڭ تېمىسىدىكى ھىكايىلەر»ىگە ئوخشىغان بىر يۈرۈش ئەسەرلىرىنىڭ ئىپادىلىگەن تراگىدىيىسىنىڭ دەل بۈگۈنكى دەۋردىكى كىشىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش، ئائىلە، تەقدىر، خاراكتىر، ئەخلاق تراگىدىيىسىنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى بەدئىي مۇجەسسىمى- مەنىۋىيەت تراگىدىيىسى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز.

مۇھەممەد باغراشمۇ ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان تراگىدىيىلىرى ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئەنئەنىگە نىسبەتەن مۇھەببەت قوزغاتتى. ئۇ «يۈرەكتاغ» پوۋسىتىدا مىراۋۇش، ئىلدوس، تۇرەك پىتتىن ئىبارەت ئۈچ بالىنىڭ چوڭلارنىڭ ئېغىزىدا تارقىلىپ كىلىۋاتقان «يۈرەكتاغ» ئەپسانىسىگە شەكسىز ئىشىنىشى ۋە ئەشۇ ئەپسانىۋى زېمىننى كۆرۈش ئىستىكىدە قاراملارچە تەۋەككۇلچىلىق بىلەن ھالاكەت دېڭىزىغا ئىز بېسىپ كىرگەن ئۈچ بالىنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشى ئارقىلىق شاقۇرلۇقلارنى ۋە شاقۇرلۇقلارنى بەلگە قىلغان ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى تراگىدىيىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ. «ئۈچ بالىنىڭ ھالاكىتى ماھىيەتتە ‹يۈرەكتاغ›پوۋسىتىنى ھەقىقىي ئىستىتىك قىممەتكە ئىگە قىلغۇچى تراگىدىك قىسمەتتۇر. ». باغراشنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا «ھەممە مىللەتنىڭ مۇشۇنداق بىر مەنىۋى زېمىنى بار. بۇنداق بىر مەنىۋى زېمىنى يوق مىللەت مىللەت بولالمايدۇ. بۇنداق مەنىۋى زىمىنىنى تاشلىۋەتكەن مىللەت ئاخىرى بىر كۈن، ھەتتا ناھايىتى تىزلىكتە ھالاك بولىدۇ! ئاۋال تارىخى، ئاندىن مەدەنىيىتى، ئاخىرىدا بولسا شۇ مىللەتنىڭ ئۆزى يوقىلىدۇ».[11] مۇشۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان مەنىۋىيەت تراگىدىيىسىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى كۆرەلەيمىز.

رىئال يېزىش ۋە خاراكتىر، تەقدىر تراگىدىيىسى

بۈگۈنكى دەۋر ئەدەبىياتىمىزدىكى تراگىدىيە ئېڭىدا ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسەرلىرى ئىنتايىن مۇھىم ھەم سالماقلىق ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ پوۋسىتلىرىنى ئوقۇغان چېغىمىزدا، ئەسەرلىرىدىكى پىرسوناژلارنىڭ ھاياتقا، تۇرمۇشقا، مۇھەببەتكە، رىئاللىققا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھەم قىممەت قارىشىنى، ئۇلارنىڭ خاراكتىر، تەقدىر تراگىدىيىسىنى كۆرىمىز. ئەختەم ئۆمەر «مەن تراگىدىيە يازاي دەپ ئەسەر يازمايمەن، ئەمما تۇرمۇشىمىز تراگىدىيە بىلەن تولغان بولغاچقا ئوقۇرمەنلەرگە شۇنداق تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن...ئاساسەن راست بولغان ئىش-ۋەقەلەرنى يازغاچقىمۇ قايسى ئادەمنى يازسام، شۇنىڭ ئىسمىنى قويۇپ يېزىۋەردىم»[12] دەيدۇ. دېمەككى، ئەختەم ئۆمەرنىڭ يازىدىغىنى رىئاللىق- خەلقىمىزنىڭ رىئاللىقى ۋە ئىنساننىڭ مەنىۋى دۇنياسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن ساپ تەبىئەت، ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇققا باغلانغان ئادەم روھىيىتىنى ھەم ئۇنىڭ تراگىدىيىسى.

«قۇرتلاپ كەتكەن كۆل» 1989-يىلى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، يازغۇچى پوۋسىتتا تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، تۆت ئەتراپى قۇم بارخانلىرى بىلەن ئورالغان نامرات، غېرىبانە يۇرت ئاياغقۇم كەنتىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەرنى يازغان بولۇپ، تەبئىي شارائىتنىڭ ناچارلىقى، سۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىسلىقى، نامراتلىق، خۇراپاتلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى بۇ كەنتكە تراگىدىيىلىك تۈس بېرىدۇ. ئەسەردىكى تراگىدىيە باشتا كۆلدىن باشلىنىپ، ئوتتۇرىدا كۆل بىلەن بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك باغلانغان ھالدا شاخلاپ ئاخىرىدا يەنە كۆل بويىدا يېغىنچاقلىنىدۇ. يەنى گۈزەل، پەزىلەتلىك قىزىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ، قاتتىق ۋىجدان ئازابى تارتىپ، ئەقلىدىن ئاداشقان مەمىتىمىن سەيدىن كۆلگە كىرىپ، «مانا ئىچىشە» دەپ كۆلگە سىيىۋەتكەندە، تراگىدىيىلىك يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ. ئەسەرنىڭ ئاخىرىدا يەنە مەمىتىمىن سەيدىن كۆلگە سىيىۋەتكەندە، كىشىلەر ئۇنى تىللاپ، دۈشكەللەپ، كۆلدىن يەتتە چىلەك سۇنى ئېلىۋىتىپ، «سۇدا شەك يوق» دەپ ھالاللاپ ئىچىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى يازىدۇ. ئاپتۇرنىڭ قەلىمىدە ئپادە قىلىنىغان بۇ خىل داۋاملىشىۋاتقان تراگىدىيە كىتابخانىلارنى ئازاپلىق سۈكۈتكە چۆمدۈرىدۇ. ئۇنىڭ ھازىرغىچە ئىلان قىلىنغان پوۋسىتلىرىنى ئىستىتىكىلىق قىممەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلغىنىمىزدا تراگىدىيىلىك بەدئىي قىممەتنىڭ ئىزچىللىققا ئىگە ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىدىكى تراگىدىيىلىك قىممەت ئەدەبىيات ئېڭىمىزدىكى ئىستىتىك كاتىگورىيەنى تىخىمۇ چوڭقۇرلۇققا ۋە كەڭلىككە ئىگە قىلدى.

« ئەختەم ئۆمەر ئۆز ئەسەرلىرىدە تراگىدىيىدىن ئىبارەت بۇ يۈكسەك ئاڭنى چوڭقۇر ئىپادە قىلدى ۋە ئۇنى ئۆز پېرسوناژلىرىنىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچەس يۇغۇرۋەتتى. ئۇ مەخسۇس تراگىدىيە يېزىپ، كىتابخانىلارنىڭ كۆزىنى ياشلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تارىم بويىدىكى ئۇيغۇر ھاياتىنى توقۇلما چىنلىقى ئىچىگە ئەكىرىپ، تەكلىماكان روھىنىڭ بىزگە مەلۇم بولمىغان قاراڭغۇ بوشلۇقلىرىنى ئېچىپ بەردى. مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەختەم ئۆمەر ئەسەرلىرىنىڭ بەدئىي مۇۋاپىقىيىتى ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم بىلەن ھەقىقىي مەنىدىكى تراگىدىيىنى ئىپادە قىلالىغانلىقىدۇر» [13]

مۇھىت ئەدەبىياتى ۋە تەبىئەت تراگىدىيىسى

تەبىئەت دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان خىلمۇ-خىل ئىكولوگىيىلك كىرزىسلەرنىڭ ئېغىرلىشىشى ئىكولوگىيە ئىلمىي تەتقىقاتىدىكى مۇھىم مەسىلە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەدىبلەر ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئەدەبىياتتىكى يېڭى ئۇقۇم ئىكلوگىيەلىك ئەدەبىيات ياكى مۇھىت ئەدەبىياتى دېگەن ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. «مۇھىت ئەدەبىياتى ئىنسان بىلەن تەبىئەت مۇناسىۋىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق، مۇھىت مەسئۇلىيەت ئېڭىنى تەكىتلەيدىغان يەرشارى خاراكتىرلىك ئەدەبىيات بولۇپ، ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان سانائەت ۋە ئىقتىسادنىڭ نەتىجىسىدە ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان مۇھىت مەسلىسىنى ئاساسىي تېما قىلىپ تۇرۇپ، كۈچلۇك مۇھىت قوغداش ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدىغان ئەدەبىيات شەكلى.» [14]

ئۇيغۇر مۇھىت ئەدەبىياتىمۇ دۇنيا مۇھىت ئەدەبىياتىغا ياندىشىپ، مۇھىت مەسئۇلىيەت ئېڭى كۈچلۈك بولغان بىر قىسىم ئەسەرلەرنى مەيدانغا كەلتۈردى ھەم مۇھىت تېمىسىغا سىڭدۈرۋىتىلگەن ئاچچىق تىراگىدىيە ئارقىلىق، مۇھىت ئەدەبىياتىنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇردى. بۇ ساھەدە بىر قەدەر بالدۇر قەلەم تەۋرەتكەن ئەدىبلىرىمىزدىن ئەخمەت ئېمن، توختى ئايۇپ، خالىدە ئىسرائىل، تۇرسۇنجان مۇھەممەت قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار ئۆز ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىنلا مەۋجۇت بولغان تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش، تەبىئەتكە چوقۇنۇش ئېڭىنى بۈگۈبكى زامان رېئاللىقىدا ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن ئىپادىلەپ، ساپ ئۇيغۇر روھىيىتىگە تويۇنغان ھەقىقىي مەنىدىكى ئۇيغۇر مۇھىت ئەدەبىياتىنى ياراتتى، ئانا تۇپرىقىمىزدا كۆرۈلىۋاتقان تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى رەڭدار تۇرمۇش كۆرۈنۈشى ۋە ئاجايىپ سىرلىق مۆجىزىلەر بىلەن يورۇتۇپ بېرىپ، بىزنى مەۋجۇت رىئاللىقىمىزدىن چۆچۈتىدۇ، ۋايىم يىگۈزىدۇ ۋە خاۋاتىلەندۈرىدۇ. «بۆرە ئانا » رومانىدا قەيسەر بىلەن بىلىكيار ئوتتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئانا بۆرە ئۇلارنى ئوتتىن قۇتۇلدۇرۇپپ چىقىرىدۇ. ئىنسانلار يوپۇرلۇپ كىلىپ ئانا بۆرىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇشىدۇ، بۇ ۋاقىتتا قەيسەر، ئانا بۆرە، بىلىكيار ئۈچى نۇر ئاتا چوققىسىدا غايىپ بولىدۇ. قاراڭغۇدا نىشانسىز قالغان كىشىلار بىر-بىرىگە سوقۇشۇپ، ھالسىزلىنىپ ئۆزلىرىنى تاشلىۋىتىدۇ. نۇر ئاتا چوققىسىدا بۆرە قاتتىق ھۇۋلايدۇ. مانا بۇ مەۋجۇت رىئاللىقىمىزنىڭ بىشارەتلىك كۆرۈنۈشى. ئاپتۇر كۈچلۈك رومانتىزىملىق تۈس ئارقىلىق، بىزنى مۇھىت يامانلىشىش سەۋەبىدىن يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان تراگىدىيىلىك ئاقىۋىتىمىزدىن قاتتىق چۆچۈتىدۇ. تۇرسۇنجان مۇھەممەتنىڭ «تارىم» ژورنىلى 2002-يىللىق 1-سانىدا ئىلان قىلىنغان «بۆرە جىلغىسى» نامىلىق پوۋسىتىمۇ، ئەدەبىياتىمىزدىكى مۇھت تراگىدىيىسىنى يەنى تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ گىرەلەشمە تراگىدىيىسىنى ئىنتايىن ئوبرازلىق، تەسىرلىك، چوڭقۇر ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. يەنى بەلقۇم مۇھىتىنىۇ يامانلىشىشىغا ئەگىشىپ ئۇ يەردىكى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ، قېرى بۆرىمۇ ئۆزىنىڭ خاتىرجەم ۋە بەختلىك كۈنلىرىنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى، ئىنسانلارنىڭ بۇ يەرگە كىلىشى بىلەن بۆرىنىڭ ئاخىرى زامانى باشلانغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەسەردىكى ياقۇپ كۆكچىنىڭ ئوغلى تاشمۇھەممەت ھالال ۋە مىھنەتلىك دېھقان يىگىتى. قەددىنى رۇسلاش مەقسىتىدە كىچىككىنە يېزا بازىرىدا كاۋاپچىلىق قىلماقچى بولغاندا، نەپسانىيەتچى بازار باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاقتى سوقتى قىلىشىغا ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بلەن بۇلارنىڭ شەرىپىگە ئۆيىدە زىياپەت بېرىدۇ. بىراق بۇ«چوڭام»لارنىڭ ھاراق-شاراپ تەسىرىدە ھاياسىزلىق قىلىشى، تاشمۇھەممەدنىڭ ئىلتىجالىرى ئىتىبارسىز قىلىشى ۋە ئاخىرىدا دادىسىنىڭ ھاقارەتكە ئۇچراپ، ئۆز غۇرۇرىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنىشى ياقۇپنىڭ بىر جۈپ ئىشچان قولىنى ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن بويايدۇ، شۇنىڭ بىلەن قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ياقۇپ بوۋاي ئارزۇلۇق نەۋرىسى گۈلبانۇنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئىشى ئۈچۈن، ھاكىمغا بىر قاپاق توغراق سۈيى تېپىپ بېرىش ئۈچۈن تومۇز ئىسسىقتا بەلقۇمغا سەپەر قىلىدۇ. دېمەك ئادەملەردىكى ياتلىشىش ۋە شەخسىيەتچىلىك تاشمۇھەممەد، ياقۇپ كۆكچى ۋە بەلقۇم تراگىدىيىسىنىڭ تۈگۈنىدۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى تراگىدىيە بىر-بىرىگە چەمچەرچەس باغلانغان بولۇپ، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن كىيىنكىسى ئالدىنقىسىنىڭ داۋامى ۋە راۋاجىدۇر. ئەسەردە يەنە ياقۇپ كۆكچى ئىككى ئىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئۆكۈنىدۇ. بىرى ئىشەكنىڭ ئۆلۈمى، يەنە بېرى بۆرىنىڭ ئۆلۈمى بولۇپ، بۇ ماھىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تراگىدىيىسىدۇر.

ئاياللار ۋە مۇھەببەت تراگىدىيىسى

تارىختىن بۇيان يارىتىلغان تىپىك ئاياللار ئوبرازى ۋە ئۇلارنىڭ تراگىدىيىسىگە قىسقىچە نەزەر سېلىپ باقايلى، ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ «رابىئە-سەئدىن» داستانىدىكى رابىئە تەقدرچىلىك قاراشلىرىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن ئۈزۈل-كىسىل ئازاد بولغان، مۇرەسسەسىز ئىسيانكارلىق روھىغا ۋە سۇنماس ئىرادىگە قەھرىمان. ئۇ ئۆزىنىڭ مەردانىلەرچە ئۆلۈمى ئارقىلىق تەقدىرگە جەڭ ئېلان قىلىش، مۇرەسسەسىز ئىسيان كۆتۈرۈش روھىنى ئەڭ يۈكسەڭ دەرىجىدە نامايان قىلىدۇ. نەۋائىينىڭ قەلىمى ئاستىدىكى «پەرھاد-شېرىن» داستانىدىكى شىرىن ئۆز مۇھەببىتىگە سادىق. ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي، ئۆز مۇھەببىتى بىلەن خەلقنىڭ بەخت سائادىتىنى چەمبەرچەس باغلىيالايدىغان، ۋەتەنپەرۋەر مەشۇق. شىرىن يەنە كۆز ئالدىمىزدا پەزىلەت ئىگىسى، ۋاپادار مەشۇق سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى پىشقان ئايال، ئەرمەن ئېلىنىڭ تەخت ۋارىسى، ئەرلەر بىلەن تەڭ تۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرالايدىغان قابىل يېتەكچى تەرىقىسىدە نامايان بولىدۇ. نوزۇگۇم بولسا ئۆز يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئەركىنىلىككە ئىنتلىدىغان، ئۆز مۇھەببىتى ئۈچۈن سادىق، ئىپپىتى ۋە ھايا نومۇسىنى جاندىن ئەلا بىلىدىغان ۋە قوغداش يولىدا زۇلۇمغا قارشى جاندىن كېچەلەيدىغان پەزىلەتلىك، قەھرىمان ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرىنىڭ بەدئىي ئوبرازى. «ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى ئۆلۈم-ئۇلۇغۋار ئۆلۈم، بۈيۈك ئۆلۈم بولغاندىلا، ئاندىن ئىستىتىك قىممەتكە ئىگە بولالايدۇ».[15] دېمەككى بۇ ئاياللىرىمىزنىڭ ئۆلۈمى-تراگىدىيىلىك قىممەت جەھەتتىن يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە. جەمئىيەت، دەۋر ۋە تۇرمۇشنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭى ۋە قىممەت قاراشلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بەردى. ئەدەبىيات بارغانسىرى تۇرمۇشقا ۋە خەلىققە يىقىنلىشىپ، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى ۋە رىئال تۇرمۇشىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ئارقىلىق ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئاشۇردى. بۈگۈنكى دەۋرمىزىگە كەلگەندە، خالىدە ئىسرائىل، رىزۋانگۈل يۈسۈپ قاتارلىق ئايال يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمى ئاستىدا ئاياللار ۋە ئۇلارنىڭ تراگىدىيىسى ئۇلارنىڭ مۇھەببەت ۋە ئائىلە تۇرمۇشىغا ھەم بۇنىڭ مۇھىم قاتناشقۇچىلىرى بولغان ئەرلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈلۈپ، ئاياللارنىڭ مۇرەككەپ روھىي دۇنياسى ۋە ئىستىتىك غايىسى ئىپادىلەندى.

ئاياللار پاجىئەسىنىڭ شەكىللىنىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپى ئەمەس، بەلكى ئۇزاق تارىخى دەۋرنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بۇ ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە مۇھەببىتىدىكى تراگىدىيىسىنىڭ سەۋەب ۋە مەزمۇن قاتلىمىنى مۇرەككەپلىك ھەم چوڭقۇرلۇققا ئىگە قىلغان. رىزۋانگۈل يۈسۈپ ئۆز ئەسەرلىرىدىكى ئەپسانىۋۈ تۈس ئارقىلىق ئاياللىق ھىسىياتنى ئىپادىلىدى. «جىگدە چېچىكى» ھىكايىسىدىكى باش پىرسوناژ مۇھەببەتنى ئۆي ئەتراپىدىكى جىگدىلىكتە شاختا ئولتۇرۋىلىپ جىگدە يەۋىتىپ، ئۇ يەردىكى بىر جۈپلەرنىڭ «شىرىن كەچمىش»لىرى ئارقىلىقلا بىلىدۇ ۋە خىيالىي تۇيغۇلارغا چۆمۈلىدۇ، تويى بولغان قىزنىڭ پەقەت «يېڭى كىيىملەرنى كىيىدىغان»لىقىنى بىلىدۇ، توي كۈنى «ئانىسى گەجىگىسىگە چۈشۈپ تۇرغان چېچىنى يىلىملاپ ئىككى ئۆرۈپ قويغان» بۇ قىز ئېرىنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيىگە كىرگەندە خۇش بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ خىيالىدىكى شىرىن مەنزىرىلەر بىردەمدىلا غايىب بولىدۇ-دە، توي كىچىسى قورقۇنچتا قېچىپ چىقىپ، ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كىيىن «بۈدۈر چاچلىرى پوسمىسىدىن چىقىپ تۇرىدىغان» دوختۇرنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ ھەم ئۇنىڭ قىلتىقىغا چۈشىدۇ-دە، «قورسىقى تومپىيىپ قالىدۇ». بىراق، ساراڭلىق كىسىلى ئاللىبۇرۇن ساقايغان بىر قىزنىڭ گۈزەل چۈشلىرى دەممۇ-دەم ئۇلغىيىدۇ-دە، دوختۇر يىگىتنى ئىزدەپ بارىدۇ. ئۇنى تونۇماسقا سىلىپ «ساراڭ»قاتارغا چىقىرۋەتكەن بۇ يىگىتنىڭ «ساراڭ» سۆزى ساقايغان قىزنى رەسمىي ساراڭ قىلىپ قويىدۇ. «تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال» بۇ چىرايلىق دوختۇر يىگىتنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكى ۋە ۋىجدانسىزلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ غەزىپىنى قوزغىسا، بىغۇبار، ساددا بىر قىزنىڭ ھامىلدار بولۇپ قىلىشى، توي قىلىپ نىكاھىغا ئالغان ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلگەندىن كىيىنمۇ يەنە، ساراڭلار دوختۇرخانىسىدىن ساقىيىپ چىقىپ ئەھۋال ئاستىدا ئەخلاق ۋە مۇھەببەت ئۈستىدە چوڭقۇرراق ئويلىنىپ باقماسلىقى، ئىككىنجى قىتىم ساراڭ بولۇپ قىلىشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ۋەقەلىرى بىزنى ئېچىندۇرىدۇ. مۇھەببەت ۋە ساداقەتكە تەشنا بولغان ھەم بارىلىقىنى بېغىشلاشقا تەييار تۇرغان بىغۇبار قىزلارنىڭ، ئائىلىسى ۋە ئېرىنى ئۆزىنىڭ بارلىقى دەپ قاراپ كىلىۋاتقان ئاياللارنىڭ تۇرمۇش ۋە مۇھەببەت جەھەتتە تۆكۈۋاتقان ئاچچىق كۆز ياشلىرىنى تراگىدىك كەيپىياتتا ئىپادىلەپ بەردى.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى»پوۋسىتىدىكى چىرايلىق، ئەقىللىق ۋە غۇرۇرى كۈچلۈك گۈزەل قىز ھەۋزىخاننىڭ مۇھەببەتكە بولغان تەلپۈنىشى ۋە شۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە، 50ياشلاردىن ئاشقان «گۈزەل باغ» لىق قورۇنىڭ ئىگىسى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىدۇ ۋە «ھەممە كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرۇپ» مۇشۇ كىشىگە ياتلىق بولىدۇ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئاجىرشىپ كىتىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئوقۇرمەن بىلەن ئۇچرىشىدىغان دەسلەپكى يۈزە تراگىدىيىسى. ئۆزىنىڭ خىيالىدىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادىسى» ئابدۇللانى ئۇچراتقاندا بولسا، مۇھەببەت ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن «مېنى ئەمرىڭىزگە ئېلىڭ» دەيدۇ ۋە بىرگە قىچىپ كىتىدۇ. لىكىن، ئۆزى شۇنچە ياخشى كۆرگەن ئېرى ۋە كىچىكىدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان دوستى ھەمراخاننىڭ بىرلىكتە ئۆزىگە خىيانەت ۋە ھاقارەت قىلىشى، ھەۋزىخاننىڭ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ-دە، ھەمراخاننى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. ئۆز دوستىنىڭ قاتىلىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگىنىدە بولسا ئىنتايىن ئازابلىنىدۇ، ئابدۇللاغا بولغان نەپرىتى كۈچىيىپ ئۇنىڭ «توۋا»سىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئامبالغا خوتۇن بولۇش ياكى بولمىسا پۇل خەجلەش ئارقىلىق ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قىلىش يولى بولسىمۇ، يەنىلا مەردانىلىك بىلەن ئۆلۈم يولىنى تاللاش ھەر بىر ئوقۇرمەن قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، ھەۋزىخانغا نىسبەتەن چوڭقۇر ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئويغىتىدۇ. بۇ مۇھەببەت ھەم ئەخلاق تراگىدىيىسى ھەۋزىخاننىڭ ئۆلۈمى بىلەن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ. ئەمدى بىز يەنە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئوربىتا»سىنى مىسال ئالايلى. ئەسەردىكى «بىراق، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ باغرى تاشلىق بىلەن يەتتە يرىمنى كۆرسىتىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ، ھېچنىمىگە قارىماي، سومكامنى قولۇمغا ئالىمەن» دېگەن تەسۋىرلەر دەل بۈگۈنكى دەۋردىكى خىزمەتتىكى ئاياللارنىڭ باللىرىنى مەكتەپكە، ئېرىنى خىزمەتكە ئۇزۇتۇپ ئكزىنى تۈزۈكرەك ئوڭشاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي خىزمەتكە كىتىۋاتقان «خىزمەت قىلىدىغانلار توپى»دىكى ئاياللارنىڭ تۇرمۇشى. «ھەممىلا يەردە بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى جاپاكەش ئانا بولۇش، ئېرىمىز، پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن قۇربان بېرىش-تاكى ئۆلۈپ كەتكىچە بىز پەقەت قۇربان بېرىشكىلا يارالغان. باشقىلار بۇ قۇربان بېرىشلەردىن ھوزۇرلىنىشقىلا يارالغان. ھىچكىم ئورنىدىن قوپۇپ، بولدى، ئەمدى قۇربان بېرىۋەرمىگىن، سەنمۇ بىزگە ئوخشاش يارالغان ئىنسان دېمەيدۇ» دېگەن قۇرلىرى ئارقىلىق، ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى نىدالىرىنى تەبئىي رەۋىشتە ئىپادىلەيدۇ. بىز «ئوربىتا»دكى ئاسىيەنىڭ ۋۇجۇدىدىن بارىلىق قىممەت نەرسىلىرى يوقالغاندىن كىيىنكى كىشىنىڭ روھىدا كۆرۈلىدىغان ئۈمىدسىزلىكنى؛ ھەر خىل رامكا ۋە تۈزۈم، ئۇ كەلتۈرۈپ چىقارغان بىسىملارنى، شۇنداقلا مەسئۇلىيەت ئېڭى سەۋەبىدىنلا نۇرغۇن نەرسىلەرگە چىداشلىق بېرىۋاتقىنىنى؛ ئېغىر يۈكنى تولىمۇ تەستە سۆرەپ كىتىۋاتقان «ۋولگا دەرياسىكى كېمە سۆرىگۈچىلەر»نىڭ ئەپتىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ۋەيرانلىقنى بايقايمىز. ئاسىيە ئۆز خاتىرىسىنى يوقىتىدۇ. دوختۇر ئۇنىڭ خاتىرىسىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىگە ياردەم بولىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا «كۈندىلىك خاتىرە»سىنى بېرىدۇ. مۇرەككەپ ھىس-تۇيغۇ ۋە پىسخىكىلىق ئۆزگىرىشلەرگە باي، «ئوقۇسا تۈگىمەيدىغان كىتاب»-ئاياللارنىڭ پىنھان سىرلىرىنىڭ ئىزناسى بولغان كۈندىلىك خاتىرىسى دەل ئۇنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھاياتقا بولغان پوزىتسىيىسى، ئارمانلىرى ۋە ئېرىشكەنلىرىنىڭ يازما بايانى. ئاسىيەنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ بېرىلگەن بايانلار ئۇنىڭ مۇھەببەت ۋە ئائىلە تراگىدىيىسىنىڭ باش قەھرىمان بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاسىيە ئابلىكىمنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق، ئابلىكىم بۇرۇنقى مۇھەببىتىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئاسىيە ئارزۇ قىلغان ھەم جېنىدىن ئەزىز كۆرىدىغان مۇھەببەتنى بېرەلمەيدۇ. دېمەك مانا شۇ « قىممەتلىك نەرسە»نىڭ يوقىلىشى ئاسىيەنىڭ بارلىق تراگىيىلىرىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالىدۇ.

«تراگىدىيىدىن مەھرۇم بولغان دەۋرلا ھەقىقىي پاجىئەلىك دەۋر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ؛ تراگىدىيە تۇيغۇسىدىن مەھرۇم بولغان مىللەتلا بەختسىز مىللەت ھېسابلىنىدۇ». [16] ئەدەبىياتىمىزدا ئەكىس ئېتىۋاتقان تراگىدىيە تراگىدىيىلىك قاتلام ۋە تراگدىيىلىك گۈزەللىك، تراگىدىيىلىك قىممەت جەھەتتە بەلگىلىك ئۈنۈم ياراتتى. توغرا مەنە ھەم شەكىلگە ئىگە بولغان تراگىدىيە، كىشىلەرنىڭ ئىستىتىك دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ، ئۇلارنى ئەتراپىدىكى مۇھىت ۋە ئۆزى ئۈستىدە ھەمىشە ئويلىنىپ تۇرۇشقا، تەلقىن قىلىشقا، ئۆزىگە قايتىشقا دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. ئەدەبىياتتىكى تراگىديلىك ئاڭ ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلمىي، چوڭقۇرلاپ تەتقىق ئېلىپ بېرىش ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىستىتىك سەۋىيەسىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.



سىتاتا مەنبەلىرى  :

[1] مەھمۇت زەيىدى، سەمەت دۇگايلى تۈزگەن «ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى لۇغىتى» مىللەتلەر نەشىرىياتى 1988-يىلى 7-ئاي 1-نەشىرى 1-باسمىسى 164-بەت
[2] بۈيۈك بىرىتانىيە قامۇسى 17-توم 171-بەت
[3] ئابلەت ئۆمەر تۈزگەن ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نەشىرياتى 1997-يىل 6-ئاي 1-بېسىلىشى 614-بەت
[16][4] [6] ئارسلان ئابدۇللا تەرجىمە قىلغان، ۋاڭ شىياۋخۇۋا يازغان «ئاق يىلان رىۋايىتى ۋە مىللەت تراگىدىيىسىدىكى يوشۇرۇن ئاڭ» مىراس ژورنىلى 1992-يىلى 3-سان 59-بەت
[5]ئىقپال تۇرسۇن «ئۇيغۇرلاردا ھايات ھېكمىتى، ئۆلۈم كۈلپىتى» شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نەشىرياتى 2006-يىل 5-ئاي 1-نەشىرى 359-بەت
[7]رىشات ئاسىم «30-يىللار ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تراگىدىيە ئېڭىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى» شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى 2005-يىللىق 1-سان 59-بەت
[8] [9] ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان «ئۇيغۇر پروزىسىدا تراگىدىيە ئېڭى توغرىسىدا» تارىم ژورنىلى 1996-يىل 10-سان
[10] [13]ئازات رەھمىتۇللا سۇلتان «بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1997-يىل 4-ئاي 1-بېسىلىشى 330-بەت
[11] ئەنۋەر ئابدۇرېھىم «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت» شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى 2000-يىل نەشىرى 225-بەت
[12] ئازاد رەھمىتۇللا سۇلتان يىتەكچىلىكىدە شىنجاڭ ئۇنېرستىتى ۋە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرستىتىدىكى ئۇيغۇر ھازىرقى-بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتى كەسپىنىڭ ماگىسىتىرانتىلىرى ئېلىپ بارغان «ئۈچ ئەدىب بىلەن سۆھبەت» شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى 2008-يىل 6-سان 13-بەت
[14] پەرىدە ئىبراھىم «دۇنيا مۇھىت ئەدەبىياتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان مۇھىت ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا» شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتوتى ئىلمىي ژورنىلى 2008-يىل 3-سان 58-بەت
[15] گۈلجامال مەمىتىمىن، ئايگۈل نامان «شىرىن ئوبرازىنىڭ تراگىدىيىلىك قىممىتى» شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى ئىلمىي ژورنىلى 2003-يىللىق 4-سان 35-بەت

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY