باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-16 12:20 | ئاپتور: سەلتەنەت | مەنبە: ئىجادى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر

تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر توغرىسىدا

ئايزىت


    خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى تىلى يىنىك ، يارقىن ، مۇزىكا رىتىمدارلىقى ئېنىق، شىئېرى خۇسۇسيىتى كۈچلۈك، ئىنسانىيەت تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان تىل سەنئىتىنىڭ بىرى خەلق قوشاقلىرىدۇر.
    تۇرپان خەلق قوشاقلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بايلىقى،شۇنداقلا خەلققوشاقلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى. تۇرپان خەلق قوشاقلىرى ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرى ئىچىدە تېما، مەزمۇن، شەكىل، تىل، ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس ئۆزگىچىلىكى، مۇكەممەللىكى بىلەن ئالاھىدە خارەكتىرلىنىدۇ. ئۇ تۇرپان رايونىدىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ قايناق ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا ھەمرا بولۇپ ، خەلقنىڭ ئۇزاق تۇرمۇش كەچۈرۈش جەريانىدىكى ئجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش ئەمەليىتى ، دۇنيا قارىشى، قىممەت قارىشى، دىننى ئېتىقادى، مىللىي ئۆرىپ-ئادەت، پىسخىكا ، ئىستىتىك تۇيغۇلىرى بىلەن تەبىئى سىڭىشىپ ، ئوبرازلىق ، يارقىن تىل ، كۈچلۈك ئاھاڭدارلىق ، رەڭدار تېما، مول مەزمۇنلىرى بىلەن ئەمگەكچى خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى كۈنسايىن بېيىتىپ كەلمەكتە. 
    تۇرپان خەلق قۇشاقلىرى يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئىددىيىۋى مەزمۇن قاتلىمىنىڭ تىرەنلىكى، تېمسىنىڭ كەڭلىكى ، تىلىنىڭ ئاممىبابلىقى، قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىكى، تۇرمۇش پۇرىقىنىڭ قۇيۇقلىقى قاتارلىق بەدىئىي خاسلىقلىرى بىلەن كىتاپخانلارنى جانلىق پىكىر يۈرگۈزۈشكە، شېئرىي تۇيغۇ لىرىكىسىغا ، يېنىك مۇزىكىلىققا، يېقىملىق ئاھاڭدارلىققا تەبىئى باشلاپ، ئىستىتىك شەكىل ۋە ئىستىتىك قىممەت بىلەن يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدۇ.
    تۇرپان خەلق قۇشاقلىرىنىڭ ئەنگۈشتەردەك جەلىپكارلىقى، قوشاقلارنىڭ بەدىئىيلىك ۋە ئىدىيۋىلىك قىممىتىنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش ۋاستىلىرى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلق قۇشاقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئوخشىتىش، جانلاندۇرۇش، سىمۋول ،تەكرارلاش، سىلىشتۇرۇش، مۇبالىغە، رىتورىك خىتاب قاتارلىق ھېسسىيات ۋە ئوبرازنى ئىپادىلىگۈچى ئىستىلىستىكىلىق تەسۋىرى ۋاستىلەردىن مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ شېئرىي ئوبراز يارىتىشنىڭ تويۇنغان ئۈلگىسى بولغانلىقى بىلەن سېھىرلىنىدۇ.
    تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر: 


   1-تەكرارلاش: 
    تەكرارلاش_ ئوخشاش بىر سۆز ، ئوخشاش بىر جۈملە ياكى ئوخشاش بىر ئابزاسنى تەكرارلاش ئارقىلىق، ھېسسىياتنى ئىپادىلىگىلى بولدىغان ۋە مەلۇم بىرەر نۇقتىنى تەكىتلەپ كىتاپخانلارنىڭ تەسىراتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ.
    تەكرارلاش ئادەتتە ئىككى خىل بۇلۇپ، ئۇلاپ تەكرارلاش ھەم ئارىلىق قالدۇرۇپ تەكرارلاشتىن ئىبارەت.

شاپتۇل قېقى دەيمىز،
ئۆرۈكنىڭ قېقى دەيمىز.
بىزنىڭ يار قارا كۆزنى،
كۆڭۈلنىڭ ئېقى دەيمىز.

سۇ چېچىكى، سۇ چېچىكى،
سۇنىڭ چېچىكى.
كېچە –كۈندۈز ئېچىلامدۇ ؟
ياڭاق چېچىكى.

خەقنىڭ يارى تولا ئۈچۈن،
كاۋا چېچىكى.
بىزنىڭ يارلار بىر دان ئۈچۈن ،
جاننىڭ چېچىكى.

ئىشىكىڭنىڭ ئالدىدىن،
سۇ ئۆتەمدۇ قاراقاش.
سېنى بىر دەم كۆرمىسەم،
كۈن ئۆتەمدۇ قارا قاش.

    يۇقىرىدىكى تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدا "سۇ چېچىكى، چېچىكى، قېقى دەيمىز، قارا قاش " دېگەن سۆزلەر تەكرارلىنىپ كىلىپ، قوشاقتىكى ئىپادىلىمەكچى بولغان پىكىرنى تەكىتلەپ، كۈچەيتىشتە ئالاھىدە رول ئوينىغان.

    2-جانلاندۇرۇش:
    جانسىز نەرسىلەرنى جانلىق نەرسىلەرگە، ئابىستىراكىت نەرسىنى كونكىرىت نەرسىگە ، شەيئىي ۋە ھادىسىلەرنىڭ، ھايۋانات ۋە ئۇچار-قاناتلارنىڭ ھەركەت خۇسۇسيەتلىرى بولسا، ئادەم ئورگانىزىمىنىڭ پائالىيىتىگە، ئادەملەرنىڭ مەنىۋى ئىنتىلىشگە تەدبىقلىنىپ تەسۋىرلىنىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە جانلاندۇرۇش دىيىلىدۇ. ئادەتتە جانلاندۇرۇش ئىككى خىل بولۇپ، ئادەملەشتۈرۈش ۋە نەرسىلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

كۆيدۈرسىمۇ كۆيدۈرسە،
يايرىم پەقەت ئۆلمىسە.
يارىمنىڭ چىراغىدا،
قاناتلىرىم كۆيمىسە.

لۈكچۈن دىگەن شەھەردە،
غۇنچە بويلۇق يارىم بار.
قانات بەرسە خۇدايىم،
كۆكتە ئۇچۇپ بارغۇم بار.

كىچىككىنە قارا كۆز،
تىلى تاتلىق ، شېرىن سۆز.
ئۇچۇپ كەتتى ئۆيۈمدىن،
غايىب بولدى كۆزۈمدىن.


    3-مۇبالىغە:
    ئوبىيكتىپ شەيئىيلەرنىڭ قىسمەن ئالاھىدىلىكىنى ئەسلى ھالىتىدىن ئاشۇرۇپ ياكى كېچىكلىتىپ تەسۋىرلەش ئىستىلىستىكىدا مۇبالىغە دىيىلىدۇ.

ئىشىك ئالدى تاختا كۆۋرۈك ،
بىر ئۆتمىكۈم بىرقىلچە بار.
ئاي يۈزۈڭنى كۆرمىسەم ،
بىر كۈن ماڭا بىر يىلچە بار.

بېغىڭدىكى تېرەككە ،
كاككۇك قونسا سايرايدۇ.
يارغا كۆيگەن يۈرەككە،
چەينەك قويسا قاينايدۇ.

كېمە سېلىپ ئۆتۈڭلار ،
كۆزدىن ئاققان ياشىمغا.
كەلدى شۈنچە دەرت ئەلەم،
كىچىك تۇرۇپ بىشىمغا.

    مۇبالىغە تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدا خېلى كەڭرى قوللىنىلىپ، شەيئىي ھەم ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىنى پاكىتلىك، روشەن گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن تىلنى ئوبرازلىق، كونكىرىت بىزەپ، ئىددىيىۋى ھېسسىياتنى ئېنىق ھەم كۈچەيتىپ بەرگەن. 

    4- سىمۋول:
    مەلۇم شەيئىي ياكى ھادىسىنى توغرىدىن–توغرا ئۆز نامى بىلەن ئاتىماستىن ۋە تەسۋىرلىمەستىن، ئۇنىڭغا يېقىنلىقى، ئوخشاشلىقى بولغان ئىككىنچى بىر شەيئىي ياكى ھادىسە ۋاستىسى ئارقىلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى سىمۋولدۇر.

كىملەر كىردى بۇ چىمەنگە،
گۈلنى ئۈزمەي چىقمىدى.
بۇ مېنىڭ نازۇك گۈلۈمگە ،
شۇم رەقىپلەر قەستلىدى.

گۈل بېغىمنىڭ ئىچىدە،
بۇلبۇل بولۇپ سايرايمەن.
سەن يارنى سېغىنغاندا،
ئاي چولپانغا قارايمەن.

ئىشىك ئالدى بىر تۈپ چىنار،
ئىگىلچان بولسۇن.
يوپۇرماقى ئالا-يېشىل،
تۆكۈلچان بولسۇن.

    سىمۋول قوشاق تىلغا يېنىك، يارقىن گۈزەللىك بېغىشلاش بىلەن بىرگە، ئۇ ئوي–پىكىرنىڭ جانلىق، ئوبرازلىق بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ.

    5-ئوخشىتىش:
    بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ، بىراق مەلۇم جەھەتلەردىن بىرئاز يېقىنلىقى، ئوخشاشلىقى بولغان ئىككى نەرسىنىڭ بىرى ئارقىلىق يەنە بىرىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ئىستىلىستىكىلىق ۋاستە ئوخشىتىش دەپ ئاتىلىدۇ.

يارىمنىڭ كەتكەن يىرى،
دالانكارىز ، يانبۇلاق.
مېنىڭ يارىم ئانار يۈز،
تۇلۇنئايدەك يۇمۇلاق.

چىشىنى ئۈنچە دەرمەن،
لىۋىنى غۇنچىدىن دەرمەن.
سەھەردە كىلىپ كەلسە ،
بىھىشنىڭ گۈلى دەرمەن.

سايدا قاينىغان بۇلاقلاردەك،
يارىمنىڭ كۆزى.
ناۋات قوشۇپ يۇغارغاندەك،
يارىمنىڭ سۆزى.

قارا قاش ئولتۇرىسەن.
باغدا ئېچىلغان گۈلدەك،
ئىشقىڭدا ناخشا ئېيتۇرمەن،
قەپەزدىكى بۇلبۇلدەك.

يۇقىرىدىكى تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدىكى ئوخشىتىش شېئرىي پىكىرنى جانلىق ، روشەن گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن.

    6-رىتورىك خىتاب: 
    ئاپتور كۈچلۈك ھىس-تۇيغۇ، ھاياجاننى باسالمىغان ئەھۋالدا ، كىتاپخان ياكى ئۆز ئەسىرىدىكى ئادەملەر بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز –ئۆزى بىلەن سۆزلىشىدۇ. بۇ ئىستىلىستىكىدا رىتورىك خىتاپ دىيىلىدۇ.

كاككۇك بولاي دىدىڭمۇ ؟
بۇلبۇل بولاي دىدىڭمۇ؟
يۈرەكنى بۇنچە داغلاپ،
جاننى ئالاي دىدىڭمۇ؟

ئاھ خېنىم سۈزۈك چىراي،
ئوتۇڭدا مەن قانداق چىداي؟
ئايرىلىپ كىتىپ سەندىن،
مەن ئەندى قايان باراي؟!

بۇلبۇلدەك سايراپ يايرىم،
قونايمۇ بىلەكىڭگە؟!
يار ئوتۇڭ يامان ئىكەن؟
ئۆلەيمۇ كۆيەكىڭدە؟!

    كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، رىتورىك خىتاپ ئارقىلىق لىرىك ئىچىكى ھىس-تۇيغۇلىرىمىزنى بىۋاستە ئىپادىلەپ، ئوي-پىكىر ھەم ھېسسىياتتا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرگىلى، ئورتاقلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بۇلىدۇ.

    7-سىلىشتۇرۇش:
    بىر-بىرىگە قارىمۇ قارىشى ئىككى خىل نەرسىنى ياكى بىر نەرسىنىڭ ئوخشىمىغان ئىككى تەرىپىنى بىر-بىرىگە سىلىشتۇرۇپ بەدىئى ئوبراز يارىتىش سېلىشتۇرۇش دىيىلىدۇ.

يەر ئىگىسى غوجام باي،
گۈرۈچ بىلەن مانتو يەر.
پېقىر پۇقرا گاداينى،
بۈرگە بىلەن چوسا يەر.

مىرابلار مىنەر تايغا،
سۇنى ياقىلار بايغا .
كەمبەغەللەر سۇ دېسە،
بېشىنى تىقار لايغا.

سان –سان قىلىپ پارچىلاپ ،
پومشىچىكلار گۆش يەيتتى.
كەمبەغەل نان ئورنىغا ،
تاياق بىلەن مۇشت يەيتتى.

    سىلىشتۇرۇش ۋاستىسى ئارقىلىق ئوي –پىكىرنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش دائىرسىنى كېڭەيتىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرغىلى بۇلىدۇ.

    يۇقىرىدىكى ئىسلىستىكىلىق ۋاستىلەر تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدا ئۆز مەزمۇن ھەم شەكلىنى ھەقىقىي تېپىپ، تۇرپان خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيۈش، ئادىمىيلىكنى قەدىرلەش، چىن ئىنسانىي مۇھەببەتكە ئېنتىلىش، ھەر ئىشتا تەدبىركار، ئەقىل-پاراسەتلىكى، باتۇر، مەردلىكى، ۋاپادارلىقى، سەمىمىي، دوستلۇقنى قەدىرلەش، ئەخلاق–پەزىلىتى، ئېلىم-سۆيەر، مەرىپەتپەرۋەرلىكىنى مەدىھىيلەش بىلەن بىرگە، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىددىيە، پارىخورلۇق، پىتنىخورلۇق، غەيۋەت، نائىنساپلىق، نادانلىق، خۇراپاتلىق، ئاچكۆزلۈك، شەخسىيەتچىلىك رەزىل قىلمىش ھەم شەخسلەرنىڭ سەلبى تەرەپلىرىنى پاكىتلىق، دادىل پاش قىلىپ، مۇئەييەن جامائەت پىكىرى توپلاپ، ئۆم-ئىناقلىقنى قوغداپ قىلىشتا، خەلىققە ھايات ھەقىقەتلىرىنى تۇنۇتۇشتا بەلگىلىك ئاكتىپ ئىجادى رول ئوينىغان. 

    ئومۇمەن تۇرپان خەلق قوشاقلىرىدىكى ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەر يۇقىرىدىكىلەر بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. يەنىلا بىزنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قىزىشىمىزغا، تەتقىق قىلىشىمىزغا، بەدىئىيلىك،ئىددىيىۋىلىك نۇقتىسىدا توختىماي ئىزلىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسىمىزدۇر.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. جۇڭگۇ خەلق قوشاقلىرى شىنجاڭ تومى"تۇرپان خەلق قوشاقلىرى" 1994-يىل 1-ئاي نەشىرى.

2. تولۇقسىز 2-يىللىق ئەدەبىيات دەرسلىكى "دىلشات خالىدىن تۈزگەن.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئېتىم تاتسا،تېيىم تاتماس،
    قالدىم بالاغا.
    بەختىخاننىڭ مەيلى بولسا،
    ئا چىقسۇن تالاغا.

    تۇرپان خەلق ناخشىلىرى ۋە قوشاقلىرى بەك يېقىشلىق .
    ئۆچۈرۈش2011-6-17 06:46[3 نۇمۇر]يۈرۈگۈم
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY