يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-4 11:50 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: نەق مەيدان ئىجادىيتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم
«ئۈمىدۋار بالا»رومانى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
«ئۈمىدۋار بالا»رومانى ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش
(ئەدەبىي ئوبزور)
ھەۋەس
تالانىتلىق بالىلار يازغۇچىسى پەرھات كازىم ئەپەندىنىڭ «ئۈمىدۋار بالا»ناملىق بالىلار رومانى چاغداش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزدىكى زور ھەجىملىك ئەسەرنىڭ كەمچىل بولىشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان ياخشى ئىجادىيەت مېۋىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
روماندا ئىقتىسادى ۋەيران بولغان ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئوسمانجاننىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە قەيسەر بىختەك تاش يېرىپ چىقىپ ، ئۈمىدنى ئۆزىگە يار قىلىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى تەسۋىرلەنگەن.
پەرھات كازىمى بالىلار ئىجادىيىتى نامرات ئۇيغۇر بالىلىرىدىكى كەمدىن- كەم ئۇچرايدىغان قەيسەرلىكنى، تىنىم تاپماس تىرىشچانلىقنى، تولۇپ-تاشقان ئۈمىدۋارلىقنى ئىزچىل يورۇتۇپ كەلگەنلىكى بىلەن دىققەتكە سازاۋەردۇر. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدا رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتوتى بىلەن روياپقا چىققان كىچىك دوستلارنىڭ ئۇلۇغۋار ، يارقىن ئوبرازى بالىلارغا خاس سىدام تەسۋىرلەردە ھاياتىي كۈچ تاپىدۇ. «ئۈمىدۋار بالا» ناملىق روماندىكى ئوسمانجان ئوبرازىمۇ شۇنداق يارىتىلغان ئوبراز بولۇپ، ئۇنىڭ تۈپ خاراكتىرىمۇ قەيسەرلىك بىلەن ئۈمىدنى ئۆزىگە يار قىلىپ ياشاشتەك ئىدىياللاشقان، شۇنىڭدەك كۈرەش روھىغا باي قەھرىمانلاردۇر، خالاس.
************
روماندا ئوسمانجاننىڭ بەختلىك ئائىلىسى بىر قېتىملىق چوڭ سودىنىڭ زىيىنىدىن بىراقلا ۋەيران بولىدۇ. قاتمۇ-قات ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئائىلە شارئىتى ئۇنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان قەيسەر ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، يىراق كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىد ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ تىنىمسىز ئالغا باستۇرىدۇ. پۈتۈن ئەسەر ئوسمانجاننىڭ بىۋاستە كەچۈرمۈشلىرىنى ۋە ئوي-خىيال، ئارزۇلىرىنى يىپ ئۇچى قىلىپ راۋاجلانغان بولۇپ ، ئوقۇرمەندە چىنلىق تۇيغۇسى بەخىش ئېتىدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاڭلىقلىق كەپسىزلىكتىن ئارتۇق بولۇپ، قۇلىقىنىڭ يۇمشاقلىقى، ئۆينىڭ غېمىنى يېيىشى ئوغۇل بالىغا خاس بولغان بىر تەرىپى. قەرزنى سۈيلەپ كەلگەنلەرنىڭ ئاھانىتى، سۆز-چۆچىكى ئۇنىڭ ياش قەلبىنى تىلغايدۇ، ئاكىسى مەمەتنىڭ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرالماي، كىچىك تۇرۇپلا ئۆينىڭ ئېغىر يۈكىنى زېمىسىگە يۈكلەپ، جاپانى يەتكۈچە تارتىشى ئۇنىڭ ۋىجدانىنى ئويغىتىپ، ھەرۋاقىت ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان بىر تىرىشچان بالىغا ئايلاندۇرىدۇ. ئاتىسىنىڭ سودىدىكى ئادىللىقى ، سەمىمىي ،ئاقكۆڭۈللىكى ھەرقاچان ئۇنىڭغا ئۈمىد شامىنى ياندۇرۇپ، قولىغا كىتاب-دەپتەرلىرىنى ئالغۇزىدۇ. مانا بۇ ئوسمانجان ئوبرازىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا. ئاپتور نامرات ئائىلە بالىلىرىغا ئىشەنچنى تۇرغۇزۇپ، پۇرسەتتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئوقۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ ئالغا ئىلگىرلەشنىڭ مۇھىملىقنى ھېس قىلدۇرىدۇ.
**********
ئوسمانجان ئوبرازىدا ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن غالىپ كېلىدىغان بىر خىل قۇدرەتلىك كۈچ بار، ئۇ بولسىمۇ ئانىسىنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن چەكسىز مېھىر-مۇھەببىتى، ئىشەنچىسى، ئاكىسىنىڭ تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشىدەك ئاچچىق ساۋاق. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قەيسەرلىك قاتمۇقات نامراتلىق، قەرزنىڭ ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئېلىپ كەلگەن خىرىسى ۋە قايتىلانما ئىنكاسىدىن ئىبرەت.
نامرات بالىلاردا تەدرىجىي يېتىلىۋاتقان ئىقتىسادچانلىق، ئاددىي-ساددا ياشاش، ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، قەيسەرلىكنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى ئۇلارنىڭ يۇمران قەلب دۇنياسىغا ئېغىر قارا سايە تاشلاپ تۇرغان « ئائىلە يۈكى»دىن ئىبارەت «چوڭ بىر پارچە قارا بۇلۇت »بولۇپ، بۇنداق بالىلاردا ئائىلىگە نىسبەتەن مەسئۇليەتچانلىق، قوغداش، كۆيۈنۈش پىسخىكىسى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئوسمانجاننىڭ خاراكتېرىدىكى «ئائىلىگە بولغان چوڭقۇر مەسئۇليەتچانلىق » خائىشىنىڭ ئەنە ئەشۇنداق رېئال ئاساسى بار، ئەلۋەتتە. ئۇ ئەسلىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياخشى ئائىلىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. ئەپسۇس، قۇرۇق ئۈزۈم سودىسىدا ئۇنىڭ مېھرىبان ئاتىسى ئالدامچىنىڭ كاساپىتىدىن ۋەيران بولىدۇ. «قويمىچى»دېگەن ئاتاغقا قېلىپ، بىرمۇنچە پىننە-پاسات، يالا-بۆھتانغا قالىدۇ. ئۇنىڭ تەسىرىدە ئوسمانجاننىمۇ تەڭتۈشلىرى ۋە بىر قىسىم ساددا كىشىلەرنىڭ ھاقارەتلىشىگە ئۇچراپ، دىل ئازارى يەيدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بىر قىسىم كىشىلەردىكى قارا نىيەتلىك ، نادانلىق «ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك»دېگەندەك ئوسمانجان ئائىلىسىگە دەرت ئۈستىگە دەرت ئېلىپ كېلىدۇ. ساددا ،تۈز كۆڭۈل كىشىلەردە قارا قويۇق ئەگىشىش قاچانمۇ تۈگىسۇن؟! شۇڭا ئەزەلدىن پىتنە- پاساتنىڭ بازىرى قىزىق.
شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش كېرەككى، ئوسمانجان ئوبرازىدىكى تەبىئىيلىك، ئۈمىدۋارلىق، قەيسەرلىك روھ ماھىيەتتە رەھىمسىز رېئاللىقنىڭ سەبىي بالىلارنىڭ يۇمران يۈرىكىدىكى تەدرىجىي ئۇلغىيىۋاتقان كۈرەشچانلىق ئوتىدىن ئىبارەت. روماندا تۆھمەت-جىنايەتكە، ھالاللىق-ھاراملىققا، ساۋابلىق- گۇناھقا، قارا نىيەتلىككە، ئۆچمەنلىككە تولغان جەمئىيەت سەبىي قەلبلەردە ئۆچمەس ئازاب داغلارنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېغىر توسالغۇلارنى، ئىزتىراپلىق خىياللارنى پەيدا قىلسىمۇ، ئەكسىچە ناچار تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدە ئانىلاردىكى مەنىۋىي ئەڭگۈشتەر بولغان «قەيسەر روھ بىلەن تۇرمۇشقا دادىل يۈزلىنىش»روھى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئوسمانجاننىڭ ئاشۇنداق قىيىن شارائىتتىمۇ ئۆزىنى يوقىتىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماسلىقىنىڭ سەۋەبى دەل ئەنە شۇ خىل ئۇلۇغ « ئانا روھى» دىن كەلگەن. ئاپتور باشتىن- ئاياق كۈچەپ يازغان بۇ ئېسىل روھ ياش ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەي قالمايدۇ. ئۇيغۇر نامرات بالىلىرىنىڭ قەيسەر روھى مانا مۇشۇ ئۇلۇغ « ئانا روھى» نىڭ ھىمماتى بولماي نېمە؟!

ئوسمانجان ئوبرازىدىكى «قۇلىقى يۇمشاقلىق»نىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكى بار،ئۇ بولسىمۇ ھەرقانداق چاغدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ، تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى، جاپاكەش ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، يولدىن ئېزىۋاتقان، تاماكا چېكىشكە، بولمىغۇر ئىشلارغا بېرىلگەن ئاكىسىغا يېقىندىن ياردەمدە بولۇشتىن ئىبارەت. ئوسمانجاننىڭ ئىرادىسى ئاتىسىغا بولغان سېغىنىش، ئىشەنچ، ئاپىسىنىڭ يالغۇزلۇقتا تارتىۋاتقان جەۋرى-جاپالىرىغا ئازراق بولسىمۇ ياماق بولۇش خاھىشىنىڭ تۈرتكىسىدە پەيدىن-پەي چىڭىيدۇ. ئائىلىنىڭ قەرزىنى ئۈزۈش ئۈچۈن ئىقتىساد ئۈستىدە جىددىي ئويلىنىشقا، يېڭى بىر چىقىش يولى ئىزدەشكە توغرا كېلىدۇ .مانا بۇلار روماندىكى باش قەھرىمان ئوسمانجان ئوبرازىنىڭ شەكىللىنىشىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. ئاپتور سەمىمىي ساپ ھېسىيات بىلەن ۋە ئادىللىق بىلەن ئوسمانجاننىڭ ئەتراپىدىكى رېئاللىقنى ئىمكانقەدەر چىن يورۇتۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن ، ئوسمانجان ئوبرازىدىكى كۆپ قىرلىق، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان روھىي كەيپىياتنى جانلىق، كۆپ تەرەپلىمە ئېچىپ بېرىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ئاپتور تارىخىي رېئاللىزىملىق ئىجادىيەت پرىنسىپى روھى بىلەن ماددىي نامراتلىقنىڭ ئۆسمۈر بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆرسىتىۋاتقان ناچار تەسىرىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە باش قاتۇرىدۇ. ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولىشى بالىلارنىڭ يامان يولغا كىرىپ قېلىشىنى تېزلىتەمدۇ؟ ئائىلە ئىقتىسادى راستىنلا مۇتلەق يەڭگۈچىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، ئائىلىنىڭ ھەقىقىي مۇھىم ئوربىتاسى ئىقتىساد ئەمەس، بەلكى مېھرى –مۇھەببەت ۋە ئەپۇچانلىق، گۈزەل ئەنئەنىۋىي ئەخلاق. ئائىلە مۇشۇ ئوربىتادىن چىقىپ كېتىدىكەن، ئۇ چاغدا ئۆز ئوربىتاسىدىن تايغاپ چىقىپ كەتكەن بولىدۇ، خالاس. ئوسمانجاننىڭ قاتمۇقات تۇرمۇش دوقاللىرى ئالدىدىمۇ ئاكىسىدەك بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆزگىرىپ كەتمەي، ئەكسىچە پولاتتەك ئوتتا تاۋلىنىپ چىققانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتماي تۇرالمايمىز، ئەلۋەتتە.
گۈزەل بالىلىق دەۋىر بالىلارنىڭ تەبىئەت بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئوسمانجان ئوبرازىدا ئۆزى ياشاۋاتقان تەبىئەتتىكى ھەر بىر شەيئىي بىلەن مۇڭدىشىش، ئىناق ئۆتۈش ھېسىياتى يالقۇنجايدۇ. بولۇپمۇ توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتىغا بولغان ساددا بالىلارچە پاكىز سۆيگۈسى ئۇنىڭ بىلىم ئېلىش غايىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن ئامىل بولىدۇ. ئاپتور ئوسمانجاننى تەبىئەتنىڭ بىر ئەركە بالىسى قىلىپ يارىتىشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكتىن، يېزا بالىلىرىنىڭ ئۆسۈسۈپ يېتىلىش ھاياتىنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىشقا مۇۋەپپەق بولغان. بالىلارنىڭ تەسەۋۋۇرى تەبىئەتتىن كېلىدۇ. ئوسمانجان گەرچە « ئاتا مېھرىدىن مەھرۇم قالغان كۆڭلى سۇنۇق، نامرات بالا » بولسىمۇ، تەبىئەت ئانا ئۇنىڭ يېشىغا ماس كەلمىگەن بۇ چوڭ ئازابلىرىغا تەسەللىي بېرىدۇ، ئۇ ئائىلىدىن تاپالمىغان خوشاللىقنى، ئۈمىدنى تەبىئەت ئانىدىن ئالىدۇ، مۇقەددەس ئانا روھىدىن ئالىدۇ، ئوغۇل بالىغا خاس ۋىجدان –غورۇردىن ئالىدۇ! مانا بۇ مۇتېف(ئەڭ كىچك سىيۇژىت بىرلىكى)روماندا ئوسمانجان ئوبرازىدىكى كەم قانلىقنى تولۇقلاپ، ئاپتورنىڭ ئۈمىدنى قەلبكە يار قىلىپ ، رېئاللىققا دادىل يۈزلىنىش چاقىرغىنى ئېلىپ كېلىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، رەزىللىك بار يەردە چوقۇم بىر گۈزەللىك مەۋجۇت. شەيئىيلەر مانا مۇشۇنداق قارىمۇ قارشىلىقتا بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ .پېرسۇناژلار ئوبرازىنى ياراتقاندا، ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي مۇھىتتنىڭ ئىككى ياقلىمىلىقىنى چوڭقۇر قازمىغاندا، رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدىن گەپ ئاچقىلى بولمايدۇ. رېئالىزىملىق بالىلار ئەسەرلىرىدە بالىلارنىڭ ئۆز تەبىئىتىگە خاس تەبىئىي تەرەپلەرنى قېزىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئاساسىنىمۇ تەڭ قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئاپتور مەزكۇر رومانىدا يۇقىرىقى نۇقتىلارغا تەڭ ئېتىبار بەرگەنلىكىدىن ،ئوسمانجان ئوبرازى چوڭقۇرلۇق تاپقان، ئەلۋەتتە. كىچىك بالا تۇرۇپ تىرىك يېتىملىكنىڭ دەردىدە نامرات تۇرمۇش كەچۈرۈش، ھەتتا مەكتەپتىن قېلىشقا مەجبۇر بولۇش نەقەدەر دەھشەتلىك-ھە؟! قاراڭ، تىل-ھاقارەت، تەنە-دىقمار بىگىزدەك ئۇنىڭ يۇمران قەلبىگە سانجىلىدۇ، ئەمما ئۈمىد شولىسى قاتمۇقات توساق پەردىلەردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۇنىڭ قەلب ئېتىزىغا ئىللىقلىق بەخىش ئېتىدۇ. ھاياتنىڭ چاقچىقىغا نېمە دېگۈلۈك؟
************
ياش-ئۆسمۈرلەردىكى پىسخىكىلىق تەبىئىي ئۆزگىرىش بولىۋاتقان ئۆتكۈنچى ھېسىيات دەۋرى بولمىش« مۇھەببەت قىزغىنلىقى» نى قېزىش مەزكۇر بالىلار رومانىنىڭ بىر يورۇق روجىكى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتور سالام خەت يېزىش-خاتىرە شەكلىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بالىلاردىكى جىنىس پەرقىدىكى ھېسىيات ئۆزگۈرۈش دەۋرىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئارقىلىق، «چەكلەنگەن رايون» غا بۆسۈپ كىرىپ، ئىنسان ھاياتىدىكى بالىلىق بىلەن ياشلىق ئارلىقىدىكى پىسخىكىلىق جەريانلارغا ئەھمىيەت بېرىشنىڭ مۇۋەپىقىيىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
شۇنى دەپ ئۆتمەي بولمايدۇكى، ئىنسان تەبىئىيىتىدىن مەھرۇم قالغان ھەرقانداق ئەدەبىي ئەسەر قانسىز چىرايدەك خۇنۈك، ئۇسساپ كەتكەن گۈلدەك روھسىز بولىدۇ.
بالىلار رومانلىرىدا ئىنسان تەبىئىتىگە دائىر ھەرقانداق نۇقتىنى ئىنچىكە قېزىپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىش كېرەك. پەقەت بىلىم، ئەخلاققا دەۋەت قىلىش؛ تەبىئەتنى تونۇش؛ مىللىي تارىخ، مەدەنىيەت، يۇرتنى سۆيۈشتەك ئىنقىلابىيلىق قاتارلىقلار بىلەنلا كۇپايىلەنسە، بۇنداق بالىلار رومانلىرى پەقەت تەشۋىقات ئۈچۈن ئالدىن قۇراشتۇرۇلغان «قونچاق تىياتىرى»بولۇپ قالماي نېمە بولماقچىدى؟!
ئاپتور روماندا ئوسمانجاننىڭ ئۈگىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىرقاتار تەبىئىي توساقلارنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ئەمما بۇ تەبىئىي توساقلار ئالدىدا ئوسمانجانجان گاڭگىراپ قالۇرمىدى؟ تۇرسۇن مۇئەللىمنىڭ بىۋاستە تەسىرى بىلەن ئىلىمگە ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن يۇلقۇنۇپ تۇرىدىغان بۇ بالىنىڭ قەلبىدە يېڭىچە بىر خىل ئىللىق سېزىمنىڭ دولقۇنلىرى مەۋج ئۇرماسمۇ؟ ئاتىسىنىڭ ئىچكى ئۆلكىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى شەھەرلىرىدە ئىز-دېرىكىنىڭ كەلگەنلىكى ئوسمانجان ئۈچۈن زور ئۈمىد بېغىشلايدۇ. ياقا يۇرتتا سەرگەردان-سەرسان بولۇپ يۈرىۋاتقان بىچارە ئاتىسى ۋە جاپاكەش ئانىسىنى خۇش قىلىش ھېسىياتى زادى قانچىلىك؟ مانا مۇشۇنداق بىرقانچە تەرەپلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر مۇناسىۋىتىنى ئاپتور ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرغانلىقتىن ، ئوسمانجان ئوبرازى بىزنىڭ قەلب تۆرىمىزدە چولپاندەك چاقنايدۇ. ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمەت، سۆيۈنۈش ئىلكىدە روماندىكى تۇرمۇش تەپسىلاتلىرىغا بېرىلىپ كېتىمىز.
چوڭلارنىڭ كىچىكلەرنى تەربىيلەش مەجبۇرىيىتى، كىچىكلەرنىڭ چوڭلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈشى ئەمگەكچانلىق، ئىلىمخۇمارلىق، ئىجادچانلىق قاتارلىق ئىلغار مەنىۋىي ئەقىيدىلەر؛ بولۇپمۇ ئىتتىپاقلىق ئارقىلىق ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئىناق ئائىلە بەرپا قىلىش قاتارلىق بۇ بىرقاتار يورۇق نۇقتىلار ئوسمانجان ئوبرازىغا زەردىن ھەل بېرىدۇ. قىسقىسى، ئاپتور ئوسمانجان ئوبرازىنى ئەتراپلىق يورۇتۇشقا كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. ئادەتتە بالىلار تەبىئىي ئويۇنغا ئامراق كېلىدۇ. جۈملىدىن ئوسمانجاندىمۇ مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىك بار. ئەمما ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رەھىمسىز رېئاللىق بالىنىڭ ئىرادە، ھېسىيات، قىزىقىش، تەلپۈنۈش، خىيالغا تولۇپ تاشقان رەڭدار ، مول بالىلىق دۇنياسىغا باقمايدۇ.دېمەك، بۇ بالىلار رومانى ئاپتورنىڭ ئىجادىيەت مېتوتىدا ئوسمانجاننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدىكى پىسخىكىلىق ئۆزگۈرۈشلەرگە ئەھمىيەت بەرگەنلىكى بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىكتۇر.

ئومۇمەن، رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتوتىدا يېزىلغان بۇ بالىلار رومانىدا بىر ئون نەچچە ياشلىق بالىنىڭ نامرات تۇرمۇش ئىچىدىكى تىرىشىپ ئۆگىنىش ئىرادىسى، ئىللىق ئائىلىگە ئىنتىلىش ھېسىياتى، ھاياتقا بولغان كۈچلۈك تەلپۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن. ئاپتور ناچار مۇھىتتا ، تاشقى ناچار تەسىردە قاتمۇ-قات قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەي ئۈمىدنى قەلبكە يار قىلىپ ياشاۋاتقان بالىلارنىڭ ئوبرازىنى سىزىپ بېرىپ، سۆيۈملۈك كىچىك دوستلارنى بۈگۈنكى ئەۋزەل دەۋىرنى قەدىرلەپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھەرقاچان، ھەريەردە ئۈمىدتىن قانات ياساپ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ.
ھەرقانداق چىن نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى يەنى يورۇقلۇق ۋە قاراڭغۇلۇق تەرىپى بولماي قالمايدۇ. شۇنداق ئىكەن ، مەزكۇر روماننىڭ يۇقىرىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن باشقا بىرنەچچە مەسىلىلىرىمۇ ساقلانغان يەنى بىر ئىقتىسادىي بۆھرانغا دۇچار بولغان ئائىلىنىڭ بالىسىنىڭ مۇرەككەپ روھىي دۇنياسىنى يورۇتۇشتا ئاپتور قەلەم ئۇچىنى كۆپرەك باش قەھرىماننىڭ شەخسىي پائالىيەتلىرىگە قاراتقان بولسىمۇ، بىراق ئوبرازىنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرەلمىگەنلىكتىن، ئەسەرنىڭ تراگېدىيەلىك كەيپىيات تۈسىنى سۇسلاشتۇرۇپ قويغان. شۇنى دېمەي بولمايدۇكى، بالىلار رومانىدا بالىلارنىڭ ئەپسانىۋىي تۈسكە ئىگە بالىلىق دۇنياسىنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بالىلاردا مول تەسەۋۋۇر كۈچى،ھەممىگە قىزىقىش ھېسىياتى كۈچلۈك، قىزغىن بولىدۇ. شارائىتنىڭ تەسىرى ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى، غايە، ئىنتىلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا ئالاھىدە قىيىن، ناچار شارائىتتا تۇرىۋاتقان بالىلار ئاز بولمىغان بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئەلۋەتتە. مەزكۇر روماندا ئاشۇنداق بىر ئالاھىدە مۇھىتتا ياشاۋاتقان بىر كىچىك بالىنىڭ روھى دۇنياسىدىكى پىسخىك توسالغۇلارنى ۋە زىدىيەتلىك ھېسىياتلارنى قېزىپ چېقىش يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، ئۇنىڭ ھايات مۇساپىسى قىيىنچىلىق ئىچىدىمۇ تۈز سىزىق شەكىلدە راۋاجلانغان. شۇنداق بولغاچقا، ئاپتور قەرىز ئىگىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ئەكەلگەن ئىقتىسادىي بېسىمنىى يېزىشقا زىيادە كۈچەپ كېتىپ، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىغا تەسىر قىلغۇدەك ئالاھىدە دېتاللار كۆپ بولماسلىقى، شەخسنىڭ روھىيىتىدىكى داۋالغۇشلار تەسۋىرىدە چوڭقۇرلۇق تاپالمىغانلىقتىن، روماندا قايسى ماتىرياللارنى تەپسىلىي يېزىش ۋە قايسى تەرەپلەرنى ئىخچام يېزىشنىڭ دېئالىكتىك بىرلىكى ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىغان، مۇقەررەر بولۇشقا تېگىشلىك يۈزلىنىش يەنى چىنلىق --ئەسەردىكى تېراگېدىيەلىك تۈسى سۇس بولۇشتەك ئەھۋال كۆرۈلگەن.
يەنە بىر مەسلە ئوسمانجاننىڭ «بالىلىقى» غا ئائىت تەپسىلاتلار يېتەرلىك بولماسلىقى مەزكۇر روماننىڭ تۇرمۇش چىنلىقىغا تەسىر كۆرسەتكەن. كونكېرت ئېيتقاندا ، ئوسمان ئوبرازىدا «دانىشمەنلىك، يىراقنى كۆرەرلىك، سوغاققانلىق» كەيپىياتى ئېشىپ كېتىپ، بالىلارغا خاس بولغان «بالىلىق-چالىلىق يەنى خاملىق، ئاجىزلىق، كەمتۈكلۈك»تولۇق يورۇتۇلمىغانلىقتىن، ئوسمانجانغا قايتىدىن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن كۆزىتىپ ئەستايىدىل ئىنچىكە نەزەر ئاغدۇرغاندا، « بىزگە قېرىپ قالغان بىر ئىنقىلابىي بالا»سىياقىدا كۆرۈنىدۇ.
شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇكەممەللىككە ئىگە بولمىغان نەرسە ھەقىقىي بولىدۇ. «ئۈمىدۋار بالا»رومانىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە.ئاخىردا ئاپتورنىڭ تەجرىبە –ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، چوڭقۇر ئىزدىنىپ ، ئىزچىل قەلەم تەۋرىتىپ، رېئالىزىملىق ئىجادىيەت مېتوتىدا زور ھەجىملىك بالىلار ئەسەرلىرىنىڭ كەم بولىشىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
(تامام)
2011.7.7
ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان «ھەۋەس» ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ. باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.
مەزمۇن قاتارى
-
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس ئىنكاس 0 قېتىم نۇمۇرى 0 نۇمۇر
- ماڭىمۇ بىرەر پارچە ئوبزۇر كېرەكتى؟(چاقچاق)ئۆچۈرۈش2011-7-23 10:48[5 نۇمۇر]نۇرچىن
- بۇ ماقالىنى كۆرۈپ پىروزا ئوبزورچىلقى ھەققىدە مول بىلىمگە ئىگە بولدۇم.ئەجرىڭىزگە رەخمەت.ھەۋەس كەينىڭىزگە قاراڭ.سىزدىن مىڭىشنى ئۈگۈنۈپ ماڭدىغانلار ئىچىدىكى مەن كىلۋاتمەن.ئۆچۈرۈش2011-7-9 12:21[3 نۇمۇر]ئايزىت
- ئەسسىالام ھەۋەس!
ئەسەر تەھلىلىڭىزدىكى ئىنچىكە ،سەمىمىي، ئىجادى پىكىرلىكىڭىزدىن سۆيۈندۈم.ئۆچۈرۈش2011-6-14 12:16[4 نۇمۇر]سەرۋى
ئىنكاس يوللاش
تەۋسىيە