باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-10 06:31 | ئاپتور: ھەۋەس | مەنبە: ئىجادىيەت | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مۇۋەپپىقىيەتلىك«گۇڭگىلاشتۇرۇش»

 

مۇۋەپپىقىيەتلىك«گۇڭگىلاشتۇرۇش»
 
-ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغنىڭ«ئايالىنى گۇڭگىلاشتۇرۇش»ناملىق ئەسىرىگە باھا
 (تەقرىز )
 
     مەزكۇر ھېكايە ئائىلە-نىكاھ تۇرمۇشىنى تېما قىلغان بولۇپ، باش قەھرىمان «مەن»نىڭ بىنورمال پىسخىكىسىنى ئىنچىكە تەسۋىرلەش ئارقىلىق 18 يىللىق مېھىر –مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلىسىنىڭ ئۆزىدە  تويۇقسىز پەيدا بولغان  بىمەنە ئوي-خىيالنىڭ تەسىرىدە ئاستا-ئاستا «گۇڭگىلىشىپ» ئەر-خوتۇنلۇق ھېسىيات سۇسلىشىپ، ئاقىۋەت يىمىرىلىش گىردابىغا يېتىپ بارغانلىقىدىن ئىبارەت « زامانىۋىي ئائىلە پاجىئەسى» نى يورۇتۇپ بېرىدۇ.
     شۇنى بىلىش كېرەككى، ئەخلاق چاكىنلاشسا، ئائىلە ۋەيران بولىدۇ. بۇنداق ئائىلىدە مېھىر-مۇھەببەت ئەمەس، شەخسىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك،چۈشكۈنلۈك، ئۈمدسىزلىك بورانلىرى ھۆكۈم سۈرىدۇ. ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق بىر ئائىلىنىڭ پولات تۈۋرۈكى. ئۇ دەز ئالىدىكەن، ياكى قىيسىيىپ قالىدىكەن ، ئائىلىۋىي مېھىر-مۇھەببەتمۇ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.
    ھېكايە باشلىنىش بىلەنلا «مەن»ئۆزىنىڭ خىلۋەت كۆل سۈيىدەك ئۆتكەن تىنىچ، ئازادە، بەختىيار ئائىلىسىدىن زېرىكىدۇ. ئەنئەنىۋىي ئەخلاق ئاساسىغا قۇرۇلغان كونا ئائىلە ئىچىگە غەرىبنىڭ رەڭ-گارەڭ ئىدىيە ماددىي مەھسۇلاتلىرى شىددەتلىك بۆسۈپ كىرىشى ئالدىدا «مەن» دە «ئايالىنى گۇڭگىلاشتۇرۇش»تەك غەلىتە ، بىمەنە ئوي-خىيالنى پەيدا قىلىدۇ. ئاپتور ھېكايىنىڭ ۋەقەلىكىنى زامان ۋە ماكان جەھەتتىن تەرتىپسىزلەشتۈرۈپ «مەن»نىڭ بىنورمال روھى كەيپىياتىغا ئويغۇن بولغان دانا تاللاشتۇر. «تەن»بىلەن روھنىڭ زىدىيەتلىك مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمىلىرىگە كۆپرەك ئورۇن بېرىلگەنلىكتىن 18 يىلنىڭ ئالدى-كەينىدىكى بىر تالاي تەپسىلاتلارنىڭ كەسمە كۆرۈنۈشلىرى شۇنداق جىسىپلىشىپ كەتكەنكى، تەكرار بېرىلگەن ئىپادىلىك جۈملىلەر ئارقىلىق سىيۇژىت قۇرۇلمىسى مۇكەممەل تەشكىل قىلىنغانلىقى مەزكۇر ھېكايىنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلما ئالاھىدىلىكىدۇر. بۇندىن باشقا، خاسلىققا ئىگە قىلىنغان نەرسە، باشتىن –ئاخىر مەسخىرىلىك تۈسكە تولغان ھېكايە كەيپىياتى. يەنى ھېكايىنىڭ كەيپىياتى بۇرۇختۇرمىلىق، زېرىكىش، چۈشكۈنلىشىش، ئىزتىراپلىق ئويلىنىشقا ئۆتۈشتەك مۇرەككەپ پىسخىكىلىق جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەسەردىكى پېرسوناژنىڭ كەچۈرمۈشىگە تەئەللۇق بولغان كەچۈرمۇشلەرنىڭ كەسمە كۆرۈنۈشلىرىگە نەزەر ئاغدۇرغاندا، ئۇنىڭدا يەنىلا ئەتەي « نورمالسىزلاندۇرۇلغان» بىرخىل ئىدىئاللاشقان ئوبرازنىڭ مەۋجۇتلۇقى نامايان بولىدۇ. مەسلەن: مۇشۇ خىلدىكى تەپسىلاتلاردىن «ئۆز ئايالىنى بازارغا قويۇۋېتىپ دۇربۇن بىلەن كۆزىتىش»،«مۇنچىنىڭ تېمىنى تېشىپ قويۇپ، يالىڭاچ ھالىتىنى ماراپ ھوزۇرلىنىش»،«گۈزەللەرگە بىر كۆرۈپلا كۆيۈپ قېلىپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىش»،«يېڭى شەيئىلەرنىڭ ھەرقاندىقىغا  قىزىقىشىمۇ تېز ئەمما تېز سوۋۇيدىغان» ئاتالمىش غەرىبلەشكەن ، ئەمىلىيەتتە ئىنتايىن بىمەنە ،چاكىنا ئىدىيە، خۇنىك كەيپىيات «مەن »نىڭ قەلبىنى قۇرىتىپ ئۇنى مەسئۇليەتسىز، چۈشكۈن بىر دادىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان.
     دېمەك ، ئاپتور «مەن»نىڭ مەنىۋى جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىپ پىسخىكىسى بىنورمال ، قورقۇنچلۇق مەخلۇققا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت زامانىۋىي ئائىلە پاجىئەسىنى ئۇنىڭ بىخسىغان روھىي دۇنياسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىپ يامانلىشىپ بارغانلىقىغا باغلايدۇ.ئەنئەۋىي گۈزەل ئائىلە ئەخلاقىنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشى نۆۋەتتە قۇرغاقلىشىپ بۆھرانغا دۇچ كەلگەن مىللىي مەدىنيەتنىڭ ئورتاق قىسمىتى بولماي نېمە !؟
     ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئەخلاقى سۇسلاشقان مىللەتنىڭ كەلگۈسى خۇنۈك بولىدۇ.زامانىۋىي ئاڭ دەۋىرنىڭ مۇقەرەر يۈزلىنىشى.ئەمما ئۇزۇن يىللىق مېھىر-مۇھەببەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ئەنئەنىۋىي ئائىلە- نىكاھ قارىشىغا مۇخالىپ كەلمەسلىكى كېرەك.ناۋادا شۇنداق بولىدىكەن ،ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشنى بىلىش دانالىق بولىدۇ.سىرتتىن بۆسۈپ كىرگەن نەرسىلەرنىڭ زەھرىمۇ بىللە بولىدۇ.لۇشۇن ئەپەندى ئەينى دەۋىردە تەشەببۇس قىلغان «ئەكىلىشپەرۋەرلىك»پىرىنسىغا خىلاپلىق قىلغاندا ،ئىنسان ئوڭايلا ئۆزىنىڭ مەجبۇرەن زورلاپ بازارغا سالغان سەپسەتىسىنىڭ مەنىۋىي قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.شۇڭا سەگەكلىك بىلەن «تاللاش»مۇ ،«شاللاش»بولۇشى كېرەك.مەزكۇر ھېكايىدە مانا مۇشۇنداق يانداشما پىكىرلەر ھەر بىر كىچىك دېتالنىڭ ھەركەتلىك باغلىنىشىغا يانداشتۇرۇلغان بولۇپ، شۇنىڭغا تەڭ ھېكايە سىيۇژىتى «مەن»نىڭ يوشۇرۇن ئاڭ پائالىيىتىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن «پاجىئە » ئومۇمىي تۈسكە ئىگە قىلىنىپ،ئۇنىڭ سىمۋۇللۇق مەنىسى ئايدىڭلىشىدۇ. قىسقىسى،«گۇڭگىلاشتۇرۇش»-ئەسلى تىپنىڭ ھەجۋىلەشتۈرۈلگەن سىمۋۇللۇق بەلگىسى. بۇ رەڭنىڭ ئەسەر كەيپىياتىدا قانچىكىرەك قويۇقلىشىغا ئەگىشىپ «مەن»نىڭ ئائىلە پاجىئەسىمۇ شۇنچىكىرەك تېزلەشكەنلىكى ئەسەردە يارىتىلغان   بىر پۈتۈن بەدىئىي ئوبرازنىڭ يارقىن بىر سىماسى، خالاس.
     ئومۇمەن، ئۆمەرجان ئوبۇل ئۆزتۇغنىڭ «ئايالىنى گۇڭگىلاشتۇرۇش» ناملىق ھېكايىسى ئارتۇقچە قېلىپلاشقان تەسۋىرلەردىن خالىي، ئىزدىنىش روھىغا باي ئەسەر بولۇپ، بۇ ھېكايە ئېدىئاللاشتۇرۇلغان قىسقا ھېكايە قۇرۇلمىسغا پېرسۇناژنىڭ ئىچكى كەچۈرمە تەسۋىرىگە سىمۋۇللاشتۇرۇلغان تەپسىلاتلارنى ياخشى جىسىپلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتە ھەممە كىشىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقان مەدىنيەت-سەنئەت ،ئائىلە-نىكاھ قارىشىدىكى « ياتلىشىش » ئۆزگىرىشى ۋە «قۇرغاقلىق» كەيپىياتىنى بىشارەتلەپ ئېچىپ بەرگەنلىكى، بولۇپمۇ پېرسۇناژنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىنى ئىپادىلەشنى ئاساسلىق بايان شەكلى قىلپ ، ئەنئەنىۋىي گۈزەل ئائىلە ئەخلاقىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكى بىلەن مۇۋەپپىقىيەتلىكتۇر. نۆۋەتتىكى «ئىزلەنمە ھېكايە» ئىجادىيىتىنىڭ يولىدا بېسىلغان بۇ سىناق قەدەمنى ھەقىقەتەن بىر «غەلبىلىك گۇڭگىلاشتۇرۇش» قەدىمى دېسەك، ئارتۇقچە كەتمەس.
 
 (بۇ ماقالە مەتبۇئاتقا بېرىلمىگەن، ھەرقانداق كىشىنىڭ ياكى ئورۇننىڭ خالىغانچە كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ)

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ئەسەر تەھلىل قىلىشتا ئەدەبىي دىتىڭىزنىڭ يۇقۇرى، تەسەۋۋۇرغا باي ،ئىنچىكە قايىل قىلارلىق پىكىر يولىڭىزنىڭ ئىجادىلىقىغا تەشەككۈر.ئۆچۈرۈش2011-6-11 14:11[3 نۇمۇر]ئايزىت
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY