باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-11-6 05:07 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجىمە | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

قەدىرلەشنى بىلىڭ

 

قەدىرلەشنى بىلىڭ
 
<مەرپو تەرجىمىسى>
 
سىز سەپەرگە چىقماقچى بولسىڭىز
 
بىرىنچى ئادەم :قولىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ، سىزنى سىغىنىپ كىتىمەن ،ماڭا كۈندە تېلىفۇن قىلىڭ دەپ ئۆتىنىدۇ،ئۆيىگە قايتقاندىن كىيىن ئويۇنىنى ئويناۋېرىدۇ....
ئىككىنچى ئادەم:سىزنىڭ يۈك تاقلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ، ناشتىلىق تەييار قىلىدۇ ،سىزنى ئايرىدۇرۇمغىچە ئۇزۇتۇپ ،سەپىرىڭىزگە خەيرلىك تىلەيدۇ، قايتىپ خىزمىتىنى قىلىدۇ....
ئۈچىنچى ئادەم : يىراقتا تۇرۇپ سىزنى كۆزىتىدۇ،سىز بەلكىم ئۇنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھىس قىلالماسلىقىڭىز مۇمكىن ،لىكىن ئۇ سىزنى ھەر مىنۇت-ھەر سىكونىت ئەسلەپ تۇرىدۇ ،سىزنىڭ غىمىڭىزنى يەيدۇ ،سىزنى ئويلىغاچ شېرىن چۈشكە ئەسىر بولىدۇ....
 
سىز قايتىپ كەلگەندە ،سىز بەلكىم :
 
ئەگەر ئۇلارنى يوقىتىپ قويسىڭىزچۇ؟
 
چۈشەندىڭىزمۇ؟
 
بىرىنچى خىلى : شېرىن سۆزىنى بېغىشلايدۇ.
ئىككىنچى خىلى: ۋاقتىنى بېغىشلايدۇ.
ئۈچىنچى خىلى،ھاياتىنى بېغىشلايدۇ.
ئۈچىدىن بىرى ياخشى ئەمەس،چۈنكى بىز ئۈچىسىگىلا ئېتىياجلىق، ھەممىسى كۆڭۈلدىكىدەك بولىشى ناتايىن ،چۈنكى بىز ئادەم،بىز پەقەت قەدىرلەشنى بىلسەكلا ئاندىن بەختنى ھىس قىلالايمىز.
 بىرىنچى خىل ھىسسىيات:بالىڭىزنىڭ، دوستىڭىزنىڭ،ۋاقىتلىق بولىدۇ.
ئىككىنچى خىل ھىسسىيات:تۇرمۇشتىكى ھەمراھىڭىزنىڭ، دوستىڭىزنىڭ بولىدۇ، قېرىنداشلارچە بولىدۇ.
ئۈچۈنچى خىل ھىسسىيات:ئاتا- ئانىڭىزنىڭ،ئەڭ يىقىن دوستىڭىزنىڭ،مەڭگۈلۈك بولىدۇ.
ھازىر ھىس قىلالىدىڭىزمۇ؟
بىرىنچى ئادەمنى يوقىتىپ قويغاندا؛ تۇرمۇشىڭىزنى ئىنتايىن مەنىسىز ھىس قىلىپ ،كۈنلىرىڭىز زىرىكىش ئىچىدە ئۆتىدۇ،مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن سىز تۇرمۇشىڭىزغا مەنە بىغىشلايدىغان بىرىنى تاپىسىزدە يىڭى تۇرمۇشىڭىزنى باشلايسىز.
ئىككىنچى ئادەمنى يوقىتىپ قويغاندا :يۆلىكىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىس قىلىسىز،ھىچكىم سىزگە ئۇنىڭدەك كۆيۈنمەيدىغاندەك ھىس قىلىسىز ،قۇۋۋەت يىمەكلىلىرىنى يەپ ئۆزىڭىزنى بۇرۇنقى ئەسلىڭىزگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىسىز.
ئۈچىنچى ئادەمنى يوقىتىپ قويغاندا:ئۆزىڭىز ھىسسىياتسىزدەك،ھەر بىر كۈنلىرىڭىز مۇھەببەتسىز،مەنىسىز ئۆتىۋاتقاندەك ،مەڭگۈ تولۇقلىغىلى بولمايدىغاندەك ھىس قىلىسىز.
بىرىنچى ئادەمگە :نۇرغۇن سوۋغاتلىقلارنى ئىلىپ كىلىسىز، بىللە تاماق يەيسىز،بىللە ئوينايسىز،ئۇنىڭ خۇشاللىقىدىن تەڭ خۇش بۇلۇپ ،ئۇ كۈلسە پۈتۈن ئالەم كۈلگەندەك ھىس قىلىسىز...
ئىككىنچى ئادەمگە :قىزغىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆيدەئۇ سىزنى كۈتىۋىلىش ئۈچۈن ئەتكەم تاماقنى يەيسىز ،قاچىلارنى يۇيۇشۇپ بېرىسىز،خىزمىتىنىڭ ئۆسكەنىلىكىدىن خۇش بۇلىسىز ،ئۇنىڭ ھەمراھ بولغانلىقىدىن ئۆزىڭىزنى ئىنتايىن بەخىتلىك ھىس قىلىسىز.
ئۈچىنچى ئادەمگە :مەن قايتىپ كەلدىم دەپ قويسىز، ئۇزاقراق تۇرۇپ قالسىڭىز نىمە دىيىشىڭىزنىمۇ ئۇقمايلا قالىسىز...

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY