باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-11 10:06 | ئاپتور: سۇرىدېل سىنگى(ھىندىستان) | مەنبە: دۇنيا ئەدەىبىياتى | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

خوتۇنىدىن كەلگەن تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى

خوتۇنىدىن كەلگەن تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى


سۇرىدېل سىنگى(ھىندىستان)
تاھىرجان ئەركىن تەرجىمىسى


ئۇ كۈنى ئەتىگەندە ئارچون كۈندىكىگە ئوخشاش رادىئونىڭ ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغاندى، ئۇ ئادەتتە رادىئونى ئەتىگەن سائەت يەتتىدە بېرىدىغان خەۋەرگە توغۇرلاپ قوياتتى. ئۇ بىر قولىنى ئۇزارتىپ رادىئونىڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتتى، يەنە بىر قولىنى سوزۇپ، ئۆزى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغىلى يىگىرمە يەتتە يىل بولغان خوتۇنى ماروبىنى ئىزدىدى. قولىغا ياستۇق ئۈستىدە ھېچنىمە ئۇرۇلمىغاندىن كېيىنلا، ئۇنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. رادىئو يەنە بىر قېتىم سايرىغاندا، ئۇ ئامالسىز ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىق تەييارلاشقا ماڭدى.
ماروبى شۇ تاپتا فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ئورلاندو دېگەن يېرىدە ئىدى. ئۇ بالدۇرلا ئورنىدىن تۇرۇپ بولغان، لېكىن ئېرى ئارچوننىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويماسلىق ئۈچۈن سائەت يەتتىگىچە ساقلاپ، ئاندىن ئۆيگە تېلىفون ئالدى. چۈنكى بۈگۈن ئېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى. ھەربىر ئەر-خوتۇن ئۈچۈن ئېيتقاندا، قارشى تەرەپنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئالاھىدە كۈن ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئۇ سىرتتا بولۇپ قالدى، ئېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە بىللە بولالمايدىغان بولدى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ كۆڭلى بەكلا يېرىم. ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىدىغان بىرلا يېرى، ئۇ بۈگۈن كەچتە ئۆيگە قايتىدۇ.
رادىئو ئىككىنچى قېتىم سايراشتىن ئاۋۋال تېلىفون جىرىڭلىدى. ئارچون تېلىفون ئىككىنچى قېتىم سايرىغاندا تۇرۇپكىنى ئالدى.
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك !- قارشى تەرەپتىن يېقىملىق ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى.
-رەھمەت، سۆيۈملۈكۈم، رەھمەت، مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ بولدۇم. ئۆزىڭىز ياخشى تۇرىۋاتقانسىز؟ قاچان قايتىپ كېلىسىز؟-ئارچوننىڭ ئېغىزىدىن گەپ دېگەن پىلىموتنىڭ ئوقىدەك ئېتىلىپ چىقىۋاتاتتى.
- مەن ياخشى، ئورنۇمدىن تۇرغىلى خېلى بولدى. بىرىنچى خېرىدارىم بىلەن كۆرۈشۈشــتىن ئىلگىرى سىزگە تېلىفون قىلىۋېتەي دېدىم. مەن ئولتۇرغان ئايروپىلان كەچ سائەت يەتتىدىن يىگىرمە سەككىز مىنۇت ئۆتكەندە فېنكىسقا قونىدىكەن، شۇنداق بولغاندا سائەت سەككىز يېرىمدا ئۆيگە بېرىپ بولارمەن. ئەگەر ئۇنتۇپ قېلىشتىن قورقسىڭىز، كومپىيۇتېرنىڭ يېنىدا مېنىڭ كۈن تەرتىپ جەدۋىلىم بار. دورىخانىغا دورىڭىزنى يەتكۈزۇپ بېرىشنى ئېيتىپ تېلىفون قىلىۋېتىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، دورىڭىز ئەتە تۈگەيدۇ. يەنە بىر ئىش بار، تولى كىرخانىسىغا بېرىپ يۇدۇرۇشقا بەرگەن كىيىملەرنى ئەكېلىۋېلىڭ. ئۆمۈر چولپىنى ئەپەندىم، مەن بارغاندىن كېيىن ئىككىمىز سىرتقا چىقىپ تاماق يەپ كىرەيلى.
-ۋاھ، بۇ جايىدا گەپ بولدى،-دېدى ئارچون، -مېنىڭ چاندىر كوچىسىدا يېڭى ئاچقان بىرازىلىيە ئاشپۇزۇلىنىڭ تامىقىنى بىر تېتىپ باققۇم بار ئىدى، بۈگۈن شۇ يەرگە بارايلى.
ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن تېلىفوننى قويدى.
ماروبى ئاخىرىدا ئۇنىڭغا دورىلىرىنى ۋاقتىدا ئىچىشىنى تاپىلىدى، ئۇ ئېرىنى ھېچقانداق ئىشتا ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ، دەپ قارايتتى. بۈگۈن ئارچوننىڭ ئەللىك ئۈچ ياشقا تولغان كۈنى، ئۇ پېنسىيەگە چىقىشقا يەنە بىر يىل يېقىنلىغانلىقىنى ئويلاپ قالدى. ئۇ پېنسىيەگە چىقىۋالسا، ماروبى ئىككىسى ئۆزلىرى خالىغان ئىشلارنى قىلىدۇ، ساياھەت قىلىدۇ، كىتاپ يازىدۇ. ماروبىنىڭ ھىندىستانغا بېرىپ بىرەر يېرىم يىل تۇرۇپ كەلگۈسى بار ئىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن چىشلىرىنى يۇيۇپ، بىر كۈنلۈك ئىشىنى باشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ سان فىرانسىسكودا ئوقۇۋاتقان قىزى سىكا ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى مۇبارەكلەپ تېلىفون قىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.
ئۇ بۈگۈنمۇ كۈندىكىگە ئوخشاش ناشتا قىلغاندىن كېيىن دورىلىرىنى ئىچتى، ئاندىن ۋالگرېن دورىخانىسىغا تېلىفون قىلىپ دورا ئەكىرىپ بېرىشنى ئېيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى ھەر ۋاقىت قوزغىلىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. دوخـتۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسيەسى قىلمىسا بولمايدىكەن، قانچە تېز قىلسا شۇنچە ياخشى ئىكەن. ئۇنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىگە تىزىملىتىپ قويۇپ كۆچۈرىدىغان يۈرەك ساقلاۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولدى، ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى . ئىككىنچى دەرىجىگە ياتاتتى، شۇڭا ئۆيدە ئارام ئالغاچ ساقلىسا بولاتتى، لېكىن چاقىرغۇسىنى يېنىدىن ئايرىماسلىقى كېرەك ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭغا يېڭى يۈرەككە ئېرىشىدىغان ئۆچرەتمۇ كېلىپ قالغانىدى. ھەركۈنى باشقا كېسەللەر بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ تۇرىدۇ، لېكىن يۈرىكىنى تەقدىم قىلىدىغان بىرەرى نېمىشقا چىقمايدىغاندۇ؟ ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن ئۇ نەرسىلەرنىڭ كېرىكى قالمايدىغۇ! خېلى ئىلگىرى ئۇلارنىڭ بىر يېقىن ئادىمى بۆرەك زەئىپلىشىشتىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئىچكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا تىزىملىتىپ قويغانىدى.
ئۇ ئۆيدىن ئەمدىلا چىقاي دەپ تۇرۇشىغا،سىكادىن تېلېفون كەلدى. سىكادىن تېلېفون كەلسە ئۇ شۇنداق خۇشال بولۇپ كېتەتتى. سىكا ئوبدان قىز بولدى، ئالىي مەكتەپتە دوختۇرلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ. قىزى ئۇنىڭ پەخرى ،خۇشاللىقى.
ئۇنىڭ چۈشتىن بۇرۇنقى ئىشىلىرى شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولدى، ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچرىمىدى. كەيپىياتى ياخشى بولغاچقا شۇنداق بىلىندىمىكىن. قانداقلا بولسۇن، بۈگۈن ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنى- دە. ئۇنىڭ ۋاقتى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى. چۈشلۈك تامىقىنى خىزمەتداشلىرى بىلەن سىرتتا يېدى.
چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچ بولغاندا دوختۇرخانىدىكى بىر سېستىرا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ بىر خۇش خەۋەر يەتكۈزدى،ئۇنىڭغا كۆچۈرىدىغان يۈرەك تېپىلىپتۇ! ئەگەر ئۇنىڭغا قولايلىق بولسىلا، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسىنى بۈگۈن كەچتە ئىشلىۋەتسە بولىدىكەن.
قولايلىق بولىدۇ-دە. شۇنداق قىلمايمۇ بولمايدۇ، ئۇ بەرىبىر شۇنىڭغا قاراشلىق ئادەم. ئۇ شۇنداق خۇشال بولدى، كۈتكەن كۈن ئاخىر كەلدى.
ئۇ سېستىراغا ھازىرلا دوختۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتىتى.
سېستىرا ئۇنىڭغا كۆچۈرىدىغان يۈرەكنى ئەكىلىۋاتقانلىقىنى، ئوپېراتسىيەنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن دېسېر دوختۇرخانىسىغا دەرھال كېلىپ ياتاقتا يېتىش رەسمىيتىنى ئۆتىۋېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئارچون تېلېفوننى قويۇپ ، ئارقىدىنلا ماروبىغا تېلىفون قىلدى،لېكىن ئۇنىڭ تېلېفونى تاقاق بولۇپ چىقتى، يول ئۈسـتىدە بولسا كېرەك . شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتونىغا ئۇچۇر قالدۇردى: <ماروبى، ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، مەن ئەڭ ياخشى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىغا ئېرىشتىم. دوختۇرخانا ماڭا بىر يۈرەك تېپىلغانلىقىنى ، دەرھال يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسيەسى قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تېلېفون قىپتۇ. كەچتە بىللە تاماق يەيدىغان ئىشىمىز ئامالسىز تۇرۇپ تۇردىغان بولدى، كېيىن يەرمىز . قايتىپ كەلگەندە ئۇدۇل دوختۇرخانىغا بېرىڭ، شۇ يەردە كۆرۈشەيلى>
ئارچون ئۇنىڭدىن كېيىن ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى سامغا تېلېفون قىلدى،ئىككىسى يىگىرمە سەككىز يىل ئىلگىرى ئاسپىرانتلىقنى پۈتكۈزۈپ بۇ دۆلەتكە كەلگەندە تونۇشقانىدى. ئۇ ئۆزىگە يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، دەرھال دوختۇرخانىدا ياتمىسا بولمايدىغانلىقىنى، ئاز دىگەندىمۇ ئون كۈن ياتىدىغانلىقىنى سامغا ئېيتىپ، ئايرودۇرۇمغا چىقىپ ماروبىنى ئېلىپ كېلىشنى ئۇنىڭغا تاپىلىدى.
سام ھازىرلا ئارچون بىلەن بىللە دوخـتۇرخانىغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئارچون دوختۇرخانىدا يېتىپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانا ھەر خىل تەكشۈرۈش ۋە ئوپراتسىيەنىڭ تەييارلىقىنى باشلىۋەتتى. ئەمدى كۆچۈرىدىغان يۈرەك يېتىپ كەلسىلا ئوپىراتسىيە باشلىناتتى.
سام ئارچوننىڭ يېنىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلمىدى. كەچ سائەت يەتتە بولغاندا، ئارچون سامنى ماروبىنىڭ ئالدىغا چىقىشقا ئالدىراتتى. ماروبى ئولتۇرغان ئايروپىلان سائەت يەتتىدىن يىگىرمە مىنڭت ئۆتكەندە كېلەتتى. سام ئايرودۇرۇمغا تېلېفون قىلىپ، ئايروپىلاننىڭ ۋاقتىدا كىېلىدىغان - كەلمەيدىغانلىقىنى سورىدى، قارشى تەرەپ قىرىق مىنۇت كېچىكىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامال يوق ، كۈتۈش كېرەك. ئارچونغا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، سامنىڭ خوتۇنى ۋە بىرنەچچە دوستلىرىمۇ دوخـتۇرخانىغا كەلدى.
ئارچون قىزىغا تېلېفون قىلمىغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇ قىزىغا بۇ ئىشنى خەۋەر قىلىپ قويۇشنى سامغا تاپشۇردى. ئەمەلىيەتتە، سام سىكاغا تېلېفون قىلىپ بولغانىدى، سىكا ئەتە چۈشىتن بۇرۇن يېتىپ كېلىدىغانلىقنى ئېيتقانىدى.
كەچ سائەت يەتتتىدىن قىرىق بەش مىنۇت ئۆتكەندە سېستىرا كۆچۈرۈلىدىغان يۈرەكنىڭ ھازىر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى. سام بۇ چاغدا ماروبىنى ئالغىلى ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كەتكەنىدى.

ئوپىراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ھازىر ئارچون ئالاھىدە ياتاقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى ئىدى، ئۇنىڭ بەدىنى يېڭى يۈرەكنى قىلچە يەكلىمىدى، بۇ بىر مۆجىزە ئىدى.
ئارچون ئاستا-ئاستا ئېسىگە كەلدى. ئۇ كۆزىنى ئاچتى، تاماقلىرى قۇرۇپ كەتكەنىدى.
سېستىرا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ نېمە كېرەكلىكىنى سورىدى.
- سۇ، يەنە خوتۇنۇم،- دېدى ئۇ ناھايىتى تەستە بوغۇق ئاۋازدا.
ئارچون سامدىن سورىدى:
- ماروبى قېنى؟
- ماروبى تېخى يېتىپ كېلەلمىدى، ئۇزاققا قالماي كېلىدۇ. سەن ھازىر ياخشى ئارام ئالمىساڭ بولمايدۇ. دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئوپىراتسىيە ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بوپتۇ، سېنى تەبرىكلەيمەن! - دېدى سام. سېستىرا سامغا چىقىپ كېتىشنى ئېيتتى. ئارچون ئارام ئالمىسا بولمايتتى.
ئارچون ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئۆيىگە قايـتىپ چىقتى. ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولغانىدى. لېكىن، ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلمىدى، ئۇنىڭ قىزى سىكانى كۆرمىگىنىگە بىر ئاي بولغانىدى، ئۆيدە ماروبى يوق، ھەممە يەردىن بوران ئۇچۇپ تۇراتتى.
ماروبى شۇ كەتكەنچە فلورىدادىن قايتىپ كەلمىدى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مەلۇم بىر قىسمى قايتىپ كەلگەنىدى. ماروبى ئايرۇدورومدىن قايتىپ كېلىۋاتقان يولدا ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچرىغانىدى. ئۇ ئېغىر يارىلانغان، دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمىگەنىدى. ئۇنىڭ مېڭىسى ئېغىر زەخمىلەنگەنىدى. دوختۇرخانا ئۇنىڭ شوپۇرلۇق پىراۋىسىدىن ئىچكى ئەزالىرىنى تەقدىم قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلگەنىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ قالغانىدى. كۆچۈرىدىغان يۈرەكنى ساقلاۋاتقانلارنىڭ تىزىملىكىدە ئارچوننىڭ ئۆچرىتى دەل كېلىپ قالغانىدى. يەنە كېلىپ ئۆلگۈچىىنىڭ قان تىپى دېگەندەك نەرسىلەر ئۇنىڭغا ماس كېلەتتى. شۇڭا، بۇ يۈرەك ئارچونغا ئېلىپ كېلىنگەنىدى.
ئارچون ئۆزىگە كۆچۈرۈلگەن يۈرەكنىڭ سۆيۈملۈك خوتۇنىنىڭ يۈرىكى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ئىچ- ئىچىدىن ئازابلاندى. ئۇ خوتۇنىنىڭ كەلمەسكە كېتىشىنى ھېچ ئويلاپ باقمىغانىدى! ئارچون ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دېرىزىدىن سىرتقا قارىدى، ئوتتۇز يىل ئىلگىرى كالكوتتادا بىللە ئوقۇغان چاغلارنى ئىختىيارسىز ئەسلەپ قالدى. ئۇلار مۇھەببەتلىشىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئارچوننىڭ تۇغۇلغان كۈنى كېلىپ قالغانىدى. شۇ چاغدا ماروبى ئۇنىڭدىن:
- تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە نېمە سوۋغا قىلسام بولار؟- دەپ سورىغانىدى.
- مەن سىزنىڭ يۈرىكىڭىزگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن،-دىگەنىدى ئارچون.
ئارچوننىڭ ھازىرمۇ ئېنىق ئېسىدە، شۇ چاغدا ماروبى بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزارغىنىچە كۈلۈمسىرەپ يەرگە قارىۋالغانىدى. ئۇ شۇنداق چىرايلىق، شۇنداق سۆيۈملۈك ئىدى!
مۇشۇلارنى ئويلاپ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.


(خەنزۇچە ‹‹ تەرجىمىلەر›› ژۇرنىلىنىڭ2011-يىللىق5-سانىدىن)

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY