باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-15 11:28 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجىمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مەن كەتتىم ، ئۇنى قەدىرلەڭ!

   مەن كەتتىم ، ئۇنى قەدىرلەڭ!

 

مەرپو تەرجىمىسى

 

  قەدىرلىكىم ! كەچۈرۈڭ مەن ئاخىرى سىزگە« ئاجرىشىپ كىتەيلى »دىيىش قارارىغا كەلدىم!
    ئۆزۈمنى ئەزەلدىن ئىنتايىن ئاجىز چاغلايتتىم شۇڭا نېكاھىمىز ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بېرىشىچە تىرىشىپ ،كۈندە سىز ئەڭ ئامراق تاماقنى ئىتىپ، سىز ئامراق پىلاستىنكىنى قۇيۇپ ،ھەممە ،ھەممىنى سىزنىڭ ئارزۇيىڭىز بويىچە قىلىپ ،سىزنى ئۆزۈمچە بەخىتلىك قىلىشقا تىرىشقان ،سىزنىڭ مەندىن بىزار بولىشىڭىزدىن ئەنسىرەپ سىزگە ھىچقانداق شەرت قۇيۇپ باقمىغان ئىدىم، ئەمما ھازىر كاللامدىن ئۆتتى ،  قانچە ئۇزۇن يىللىق ھىسسىياتمۇ بىر كۆرۈپ كۈيۈپ قىلىش ئالدىدا ھىچنىمىگە ئەرزىمەيدىكەن.
     مۇزىكا تورىدا ئىككىڭلارنىڭ سۆرىتىنى ، ئىككىڭلارنى مەلۇم بىر مىھمانخانا ئالدىدا خوشلىشىۋاتقىنىڭلارنى كۆرگەن ، توي قىلغىنىمىزنىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنى سىز ئۇنى تۇنجى قىتىم تىلغا ئالغان ئىدىڭىز ، ئۇ قىز  ھەقىقەتەن گۈزەل ئىدى ...
     مەن سىزنىڭ ئۇنىڭغا يازغان خىتىڭىزنى ئۇغۇرلۇقچە ئۇقىغان ئىدىم ،خىتىڭىزدىكى ھەر بىر ئىبارىڭىز ،كىشىگە شۇنچە شېرىن مۇھەببەت ھېس قىلدۇراتتى ،شۇنچە تەسىرلىك ئىدى ،مەن كۆرۈپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتكەن ئىدىم ،تىخى كۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ،بۇ ماڭا يىزىلغان خەت ،سىزنى  مىنى مەڭگۆ ياخشى كۆرىدۇ دەپ، ئۆز- ئۆزۈمنى ئالدىغان ئىدىم ،خىتىڭىزدە گەرچە ئاجرىشىشنى تىلغا ئالمىغان بولسىڭىزمۇ، لىكىن كۈنلەردىن بىر كۈنى، بىز راستتىنلا ئاجرىشىپ كىتىدىغاندەك تۇيۇلۇپ ،سىزنى يوقۇتۇپ قويۇشتىن قورققان ئىدىم.
     قەدىرلىكىم !مەن سىزنى سۆيەتتىم ، ئائىلىمىزنى سۆيەتتىم ،شۇڭا سىز دىمىگەندىكىن ،مەنمۇ ھىچنىمىنى سورىمىغان ئىدىم، پەقەت سىز ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن ئوغۇرلۇقچە پۇخادىن چىققۇچە يىغلىۋالاتتىم ،بىلەمسىز؟ مەن سىزنىڭ ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى بىلسەممۇ ، ئۆزۈمچە ئۇ مەن بىلەن شۇنچە يىل  بىللە ئۆتتى، ھەم ئۆتىۋاتىدىغۇ دەپ ،ئۆز-ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرەتتىم .سىزنىڭ ئاجىرىشىشنى تىلغا ئالمىغانلىقىڭىز مىنىڭ بەختىم ،سىز پەقەت قايتىپ كىلىپ ماڭا ھەمراھ بولسىڭىز ، مەن ئەتكەن تاماقنى يىسىڭىز ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى ئۇنتۇپ قالمىسىڭىز،ئاندا -ساندا مىنى قۇچاقلاپ ماڭا بولغان مۇھەببىتڭىزنى ئىپادىلەپ قويسىڭىز ماڭا مۇشۇلارلا كۇپايە ئىدى ، مەن سىزنى راستتىنلا ياخشى كۆرەتتىم ،شۇڭا ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغان ،سىزنى «مىنىڭ» دەپ بىلگەن  ئىدىم،مۇشۇنداق تىنچ تۇرمۇشىمىز مەڭگۆ داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايتتىم ،ئەگەر تۇنۇگۇن ئاخشام دوستىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرمىگەن بولسىڭىز مەن قاچانغۇچە ئۆز-ئۆزۈمنىڭ بەخىت تۇيغۇسىدىن چىقماي ياشار بولغىيتتىم؟
     سىز ماڭا دوستىڭىزنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردىڭىز«بىر دوستۇم توي قىلغىلى 6 يىل بولغان ئىدى ،ئايالى شۇنداق ياخشى بولغاچقا ئۇ ئۆزىنى ئايالىمنى بەكلا ياخشى كۆرىمەن دەپ ئويلايتتى ،بىراق ئۇلار توي قىلىپ 4- يىلى ئۇ بىر قىزنى ئۇچرىتىپتۇ ،ئۇ قىز ئۇنىڭغا شۇنداق ياخشى مۇئامىلە قىپتۇ ، ئۇنىڭغا خۇتۇنى ھىس قىلدۇرمىغان خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرۇپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇھەببەتلىشىپتۇ،ئوغۇرلۇقچە كۆرىشىش، ئۇچرىشىشلار  ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى تىخىمۇ كۈچەيتىپتۇ، ئۇ قىز ئىنتايىن ئەقىللىق ئىكەن ،شۇڭا شۇنچە ۋاقىت بولسىمۇ توي قىلىش دىگەندەك تەلەپلەرنى تىلغا ئىلىپمۇ باقماپتۇ ،ئۇ ھىلىھەم ئايالىنى ياخشى كۆرىدىكەن چۈنكى ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى ئىنتايىن چوڭ بىلىدىكەن، كۈيىنىدىكەن ،تۇرمۇشىدا ھەمدەم ئىكەن ،ئايالىنىڭ ياخشىلىقىدىن ئۇ ئايرىلىپ كىتىشكە ھىچقانداق سەۋەپ تاپالماپتۇ،شۇڭا ئۇ ئايالىدىن ۋاز كىچەلمەيدىكەن ، لىكىن ھازىر  ئۇ قىزنىڭ بويىدا قاپتۇ ،شۇڭا قىز توي قىلايلى دەپتۇ ، قىز ئۇنىڭ بىلەن 4 يىل يۈرۈپ ئۇنىڭغا بارلىقىنى ئاتىغاچقا ،ئۇ قىزنى رەت قىلىشقا ئامالسىز ئىكەن، ھىكايە مۇشۇ يەرگە كەلگەندە سىز  ماڭا قاراپ  : سىزنىڭچە دوستۇم قانداق قىلسا بولار؟ دەپ سورىدىڭىز .
     مەن جاۋاپ بەرمىدىم ،چۈنكى ئۇ دوستىڭىزنى ھىكايىسى ئەمەس بەلكى سىزنىڭ ھىكايىڭىز ئىدى ،سىز راستتىنلا قانداق قىلارىڭىز بىلمەيلا قالغان ئىدىڭىز..
     تۈنۈگۈن كىچە سىز ئۇخلاپ بولغاندىن كىيىن مەن ، سىزنىڭ تاتلىق ئۇيقۇدىكى تۇرقىڭىزغا، تۇنۇش يۈزلىرىڭىزگە قاراپ سىزنى سۆيگۈم كەلدى ، چۈنكى بۇ مىنىڭ  سىزنى ئەڭ ئاخىرقى قىتىم سۆيگىنىم بۇلۇپ قالدىغانلىقى كۈڭلۈمگە ئايان ئىدى ،قەدىرلىكىم سىز تويمىدىڭىز ، كۆز ياشلىرىم باغرىڭىزنى نەمدىدى ،لىكىن سىز يەنىلا تويمىدىڭىز، بەلكىم سىز چۈشىڭىزدە ئۇنى كۆرىۋاتقان ، ئۇنىڭ بىلەن تاتلىق سىردىشىۋاتقان بولسىڭىز كېرەك .
     قەدىرلىكىم ! مەن كەتتىم ، مىنىڭ كىتىشىم ئەڭ ئاقىلانىلىك بولىشى مۇمكىن ،قەدىرلىكىم بۇندىن كىيىن مەن يىنىڭىزدا يوق ئۆزىڭىزنى كۆپ ئاسراڭ ، ئۆينى پاكىز يىغىشتۇرۇپ قويدۇم ،توك كورىسىدا تاماق بار قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئىسسىتىپ يەڭ ، بۇ مىنىڭ سىزگە ئىتىپ بەرگەن ئاخىرقى تامىقىم، قەدىرلىكىم سىزنىڭ ئاشقازان ياللۇغىڭىز بار ،شۇڭا ۋاقتى-ۋاقتىدا تاماق ،يەڭ ،ئاچ يۈرسىڭىز سالامەتلىككە زىيانلىق ،دوستلىرىڭىز بىلەن ھاراقنى ئازراق ئىچىڭ، مەن يەنە كالا سۈتىنى بىر يىللىق ئالدىن زاكاز قىلىپ قويدۇم، پۇلنىمۇ تۆلىۋەتتىم ، ئۇلار ئۆيگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ،كۈندە ئەتىگەن كەچ قاينىتىپ ئىچىشنى ئۇنتۇماڭ ،سىز ئامراق پىلاستىنكىنى كومپىيوتىرنىڭ ئۈستىگە ئىلىپ قويدۇم ، ھە راست ،سىز ماڭا تۇنجى قىتىم سوۋغا قىلغان ھىلىقى كىچىك مۈشۈكئېيىقتىن باشقا ھىچنىمىنى ئالمىدىم ،بۇندىن كىيىن ئۇ سىزنىڭ ئورنىڭىزدا  ئۇ ماڭا ھەمراھ بۇلىدۇ..
     مەن كەتتىم، گەرچە 6 يىل تۇتقان ئۆيۈمگە كۆزۈم قىيمىسىمۇ، لىكىن يە نىلا كىتىشكە مەجبۇرمەن، مەن سىزنى شۇنچە يىل ياخشى كۆردۈم ،سىزنىڭ بەختىڭىز مىنىڭ بەختىم ،سىزگە بەخت تىلەيمەن .
     قەدىرلىكىم !مەن كەتكەندىن كىيىن سىز ئۇنى قەدىرلەڭ! ئۇنى سۆيۈڭ! ئۇنىڭغا سۆيگۈ ئازابى ھىس قىلدۇرماڭ ، بالىڭىز تۇغۇلغاندا مەن ئۈچۈن پىشانىسىگە سۆيۈپ قويۇڭ ، ئۇنىڭغا مىنىڭ بەخت تىلەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ قۇيۇڭ! 
     مەن ھىلىھەم سىزنى ياخشى كۆرسەممۇ ،سىزنى سۆيسەممۇ، لىكىن بۇندىن كىيىنكى ھەممە، ھەممە سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز!

                             مەنبە: (خەنزوچە) ئائىلە ۋە نىكاھ   

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY