باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-15 11:21 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجىمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئەگەر« ئۇ »بولمىسا مىنى يەنە سۆيەتتىڭمۇ؟

 ئەگەر« ئۇ »بولمىسا مىنى يەنە سۆيەتتىڭمۇ؟

مەرپو تەرجىمىسى
 
نۇرغۇن نەرسىلەرنى قايتۇرۇپ كەلگىلى بولمايدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان ، ئېكرانغا قاراپ خىيال سۈرمەكتىمەن ،شامالمۇ توختىدى ،بۇلۇتلارمۇ تارقالدى ،بىزنىڭ سۆيگىمىز قايتىپ كىلەرمۇ؟
    رەسىمىڭگە قاراپ مىنى ياخشى كۆرەمسەن،كۆرمەمسەن؟ سىنىڭ سۆيىدىغىنىڭ زادى كىم ؟دەپ ئۆز -ئۆزۈمدىن ئەخمەقلەرچە سورىدىم.  
   
سەنسىزياشىيالمايمەن!
    سەن بەلكىم بۇ گىپىمنى چۈشىنىدىغانسەن؟ سەن بولمىساڭ ياشاشنىڭ نېمە خۇشاللىقى، نېمە مەنىسى بولسۇن؟سوغۇق قىش ،ھىچقانداق ئىللىقلىق، خۇشاللىق ھىس قىلالمىدىم ، ئەكسىچە ئۈمۈدسىزلىكىم ئىشىپ بارماقتا ،مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟
    سەن بىلەن بولغان گۈزەل ئەسلىمىلىرىمنى چۈشتەكلا ئۇنتۇلۇپ كەتسىكەن دەيمەن ، ئەمما بۇ مۇمكىنمۇ ؟ سىنىڭ ۋەدىلىرىڭ مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئەسلىمەمگە ئايلانغان ،سەن مىنىڭ قەلبىمدىكى مەڭگۈلۈك بىر تۈگۈن ، چارچىدىم ، يۈرىكىم پۇچىلاندى ،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى باشلىنىش نۇقتىسىغا قايتۇرغىلى بولغان بولسا ھە!
دائىم دىگۈدەك سىنىڭ مۆجىزىلەرچە پەيدا بولىشىڭنى ئەخمەقلەرچە تەسەۋۋۇر قىلىمەن ،لىكىن ھەر قىتىم چەكسىز ئۈمىدسىزلىككە چۆمىمەن ،سەنسىز چۈش كۆرۈشنىمۇ خالىمايمەن ،شۇڭا ھازىر تىخىمۇ ئۇخلىيالماس بوپ كەتتىم.
    بەلكىم سەنمۇ مىنى سۆيىدىغانسەن لىكىن سۆيگۈڭ ماڭا تەۋە ئەمەستۇ،بەلكىم سىنىڭ قەلبىڭدا ماڭا ئورۇن يوقتۇر؟ ھىلىقى «ئۇ بولمىسا مىنى سۆيەتتىڭمۇ»دىگەن ناخشىنى خۇددى مەن ئۈچۈنلا ئىجاد قىلغاندەك ھىس قىلىمەن ، كۈندە ساڭا «ئۇنۇتساڭمۇ ئۇنۇتقىن مەيلى، ئۇنتىيالماي تارتمىغىن ئازاپ» دەپ خىتاب قىلىمەن
  قەدىرلىكىم !سەن مىنى قانچە ئازابلىساڭمۇ، لىكىن مەن سىنى يەنىلا ياخشى كۆرىمەن ، چۈنكى ئاچچىقلىرىڭ تارقىغاندا ،سەن يەنىلا مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قەدىردانىمغا ئايلىنىسەن، سەنسىز كۈنلىرىمنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلالمايمەن ،بەزىدە ئۆز-ئۆزۈمدىن نىمىشقا ئۇنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغاندىمەن ؟نىمىشقا ئۇنىڭدىن ئايرىلالمايدىغاندىمەن دەپ سوراپ كىتىمەن ،سۇئاللىرىمغا يەنە سۆيگۈ-مۇھەببەت غەرەزسىز بولىدۇ ،ياخشى كۆرۈش دىگەن بېغىشلاش دىگەن گەپ دەپ جاۋاپ بېرىپ ،ئۆزۈمگە تەسەللىي بېرىمەن .يالغۇزلۇق تەنھالىقنى تىخىمۇ كۈچەيتىدۇ .
ھەر قىتىم ئۇرۇشۇپ قالساقلا ،سىنى تېخىمۇ سېغىنىمەن ساڭا ئۇچۇر يوللىغۇم ،ساڭا تېلېفۇن قىلغۇم كىلىدۇ ،نۇرغۇن چاغلاردا خاتا ئۇرغاننى باھانە قىلىپ سىنىڭ ئاۋازىڭنى ئاڭلىۋىلىشقا تىرىشىمەن...كىچىلىرى بىز يالغۇزلۇققا كۆنۈپ كەتكەن بولساقمۇ، لىكىن ھەر قىتىم ئۇخلىماقچى بولغىنىمدا، سىنىڭ« قەدىرلىكىم! بالدۇراق ئارام ئىلىڭ» دىگەن بۇ ئاددى بىر جۈملە گىپىڭنى ئاڭلاشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن ، بۇ بەلكىم مىنىڭ شۆھرەتپەرسلىكىمدىندۇر، لىكىن سەن مىنىڭ مۇشۇ ئاددى بىر ئارزۇيۇمغا يىتىشىمگىمۇ يول قويمايسەن.
    سەن ئىلگىرى دائىم ئېللىق بىر ئائىلىمىز بولسىكەن دەيتتىڭ ، ئەجەبا راستىنلا ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ مەندىن ئايرىلىپ كەتسەڭ قانداق بولىدىكەن؟ قەلبىڭدە پەقەت « ئۇ» لا بارمۇ؟
    بىز ئىلگىرى كەلگۈسى تۇرمۇشىمىزنى ھەر خىل كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ باققان ھەم بەختلىك ئائىلە قۇرۇشقا شۇنچە تىرىشقان ئىدۇق،ئاخىرى ئارزۇيىمىزدىكىدەك بىر ئائىلىگە ئېرشكەن ئىدۇق، ھازىرچۇ ،مۇھەببەتىمىز سۇسلاشتى ، ئاچچىقلايدىغان ۋاقتىڭ كۆپەيدى ،ھەر قىتىملىق سەۋەپسىز ئۇرۇشۇشلاردا يەنىلا سەن غالىبانە قەدەملەر بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كىتىسەن ،مەنمۇ خۇددى ساڭا ئوخشاشلا ھىچنىمىگە پەرۋا قىلماي ،ساختا كەڭ قورساق بولىۋالاي دەيمەن لىكىن يەنىلا ئۇنداق قىلالمايمەن،مانا ھازىر سەن ئۆيگە قايتىشنىمۇ خالىمايدىغان بولۇپ كەتتىڭ ،ھەتتا ماڭا قاراپ مەسخىرە ئارلاش كۈلۈپ قويىسەن ، شۇ دەقىقىلەردە مەن چىقاي دىسەم ئاسمان يىراق ،كىرەي دىسەم يەر قاتتىق ھالەتكە كىلىمەن ، توۋا بۇ سەنمۇ ؟
     ئەگەر«ئۇ» بولمىغان بولسا مىنى يەنە سۆيەتتىڭمۇ؟ سىنىڭ راست گەپ قىلىشىڭنى ماڭا ھەقىقى جاۋاپ بېرىشىڭنى ئۈمۈت قىلاتتىم ....  
   قەدىرلىكىم ؟ سەن زادى مىنى سۆيۈپ باققانمۇ؟ قەلبىڭدە راستىنلا باشقا بىرى بارمۇ؟ سەن ئۇنى ئۇنتۇيالمامسەن ياكى ئۇنتۇشنى خالىمامسەن؟
   ئەگەر ئاللا ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بېرىپ قالسا ،سىنى ئۇنتۇلدۇرالىسام مىنى سۆيەتتىڭمۇ؟ ،بىر ئۆمۈر ماڭا غەمخورلۇ ق قىلىپ مەن بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆتەتتىڭمۇ؟
    ئەگەر« ئۇ »بولمىغان بولسا مىنى سۆيەتتىڭمۇ؟ قەدىرلىكىم مىنى يىغلاتمىغىن!
    قەدىرلىكىم ھىچقىسى يوق مەن يەنىلا سىنى سۆيىمەن ،مەن سىنىڭ ئۆتمۈشۈڭگە، ھازىرىڭغا پەرۋا قىلمايمەن ، پەقەت قەلبىڭدىن ماڭا بىركىچىككىنە ئورۇن بېرىشىڭنى ئۈمۈت قىلىمەن ، قەدىرلىكىم مەن سىنى ساقلايمەن ھەم ساقلىيالايمەن ...سىنىڭ سەن بىلەن ئىللىق تۇيۇلغان بۇ ئائىلىمىزگە قايتىشىڭنى تەقەززارلىق بىلەن كۈتىمەن!
قەدىرلىكىم ! ئۆيىمىزگە قايتىپ كىلەرسەنمۇ؟

  مەنبە: www.07938.com

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY