باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-10-11 16:10 | ئاپتور: گۈلۈم | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئۇنىڭغا ئون مىنۇت ھەمرا بولۇڭ

 

 

    ئەر  تاكسى شوپۇرى  ،كۈندۈزى ھەر تەرەپكە قاتراپ ،كەچتە ئۆيگە قايىتقاندا تولىمۇ ھېرىپ كەتكەنلىكتىن ،كىرىسلوغا ئۆزىنى تاشلاپ بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتى.ئەكسىچە ئايالى  ئۇنى كۆرۈشى بىلەنلا  سۆزلەپ توختىمايىتتى، ئەمما ئۇ پەقەت زورىغا  گەپ قايتۇرۇپ قوياتتى.
    ۋاقىت ئۇزارغانسىرى ئايال ئاستا -ئاستا  نارازى  بولۇشقا باشلىدى.بىر قېتىم ،ئۇ "ھە"دىگەندە،ئايال ئاخىرى  خاپا بولدى:
    "سىز زادى مىنىڭ گىپىمنى ئاڭلىدىڭىزمۇ يوق؟"
    "ئاڭلىدىم ئاڭلىدىم!"دىدى ئۇ كۈلۈپ قويۇپ.
    "ئۇنداقتا سىز دەپ بېقىڭە،مەن بايا  نىمە دىدىم؟"ئايال قىلچە ئاياپ قويماستىن سورىدى. 
    "سىز  ...       سىز...     "ئۇ كىكەچلەپ جاۋاپ بىرەلمەي قالدى.  
   "مەن سىزنىڭ ماڭا پەرۋا قىلمايدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم !"ئايال سوغۇققىنە شۇنداق دىگىنىچە ئۆرۈلۈپلا ياتاق ئۆيگە كىرىپ كەتتى،  ئىشىك"گۈم"قىلىپ تاقالدى. ئۇ كۈنى كېچىدە  ئايال ئۇنىڭغا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى.
    گەرچە كىيىن ئايال بۇرۇنقىدەكلا سەي كۆكتات سېتىۋېلىپ، تاماق ئىتىپ قىلغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇ نىڭغا ناھايىتى ئاز پەرۋا قىلاتتى،مىجەزىمۇ بارغانسىرى  ئوسا للىشىپ كەتتى—— ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى ئۆز ئورنىغا  قويمىغانلىقى ئۈچۈن،ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن ۋاختىدا  ئاياق ئالماشتۇرمىغانلىقى ئۈچۈن، ئانچە مۇنچە تاماكا چەككەنلىكى ئۈچۈن.......مانا مۇشۇنداق ئەرزىمەس  كىچىك ئىشلار ئۈچۈن  ،ئايال ھەمىشە ئۇنىڭغا  توڭ تىگەتتى؛ ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارغا ئانچە  پىسەنت قىلمايىتتى. ھەممىدىن بەك ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغىنى،ئايا لنىڭ ئۇنىڭغا قىلىدىغان گەپ-سۆزلىرى تېخىمۇ ئازلاپ كەتكەن ئىدى.كەچلىك تاماقتىن كىيىن ، ئايال  ھەمىشە كومپيۇتېر ئالدىدا  ئولتۇرۇپ كونۇپكا تاختىلىرى تاراقشىتقانچە قانداقتۇر بىر مەشغۇلاتلارنى قىلىپ كىتەتتى .  بۇنداق ۋاقىتلاردا ئۇ  ئايالىغا "نىمىنى پاراڭلىشىۋاتىسىز ؟"دەپ سوراپ قويسىمۇ ،"مىنىڭ ئىشىم بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن"دەپ توڭ تىگەتتى.
    كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتىۋەردى ،بۇنداق كۈنلەر بارا -بارا  ئۇنىڭ ئىچىنى سىقىپ ئۇنى قىيناشقا باشلىدى .ئەپسۇس ئايالى ئۇنى چۈشەنمىدى ئۇ  "مىنىڭ سىرىتتا ھاردىم، تالدىم دىمەي پۇل تېپىشىم ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى  كۈن ئۆتكۈزىشى ئۈچۈن ئەمەسمىدى؟ ئۇ نىمىشقا  بىر ئازمۇ چۈشەنمەيدۇ ؟" دەپ ئۆز-ئۆزىگە پېچىرلايتى.
    بىر كۈنى ، ئۇ  چىداپ تۇرالماي بىر ياشانغان شوپۇر بىلەن ئۆزىنىڭ ھىسسىياتى ئۈستىدە پاراڭلاشتى،ئۇ ئۆزىنىڭ  نىكاھقا بەك ئۈمىدسىزلىكىنى ،بەزىدە  ئاجرىشىپ كىتىشنىمۇ ئويلاشقانلىقىنى، بىراق ئۇنىڭغا  سەل قىيمايدىغانلىقىنى ،ئۆزىنىڭ قانداق قىلسا ياخشى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەشتى.
    ئۇنىڭ سۆزلىرىنى  ئاڭلىغان ياشانغان شوپۇر ئۇنىڭ مۈرىسىگە يىنىككىنە ئۇرۇپ:
     "ئىنىم ،كىيىن ئۆيگە قايىتقاندا قانچىلىك ھېرىپ كىتىشىڭدىن قەتئىينەزەر ،قەددىڭنى رۇسلاپ ئۇنىڭغا ھەمرا بولۇپ پاراڭلاشقىن ،كۆپ ئەمەس ،پەقەت ئون مىنۇت بولسىلا كۇپايە" .
   " بۇنىڭ پايدىسى بولارمۇ ؟"  ئۇ ئىشىنىپ- ئىشەنمەي ،يەنىلا بىر  سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى.
    ئۇ كۈنى ئىشتىن قايتىپ ئۆيگە كەلگەندە،گەرچە ناھايىتى ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ ،بىراق ئۇ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ تۇرۇپ :
   "خوتۇن مەن قايتىپ كەلدىم!" دىدى.
    ئايال ئاشخانىدىن بېشىنى چىقىرىپلا "قايتىپ كەپسىزدە"دەپ قويدى.
    ئۇ كىيىملىرىنى ئالماشتۇرغاندىن كىيىن ، ئىلىگىرىكىدە ك  كىرىسلودا  سوزۇلۇپ  ياتماستىن ، بەلكى ئاشخانىغا چىقىپ :
   "جاپا چەكتىڭىز ،مەن قىلاي " دىدى.
  "سىز نىمە قىلىشنى بىلىسىز ؟" ئايال  كۆزگە ئىلمىغاندەكلا قايتۇرۇپلا سورىدى،ئەمما ئۇ يەنە ئۇنىڭغا  بىر تال سامساقنى بىرىپ: " بۇنى ئاقلاپ يۇيۇپ كىلىڭ"دىدى.
    ئۇ كۈنى ،ئۇ ئاشخانىدا ئايالغا ماشىنا ئەترىتىدىكى  ھەر خىل  قىزىقارلىق گەپلەرنى،ئۆزى يولۇققان يولۇچىلارنى ،ھەتتا ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى بەزى ئىشلىرىنى  سۆزلەپ بەردى ، ئايال بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلىغاچ ،يەنە بىر تەرەپتىن  سەي  قورىدى.....
    كەچلىك تاماقتا،ئايال  ئۇ ئامراق سەينى  ئۇنىڭ قاچىسىغا سېلىپ:
   " سىز ماشىنا ھەيدەپ بەك جاپا چىكىۋاتىسىز ،كۆپرەك يەڭ"
    ئۇلار بىر تەرەپتىن يىگەچ ، بىر تەرەپتىن پاراڭلاشتى،ئەر ئەزەلدىن ھىس قىلىپ باقمىغان  ئازادىلىكنى،ھوزۇرنى ھىس قىلدى.تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ،ئەر قاچا قۇچىلارنى يىغىشتۇرۋىتەي دەپ قول ئۇزىتىشىغا ، ئايال توسىۋېلىپ:
     "مەن قىلاي ،سىز  بەك ھېرىپ كەتتىڭىز ،ياخشىراق ئارام ئېلىۋېلىڭ  "دەپلا قاچا قۇچىلارنى  ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.بىر ئازدىن كىيىن  شار -شار  قىلغان سۇنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ،ئۇنىڭغا جۆر بولۇپ ئۇزاقتىن بېرى  ئاڭلانمىغان ئايالنىڭ ناخشا ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.
    شۇ  كۈندىن باشلاپ ،ئۇ ھەر كۈنى ئىشتىن قايتىپلا ئاۋال ئايالىغا ھەمرا بولۇپ پاراڭلىشاتتى ، ئاندىن ئاشخانىدىكى ئىشلارنى خىزمەت ئورنىدىكى ئۇششاق چۈششەك ئىشلار توغرىسىدا پاراڭلاشقاچ تەڭ قىلىپ تۈگىتەتتى ...
    ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر مەزگىل داۋاملاشتۇرغاندىن كىيىن ،  ئايال ئۇنى ئاشخانىدىن قوغلاپ :
    " بىر كۈن مېڭىپ چارچاپ كەتتىڭىز ،دەرھال ئارام ئېلىۋېلىڭ "دەيدىغان بولدى ،ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغىنى ، ئايالى ئۇنىڭغا  تېخىمۇ مېھرىبان كۆيۈمچان بولۇپ قالغان ئىدى.ئۇمۇ  ئىختىيارسىز  ئۆزىنىڭ ياشانغان شوپۇرنىڭ سۆزلىرىنى  ئاڭلاپ  ، بۈگۈنكى بەخىتلىك تۇرمۇشقا قايتا ئېرىشكەنلىكىگە خۇشال بولاتتى.
    مۇشۇ  كۈنگە  كەلگەندە ،ئەر ئۆزىنىڭ  دەسلەپكى نادانلىقىدىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ يەتتى.ئۇ  ھېرىپ چارچاپ كىرىسلودا  يېتىپ ئايالى بىلەن كارى بولمىغاندا ، ئايالىنىڭ كۆرگىنى ئۇنىڭ ھېرىشى بولماستىن  بەلكى ،ئۆزىگە بولغان سوغۇق مۇئامىلىسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتتى. 
     ئەر -ئاياللار ئوتتۇرسىدا  نەدىمۇ  سوغۇق مۇئامىلىدىنمۇ بەكرەك كۆڭۈلنى رەنجىتىدىغان  ئىش  بولسۇن ؟  ئۇنىڭ  ئايالغا ھەمرا بولۇپ ، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزىنى ، قىلغان ئىشلىرىنى سەۋرىچانلىق  بىلەن  ئاڭلىغان ۋاقتى دەل  ئەرنىڭ  ئايالىغا" كۆڭۈل بۆلىشى" دىن  ئىبارەت. ئۇ چاغدا ، ئايال  كىشى  ئۆزىنىڭ ئەرلەرنىڭ" ئالقىنىدىكى گۆھەر" ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.  بۇ  نۇقتىنى تونۇپ يەتكەندە ، ئايال كىشى يولدىشى ئۈچۈن ھەسسىلەپ جاۋاپ قايتۇرىدۇ.  بەختىلىك نىكاھ  دىگىنىمىزمۇ ،دەل مۇشۇنداق ئۆز ئارا مىھىر -مۇھەببەت ۋە چۈشىنىش  ئەمەسمۇ؟!
    ئىسىڭىزدە بولسۇن! ئۇنى سۆيسىڭىز ، ئۇنىڭغا چىن دىلىڭىزدىن ھەمرا بولۇڭ ؛كۆپ  ئەمەس ،پەقەت ئون  مىنۇت بولسىلا كۇپايە.
 
گۈلۈم تەرجىمىسى
 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى
مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY