باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-19 12:16 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

مۇھەببەت ئۇنتۇلمايدۇ

قول تۇتۇشۇش


    ئۇ مېنى ئىزدىگەن ھېلىقى كۈنى كەچ، ئىنتايىن گۈزەل كېچە ئىدى ، مەن كۆك گۈلى بار ئاپئاق كۆينەك كىيىپ، قۇلىقىمغا ھالغا تاقاپ، رەسىدە بولغان قىزلارغا خاس ياسىنىۋالغان ئىدىم ، مەن ئۇنىڭغا تېلىفون قىلغاچ، سانسىز ماشىنىلار ئارىسىدىن، ئۇنىڭ سىماسىنى ئىزدەۋاتقاندا ، ئۇ ماشىنىسىنى ئالدىمغا ئەكىلىپ توختاتتى ۋە مېنى ماشىنىغا چىقىشقا تەكلىپ قىلدى ، كۆزلىرىمىز پات - پات ئۇچرىشىپ قالاتتى ، قاينام تاشقىنلىققا چۆمگەن ئاۋات شەھەرنىڭ ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا ، بىز بىر-بىرىمىزدىن خىجىل بولۇپ نېمە دىيىشىشنىمۇ بىلمەيتتۇق .
كەچلىك بازاردىكى كىشىلەر قىستىلىشىپ ، بىزنىڭ ئارلىقىمىزنى يېقىنلاشتۇرۋەتتى ، ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا قولۇمنى تارتىشىدىن چۆچۈپ كەتتىم ، كۆڭلۈمدە قولۇمنى تارتىۋالايمۇ، ياكى مەيلىمۇ دىگەننى خىيال قىلىپ ، ئىككىلىنىپ قالدىم ،دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇ قوللىرىمنى چىڭ تۇتۇپ قىسىپ قويدى، ئىككىمىز تۇنجى قېتىم قول تۇتۇشقان شۇ كۈنى، نېمىشقا ئۇنىڭ قولىنىڭ شۇنچە ئىسسىق ، نېمىشقا مېنىڭ قولۇمنىڭ شۇنچە قاتتىق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ يېتەلمىدىم ، پەقەت ئىككىمىز قول تۇتۇشقان شۇ دەقىقىدە ، قەلبىمنىڭ بىر خىل ئىللىق تۇيغۇغا چۆمگىنى ئېسىمدە... بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ قولىنى ئۆزۈم چىڭ تۇتتۇم ، نىمىشقىدۇر قوللىرىم يەنىلا شۇنچە سوغۇق ئىدى .


ناشتىلىق


    مەن دائىم دىگۈدەك ئۇ ماڭا تۇنجى قېتىم تەييارلاپ بەرگەن  ناشتىلىقنى ئەسلەيمەن، ئىسسىق پىشلاق ، بۆلجۈرگەن قىيامى سۈركەلگەن يۇمشاق بولكا ، ئىككى ئىستاكان ئىسسىق سۈت قۇيۇلغان كىچىك تاماق ئۈستىلى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ ، ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەن ئاشخانىدا مەن ئۇنىڭ ناشتىلىق تەييارلىشىغا سۆيۈنۈش ھېسسىياتىم بىلەن قاراپ تۇرغان ئىدىم ، مەن ئۇنىڭ قولىدىن بۇنداق ئىشلارنىڭ كېلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ، ئۇ ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ بىكار ۋاقىت يوق، بولمىسا كۈندە تەييارلاپ بېرەتتىم دىگەن ئىدى ، مەن ھەپتىدە بىرلا قېتىم تەييارلاپ بەرسىڭىز بولدى دىگەن ئىدىم.
    كۆزۈمنى يۇمساملا ، شۇ كۈندىكى ئىللىق قۇياش نۇرىنى ، ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ناشتىلىق يەۋاتقان ئۇنى كۆرگەندەك بولىمەن ، ئۇ ماڭا پەقەت ئىككى قېتىملا ناشتىلىق تەييارلاپ بەرگەن ئىدى ، ئۈچىنچى قېتىملىقنى شۇنچە ئارزۇ قىلغان ئىدىم لېكىن ئۇ مۇمكىن بولماي قالدى ، نېمىلا بولمىسۇن ، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى مەن ئۈچۈن ناشتىلىق تەييارلاپ بەرگەن تۇنجى يات ئادەم ، مەن ئۇنىڭغا يەنىلا رەھمەت ئېيتىمەن ....


جىمجىتلىق


    يەكشەنبە كۈنى چۈشلۇك تاماقتىن كىيىن ، مۈشۈكۈمنى قۇچاقلىغىنىمچە ، تېلىفونۇمغا قاراپ يوتقانغا چىڭ پۈركۈنۈپ ياتتىم ، ئۇنىڭ تېلىفون قىلمايدىغانلىقى ، قۇچۇقۇمدىكى مۈشۈكنىڭ ئۇ ئەمەسلىكىنى بىلىمەن ، نېمىلا بولمىسۇن مۈشۈكۈمنى ئۇ دەپ ئويلىسام كۆڭلۈم سەل ئەمىن تاپقاندەك بولىمەن. ھۇجرام قاچانلاردىن باشلاپ بۇنداق جىمجىتلىققا چۆككەندۇ ؟ ئۇدۇل قوشنىمىزنىڭ بالىسى نېمىشقا يىغلىمايدىغاندۇ؟ كەينىدىكى قۇرۇلۇشمۇ ئىش توختاتقان چېغى ، دائىم قۇلاق مېڭەمنى يەيدىغان نەي ئاۋازىمۇ جىمىپ كەتكەن ، يامغۇرمۇ ياغمىدى، شامالمۇ چىقمىدى ، پۈتكۈل كائىنات جىمجىتلىققا چۆمگەن، تۇيۇقسىزلا جىمجىتلىق مېنى يۇتۇپ كەتمەكچى بولىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ مېنى قورقۇنچ باستى ، توۋا ، مەن قاچانلاردىن باشلاپ بۇنداق يالغۇز قالغاندىمەن ، قاچانلاردىن باشلاپ جىمجىتلىققا مەھكۇم بولغاندىمەن؟


ئەگەر


    ئەگەر ھەممىنى قايتىدىن باشلىغىلى بولغان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈشكە ، ئۇنىلا سۆيۈشكە رازى ئىدىم . ئەگەر كۈنلەردىن بىر كۈنى قول تۇتىشالمايدىغانلىقىمىزنى بىلگەن بولسام ، ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالغان بولاتتىم . ئەگەر كۆرۈشۈشنىڭ بىر مۇقەددەس ئارزۇغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام ھەر قېتىم كۆرۈشكەن چېغىمىزدا ، ئۇنىڭغا ، پەقەت ئۇنىڭغىلا كۆزلىرىمنى ئۈزمەي تىكىلىپ قارىۋالغان بولاتتىم . مۇھەببەتتىن مۇشۇنداق مەھرۇم بولىدىغانلىقىمنى بىلگەن بولسام ، ھەر قېتىم كۆرۈشكەندە باغرىغا سىڭىپ كېتىشكە رازى ئىدىم ...  شۇغىنىسى بۇلار پەقەت بىر گۈزەل خىيالىي تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئويلىساملا ، پۈتۈن بەدىنىمنى سوغۇق تىترەك باسىدۇ...
    بەلكىم ئۇمۇ جاھاننىڭ بىر چېتىدە بىزنىڭ شۇ گۈزەل ۋاقىتلىرىمىزنى ئەسلەۋاتقاندۇ، نېمىشقا قەدىرلىمىگەن بولغىيتتىم دەپ پۇشايمان قىلىۋاتقاندۇ... ؟!


مەرپو تەرجىمىسى

مەنبە: www.elanp.com 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY