باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-19 12:11 | ئاپتور: مەرپو | مەنبە: تەرجمە ئەسەر | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بىر سېلسىيە گىرادۇس ئىللىقلىق

بىر سېلسىيە گىرادۇس ئىللىقلىق
 
(مەرپو تەرجىمىسى)
 
 

    ئۇ يىلى قىشتا ئۇنىڭ سودىسى مەغلۇپ بولۇپ ئېغىر زىيان تارتتى . ئۇلار ئامالسىز ھەشەمەتلىك ئىللىق ئۆيىدىن شەھەر سىرتىدىكى بىر ئاددىي ئۆيگە كۆچۈپ كەلدى .
كۈندۈزى ئۇ سىرتتا ئالدىراش ئىشلەيتتى ، چۈش بولغىچە ئايالىغا بىرەر قېتىم تېلىفون قىلغۇدەكمۇ ۋاقتى يوق ئىدى . ئايالى ئۇنى كەلگۈسىمىز ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ دەپ چۈشىنەتتى ، كەچتە كۆپ قىسىم ۋاقتى كومپىيۇتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇچۇر سۈرۈشتۇرۇش ، ماتىريال رەتلەش، خېرىدارلار بىلەن تېلىفوندا ئالاقىلىشىش بىلەن ئۈتەتتى ، ياكى ئىشى تۈگىسە ئېزىلىپ ئۇخلاپ قالاتتى ، ئايا لى بىلەن مۇڭداشقۇدەك ۋاقتىمۇ چىقمايتتى ، ئايالى ئۇنى چارچاپ كەتتى ، كۆپرەك ئارام ئالمىسا بولمايدۇ دەپ چۈشىنەتتى .
    مەيلى قانداق چارچىشىدىن قەتئىينەزەر ئۇ كۈندە يۇيىناتتى ، بۇ ئۇنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى يىتىلدۈرگەن ئادىتى ئىدى ، بۇ ئۆيدە كىچىككىنە سۇ تۇڭىغا سۇ قاچىلاپ يۇيۇنمىسا بولمايتتى ، ئايالى بۇلارنىڭ ئويلاپ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك ئۈيىنى سېغىنىپ قالدى ، بۇرۇنقى كۈنلەرنى ئويلىسا ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولاتتى ، چۈنكى ئۇ تۇيۇقسىزلا ئېرىنىڭ ئۈزى بىلەن كارى يوق بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆزىگە ئانچە كۆيۈنمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ قالغان ئىدى . بۇنى يۇيۇنۇش ئىشىدىنلا بىلىۋالغىلى بولاتتى ، بۇرۇن ھەشەمەتلىك ئۆيىدىكى ۋاقتىدا ئېرى ھەردائىم ئۇنىڭ بۇرۇن يۇيۇنىۋىلىشى ئۈچۈن يول قوياتتى ، بىراق ھازىر دائىم ئۆزى ئالدىدا يۇيۇنىۋالاتتى ،ھەر قىتىم ئايالى ئالدىدا يۇيۇناي دىسە يەنىلا مەن ئاۋۋال دەپ پەرۋاسىز كىرىپ كىتەتتى. بۈگۈنمۇ ھەم شۇنداق بولدى ، ئايالى مۇنچىدىن چىقىۋاتقان شار- شار سۇ ئاۋازى ئىچىدە ، ئۇ مىنى بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرمەيدىغان بوپ قالدى ، قارىغاندا بىرىنى تېپىۋالغان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ ئىنتايىن ئازاپلاندى.
    ئايالى ئاخىرى بىر كۈنى سەۋەبىنى سورىدى ، ئېرى بىرەم تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ، مەن سىرتتا ئەتىگەندىن كەچكىچە ئىشلەپ چارچايمەن ، تەرلەپ پۈتۈن بەدىنىمدىن سېسىق تەر پۇراپ كېتىدۇ ، شۇڭا مەن بالدۇرراق يۇيۇنۇپ ، بۇ سېسىق پۇراقلاردىن قۇتىلاي دەيمەن ، شۇڭا سىزدىن ئاۋۋال يۇيۇنىمەن دىدى.
    ئايال بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىپ كەتتى ، ئۇ ئۆزىنى ھەشەمەتلىك ئۆيىدىن ئايرىلىپ قالماي ، يانا ئۆزىنى سۆيىدىغان مىھرىبان ئەردىنمۇ ئايرىلىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى . تاكى ھېلىقى كۈنگە قەدەر ئۆزىنى بەخىتسىز ھېس قىلدى .
    ھېلىقى كۈنى ئۇنىڭ يولدىشى ئىشقا كەتتى ، ئۇ زېرىكىپ ئولتۇرغاندىن دەپ كومپىيۇتىرنى ئېچىپ ، تۇيۇقسىزلا يولدىشىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى كۆرۈپ قالدى . ئوقۇغانسېرى كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى .
    كۈندىلىك خاتىرىدە ئۇ بۇ بىر ئابزاس خەتنى كۈرۈپ قالغان ئىدى :
   ‹‹ بۈگۈن ئايالىم مەندىن نېمىشقا ئۇنىڭدىن بۇرۇن يۇيۇنىدىغانلىقىمنى سورىدى ، مەن يالغان ئېيتىپ قويدۇم ، چۈنكى مەن راست گەپ قىلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىشنى خالىمىدىم ، مۇنچا ئىنتايىن سوغۇق ئىدى ، شۇڭا مەن ئاۋۋال يۇيۇنسام ، ھوردىن ئازراق بولسىمۇ ئىسسىپ قالىدۇ دەپ ئويلاپ شۇنداق قىلىمەن ، ھور گەرچە ئۇنچە ئىسسىتىپ كېتەلمىسىمۇ لېكىن مەيلى بىر ، ياكى ئىككى گىرادۇس ئىسسىتسىمۇ مەيلى ، مەن ئۇنىڭ مۇشۇنداق سوغۇق كۈنلەردە سوغۇق مۇنچىدا ئاغرىپ قېلىشىنى خالىمايمەن ، مەن ئايالىمنىڭ مېنىڭدەك جاپا تارتىشىنى خالىمايمەن ، مەن ئاۋۋال يۇيۇنسام مۇنچىنى بىر گىرادۇس بولسىمۇ ئىللىتالايمەن ، بۇ مەن تۇرغان سوغۇقتىن سەل ياخشى..... ››

مەنبە : خەنزۇچە ( ھەمراھ) ژۇرنىلىدىن

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY