باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-1 15:25 | ئاپتور: رىۋايەت | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

ئەڭ گۈزەل يالغان سۆز

ئەڭ گۈزەل يالغان سۆز

 

رىۋايەت تەرجىمىسى


    ئۇ بىر گاچا يىگىت ،باشقىلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدۇ،ئەمما ئۆزىنىڭ ھېس -تۇيغۇلىرىنى باشقىلارغا سۆزلەپ بىرەلمەيدۇ... قىزبولسا ئۇ يىگىتنىڭ قوشنىسى،ئۇ يىگىتكە خۇددى مومىسىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈنەتتى ھەم بىر-بىرىگە يار-يۆلەك بولاتتى. قىز يىگىتنى ئىزچىل ئاكا ئورنىدا چاقىراتتى...

    كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يىگىت ھەقىقەتەن قىزنىڭ ئۆز ئاكىسىدەكلا بولۇپ قالغان ئىدى، كۈندە مەكتەپكە ئاپىراتتى ،بىللە ئوينايتتى،توختىماي ۋىچىرلاپ سۆزلەشلىرىدىن زىرىكمەي كۈلۈمسىرىگەن ھالدا زەن سالاتتى،ئۇ پەقەت قول ئىشارىسى ئارقىلىق قىز بىلەن پاراڭلىشاتتى. قىزچاقمۇ يىگىتنىڭ كۆزىگە ،قول ئىشارىتىگە قاراپ ئۇنىڭ نېمە دىمەكچى بولغىنىنى ھېس قىلالايتتى،يىگىت قىزنىڭ كۆزىگە تىكلىپ قارىغاندا ،قىزچاق يىگىتنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغىنىنى ھېس قىلاتتى.

    كۈنلەر ئۆتۈپ ، قىزچاق ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى،يىگىت ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈچىنىڭ بېرىچە پۇل تېپىشقا كىرىشىپ كەتتى ھەم قىزچاققا ئۈزۈلدۈرمەي پۇل ئەۋەتىپ تۇردى. ئۇمۇ پۇلنى قوبۇل قىلىۋەردى.ئاخىرى قىزچاق ئوقۇش پۈتتۈرۈپ،خىزمەتكىمۇ چىقتى،كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ يىگىتكە ئېغىز ئېچىپ"ئاكا مەن سىزگە تېگەي" دىدى.

    يىگىت بۇ گەپنى ئاڭلاپ بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالدى،قىزچاققا قاراشقا جۈرئەتمۇ قىلالمىدى. قىزچاقنىڭ يالۋۇرۇشلىرىمۇ ئۇنىڭغا كار قىلمىدى.

    قىزچاق"سىز مېنى ماڭا ئىچ ئاغرىتىۋاتىدۇ، ماڭا جاۋاپ قايتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇنداق دەۋاتىدۇ،دەپسىز-دە؟ "...ئەپسۇس ،خاتا ئويلاپ قاپسىز، مەن 12 ياش ۋاقتىمدىلا سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ،سىز بۇنى بىلەمسىز؟... "

    كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ ،بىر كۈنى قىزچاق تۇيۇقسىز ياتاقتا يېتىپ قالدى،يىگىت قورققىنىدىن ،ئۇدۇل دوختۇرخانىغا چاپتى.

    دوختۇر"ئۇنىڭ گېلىغا  ئۆسمە ئۆسۈپ قاپتۇ،گەرچە ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن بولساقمۇ،بىراق ئۇنىڭ ئاۋاز پەردىسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتتى، بۇندىن كىيىن ئۇ گەپ قىلالمايدۇ" دېدى.

    قىزچاق كېسەل كارۋىتىدا كۆز ياشلىرى سىرغىپ چۈشكەن ھالەتتە يىگىتكە قاراپ تۇراتتى...

    شۇنداق قىلىپ ،ئۇلار توي قىلدى. كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ باشقىلار ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز گېپىنى ئاڭلاپ باقمىدى،ئۇلار پەقەت قول ،قەلەم ،كۆزى ئارقىلىقلا پىكىر ئالماشتۇردى.ھاياتنىڭ خۇشاللىقى ۋە ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىدىن بىرگە ھوزۇرلارندى.كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ " ئۇلار نېمىدىگەن بەخىتلىك بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ھە!" دىيىشىپ كېتەتتى.

    مۇھەببەت ئەزرائىلنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىنى توسۇپ قالالمىدى،يىگىت قىزچاقنى تاشلاپ قويۇپ ئالدىدا كېتىپ قالدى.كىشىلەر قىزچاقنىڭ بۇ بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇ مەرھۇمنىڭ سۈرىتىگە تىكىلگىنىچە قېتىپ قالدى، تۇيۇقسىز"مۇھەببىتىم كەتتى، يالغانچىلىقنىڭمۇ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كەلدى"دىدى. قىزچاقنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قىلغان سۆزلىرىدىن ھاڭ -تاڭ قالغىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى. 

    شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ قايتا گەپ قىلىپمۇ باقمىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئۇمۇ پانىي دۇنياغا سەپەر قىلدى.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • بەك تەسىرلەندىم .ئۆچۈرۈش2011-10-31 16:10[3 نۇمۇر]8023
  • ئاجايىپ پەيزى ھىكايە ، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم ئۈچۈن قانچىلىك قۇربان بەرسە ئەرزىيىدۇ. مەيلى ساق ياكى مىيىپ بولسۇن ھامان قارشى تەرەپ بىر كۇنى چۈشۇنىدۇ، ئۇ ئۈنسىز بەدەللەرنى.ئۆچۈرۈش2011-9-14 16:11[5 نۇمۇر]ئەخمەق
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY