باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-8-16 04:14 | ئاپتور: مەھشىيە تەرجىمىسى | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

يۇلتۇزغا يوشۇرۇنغان مۇھەببەت

    شۇ يىلى ، قىز ئەمدىلا 16 ياشتا بولۇپ ، تۇنجى قېتىم بىر يىگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالدى . يىگىتنىڭ بوي - تۇرقى بەكمۇ ئېگىز ئەمەس ، ئۆزى سىلىق - سىپايە ، ئەخلاقلىق بالا بولۇپ ، پۇتبول ئويناشقا بەكلا ئامراق ئىدى . ئاۋازىمۇ ، ئۆگىنىشىمۇ ناھايىتى ياخشى بولۇپ ، كۆپىنچە سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولاتتى . ئۆز ۋاقتىدا ، بالدۇر مۇھەببەتلىشىش ئاللىقاچان چوڭ ئىش ھېساپلانمايتتى ، قىزلارنىڭ يىگىتلەرنى قوغلىشىشىمۇ يېڭىلىق ئەمەس ئىدى . ئەڭ مۇھىمى ، ئۇمۇ ھېلىقىدەك ئىچ مىجەز قىز ئەمەس ئىدى . بىراق ، ئۇ ئەزەلدىن يىگىتكە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىشنى ئويلاپ باقمىغان بولۇپ ، پەقەت مۇشۇنداق « يىراقتىن ئۇنى كۆرۈپ مەپتۇن بولۇپ يۈرسەملا ، شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە » دەپ ئويلايتتى . شۇ چاغلاردا ، ئۇ دائىم يولدا يىگىتنى كۆرۈپ قالغانلىقى ياكى سالاملىشىپ قويغانلىقى ئۈچۈن بىر كۈن كەچكىچە خۇشال بولاتتى . ھەمىشە دەرستىن چۈشكەندىن كېيىنمۇ ئۆيگە قايتماي ، ئۇنىڭ توپ تەپكىنىنى كۆرۈش ئۈچۈنلا مەكتەپ مەيدانىنى نەچچە قېتىم ئايلىنىپ يۈگۈرەيتتى . قىز يەنە قەغەزدە يۇلتۇز قاتلاشنىمۇ ئۆگەندى ، ھەركۈنى ئاشۇ قەغەز پارچىسىغا يىگىتكە دىمەكچى بولغان سۆزلىرىنى يېزىپ ، يۇلتۇز شەكلىدە قاتلىغاندىن كېيىن ، خۇشال ھالدا ئەينەك قۇتىغا سېلىپ قوياتتى . قىز دائىم يىگىتكە قاراپ « ئۇنىڭدەك ئوغۇللار چوقۇم ھېلىقىدەك چاچلىرى قاپقارا ، تۈپتۈز ھەم ئۇزۇن ، كۆزلىرى بۇلاقتەك چوڭ ، ئويناپ تۇرىدىغان ، خۇشال بولغان ۋاقتىدا ئاغزىنى يۇمۇپ كۈلىدىغان نازاكەتلىك ، مۇلايىم ، يېقىملىق قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ » دەپ ئويلايتتى . ئۇنىڭ چېچى قۇندۇزدەك قارا بولسىمۇ ، لېكىن قىسقا چېچى قۇلىقىدىن ئاشمايتتى . يوغان بىر جۈپ كۆزى دائىم قاقاقلاپ كۈلىشىدىن يۇمۇلۇپ ، قىسىلىپ كېتەتتى . ئۇ پات - پات ئەينەككە قاراپ : « بىر كۈنلەردە مەنمۇ ئاشۇنداق قىزغا ئايلىنىپ قالسام ، ئۇ مېنى ياخشى كۆرەرمۇ؟ » دەپ خىيال سۈرەتتى . لېكىن خىيال ھامان خىيال بولۇپ ، ئۇ يەنىلا ھەر ئايدا ساتىراشخانىغا بېرىپ ئازراق ئۆسكەن چېچىنى كەستۈرۈپ تۇراتتى . قىزىقارلىق ئىشلارغا دۇچ كەلسىلا ، قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتەتتى . بۇنداق چاغلاردا ، ئۇنىڭ يوغان كۆزلىرى يۇمۇلۇپ بىر تال سىزىققا ئايلىنىپ قالاتتى .

    قىز 19 ياشقا كىرگەن يىلى ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ ، بەك ياخشى ھېساپلانمىسىمۇ ، ھەرھالدا يامان ئەمەس بىر ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى . يىگىتمۇ ئىقتىدارىنى نورمال جارى قىلدۇرغاچ ، ئۇنىڭغىمۇ باشقا بىر شەھەردىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپتىن چاقىرىق قەغىزى كەلدى . قىز پويىزغا ئولتۇرۇپ ، ئۆزىنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئانا يۇرتىدىن باشقا بىر شەھەرگە قاراپ يولغا چىققان ، ئۆزىنىڭ بۇ ھاياتىدىكى ئىستىقبال سەپىرىگە ئاتلانغان شۇ پەيتتە ، ئۇنىڭ كۆڭۈل ئېكرانىدىن يىگىت بىلەن بىللە ئوقۇغان مەكتەپ ھاياتىدىكى تۈرلۈك ئىشلار بىر - بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى ... 20 نەچچە كۈنلۈك جاپالىق ھەربىي مەشىق بىلەن ئالىي مەكتەپ ھاياتىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى . كەچتە يېتىشتىن بۇرۇن ، باشقا قىزلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يوتقانغا پۈركۈنۈپ يىگىتلىرى بىلەن تېلفوندا سۆزلىشەتتى ، ئۆزئارا سېغىنىشنى بىلدۈرەتتى . قىزمۇ نۇرغۇن قېتىم تېلفوندىن ئاشۇ تۇنۇش رەقەم كۇنۇپكىلىرىنى باسقان بولسىمۇ ، لېكىن ھامان « چاقىرىش » كۇنۇپكىسىنى باسمايتتى . 19 يىلدىن بۇيان ، قىز تۇنجى قېتىم سېغىنىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەندەك بولدى : « ئەسلىدە ، سېغىنىش __ ئىختىيارسىز ئادەمنىڭ كۆز يېشىنى ئاققۇزالايدىغان كۈچ ئىكەن - دە ! » ... تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتى بەك ئۇزۇن ھېساپلانمىسىمۇ ، شوخ ھەم ئوماق بۇ قىزنىڭ ئەتراپىدا ئۇنى قوغلىدىشىۋاتقانلار كەم بولۇپ باقمىدى ، بىراق ئۇ يەنىلا بويتاقلىقنى تاللىغانىدى . بەزى ھەيران بولغان دوستلىرى ئۇنىڭدىن سەۋەبىنى سورىغاندا ، ئۇ سۇسقىنە كۈلۈپ قويۇپ : « ئۆگىنىش ھەممىدىن مۇھىم ئەمەسمۇ ؟ » دەپلا جاۋاپ بېرەتتى . ئۇ ھەقىقەتەن تىرىشقانىدى ، بۇنىڭ ھەممىسى يەنىلا شۇ يىگىت ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىدى . تۆت يىلدىن بۇيان ، قىز چېچىنى كېسىپ باقمىدى ، قىزنىڭ چېچى ئۈلۈكسىز ئۆسىۋەردى . بىر قېتىملىق كونا ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا ، ھەممەيلەن قىزچاقنىڭ قاپقارا ، ئۇزۇن چاچلىرىنى كۆرۈپ كۆزلىرىگە ئىشەنمەيلا قالدى . ئۇنىڭ بۇلاقتەك كۆزلىرى قىلىۋالغان سۇس گىرىمى بىلەن قوشۇلۇپ تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەنىدى . ئۇنىڭ تېرىسى تېگى - تېگىدىن سۈزۈك بولۇپ ، ھەمىشە ئاغزىنى ئېتىپ كۈلۈشلىرىنى كۆرگەنلەر ، بۇرۇنقى كۈلگۈنچەك ، قىزىقچى ساۋاقدىشىنى تونىيالمايلا قالدى . يىگىتمۇ قىزنى كۆرگەن شۇ دەقىقىدە ، ئختىيارسىز يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى . بىراق ، بۇ ۋاقىتتا يىگىتنىڭ يېنىدا ئاللىقاچان باشقا بىر قىز بار بولۇپ ، نازۇك قوللىرى بىلەن يىگىتنى قولتۇقلىۋالغانىدى . قىز يىگىتنىڭ يېنىدىكى ئۆزىدىن مۇلايىم ھەم يېقىملىق كۆرۈنىدىغان ئۇ قىزغا قارىدى ھەم ئۆزىنى تەستە ئوڭشاپ ، ئۈمىدسىزلەنگەن ھالىتىنى يوشۇرۇشقا تىرىشتى . قىز يىگىتكە سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ ، ئارانلا : « كۆرۈشمىگىنىمىزگە ئۇزۇن بوپتۇ » دېيەلىدى .

    قىز 22 ياشقا كىرگەن يىلى ، ئەڭ يۇقىرى نەتىجە بىلەن بىرىنچى بولۇپ ، يىگىت ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپنىڭ ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى . يىگىت داۋاملىق ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇمىدى ، ئۇ بىر تاشقى مەبلەغ كارخانىسىغا كىرىپ خىزمەت قىلدى . خىزمىتى كۆرۈنەرلىك بولغاچقا ، ئۇزۇنغا قالمايلا مائاشى ئۆسۈپ ، يىللىق كىرىمى ئالتە خانىلىق سانغا ئۇلاشتى . قىز داۋاملىق بىر خىل رېتىمدىكى مەنىسىز ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى ھەم ئىزچىل بويتاق يۈرىۋەردى . بىر قېتىم قىز تەتىل قىلىپ ئۆيىگە قايتقىنىدا ، ئاپىسى ئۇنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ، مېھرىبانلىق بىلەن : « قىزىم ، ئوقۇش ياخشى ئىش . لېكىن قىز بالا ھامان ياتلىق بولۇپ ، ئانا بولىدىغان گەپ ! مانا بۇ قىز بالىنىڭ ئاخىرقى تاللىشى ... » دېدى . ئاپىسىنىڭ گېپىگە قىز پەقەت بېشىنى لىڭشىتىپلا قويدى . قىز ھۇجرىسىغا كىرگەندىن كېيىن ، ئېلىپ كەلگەن يۈك - تاقلىرىنى رەتلەشكە باشلىدى . ئۇ ئالدى بىلەن چامداندىن يۇلتۇز قاچىلانغان بىر ئەينەك قۇتىنى ئېلىپ ، كىتاپ ئىشكاپىغا تىزدى . كىتاپ ئىشكاپىدا بىر قاتار ئەينەك قۇتىلار تۇراتتى . ئەينەك قۇتىلارغا يۇلتۇزلار لىق قاچىلانغان بولۇپ ، دەپمۇ دەل ئالتە قۇتا بولغانىدى ...

    قىز 25 ياشقا كىرگەن يىلى ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ھەم ئەلا نەتىجىسىگە تايىنىپ ، ناھايىتى تېزلا ياخشى خىزمەت ئورنىغا ئېرىشتى . ئۇنىڭ ئايلىقىلا تۈمەندىن ئاشاتتى . بۇ چاغدا ، يىگىت ئاللىقاچان ئۆز ئالدىغا بىر شىركەت قۇرغان بولۇپ ، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلىنىپ ، تىجارەت دائىرىسىمۇ كېڭىيىپ بېرىۋاتاتتى . يىگىت 3 - تارماق شىركىتىنى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقىنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى بىلەن توي قىلىپ ، قوش خۇشاللىق بولغانىدى . بۇ داغدۇغىلىق توي مۇراسىمىغا قىزمۇ قاتناشتى . قىز ئەتراپىدىكى كىشىلەرنىڭ : « كۈيئوغۇل ، ھەقىقەتەن كېلىشكەن ، ياش ، ئىستىقبالى پارلاق يىگىت ئىكەن ! كېلىنچەكنىڭمۇ تېگى - تەكتى بەك ياخشىكەن . تېخى چەتئەلدە ئوقۇپ كەپتۇ ، ئۆزىمۇ شۇنداق چىرايلىق ، گۈلنىڭ ئۆزىلىكەنغۇ ؟ نېمە دېگەن قاملاشقان بىر جۈپلەر ! » دېيىشىۋاتقانلىرىنى ئاڭلاپ ، يىگىتكە قارىدى . ئۇ يىگىتنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن خۇشال بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ ، قەلبىدە ئاجايىپ بىر خىل بەخت تۇيغۇسى پەيدا بولدى . « توۋا ! قانداق ھېسيات بۇ ؟ » خۇددى يىگىتنىڭ يېنىدا گۈلدەك ئېچىلىپ تۇرغان كېلىنچەك قىز ئۆزىدەكلا !

    قىز 26 ياشقا كىرگەن يىلى ، ئۆزىنىڭ شىركىتىدىكى بىر خىزمەتدىشىگە ياتلىق بولدى . ئۇلار تونۇشقاندىن تارتىپ ، توي قىلغىچە بولغان ۋاقىت يېرىم يىلغىمۇ بارمايتتى . قىز شۇنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىككىسىنىڭ زادى مۇھەببەتلەشكەن ياكى مۇھەببەتلەشمىگىنىنىمۇ بىلمەيلا قالدى . ئۇلارنىڭ تويى ، قىزنىڭ تەلىپى بويىچە ، ناھايىتى ئاددىيلا ئۆتكۈزۈلدى . ئۇلار تويىغا پەقەت ئەڭ يېقىن ئۇرۇق - تۇققان ھەم دوستلىرىنىلا چاقىرغانىدى . ئۇ كۈنى ، قىز بەك كۆپ ئىچتى ، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شۇنداق كۆپ ھاراق ئىچىشى ئىدى . ئۇ مەست بولمىدى . بىراق ، تولا ياندۇرۇپ ناھايىتى بىئارام بولدى . قىز تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ، ئەينەككە قارىدى . سۇ ھورىدا بارغانسېرى غۇۋالىشىشقا باشلىغان ئەكسىگە قاراپ ، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈن سېلىپ يىغلىغۇسى كەلدى . لېكىن ، ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا گىرىملىرىنى تۈزەشتۈرۈپ چىقىپ ، « بەختلىك كېلىنچەك » نىڭ رولىنى ئېلىشنى داۋاملاشتۇردى . ئۇنىڭ سىرتىدىكى يېپىنچىسىنىڭ يانچۇقىدا ئەتىگەن ئالدىراپ - تېنەپ قاتلىغان بىر تال يۇلتۇز بار بولۇپ ، ئىچىگە مۇنداق يېزىلغانىدى : بۈگۈن مەن باشقىلارنىڭ ئايالى بولدۇم . لېكىن ، مېنىڭ سۆيىدىغان ئادىمىم يەنىلا سەن !

    قىز 36 ياشقا كىردى ، ئۇ خاتىرجەم ھەم ھاللىق تۇرمۇش كەچۈرىۋاتاتتى . بىر كۈنى ، ئۇ بازاردا بىر كونا ساۋاقدىشى بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى . پاراڭ ئارىلىقىدا يىگىتنىڭ گېپى چىقىپ ، ئۇنىڭ تىجارەتتە مەغلۇپ بولۇپ ، قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغانلىقى ، ئايالى ھەم بالىلىرىدىن ئايرىلىپ ، ئائىلىسىنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقى ، ھازىر كۈن بويى قاۋاقخانىدىن بېرى كەلمەس بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدى . قىز نەچچە كۈن ئىزدەپ يۈرۈپ ، ئاخىر يىگىتنى بىر قاۋاقخانىدىن تاپتى . قىز يىگىتكە ئاچچىقلانمىدى ، پەقەت بىر ئامانەت كىنىشكىسىنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى . بۇ ئۇنىڭ بارلىق يىغقان پۇللىرى ئىدى ، ئۇ يىگىتكە : « مەن سىزنىڭ ھەممىنى باشتىن باشلىيالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن ! » دېدى . يىگىت ئامانەت كىنىشكىسىنى قولىغا ئېلىپ ئىچىنى ئاچتى ، پۇلنىڭ سانىنى كۆرۈپ ، يىگىتنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمىدى . ھېلىقى ئاتالمىش يېقىن دوستلىرى ئۇنىڭدىن « قەرز ئېلىش » دېگەن ئىككى سۆزنى ئاڭلاپلا ، سوغۇق مۇئامىلە قىلغان ھەتتا غايىپ بولغانىدى . لېكىن بۇ قىز پەقەت ئۇ ئىسمىنىمۇ ئۇنتۇپ قالاي دېگەن بىر كونا ساۋاقدىشى بولۇپ ، شۇنچىلىك مەردلىك ، قولى ئوچۇقلۇق قىلىۋاتاتتى . قىز ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا سۇسقىنە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ : « دوستلار ئۆزئارا ياردەمدە بولىشى كېرەك . شۇنداققۇ ؟ » دېدى . شۇ كۈنى كەچتە ، قىزنىڭ يولدىشى ھەممىنى بىلىپ ، ئۇنى قاتتىق بىر كاچات سالدى ھەم ئۇنىڭغا ۋاقىراپ تۇرۇپ : « سەن مىليون پۇلنى ئاشۇنداق گەپ - سۆز قىلمايلا ئۇنىڭغا بەردىڭما ؟ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالدىڭمۇ نېمە ؟! » دېدى . قىز كاچات زەربىسىدىن يەرگە يىقىلغانىدى . ئۇ يا يىغلىمىدى ، يا يولدىشىنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەرمىدى . گەرچە قىز ئەزەلدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا يىگىتنى سۆيىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ باقمىغان بولسىمۇ ، بىراق باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى سۆيىدىغانلىقىنىمۇ ھەرگىز ئىنكار قىلىشنى خالىمايتتى . 

    قىز 40 ياشقا كىرگەن يىلى ، يىگىتنىڭ شىركىتىمۇ ئاللىقاچان رىقابەت كۈچى كۈچلۈك بولغان ئالدىنقى قاتاردىكى بىرنەچچە شىركەتنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانىدى . شۇ كۈنى كەچتە ، يىگىت ئىككى مىليون پۇل بىلەن ئۆز شىركىتىنىڭ %10 پېيىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسىنى ئېلىپ ، قىزنىڭ ئۆيىگە باردى . قىزنىڭ يولدىشى بىر ياقتىن خۇش بولۇپ ، ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي : « بۇنچە تەكەللۇپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقتى ؟ دوستلار ئارا ياردەم بېرىشكە تېگىشلىك! ...» دېگەچ ، بىر ياقتىن پايچېك ئۆتۈنۈپ بېرىش كېلىشىمنامىسىگە ئىمزا قويدى . قىز ھېچنەرسە دېمىدى ، پەقەت : « بىرەر ۋاق تاماق بولسىمۇ ، يەپ قايتىڭ ! » دېيەلىدى . يىگىتنىڭ رەت قىلىشقا ئاساسى يوق ئىدى . تاماق تارتىلغاندا ، يىگىت ئۈستەلدىكى ھەممىسىنىڭ ئۆزى ياقتۇرۇپ يەيدىغان قورۇمىلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ھەيران قالدى . بىراق ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قىزنىڭ بىر خىل يوسۇندا يولدىشى ھەم ئوغلىنىڭ چىنىسىگە قورۇمىلارنى قىسىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىنلا ، ئۆزىنىڭ ئارتۇق ئويلاپ كەتكىنىنى ھېس قىلدى ھەم گۇمانلىرىدىن خالاس بولدى . قايتىدىغان چېغىدا ، يىگىت يانچۇقىدىن بىر تەكلىپنامىنى چىقىرىپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ : « ھەممىڭلارنىڭ ۋاقتى كەلگەندە تولۇق قاتنىشىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن ! » دېدى . قىز يىگىتنى يەنە بىر تارماق شىركەت قۇرغان چېغى دەپ ، تەكلىپنامىنى ئالدى - دە ، كىرىسلوغا تاشلاپ قويدى . يىگىتنى ئۇزىتىپ كىرىپ ، ئاشخانا ئۆيدە چىنە - قاچىلارنى بېسىقتۇرىۋاتقىنىدا ، تۇيۇقسىز يولدىشىنىڭ يۇقىرى ئاۋازدا : « < ئادەم دېگەن پۇل تاپسىلا نوچىلىشىپ كېتىدۇ > دېگەن سۆز توغرىكەن جۇمۇ ؟ قارا ، بۇ كونا ساۋاقدىشىڭغا ! شۇنچە تېزلا يەنە خوتۇن ئالماقچى بوپتۇ » دېگىنىنى ئاڭلاپ قالدى . بۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ قولى تىترەپ كەتكەچكە ، بىر چىنىنىڭ پۇچىلىنىپ كەتكەن يېرى قولىغا تېگىپ كەتتى . بىردىنلا ئۇنىڭ قولىدىن قان بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى ، قان بىر تېمىم - بىر تېمىمدىن سۇغا تامچىدى . ئۇ كۆز ئالدىدىكى بارغانسېرى قىزىرىشقا باشلىغان سۇغا قاراپ ، تۇيۇقسىز 15 يىل بۇرۇنقى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتكەن ھېلىقى كېلىنچەكنىڭ توي كۆڭلىكىنى ئېسىگە ئالدى . ئۇنىڭ كۆڭلىكىمۇ دەل مۇشۇ رەڭدە ئىدى ...

    قىز 55 ياشقا كىرگەن يىلى ، بىر كۈنى تۇيۇقسىز ئۆيىدە ھۇشىدىن كېتىپ ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىندى . بىر قۇر تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ، دوختۇر ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا ، ئۇنىڭ يولدىشىنى چاقىرىپ ئايرىم سۆزلەشمەكچى بولدى . ئۇ قانداقلا بولمىسۇن ، بىر ئەقىللىق ئايال بولغاچقا ، دوختۇرنى توسىۋالدى . ئۇ ئەستايىدىللىق بىلەن دوختۇردىن : « دوختۇر ، مەن يەنە قانچە ئۇزۇن ياشىيالايمەن ؟ » دەپ سورىدى . « ئۈچ ئاي » ... ئۇ تىياتىرلاردا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدىغان ، ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بۇ سۆزنىڭ ئۆز ھاياتىدا رىئاللىققا ئايلانغانلىقىنى ئاڭلاپ ، « ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر تىياتىر» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغانلىقىنى ھېس قىلدى . ئۇ جاھىللىق قىلىپ ياتاقتا يېتىشقا ئۇنىماي ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى . قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى .تەڭدىن تولا يېشىنى تۈگەتكەن ئادەمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىدىغان ، تاپىلايدىغان ئىشلىرىمۇ جىق بولاتتى . بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان دوست - بۇرادەر ، ئۇرۇق - تۇققانلار بەس - بەستە كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم يۈز كۆرۈشۈپ ، رازىلىقىنى ئېلىپ قايتىشتى . يىگىت بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاخىرقىسى ئىدى ... قىز ئاللىقاچان ئەس - ھۇشىنى يوقاتقان ھالدا ، كارىۋاتتا ياتاتتى . ئۇ يىگىتنىڭ قولىدىكى يۇلتۇزنى كۆردى - دە ، ئۆچۈپ قالاي دېگەن شامنىڭ ئاخىرقى يورۇقىدەك ، خۇنۈك كۆزلىرىنى يوغان ئېچىپ ، ئېسىگە كەلدى ھەم سەل - پەل سەگەكلەشتى . « بۇنى ماڭا بەرمەكچىمۇ ؟ » ئۇ يىگىتنىڭ قولىدىكى يۇلتۇزنى ئىشارەت قىلدى ، ئۇنىڭ مەڭزىگە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم تەبەسسۇم يۈگۈردى . يىگىت دەرھال جاۋاپ قايتۇردى : « ھە ... توغرا ، بۇنى مەن سىزگە ئېلىپ كەلگەن » ئۇ ئامالسىزلىقتىن شۇنداق دېگەنىدى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ يۇلتۇزنى بايا ئۇ ئايرىدورومدىن چىقىۋاتقاندا ئۇچرىغان ، قىزىل كىرىست ئۈچۈن ئىئانە توپلاۋاتقان قىزچاق بەرگەنىدى . ئۇ ۋاقىتتا ، يىگىت دوختۇرخانىغا ئالدىراۋاتقاچقا ، قىزچاقنىڭ نېمە بەرگەنلىكىگىمۇ دىققەت قىلماي ، ئالغان پېتى ماشىنىغا چىقىپ دوختۇرخانىغا يېتىپ كەلگەنىدى . يول بويى ئۇنى سىقىمداپ ئولتۇرۇپ ، دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىكىنىمۇ ئۇقمىدى . قىز يۇلتۇزنى ئۇنىڭ قولىدىن ئېلىپ ، چىڭ سىقىمدىغىنىچە مەيدىسىگە تېڭىپ خېلى ئۇزۇنغىچە ئۈندىمىدى . ئاخىرى ، ئۇ يېنىدىكى تومپۇچكىنى ئىشارەت قىلدى . ئۇنىڭ ئۈستىدىمۇ بىر يۇلتۇز تۇراتتى . بۇنى ئۇ ئاخشام بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا ئاران قاتلاپ چىققانىدى . قىز بوش ئاۋازدا يىگىتكە پىچىرلىدى : « بۇرۇن ئۆزۈم تۇرغان ئۆيۈمدە يەنە 39 بوتۇلكا يۇلتۇز بار . مەن كۆز يۇمغاندا ، ئۇلارنىمۇ ئېلىپ كېلىپ مەن بىلەن بىللە قويۇپ قويسىڭىز ، بولامدۇ ؟ » يىگىت جاۋاپ قايتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا ، قىز مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتتى . ئۇنىڭ كۆز يۇمغان ھالىتى شۇنچىلىك خاتىرجەم ئىدى ...

    قىزنىڭ دەپنە كۈنى ، يىگىت ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە 39 بوتۇلكا يۇلتۇزنى ئۇنىڭ ئۈستىگە چېچىپ بىللە دەپنە قىلدى . دىققەتسىزلىكتىن ئىككى تال يۇلتۇز سىرتىغا چېچىلىپ كەتكەن بولۇپ ، ھېچكىم دىققەت قىلمىغانىدى . يىگىت قايتار ۋاقتىدا ، تۇيۇقسىز يەردىكى ئىككى تال يۇلتۇزنى كۆرۈپ قالدى ھەم ئۇنى تېرىۋېلىپ : « بوپتۇ ، بۇنى ئېلىپ كېتىپ يادىكار قىلاي ! » دەپ ئويلىدى .

    يىگىت 70 ياشقا كىردى . بىر كۈنى ، ئۇ ياشانغانلار ئەينىكىنى تاقاپ ، گۈللۈكتە كىتاپ ئوقۇپ ئولتۇراتتى . تۆت ياشلىق كىچىك نەۋرىسى تۇيۇقسىز قىن - قىنىغا پاتمىغان ھالدا ، ئىككى پارچە قەغەزنى كۆتۈرۈپ كېلىپ : « بوۋا ، بوۋا .... ماڭا خەت ئوقۇشنى ئۆگۈتۈپ قويە ! » دېدى . بوۋاي كۆز ئەينىكىنى كۆتۈرۈپ قويۇپ ، بىرىنچى پارچە قەغەزدىكى خەتلەرنى ئوقۇدى : « بۈگۈن كيىۋالغان كۆك پۇتبول كىيىمىڭىز بەك چىرايلىقكەن ! يەنە تېخى 6 - نومۇر ، بۇ نومۇرنى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن ! ھاھا .... » ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ قويدى ھەم نەۋرىسىدىن : « بۇ ئىككى پارچە قەغەزنى نەدىن تاپتىڭ ؟ » دەپ سورىدى . « بۇ قەغەز ئەمەس ، بوۋا ! بۇ سېنىڭ ئۈستىلىڭدىكى ھېلىقى ئىككى تال يۇلتۇز شۇ . مەن ئىچىنى ئېچىپ باققانتىم ، ئىچىدە خەت باركەن ! » بۇنى ئاڭلاپ ئۇ داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدى ھەم دەرھال ئىككىنچى پارچە قەغەزدىكى خەتلەرگە كۆز يۈگۈرتىشكە باشلىدى : « بۇ دۇنيادا سەن ئۈچۈن ، بىر ئۆمۈر بارلىقىڭ بىلەن سۆيىدىغان ئادىمىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر بەخت ! »

    « بۇ دۇنيادا سەن ئۈچۈن ، بىر ئۆمۈر بارلىقىڭ بىلەن سۆيىدىغان ئادىمىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر بەخت ! » 

    ئۇ توختىماي يادلايتتى ، ياش تامچىلىرى بولسا ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ ئاقماقتا ئىدى ....

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • مۇھەببەتنى ھېس قىلغان چېغىمىزدا ئۇ ئوزاپ كەتكەن بولىدىكەن!رەھمەت،ياخشى ھېكايىكەن!ئۆچۈرۈش2011-8-17 16:24[5 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY