باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-20 04:20 | ئاپتور: قارانچۇق تەرجىمىسى | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

كۈلرەڭ ئەتىرگۈل

    يىگىت مۇھەببىتىدىن ئايرىلىپ قالدى ، قىز باشقا بىرسىنى تاللىدى . ئۇ تولىمۇ پەرىشان بولۇپ كەتتى ، كۈندە دېگۈدەك ھاراق - تاماكىغا بېرىلىپ ، قىممەتلىك ھاياتىنى زايا قىلدى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن بۇ دۇنيانىڭ ھېچقانداق مەنىسى قالمىغان بولۇپ ، ھاياتلىق ئۆزىنى داۋاملاشتۇرۇش سەۋەبىنى يوقاتقان ئىدى . ئازاپتىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى تاپقىلى بولمايتتى .
    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ، خۇدا ئوتتۇرىغا چۈشتى ، ھېسداشلىق قىلغىنى ياكى ئىچ ئاغىرىتقىنى ئۈچۈن شۇنداق قىلغىنىنى بىلگىلى بولمايتتى . «سېنىڭ نېمە تەلىپىڭ بار ؟ » دەپ سورىدى خۇدا .
    « مېنى مۇھەببەت بولمىغان دۇنياغا ئاپىرىۋەت ، بۇنىڭ بەدىلىگە مەن بىر ئۆمرۈمنى بىر ئايغا تىگىشىشكە رازى . بۇ دۇنيادا مېنىڭ يەنە ياشىشىمنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى قالمىدى . » يىگىت چۈشكۈن ھالدا جاۋاپ بەردى .
    « بولىدۇ . » دېدى خۇدا ئويلانغان ھالدا : « ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىر دۇنيا بار ، مەن ساڭا پۇرسەت بەرسەم بولىدۇ .»
    « نېمە پۇرسەت ؟ »
    « ئەگەر بۇ بىر ئاي ئىچىدە سەن قايتىپ كىلىشنى خالىساڭ ، پەقەت بىر قىزنى ئۆزۈڭگە <مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن > دېگۈزەلىسەڭلا ، سەن بۇ يەرگە قايتىپ كېلەلەيسەن »
    « مەن قايتىپ كىلىشنى ئويلىمايمەن . » دىدى يىگىت . ئۇ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كۆزنى يۇمۇپ ، ئەشۇ يېڭى دۇنيانى قارشى ئالدى ، ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئۇ ئەمدى ئازابلانمايدىغان ، ھەم يەنە مۇھەببەت مەۋجۈت بولمىغان گۈزەل دۇنيا ئىدى .
    بۇ دۇنيا كۈلرەڭ ئىكەن . بۇ يىگىتنىڭ تۇنجى ئىنكاسى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا رەڭسىز مەنزىرە ئەكىس ئەتتى ، لېكىن بۇ دەل يىگىت ئارزۇ قىلغاندىكىدەك دۇنيادۇر . ئەمدى ئازاپ بولمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن يىگىت شۇنداق قىلىپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدى ، ھەم ئاستا - ئاستا تىنىچلاندى ، تىنىچ ھالدا ئۆلۈمنى كۈتتى .
    بىر كۈنى تىنىچلىق بۇزۇلدى ، ئۇ بىر قىزنى كۆرۈپ قالدى ، بۇ قىزنى چىراي تۇرقى ئۇ ئىلگىرى جېنىدىن ئەزىز كۆرۈپ ياخشى كۆرگەن قىزغا بەكمۇ ئوخشايتتى ، ھەتتا ئاۋازىمۇ ، مېجەز - خۇلىقلىرىدىن تارتىپ خۇددى بىر ئادەمدەكلا ، ئۇ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى . ئۇ ئۆزىنىڭ قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى ، مەيلى ئۆز جىسمىنىڭ قەيەردە بولۇشىدىن ، ئىلگىرىكى دۇنيا ياكى ھازىرقى كۈلرەڭ دۇنياسى بولسۇن ئوخشاشلا شۇنداق ، ئۇ قىزنى مەڭگۈ ياخشى كۆرىدۇ، ھەرگىزمۇ ئۇنتىيالمايدۇ. ئۇ خۇدانىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن پۇرسىتىنى ئېسىگە ئالدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىگە شۇنداق دىدى : «بەرىبىر ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىمنى ئۇنتۇپ كېتەلمەيدىكەنمەن ، شۇنداق بولغان ئىكەن ۋاز كەچمەي ، ئۇ بۇرۇنقى دۇنيادا مېنى بىر قىتىم تاشلىۋەتتى ، مەن ئەمدى بۇ دۇنيادا ئۇنى قوغلىشىپ ، ئاندى ئۇنى ئېلىپ كېتەي ، بىز بىرلىكتە قايتىپ كىتەيلى . »
    شۇنىڭدىن تارتىپ يىگىت كۈندە دېگۈدەك قىزنى ئىزدەپ باردى ، كۈندۈزى قىزنىڭ گۈل دۇكىنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا بىر دەستە كۈلرەڭ ئەتىرگۈل سوۋغا قىلدى ، كەچلىرى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ دېرىزىسى ئاستىغا كىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئۇنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ھەركۈنى شۇنداق داۋاملاشتى . لېكىن قىز ئىزچىل قوشۇلماي كەلدى ، بىر ئېغىز كەسكىن رەت قىلىشتىن باشقا ، ئىككىلىنىپ ئويلىنىپ قېلىشمۇ بولمىدى . يىگىت چۈشىنەلمىدى ، ئۇ ئۆزىنى ئۇنىڭغا ماس كەلمىگۈدەك ناچار ئەمەس دەپ ئويلايدۇ ، يەنە كېلىپ قىزنىڭ ئوغۇل دوستى يوق ، نىمىشقا ئۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ ؟ ھەتتا ئويلىشىپمۇ باقمايدۇ ؟ ئەجىبا قىزنىڭ بىرەر مەخپىي سىرى بارمۇ يە ؟
شۇنىڭ يىگىت ئاخىرى چىدىيالماي قىزدىن : « سىز نىمىشقا ماڭا بىر قېتىم بولسىمۇ پۇرسەت بەرمەيسىز ؟» دەپ سوراپتۇ .
    «چۈنكى ، بۇ يەردىكى ئەتىرگۈلنىڭ قىزىل رەڭلىكى يوق » قىز ھىسسىياتسىزلا جاۋاپ بەردى ، ئۇ چاقچاق قىلغاندەكمۇ ئەمەس ئىدى .
    يىگىت تېخىمۇ چۈشىنەلمىدى ، كۈلرەڭ دۇنيادا پەقەت كۈلرەڭلا بار ، نەدىمۇ قىزىل رەڭ بولسۇن ؟ بىراق ، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈش بىلەن ئەتىرگۈلنىڭ رەڭگىنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بولسۇن ؟ ئەگەر مۇھەببەتنىڭ قىممىتىنى ئەتىرگۈلنىڭ رەڭگى بىلەن ئۆلچىگىلى بولىدىغان ئىش بولسا ، ئۇنداقتا ، ئۇ تەنھا ئازابلانمىغان ، پۈتۈن ئۆمرىنى بىر ئاي ۋاقىتقا تېگىشىۋەتمىگەن بولاتتى . ئۇنىڭ پەقەت بىلىدىغىنى ، تونۇشقاندىن تارتىپ ، قىز ئۇنىڭغا قاراپ بىر قېتىممۇ كۈلۈپ باقمىدى ، دائىملا مۇز چىراي يۈردى ، بۇ ھالەتتە «سىزنى ياخشى كۆرىمەن » دەپ ئېغىز ئېچىشىدىن قانداقمۇ ئۈمىد كۈتكىلى بولسۇن ؟ ئۇ بارغانسىرى ئەسلىدىنلا مۇھەببەت بولمىغان بۇ دۇنيانىڭ پاتقىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر پاتتى ، ئۇ ئەمدى قۇتۇلالمايدۇ ،نىمىشقا ؟ بۇ يەردە ئازاپ يوق ئىدىغۇ ؟ نىمىشقا يۈرىكىنىڭ بۇنچە ئاغىرىغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ ؟ ئەجىبا ئۇ خۇدا تەرىپىدىن ئالداندىمۇ ؟ پۈتۈن ھاياتىنى بىر ئايلىق ئازابقا تىگىشىش زادى نېمە ئۈچۈن ؟ 
    يىگىت ساراڭلارچە كۈلگەن ھالدا گۈل دۇكىنىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ كېتىپ قىزنى يالغۇز قالدۇرۇپ قويۇپ ، قايتا ئارقىغا قارىمىدى ، دەل مۇشۇ سەۋەبتىن ، قىزنىڭ چىرايىدىكى ئامالسىزلىق ، ئازاپ ، يىگىتنى تۇتىۋىلىشقا ئۇرۇنۇش ئارىلاشقان ئىپادىنى كۆرەلمىدى ، قىز بۇلارنىڭ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ .
    بۇ كۈن ، بىر ئاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى ، يىگىت كارىۋات ئۈستىدە يېتىپ ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى كۈتتى . ئەشۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ قىزنى ئىككىنجىلەپ ئىزلەپ بارمىدى ، ئۇنتۇپ كېتەي دېسىمۇ ، ئۇنتۇپ كېتەلمىدى . قەلبىدە قىزنىڭ سىماسى گەۋدىلىنەتتى . ئامالسىزلىق ، ئازاپ ، بەلكى ، بۇ پەقەتلا ئۇ قىزغا بولغان مۇھەببەتتۇ . لېكىن بۇلار ئەمدى مۇھىم ئەمەس، سەكراتتا ياتقان ئادەمگە نىسبەتەن بارلىق ئىشلار ئۇنچە مۇھىم ئەمەس .
    ئۆينىڭ ئىشىكى دەل مۇشۇ ۋاقىتتا ئېچىلدى . كىرگەن كىشى دەل ھېلىقى قىز ئىدى ، قىزنىڭ قولىدا بىر سېۋەت قۇرۇپ قالغان كۈلرەڭ ئەتىرگۈل تۇراتتى . ئۇ بۇگۈللەرنىڭ ئۆزى سوۋغا قىلغان ھېلىقى ئەتىرگۈللەر ئىكەنلىكىنى بىلدى . يىگىت ئەجەپلەنگەن ھالدا ئارانلا : « نىمىشقا ؟ نىمىشقا كەلدىڭىز ؟»دىيەلىدى . قىزنىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ ، قەلبىنى يەنىلا تەسىرلىك تۇيغۇ ئەسىر ئالدى .
    «ئەخمەق » قىز تۇنجى قېتىم سىلىق تەلەپپۇز بىلەن گەپ قىلدى : «سىزنىڭ ۋاقتىڭىز پەقەتلە بىر ئاي ، ئەگەر بۈگۈن كەلمىسەم ، سىزنى مەڭگۈ قايتا كۆرەلمەيمەندە »
    «سىز كېتىڭ . مەن ھېچقانداق كىشىنىڭ تەسەللىيسىگە مۇھتاج ئەمەس» يىگىتنىڭ كۆز يېشى ئۇنىڭ ئازابىنى ئىپادىلەپ تۇراتتى ، ئەجىبا ئاخىرىغا بېرىپ ، ئۇ يەنىلا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىگە ئېرىشەلمىدى : «مەن يولۇمنى ئۆزۈم تاللىغان .»
    « ئۇنداقتا ، سىز پۇشايمان قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىزگە پۇشايمان قىلدىڭىزمۇ ؟» دەپ سورىدى قىز . 
    « پۇشايمان . بۇ يەرگە كېلىشنى تاللىشىم ئەسلىدىنلا خاتا ، مەن يەنىلا سىزنى ياخشى كۆرمەي يۈرەلمىدىم ، سىزنى ئۇنتۇپ كېتەلمىدىم ، ئازابلانماي يۈرەلمىدىم ، ھەم سىزنى مېنى ياخشى كۆرگۈزەلمىدىم » يىگىتنىڭ ئاۋازىغا بىر خىل يىغا ئوۋلاشقان ئىدى ، لېكىن ھېچكىممۇ ھىس قىلالمايتتى ، پەقەت قىزدىن باشقا .
    « سىز تېخى چۈشەنمىدىڭىزمۇ ؟ ناھايىتى بۇرۇنلا ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان » قىز كۈلدى ، بۇ كۈلكىدە بىر خىل ئاددىيلىق ھەم بىر خىل ئازادىلىك بار ئىدى .
    يىگىت ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھالدا قارىدى ، بىر ھازادىن كىيىن تۇيۇقسىزلا ئاچچىقلاپ ۋارقىرىدى : «مەن ئىچ ئاغرىتىشقا مۇھتاج ئەمەس دەپ بۇرۇنلا ئېيىتقان ، سەن بۇ يالغان گەپ بىلەن مېنى ئالدىمىساڭمۇ بولىدۇ »
    «مەن سىزنى ئالدىغىنىم يوققۇ » دىدى قىز «تۇنجى باشلىنىشتىن تارتىپلا ، مەن سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ، سىز تۈنجى كۈلرەڭ ئەتىرگۈلنى ئالغاندىن تارتىپلا .»
    «مۇنكىن ئەمەس .» يىگىت بېشىنى چايقىدى : «ئۇنداق بولىدىغان بولسا سەن نىمىشقا بالدۇر ئېيىتماي ، چوقۇم بۈگۈن ئېيتىسەن ؟ »
    «چۈنكى ... » قىز مىيقىدا كۈلدى : « مەن سىز بىلەن كۆپرەك بىللە بولاي دىگەن ، ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن ئۇزاقراق بىللە بولۇش ئۈچۈن ، سىلەرنىڭ دۇنيايىڭلاردا ، مېنىڭچە خاتا ئەمەستۇر ؟»
    يىگىت يەنىلا بېشىنى چايقىدى ، ئۇ چۈشەنمىدى ، بىللە بولۇشنى ئېتىش ئېيىتماسلىقنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن ؟ 
    «سىز ئىلگىرىكى تىلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ ؟ سىزگە لازىمى مۇھەببەت بولمىغان بىر دۇنيا .» قىز توختاپ قالدى ، ئاندى ئۇ ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل كۈلكىسىنى كۆرسەتتى، ئۇ يىگىتنىڭ بۇ كۈلكىگە ئىزچىل ئىنتىزار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ، بۇ قىزنىڭ يىگىتكە سوۋغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى سوۋغىتى ئىدى : « لېكىن بۇ كۈلرەڭ دۇنيادا ، خۇدا بىلەن توختاملىشىۋالغاندىن باشقا ھەرقانداق ئادەم ، يەنى ماڭا ئوخشاش ئادەمنىڭ ، بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ ، ئۇنىڭغا ئۇ ئۈچ سۆزلۈك بىر جۈملە گەپنىڭ مەنىسىنى ئېيىتسا ، ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بېرىدۇ . »
    يىگىت نېمە قىلارىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدى، تېخى ئويلىنىشقا ئۈلگۈرمەي تۇرۇپلا ، قىز ئاستا ھالدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى : « مەن سىزنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىڭىزنى خالىمايمەن ، شۇڭا ، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، پەقەت بۇ ئۆمرۈمدە ، پەقەت مۇشۇ يەردە .» يىگىت تېزلىكتە قولىنى قىزغا سۇنۇپ ئۇنى تۇتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ، لېكىن يىنىك بىر شامالدىن كىيىن ئۇنىڭ قولىدا قالغىنى بىر سىقىم كۈلرەڭ قۇملا بولدى خالاس . كۈلرەڭ ئەتتىرگۈل بەرگىللىرى ئاستا - ئاستا لەپىلدەپ ئۇنىڭ قولىغا چۈشتى ، كۈلرەڭ قۇم ئۈستىگىمۇ چۈشتى ... ...
    چىڭ سىقىمداش . يىگىت ئاخىرى ئۆزىنىڭ قانچىلىك چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگىنىنى بىلدى . ئۇ ئۆزىنىڭ بېغىشىنى پىچاق بىلەن كەستى، پەقەت قېنى ئارقىلىق ئۇ كۈلرەڭ ئەتتىرگۈلنى قىزىل رەڭدە بويىماقچى بولدى، لېكىن كۆردىكى ، ئۆزىنىڭ قېنىمۇ كۈلرەڭگە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى ، كۈلرەڭ قان ئاستا - ئاستا كۈلرەڭ قۇمغا سىڭىپ كىرىپ كېتىۋاتاتتى .
    «سەن ئىلگىرىكى قارارىڭدىن پۇشايمان قىلدىڭمۇ ؟ » خۇدا دائىملا كېچىكىپ كىلىدۇ .
    يىگىت بېشىنى ئاستا كۆتۈرۈپ ، باشتا بېشىنى لىڭشىتتى كەينىدىن يەنە بېشىنى چايقىغان ھالدا :«ئەسلىدە ، ئەڭ ئېسىل دۇنيا يەنىلا ئەسلىدىكىسى ئىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ يەر قانچىلىك ئازابقا تولغان بولمىسۇن ، ئۇ يەردە يەنىلا ئۈمىد بار ئىكەن » دىدى . ئۇ كۈلرەڭ گۈل بەرگىگە قاراپ كۈلدى ، بۇ ئۇنىڭ مۇھەببىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى كۈلكىسى .
    «شۇنداقمۇ ؟ ئۇ سېنى ياخشى كۆرىمەن دەپ بولدى ، سەن ئەمدى قايتساڭ بولىدۇ » خۇدا كۈلگەن ھالدا ئۇنىڭ قايتىشىنى تەستىقلىدى . 
    «ئەمدى لازىمى قالمىدى . چۈنكى ، مەن بۇ يەرگە كەلگىنىمدىن ، دەسلەپكى تاللىشىمدىن ئازراقمۇ پۇشايمان قىلمىدىم ، ئەگەر ماڭا يەنە بىر تاللاش پۇرسىتى بېرىلسە مەن يەنىلا مۇشۇ يەرنى قايتا تاللىغان بولاتتىم .» دىدى ئۇ قولىدىكى قۇم دانچىللىرى ۋە گۈل بەرگىلىرىگە قاراپ « مىنىڭ يۈرىگىم تاشلاندۇق بولۇپ قالدى ، ئەمدى قايتىپ كىتەلمەيدۇ .»
    يىگىت ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ، خۇدادىن «ماڭا بىر دەستە قىزىل ئەتىرگۈل بېرەلەمسەن ؟» دەپ سورىدى .
    « سەن ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ ؟ كۈلرەڭ دۇنيادا قىزىل رەڭ مەۋجۈت بولمايدۇ .»
    «شۇنداقمۇ ؟ قارىغاندا مېنىڭ تەلىپىم ھەقىقەتەن جىق ئىكەن » يىگىت تام سائىتىگە تىكىلگەن ھالدا قاراپ ، قولىدىكى قۇم دانچىلىرى ۋە گۈل بەرگىلىرىنى تېخىمۇ چىڭ سىقتى .
    سائەت 12 نى داڭ ئۇردى ، ھەممە قايتا مەۋجۈت بولمىدى ، پەقەت شامالغا ئەگىشىپ ئۇچۇپ قالغان قۇملارلا قالدى . يىراقتىن بىر ۋاراق ئەسكى قەغەز ئۇچۇپ كەلدى ، بۇ شۇ كۈنلۈك گېزىت ئىدى . ھېچكىممۇ ئۇ يەردە نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيدۇ . پەقەت قايسى بىر ۋاقىتتا ، تامنىڭ بۇلۇڭىدىكى قۇم دۆۋىسى ئۈستىدە ، بىر تال قىزىل ئەتتىرگۈل ئۈندى ، شۇنداق ئوتقاشتەك قىزىل ، خۇددى قان رەڭگىگە ئوخشاش ...

( قارانچۇق تەرجىمىسى )

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY