باش بەت / ساقلايمەن

خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (2)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-16 08:57 | ئاپتور: مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر | مەنبە: ئىجاىديىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    پەزىلەت ئۆيلەرنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەيلا قىزى يۇلتۇزنى باغرىغا بېسىپ ياتاتتى، قىزى ئاللىقاچان ئۇخلاپ قالغان، پەزىلەتنىڭ ياش يۇقى كۆزلىرى بولسا نامەلۇم بىر نۇقتىغا تىكىلگەن ئىدى. ئۇ كامىلنىڭ قايتىپ كەلگىنىنى كۆرۈپمۇ نەزىرىنى ئۇنىڭغا ئاغدۇرمىدى، ئىلگىرىكىدەك «ھاردىڭىزمۇ، ئاچتىڭىزمۇ» دەپ سورىماستىن مىدىر-سىدىر قىلماي يېتىۋەردى. كامىل ئۇنىڭغا قاراشقا، گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى. ئۇ ئەزەلدىن ئايالىنىڭ بۇنداق ھالىتىنى كۆرۈپ باقمىغاچقا، قانداقتۇر بىر ئەندىشە ئۇنىڭ يۈرىكىنى قاپسىۋالغاندەك بولدى. ئۇ يول بويى ئايالىدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سوراشنى ئويلىغان ئىدى، ئەمما ئالدىغا كەلگەندە بولسا ئايالىنىڭ ھېسياتسىز مۇئامىلىسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ۋە ياكى ئۆزىنىڭ بوينى قاتتىقلىغى سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر چىش يېرىپ بىر ېمە دىمەيلا ئورنىغا كىرىپ يېتىپ قالدى. ئۇ « پەزىلەت ئەقىلسىز ئايال ئەمەس، ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىساممۇ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەمىلىيىتىمگە قاراپ ھەممىنى چۈشىنىۋالالايدۇ، مەن ئەمدى ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى پۈتكۈل ھاياتىمنى، بارلىغىمنى، ھەممە... ھەممىنى ئايالىم ۋە قىزىم ئۈچۈن بېغىشلاپ، ئىلگىرى قىلغانلىرىمنىڭ ئورنىنى تولۇقلاپ، ئۇلارنى بەختلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن. سىرتتىكى ئوي-دوڭغۇل كوچىلارغا ئەمدى ھەرگىز ئاياق باسمايمەن. شۇغىنىسى ئۆيدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن. مەيلى، بۇمۇ مەن ئۈچۈن بىر سىناق، ئىلگىرى ئۆزەم ئۆيدە بولغان بىلەن كۆڭلۈم سىرتتا ئىدى، مانا ئەمدى ئۆزەم سىرتتا بولغان بىلەن كۆڭلۈم ئۆيگە مەڭگۈلۈك قايتىپ كىردى...» دىگەنلەرنى ئويلاپ، ئۆزىنى روھى جەھەتتىن خېلىلا يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدى، ئۆتكەن ئىشلارنى زورۇقۇپ خىيال قىلىۋىدى، ئۇنىڭ سىرتتا ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرى خۇددى رەڭگى ئۆڭۈپ ھېچنىمىسىنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان ناچار سىزىلغان ماي بوياق رەسىمدەك تولىمۇ تۇتۇق، خىرە، ئۈزۈك-ئۈزۈك سىزىقلاردىن باشقا ھېچنىمىنى ئىلغا قىلالمىدى، ئۇ قىزى بىلەن ئايالىنىڭ تىنىقلىرىغا قۇلاق سالغان ھالدا ئاستا-ئاستا ئۇيقىغا كەتتى...
    « بىز ئاياللار سىرتتا قانچىلىك يۈز تېپىپ، قانچىلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كېتەيلى، ئائىلىمىزدىن كۆڭلىمىز سۇ ئىچمىسە ئۆزىمىزنى زادىلا بەختلىك ھىس قىلالمايدىكەنمىز. بىز ئاياللار خۇددى تېرمومېتىرغا ئوخشايدىكەنمىز، ئەرلىرىمىز ھاۋاغا ئوخشايدىكەن، ھاۋا ئىللىسا ياكى سوۋۇسا تېرمومېتىرنىڭ كۆرسەتكۈچى ئۆزلىگىدىن ئۆرلەپ ياكى تۆۋەنلەپ كەتكىنىگە ئوخشاش، بىزنىڭ شاتلىغىمىز ياكى قايغۇمىزمۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئەرلىرىمىزگە باغلىق بولۇپ قالىدىكەن. ئۇلار مۇشۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ بىلمەسكە سالىدىكەن، بىزنى خالىغانچە كولدۇرلىتىدىكەن، ئۆز دېپىغا خالىغانچە ئۇسۇل ئوينىتىدىكەن. بىزمۇ شۇنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە ئىختىيارسىز كولدۇرلايدىكەنمىز، ئىختىيارسىز ئۇسۇل ئوينايدىكەنمىز. " ئەر يەكلىگەننى ئەلمۇ يەكلەپتۇ" دىگەندەك ئاخىر بېرىپ ھەسرەت ئۇچىقىغا تۇترۇق بولىدىكەنمىز. بىز نىمە ۋەجىدىن ئۆز خۇشاللىغىمىزنىڭ ئاچقۇچىنى ئەرلىرىمىزنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغاندىمىز؟...» پەزىلەت ئويلىغانسېرى پىغانى ئۆرلەپ ئۆزىنى زادىلا بېسىۋالالماي قالدى. ئۇ مىجەز-خارەكتىر دىگەن تۇراقلىق نەرسە، ھېسيات ئۆزگەرسىمۇ خارەكتېر ئۆزگەرمەيدۇ دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە كامىل تولىمۇ ئاق كۆڭۈل، ۋاپادار ھەم مەسئۇلىيەتچان ئەر ئىدى، ھەر ۋاقىت پاكلىقنى، دىيانەتنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى، ئۆزىگىمۇ- ئۆزگىگىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتى، ئۇ كامىلنىڭ مۇشۇ مىجەزىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ دەپ ئىشىنەتتى، ئەمما ھېسىيات دىگەننىڭ ۋاقتقا، شارائىتقا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىغىنى، مىجەز خارەكتىر دىگەننىڭمۇ ھىسياتقا ئەگىشىپلا يولغا چىقىدىغانلىغىنى، شۇنچىۋالا مەسئۇلىيەتچان، غورۇرى كۈچلۈك بىر ئەرنىڭ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك دەرىجىدە تۇترۇقسىزلىشىپ چېكىدىن ئاشقان گۇمانخور، مۇستەبىت بىر ئەرگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. بىر جۈپ ئەر-ئايال تۇرمۇش قۇرغىچە بولغان يىگىرمە نەچچە يىل ۋاقىتنى باشقا - باشقا ئائىلە، باشقا - باشقا مۇھىت ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ئاندىن توي ئاتلىق بىر رەسمىيەت بىلەنلا بىرگە ياشاشقا باشلىغان ئىكەن ئەلۋەتتە بەزىدە بىر- بىرىنى چۈشەنمەيدىغان ئەھۋاللار ۋە چوڭ-كىچىك زىدىيەتلەرنىڭ بولۇپ تۇرۇشى دىگەن نورمال ئەھۋال. شاۋقۇنسىز ئاقىدىغان دەريا بولمىغىنىدەك، تىنىچ -خاتىرجەم ئۆتىدىغان كىشىلىك ھاياتمۇ بولمايدۇ، تىپتىنىچ تۇرمۇشمۇ كىشىگە ھېچقانداق يېڭىلىق تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ. پەزىلەت ئەر- ئايال ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا رەنجىشىپ قېلىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئانچە ۋايىم يەپ كەتمەيتتى، چۈنكى « ئەر- ئايالنىڭ جېدىلى بىر كېچىدىن ئاشماس» دىگەندەك، ئۇلار جىدەللىشىپ قالغاندىن كېيىن ئۆز- ئارا ئەھۋال چۈشەندۈرۈپ، ئەپۇ سورۇشۇپ قايتا ياراشقاندا بولسا كۆڭۈللەر خۇددى يامغۇردىن كېيىنكى ئاسماندەك سۈزۈلۈپ، سۆيگۈ ئېقىنى تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، مۇناسىۋەت قايتىدىن مۇستەھكەملىنەتتى. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەر- ئايال ئىككىسىنىڭ ئاشۇ ئازارلىشىشى ۋە قايتىدىن يارىشىشلىرىدا باشقىچە لەززەت، باشقىچە تەم، باشقىچە مۇھەببەت باردەك تۇيۇلاتتى. ئىلگىرى ھەقىقەتەن شۈنداق ئىدى، ئەمما يېقىندىن بۇياىقى ئازارلىشىشلار كۈندىن- كۈنگە كۆپىيىپ، كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىپ ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان ھاڭ بارغانسېرى كېڭىيىپ تولدۇرغىلى بولمايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى. پەزىلەت خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان بىر ماقالىسىدا « ئۈچ ھەپتە سىنىشىدۇ، ئۈچ ئاي مۇھەببەتلىشىدۇ، ئۈچ يىل سوقۇشىدۇ، ئوتتۇز يىل سەۋرى تاقەت بىلەن ئۆتىدۇ... شۇنىڭدىن كېيىن بۇ تارىخنى بالىلار تەكرارلايدۇ، مانا بۇ - نىكاھ » دىگەندەك مەزمۇنلارنىڭ بارلىغىنى ئېسىگە ئالدى. ئەھۋال ھەقىقەتەن شۇنداق بولىدىغان بولسا نىكاھ دىگەن بۇ نەرسىنىڭ ئارزۇلىغىدەك ھېچقانداق يېرى يوق بولۇپ چىقاتتى. ئەمما بۇنداق دېيىش بىلەنلا نىكاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى، مۇقەددەسلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايتتى. ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى ۋە كەلگۈسىنى ئوخشاشلا بىر تاياقتا ھەيدەشكە تېخىمۇ بولمايتتى. چۈنكى ئۇنىڭ كامىل بىلەن بىرگە ياشىغان ئىلگىرىكى كۈنلىرى ئۇنىڭغا بىر ئايال مۇھتاج بولغان ھەممە بەختنى، خۇشاللىق ۋە سۆيگۈنى ھەقدادىغا يەتكۈزۈپ بەخش ئەتكەن ئىدى، ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۆتكەن شىرىن كۈنلەرنى ئېسىدىن چىقىرالمايتتى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئاشىق بىقارار بولۇپ سۆيگۈ تىلىگەن كامىل ھېلىھەم شۇ ئىدى، « سىزگە بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ ۋەدىلەر بەرگەن ئىدى. ئەمما شۇ قىزغىن مۇھەببەت، ئوتلۇق ھىسيات، تاغدەك قەسەم-ۋەدىلەرنىڭ تامامەن ئۇنتۇلۇپ بۇنچىلىك تىز، بۇنچىلىك زور دەرىجىدە ئۆزگۈرۈپ كىتىشى پەزىلەتنى بەكمۇ ھەيران قالدۇردى. «ئۇ جانان چىنە بولسا مەن كوزا پۇچىقى ئەمەستە، مەنمۇ ئاتا-ئانامنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسىغۇ، مەن بۇ دۇنياغا خورلىنىش، دەپسەندە قىلىنىش ئۈچۈنلا كەلمىگەن بولغىيتتىم، مەن مۇشۇ كەمگىچە ھەممىگە چىداپ كەلگەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىن ۋاپا، ياخشىلىق كۈتۈشنىڭ ئۆزى ئۈششۈك ھەرىسىدىن ھەسەل تاما قىلغاندەك تولىمۇ مەنىسىز بىر ئىش ئىكەن ئەمەسمۇ. ئەتتىگەن چاندىر يېزىسىغا كەتتىم دىگەن ئادەم بۈگۈن ئاللىقاياقلاردا لاغايلاپ يېرىم كېچىدىن ئاشقاندا خۇددى ئوغرىدەكلا قايتىپ كېلىشلىرى نىمە ۋەجىدىن؟ شۇنچە يىللىق ئەر-ئايال تۇرۇپ تۇرغان-ماڭغان جايلىرىمىزنى ئۆز-ئارا بىلىشمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ-يەتكەن تۇرۇغلۇق يەنە نىمە ئۈچۈن بىللە ياشاۋېرىمىز؟ بۇ ئۆي ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر قونالغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەسكەن، ئۇنداقتا مەن زادى نىمە؟ ئۇنىڭ مېنى شۇنچە خورلىشىغا، دۇمبالىشىغا چوقۇم پۇت تىرەپ تۇرغىدەك بىر سەۋەب كېرەك، خاتا ئۇرۇلغان ئاشۇ بىر تېلفۇن ئۈچۈن شۇنچە ئۆكتەملىك قىلسا بولامدۇ، دېمىسىمۇ يېقىندىن بېرى بۇنداق خاتا ئۇرۇلغان تېلفۇنلار كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ، بەزىدە تېلفۇن جىرىڭلايدۇ، ئالسام گەپ يوق، ئامالسىز قويىۋېتىمەن. سەۋەبسىزلا قارىغا كەتسەممۇ بولماس، باشقىسىنى سۈرۈشتۈرەلمىسەممۇ تۈنۈگۈن كېچە «ئەلى» نى ئىزدەپ ئۇرۇلغان ئاشۇ خاتا تېلفۇننىڭ ئىگىسىنى تېپىپ ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاپ، ئۆزۈمنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئىسپاتلىشىم كېرەك...»
    ئەتىسى پەزىلەت ئۆيلەرنى بىر قۇر يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، قىزىنى ناشتا قىلدۇرۇپ مەكتەپكە يولغا سالاي دەپ تۇرىشىغا، ئەمدىلا تازىلىق ئۆيىدىن چىققان كامىل:
    - پەزىلەت، تۈنۈگۈن ئىدارىدىكى ئىش تۈگىمىگەن ئىدى، بۈگۈن ماڭىمەن. ئۆينىڭ جاپاسى يەنە ساڭا قالىدىغان بولدى، پۇرسەت بولسىلا قايتىپ كېلىمەن، ئارلىقتا تېلفۇندا كۆرۈشۈپ تۇرايلى،- دىدى ئاندىن قىزىغا بۇرۇلۇپ،- قىزىم، مىنى سۆيۈپ قويۇڭ،- دىدى. پەزىلەت ئېرىنىڭ بىر كېچىدىلا كۆرىنەرلىك ئۆزگەرگەن مۇئامىلىسىگە ھەيران بولۇپ قاراپلا قالدى. چوڭلارغا قارىغاندا بالىلار مۇھىتنىڭ ھەر خىل ئۆزگىرىشلىرىگە ئاسانراق ماسلاشسا كېرەك، يۇلتۇز غۇلىچىنى ئېچىپ، دادىسىنىڭ بوينىدىن مەھكەم قۇچاغلاپ چوكۇلدىتىپ بىر نەچچىنى سۆيىۋەتكەندىن كېين:
    - دادا، سىز بارىدىغان چاندىر يېزىسى چىرايلىقمۇ؟ ئۇ يەرگە مىنى قاچان ئاپىرىسىز؟ - دەپ سورىدى. 
    - ئەلۋەتتە چىرايلىق، دەم ئېلىش كۈنى مەن كېلەلمەي قالسام ئاپىڭىز بىلەن بىللە بېرىڭ، بولامدۇ قوزام؟
    - ماقۇل دادا.
    - قىزىم، ئەمدى ماڭمىساق كېچىكىپ قالىمىز،-دىدى پەزىلەت ئالدىرىغان ھالدا، قىزى دادىسىنى يەنە بىر نەچچىنى سۆيىۋەتكەندىن كېيىن:
    - دادا، خوش!- دېدى.
    -خوش قىزىم. پەزىلەت، خوش ئەمىسە، ئۆزەڭنى ئاسرا!،- ئىشىكنى ئېچىپ سىرتقا چىقىشقا تەمشىلىۋاتقان پەزىلەت ئېرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، بېشىنى شارتتىدە بۇراپ، ئۆزلىرىگە قىيالمىغاندەك قاراپ تۇرغان ئېرىىنىڭ چىرايىغا قارىدى، قانداق تېز قارىغان بولسا يەنە شۇنداق تېزلىك بىلەن نەزىرىنى يۆتكەپ دىلىغۇللۇق، گاڭگىراش، ھەيرانلىق ئىلكىدە ئاستا چىقىپ كەتتى. پەزىلەت قىزىنى مەكتەپكە ئاپىرىپ قويۇپ، ئۇدۇل خىزمەت ئورنىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىككى سائەت دەرسى بار ئىدى، دەرسلىك كىتاپ ۋە تاييارلىقلىرىنى كۆتىرىۋالغان پەزىلەت سىنىپ ئالدىغا كېلىپ بىر پەس توختاپ، چوڭقۇر نەپەس ئالدى، ئۇ شۇ ئارقىلىق بارلىق ئازاپ ۋە روھى بېسىملارنى ئۆزىدىن سەل يىراقلاشتۇرماقچىدەك قىلاتتى. ئۇ كۆكسىنى تولدۇرۇپ بىر نەچچە قېتىم چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋەتكەندىن كېيىن، ھەممىنى ئۇنۇتقان ھالدا سىنىپقا مېھرىبان ئۇستازلارغا خاس ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن كىرىپ كەلدى. ئۇ ئەما يازغۈچى خاررى.كەيلۇننىڭ جاپا-مۇشەقەتنى يېڭىپ ئىجتىھات بىلەن ئۆگۈنۈشتەك تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرى بايان قىلىنغان دەرسلىكنىڭ تىكىستىنى كىشىلىك دۇنيا، رىئال جەمئىيەت بىلەن چەمبەرچاس باغلىغان ھالدا ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ بولغاندىن كېين، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەشەككۈر، ھۆرمەت سالىمى ئىچىدە سىنىپتىن ئۇزىدى. بۈگۈن ئەمدى ئۇنىڭ دەرسى يوق ئىدى، ئۇ مۇدىردىن رۇخسەت سوراپ، پوچتىخانىدا ئىشلەيدىغان دوستى شەمسىيەنى ئىزدەپ كەلدى. ئۇ ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكنى قىسقىچە قىلىپ سۆزلىگەندىن كېيىن ھېلىقى تېلفۇن ئىگىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى.
    -بۇنداق قىلىشنىڭ كەسپى تۈزۈمىڭلارغا خىلاپ ئىكەنلىگىنى بىلىمەن. بىراق، ۋىجدان نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا سەن بىر دوستۇڭغا ياردەم قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئەمدىلا يەتتە ياشقا كىرگەن بىر سەبى قىزنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى قۇتقۇزۇپ قالغان بولىسەن. سەندىن ئۆتۈنەي دوستۇم، ياردەم قىل!
    - بۇ يەردە ئىشلەپ تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشقا ياردەم قىلالمىسام قانداقمۇ سېنىڭ دوستۇڭ بولاي. خاتىرجەم بول!
    شەمسىيە مۇشۇ ئايدا پەزىلەتنىڭ تېلفۇنىغا كەلگەن بارلىق نومۇرلارنى چىقىرىپ بەردى. پەزىلەت تۈنۈگۈن كېچە سائەت بىردىن 22 مىنۇت ئۆتكەندە كەلگەن نومۇرنى كۆرۈپ، بۇ نومۇرنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پۈتۈنلەي ناتونۇش ئىكەنلىگىنى ئېيتتى.
    - ھەي، بۇ - ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈم مۇدىرى ئىشخانىسىنىڭ نومۇرى ئىكەنغۇ،- دىدى شەمسىيە،- توختاپ تۇرە، مەن تۈنۈگۈن كېچە بۇ بۆلۈمدە قايسى دوختۇرنىڭ ئىشلىگەنلىگىنى بىر دەمدىلا ئېنىقلىيالايمەن،- شەمسىيە شۇنداق دىگەچ دوختۇرخانىدا ئىشلەيدىغان بىر تونۇشىغا تېلفۇن ئۇرۇپ سۈرۈشتۈردى،- ھە، ئەلى دوختۇر دىدىڭما؟ تۈنۈگۈن كېچە ئەلى دوختۇر ئىشلىگەنمىتى؟ ئۇ كېچىسى بۇ بۆلۈمدە يەنە باشقا ئەرلەرمۇ ئىشلىگەنمۇ؟ ئەلى دوختۇردىن باشقا ئەر يوقمۇ؟ ئايال سېستىرا ئىشلىگەنمۇ؟ ھە، بىلدىم. ئەشۇ ئەلى دوختۇر بىلەن كۆرىشىدىغان مۇھىم ئىشىم بار ئىدى، يانفون نومۇرىنى ئېيتىپ بېرەلەمسەن؟ ھە... ھە ، يېزىۋالدىم. رەھمەت ساڭا!
    پەزىلەت ھەيران قالدى. تېلفۇن ئۇرغان ھېلىقى ئەر دەل «ئەلى» نى ئىزدەيمەن دىگەن ئىدىغۇ، بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟
    - ئىزدەپ بېرىپ كۆرۈشەمسەن يا تېلفۇندا سۆزلىشەمسەن. نېمە قىلساڭ قىلىپ ئىشنى ۋاقتىدا ئېنىقلىۋەت،- دەپ يول كۆرسەتتى دوستى ئۇنىڭغا. پەزىلەت دەسلەپتە سەل ئىككىلەندى. ئەمما بۇ ئىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى ئويلىغان ئىكەن، ئۇ ھالدا نەتىجىسىنى چىقارماي تۇرۇپ بەل قويىۋەتمەسلىك نىيىتىگە كەلدى. پەزىلەت ئۆزىگە -ئۆزى غەيرەت بېرىپ ھېلىقى نومۇرنى باستى:
    - ۋەي!،-دىدى قارشى تەرەپ تېلفۇن ئۇلىنىشىغا.
    - ۋەي، ياخشىمۇ سىز؟،-دىدى پەزىلەت.
    - ياخشىمۇ سىز، سىز كىمۇ؟- دىدى قارشى تەرەپ. « شۇ، ھېلىقى كېچىسى تېلفۇن تۇرۇپكىسىدىن ئاڭلانغان ئاۋازنىڭ ئۆزى دەل شۇ!».
    - مەن...  مەن ئەلى دوختۇرنى ئىزدەيتتىم.
    - مەن شۇ، بىرەر ئىش بارمىدى؟
    پەزىلەت سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن:
    - بىز بىر يۈز كۆرۈشسەك بوپتىكەن، مىنىڭ ئىسمىم پەزىلەت. سىز بىلەن سۆزلىشىدىغان ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بار ئىدى،-دېدى.
    - زادى كۆرۈشمىسەك بولمايدىغان شۇنچىۋالا مۇھىم ئىشمىدى-ئۇ؟
    - شۇنداق!- دىدى پەزىلەت كېسىپلا.
    - ئەمىسە قاچان كۆرۈشىمىز؟ 
    - ھازىرلا كۆرۈشەيلى، مەن سىزنى پوچتىخانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى « مەرھابا» تېز تاماقخانىسىدا كۈتىمەن. تىزراق كېلەرسىز!
    - ماقۇل، ھازىرلا باراي.
    پەزىلەت تېلفۇننى قويۇپ دوستىغا:
    - بىللە بارايلى، بولامدۇ؟،-دىدى.
    - ئەڭ ياخشىسى يالغۇز بارغىن. قارا، چۈش بولاي دەپ قالدى، يۇلتۇزدىن ئەنسىرىمە. مەن ئىككى بالىنى ئۆزەم ئەكىلىپ تاماق يىگۈزۈپ يولغا سالاي. ئەگەر ماڭا ھاجىتىڭ چۈشىدىغان ئىش بولۇپ قالسا تېلفۇن قىلارسەن. خوش، ھېلى كۆرىشەيلى. بەزىدە ھەممە ئىشنى سىلىقلىق بىلەن ھەل قىلىمەن دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، زۆزۈر تېپىلغاندا قاتتىقراق بولارسەن.
    پەزىلەت كىرىپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا بوي، گەۋدىلىك بۇ يىگىتنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇ رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا سالام قىلدى. ناتونۇش « ئەلى» پەزىلەتنىڭ سالىمىنى ئىلىك ئالغاچ، ئۇدۇلدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرىۋېتىپ:
    - بىر قارىسام تونۇشتەك، يەنە بىر قارىسام ناتونۇشتەك كۆرىنىسىز. بىز ئىلگىرى كۆرۈشكەنمۇ؟- دەپ سورىدى. ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن كۆڭۈلسىزلىكلەر ئېسىگە كېلىپ پەزىلەتنىڭ غۇژژىدە ئاچچىغى كەلدى.
    - ئىلگىرى كۆرۈشمىگەن، ئەگەر كۆرۈشكەن بولساق سىزگە ئاللىبۇرۇن روھى كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا كۆرۈنۈپ بېقىش تەكلىۋىنى بەرگەن بولاتتىم.
    - بۇ...ب ۇ نىمە دىگىنىڭىز؟
    - نىمە دىگەنلىگىمنى ھازىرلا بىلىپ قالىسىز. سىز تۈنۈگۈن كېچە بىزنىڭ ئۆيگە تېلفۇن ئۇرۇپ « ئەلى»نى ئىزدەيدىغانلىغىڭىزنى ئېيتقان ئىدىڭىز، بۈگۈن سۈرۈشتۈرسەم ئەلى دىگەن سىز ئىكەنسىز. ئۆزىڭىزنى ئاللىقاياقلاردا يوقۇتۇپ قويۇپ ئېسىڭىزدە يوق بىزنىڭ ئۆيدىن ئىزدىگىنىڭىزگە قارىغاندا راستىنلا خاتىرىڭىزنى يوقاتقان ئوخشايسىز. ئاشۇ قاملاشمىغان ئىشىڭىز تۈپەيلىدىن بىزنىڭ ئائىلىدە ئورنىغا كەلتۈرۈش مۈمكىن بولمايدىغان چوڭ كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەردى، سىز شۇ بىمەنە ئىشىڭىزنىڭ سەۋەبىنى ماڭا چۈشەندۈرۈپ بېرەلەمسىز؟
    يىگىت كۆزلىرىنى چەكچەيتكىنىچە پەزىلەتنىڭ چىرايىغا بىر ھازا قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن:
    - سىز... سىز كامىلنىڭ ئايالى بولامسىز؟-دەپ سورىدى.
    - شۇنداق! سىز يولدىشىم كامىلنى قانداق تونۇيسىز؟
    - ئەمىلىيەتتە مەن سىزنى تونىمىغانغا ئوخشاش كامىلنىمۇ تونىمايمەن. ئەستا، نىمە دىسەم بولار؟ مەن بۇ ئىشلارنى سىزگە بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ كېتەلمەيمەن. ئەڭ ياخشىسى چاي ئىچكەچ پاراڭلىشايلى. قېنى، چاي ئىچىڭ! - يىگىت ئىككى پىيالىگە چاي قۇيۇپ بىرىنى پەزىلەتنىڭ ئالدىغا قويغاندىن كېين كۈتكۈچىنى چاقىردى. 
    - نىمە يىگۈڭىز بار؟ - دەپ سورىدى پەزىلەتكە قاراپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن.
    - ئاۋارە بولماڭ، مېنىڭ بىر نىمە يىگۈم يوق، سىرتتا كۆرۈشۈش بىئەپ بولغاچقىلا مۇشۇ يەرگە كىرىشكە مەجبۇر بولدۇم،- دىدى پەزىلەت سوغۇقلا.
    - ئۇنداقتا قانداق بولىدۇ؟ تىرىك ئادەملەر بولغاندىكىن ئاز-تولا بىر نىمە يىگەچ ئولتۇرايلى. بۇنىڭ پاراڭلىشىشىمىزغا ھېچقانداق دەخلىسى بولمايدۇ،- يىگىت شۇنداق دىگەچ تاماق بۇيرۇتتى.
    - ئىسمىم ئەلى، ئىچكى كىسەللەر دوختۇرىمەن. ئۆزەمنى سىز ئېيتقاندەك روھى كېسەل ئەمەس بەلكى ساغلام بىر ئادەممەن دەپ قارىساممۇ لېكىن، شۇ تاپتا ئالدىڭىزدا ئۆزەمنى راستىنلا بىر كېسەل ئادەمدەك ھىس قىلىۋاتىمەن. ھەي، نىمە دىسەم بولار؟ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ كۆڭۈلچەك، ھىسياتچان، ئەخمەق، گالۋاڭلىغىمنىڭ سەۋەبى. مەن تېخى كامىل دىگەن ئۇ ئاداشنىڭ ئايالىنى ئىنتايىن بەتبەشرە، ھازازۈل، ئالۋاستىدەك بىر ئايال دەپ تەسەۋۋۇر قىلاتتىم. ھەي، سىزنى كۆرمەي، چۈشەنمەي تۇرۇپ نىمىشقىمۇ باشقىلارنىڭ گېپىگە ئىشەنگەندىمەن؟ راستىنى ئېيتسام بۇ ئىشلارنى سىزگە بىر-ئىككى ئېغىز گەپ بىلەنلا چۈشەندۈرۈپ بولالمايمەن. ئەڭ ياخشىسى ئۆزەم ئاڭلىغان، بىلگەن، ئارلاشقان ئىشلارنى باشتىن باشلاپ تولۇغى بىلەن سۆزلەپ بېرەي. شۇغىنىسى بۇ ئىشلار كۆڭۈلنى تولىمۇ غەش قىلىدىغان كۆڭۈلسىز ئىشلار. بىلمىدىم، سىزدە بۇ گەپلەرنى ئاخىرىغىچە ئاڭلىيالىغۇدەك جۈرئەت بارمىكىن؟ 
    پەزىلەت يىگىتنىڭ چىرايىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ:
    - مېنىڭ چىدامچانلىغىمدىن ئىمتىھان ئالماقچىمۇ سىز؟ ئىمتىھان ئېلىش مېنىڭ كەسپ دائىرەمدىكى ئىش. مەن 30 يىللىق بۇ ھاياتىمدا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇق، ئەگرى-توقاي سەرگۈزەشتىلەرنى، تۇرمۇش سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ پولاتتەك تاۋلانغان بىر ئايالمەن. مەن ھەتتا بەزىدە تۇرمۇش سەپىرىمدە ئۆزەم ئۆتكەن كۆۋرۈكلەرنى باشقىلار ماڭغان يوللاردىنمۇ ئۇزۇندەك ھىس قىلىمەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا مەن يېشىمدىن ھالقىغان بىر تۇرمۇش ساۋاقلىرىغا ئىگىمەن. قېنى، سۆزلەۋېرىڭ. ئۈستۈمگە تاغ يىقىلىپ چۈشمەيدىغانلا بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىسىگە چىدىيالايمەن،- دىدى.
    كۈتكۈچى قىز تاماقلارنى ئەكىرىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى.
    - مەن پەيدا قىلغان كۆڭۈلسىزلىك تۈپەيلىدىن ئىككى كۈندىن بۇيان گېلىڭىزدىن تاماقمۇ ئۆتمىگەندەكلا تۇرىدۇ. چىرايىڭىز تاتىرىپ قاپتۇ. قۇرۇق تاغار ئۆرە تۇرمايدۇ، ئېلىڭ، ئاۋال تاماق يەڭ. مانا، مەن ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن. تاماق يەپ كۈچ -ماغدۇرىڭىزغا تولۇپ ئاندىن ماڭا تون پىچىڭ. بولامدۇ؟
    ئەلى ئېيتقاندەك ئىككى كۈندىن بېرى ئۇ ئوڭلاپ بىر نىمە يىمىگەن ئىدى. ئۇنىڭچە بولسا ھازىر ھېچنىمە يىمەستىن ئىشلارنىڭ غېزىنى ئۇيان، ئۆردىكىنى بۇيان قىلىۋەتسە ياخشى بولاتتى. ئەمما ئۈ يەنە ئۆزىنى زورىغا بېسىۋېلىپ تائامغا قول سوزدى.
    - مەن تىببى مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قاراقۇم يېزىلىق دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىندىم،- دەپ سۆزىنى باشلىدى ئەلى ۋەزمىن ئاھاڭدا،- ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا كۆڭۈل بېرىپ ۋەدىلەشكەن سۆيگۈنۈم مەن بىلەن يېزىغا بېرىشنى خالىماي ئاللىقانداق ۋاستە بىلەن شەھەردە قالدى ۋە مىنىمۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىشكە دەۋەت قىلدى. مەن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا گۆرەن بەز كېسىلىگە دائىر بىر ئىلمى تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم. بۇ كىسەللىك شەھەردىلا ئەمەس، سەھرالاردىمۇ كۆرىلەتتى. شەھەردىكىلەر دوختۇرغا ئوڭاي كۆرۈنەلىگىنى بىلەن سەھرالاردا نۇرغۇن بىمارلار ۋاقتىدا كۆرىنەلمەيتتى، كۆرۈنگەن تەقدىردىمۇ بۇ كىسەلگە كۆپىنچە ھاللاردا خاتا دىئاگنۇز قويۇلۇپ قېلىپ داۋالاش ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەچكە، داۋالاپ ساقايتىش ئانچە قىيىن بولمىغان بىر كېسەللىكتىن كۈتۈلمىگەن يامان ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقاتتى. ئەگەر مەن تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېزىدا ئىشلەۋەرسەم بىر تەرەپتىن ئۆزەمنىڭ نەدە بىمار بولسا مەن شۇ يەردە دەيدىغان كەسپى بۇرچۇمنى ئادا قىلسام، يەنە بىر تەرەپتىن سەھرانىڭ جىمجىت مۇھىتىدا ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىمنى تېزراق روياپقا چىقىرالايتتىم. شەھەرگە ئارقا ئىشىك بىلەن ئەمەس بەلكى، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ قايتىشنى ئويلايتتىم. مېنىڭچە ئارقا ئىشىكتىن مېڭىش دەل قولىدىن ئەمەلى ئىش كەلمەيدىغان نانقېپىلارنىڭ قوللىنىدىغان ۋاستىسى ئىدى. مەن ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىمنى شۇنچە چۈشەندۈرسەممۇ ئۇ ئۆز گېپىدە چىڭ تۇرىۋالدى. ئەگەر ئۇ مىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرگەن بولسا مەن ھېلىغۇ سەھراغا بارايلى دەپتىمەن، ناۋادا زۆرۈر بولۇپ ئوتقا ياكى سۇغا كىرەيلى دىسەممۇ يېنىدا مەن بولغاندىكىن ئالدى-كەينىگە قارىماي مېڭىشى كېرەك ئىدىغۇ. شۇنداق قىلالىسا مەن ئۇنى راستىنلا ئوتقا ياكى سۇغا باشلاپ كىرەرمىدىم؟! ئۆزەم كۆيۈپ، ئۆزەم ئېقىپ ئۇنى بېشىمدا كۆتۈرۈپ قەدرىنى قىلماسمىدىم؟! دەرۋەقە ئۇزۇن ئۆتمەيلا شەھەر ئۇنى يەپ كەتتى. جۇدالىق ئازاۋى قەلبىمنى ئۆرتەپ تۇرسىمۇ لېكىن بارلىق ئازاپنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كەسپى ئىشلىرىمغا كىرىشىپ كەتتىم. مانا مۇشۇنداق قىلىپ ھەش-پەش دىگىچە ئالتە يىل ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جەرياندا ئۈچ پارچە ئىلمى ماقالەم ئېلان قىلىنىپ، گۆرەن بەز كېسىلىگە دىئاگنۇز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش جەھەتتىكى يېڭىچە بايقاشلىرىم سەھىيە مۇتەخەسىسىلىرى تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىپ، شاڭخەيدە ئېچىلغان ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلدىم. نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ تەكلىپنامىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. گەرچە مەن قاراقۇم يېزىسىدا داۋاملىق ئىشلەۋېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ لېكن، ئۆتكەن يىلى مىنى يۆتكەپ ناھىيىلىك دوختۇرخانا ئىچكى كېسەللەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى. بۇ يەرگە كەلگەندىن كېين مەن ئۆزەمنىڭ كەسپى ئىشلارغا زىيادە بېرىلىپ كەتكەنلىگىمدىنمۇ ياكى تۇنجى سۆيگۈنۈمنىڭ قەلبىمدە قالدۇرغان جاراھىتى ساقايمىغانلىغىدىنمۇ ئەيتاۋۇر تۇرمۇش ئىشىمنى ئويلىشىشقا زادىلا ئىمكان قالدۇرمىغانلىغىمنى ھىس قىلدىم. بەلكىم خىزمەتتە مەلۇم مۇۋاپىقىيەتنى قولغا كەلتۈرمەي تۇرۇپ باشقا ئىشقا كۆڭۈل بۆلمەيمەن دەپ ئۆز-ئۆزەمگە بەرگەن كۈچلۈك ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىيەت قىلغان بولسام كېرەك. دەرۋەقە ئارزۇيۇم كۈتكىنىمدەك بولمىسىمۇ ھەر ھالدا تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىۋالدىم. مەن ئەمدىكى مۇھىم ئىشىمنىڭ تۇرمۇشۇمنى تىزرەك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەنلىگىنى ھىس قىلدىم. چۈنكى ساۋاقداشلىرىمنىڭ كۆپىنچىسى دىگۈدەك تۇرمۇش قۇرۇپ، پەرزەنتلىك بولۇشقان ئىدى. پەرزەنىت قالدۇرۇپ ھاياتنى ھاياتقا ئۇلاش ئىنسانلار ئۆتەشكە تىگىشلىك مەجبۇرىيەت. بىر چاغدا دادامنىڭ « ئوغۇل بالا دىگەن ئۆي سېلىشنى، خوتۇن ئېلىشنى، كۆچەت تىكىشنى ھەرگىز كېچىكتۈرمىگۈلۈك» دىگىنى يادىمدا. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزەمگە جۆرە ئىزدەپ ئەتراپىمدىكى قىزلارغا كۆز سېلىشقا باشلىدىم. بۆلۈمىمىزدە ئىشلەيدىغان مەھلىيا دىگەن قىز كۆڭلۈمگە يېقىپ قالدى. ئۇمۇ ماڭا باشقىچە ئىللىق مۇئامىلە قىلاتتى، مەن بىر پەيتىنى تېپىپ ئۇنىڭغا تەلەپ قويدۇم. ئۇ ئويلىنىپ ئولتۇرمايلا تەلىۋىمنى رەت قىلىۋەتتى. سەۋەبىنى سورىسام ئۇ دەسلەپتە دېگىلى ئۇنىمىدى، كېين ھەممىنى دەپ بەردى:
    - مەن ناھىيىلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىمدا ئەنۋەر ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان ئىدىم. بىز شۇ چاغدىن باشلاپلا بىر-بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈشەتتۇق. ئۇ شىنجاڭ پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىغا ئوقۇشقا كەتتى. ئىمتىھان مەزگىلىدە دادامنىڭ قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىشى بىلەن مېنىڭ تەقدىرىم پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى. قايتا ئوقۇشقا رايىم بارمىدى، ئانام ماڭا ۋىلايەتلىك تىببىي مەكتەپتىن چاقىرىق تېپىپ بەردى. مەن سېستىرالىقتا ئۈچ يىل ئوقۇپ جەمئىيەتكە چىققان ۋاقتىمدا ئەنۋەرنىڭ يەنە ئۈچ يىللىق ئوقۇشى بارئىدى. ئۇنى ھېلىغۇ ئۈچ يىلكەن ھەتتا بىر ئۆمۈر كۈتۈشكىمۇ رازى ئىدىم، بىراق تەقدىر ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدىكەن. ئانام شۇنچە يول مېڭىپمۇ مېنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالمىدى. بىر مەزگىل شەخسىي دوختۇرخانىلاردا ئىشلەپ يۈردۈم. ھەر قېتىم بىرەر ئورۇنغا تىببى خادىم ئالىدىكەن دېسە بىرىنچى بولۇپ تىزىمغا ئالدۇرااتتىم، ئىمتىھاننىغۇ خېلى ياخشى بېرەتتىم. ئەمما نىمىشقىكىن باشقىلار ئۆتۈپ مەن شاللىنىپ قېلىۋەردىم. تۇل خوتۇن، يىتىم قىزنىڭ گېپى ھېچيەردە ئۆتمەيدىكەن. بىر ئائىلىنى قامداش، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئىنىمنىڭ ئوقۇش راسخودىنى تۈلەش، چوڭ ئاناملارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش دېگەندەك ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىچارە ئانامنىڭ زىممىىسىگە يۈكلەنگەن ئىدى. بەلكىم سىز بۇ قەدەر يوقسۇل تۇرمۇشنىڭ ئازاۋىنى چۈشىنىپ كېتەلمەسلىگىڭىز مۈمكىن. بىر كۈنى سەھىيە خىزمىتىگە مەسئۇل باشلىقنى ئىزدەپ باردىم. ئۇنىڭغا ئەھۋالىمنى ئېيىتپ ياردەم سورىدىم. ئۇ مېنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشقا ئاسانلا ئىپادە بىلدۈردى. بىراق ياخشىلىقىغا چوقۇم ياخشىلىق بىلەن جاۋاپ قايتتۇرۇشىمنى تەلەپ قلىدى. سالپىيىپ قايتىپ كەلدىم. ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى. شۇ جەرياندا كۆپ ئويلاندىم، ئىككىلەندىم، قورقتۇم، بەزى ئىشلار ئىدىيەمدىن زادىلا ئۆتمىدى. نىمىشقا بۇنداق ئىشلارنى بىجىرىدىغانغا ئەخلاقلىق، دۇرۇس، ئېسىل ئادەملەرنى قويمايدىغاندۇ دەپ قاخشىدىم. شۇنداقتىمۇ زىيادە بېسىم تۈپەيلىدىن سالامەتلىگى كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ئانامغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. ئاخىر بېشىمنى ئېگىپ ھېلىقى باشلىقنىڭ ئالدىغا باردىم، ئۇ ئەتىسىلا مېنى مۇشۇ دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى. ئىشقا ئورۇنلاشقىنىمنى ئەنۋەرگە ئېيتقىنىمدا ئۇ مېنى تەبرىكلىدى ۋە ئۆزىنى كۈتكەن ۋاپادارلىغىم ئۈچۈن كەلگۈسىدە ماڭا ياخشى جاۋاپ قايتتۇرىدىغانلىغىنى ئېيتتى. مەن ئۇنىڭ ياخشى جاۋابىغا نائىل بولالىغۇدەك ۋاپادارلىق كۆرسىتەلىدىممۇ؟ بۇ ھالىم بىلەن ئۆزەم ياخشى كۆرگەن يىگىتكە قانداقمۇ يۈز كېلەلەي؟ ئاخىر ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمەيلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتتىم. ئۇ مەن قالدۇرغان ئازاپنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ مانا ھازىر ئاسپىرانىتلىقتا ئۆرلەپ ئوقۇۋاتىدۇ، مەن بولسام بىر كۈن ئۆتسە بىر كۈن غەنىمەت دەپ ياشايدىغان، ئەتىدىن ھېچقانداق ئۈمىدى قالمىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدىم. مۇنداقچە ئېيتسام مەن ئۆز ئاچقۇچى قەيەرلەردىدۇر تاشلىنىپ قېلىپ قالايمىقان ئاچقۇچ سېلىۋېرىش نەتىجىسىدە بۇزۇلغان قۇلۇپقا ئوخشايمەن. سىزگە ئەسلا ماس كەلمەيمەن. مېنى كەچۈرۈڭ!
    قىزنىڭ گەپلىرى مېنى گادىرماچ خىياللارغا ئەسىر قىلدى. بۇ قىز ئۆزىنى « بۇزۇق» دېسىمۇ ئەمما مېنىڭ ئۇنى بۇزۇق دېگۈم كەلمەيتتى. ئەسلىدە ئۇ ئاجايىپ پاك بىر قىز ئىدى. ھېلىقى ناكەس ئەمەلدار ئۇنى نابۇت قىلدى. ناۋادا ئۇ بۇ قىزنى دەپسەندە قىلىشنىڭ ئورنىغا خەيرىخاھلىق بىلەن بېشىنى سىلاپ قويغان بولسا بىر قىز، بىر ئانا، مىللەتنىڭ بىر ھۈجەيرىسى ئامان قالغان بولاتتى. قىزنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تۇيغۇلىرىغا دەز كەتمىگەن، ئادەملەر ئۇنىڭغا مېھرىبان، دۇنيا تولىمۇ گۈزەل كۆرۈنگەن، ئۇمۇ مېھرى- مۇھەببىتىنى پۈتۈن كائىناتقا، سۆيگۈ- مۇھەببىتىنى ئۆز ئاشىقىغا بەخش ئەتكەن، قىسقىسى دۇنيا مۇھەببەت بىلەن تولغان بولاتتى. ئەپسۇس... نىمىلا بولمىسۇن قىزنى بۇ ھالەتتە تاشلاپ قويغىلى بولمايتتى. مەن بىردىنلا ئۇنى قۇتقۇزۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلدىم. مەن بىر ئادەمنى بولسىمۇ ئەگرى يولدىن قايتۇرالىسام جەمئىئەتتىكى ئەخلاقسىزلىق زەررىچىلىك بولسىمۇ ئازىيىدۇ. پاك ھەم ئەخلاقلىق قىزنىغۇ ھەر قانداق ئادەم سۆيەلەيدۇ، ئەمما ئەخلاقىنى يوقاتقان بىر قىزنى پۈتۈن مېھرى بىلەن سۆيۈپ ئۇنى توغرا يولغا يىتەكلەش ھەرقانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋېرىدىغان ئىش ئەمەس. بۇنى مەسئۇلىيەتچان، قەلبى ئىنسانىي مېھرى- مۇھەببەت بىلەن سۇغۇۇرلغان ھەقىقى ئەركەكلەرلا قىلالايدۇ... بۇ خىياللاردىن كېين كۆز ئالدىم بىردىنلا يورۇغاندەك بولدى:
    - ئۆتمۈشىڭىز بىلەن كارىم يوق. سىزنى ئەمرىمگە ئالغىنىم ئالغان، چۈنكى مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،-دىدىم تولىمۇ ئالىجاناپ بىر قىياپەتتە. ئۇ گۇمانسىراش ھەم ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن چىرايىمغا قاراپ تۇرۇپ، ئاستا بېشىنى چايقىدى. 
    - بولمايدۇ ئەلى، قەتئى بولمايدۇ. مەن سىزگە لايىق كەلمەيمەن. مىنىڭ نامىم ياخشى ئەمەس، مىنىڭ سەۋەبىمدىن شەنىڭىزگە داغ يىتىپ قالسا ئىستىقبالىڭىزغا تەسىر يىتىدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزگە چۈشىدىغاننى تېپىڭ، مەن سىزنىڭ خىلىڭىز ئەمەس. ياخشى كۆڭلىڭىزگە رەھمەت! ئەشۇ پىداكارلىغىڭىز بىلەن شۇ تاپتا سىز قەلبىمدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىگىلا ئوخشاپ قېلىۋاتىسىز. بىراق، ھەرقانچە قىلغان بىلەنمۇ مەن مەلىكە بولالمايمەن. بىر دەملىك قىزغىنلىق تۈپەيلىدىن ئۆتمۈشۈمنى قايرىپ قويۇپ مىنى ئەمرىڭىزگە ئالدىڭىزمۇ دەيلى ئەمما سىزنىڭ بۇ ئالىجاناپلىغىڭىزنى جەمئىيەت، كىشىلەر چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار مىنى ئالداپ تېگىۋالدى دەپ ماڭا نەپرەتلىنىدۇ. سىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئىناۋەت دىگەن بىر ئەر ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ مۇھىم. ئىناۋەتتىن ئايرىلىپ قالسىڭىز مۇۋەپىقىيەت قازىنىش پۇرسىتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز. بىر ئۆمۈر ئەرسىز قالساممۇ سىزنى قۇربانلىق قىلغۇم يوق. ئۆزەم كۆڭۈل بەرگەن يىگىتنىڭ پاك سۆيگۈسىنى دەپسەندە قىلغىنىم يەتمىگەندەك بۇ شەرمەندە تېنىمنى سىزگە تاشلاپ بېرەمدىم ئەمدى؟ ئەگەر خالىسىڭىز ماڭا قولىڭىزنى بېرىڭ، ياخشى دوستلاردىن بولۇپ ئۆتەيلى. ئەگەر خالىمىسىڭىز سىزدىن رەنجىشكە ھەققىم يوق.
    مەن ھاياتىمدا ساپلا جاھىل قىزلارغا كۆڭۈل بەرسەم كېرەك. شۇنچە سۆزلەپمۇ ئۇنى قايىل قىلالمىدىم. كېيىن ئەتراپتىكىلەر ماڭا ئۇنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى كۆرسىتىپ بەرگەنمۇ بولۇشتى، ئەمما كىشىلەر ئۇنى قانچە يامان دىگەنسىرى مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم شۇنچە ئاشاتتى. گەرچە ئۇ ماڭا ياتلىق بولۇشنى خالىمىغان بولسىمۇ لېكىن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. شۇنىڭدىن كېين بىز ئىزچىل ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلدۇق، بىز بىر-بىرىمىزگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرەتتۇق. بەزىلەر ماڭا ئۇنىڭدىن ئۆزەمنى تارتىشىمنى ئېيتتى. ئۇلارنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ دوختۇرخانا باشلىغى بىلەن چاتىغى بارمىش، ئەگەر دىققەت قىلمىسام يولۋاسنىڭ بۇرۇتىغا دەسسەپ سالارمىشمەن. مەن جاۋابەن باش لىڭشىتىپلا قويدۇم. ئەمما ئۇنىڭغا بولغان قايىللىق، ھۆرمەت ھىسياتىم قىلچە سۇسلاشمىدى. ئۇ نىمە ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بولىشىدىن قەتئىنەزەر مىنى ئالدىمىدى، راست سۆزلىدى. ئۇ شۇ خىسلەتلىرى بىلەن تۈلكە مىجەز قىزلاردىن كۆپ ياخشى ئەمەسمۇ. يەنە كېلىپ ئۇ مېنىڭ نەزىرىمدە بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىدى. بۇنىڭغا جەمئىيەت ۋە بارلىق ئادەملەر مەسئۇل بولىشى كېرەك ئىدى. كېين ئۇ ماڭا ئىشىنىپ ئۆز سىرلىرىنى سۆزلەپ بېرىدىغان بولدى، ئۇنىڭ سىزگە مۇناسىۋەتسىز كەچۈرمىشلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ بولار، بۇلار ئىچىدە سىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى دەل ئېرىڭىز كامىلغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار. مەھلىيانىڭ دىيىشىچە ئۇ ئىككىسى تونۇشۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سىز توغۇرلۇق بەزى بولمىغۇر گەپ -سۆزلەرنى ئاڭلاپتۇ، كۆڭلىڭىزگە كەلسىمۇ ئاڭلىغىنىمنى ئېيتىۋېرەي.
    - كامىل دىگەن بۇ ئەر بەكلا بىچارە ئىكەن،-دىدى مەھلىيا بىر كۈنى پاراڭ ئارلىغىدا،- ئاڭلىشىمچە ئۇنىڭ ئايالى ساپلا چوڭ ئەمەلدارلار بىلەن ئارلىشىدىكەن. تەقدىر دىگەن شۇ ئوخشايدۇ، كامىلدەك ياخشى ئەرگە ئالۋاستىدەك ئاياللارنى، ياۋاش، مەسۇم ئاياللارغا ئىبلىستەك ئەسكى ئەرلەرنى ھەمرا قىلىپ قويىدىكەن.
    - كامىل بىلمەمدىكەن؟-دەپ سورىدىم مەن.
    - بىلىدىكەن.
    - بىلگەندىكىن ئاجرىشىپ كەتسە بولمامدىغاندۇ؟
    - ئىشلارنى بەكلا ئاددى ئويلايدىكەنسىز ئەلى،- دىدى ئۇ ماڭا - كامىلمۇ ئەشۇ رودىپاي خوتۇنىدىن ئاجرىشىپلا كېتەلىسە مېنى ئەمرىگە ئېلىشقا ۋەدە بەرگەن. بىراق، ئۇ خوتۇن ئاجرىشىپ كېتىشكە ئۇنامدۇ دەيسىز. ئۇنىڭ ئەمەلدارلار بىلەن قىلغان ناشايان ئىشلىرىنى يوشۇرۇشتا نىكاھ ئەڭ ياخشى توساق بولالايدۇ ئەمەسمۇ. شۇڭا ئۇ ئۆلسىمۇ كامىلدەك يۇۋاش ئەردىن ئاجراشمايدىكەن، بىر ئەر كىشى ئۈچۈن بۇنداق ياشاش نىمە دىگەن ئازاپ. گەرچە مەن ئۇنىڭ ھازازۇل خوتۇنىدىن ئاجرىشالمايدىغانلىغىنى بىلىپ تۇرساممۇ لېكىن يەنىلا ئۇنىڭ دەردىگە ھەمدەم بولۇپ ئارلىشىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن سۇ ئىچمىگەن كۆڭلى سىرتتا بولسىمۇ ئۇسسۇزلۇققا قانسۇن دەيمەن. 
    مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قىلچىلىك گۇمانلانماي شەكسىز ئىشەندىم. چۈنكى ئۇ دىگەن بىر راستچىل قىز تۇرسا، بۇ جەھەتتە يالغان سۆزلەپ يۈرۈشى مۇمكىن ئەمەستە. گەرچە سىزنى تونىمىساممۇ لېكن سىز مىنىڭ خىيالىمدا گىرىمنى بولىشىغا قىلىپ، مودا كىيىملەرنى كىيىپ، ئەمەلدارلارغا ئەرمەك بولىدىغان بىر چاكىنا ئايالنىڭ تەسىرىنى قالدۇردىڭىز. شۇ تۈپەيلى كامىلغا ھېسىداشلىق قىلىپ سىزگە نەپرەتلىنىپ يۈرگەن ئىدىم. شۇڭا مەھلىيانىڭ كامىل بىلەن ئارلىشىپ يۈرۈشلىرى ماڭا قىلچىلىك غەيرى بىلىنمىگەن، شۇنداقلا بۇنى دىلى ئازار يىگەن بىر ئەرنىڭ ئېلىشقا تىگىشلىك بەھرى دەپ قارىغان ئىدىم، ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە سىز خىيالىمدىكىگە قىلچە ئوخشىمايدىغان بىر سۈپەت بىلەن ئالدىمدا ئولتۇرۇپسىز. شۇ تاپتا سىزگە بولغان ئەينى ۋاقىتتىكى خاتا تەسەۋۋۇرۇم ئۈچۈن ئۆزەمنى قويارغا يەر تاپالماي قېلىۋاتىمەن.
    ئەلى سۆزىنى تۈگىتىپ پەزىلەتنىڭ چىرايىغا قاراشقىمۇ پېتىنالمىغان بىر ھالەتتە بېشىنى ئېگىپ ئولتۇردى، شۇ تاپتا ئۇ خۇددى ھۆكۈم كۈتىۋاتقان جىنايەتچىگىلا ئوخشايتتى. پەزىلەتنىڭ يۈرىگى بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك، نەپەس ئېلىشقا ھاۋا يىتىشمەيۋاتقاندەك ناھايىتى بىئارام بولدى. « شۇنچە يىل بىر ئۆيدە ئەسرالىشىپ ياشىغان تۇرۇغلۇق كامىلنىڭ مىنى زادىلا چۈشەنمەي قېلىشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى يۈلەنچۈگۈم، باشپاناھىم دەپ بىلگەندىكىن ئۇمۇ مىنى ماشايىغىم، ۋاپادارىم دەپ بىلىشى كېرەك ئىدىغۇ. ئۇ ئۆزىغۇ ئۇنداق گەپلەرنى قەتئىي دىمەسلىگى، باشقىلار دىگەن ھالەتتىمۇ دەرھال ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىپ مىنىڭ نامىمنى قوغدىشى كېرەك ئىدىغۇ. بولمىسا بىزنى قانداقمۇ تەقدىرداش دىگىلى بولسۇن. يائاللا، مېنىڭ تارتقۇلۇقۇم تېخى تۈگىمىگەن ئىكەن-دە. ماڭا بىراۋدىن يامانلىق كېلىشكە توغرا كەلسە ھەرقانچە بولسىمۇ ئۆز ئېرىمدىن كەلمەسلىگى كېرەك ئىدىغۇ. ..» قەلبى ئۆرتەنگەن پەزىلەتنىڭ كۆز ئالدىدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن بىر كۆڭۈلسىز ئىش قايتىىدىن نامايەن بولدى.
    كېچىسى ئۆيگە تولىمۇ كېيىن قايتقان كامىل ئۇيقۇسىغا قانالماي ناھايىتى ۋاقچە ئورنىدىن تۇرۇپ، پەزىلەت تەييارلاپ قويغان چاينىمۇ ئىچمەي ئالدىراپ-تېنەپ ئىشقا ماڭغاچقا يانفۇنى ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قالدى. يانفۇن دىگەن بۇ نەرسە دۇرۇس كىشىلەر ئۈچۈن ناھايىتى زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن، ناتوغرا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ھاياتنىڭ مەنىسى قىلىۋالغان، خۇپىيانە ئىش قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن نۇرغۇن كۆڭۈلسىزلىك ۋە سورۇقچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىكەن. دەرۋەقە بۈگۈنمۇ يانفۇننىڭ ئۆيدە ئۇنتۇلۇپ قېلىشى پەزىلەتكە بىر تالاي كۆڭۈل غەشلىگى ئېلىپ كەلدى. ناۋادا ئارقا-ئارقىدىن توۋلاۋەرمىگەن بولسا پەزىلەت ئۇ يانفۇننى تەكشۈرۈپمۇ يۈرمەس ئىدى. چۈنكى يېقىندىن بېرى كامىلنىڭ ئۆيگە قايتقاندىن كېين قىلىدىغان تۇنجى ئىشى ئۆي تېلفۇنى ۋە پەزىلەتنىڭ يانفۇنىنى تەكشۈرۈش ئىدى. « ماۋۇ نىمە نومۇر، ئاۋۇ كىمدىن كەلگەن تېلفۇن؟...» دىگەندەك سۇئاللاردىن ئۆلگىدەك بىزار بولغان پەزىلەت، بىھۇدە گۇمان ۋە رەنجىشلەرگە ئورۇن بەرمەسلىك ئۈچۈن كامىلنىڭ يانفۇنىنى ئەزەلدىن تەكشۈرمەيتتى. ئەمما بۈگۈن ئارقا-ئارقىدىن سايراۋەرگەچكە ئېلىشقا مەجبۇر بولدى:
    - ۋەي كامىلما، قانداق ئەھۋالىڭىز؟ كېچىدىن ياخشى ئۇخلاپسىزمۇ؟،- بىر ئايالنىڭ نازلىق ئاۋازىدىن پەيدا بولغان سوغۇق بىر ئېقىم ئۇنى ئەندىكتۈرىۋەتتى.
    - ۋەي، گەپ قىلمايسىزغۇ، گەپ قىلىش قولايسىزمۇ يە؟
    - كامىل كېچىدىن ناھايىتى ياخشى ئۇخلاپ ئەتتىگەندىلا خىزمەتكە كەتتى. ئەنسىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، - دىدى پەزىلەت ئۆزىنى مىڭ تەستە بېسىپ تۇرۇپ.
    - ۋەي سىز كىم؟- دىدى ھېلىقى ئايال تەپتارتماي.
    - مەن كامىلنىڭ ئايالى، ئۆزىڭىز كىم؟
    قارشى تەرەپ گەپ-سۆز قىلمايلا تېلفۇننى قويىۋەتتى. قوبۇل قىلىش ئىنتايىن قىيىن بولغان، ئەمما قوبۇل قىلمىسا زادىلا بولمايدىغان رەھىمسىز، بەتبەشرە رىئاللىق پەزىلەتكە خىرىس قىلىپ تۇراتتى. « مۇدۇكى بارنىڭ خۇدۇكى بار» دىگەندەك، كامىلنىڭ ئۆزىنى سەۋەپسىز كۈنلەشلىرىنىڭ، ئورۇنسىز ئىشلار ئۈچۈن دىلىغا ئازار بېرىشلىرىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتكەن پەزىلەت « ئالغاينىڭ كۆزىگە جاھانمۇ مايماق كۆرىنىدۇ» دىگەن گەپنىڭ ناھايىتى توغرا ئېيتىلغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ ئەلەم ئىچىدە لىۋىنى مەھكەم چىشلىگىنىچە يانفۇندىكى ئۇرغان-كەلگەن نومۇرلارنى بىر-بىرلەپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى. «بارچە گۈلنىڭ غۇنچىلىشى ئېچىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بارچە سۇنىڭ ئېقىشى دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئۈچۈن ئەمەس، مىنىڭ سىزنى سۆيۈشۈم ھەرگىزمۇ توي قىلىش ئۈچۈن ئەمەس...»، « سىز ئۈچۈن قەلب ئىشىگىم ھەر ۋاقت ئوچۇق، قاچان كەلسىڭىز بولىۋېرىدۇ، سىزنى كۈتىمەن...» داۋاملىق كۆرىۋېرىشكە پەزىلەت زادىلا بەرداشلىق بېرەلمىدى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ماڭا ۋاپاسىزلىق قىلغان ئىكەن دەرھال ئاجرىشىش كېرەكمۇ؟ ئاجرىشىشنىغۇ ئاجرىشارمەن، بىراق قىزىم قانداق قىلىدۇ؟ ئاتا -ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بالىلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرىۋاتىمەنغۇ. سىنىپىمدىكى تىرىك يىتىم بالىلارنىڭ چۈشكۈن روھى كەيپىياتىغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كېتەتتى. ئۇلارنى ھەرقانچە چىرايلىق كىيىندۈرۈپ، ئوبدان يىگۈزگەن بىلەنمۇ چىرايىدىن مىسكىنلىك، كەيپىياتىدىن چۈشكۈنلۈك چىقىپلا تۇراتتى. ئۇلار خۇددى بىر نەرسىدىن قورققاندەك، يۈرەكلىك سۆزلىسە ئۆزلىرىگە زەرەر يىتىپ قالىدىغاندەك دائىم دەككە -دۈككە ئىچىدىلا يۈرەتتى، بالىلار بىلەنمۇ يۈرەكلىك ئارلىشالمايتتى. بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىۋەرسە بالىلارنىڭ روھى پىسخىكىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ ئاللىكىملەردىن ئۆچ ئېلىش ياكى ئۆزلىرىمۇ چۈشەنمەيدىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئاسانلا جىنايەت يولىغا مېڭىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. مەن مۇشۇلارنى بىلىپ تۇرۇپ ئېرىمنىڭ سەۋەنلىگى تۈپەيلىدىن بالامنى يىتىملىك ئورىسىغا ئىتتەرسەم قانداق بولىدۇ، مەن بىر ئاياللا ئەمەس بەلكى بىر ئانىمەن، نەسىل قالدۇرۇش دىگەن ھايۋانلارنىڭمۇ ئالاھىدىلىگى. بىراق، بىز ئىنسانلانىڭ ئۇلاردىن بولغان ئەڭ تىپىك پەرقىمىز شۇكى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئەشۇ پەرزەنتلەرنى ئىدراكلىق، ئەقىل-پاراسەتلىك، ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەشتىن ئىبارەت. شۇنداق ئىكەن مەن توپان بالاسىغا دۇچار بولساممۇ لىۋمنى چىشلەپ ھەممىگە چىدىشىم، بالامنى تىرىك يىتىمغا ئايلاندۇرماسلىغىم كېرەك. ئېرىمنىڭ مەندىن سوۋۇپ باشقىنى تېپىۋېلىشىدا بەلكىم مىنىڭمۇ مەلۇم سەۋەنلىگىم بولىشى مۇمكىن. مەن سەۋرىچانلىق بىلەن ئۆزەمدىكى يىتەرسىزلىكلەرنى ئۆزگەرتىپ يولدىشىمنى ئائىلىگە قايتتۇرۇپ كېلىشىم، ئۇنىڭ ئۆز سەۋەنلىگىنى تونىۋېلىشىغا بىر قېتىم پۇرسەت بېرىشىم كېرەك....» ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ يانفۇننى جايىغا قويۇپ قويدى. ئۆيلەرنى تازىلاپ بىر قۇر بېسىقتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، تاماققا تۇتۇش قىلدى.
    -ئاپا، چۈشتە نىمە يەيمىز؟-دەپ سورىدى قىزى ئىشىكتىن كىرىپلا.
    - لەغمەن يەيمىز قوزام. 
    - يەنە لەغمەن يەمدۇق، لەغمەن ئەتكىچە پولو ئەتسىڭىز بولمامدۇ،-دىدى قىزى دومسايغان ھالدا.
    - دادىڭىز لەغمەننى ياخشى كۆرىدۇ ئەمەسمۇ. پولونى ئەتە ئېتەيلى، بولامدۇ؟
    - داداممۇ مەندەك پولوغا ئامراق بولسا بوپتىكەن.
    شۇ ئەسنادا ئىشىك ئېچىلىپ كامىل كىرىپ كەلدى. پەزىلەتنىڭ يۈرىگى «قارتتىدە» قىلىپ خۇددى ئۆزى بىرەر گۇناھلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك كامىلنىڭ چىرايىغا تىك قارىيالمىدى. يۈرىگىگە يىڭنە سانچىلغاندەك بىر ئاغرىق پۈتۈن بەدىنىگە قەدەر تارىغاندەك بولدى.
    - بۈگۈن ئىشقا بارمىدىڭمۇ؟- دەپ سورىدى كامىل. ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدا مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇرمىسىمۇ ھەرھالدا سوغۇقلۇق يوق ئىدى. خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك شۇ قەدەر نورمال، شۇ قەدەر ئادەتتىكىچە ئىدى. 
    - بۈگۈن دەرسىم يوق ئىدى، شۇڭا بارمىدىم- دېدى پەزىلەت ئۆز كەيپىياتىنى تەڭشەشكە كۈچەپ تۇرۇپ.
    - ئەتتىگەن ئالدىراشلىقتا يانفۇنۇمنى ئۇنتۇپ قاپتىكەنمەن، بىرەرسدىن تېلىفۇن كەلمىگەندۇ؟- دەپ سورىدى كامىل.
    - ياقەي، كەلمىدى- دىدى پەزىلەت. ئەمما ھېلىقى يىڭنە يۈرىگىگە يەنە بىر قېتىم سانچىلغاندەك بولدى. كامىل يانفۇننى ئېلىشىغا پەزىلەت ئالدىراپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى، ئۇ بىر تەخسە لەغمەننى كۆتۈرۈپ چىققاندا كامىل يانفۇننىڭ ئاللىقانداق كۇنۇپكىللىرىنى بېسىپ ئولتۇراتتى. پەزىلەت تاماقنى ئالدىغا قويىشىغا كامىل بېشىنى كۆتۈرۈپ جىددى تەرۇزدا پەزىلەتنىڭ چىرايىغا قارىدى، پەزىلەت بېشىنى كۆتۈرمەي ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئاشخانىغا كىرىپلا خۇددى بەزگەك كىسىلى بولۇپ قالغان ئادەمدەك پۈتۈن بەدىنى تىترەشكە باشلىدى، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياشلار قۇيۇلدى. ئۇ ئۆزىنى-ئۆزى بەزلەپ يىغىسىنى ناھايىتى تەستە بېسىپ يۈزىنى سوغۇق سۇدا يۇدى، ئاندىن ئاستا چىقىپ ئېرىگە چاي قۇيۇپ بەردى.
    - يەنە يەمسىز؟- دەپ سورىدى ئۇ چىرايىغا مەجبۇرى كۈلكە يۈگۈرتۈپ. 
    - ياق، ئۆزەڭ يىمەمسەن؟- دەپ سورىدى كامىل. ئۇنىڭ تەلەپپۇزى پەزىلەتكە بۇرۇنقى ۋاقتلارغا قارىغاندا خېلىلا يۇمشاپ قالغاندەك بىلىندى. شۇ تاپتا گېلىمدىن تاماق ئۆتمەيۋاتسا، ھەسەلمۇ زەھەر تېتىيدىغان تۇرسا قانداقمۇ بىر نىمە يىيەلەيمەن دىگىلى بولامدۇ؟
    - مەن سىلەر كېلىشتىن بۇرۇنلا يەۋالغان.
    قىزى مەكتەپكە، ئېرى خىزمەتكە كېتىپ پەزىلەت يەنە ئۆزى يالغۇز قالدى. ئۇ خۇددى روھى چىقىپ كەتكەندەك خېلى بىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ ئولتۇردى، ئاندىن يانفۇننى قولىغا ئېلىپ، ئۆزى تېخى بۈگۈنلا كۆرگەن، ئەمما يۈرىگىگە خۇددى تىغدا ئويغاندەك ئورناپ كەتكەن ھېلىقى نومۇرنى بىر-بىرلەپ بېسىشقا باشلىدى. ئۇ دەسلەپ دىلىغۇل بولغان، ھودۇققان ئىدى، ئەمما نومۇرنى بېسىۋاتقان ئەشۇ ۋاقتتا ئۆزىگە غايىپتىن كۈچ قوشۇلغاندەك شۇنداق سالماق، دادىل بولۇپ كەتكىنىگە ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.
    - ۋەي ياخشىمۇ سىز؟ مەن پەزىلەت، سىز بىلەن كۆرىشەي دىۋىدىم،- قارشى تەرەپ بىر ھازا گەپ قىلماي تۇرغاندىن كېيىن:
    - ھازىرلىما؟- دەپ سورىدى. 
    - شۇنداق، ھازىرلا، مەن سىزنى «كۆكلەم» تاماقخانىسىدا ساقلايمەن، تېز كېلىڭ،- پەزىلەت قارشى تەرەپنىڭ سۆزلىشىگە ئىمكان قالدۇرمايلا تېلفۇننى قويىۋەتتى. ئاندىن ھايالشىمايلا دېيىشكەن ئورۇنغا يىتىپ كەلدى. بۈگۈن خىزمەت كۈنى بولغاچقا يول، دوقمۇشلاردا ئادەم ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى. پەزىلەت ئۇ قىزنى تونىمايتتى، ھەتتا ئىسمىنىمۇ بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇ قىز بۇ يەرگە كەلگەن ھەتتا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەن تەقدىردىمۇ ئۇنى بىلمەي قېلىشى مۇمكىن ئىدى. «ي اق، تونىيالايمەن،- دىدى پەزىلەت ئۆزىگە -ئۆزى - ئەشۇ تېلفۇننى قۇبۇل قىلىپ، ئۇچۇرلارنى كۆرگەندىن كېين ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدە، يوللاردا، دوقمۇشلاردا ھەرقاچان بىر جۈپ كۆز ماڭا تىكىلىپ تۇرغاندەكلا تۇيىلىدۇ، ھەتتا كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالسام ئۇ بىر جۈپ كۆز مېڭەمدە ئەكس ئېتىدۇ. مەن ئۇنى شۇنداق تونۇپ كەتكىنىمدىن ھەتتا ئۆزەمنى ئۇنتۇپ قالايلا دىدىم... » پەزىلەت ئايرىمخانىنىڭ يولغا قارايدىغان دەرىزىسىدىن، يىراقتىن ئاستا مېڭىپ كېلىۋاتقان بىر قىزنى كۆرۈپ «چوقۇم شۇ» دەپ جەزىم قىلدى. پۇچقىغى كەڭ پادىچىلار ئىشتىنى، بەدىنىگە چىپپىدە كېلىدىغان يەڭسىز قىزىل مايكىسى، ئىزغىرىن شامالدا ئاتنىڭ يايلىدەك يەلپۈنۈپ تۇرغان قىزغۇچ چاچلىرى، تۈز ھەم توم چەملىك ئايىغى بىلەن بۇ قىز كىشىگە تولىمۇ مودا ھەم ئەركىن-ئازادە تۇيغۇ بېرەتتى. دىگەندەك قىز ئۇدۇل تاماقخانا تەرەپكە قاراپ كەلدى. پەزىلەت قىزنىڭ ئۆزى ئويلىغاندىن خېلىلا كىچىك ئىكەنلىگىنى، ئەمما تۇرقىدىن يېشىغا ماس كەلمىگىدەك دەرىجىدە خېلىلا ئىش كۆرگەنلىگى چىقىپ تۇرىدىغانلىغىنى بايقىدى. چۈنكى ئۇنىڭ گەۋدىسىنى مەغرۇر كېرىپ مېڭىشلىرى، خانىگە كىرىپ پەزىلەتكە تىك قاراشلىرىدىن ھېچبىر ھېيىقىش، خۇدۈكسىرەش، ئىزا تارتىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيتتى. پەزىلەت ئۆز كۈندىشىنىڭ ئۇنچىۋىلا بوش قىزلاردىن ئەمەسلىگىنى، ئۇنىڭ قولىدىن ئېرىنى يۇلۇپ ئېلىش ئۈچۈن خېلىلا كۈچەشكە توغرا كېلىدىغانلىغىنى ھىس قىلدى. ئۇ بۈگۈن قانداق بەدەل تۆلىسە تۆلەپ ئېرىنى قايتۇرىۋېلىشقا بەل باغلىدى.
    - ياخشىمۇ سىز، تونۇشۇپ قالايلى، ئىسمىم پەزىلەت،- دىدى ئۇ تەمكىنلىك بىلەن.
    - ياخشىمۇ سىز، ئىسمىم كەرىمە. مەن سىزنى تونۇيمەن، سىز كامىلنىڭ ئايالىغۇ؟- دىدى قىز خۇددى قالتىس بىر ئىش قىلىۋەتكەن قەھرىماندەك غالىبانە ھەم بىپەرۋا قىياپەتتە. ئۇنىڭ ھېچبىر دۇدۇقلىمايلا «كامىل» دىگەن ئىسىمنى تىلغا ئالغىنىغا پەزىلەتنىڭ ناھايىتى ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ لېكن ئۇ ئۆزىنى زورىغا بېسىۋالدى. ئارىدا تولىمۇ زىرىكىشلىك، ئەندىشىلىك، بۇزۇش قىيىن بولغان ئېغىر سۈكۈنات بىر ھازا ھۆكۈم سۈردى.
    - مىنى بۇ يەرگە قاراپ ئولتۇرغىلى چاقىرمىغانسىز؟ مەن ئالدىرايمەن، گېپىڭىز بولسا تىزراق دەڭ!- دىدى كەرىمە. پەزىلەتنىڭ يەنە بىر رەت جۇدۇنى ئۆرلىدى، ئۇنى چېچىدىن تۇتۇپ پۇخادىن چىققىچە ئۇرۇپ -دەسسەشنى ئويلىدى، شۇندىمۇ يەنىلا ئۇنىڭ ئاچچىغى چىقمايتتى، ئۇنىڭچە بولسا كەرىمە دىگەن بۇ ئالۋاستىنى چايناپ -چايناپ پۈركىۋەتسە، ئۇ مەۋجۇت مۇشۇ جاھانغا ئوت قويىۋەتسە...
    - مېنىڭ سىزنى نىمىگە ئىزدىگىنىمنى بىلىسىزغۇ دەيمەن. كامىل ئىككىمىزنىڭ توي قىلغىنىمىزغا توپتوغرا 13 يىل بولدى، شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى ئىزچىل ياخشى ئۆتۈپ كېلىۋاتقان. ئەمدى سىزنىڭ سەۋەبىڭىزدىن ئائىلەمنىڭ بۇزۇلىشىنى خالىمايمەن. سىزدىن ئۆتىنەي، بىزنىڭ 13 يىللىق تۇرمۇشىمىزنى بۇزماڭ.
    - ۋاقتنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىغى ھەرگىزمۇ مۇناسىۋەتنىڭ چوڭقۇر ياكى تېيىز ئىكەنلىگىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. سىلەر تۇرمۇش قۇرغىلى 13 يىل بوپتۇ، بىز تونۇشقىلى ئىككى يىل بولاي دىدى. بۇ يەردە گەپ ھەرگىزمۇ ۋاقتتا ئەمەس بەلكى كۆڭۈلدە. بىلەمسىز، كامىل تېخى تۈنۈگۈن ئاخشاملا ماڭا « مەن سىزنى سۆيىمەن، سىزگە بولغان مۇھەببىتىم مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ» دىدى. دىمەك ئۇ ھازىر سىزنى ئەمەس بەلكى مىنى سۆيىدۇ. شۇڭا ئەڭ ياخشىسى...
    - ئۇ بۇرۇن ماڭىمۇ شۇنداق دىگەن، -دىدى پەزىلەت كەرىمەنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ - مەن ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى. ئۇ ئاشۇ گەپلەرنى تۇنجى بولۇپ ماڭا دىگەن. بىر يۈرەككە ئىككى ئادەم سىغمايدۇ، كېيىنكىلىرى ئۇنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان گەپلىرى.
    - سىز ئۇنىڭ تۇنجى سۆيگىنى بولسىڭىز مەن ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆيگىنى. سىز 13 يىل بۇرۇن ئاق-قارىنى پەرق ئىتەلمەيدىغان بىر ۋاقىتتا ياشلىقنىڭ بەڭۋاشلىغى تۈپەيلىدىن مۇنداقلا دەپ قويۇلغان گەپكە ئىشىنەمسىز ياكى پىشىپ يىتىلگەن بىر ئەرنىڭ تۈنۈگۈنلا ئېيتقان گېپىگىمۇ؟ بىلەمسىز، ئۇ يەنە ماڭا « ئايالىمغا زادىلا كۆڭلۈم يوق، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئاللىقاچان بۇزۇلغان» دىدى. شۇنداق بولغاندىكىن ئۇنىڭغا يېپىشىۋالماي خېتىڭىزنى ئالسىڭىز بولمامدۇ؟
    - كەرىمە، بىزنىڭ بالىمىز بار، - دېدى پەزىلەت تولىمۇ ئىلاجىسىز قىياپەتتە.
    - مىنى تۇغماس چاغلاپ قالغان ئوخشىمامسىز، ئىككى ئاي ئىلگىرى مەنمۇ بىر بالا ئالدۇرىۋەتتىم. كامىل ھەمرا بولۇپ بىللە باردى، سىزنىڭ بالا تۇققىنىڭىز باشقىلار قىلالمايدىغان قالتىس ئىش ئەمەسقۇ.
    پەزىلەتنىڭ يۈرىگى ئېغىپ پۇت -قولىدا جان قالمىدى. ئۇ ھاياتىدىكى ئەڭ كەسكىن، ئەڭ ئېغىر سىناققا دۇچ كېلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ قىزى ئۈچۈن ھەرقانداق خورلۇققا چىداشقا، زادىلا بەل قويىۋەتمەسلىككە نىيەت قىلدى.
    - كەرىمە، -دىدى پەزىلەت ئېغىر ھەم ۋەزمىن تەلەپپۇزدا - ئىككىمىزنىڭ بىر ئەرنى تالىشىش كۈرىشىمىز سىزگە تولىمۇ مەنىلىك ھەم قىزىقارلىق تۇيۇلۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ. بىر قىزنى ئىندەككە كەلتۈرۈشكە نىيەت قىلغان ھەرقانداق شاللاق ئەر ئىككىلەنمەيلا «ئ ايالىمغا كۆڭلۈم يوق، بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز ئاللىقاچان بۇزۇلغان، مەن سىزنىلا سۆيىمەن...» دەيدۇ. ئۇلار شۇنداق دىسە ئىش كۆرمىگەن ساددا قىزلار ئاسانلا تەسىرلىنىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ قۇرغان قىلتىقىغا ئاسانلا ئىلىنىدۇ ئەمەسمۇ. بۇ دىگەن ئۇلارنىڭ ھىيلىسى. ئۇ ماڭا دىگەن شۇ گەپلەرنى قىزارماي، قىلچە ھودۇقماي سىزگە دىگەن يەردە يەنە بىرسىگە ئۇنىڭدىن ئاشۇرۇپراق دىمەي قالامدۇ؟
    - سىز...
    - توختاڭ، گېپىمنى بۆلمەڭ. ئۇلارنىڭ شۇ سۆزىنى يۈرەك سۆزى دەپ ئويلىغان بولسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز. مىنى دېسىڭىز كامىل بىلەن ئىلگىرى قانداق ئۆتكەن بولىشىمدىن قەتئىنەزەر ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مۇشۇ ۋاپاسىزلىغى ئۈچۈنلا ئۇنى مەڭگۈ كەچۈرمىگەن، سىز بىلەن بۇ يەردە تاپا تالاشقان ئىتلاردەك خىقىرىشىپ ئولتۇرمىغان بولاتتىم. بىراق ھازىر مەندە سىز تېخى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدىغان بىر تۇيغۇ يەنى ئانىلىق مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار. مەن سىزگە بىر ھېكايە ئېيتىپ بېرەي: بۇ راست بولغان ۋەقە. بىر كۈنى ئاناملار بىلەن نان ياقماقچى بولدۇق. تونۇرغا ئوت ياقايلى دەپ قارىساق دادام باققان كەپتەرلەردىن بىرسى تونۇر ئىچىگە ئۇۋا سالغان ئىكەن. ئۇۋىدا بىر جۈپ باچكا تۇرىدۇ. باچكىلارنى كەپتەرخانىدىكى بىر بوش ئۇۋىغا يۆتكەپ قويۇپ تونۇرغا ئوت يېقىۋەردۇق. دان ئىزلەپ كەتكەن كەپتەرلەر قايتىپ كەلگەن چېغى، بىر كەمدە ئىككى كەپتەر تونۇر ئەتراپىدا ئايلىنىشقا باشلىدى. تونۇردا ئوت شىددەت بىلەن كۆيىۋاتاتتى. ئۇلارنى بىر دەم ئايلىنىپ كىتەرمىكىن دەپ تۇرسام ئانا كەپتەر قىززىق تونۇرغا ئۆزىنى زەرپ بىلەن شۇنداق ئۇردىكى ئەشۇ پىداكار كەپتەرنىڭ چۇچۇلىغا ئايلانغان ھالىتى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. بىز بىر ئىنسان تۇرۇپ ئەجەبا ئەشۇ كەپتەرنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان جان پىدالىغى بىزدىن تېپىلماسمۇ. مىنىڭ ھەر قېتىم كامىلدىن دىلىم رەنجىپ ئاجرىشىشنى ئويلىغان ۋاقتىمدا ئاشۇ ۋەقە ئېسىمگە كېلىدۇ. ئەگەر كامىل سىزگە شۇ قەدەر كېرەك بولسا مەن سىز ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ۋاز كېچەلەيمەن. بىراق، ئوماق پەرزەنتىمنى ئاتا مېھرىدىن، ئىللىق ئائىلە قوينىدىن ئايرىۋېتىشكە يۈرۈكۈم چىدىمايدۇ. سىز بۇلارنى ھازىر چۈشەنمەسلىگىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىز مەڭگۈ مۇشۇ ھالەتتە تۇرمايسىز، « كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغىمۇ ھامان كېلىدۇ» ئەنە شۇ ۋاقىتتا سىز ھەممىنى چۈشىنىپ يېتىسىز. بىر ئانا ئۈچۈن مۇھەببەتتىنمۇ مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالىسىز، ئەنە شۇ چاغدا مىنىڭ قىلغانلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىگىنى ئېتراپ قىلىسىز، ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن سەۋەنلىكلىرىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلىسىز....
    كەرىمە كۆزلىرىنى پارقىراتقىچە پەزىلەتكە قاراپ بىر ھازا ئولتۇرۇپ قالدى. ئۇ بايام يولدا كېلىۋاتقىچە «ب ۇ ئايال بىر بىشەم خوتۇن بولسا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك» دىگەنلەرنى ئويلاپ كەلگەن ئىدى. مانا ئەمدى كۆز ئالدىدا ئولتۇرغان بۇ ئايالنىڭ ناھايىتى ئالىجاناپ ئىكەنلىگىنى، بۇ ئايالنىڭ ئېسىللىغى ئالدىدا ئۆزى چوقۇنۇپ كېلىۋاتقان كامىلنىڭ ئەمىلىيەتتە بىر تىيىنغىمۇ ئەرزىمەيدىغانلىغىنى ھىس قىلدى.
    - ئىككى يىل ئىلگىرى مەن نۇرتاغ يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدا ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا ناھىيىدىن بىر يىللىق ئەۋەتىلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرى ئىچىدىكى يولدىشىڭىز كامىل بىلەن تونۇشۇپ قالدىم. بىر مەھەل خېلى قويۇق ئارلاشتۇق، كېين يولدىشىڭىز قايتىپ كەتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ خىزمىتىممۇ ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىغا يۆتكەلدى. « ئوت قالىغان ئورۇننىڭ سېرىق توپىسى كەتمەپتۇ» دىگەندەك بىز يەنە تېپىشپ قالدۇق. مەن ئۇنىڭ «ئ ايالىمغا كۆڭلۈم يوق، سىزنىلا سۆيىمەن» دىگەن گەپلىرىنى راست دەپ قاپتىمەن. ئۇ يەنە ماڭا « مەن نۇرتاغ يېزىسىدىكى ۋاقتىمدا ئايالىم ناشايان ئىش قىلىپ يۈرۈپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ سىز بىلەن ئارلاشقىنىم ئارلاشقان...» دىسە مەن سىزنى تولىمۇ چاكىنا ئايال كۆرۈپ نەپرەتلىنىپ يۈرۈپتىمەن. مىنى كەچۈرۈڭ، سىز بۈگۈن ماڭا بىر قېتىملىق ئوچۇق دەرس ئارقىلىق ھايات سەپىرىمنى توغرا يولغا بۇراپ داۋاملاشتۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەردىڭىز، رەھمەت سىزگە! ماڭا ئىشىنىڭ، مۇشۇ مىنۇتتىن باشلاپ قەلبىمدىكى «كامىل» دىگەن ئىسىمنى تولۇق ئۆچۈرىۋېتىمەن. بىراق ئۇنىڭ ئىسمى ئىككىمىزنىڭ قەلبىدىلا بولغان بولسىغۇ تەلىيىڭىز، ناۋادا يەنە باشقا قەلبلەرگىمۇ ئويۇلغان بولسا ھەممىنى بىر -بىرلەپ ئۆچۈرۈپ بولالارسىزمۇ؟
    ئۇ ۋاقىتتا پەزىلەت بۇ گەپلەرنى ئانچە چوڭقۇر ئويلاپ كەتمىگەن، مەغلۇبىيەت زەربىسىگە چىدىمىغان قىزنىڭ كىنايىسى دەپلا قارىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇ قىز كامىلنىڭ مىجەزىنى پەزىلەتكە قارىغاندا چوڭقۇرراق چۈشىنىدىكەن ئەمەسمۇ. مانا ئەمدى راست دىگەندەك «كامىل» دىگەن بۇ ئىسىم مەھلىيا ئاتلىق قىزنىڭ قەلبىدىمۇ بار ئىكەن، ئۇنى قانداق ئۆچۈرۈش كېرەك، ئەڭ مۇھىمى باشقىلار تەرىپىدىن خالىغانچە دەپسەندە قىلىنىپ بىر تىيىنغا ئالغۇسسىز قىلىۋېتىلگەن كىشىلىك ئىززەت -ئابرويىنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك؟ «ك امىل، ھەي كامىل، ئەسلىدە سەن مۇشۇنداق ئادەممىتتىڭ؟ ئەخلاق ھەققىدە، ئاياللارنىڭ دىيانىتى، ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا ۋەز ئېيتىشقا ئاجايىپ ئۇستا ئىدىڭغۇ. ئۆزەڭ ئېيتقان مىڭ ئېغىز گەپنىڭ بىرەرسىگە بولسىمۇ ئەمەل قىلساڭ بولماسمىدى؟ كىيىملەر كىرلىشىپ قالسىغۇ سوپۇنلاپ يۇيۇپ پاكىزلىغىلى بولىدىكەن، كىرلىشىپ قالغان كۆڭۈلنى پاكىزلايدىغان نەرسىمۇ بارمىدۇ؟ بىلىشىڭ كېرەككى، مەن ھازىرغىچە سىنى ھەممىدىن كېچىپ سۆيەلىگەن ئىكەنمەن، يەنە بۇنىڭدىن كېين ھەممىدىن كېچىپ نەپرەت ياغدۇرالايمەن...»
    پەزىلەتنىڭ چىرايىغا دەممۇ -دەم كۆز سېلىپ ئولتۇرغان ئەلى ئۇنىڭ چىرايىدىكى ھەر بىر ئۆزگىرىشلەردىن، كۆزلىرىگە سايە تاشلاپ ئۆتكەن گاھى ئەسلىمە، گاھى غەم بۇلۇتلىرىدىن، يالتتىدە چاقناپ بارغانسىرى ئۇلغىيىۋاتقان نەپرەت ئۇچقۇنلىرىدىن ئۇنىڭ ئىچكى تۇيغۇلىرىنى، ئازاپلىق كەچمىشلىرىنى ئېنىق كۆرگەندەك بولۇپ ئۆز قىلمىشلىرىدىن يەنە بىر رەت چەكسىز ئۆكۈنۈش ھىس قىلدى. ھەرقانداق بىر جازا ئادەمنىڭ ئۆز-ئۆزىنى ئەيىپلىشىدەك ئازاپلىق ۋە ئېغىر بولمىسا كېرەك.
    - تىلغا ئېلىشتىن شۇنچىلىك نومۇس قىلىۋاتقان تۈنۈگۈن كېچىدىكى ھېلىقى ئىشقا كەلسەك،- دىدى ئەلى پەزىلەتنىڭ سۇئال نەزىرىدە قارىغان كۆزلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ - ئۇ كۈنى مەن نۆۋەتچى ئىدىم. كەچتە كىچىكرەك بىر ئوپراتسىيىدىن چىقىپ ئىشخانامدا كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى قىلىپ ئولتۇرسام شۇ كۈنلۈك نۆۋەتچى سېستىرا مەھلىيا كىرىپ بىر ئىشقا ياردەم قىلىشىمنى ئۆتۈندى. شۇ ۋاقتتىكى ھىسياتىم بويىچە بۇ قىزغا ياردەم بېرىشنى شەرەپ ھېس قىلىدىغان تۇرسام، رەت قىلىشىم مۇمكىنمۇ؟
    -كامىلنى چاندىر يېزىىسغا مۇئاۋىن يېزا باشلىغى قىلىپ تەيىنلەپتۇ، ئۇنىڭ ئۈچۈن بەكلا كۆڭلۈم يېرىم بولىۋاتىدۇ،- دېدى ئۇ.
    -ئۇ ئۆسۈپتىغۇ،- دىدىم مەن.
    -شۇنىمۇ ئۆسۈش دىگىلى بولامدۇ، ئۆستۈرىدىغان ئىش بولسا ناھىيىلىك ئىدارە -ئورۇنلارنىڭ بىرسىگە ئۆستۈرسىمۇ تامامەن بولىدىغۇ. چاندىر يېزىسىنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغاندەكلا گەپ قىلىسىزغۇ. ھەممىسى ئاشۇ قارا كۆڭۈل خوتۇنىنىڭ ھىيلىسى. ئۆزىنىڭ ناشايان ئىشلىرىغا كامىلنىڭ توسالغۇ بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئەمەلدار ئاشنىللىرىنىڭ قولى ئارقىلىق ئۆستۈرۈپ كۆزدىن يۇقاتقان گەپ. شۇ تاپتا بىچارىنىڭ كۆڭلى قانچىلىك بىئارام بولۇپ كەتكەندۇ. بىر-ئىككى ئېغىز تەسەللى بېرىپ قوياي دىسەم يانفۇنىنى ئاچماپتۇ. ئۆيىگە ئۇراي دىسەم ھەمىشە ئەشۇ ھازازۇل خوتۇن ئالىدۇ، كامىلغا كۆڭۈلسىزلىك تېپىپ بەرمەي دەپ گەپ قىلمايلا قويىۋەتتىم. خوش بوپ كىتەي، سىز بىر ئۇرۇپ بېقىڭا، كامىل ئالسا گەپ قىلمايلا ماڭا بېرىڭ، خوتۇنى ئالسا خاتا ئۇرۇپتىمەن دەپ قويىۋېتىڭ، بولامدۇ؟
    مەن دەسلەپ سەل ئىككىلەندىم، ئەمما كېين ئۇنىڭغا ياردەم قىلىش ھىسياتىم ھەممىنى بېسىپ چۈشتى ھەم ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغان كامىلنى بۇنىڭغا ھەقلىق دەپ قارىدىم. شۇنىڭ بىلەن ھەم ھودۇققان ھەم بىراۋلارنىڭ قورغىنىغا خالىغانچە ھۇجۇم قىلىشنى خالىمىغان بىر قىياپەتتە ئەشۇ تېلفۇننى ئۇرۇپ ئۆز نامىمنى بۇلغىغان ئىدىم. شۇ چاغدىلا بۇ ئىشىمنىڭ دۇرۇس بولمىغانلىغىنى كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇراتتى، ئەمما ئىشنىڭ بۇنچىلىك چوڭىيىپ، يۈز-كۆزىڭىزدە جاراھەت ئىزى، قەلبىڭىزدە ھەسرەت دېغى، ئائىلىڭىزدە قارا تۇمان پەيدا قىلىشىنى زادىلا ئويلىمىغان ئىكەنمەن، شۇ تاپتا « مىنى كەچۈرۈڭ» دىيىشكىمۇ سالاھىيىتىم توشمايدىغانلىغىنى ھىس قىلىۋاتىمەن.
    پەزىلەتنىڭ بۇرنى ئېچىشقاندەك بولۇپ، كۆزلىرىگە لۆممىدە ياش كەلدى.
    - دىگەن ئىكەنمەن ھەممىنى بىراقلا دەۋېتەي. بۈگۈن مەھلىيا ئىشقا تولىمۇ روھسىز كەلگەن ئىكەن، سەۋەبىنى سورىسام تۈنۈگۈن كەچ كامىلنىڭ ئىزدەپ كەلگەنلىگىنى، ئىككىسى پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندا ئۇنىڭ مۇنداقلا ئارلىشىدىغان بىر تىجارەتچى تونۇشىنىڭ ياتاققا رۇخسەتسىزلا كىرىپ ئالا-جوقا سۆزلەپ كەيپىنى ئۇچۇرغانلىغى، شۇ تۈپەيلى كامىلنىڭ ئۇنى خاتا چۈشىنىپ رەنجىگەن پېتى چىقىپ كەتكەنلىگىنى ئېيىتپ بەردى. قارىغاندا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان ئوخشايدۇ. گەرچە مەن توي قىلمىساممۇ « ئەر تۇتقان ئۆينى ئايال بۇزالايدۇ، ئايال تۇتقان ئۆينى شەيتانمۇ بۇزالمايدۇ» دەپ ئاڭلىغان ئىدىم. سىز ئۆيىڭىزنى شۇنچىلىك ئەجىر-مېھنەت بىلەن تۇتۇپ كەپسىز، سىزنىڭ قەلبىڭىزنى يولدىشىڭىز ھامان چۈشىنىپ يىتىدۇ. ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىڭ، بارلىق ئازاپلارنى ئۇنتۇپ، تۇرمۇشىڭىزنى قايتىدىن باشلاڭ، بولامدۇ؟
    پەزىلەت « ئۇنتۇش شۇنچىۋىلا ئاسانمۇ؟ دىمەككە ئاسان بولغان بىلەن قىلماقنىڭ قانچىلىك قىيىن ئىكەنلىگىنى چۈشىنەمسىز؟ يېڭىدىن باشلاڭ دىگەن نىمە گەپ ئۇ؟ تۇرمۇش دېگەن بىر قول ئويناپ يېڭىلىپ قالسا يەنە قايتىدىن باشلاپ ئوينايدىغان شاھمات ئەمەس ياكى يېشىمى كۆڭۈلدىكىدەك بولماي قالسا يىرتىۋېتىپ قايتىدىن يازىدىغان رومان ئەمەسقۇ» دىمەكچى بولدىيۇ، ئويلىغانلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن قوشۇپ ئىچىگە يۇتۇۋېتىپ ئاستا باش لىڭشىتتى. كامىلنىڭ ئەتتىگەندە ئۆزىگە قىلغان مۇئامىلىسى ئېسىگە كېلىپ كۆڭلى تېخىمۇ غەش بولدى. « ئەسلىدە ئۇ پالتا -كەكىسىنى قاقتۇرۇپ دەككىسىنى يىگەچكىلا ماڭا شۇنداق قۇيرۇق شىپاڭشىتقان ئىكەن-دە. ئۇنىڭ مەھلىيا بىلەن بولغان ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتىمۇ دەيلى، ئەمما ئۇنىڭ شاللاق تۇرمۇشتىن تامامەن قول ئۈزگەنلىگىگە كىم گۇۋاھ بولالايدۇ؟...»
    پەزىلەت شۈمشۈيۈپ ئولتۇرغان ئەلىگە نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى. ۋۇجۇدىدا ئالىجاناپلىق بىلەن رەزىللىك، بىلىم بىلەن دىۋەڭلىك، ناتىقلىق بىلەن ئەخمەقلىق زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ بويتاق يىگىت بىلەن ئۈنسىز خوشلۇشۇپ، ئۆيىگە قايتتتى.
    يۇلتۇز تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ ئاللىبۇرۇن ئۇيقىغا كەتكەن بولسىمۇ لېكىن، پەزىلەتنىڭ كۆزىگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمىدى. ئويلىماي دىسىمۇ ئېرىنىڭ قىلغانلىرى ئېسىگە كېلىۋېلىپ ئۇنىڭ دىلىغا زادىلا ئاراملىق بەرمىدى. « ئاجرىشىش، ئاجرىشىش» پەزىلەتنىڭ خىيالىدا مۇشۇ بىر سۆز ئۈزۈلمەي تەكرارلىناتتى. ئەمىلىيەتتە ئاجرىشىشنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان بىردىن-بىر ئاقىلانە چارە ئەمەسلىگى پەزىلەتكە ئايان. قاچانكى ئۇنىڭ ئېغىزىدىن «تەگدىم» دىگەن ئاشۇ سۆز چىققان مىنۇتتىن باشلاپ ئۇلارنىڭ تەقدىرى، ھاياتى چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن. كامىل ئىلگىرى تولىمۇ ياخشى يىگىت ئىدى، ئۇ ۋاقتتا پەزىلەت ئۇنى ئاجايىپ سۆيەتتى. كېين كامىل تۇرمۇشنىڭ سىناقلىرىغا، شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئاينىپ كەتتى. ئەمدى ئۇنى ئەسكى دەپلا ئاجرىشىپ كەتسە گۈلنى سۆيۈپ تىكىنىنى ئۆچ كۆرگەندەك بىر ئىش بولمامدۇ. كامىل تۇغۇلىشىدىنلا ئەسكى ئەمەس، دەرۋەقە « ھەممە ئادەم بۇ دۇنياغا ئاق كۆڭۈل تۇغۇلىدۇ». ئەمدى ئەشۇ سەۋەنلىكلىرى ئۈچۈن پەزىلەت ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كەتسە...
    يانفۇنىنىڭ تۇيۇقسىز جىرىڭلىشى بىلەن پەزىلەتنىڭ خىيالى بۆلۈندى. كامىلدىن تېلفۇن كەلگەنلىگىنى بىلىپ يۈرىگى زىڭڭىدە ئاغرىپ كەتتى، ئالايمۇ -ئالمايمۇ دەپ بىر ئاز ئىككىلەندىيۇ يەنە ئالدى: 
    -ۋەي!
    -يۇلتۇز ئۇخلاپ قالدىمۇ؟
    -ھە-ئە.
    -يېزىلىق ھۆكۈمەت ئائىلىكلەر قوروسىدىن ئىككى ئېغىزلىق بىر ئۆينى تەييارلاپ قويۇپتىكەن، نەرسە-كېرەكلىرىمنى جايلاشتۇرۇپ ھېلىلا بىكار بولدۇم.
    ئارىدا بىر پەس جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، بۇ خىل جىمىتلىقتىن ئىككىلا تەرەپنىڭ يۈرىكى سىقىلغاندەك بولدى. 
    -ئائىلىنىڭ جىمى يۈكى ساڭىلا قالدى پەزىلەت. جاپا تارتساڭمۇ بىر مەزگىل چىدىغىن، مەنمۇ ئامال بار تىزراق قايتىپ كىتىدىغاننىڭ يولىنى قىلاي.
    پەزىلەت يەنە گەپ قىلمىدى. جاۋابەن بىر نىمە دىيىشى كىرەكلىگىنى ئويلىدى-يۇ، ئەمما نىمە دىيىشنى بىلەلمىدى. گەرچە كامىلنىڭ تەلەپپۇزى سىلىق، كۆيىنىش ئىپادىلىرى چىقىپ تۇرسىمۇ نىمىشقىدۇر بۇ خىل مۇئامىلە پەزىلەتنىڭ دىل يارىسىنى كوچىلاپ بارغانسىرى بىئارام قىلىۋەتتى. كامىل ئايالىنىڭ روھى ھالىتىنى چۈشەنسە كېرەك، ئارتۇق گەپ-سۆز قىلمايلا ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ تېلفۇننى قويىۋەتتى. تېلفۇن ئەمدىلا ئۈزۈلىشىگە يەنە كەلدى. «كامىلغۇ» دەپ ئويلىغان پەزىلەت ئېرىنچەكلىك بىلەن نومۇرغا قارىدى. پەزىلەت نومۇرنى كۆرۈپ تولىمۇ ھەيران قالدى، دىمىسىمۇ ئەلى قايسى يۈزى بىلەن پەزىلەتكە تېلىفۇن ئالىدۇ؟ ئۇ ئەمدى زادى نىمە دىمەكچىدۇ؟ تېپىپ بەرگەن ئاۋارىچىلىقىنى يىتەرلىك دەپ ئويلىمامدۇ يە؟ پەزىلەت يانفۇنغا قاراپ ئولتۇرىۋەردى، يانفۇنمۇ ئېرىنمەي سايراۋەردى. پەزىلەت يانفۇننى ئالمىسا ياكى ئېتىۋەتمىسە قارشى تەرەپ ئۇرۇشنى توختاتمايدىغاندەك قىلاتتى. ئۇ ئاخىر ئالدى:
    -ياخشىمۇ سىز پەزىلەت، ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟
    -ئەتىدىن سىز كۆرگەندىكىدەك،-دىدى پەزىلەت روھسىز ھالدا.
    -ئويلاپ كۆرسەم يېشىم خېلى بىر يەرگە بارغان بىلەن تۇرمۇشتا بەكلا ساددا ئىكەنمەن. ياق، ساددا ئەمەس بەلكى بىر دۆت-كالۋا ئىكەنمەن. ئەتىدىن پاراڭلاشقان ۋاقتىمىزدا «كەچۈرۈڭ» دىگەن گەپنى كۆپ قىلدىم. ئەمما سىزگە تېپىپ بەرگەن كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى قۇرۇق گەپ بىلەنلا يۇيالمايدىغىنىم ئېنىق. ئەگەر قوشۇلسىڭىز ئېرىڭىزنى ئىزدەپ بېرىپ ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ، سىزنىڭ گۇناھسىزلىغىڭىزنى بىلدۈرۈپ قويسام دەيمەن. رۇخسەت قىلارسىزمۇ؟
    -بولدىلا،- دىدى پەزىلەت ئېغىر تىنىپ،- ئۆتكەن ئىشلار ئۆتتى، ئەمدى ئۆزىڭىزنى ئەيىپلەۋېرىشنىڭ ھاجىتى يوق. كامىلغا چۈشەندۈرىمەن دەپمۇ يۈرمەڭ، بەزى ئىشلارنى ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ كەتسە ئەكسىچە تەسىر بېرىپ قويىدۇ. بولۇپمۇ ئەر-خوتۇنلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشلاردا.
    -ئەمىسە ئېيتىڭا، مەن سىزگە زادى نىمە قىلىپ بېرەي؟
    -نىمىمۇ قىلىپ بېرەلەيتتىڭىز، ئەڭ ياخشىسى مېنى بۇنىڭدىن كېين ئاۋارە قىلماڭ، شۇنىڭدىلا سىز ماڭا ئەڭ چوڭ ياردەم قىلغان بولىسىز،- پەزىلەت گېپىنى تۈگىتىپلا تېلفۇننى قويىۋەتتى.


خەير-خوش، مېنى سۆيگەن ئەر باشقا تېمىلار
خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (1)خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (2)خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (3)