باش بەت / ساقلايمەن

خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (1)

كىچىك ئوتتۇرھال چوڭ    يوللانغان ۋاقىت: 2011-9-16 08:53 | ئاپتور: مېھرىگۈل ئابلىز نەزەر | مەنبە: ئىجادىيىتىم | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

    كامىل قۇمباغ يېزىسىغا مۇئاۋىن يېزا باشلىغى بولۇپ ئۆستۈرۈلدى. ئۇ خىزمىتىنىڭ ئۆسكەنلىكىدىن بىر جەھەتتە خۇشال بولدى. چۈنكى، مۇئاۋىن يېزا باشلىقلىق ئەمىلى قارىماققا ئانچە چوڭ ئەمەلدەك قىلمىغىنى بىلەن، ئۇنى ئەمەل شوتىسىنىڭ تۇنجى بالدىقى دىيىشكە بۇلاتتى، تىرىشىپ ئىشلىسە ئۇزۇنغا قالماي بالداقمۇ بالداق ئۆرلەپ بىرەر ئىدارىگە ئىدارە باشلىقى بولۇپ ئۆسۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىدى. بىراق، يەنە بىر جەھەتتىن تازا رازى ئەمەس ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ ئايالى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، يېزىلاردا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچقا، ئۇنى مۇۋاپىق ئورۇنغا يۆتكىگىلى بولمايتتى، يەنە كىلىپ ئۇنىڭ قىزى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇۋاتاتتى. ئايالىنى يۆتكىسە قىزىنىڭ ئوقۇشىغا تەسىر يېتەتتى. ئائىلىسىدىكى ئىشلارنى دەپ تەشكىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا بويۇنتاۋلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايتتى. ئۇيان ئويلاپ، بۇيان ئويلاپ ئاخىرى ئايالىنى يۆتكىمەي ئۆزى بويتاقلارچە ئىشلەپ تۇرۇش قارارىغا كەلدى. لېكىن، يېقىندىن بېرى ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلى جايىدا ئەمەس ئىدى. ئۇ جىلە بولغانسىرى ئايالى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بىپەرۋا يۈرەتتى، ئايالىنىڭ بۇ ھالىتى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ گۇمانى توغرىدەك، ئايالى ئۇنى راستىنلا ئالداۋاتقاندەك، سىرتتا كىملەر بىلەندۇر كۆڭۈل خۇشى قىلىپ يۈرىۋاتقىنىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆردەككە سۇ يۇقمىغان قىياپەتكە كىرىۋالغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئايالىغا ئېيتقاندا ئايالى دەرھال:
    -ياخشى بوپتۇ، سىزنى تەبرىكلەيمەن ھەم چىن دىلىمدىن قوللايمەن. ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆرلەڭ، -دىدى. بۇ گەپ كامىلغا خۇددى رەسمىيەت ئۈچۈن مۇنداقلا دەپ قويۇلغاندەك تولىمۇ قۇرۇق، يېقىمسىز ئاڭلاندى.‹‹ مىنى يېزىغا ئەۋەتكىنىدىن ئىچىڭدە خوش بۇلىۋاتقانسەن بەلكىم... ››دەپ ئويلىدى ئۇ. پەزىلەت ئۇنىڭ خىيالىنى بىلىۋالغاندەكلا:
    -ئائىلىدىن ئايرىلىپ ئىشلەشكە كۆڭلىڭىز ئۇنىمايۋاتامدۇ؟ بۇ تەرىپىنى دېسىغۇ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم يېرىم، بىراق بىزدە نېمە ئامال؟ تەشكىل بىلەن قارشىلاشقىلى بولمىسا - يا. ئۆتكەندە بىر يىللىق خىزمەتكە بەلگىلىگەندىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆتكۈزدۇق، ھەرگىز بىئارام بولماڭ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۈتۈپ كىتەر،- دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ياسىدى. كامىل‹‹ سېنىڭچە بولسا مەن قانچە يىراققا كەتسەم شۇنچە ياخشى››دىمەكچى بولدىيۇ، لېكىن ئېغىزدىن چىقىرالمىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ يانفونى سايراپ قالدى. دوستى پەرھاد ۋە باشقا يېقىن-يورۇقلىرى ئۇنىڭ ئۆسكەنلىكىنى تەبرىكلەپ قويۇش ئۈچۈن رېستۇرانغا چاقىرغانىدى. ھايالشىمايلا ئۇ ‹‹ خەيرىكى ئاخشام ›› رېستورانىنىڭ ئايرىمخانىسىغا يېتىپ كەلدى. ئۈستەلدىكى نازۇ- نېمەتنىڭ موللىقىدىنلا زىياپەتنىڭ كاتتىلىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۇ كىرىشىگىلا تەرەپ- تەرەپتىن تەبرىك سۆزلىرى يېغىپلا كەتتى: 
    -مۇبارەك بولسۇن!
    - تېخىمۇ ئۈسۈپ كەت!
    - بىز پادا باققان چاغلاردىكى دوستلاردىن ئىدۇق، ياڭاق چاققاندا بىزنى ئۇنتۇپ قالما جۇمۇ!
    كامىل خىجىل بولۇپ:
    - نېمىلەرنى دەۋاتىسىلەر ئاغىنىلەر، مەن بىر ناھىيىگە ھاكىم بولمىدىم، ئەكسىچە يىراق بىر يېزىغا پالىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىمەن،- دىدى.
    -ھازىر مۇئاۋىن يېزا باشلىغى بولساڭ، ئىككى يىلدىن كېيىن جىڭ بولىسەن. يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي ناھىيىگە ھاكىم بولىسەن دىگەن گەپ.
    -نەدە ئۇنداق ئاسان ئىش بار؟
    -كۈرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس.
    -شۇ ئەمەسمۇ. 
    -بولدى، بولدى. باشقا گەپلەرنى قىلىشايلىچۇ.
    -كامىل پەزىلەتنى ئالماي كەپسىزغۇ؟،- دەپ سورىدى كامىل بىلەن ئىلگىرى بىر ئىشخانىدا ئىشلىگەن بىر قىز.
    - ئەمدى كامىلمۇ سورۇنغا ئايالىنى ئالماي بېرىشقا ئادەتلەنمىسە بولمايدۇ. چۈنكى، ئەمەلدار بولغان ئادەمگە سورۇن كۆپىيىدۇ، سورۇنغا ئوينىغىلى قىز دىگەن ئۆزلىگىدىن تەييار بولۇپ تۇرىدۇ.
    -ئۇنداق دىمەڭلار، كامىلنىڭ ئايالى پەرىدەكلا چىرايلىق، كامىل ھەرگىزمۇ باشقا قىزلارغا كۆز سېلىپ يۈرمەيدۇ.
    -‹‹ غۇنىجىنى يامان بولسا چىتنى بۆسەر، خوتۇنى ئۇز بولسا ئېرى ئۆسەر›› دىگەن گەپ راسمۇ نىمە؟- بۇ گەپ بىلەن سورۇندىكىلەر تەڭلا قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى، ئەمما بۇ گەپ كامىلنىڭ يۈرەك يارىسىغا بېرىپ تەگدى. سورۇندىكىلەر خوتۇنىنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى بىلىدىغاندەك، كامىلغا بىۋاستە ئېيتالماي دارىتمىلاۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدى. توۋا، بىر ئەرگە نىسبەتەن ئايالىنىڭ ئالا كۆڭۈللۈك قىلىشىدىنمۇ ئېغىر دەرد بارمۇ دۇنيادا؟ سورۇندىكى پاراڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى، سەيلەرمۇ ئېغىزىغا تېتىمىدى، ھەممىسىنىڭ تەمى بىر خىللا، شۇنداق ئاچچىق، شۇنداق لاۋزا. ئۇ ئارقا-ئارقىدىن ئىچىۋەردى. خېلى بىر چاغ بولغاندا ئۆزىنىڭ كەيىپ بولۇپ قالغانلىقىنى باھانە قىلىپ سورۇندىكىلەرگە ئۆزرە ئېيتتى، لېكىن ئۇلار قوشۇلمىدى. ئاخىرى ئۇ پەرھادقا:
    - بۈگۈن كەيپىياتىم ياخشى ئەمەس، مېنى چۈشىنىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن،- دىدى.
    - زادى نىمە بولدۇڭ؟- دەپ سورىدى پەرھاد.
    - خوتۇننىڭ ئىشى، - دىدى ئۇ دوستىنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلاپ تۇرۇپ،- ئۇ ئىشلارنى مەن ساڭا ئەتە ئايرىم سۆزلاپ بىرەي.
    پەرھاد دوستىنى ئوبدان چۈشەنگەچكە، ئۇنى ئاستاغىنا يولغا سېلىپ قويدى. كامىل سىرتقا چىققاندىن كىيىن ئۇدۇل ئۆيگە كىتىش كېرەكمۇ ياكى مەھلىيانىڭ يېنىغا بېرىش كىرەكمۇ؟ دەپ بىر ئاز تېڭىرقىدى. ئۇ بۈگۈن مەھلىيانىڭ كېچىلىك سىمىنىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇدۇللا شۇ يەرگە بارسا كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى. بىراق ئايالى شۇ تاپتا كامىلنىڭ رېستۇرانغا كەتكەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ئاشنىسى بىلەن ئۇچرىشىۋاتقاندۇ. كامىل ئۇدۇل ئۆيىگە بارسا بەلكىم تۆپىدىن چۈشۈپ پولاتتەك پاكىتقا ئېرىشەلىشى مۇمكىن. ئۇ ھەممىنى ئۇنتۇپ ئالدىراپ-تېنەپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. ئۆيىدە قىزى يۇلتۇز تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى، پەزىلەت خەنزۇچە‹‹ تەرمىلەر›› ژۇرنىلىدىن بىر ماقالىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىۋاتاتتى. ئېرىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىگىنى كۈرۈپ قولىدىكى ئىشىنى قويۇپ، ئېرى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئاللا بۇرۇن تەييارلاپ ئىسسىققىنا ئوراپ قويغان، باچكا گۆشىدە قىلىنغان قىيمىلىق كۆمەچنى ئېلىپ چىقتى.
    -ئېلىۋەت، ىىر نەرسە يېگۈم يوق، سىرتتا غىققىدە تويۇپ كەلدىم،- دىدى كامىل سۇغۇقلا. پەزىلەت كۆمەچنى تۇتۇپ تۇرۇپلا قالدى. بىر نەرسە دىمەكچىمۇ بولدى، ئەمما كامىلنىڭ كەيپىياتىنىڭ تازا ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ جىم بولدى. تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ بولغان يۇلتۇز دادىسىغا ئەركىلەپ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ:
    - بۈگۈن مەكتەپتە مۇئەللىم بىزگە بىر ناخشا ئۆگۈتۈپ قويدى، ئوقۇپ بىرەيمۇ؟- دىگىنىچە بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتقاچ، بىر تەرەپتىن ئۇسۇل ئويناشقا باشلىدى. قىزىنىڭ بالىلارغا خاس ئوماق، تاتلىق قىلىقلىرى كامىلنىڭ كۈڭۈل غەشلىكلىرىنى ئاستا-ئاستا تارقىتىۋەتتى. ئۇنىڭ قەلبى ئاتىلىق مېھرىدە ئېرىپ سۇ بولدى. بۇ دۇنيادا پەرزەنىت مۇھەببىتىدىن كۈچلۈكرەك مۇھەببەت بولمىسا كىرەك. بولۇپمۇ ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئۆزگىچە شېرىن ھەم چوڭقۇر. ئاشۇ مۇھەببەت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ ئۇلارنى يېنىك پەپىلەپ شېرىن ئۇيقۇ ئالىمىگە باشلاپ كىردى.
    ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا تېلېفون جىرىڭلاپ ئۇلارنى ئويغىتىۋەتتى.
    –كەيىپ بولۇپ قالغان ئاغىنىلەردىن بىرى سورۇنغا چاقىرىپ تېلېفون ئۇردىمىكىن، كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، مىنى سورىسا يوق دىگىن،- دىدى كامىل ئېرىنچەكلىك بىلەن. پەزىلەت تېلېفوننى ئالدى: 
    -ۋەي.
    -ۋەي سىز كىم؟- دەپ سورىدى قارشى تەرەپ.
    - مەن پەزىلەت، ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟
    تېلىفون ئۇرغان ئەر ئىسمىنى ئېيتمايلا:
    - مەن ئەلىنى ئىزدىمەكچى ئىدىم، خاتا ئۇرغان ئوخشىمامدىمەن،- دىدى.
    - شۇنداق خاتا ئۇرۇپسىز، بۇ كامىلنىڭ ئۆيى، - دىدى پەزىلەت.
    -ئۇ... كەچۈرۈڭ! - دىدى ھېلىقى ئەر سىپايىلىق بىلەن. پەزىلەت:
    -ھېچقىسى يوق،- دەپلا تۇرۇپكىنى قويىۋەتمەكچى بولىۋىدى، قارشى تەرەپ چاققانلىق بىلەن:
    - بىمەھەل تېلېفون قىلىپ سىزنى ئاۋارە قىلغىنىم ئۈچۈن سىزدىن يەنە بىر قېتىم كەچۈرۈم سورايمەن، مىنى كەچۈرۈڭ! - دىدى.
    - دەرۋەقە نومۇرىنى تەكشۈرمەيلا تېلېفۇن ئۇرۇپ تاتلىق ئۇيقۇسىنى بۇزىۋەتكىنى ئۈچۈن پەزىلەتنىڭ ناھايىتى ئاچچىغى كەلگەن ئىدى، بىراق قارشى تەرەپنىڭ شۇ قەدەر سىپايىلىك بىلەن ئەپۇ سورىشى ئالدىدا يەنە ئاچچىقلاشقا ئامالسىز قالدى:
    - كېرەك يوق، خوش.
    - ياخشى چۈش كۆرۈڭ خانىم.
    - رەھمەت! 
    پەزىلەت تېلېفوننى قويىۋىتىشىگە:
    - كىمدىن كەپتۇ؟- دەپ سورىدى كامىل.
    -خاتا ئۇرۇلغان تېلېفون بولمامدۇ،- دىدى پەزىلەت يېتىشقا تەرەددۇتلىنىپ.
    -كىمىڭنى ئالدايسەن؟- دىگەن قوپال سوراق بىلەن تەڭلا چاڭڭىدە تەگكەن تەستەك زەربىسىدە ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ كەتتى،- ھىم! خاتا ئۇرۇلغان تېلېفونمىش تېخى. مىنى گېپىڭگە ئىشىنىدۇ دەمسەن؟ ھۇ پاسكىنا! – كامىل ۋاقىرغىنىچە پەزىلەتنى يەنە بىر تەستەك سالدى. تاتلىق ئۇخلاۋاتقان يۇلتۇز چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كۆزلىرىنى پىيالىدەك ئاچقىنىچە بىردە ئانىسىغا، بىردە دادىسىغا قارىدى. كامىل ئايالىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە ئىمكان بەرمەي يەنە ھۆركىرىدى:
    - ئېيتە، ئاشناڭ زادى كىم؟
    -كامىل، بۇ نېمە دىگىنىڭىز؟ نەدىكى ئاشنا ئىكەن ئۇ؟ مېنىڭ سىزدىن باشقا ئادىمىم يوق. مېنى ئۇرماڭ، گەپ بولسا چىرايلىقچە دىيىشەيلى، بالىنى قورقىتىۋەتمەيلى،- دېدى پەزىلەت ئۆتۈنگەن ھالدا.
    -گەپنى بۇراشقا نېمە دىگەن ئۇستا سەن تېگى پەس قانجۇق. بالىنى تولا ئېغىزىڭغا ئالغۇچى بولما، بۈگۈن ئاشناڭنىڭ كىملىكىنى ئېيتمايدىغان بولساڭ مەندىن قۇتۇلالمايسەن. ئېيتە، ئۇ زادى كىم؟
    كامىل يىرتقۇچ ھايۋاندەك ئايالىغا تاشلاندى، چاچلىرىنى يۇلۇپ، ئۇرۇپ-دەسسەشكە باشلىدى. قورقۇپ كەتكەن يۇلتۇز يىغلىغىنىچە دادىسىنىڭ قولىغا ئېسىلدى:
    - جېنىم دادا ، ئاپامنى ئۇرماڭ. سىزدىن خۇش بولۇپ كېتەي، ئەمدى ئۇرماڭ. -كامىل قىزىغا ناھايىتى ئامراق ئىدى. بىراق، ھازىر ئۇنىڭ ئەقلى ئاچچىقىنى يېڭىشكە قادىر بولالمىدى. ئۇ ھازىر بەئەينى بىر تەلۋە ئىدى. قىزى ئانىسىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى.
    - قويىۋەت قىزىم بۇ بۇزۇقنى! ئۇ ساڭا ئانا بولۇشقا ھەرگىز مۇناسىپ ئەمەس،- دېگىنىچە قىزىنىڭ قولىنى كۈچەپ ئاجرىتىۋالدى. قىزى:
    - جېنىم دادا، ئاپامنى ئۇرغىچە مىنى ئۇرۇڭ،- دېدى.
    -بوپتۇ بۈگۈن قىزىمنىڭ لەۋزىنى ئالاي، بىراق ماڭا قىلغان ساداقەتسىزلىكىڭنى مەڭگۈ كەچۈرمەيمەن!
    كامىل سۆزىنى تۈگىتىپلا يوتقان-كۆرپىلىرىنى كۆتۈرۈپ تاشقىرىقى ئۆيگە چىقىپ كەتتى. پەزىلەت قىزىنى بەزلەپ ياتقۇزدى، ئاندىن ئۇنى باغرىغا باسقىنىچە ياستۇققا باش قويدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئۈن سېلىپ بىر يىغلىۋالغۇسى بار ئىدى. بىراق، ھەسرەتتىن ئۆپكىسى ئۆرلەپ بوغۇزىغا كەپلىشىۋېلىپ يىغىنى سىرتقا چىقارغۇزمىدى. زەرداپ يۇتۇپ يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتتى. ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ تاتلىق ھەم ئاچچىق ئەسلىمىلىرى كۆز ئالدىدا قايتىدىن نامايان بولۇشقا باشلىدى. تويدىن ئىلگىرىكى ئوتلۇق ۋەدىلەر، يۇلتۇزلۇق كېچىلەردىكى يوشۇرۇن ئۇچرىشىشلار، تويدىن كېيىنكى شېرىن ئاي، گۈزەل تىلەكلەر، ‹‹سەن بىلەن ئۆتسۇن ئۆمرۈم جېنىم›› دەپ ئېيتقان لىرىك ناخشىلار، قىزى تۇغۇلغان چاغدىكى چەكسىز خۇشاللىق، تەبرىك ۋە ئارزۇ -ئۈمىتلەر... ئۇ چاغلار بەخىتكە نەقەدەر تويۇنغان چاغلار ئىدى – ھە! ئەپسۇس...
    ئىككى يىل ئاۋال ناھىيىدە قۇرۇلغان بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى خادىملىرى قاتارىدا كامىلمۇ نۇرتاغ يېزىسىغا بىر يىللىق ئەۋەتىلدى. بۇ تاغلىق يېزا بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، كامىل بەزىدە ئون بەش كۈندە بىر قېتىم ئائىلىسىگە قايتالايتتى. دەسلەپتە بۇ ئايرىلىش ئۇلارغا گويا دوزاخ ئازابىدىنمۇ ئېغىر كەلدى. ھەر قېتىم تېلېفون جىرىڭلىسا پەزىلەتنىڭ يۈرىكى ھاياجاندىن ئوت بولۇپ ياناتتى. كامىل ئائىلىگە قايتىپ كەلگەندە بولسا پەزىلەت ئۇنىڭ ئىسسىق باغرىدا شامدەك ئېرىپ كىتەتتى. بىراق، كېيىنچە كامىلنىڭ باغرى پەزىلەتنىڭ سېغىنىشتىن چاڭقىغان ۋۇجۇدىنى ئىللىتالماس بولۇپ قالدى. چۈنكى، كامىلنىڭ يۈرىكى بارغانسېرى سوۋۇشقا، ھەتتا مۇز بولۇپ قېتىشقا باشلىغانىدى. ناھىيىدىن يېزا-بازارلارغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، ئۇلار تۈۋەنگە بارغاندا ئاق كۆڭۈل دىھقانلار بالىلىرىغا پۇشۇرۇپ بېرىشكىمۇ قىيماي يىققان نەچچە دانە تۇخۇملىرىنى پىشۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئەكىلىشىدۇ. ئۇلار دىھقانلارنىڭ دەردىنى بىرەر قۇر ئاڭلاپ قويىشىدۇ، كەچتە كەنىت كادىرلىرىنىڭ ئۆيىدە مىھمان بولغاندا ھەممىنى ئۇنتۇپ قايتىشىدۇ. گەرچە يۇقىردىن يېزا سىياسىتىنىڭ دىھقانلارغا پايدىلىق نۇرغۇن يېڭى يوللىرى ياسالغان بولسىمۇ، بىراق يېزا، كەنىت كادىرلىرى بۇ يوللارغا نۇرغۇن تاش-چالمىلارنى ياتقۇزۇپ ئوڭغۇل -دوڭغۇل قىلىۋەتكەن. ناۋادا ھەر بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى بىردىن تاش-داڭگالنى ئېلىۋەتكەن بولسا، تۆۋەندە ھەل قىلغىدەك مەسىلىمۇ قالمىغان بولاتتى. ئۇلار كەلدى، كەتتى. ئوسما كېتىپ قاش قالدى، سۇ كېتىپ تاش قالدى. بۇ قېتىم كەلگەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارمۇ تۈرلۈك جەدۋەللىرىنى كۆپتۈرۈپ ھەم چۆكتۈرۈپ ھەپتىدە ياكى ئايدا بىر قېتىم ناھىيىگە يوللىۋەتسىلا باشقا ۋاقىتلاردا كۈنىنى ئاساسەن يەپ-ئىچىش، ئويناش بىلەن ئۆتكۈزدى. بەزىلىرى ھەتتا ئۇ يەر، بۇ يەردىن تېپىپ كەلگەن نادان قىزلار بىلەن كۆڭۈل خۇشى قىلىپ يۈردى. كامىل بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قالدى. ئۇنىڭ ئەخلاق جەھەتتىكى تەلىپى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئەزەلدىن ئاياللارغا يامان نىيەتتە بولۇپ باقمىغان ئىدى، ئايالىغىمۇ قاتتىق تەلەپ قوياتتى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى ئاللىقاچان ئۆيلۈك -ئوچاقلىق بولۇپ بولغان، ھەتتا پەرزەنتى بار بىر قىسىم ئادەملەرنىڭ قىلىپ يۈرگەن چاكىنا ئىشلىرىنى كۆرۈپ ئىچ-ئىچىدىن ئېچىندى. ئۇلارغا نەسىھەت قىلدى. ئازراق كەيىپ بولۇپ قالغان بىر ئايال قىلچە ھېىيقماستىن:
    - ئانچە -مۇنچە ئويناپ قويغاننىڭ نېمىسى يامان؟ بولمىسا بۇ تاغ تۇرادا زېرىكىپ ئىت بولۇپ كەتمەمدۇ كىشى،- دىدى. كامىل ئەزەلدىن ئاياللارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيتتى. ئۇلارنى ‹‹پاكلىقنىڭ نامايەندىسى، گۈزەللىكنىڭ ئەلچىسى، يورۇقلۇقنىڭ ھامىيسى›› دەپ قارايتتى. شۇ تاپتا سۆزلەۋاتقان بۇ ئايال كامىلنىڭ كۆزىگە ناھايىتى بەتبەشىرە، يىرگىنىچلىك مەخلۇقتەك كۆرۈنۈپ ئىچ-ئىچىدىن سەسكىنىپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭغا نەسىھەت تەرىقىسىدە:
    - ئوينىسىڭىزمۇ ئېرىڭىزنى ئويلاپ قويۇپراق ئويناڭ،- دىدى. 
    - ۋاييەي، -دىدى ئۇ پەرۋاسىزلا،- بۇ كەمدە ئوينىمايدىغان كىم بار دەيسىز؟ شۇ تاپتا مىنىڭ ئېرىم بىلەن سىزنىڭ ئايالىڭىز ئويناۋاتامدۇ تېخى؟!
    بۇ گەپ كامىلنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىۋەتتى. ئۇ بۇ ئايالغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپ قويۇپ نېرى كەتتى. لېكىن، كۆڭلىگە قانداقتۇر بىر گۇمان سايە تاشلاپ ئۆتكەندەك بولدى. ئاياللاردا ئىنساپ -دىيانەت قالمىدىمۇ نىمە؟ مۇنۇ ئايال ئېيتقاندەك ھەممە ئادەم ئاشۇنداق ئويۇنچى بولۇپ كەتكەنمىدۇ؟ ياق، جىمى ئاياللار بۇزۇلۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ مىنىڭ ئايالىم ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بىر ئەخلاقلىق، يۈزى تۈۋەن ئايال. بىراق... ھەي، ئۇ ھەرگىزمۇ پەرىشتە ئەمەس، ئۇمۇ بايىقى ئايالغا ئوخشاشلا گۆش بىلەن قاندىن، ھىسيات بىلەن جاندىن پۈتكەن ئىنسانغۇ. مەن بۇ يەردە ئۇنىڭغا ئىنساپ تىلەپ يۈرگىنىم بىلەن، كىم بىلىدۇ، ئۇمۇ باشقا بىر يەردە بايامقى خوتۇندەك، پاسكىنا سۆزلەپ، مىنىڭ يۈزۈمگە دەسسەپ ئويناۋاتامدۇ -تېخى؟ شۇنىڭدىن باشلاپ ئاچچىق بىر گۇمان ئۇنىڭغا جىندەك چاپلىشىۋالدى. ئائىلىسىگە قايتقان چاغلىرىدىمۇ ئايالىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئىش-ھەركەتلىرىگە تەپسىلى كۆز سالىدىغان بولۇپ قالدى. پەزىلەتنىڭ كۈندە ئەتىگەن ئەينەكنىڭ ئالدىدا بىر ھازا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى ياساپ گىرىم قىلىشلىرى، كىيىملىرىنى قاتۇرۇپ كىيىپ تىكلىمە ئەينەكنىڭ ئالدىدا ئۇيان -بۇيان تولغىنىپ ئۆزىگە سىنچىلاپ قاراشلىرى كامىلنىڭ كۆزىگە سىغماي قالدى. بۇرۇنغۇ ياسانسۇن مەيلى، ئەمدى ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، بىر بالىغا ئانا بولغاندا ياسىنىپ نىمە كەپتۇ؟ ياسىنىشنى قىزىغا قويۇپ بەرسە بولمامدۇ؟ مەن يېنىدا بولسامغۇ مەيلى، مەن يوق ۋاقىتلاردىمۇ باشقا بىراۋغا چىرايلىق كۈرۈنۈش ئۈچۈن مۇشۇنداق ياسىنىپ يۈرەمدىغاندۇ؟ ئەجەپ مۇشۇ چاققىچە خوتۇنۇمنى پاك ساناپ يۈرۈپتىمەن، نېمىشقا ئوبدانراق دىققەت قىلمىغاندىمەن؟ ھەممىسى ئۆزەمنىڭ شورى، مەن خوتۇنىنى ماختاپ يۈرىدىغان مۇشۇنداق ئەخمەق بولغاندىكىن بۇرنۇمدىن يىتىلىمەي قالامدۇ؟ قارىسام پالانى پاك، پالانى بۇزۇق دەپ باھا بېرىشنىڭ ئۆزى تولىمۇ ھاماقەتلىك ئىكەن. سىرتىدىن قاراپ گۈلگە يەنە بىر رەسىمگە باھا بەرگىلى بولغىنى بىلەن ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا باھا بەرگىلى بولمايدىكەن، ئايالىممۇ قارىسا ئەخلاقلىق ئايالدەك كۆرىنىدۇ. بىراق، ئىچىدە نىمىنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمىغان. بايىلا باشقا بىر ئەرنىڭ يېنىدىن كىلىپ ئەمدى ماڭا ھىجىيىپ قاراۋاتامدۇ - تېخى. مەن بىلمەي يۈرگىنىم بىلەن سىرتتا كىملەردۇ ماڭا مەسخىرە بىلەن كۈلۈپ قارىغان بۇلۇشى مۈمكىن. يائاللا، ئادەملەرنى نىمىشقىمۇ توي قىلىشقا ياراتقان بولغىيتتى. ئەزەلدىن بىر-بىرىگە يات بولغان ئىككى ئائىلە، ئىككى خىل مۇھىتتا چوڭ بولغان ئىككى ئادەمنى نىكاھ زەنجىرىدە باغلاپ بىر ئۆيگە بەنت قىلىپ، ئازاپقا مۇپتىلا قىلغۇچە تەنھا ياشايدىغان ياراتسا بولماسمىدى، نىكاھ دىگەن بۇ نەرسە خۇدانىڭ ئەر-ئاياللارنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلەتكەن بىر خىل چارىسىمىدۇ - يا؟! ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇش دىگەن نىمە - ئۇ؟ بۇ تۇرمۇشنىڭ ئۆزى تەكرار ئالدىنىش، ھەسرەت ۋە كۆز ياشلار بىلەن توقۇلغان كۈرۈمسىز تور. مەن بولسام ئاشۇ تور ئىچىدىكى نىمجان بېلىق. ئاچچىق يۇتۇپ خۇدىنى يوقاتقان كامىل چېچىنى تاراۋاتقان ئايالىغا قاراپ: 
    -بولدى قىلە، نېمانچە ياسىنىسەن؟- دەپ ۋارقىرىدى.
    -ئۆزەمنى ئاز-تولا ياساپ يۈرمىسەم كۆزىڭىزگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىپ باشقا بىرىنى تېپىۋالسىڭىز قانداق قىلىمەن؟- دىدى ئايالى كۈلۈپ تۇرۇپ.
    -دىمەك سەنمۇ باشقىلارغا چىرايلىق كۆرۈنۈش ئۈچۈن ياسىنىدىكەنسەن-ھە؟،- دىدى كامىل. پەزىلەت دەسلەپ ئېرىنىڭ بۇنچىۋىلا خاپا بولۇپ كەتكىنىنى بىلمىگەچكە، گەپنى چاخچاق بىلەن ئۆتكۈزىۋەتمەكچى بولغانىدى. بىراق، كېيىنكى گېپىدىن ئېرىنىڭ راستىنلا زەردە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ، مىجەزى بارا -بارا ئۆزگىرىپ كېتىۋاتقان ئېرىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىدى. ئۇنىڭ ئاچچىغى كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزىنى زورىغا تۇتىۋېلىپ سىپايىلىق بىلەن:
    -ئوقۇتقۇچى بولغاندىكىن ئۆزەمنى ئاز-تولا تۈزەشتۈرۈپراق يۈرەي دەپتىمەن. چېكىدىن ئاشۇرىۋەتكەن يەرلىرىم بولسا بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي،- دىدى. شۇنىڭ كامىلمۇ ئارتۇق بىر نەرسە دىيىشكە ئامالسىز قالدى.
    ھەممە ئىش بىكارچىلىقتىن چىقىدۇ دىگەندەك، خىزمەت گۇرۇپپا خادىملىرى بىكار قالسىلا سورۇن تۈزىشەتتى. سورۇنمۇ رەڭسىز بولمايتتى، ئەلۋەتتە. ئىچكى دۇنياسى چۈشىنىكسىز زىددىيەتلەر بىلەن تۇشۇپ كەتكەن كامىلنىڭ قىز-پىزلار بىلەن تانسا ئويناشقا خۇشى بولمىغان بىلەن، ھاراق-شاراپ كۆتۈرۈشتە خېلى ئېپى بار ئىدى. ‹‹ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ›› دىگەندەك ئۇمۇ كېيىنچە يېزىلىق مەدىنىيەت پونكىتىدا ئىشلەيدىغان ئىگىز بويلۇق كەرىمە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ قالدى، بۇ قىزنىڭ مىجەزى كامىلغا غەلىتە تۇيۇلدى، گەپنىڭ بېشىنى چىقىرىپ بولغىچە‹‹ياق، ياق››دەپ تۇراتتى ئەمما كۈلۈپ تۇرۇپ بىر دەمدىلا تەسلىم بولدى. كامىل ئۆزىنىڭ بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن خېلى بىر مەزگىلگىچە ۋىجدان ئازابى تارتىپ يۈردى. ئۆزىنى پەزىلەتكە يۈز كىلەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدى. نۇرتاغ دەرياسىدا نەچچە قېتىم يۇيۇندى. ھەر قانداق يولدا تۇنجى قېتىم ماڭغاندا تەمتىرەيدىغان گەپكەن، مېڭىۋەرگەنسېرى كۆنۈپ قالىدىكەن، كامىلغا كېيىنچە بۇ ئىشلار باشقىچە تۇيۇلمايدىغان، ھازىر جاھاننىڭ رەپتارى شۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى. كامىل كەرىمەگە باشتىلا‹‹بىز ئارلىشىپ ئۆتەيلى، ئەمما مەن سىزنى نىكاھىمغا ئالالمايمەن، مېنىڭ ئايالىم ھەم بىر قىزىم بار...›› دېگەن ئىدى، كەرىمە‹‹خاتىرجەم بولۇڭ، نىكاھ بولمىسىمۇ مۇھەببەت بولىۋېرىدۇ. كۆڭلىمىز چۈشۈپ ئارلاشتۇق، كۆڭلىمىز سوۋۇپ كەتسە ئايرىلىپ كېتىمىز، مۇھەببەتكە شەرت قويۇش ھاجەتسىز، ھېچكىم-ھېچكىمگە قەرزدار ئەمەس...›› دەپ جاۋاپ بېرىپ، كامىلنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلدى. كېيىنچە كامىل بۇ قىزنىڭ ئۆزىگىلا قاراشلىق ئەمەسلىگىنى، باشقا ئەرلەر بىلەنمۇ بېرىش-كېلىش قىلىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن كامىلنىڭ ئاياللارغا بولغان ئىشەنمەسلىك ھېسسىياتى يەنە بىر ھەسسە كۈچەيدى.
    ئاياللار بۇنداق ئىشلارغا سەزگۈر كېلىدۇ، پەزىلەت ساراسىمە ئىچىدە قالدى. تۈرلۈك تۈمەن خىياللار ئۇنى قىينايتتى. ‹‹ ئۇ راستىنلا ئۆزگەرگەنمىدۇ، سىرتقا قاراپ قالغانمىدۇ؟... ياق، سەۋرىچانراق بولاي، -دەيتتى ئۇ يەنە ئۆزىچە، - ئۇ ھەر قانداق ئىشنى قىلسىمۇ ھەرگىز بۇزۇقچىلىق قىلمايدۇ. ۋاقىت ھەممنى ھەل قىلىدۇ، ئۇنىڭ سىرتتىكى خىزمىتى ئاخىرلاشقاندا ئۇ يەنە پۈتكۈل بارلىقى بىلەن ئائىلىمىزگە قايتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشىنىشىم كىرەك، ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىش ۋاقىتلىق ئۆتكۈنچى شامال. ئۇ بىر مەسئۇلىيەتچان ئەر، ماڭا ۋە قىزىمىزغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. مەن ئۆز ساداقىتىم ۋە مېھىر-مۇھەببىتىم بىلەن ئۇنىڭ قەلبىنى ئىللىتىپ تۇرىشىم، ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ مۇزغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىم كېرەك...›› پەزىلەت ھەممە ئۈمىدنى كامىلنىڭ نۇرتاغدىن قايتىپ كېلىشىگە باغلىغانىدى، خۇددى ئېرى قايتىپ كىرسىلا ھەممە ئىش ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەك ئاجايىپ خىياللاردا كۆڭلىنى تاتلىق ئېتىپ يۈرگەن ئىدى. كامىل قايتىپ كىرگەندىن كېيىن ئۇ ئېچىنىش ئىچىدە شۇنى ھېس قىلدىكى، ھېچ نېمە ئۆزگەرمىگەن، ھەممىلا نەرسە بۇرۇنقىدەك، ئائىلىنىڭ ھەممە يۈكى پەزىلەتكە يۈكلەنگەن، كامىلغا نىسپەتەن بۇ ئۆي قونالغۇدىن باشقا نەرسە ئەمەس، تاماقنى يەپلا چىقىپ كېتىپ كېچە بىر مەھەلدە قايتىپ كېلىدۇ، بەزىدە ھەتتا كېچە-كېچىلەپ سىرتتا قونۇپ قالىدۇ. پەزىلەت ھەممىگە چىدىدى، كۈنلەشتىن مۇستەسنا ئېرىنىڭ ئەمدىلىكتە كىچىككىنە ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈنمۇ كۈندەشلىك قىلىپ ھۆركىرەشلىرىگە، ئەزەلدىن بىراۋنى تاك ئېتىپ چېكىپ باقمىغان كامىلنىڭ ئەمدىكى زوراۋانلىقلىرىغا، ئىلگىرى بىرەر كۈن تىن ئېلىشماي قالسا چىدىيالمايدىغان ئېرىنىڭ ئەمدى ھەپتىلەپ، ئايلاپ قۇچاق ئاچماسلىقلىرىغىمۇ چىدىدى. چۈنكى، پەزىلەت ئۇنى سۆيەتتى، تۇرمۇشنىڭ باشقىچە بولۇشىنى قىسقىسى كامىلدىن ئايرىلىپ ياشىيالىشىنى تەسەۋۋۇرىغا سىغدۇرالمايتتى. قىزىنىڭ تىرىك يېتىم بولۇپ قېلىشىدىن ئۆلگىدەك قورقاتتى. شۇڭا ئۇ بۈگۈنگىچە ھەممىگە چىداپ كەلدى. بىراق، سەۋرى قاچىسى ھەر قانچە چوڭ بولسىمۇ ھامىنى تاشىدىغان گەپكەن، بۈگۈنكى ناھەق يېگەن تاياق ئۇنىڭ خېلىدىن بېرى ئېھتىيات بىلەن قوغداپ كېلىۋاتقان قەلب قورغىنىنى ئاخىرى كۇمپەيكۇم قىلىۋەتتى. ئۇ تاياق يېگىنىگە ئەمەس، بەلكى‹‹بۇزۇق›› دەپ ھاقارەتلەنگەنلىكىگە زادىلا چىدىيالمىدى. ئۆزى كۆرسەتكەن ساداقەتمەنلىكىنىڭ مۇكاپاتى ئۈچۈن ‹‹تېگى پەس قانجۇق›› دىگەن ئاتاققا ئېرىشسە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟ تېلېفۇننىڭ بەزىدە خاتا ئۇرۇلۇپ قېلىشى دىگەن نورمال ئىشقۇ، بۇ دۇنيادا تېلېفۇنى بارلار ئىچىدە خاتا ئۇرۇلمىغان تېلېفۇنغا دۇچ كېلىپ باقمىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كېرەك. ئەجىبا كامىل مۇشۇنداق ئاددى ئىشنىمۇ چۈشەنمىسە بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك؟ ئۇ چۈشەنمەيدۇ ئەمەس، چۈشىنىدۇ. لېكىن، مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن چۈشەنمەس بولىۋالغان گەپ. كامىلغا قىزلاردىن تېلېفۇن كەلگەندە پەزىلەتمۇ‹‹ خىزمەتداشلىرىدۇ›› دەپ ئويلاپ باشقىچە چۈشەنمىگەن ئىدىغۇ. ئۇنىڭ كۆڭلىگە پۈتۈنلەي كەلمىدى ئەمەس، كەلدى. بىراق، ئۇ ئۆزىنى كەڭ قورساق بولۇشقا، سەۋر-تاقەت قىلىشقا ئۈندەپ كەلگەن ئەمەسمىدى؟ ئەجىبا پەزىلەت ئويلىغاننىڭ ئوندىن بىرىنى كامىل ئويلىيالمىسا -ھە؟! ئەزەلدىن كەڭ قورساقلىقتا تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقىنى ئەرلەرغۇ؟ ئۇ ئويلا-ئويلا ئاخىرى ئاجرىشىپ كېتىشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ‹‹ مەن كامىلنى سۆيگىنىم بىلەن ئۇ مىنى سۆيمەيدىكەن. قىزىم ماڭا نىكاھنى ساقلاپ بىرەلەيدىكەنۇ، مۇھەببەتنى ساقلاپ بېرىشكە قادىر ئەمەسكەن. ئۇنىڭغا بۇنچە يېپىشىۋېلىپ نېمىمۇ قىلارمەن؟ ماڭىمۇ تەقدىرنىڭ بىر بەت يازمىشى باردۇ...››
    -كامىل، ئۇخلىدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى پەزىلەت ئېرى بىلەن يەنە بىر قېتىم پاراڭلىشىش مەقسىتىدە.
    -ياق، - دىدى كامىل توڭلۇق بىلەن.
    كېچە شۇنچىلىك كۆڭۈلسىز ۋە زېرىكىشلىك تۇرسا كىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى كەلسۇن. دىمەك ئۇمۇ پەزىلەتكە ئوخشاش چىگىش خىياللارغا ئەسىر بولۇپ تۈننى تاڭغا ئۇلىماقتا ئىدى. 
    -مەن سىز بىلەن پاراڭلىشاي دىگەن،- پەزىلەت پەس ئاۋازدا شۇنداق دىدى.
    -گىپىڭ بولسا دەۋەر،- پەزىلەت دۇدۇقلىدى، كامىل ھېچنېمە دېمىدى. پەزىلەت ئاخىرى قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ئېغىز ئاچتى:

   - بىز ئەمدى ياخشى ئۆتەلمىگۈدەكمىز كامىل، ئاجرىشىپ كېتەيلى.
   -نىمە، ئاجرىشىپ كېتەيلى؟ مۇشۇ گەپنى سەن دەۋاتامسەن پەزىلەت؟ مەن تېخى گۇناھىنى تونۇپ ئەپۇ سورىماقچى ئوخشايدۇ دىسەم، سەن نېمىلەرنى دەۋاتىسەن؟
    -بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئىشەنچ بولمىغاندىكىن، ئاجرىشىپ كىتەيلى. 
    -ھە، - دىدى كامىل مەسخىرىلىك تەلەپپۇزدا، -ئۆز مەخسىتىڭنى ئاخىرى ئاشكارىلىدىڭ. يېقىندىن بېرى ئىچىڭگە تىنىپ چىراي ئاچماي يۈرىدىغان بولۇپ قالغانتىڭ. خاتا تېلېفۇن ئۇرىدىغانلارمۇ كۆپىيىپ قېلىۋىدى، زادى بۇنىڭدا بىر ئىش بار دەپ يۈرسەم دىگەندەك ئەسلى نىيىتىڭ مەندىن ئاجرىشىش ئىكەندە. چىرايىڭ ئاق بولغان بىلەن يۈرىكىڭ قارا بىر نېمە ئىكەنسەن. ساڭا بولغان ئىشەنچىمنى شۇنداقمۇ يەردە قويامسەن؟ ئېيتە، تېپىۋالغان ئۇ ئادىمىڭنىڭ مەندىن نەرى ئارتۇقكەن؟
    -بولدى كامىل، ئۇنداق دىمەڭ. سىزگە يۈز كېلەلمەيدىغان يېرىم يوق.
    -راستما؟ ئۇنداق بولسا قاراپ تۇرۇپ قىزىمىزنى يېتىم قىلىشقا يۈرىكىڭ قانداق چىدايدۇ؟ چوقۇم نىيىتىڭ باشقا سەن ۋاپاسىز خوتۇننىڭ.
    -نىمە دىگىنىڭىز بۇ؟- دىدى پەزىلەت ئۆزىنى بېسىۋالالماي،- سەن دېگىچە مەن دەۋالاي دېگەندەك ئۆكتەملىك قىلىسىزغۇ. ئەستايىدىلراق پاراڭلىشىپ باقساق قانداق؟
    -ھازىر ۋاختى ئەمەس، ئاشناڭنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىغاندا بىز چوقۇم ناھايىتى ئەستايىدىل پاراڭلىشىمىز.
    سۆھبەت ئۈزۈلدى.

    ئەتىسى سەھەردە پەزىلەت ئورنىدىن تۇرۇپ ئۈن-تىنسىز ناشتىلىق تەييارلىدى. كامىل بۈگۈن قولىدىكى ئارخىپ ماتىرياللارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، قۇمباغ يېزىسىغا باراتتى. ئۇ قىزىنى يېنىش-يېنىشلاپ سۆيدى، ئاندىن سومكىسىنى قولىغا ئالدى، ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا بۇرۇلۇپ ئايالىغا قارىدى. ئايالى ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى. ئېرىنىڭ كۆزىدىن چاقنىغان گۇمان ئارىلاش سوغۇق نۇر ئۇنىڭ يۈرىكىنى يەنە بىر رەت مۇزلىتىپ ئۆتتى. ناۋادا كامىل كېچىدىكى ئىشى ئۈچۈن بىر ئېغىز كەچۈرۈم سورىغان بولسا پەزىلەت ھەممىنى ئۇنتۇپ ئېرىنىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان بولاتتى. بىراق، كامىل بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمەستىن نەزىرىنى شىرە ئۈستىدىكى تېلېفۇنغا ئاغدۇردى-دە، كەينىگە يېنىپ تېلېفۇننىڭ سىمىنى پاراسسىدە ئۈزىۋەتتى، ئاندىن تېلېفۇننى كارۋات ئاستىغا چۆرىۋېتىپ چىقىپ كەتتى. كامىل ھويلا ئىشىكىدىن چىقىۋاتقاندا ئايالىنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
    كامىلنىڭ قولىدىكى ئىشلىرى تۈگىمەي يېزىغا كىتەلمىدى، دوستى پەرھاد ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ بۈگۈنمۇ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى كۈرۈپ، ئۇنى ئۇدۇللا قاۋاقخانىغا باشلىدى، بىر ئاز ئىچىشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن زادى نېمە بولغانلىقىنى سورىدى. كامىل دەسلەپ‹‹ھېچنىمە بولمىدى›› دەپ تۇرىۋالدى، لېكىن پەرھاد بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلمىدى:
    -ئاخشام رېستۇراندىمۇ زادىلا ئېچىلىپ ئولتۇرمىدىڭ، بىز سىنى دەپ ئولتۇرساق سەن بالدۇرلا قايتىپ كەتتىڭ. زادى نىمە بولدى ساڭا؟
    -ئائىلەمدىن، سېنىڭدەك ياخشى دوستۇمدىن ئايرىلىپ ھېچكىم تونۇمايدىغان بىر يەرگە كېتىدىغان تۇرسام، خۇشال يۈرەلەيتتىممۇ؟ - دىدى كامىل سوغۇققىنا. پەرھاد دوستىغا مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ:
    -بۇنىڭ ئۈچۈنلا ئەمەستۇ، مېنى ئالدايمەن دېمە. مەن سېنى چۈشەنمەي قالارمەنمۇ؟ قايسى كۈنى ئۆيۈڭلارغا بارغان ۋاختىمدىمۇ ئەر-ئايال ئىككىڭلارنىڭ گەپ-سۆز، ئىش-ھەركىتىڭلاردىن مۇناسىۋىتىڭلارنىڭ دىگەندەك ياخشى ئەمەسلىگىنى كۆرۈپ پەزىلەتتىن ‹‹نىمە بولدۇڭلار›› دەپ سورىسام ئۇ ‹‹نىمە بولغىنىمىزنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، ئەڭ ياخشىسى كامىلدىن سوراڭ››دېگەنىدى، ئەگەر مىنى دوستۇم دەپ قارىساڭ نىمە بولغانلىقىنى ماڭا ئېيتىپ بەر،- دىدى.
    كامىل ئائىلىسىدە يۈز بەرگەن ئىشلارنى، ئايالىغا بولغان گۇمانىنى، ھەممىنى بىراقلا دەۋەتتى. پەرھاد جىممىدە ئولتۇرۇپ ھەممىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن:
    - ئاداش قورسىقىڭنى كەڭرەك تۇت،- دىدى نەسىھەت تەلەپپۇزىدا،- مېنىڭچە پەزىلەت ئۇنداق چاكىنا ئايال ئەمەس، گۇمان ئىماننى قاچۇرۋاتامدۇ نىمە؟ ‹‹ ئۇسۇل تۈزدە ياخشى، گەپ يۈزدە ››دەپتىكەن، رەنجىسەڭمۇ مەيلى، مەن دېگەن سېنىڭ دوستۇڭ، يۈزىڭگىلا دەۋېرەي. يېقىندىن بېرى سەنمۇ سەل ئاشۇرۋېتىپ بارىسەن. ئوينىدۇق، كۈلدۇق. ئويۇندىن نېمە چىقتى؟ ئاخىرى كۆڭۈلسىزلىك مانا. سەن ئائىلەڭگە ۋاختىدا قايتىپ ئايالىڭغا ھەمراھ بولساڭ،‹‹ ھەر قاچان يانىڭدىمەن›› قۇلىقىغا شىۋىرلاپ تۇرساڭ، ئۇ باشقا كىشىلەرگە قەلبىدىن ئورۇن بېرىپ يۈرەرمۇ؟ بىز ئەرلەرمۇ ئاجايىپكەنمىز، سىرتتىكى ئاياللارغا شۇنچىلىك سىلىق-سىپايە، مەرت ۋە تىلىمىز شېكەر. بىراق، ئۆز ئايالىمىزغا كەلگەندە قوپال ، بىپەرۋا ھەم گۇمانخور. ئويلاپ باققىنا، ئەقەللىيسى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسىدا دانغا تويىنالىسا باشقا ئۇۋىلارغا بېرىپ يۈرمەيدۇ، ئوۋچىنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپمۇ قالمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى سەن ئۆز يۈرىكىڭگە بىر قۇلاق سېلىپ باق، ئۇ ئۆزۈڭ توغرىلىق نىمە دەيدىكىن ، پەزىلەت توغرىلىق يەنە نېمىلەرنى دەيدىكىن. 
    كامىل قاۋاقخانىدىن قايتىپ چىققاندا، ئۆزىنى گادىرماچ خىياللار ئىلكىدە خۇددى ئۆمۈچۈك تورىغا كىرىپ قالغاندەكلا ھېس قىلدى. پەرھاد ئۇنى بۈگۈن بالدۇرراق ئۆيۈڭگە قايتىپ ئايالىڭ بىلەن ئوبدانراق سۆزلەش دەپ يولغا سېلىپ قويغان ئىدى. لېكىن ئۇ ئۆيىگە ئەمەس، بەلكى ئۇدۇللا مەھلىيانىڭ ياتىقىغا قاراپ يول ئالدى. يول بويى ئاچچىق خىيالدىن نېرى بولالمىدى. ‹‹ ھەي ئاياللار، ھەي ئاياللار... پەزىلەت، مەن سىنى ھەرگىز بۇنداق قىلار دەپ ئويلىمىغان ئىدىم، گەرچە ئەينى ۋاقىتتا نۇرغۇن گۈزەللەر ئەتراپىدا چۆرگىلەپ يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن سېنى مىھرى ئىسسىق، ۋاپادار دەپلا تاللىغان ئىدىم، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىلەرنى قىلىپ يۈرىدىغانسەن، بۇ دۇنيادا ۋاپاسى بار ئايالنى تاپماق ھەقىقەتەن قىيىنمۇ نىمە؟ ياكى ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ئۈجمە كۆڭۈل كىلەمدىغاندۇ؟ بۈگۈن پەرھاد سېنى ئاقلاپ، مېنى ئەيىپلەۋاتىدۇ. ئىش راستىنلا پەرھادنىڭ دېگىنىدەكمىكىن دەي دىسەم، يېرىم كېچىدە ساڭا نەدىن كەلگەن تېلىفۇن- ئۇ؟ خاتا ئۇرۇپ قويۇپتۇ دەيسىنا تېخى، ۋەدە بېرىپ ماقۇللىشىپ، رەھمەت ئېيتىپ خوشلىشىپ، كېتىشلىرىڭنى نېمە دەي؟ سەن تۇزكور قاچانلاردىن باشلاپ دوپپامغا جىگدە سالغان بولغىيتتىڭ؟ شۇنچە يىل بىر ياستۇققا باش قويغان سەن خوتۇننىڭ ۋاپاسى شۇنچىلىك بولغان يەردە، سورۇندا بىر قول تانسا ئويناپلا تونۇشۇپ قالغان، ئېغىزىدىن ‹‹ كۆيدۈم، پىشتىم›› دىگەن گەپنى چۈشۈرمەيدىغان مەھلىيانىڭ ۋاپاسى قانچىلىك بولماقچىدى؟ ھەي...››
    كامىل مەھلىيانىڭ ئىشىكىنى چەكمەي ئۇدۇللا كىرىۋەردى، مەھلىيا تېلېۋىزورنى ئۈنلۈك ئېچىپ قويۇپ ئاللىقانداق بىر ئىش بىلەن مەشغۇل بولىۋاتاتتى. ئۇ كامىلنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇش بولغان ھالدا يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ:
    -كۆزۈمدىن ھەجەپ ئۇچتىڭىزغۇ قۇرغۇيۇم،- دىدى ناز بىلەن. كامىل:
    -يېقىندىن بېرى قانداقراق تۇرىۋاتىسىز؟ ئالدىراشچىلىقتا سىزنى يوقلاپ كېلەلمىدىم،- دىدى. 
    - سىزنى سېغىنىپ ئۆلەي دىدىم،- دىدى مەھلىيا ۋە ياندۇرۇپ سورىدى،- ئۆزىڭىزنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟
    - مانا، كۆرۈپ تۇرۇپسىز.
    - قارىسام ئانچە ياخشى ئەمەستەك تۇرىسىز.
    - چارچاپ قالغان ئوخشايمەن.
    مەھلىيا ئۇنىڭغا سىنچى كۆزلىرى بىلەن قارىدى، كامىل راستىنلا چارچاپ قالغاندەك كۆرىنەتتى، بىر ئاز كەيىپلىكىگە قارىماي ئۇنىڭ چىرايى خېلىلا سۇلغۇن ئىدى. مەھلىيا ئىشىكنى تاقىۋەتتى، ئاندىن:
    -كەچلىك تاماق يېدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى ئاجايىپ مېھرىبانلىق بىلەن.
    - يېدىم، سىزچۇ؟
    - مەنمۇ يىدىم، ئۇنداق بولسا ئازراق ئىچىملىك ئىچەمسىز؟
    -بىللە ئىچەيلى،- دىدى كامىل. مەھلىيا VCD نى قويىۋەتكەندىن كېيىن ئىچىملىك ئېلىپ كەلدى. ئۇ نازلىق كۈلۈپ تۇرۇپ كامىل بىلەن رومكا سوقۇشتۇردى. ‹‹ خۇداغا شۈكۈر- دەپ ئويلىدى كامىل، ھېلىمۇ ياخشى، پەزىلەت ئىچەرمەن ئاياللار تائىپىسىگە مەنسۇپ ئەمەس. ئىچىملىككە بېرىلگەن ئايال دەل زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئايالدۇر، ئۇنداقلارنىڭ ئۇزايىدىن ئەخلاقنىڭ ئۆزى تۈگۈل، سايىسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ...›› 
    -كامىل،- دىدى مەھلىيا ئۇنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ،- سىزنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىنىمنى بىلەمسىز؟ سىزدىن ئايرىلسام ياشىيالمىغۇدەكمەن.
    - ئايال خەق دىگەننىڭ ئىچىدە ئويلىغىنى بىلەن ئېغىزىدا دىگىنى ئوخشاش بولمايدىكەن. سىزگە قانداقمۇ ئىشىنەي؟
    -نىمە دىگىنىڭىز-بۇ؟ سىزنى ئىشەندۈرۈش ئۈچۈن يۈرىكىمنى يېرىپ بېرەيمۇ -يە؟ بىلەمسىز، سىز بىلەن تونۇشقان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ بارلىقىمنى سىزگە ئاتىغانمەن.
    -راستما؟
    - يەنە ئىشەنمەمسىز؟ 
    - ئۇنداق بولسا ماڭا يۈرىكىڭىزنى سۇغىرىپ بېرىڭ!- كامىل قولىنى سۇندى.
    - سىزدىن ئاشۇ بىر تال يۈرىكىمىنى ئاياپ نىمىمۇ قىلاي كامىل؟! سىزگە لازىم بولسا ھازىرلا سۇغىرىپ بىرەي، بىراق، ئۇ شۇئان قان تېمىپ تۇرغان بىر پارچە كېرەكسىز خام گۆشكە ئايلىنىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇنىڭ سىزگە نىمە كېرىكى؟ ئۇ ئۆزۈمدە تۇرۇپ ھەر بىر رېتىمدا ‹‹ كامىل، كامىل...›› دەپ سوقۇپ تۇرسا ياخشى ئەمەسمۇ؟
    -گەپكە ئۇستا سىز مەھلىيا. سىزنىڭ تاتلىق گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالدى. كېلىڭە، يەنە بىر رومكىدىن كۆتىرىۋىتەيلى.
    مەھلىيانىڭ پۈتۈن ئەس-يادى كامىلنى ئۆزىگە تېخىمۇ رام قىلىپ پەزىلەتنىڭ ئورنىنى ئىگىلەشتە ئىدى. شۇڭا، تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش كىرەك. لېكىنزە، ھۇجۇمنى قەيەردىن باشلىسا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولار؟
     -جىمىپلا كەتتىڭىزغۇ؟- كامىلنىڭ تۇيۇقسىز سورىغان سۇئالى ئۇنىڭ خىيالىنى بۆلىۋەتتى. 
    -سىزنى قانداق خۇش قىلىشنى ئويلاۋاتىمەن،- دىدى مەھلىيا كۈلۈپ تۇرۇپ.
    -بۈگۈن ئىشلىمىگەنمۇ؟ - دەپ سورىدى كامىل قىلغىلى باشقا گەپ تاپالماي.
    - سىزلا خۇش بولىدىغان ئىش بولسا ئۆمۈرۋايەت ئىشلىمەي سىزنىڭلا خىزمىتىڭىزنى قىلىپ ۋاپادار ئائىلە ئايالى بولۇشقا رازىمەن،- مەھلىيا شۇنداق دىگىنىچە كامىلغا چىڭ يېپىشتى. لىرىك مۇزىكا، گۈزەل نازىنىن، نازۇك بەدەن، يېقىملىق شىۋىرلاش، ئوتلۇق تىنىقلار... كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك بۇنىڭدىن باشقا يەنە نىمە بار؟...
    -سىزنى سېغىنىپ تاقىتىم- تاق بولدى،- دىدى مەھلىيا خۇمارلاشقان كۆزلىرىدە كامىلغا قىيا بېقىپ،-بۈگۈن تېلېفۇن قىلار، ئەتە تېلېفۇن قىلار دەپ نەچچە كۈن كۈتتۈم. كۆرۈشكەندە ۋاي دەپ ھالىڭىز قالمىغان بىلەن ئايرىلغاندا كارىڭىزمۇ بولمايدىكەن.
    - خاپا بولماڭ، يېقىندىن بېرى راستىنلا بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم.
    -ئالدىراش بولۇپ كەتكەنلىكىڭىزنى ئوبدان بىلىمەن. ئەمەلدار بولۇپ ئۆسكىنىڭىزنىمۇ بىلىمەن. تەبرىكلەپ قوياي دەپ تېلېفۇن ئۇرسام قول تېلېفۇن نومۇرىڭىزنى ئالماشتۇرىۋېتىپسىز. ئاخىرى بولالماي ئۆيىڭىزگىلا تېلېفۇن بەردىم.
    -سىزگە ئۆيۈمنىڭ تېلېفۇن نۇمۇرىنى ئېيتىپ بەرگىنىم يادىمدا يوققۇ،-دىدى كامىل تەئەججۈپ بىلەن.
    -شۇنداق، قول تېلىفۇنىڭىزنىڭكىنىلا ئېيتىپ بەرگەن. بىراق، ئۆيىڭىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرىنى بىلىش مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئىش دەيسىز؟
    -يامان ھە سىز،- دىدى كامىل ئۇنىڭ چېچىنى سىلاپ تۇرۇپ، ئارقىدىن ئۇلاپلا،- راستىنلا ئۆيۈمگە تېلېفۇن ئۇردىڭىزما؟- دەپ سورىدى.
    -ئەلۋەتتە. بەزىدە كۈندە بىر قېتىم، بەزىدە ئارىلاپ دىگەندەك ئۇرۇپ تۇردۇم. تۈنۈگۈنمۇ ئۇرغانتىم، قېرىشقاندەك تېلېفۇننى ئايالىڭىز ئالدى. سىز بىلەن دىدارلىشالمايلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك بىر كېچە يىغلاپ چىقتىم.
    -قانداق ۋاقىتتا ئۇرغانتىڭىز؟
    -كىچە سائەت بىرلەردىغۇ دەيمەن. 
    -ئۇ چاغدىكى تېلېفۇن بىر ئەر كىشىدىن كەلگەندەك قىلاتتىغۇ؟
    -شۇنداق. سېمىنا ئىشلىگەن ۋاختىمدا بىر خىزمەتدىشىمغا يالۋۇرۇپ ئۇرغۇزغانتىم، ناۋادا تېلېفۇننى سىز ئالسىڭىز ماڭا بەرمەكچى، ئايالىڭىز ئالسا خاتا ئۇرۇپتىمەن دەپ قويىۋەتمەكچى بولغان.
    -نىمە، ئۇ سىز بەرگەن تېلېفۇنمىدى؟- شۇئان ناھەق تاياق يىگەن ئايالى پەزىلەتنىڭ بۇقۇلداپ يىغلىغان ئاۋازى قۇلىقىغا ئاڭلانغاندەك بولدى. مەھلىيانىڭ :
    -سىزنى رەنجىتىپ قويغان ئوخشىمامدىمەن، كەچۈرۈڭ مىنى!- دىگەن گېپىگىمۇ دىققەت قىلمىدى.‹‹مەن راستىنلا ئايالىمغا ئۇۋال قىلىپ قويدۇممۇ-نىمە؟›› دىگەن ئەندىشىلىك سۇئال ئۇنىڭ كاللىسىنى پۈتۈنلەي ئىگەللىۋالدى. دىمىسىمۇ ئىنسانلارنىڭ ‹‹ئادەم›› دەپ ئاتىلىشى ئوخشاش بولغان بىلەن ئۇلارنىڭ مىجەز-خارەكتىرى، تەپەككۇرى ۋە تۇتقان يولى ئوخشاش بولمايدۇ.‹‹بىر تال چاشقان مايىقى بىر چېلەك سۇنى بۇلغاپتۇ›› دىگەندەك، بىر ياكى بىر نەچچە ئەخلاقسىز ئايالنىڭ چاكىنا قىلىقلىرى بارلىق ئاياللارنىڭ نامىنى بۇلغاپ، كامىلدا ھەممىلا ئايالدىن گۇمانلىنىدىغان، ھەتتا ئۆزىگە ناھايىتى ۋاپادار، ئاق كۆڭۈل ئايالىغىمۇ ئىشەنمەيدىغان خاراكتېرنى يېتىلدۈرۈپ قويغانىدى. بۇنىڭدا ھقىقەتەن كامىلنى ئەيىپلىگىلى بولمايتتى. چۈنكى بەزى ئاياللار ئىسىل پەزىلەتلىك بولۇپ، ئۇلار ھەر قانداق ئادەمنىڭ چىن دىلىدىن سۆيۈشىگە، جان تەسەددۇق قىلىشىغا ئەرزىيتتى. بىراق بەزى ئاياللار قىلچە تەربىيە كۆرمىگەن بولۇپ، بۇنداقلار چاكىنا ھەم بىۋاپا، جانغا جاپا خوتۇنلار ئىدى. ئۇلارغا يېقىن يولىغانلىكى ئادەملەرنى نەس باسماي قالمايتتى. 
    ئىشىكنىڭ قوپال چېكىلگەن ئاۋازى بىلەن كامىلنىڭ خىيالى ئۈزۈلۈپ دەرھال ئېسىنى يىغدى.
    -كىم؟- دىدى مەھلىيا جىددىلەشكەن ھالدا .
    -مەن، تېز ئىشىكنى ئاچ!- دىدى بىر ئەر كىشى بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا. قارىغاندا ئۇنىڭ كىملىكى مەھلىياغا ئايان بولسا كېرەك، ئۇ كامىلغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
    -بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى، ئەتە كېلىڭ، بولامدۇ؟- دىدى.
    -ئىشىكنى تېز ئاچ، بولمىسا ئىشىكىڭنى يېرىۋىتىمەن!- مەھلىيا ئىشىكنى ئاچمىسا ئۇ كەتمەيدىغاندەك قىلاتتى.
    -مەن، مەن يۇيىنىۋاتىمەن، ئەتە... - ئۇنىڭغىچە كامىل بېرىپ ئىشىكنى ئاچتى. ئىچىپ خېلىلا تەڭشىلىپ قالغان بىر ئادەم دەلدەڭشىگىنىچە ياتاققا كىرىپ كەلدى. ئەرلەرمۇ قىززىق، ئازراق كەيىپ بولۇپ قالسىلا ئۆيىنى تېپىپ بارالمايدۇ، ئەمما قىزلارنىڭ ياتىقىنى بولسا ئازماي- تازماي ئۇدۇل تېپىپ كېلەلەيدۇ.
    -ئېيتە، ماۋۇ نېمە ئادەم؟ دەپ سورىدى ھېلىقى ئادەم مەھلىيانىڭ ئالدىغا دىۋەيلەپ.
    -ئۇ... ئۇ بىر بىمار،- دىدى مەھلىيا دۇدۇقلاپ. ئۇ ھەمىشە ‹‹كامىل، مەن سىزگە ئاشىق، سىز بولمىسىڭىز ياشىيالمايمەن....›› دىگەن گەپنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيتتى. تىل- يۈرەكنىڭ ئىزھارچىسىغۇ. شۇڭا كامىل بەزىدە ئۇنىڭ گەپلىرىگە ئىشىنىپمۇ قالاتتى. بىراق، ھازىر ئۇ بىر مەستنىڭ ئالدىدا كامىلنى ئېتىراپ قىلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايۋاتاتتى. كامىل ئۇنىڭ ئۆزىگە بەرگەن ۋەدىللىرىنى ئويلىدى. يالغانچى قەسەمچى كىلىدۇ دىگەندەك، ئۆز ۋەدىسىدە تۇرالمايدىغانلارنىڭ ئېغىزى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۈمكىن بولمايدىغان تۇترۇقسىز ۋەدىلەرنى بېرىشكە كۈنۈپ كەتكەن. كامىل بارلىق نەپرىتىنى ئېغىزىغا يىغىپ، مەھلىيانىڭ يۈزىگە شالاققىدە بىرنى تۈكۈرۈپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. ‹‹ شۇنداق،مەن بىر بىمار. ئاق – قارىنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم بولغان، ھەممىلا ئادەمگە ئۆز بويۇمغا ئۆلچەپ تون پىچىدىغان، ئادەملەرنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا ئەمەس بەلكى سىرتىغا، گەپ-سۆزىگە قاراپ باھا بېرىدىغان، ئۆتكەن كۈنلەرنى ۋە ئەسلىنى ئۇنتۇش كېسىلىگە گىرىپار بولغان بىر بىمار. پەرىشتىدەك ئايالىمىنى، ئوماق قىزىمنى، جەننەتتەك ئۆيۈمنى تەرىك ئېتىپ، شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرۈپ يەنە ئۆزەمنى پاك ساناپ ھەممىدىن گۇمانلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر بىمار.... بۇ جاھاندا بۇنداق كېسەلنى داۋالىيالايدىغان پۇشايمان دورىسىدىن باشقا يەنە ئۈنۈملۈكرەك دورا تاپقىلى بولارمۇ؟ دوستۇم پەرھاد ھەمىشە‹‹ سەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ، باشقىلارمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ. ئاق تىكەن تېرىساڭ ھەرگىزمۇ ئەتىرگۈل ئۈنۈپ چىقمايدۇ›› دەيتتى. سۆيۈملۈك ئايالىم پەزىلەت، مەن جىمى ئەسكىلىكنى ئۆزۈم قىلىپ قويۇپ، سەندىن بىھۇدە گۇمانلىنىپ، غۇبارسىز دىلىڭغا ئازار بېرىپ قويدۇم. مىنى كەچۈرۈرسەنمۇ؟ قىزىمىز مەندەك ئازغۇن دادىسىنى كەچۈرەرمۇ؟، شۇ تاپتا ئىككىڭلار مىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىۋاتىدىغانسىلەر. ماڭا ئاتاپ تەييارلىغان تامىقىڭلارمۇ سوۋۇپ كەتكەندۇ، قاراۋېرىپ -قاراۋېرىپ سائەت دىگەن نەرسىگىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتكەنسىلەر. كىم بىلىدۇ، مەن ۋاختىدا ئۆيگە قايتمىغاچقا ئەنسىرەپ ئىچىڭلاردا ماڭا ئامانلىق تىلەۋاتامسىلەر تېخى. مىنىڭ بۇنداق خالتا كوچىلاردا قاڭقىپ -سوقۇلۇپ يۈرگىنىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان بولغىيتتىڭلار. ھەرگىز ئويلىماڭلار، مەڭگۈ بىلمەي قېلىڭلار! مەن ئۆزۈمنىڭ بۇنداق يىرگىنىشلىك ھالىمنى سىلەرنىڭ كۆرۈپ قېلىشىڭلاردىن، نەزىرىڭلاردىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ كېتىشىمدىن قورقىمەن. سىرتتىن كۆڭۈل خۇشى ئىزدەپ شاتلىققا ئېرىشمەكتە يوق، تاسلا قالدىم سىلەردىن ئايرىلىپ قالغىلى. ماڭا سىلەر بولمىساڭلار بولمايدىكەن، مەن ئۆز ئائىلەمنىڭ ئىللىقلىقىنى قايتىدىن ھىس قىلماقتىمەن. مىنى كەچۈرۈڭلار قەدىردانلىرىم! ... مەن بۇندىن كېيىن سىلەرگە مەڭگۈ ھەمراھ بولىمەن. ئۆز مەسئۇلىيىتىمىنى ياخشى ئادا قىلىمەن. ئۈن-تىنسىز خىزمىتىڭلاردا بولۇپ، گۇناھىمنى يۇيىمەن. ماڭا بىر قېتىم، ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم پۇرسەت بېرىڭلار، ماڭا ياردەم قىلىپ ئازغۇن روھىمنى قۇتۇلدۇرىۋېلىڭلار...››
    ئۆزىگە ئۆزى سۆزلىگىنىچە كېتىۋاتقان كامىل ئېغىزىغا ئېقىپ كىرگەن تۇزلۇق سۇيۇقلۇقنى زورۇقۇپ يۇتىۋەتكەندىن كېيىن، پۇشايمان ياشلىرى بىلەن نەمدەلگەن يۈزىنى بارماقلىرى بىلەن سۈرتتى. قىزىنىڭ «دادا» دەپ چاقىرغان يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلانغاندەك بولۇپ، قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە چىراق تېخىچە ئۆچۈرۈلمىگەن بولۇپ، دېرىزىدىن چۈشكەن يورۇقلۇق چوڭ يولنى خېلى بىر يەرگىچە يورۇتۇپ تۇراتتى...


خەير-خوش، مېنى سۆيگەن ئەر باشقا تېمىلار
خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (1)خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (2)خەير- خوش، مېنى سۆيگەن ئەر (3)