باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-28 10:03 | ئاپتور: مەھشىيە تەرجىمىسى | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

قېرىنداشلىقنىڭ يەنە بىر خىل ئىزاھاتى

قېرىنداشلىقنىڭ يەنە بىر خىل ئىزاھاتى

 

 مەھشىيە تەرجىمىسى

 

 

    ئۇ تۇغۇلغان يىلى ، « پىلانلىق تۇغۇت » تازا چىڭ تۇتۇلىۋاتقاچقا ، يېزىدا ئىككىدىن بالىسى بار ئائىلىلەر سىرتلارغا چىقىپ كەتمىسە جەرىمانە تۆلەشكە توغرا كېلەتتى . پەقەت « ئۇ » لا ئوچۇق - ئاشكارا تۇغۇلغان ئىككىنچى پەرزەنت ئىدى . بۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ھوقوقى ياكى پۇلى بارلىقى ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئاكىسى تۇغما « ئەقلى كەمتۈك » قوپالراق سۆز بىلەن ئېيتقاندا ، « نېرۋا كېسىلى » بولغانلىقى ئۈچۈن ئىدى .


(1)

    ئانا قولىدىكى چىۋىقنى شىلتىپ تۇرۇپ ، چوڭ ئوغلىغا : « ئىنىڭغا چېقىلىشىڭغا رۇخسەت يوق ، ئۇنىڭغا يېقىن يولىغۇچى بولما ! چۈشەندىڭمۇ ؟ » دېدى . چۈنكى ، ئانا ئۇنىڭ ئىنىسىنى يارىلاندۇرۇپ قويۇشىدىن ئەنسىرەيتتى . ئاتا - ئانىسى ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىشىنىمۇ توساتتى ، تاماق ۋاقتىدىمۇ ئۇ تاماقنى ئۆزىنىڭ كىچىك ھۇجرا ئۆيىدە يەيتتى . ئۇ دائىم ئاتا - ئانىسىنىڭ ھۇجرىسى ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ ، ئۆي ئىچىگە بويۇندايتتى . ئىنىسىنى كۆرگىنىدە بولسا ، خۇشال بولۇپ شۆلگەيلىرى ئېقىپ كېتەتتى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇمۇ كىچىك چاغلىرىدا ئاتا - ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ، چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببىتىگە ئېرىشكەن . لېكىن ئۆزى بىلەن تەڭ ياشتىكى بالىلارنىڭ تىلى ھەم ئايىغى چىققان بولسىمۇ ، ئۇ يەنىلا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلالمايدىغان ، بىر يەرگە قارىغىنىچە ھاڭۋېقىپ تۇرىدىغان بولغاچقا ، دوختۇرغا ئېلىپ بېرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق ، ئۇنىڭ « ئەقلى كەمتۈك » تۇغۇلغانلىقى بايقالغانىدى . بوۋا - مومىسى بارلىق نارازىلىقلىرىنى ئانىغا قاراتتى ، ئانا بۇ ئۇۋالچىلىقلارنى يەنىلا چوڭ ئوغلىدىن كۆردى . شۇڭا دائىم كىچىك ئىشلار سەۋەبىدىن ، ئۇنى قاتتىق ئۇراتتى .


(2)

    ئىنىسى بولسا ئاستا - ئاستا چوڭ بولۇپ ، گۇڭراپ بىر نېمىلەرنى دەيدىغان ، مۈدۈرۈپ ماڭالايدىغان بولدى . نەچچە قېتىم ، ئىنىسىنىڭ قوللىرىنى كەڭ ئېچىپ ، ئىغاڭلاپ ماڭغىنىچە ئالدىغا كەلگىنىنى كۆرگەندە ، ئۇ خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى . لېكىن بۇنداق چاغلاردا ، ئانا ئالدىراپ - تېنەپ يۈگۈرۈپ كېلەتتى - دە ، ئىنىسىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىدىن ئېلىپ كېتەتتى . باشقا بالىلارنىڭ قولىدىكى مۇز چوكىنى كۆرگەندە ، ئۇ تومۇز ئىسسىقتا چاڭقىغاندەك ھېس قىلىپ ، ئاغزىنى تامچىتىپ ئۇلارغا قاراپ تۇراتتى . بالىلار ئۇنىڭغا قاراپ : « سەن ئىتنى دوراپ يەردە ئۆمىلىسەڭ ، بىز مۇز چوكىمىزنى ساڭا بېرىمىز » دەپ ، ئۇنى يەردە ئۆمىلەتتى . لېكىن ، ئۇلار گېپىدە تۇرمىدى . مۇز چوكىنى بېرىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن ، ئۇنى مازاق قىلىپ تېلىقىپ كۈلۈشتى . بۇ چاغدا،   ئەزەلدىن ھەرىكىتى قولايسىز بولغان ئۇ ، تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇردى - دە ، ساراڭلاردەك ئېتىلىپ بېرىپ ، بالىلارنىڭ قولىدىكى مۇز چوكىنى كاپلا قىلىپ ئالغان پېتى قاچتى . بالىلار قورققىنىدىن جايىدا قېتىپلا قالدى ... ئۇ مۇز چوكىنى تۇتقانچە ئېگىز - پەس دەسسەپ ، ئۆيگە قاراپ چاپتى . يول بويى مۇز چوكا توختىماي ئېرىپ ، ئۆيگە كەلگۈچە پەقەت كىچىككىنە بىر پارچە قالدى . ئۇ ئىنىسىنىڭ ھويلىدا ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئانىسى كۆرمىگەن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مۇز چوكىنى ئىنىسىنىڭ ئالدىغا ئەكەلدى : « ئى .... نىم ، يە ... يە ... » ئانا ئۇنىڭ بىر ياغاچنى ئىنىسىغا تەڭلەپ ، ئىشارەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى - دە ، يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنى ئىتتىرىۋەتتى . ئۇ يەرگە يىقىلدى ، قولىدا قېلىپ قالغان ئەڭ ئاخىرقى بىر تال چوكا مۇز ياغىچىمۇ يەرگە چۈشۈپ كەتتى . ئۇ يەردىكى چوكا مۇز ياغىچىغا بىر ھازاغىچە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن ، پاڭڭىدە ئېتىلىپ يىغلاپ كەتتى ...

    ئىنىسنىڭ تىلى چىقىپ ، گەپ قىلالايدىغان بولدى . لېكىن ھېچكىم ئىنىسىغا « ئاكا » دەپ چاقىرىشنى ئۆگەتمىدى . ئۇ ئۆزىنىمۇ باشقا ئاكىلارغا ئوخشاش ، ئىنىسىنىڭ بىر ئېغىز « ئاكا » دەپ چاقىرىشىنى شۇنچىلىك ئارزۇ قىلاتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ، ئۇ دائىم ئىنىسى ھويلىدا ئويناۋاتقان ۋاقىتتا ، يىراقتىن ئىنىسىغا قاراپ كۈچىنىڭ بارىچە « ئاكا » دەپ ۋاقىرايتتى . ئۇ ئىنىسىنىڭ ئاڭلىيالىشىنى ھەم ئۆزىنى « ئاكا » دەپ چاقىرىشنى ئۆگىنىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى . بىر كۈنى ، ئۇ يەنە شۇنداق « ئاكا » دەپ ۋاقىراۋاتاتتى . ئانىسى ئۇنىڭغا خاپا بولۇپ : « نېرىغا بېرىپ ئوينا ! » دەپ چېچىلدى . دەل شۇ ۋاقىتتا ، ئىنىسى تۇيۇقسىز بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى - دە ، ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ « ئاكا » دەپ چاقىردى . ئۇ ئەزەلدىن بۇنچىلىك ھاياجانلىنىپ باقمىغاچقا ، خۇشاللىقىدىن چاۋاك چېلىپ سەكرەپ كەتتى . تۇيۇقسىز يۈگۈرۈپ كېلىپ ، ئىنىسىنى كۈچەپ باغرىغا باستى . كۆز يېشى بولسا ، شۆلگەيلىرى بىلەن قوشۇلۇپ ئىنىسىنىڭ كىيمىگە ئېقىپ چۈشتى ...


(3)


    ئىنىسى كىچىكىدىن ساۋاقداشلىرىنىڭ « ساراڭنىڭ ئىنىسى » دەپ چاقىرىشى بىلەن چوڭ بولدى . ئۇ بۇ نامدىن شۇنچىلىك يىرگىنەتتى ، شۇڭا ھەر قېتىم ئۆزىگە قاراپ ساراڭلاردەك ھىجىيىپ تۇرغان ئاكىسىنى كۆرسىلا ، قەلبى نەپرەتكە تولاتتى . بىر قېتىم ، ئۇ يەنە شۇ « ساراڭنىڭ ئىنىسى » دېگەن نام ئۈچۈن ساۋاقدىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالدى . ساۋاقدىشى ئۇنى ئاستىغا بېسىۋېلىپ ئۇرىۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز قارشى تەرەپنىڭ بەدىنى يەڭگىلگىنە كۆتۈرۈلۈپ ئۇنىڭدىن ئاجرىدى . ئەسلىدە ، ئىنىسنىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئاكىسى ئوتتۇرغا چۈشكەنىدى . ئۇ ئەزەلدىن ئاكىسىنىڭ بۇنچىلىك ئاچچىقى كەلگىنىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى . ئاكىسى ھېلىقى ساۋاقدىشىنى ئېگىز كۆتۈرگەن پېتى يەرگە ئاتتى . ساۋاقدىشى يەرگە يىقىلىپ ، يۇمىلاقلىغىنىچە « ۋايجان » لاپ كەتتى . ئۇ قورققانىدى ، ئاكىسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىش تېرىغانلىقىنى ، ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن دادىسىدىن تاياق يەيدىغانلىقىنى ئالدىن پەملىدى . شۇ دەقىقىدە ، ئۇ ئانىسىنىڭ ئۆزىگە بىر ساراڭ ئاكا تۇغۇپ بەرگەنلىكىگە نەپرەتلەندى . ئۇ ئاكىسىنى كۈچەپ ئىتتىرىپ ، غەزەپ بىلەن ۋاقىرىدى : « كىم سېنى ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشسۇن دېدى ؟ ھۇ ... ساراڭ ! » ئاكىسى ئىنىسىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن دەرەخكە يۆلىنىپ قالدى ، ئۇ يەنىلا ھاڭۋېقىپ ئىنىسىغا قاراپ تۇراتتى ... ئۇ كۈنى ، ئاتا ئىككى ئوغلىنى يەردە يانمۇ يان بولۇپ دۈم يېتىشقا بۇيرىدى . بامبۇك تاياق رەھىمسىزلارچە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشكەن شۇ پەيتتە ، ئاكىسى ئىنىسنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتتى . ئۇ چىشىنى چىشلىگىنىچە تىترەپ تۇرۇپ : « مىنى ... مىنى ئۇر ! » دېدى .

    بىر كۈنى ، شەھەردىكى تۇققىنى ئۇلارغا ، ئۇلار ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان كەمپۈت ئالغاچ چىقتى . ئانا كىچىك ئوغلىغا 8 تالنى بېرىپ ، ئاكىسىغا 3 تال ئېلىپ قويدى . بۇنداق ئىش تۇنجى قېتىملىقى ئەمەس ئىدى ، شۇڭا ئىنىسىمۇ شۇنداق بولۇشى ھەقلىقتەك قوبۇل قىلىۋېرەتتى . ئەتىسى ئەتىگەن ، ئاكىسى ئۇنىڭ دېرىزىسىنى چەكتى . ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۆزىگە قاراپ دەلتىلەرچە  ھىجىيىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى ، ئاكىسى پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ دېرىزىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتى ھەم دېرىزىدىن بىر قولىنى كىرگۈزۈپ ئالقىنىنى ئاچتى . ئۇ ئاكىسىنىڭ مەينەتچىلىك دەستىدىن كۆرگۈسىز بولۇپ كەتكەن ئالقىنىدا تۇرغان ئىككى تال كەمپۈتكە قارىغىنىچە ، داڭ قېتىپ قالدى . ئاكا يەنە بىر قېتىم ئالقىنىنى ئاچقىنىدا بولسا ، كەمپۈت ئۈچ بولۇپ قالغانىدى . بۇ ئاكىسىنىڭ بارلىق كەمپۈتى بولۇپ ، كېكەچلىگىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ : « ئۇكام ... يە ... يە »دېدى . نېمىشقىكىن ، بۇ قېتىم ئۇنىڭ كەمپۈتنى ئالغۇسى كەلمىدى . ئاكىسى بۇنى كۆرۈپ تىپىرلىغىنىچە گەپ قىلالماي قالدى ھەم كەمپۈتنىڭ قەغىزىنى سويۇپلا ئىنىسىنىڭ ئاغزىغا پۇرلاپ تىقتى . ئۇ كەمپۈتنى يەۋاتقان شۇ پەيتتە ، ئاكىسىنىڭ كۆزىدىن بىر تامچە ياشنىڭ سىرغىپ چۈشكىنىنى ناھايىتى ئوچۇق كۆردى ...


(4)


    ئىنىسى ئالىي مەكتەپ چاقىرىق قەغىزىنى قولىغا ئالغان كۈنى ، ئاتا - ئانىسى خۇشاللىقتىن ئېغىزلىرىنى يۇمالماي قالدى . ئاكىسىمۇ خۇشال بولۇپ ، توختىماي سەكرەپ - تاقلايتتى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇ ئالىي مەكتەپنىڭ نېمىلىكىنى ئەسلا چۈشەنمەيتتى . پەقەت ئىنىسىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يۈزىنى يورۇق قىلغانلىقىنىلا بىلەتتى . ھازىر ھېچكىم ئۇنى « ساراڭ » دەپ ئاتىمايدىغان ، ئەكسىچە «جۈنۋاڭنىڭ ئاكىسى » دەپ چاقىرىدىغان بولغانىدى . ئىنىسى ئۆيدىن ئايرىلىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى بىر ئاخشىمى ، ئاكىسى يەنىلا ئۇنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي ، دېرىزىدىن ئىنىسىغا بىر گۈللۈك بوغچىنى سۇنۇپ بەردى . ئۇ بوغچىنى ئېچىپ ، ئىچىدە نەچچە قۇر يېڭى كىيىم بارلىقىنى كۆردى . بۇنىڭ ھەممىسى نەچچە يىل بۇرۇن ، ھاممىسى ئاكا - ئۇكا ئىككىسىگە بىر جۈپ تىكىپ بەرگەن ھەم شەھەردىن كىچىك ئاپىسى ئەۋەتكەن كىيىملەر ئىدى . ئەسلىدە ، نەچچە يىلدىن بېرى ئاكىسى بىرەر قېتىممۇ يېڭى كىيىم كىيىپ باقمىغان بولۇپ ، لېكىن ئىنىسى ھەم ئاتا - ئانىسى بۇنىڭغا پەقەتلا دىققەت قىلمىغان ھەتتا ئېتىبار بەرمىگەنىدى . شۇ پەيتتە ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ئۇچىسىدىكى كىيىمنىڭ كونىراپ تىكىشلىرىنىڭ ئۇپراپ كەتكىنىنى ، ئىشتىنىنىڭ قىسقىلىقىدىن ھوشۇقلىرى كۆرۈنۈپ سېرىك ئۆمىكىدىكى قىزىقچىلارغىلا ئوخشاپ قالغانلىقىنى بايقىدى . ئۇنىڭ بۇرنى ئېچىشقاندەك بولدى . شۇنچە يىللاردىن بۇيان ، بالىلىق چاغلىرىدىكى ئاكىسىغا نەپرەتلىنىش بىلەن چوڭ بولغاندىن كېيىنكى بىپەرۋالىقتىن باشقا ، ئۇ ئاكىسىغا زادى نېمە بېرىپ باقتى ؟ شۇنچە يىللاردىن بېرى ، ئاكىسىنىڭ ساراڭلاردەك ھىجىيىپ تۇرغان قىياپىتى ئۆگەرمىگەنىدى . پەقەت كۆزلىرىگە ئاز - تولا ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىلا پەيدا بولغان بولۇپ ، ئۇ بۇنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى . ئاكىسى ئۇنىڭ يىلدىن - يىلغا چوڭىيىۋاتقانلىقىنى ، بۇ كىيىملەرنىڭ پاسونىنىڭمۇ ئاللىقاچان دەۋردىن قېلىپ ، ئىنىسىنىڭ ئۇنى كىيىپ سىرتقا چىقالمايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى . شۇنداقتىمۇ ، ئىنىسى يالغاندىن ئۇنى قوبۇل قىلدى ۋە خۇشال ھالدا ئۆزىگە تەڭلەپ بېقىپ ، ئاكىسىدىن : « ئاكا ، ياراشتىمۇ ؟ » دەپ سورىدى . ئاكىسى بار كۈچى بىلەن بېشىنى لىڭشىتىپ ، خۇشاللىقتىن ئاغزىنى يوغان ئېچىپ كۈلۈشكە باشلىدى . ئۇ قەغەزگە ئىككى خەتنى يازدى « ئاكا - ئۇكا » ۋە قەغەزدىكى « ئاكا » دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ، ئاكىسىغا : « بۇ خەتنى ئاكا دەپ ئوقۇيسەن ، بۇ دەل سەن ! » دېدى . ئۇ يەنە ئۇلاپلا « ئۇكا » دېگەن خەتنى كۆرسەتتى ۋە : « بۇ خەتنى ئۇكا دەپ ئوقۇيسەن ، بۇ مەن ! ئاكا - ئۇكا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى : ئاۋال ئاكىسى بار بولغاچقا ، ئاندىن ئۇكىسى مەۋجۇت ! ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ ، مەنمۇ بولمايتتىم . » دېدى .

    ئۇ كۈنى ، ئۇ ئاكىسىغا قايتا - قايتا ئوقۇشنى ئۆگەتكەن بولسىمۇ ، ئاكىسى باشتىن - ئاخىرى بۇ ئىككى خەتنى « ئۇكا - ئاكا » دەپلا ئوقۇدى . ئاكىسىنىڭ ھۇجرىسىدىن چىقىۋېتىپ ، ئۇ يىغلىدى ... چۈنكى ، ئاكىسى ئۇ خەتنى قەتئىيلىك بىلەن « ئۇكا - ئاكا » دەپ ئوقۇش ئارقىلىق ، ئىنىسىغا ئاكىسىنىڭ قەلبىدە ئۇنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ، ئىنىسىنىڭ بولمىسا ، ئاكىسىنىڭمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىۋاتقانىدى ...


(5)

    چەت يېزىدىكى بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ، ئالىي مەكتەپ ھاياتى باشقىچە بىر ھايات بولۇپ ، ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەل ھەم قالتىس بىلىنەتتى . شۇڭا ئۇ ئالىي مەكتەپكە كېلىپلا ، ھەممىنى ئېسىدىن چىقاردى . ھەتتا ئۆزىنىڭ بىر « ئەقلى كەمتۈك » ئاكىسى بارلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قېلىۋاتاتتى ...

    شۇ قېتىم ، ئانىسى پوچتىخانىدىن ئۇنىڭغا تېلفون ئۇرغاندا ، ئاكىسىمۇ بىللە بارغانىدى . ئانىسى ئۇنىڭغا شۇنداق كۆپ سۆزلىدى ، ئاخىرىدا : « ئاكاڭغىمۇ بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپ قوي . » دەپ ، تېلفوننى ئاكىسىغا بەردى . ئۇزۇنغىچە تېلفوندىن سادا كەلمىگەندىن كېيىن ، يەنە ئانىسى تېلفوننى قولىغا ئالدى : « بولدى ، تېلفوننى قويۇۋەت ! ئاكاڭ يىغلاۋاتىدۇ ، ئۇ مەيدىسىنى ئىشارەت قىلىپ سېنى سېغىنغانلىقىنى بىلدۈردى » دېدى . ئۇ ئەسلىدە ، ئانىسىغا تېلفوننى ئاكىسىغا بېرىشنى ھەم ئاكىسىغا ئۆزىنىڭ قايتىپ بارغاندىن كېيىن ، ئۇنىڭغا خەت يېزىشنى ئۆگىتىپ قويىدىغانلىقىنى ، يەنە تېخى ئۇنىڭغا پەقەت شەھەردىلا بولىدىغان كەمپۈت ۋە پىچىنە - پىرەنىكلەرنى ئالغاچ بارىدىغانلىقىنى ئېيتماقچى ئىدى . بىراق ، ئۇ ئاغزىنى ئۆمەللىدىيۇ ، گېپىنى يۈتىۋەتتى : « ئەمىسە ، تۇرۇپكىنى قويدۇم . » ئۇ ئامالسىز قالغانىدى . چۈنكى ئۇ ياتاقداشلىرىنىڭ ئەجەپلەنگەن ھالدا ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆرگەن بولۇپ ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ بىر « ئەقلى كەمتۈك » ئاكىسى بارلىقىنى بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى .

    يازلىق تەتىلدە ، ئۇ كەمپۈت ۋە پىچىنە - پىرەنىكلەرنى ئېلىپ يولغا چىقتى . يولدا كېتىۋېتىپ ، ئۇ بىر تال كەمپۈتنى ئاغزىغا سالدى . تۇيۇقسىز ئاكىسىنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىغا كەمپۈتنى پۇرلاپ تىققان چاغدىكى ھالىتى كۆز ئالدىغا كېلىپ ، كەمپۈت گېلىدىن پەقەتلا ئۆتمىدى . ئېغىزىدىكى كەمپۈت ئۇنىڭغا تولىمۇ قىرتاق بىلىنىۋاتاتتى ... ئۇنىڭ ئۆيگە قايتىپ كېلىپلا ، ئاكىسىنى ئىزدىشى تېخى تۇنجى قېتىملىقى ئىدى . ئۇ ھويلىغا كىرىپلا : « ئاكا ، ئاكا ... مەن قايتىپ كەلدىم . قارا ، مەن ساڭا نېمە ئالغاچ كەپتىمەن ؟ » دەپ توۋلىدى . بىراق ، ئۇ ئەمدى ئۆزىگە قاراپ ساراڭلاردەك ھىجىيىپ تۇرىدىغان ، 30 غا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ ، يەنىلا ياماق ئىشتان كىيىپ يۈرىدىغان ئاكىسىنى مەڭگۈ تاپالمايتتى ...

    بىراقلا قېرىپ كەتكەندەك كۆرۈنگەن ئاتا ، ئازاپلانغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردى : « بىر ئاينىڭ ئالدىدا ، ئاكاڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەن بىر كىچىك بالىنى قۇتقۇزىمەن دەپ ، دەرياغا سەكرەپتۇ . ئۇ ئۆزىمۇ سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە ، بالىنى ئىتتىرىپ قىرغاققا چىقىرىپ قويۇپ ، ئۆزى شۇ چۈشۈپ كەتكەنچە قايتىپ چىقالمىدى ... » ئاتا يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ ، ئۈنسىز كۆز يېشى قىلدى « بىز ئۇ بالىغا بەك كۆپ قەرزدار ئىدۇق ! » ....

    ئۇ ئۆزى يالغۇز دەريا بويىدا ئولتۇراتتى . ئاكىسىغا بولغان ئەسلىمىلىرى بىردە روشەن ، بىردە غۇۋا بولۇپ ، ئۇنىڭ خىيال ئېكرانىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتمەكتە . ئۇ يانچۇقىدىن بىر پارچە قەغەزنى چىقاردى . قەغەزدە « ئاكا - ئۇكا » دېگەن ئىككى خەت بار بولۇپ ، بۇ ئۇنىڭ پوچۇركىسى ئىدى . ئۇنىڭ ئاستىدا بولسا مايماق - سايماق يېزىلغان ، قارىماققا نېمە خەتلىكىنى پەرقلەندۈرگىلى بولمايدىغان ئىككى خەت تۇراتتى . پەقەت ئۇلا بۇنىڭ ئاكىسى يازغان « ئۇكا - ئاكا » دېگەن خەت ئىكەنلىكىنى بىلەتتى ...

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY