باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-27 11:21 | ئاپتور: قارانچۇق تەرجىمىسى | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

بېلىق بىلەن سۇنىڭ ھېكايىسى

بېلىق بىلەن سۇنىڭ ھېكايىسى

 

 

    بېلىق بىلەن سۇنىڭ ھېكايىسىدىكى ئۇ ئىككى جۈملە دېئالوگ ھەقىقەتەن تەسىرلىك :

    بېلىق : «سەن مېنىڭ كۆز يېشىمىنى كۆرەلمەيسەن ، چۈنكى مەن سۇ ئىچىدە . »

    سۇ : «مەن سېنىڭ كۆز يېشىڭنى ھېس قىلالايمەن ، چۈنكى سەن مېنىڭ يۈرىكىمدە . »

    بۇ دېئالوگنى خېلى كۆپ كىشى بىلىدۇ ، لېكىن ۋەقەلىكنىڭ تولۇق جەريانىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك ؟ 



    بېلىق كىچىكىدىنلا ناھايىتى شوخ بولغاچقا بىردەم بولسىمۇ جىم تۇرمايدىكەن . ئۇ سۇدا يۈگۈرۈپ ئويناشنى ياقتۇرىدىكەن . ئاۋۋال 50 مېتىر تېز يۈگىرەپ ، ئاندىن دەرھال تېز توختايدىكەن ياكى تېز قايرىلىدىكەن . ھەر قېتىمقى مۇشۇ چاغدا ، سۇ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرىدىكەن ...  بەزى ۋاقىتلاردا بېلىق كۆڭلى ئازابلىنىدىغان ئىشلارغا يولۇقىدىكەن ، لېكىن بۇ چاغدا ، ئىللىق سۇ جىمجىت ھالدا ئۇنىڭ دەردىنى ئاڭلاپ تەسەللىي بېرىدىكەن . كۈندۈزى ، سۇ بېلىقنى سۇ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ سۇ يۈزىدە سەكرەتكۈزۈپ ، سىرتقى دۇنيانى كۆرسىتىدىكەن ، ئاندىن ئۇنى يەنە ئۆز قوينىدا مەھكەم تۇتىۋالىدىكەن . قاراڭغۇ چۈشكەندە ، سۇ ئەڭ ئىللىق بۆشۈككە ئايلىنىپ بېلىقنى ئاستا تەۋرىتىپ ، ئۇنى ئەركىلىتىپ ئۇخلىتىدىكەن . ياز ئاخشاملىرى ، سۇ بېلىقنى دائىم سۇ يۈزىگە ئېلىپ چىقىدىكەن . بېلىق ئاستا - ئاستا چوڭ بوپتۇ ، ئۇ كۆڭلىنىڭ بىر نەرسىگە تەلپۈنۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىپتۇ ـــــــ ئۇ دەل سۇ ئىكەن . بىر كۈنى ، بېلىق غەيرەتكە كېلىپ سۇغا ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقنى ئېيتىپتۇ ، سۇ سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ. «سەن نېمىشقا گەپ قىلمايسەن ؟ » دەپ سوراپتۇ بېلىق . سۇ يەنىلا سۈكۈت قىپتۇ ، پەقەت ئازراق تەۋرىنىپتۇ . ئاپىسى قىزى بېلىققا سۇنى ياخشى كۆرسە بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .  بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ، خۇددى يىڭناغۇچ پەقەت يىڭناغۇچنىلا ياخشى كۆرسە بولىدىغانلىقى ، قاپلان قاپلاننىلا ياخشى كۆرسە بولىدىغانلىقىغا ئوخشاش . قۇشقاچ قۇشقاچنىلا ياخشى كۆرسە بولىدۇ، بېلىق بېلىقنىلا ياخشى كۆرسە بولىدۇ ، قۇشقاچ بېلىقنى ياخشى كۆرسە بولمايدۇ .

    بېلىق چۈشىنەلمەپتۇ، ئەگەر قۇشقاچ راستىنلا بېلىقنى ياخشى كۆرۈپ قالسا ، بېلىق يەنە ئۆز نۆۋىتىدە سۇغا ئاشىق بولۇپ قالسا قانداق بولماقچى ؟ بېلىق چۈشەنمەي ، سۇغا ئاغزىدىن كۆپۈك چىقىرىپ تۇرۇپ «مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن » دەپتۇ. بېلىق ئەمدى سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ، ئۇ ئەمدى ھېچنېمە دېمەپتۇ ، پەقەت سۇنىڭ باغرىدا جىمجىت يېتىپتۇ ...  خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن بېلىقنىڭ ئېغىز ئېچىشى ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپتۇ : «سەن مېنىڭ كۆز يېشىمنى كۆرەلمەيسەن ، چۈنكى مەن سۇ ئىچىدە . » . سۇمۇ ئاخىرى ئېغىز ئېچىپ : «مەن سېنىڭ كۆز يېشىڭنى ھېس قىلالايمەن ، چۈنكى سەن مېنىڭ يۈرىكىمدە » دەپتۇ . بېلىق ئالدىراپ سوراپتۇ : «ئەمىسە سەن نېمىشقا مېنى ياخشى كۆرمەيسەن ؟ » سۇ پەقەت : «مەن سېنى ياخشى كۆرەلمەيمەن ، مېنىڭ مۇقىم تۇرار جايىم يوق ، دائىملا ئۇياق - بۇياققا ئېقىپ يۈرىمەن ، سەن مەن بىلەن بىرگە بولساڭ بەك جاپا تارتىپ كېتىسەن » دېيەلەپتۇ .

    بېلىق يەنە قەتئىي ھالدا :«مەن قورقمايمەن ، مەن سەن بىلەن مەڭگۈ بىرگە بولىمەن » دەپتۇ. بىراق سۇ ئېقىشتىن ئىبارەت تەغدىردىن قۇتۇلالماپتۇ ، ئۇ بىر چوڭ دەرياغا ئېقىپ كىرىپتۇ، بېلىق يەنىلا ئۇنىڭدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلماي ئۇنىڭغا ھەمراھ بوپتۇ . ئۇلار ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ تۇرۇپ قاراڭغۇلۇقلاردىن ھەم خەتەرلىك شاقىراتمىلاردىن ئۆتۈپتۇ ، دەريا - كۆللەردىن ئېقىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا كىچىك بىر ئېرىققا قۇيۇلۇپتۇ . يول بويى سۇ بېلىقنى ئاستا كۆتۈرۈپ يەنە تۇتىۋېلىپ ، يەنە كۆتۈرۈپ ، يەنە تۇتىۋىلىپ ئوينىشىپ شاتلىققا چۆمگەن ھالدا مېڭىپتۇ . سۇ ئاققانسېرى ئىللىپتۇ ، ئەڭ ئاخىرىدا ئېقىپ توختاپتۇ . 

    «بەك ياخشى بولدى .ئەمدى بىزنىڭ مۇقىم تۇرار جايىمىز بار بولدى » دەپ ۋارقىراپتۇ خوشلۇقىنى باسالمىغان بېلىق . «ياق ، سۇ يۈزى بەك تېيىز ، بەك خەتەرلىك . مۇشۇ پەيىتتە يەنە قايتىش يولى بار ، سەن دەرھال كەينىڭگە قاراپ ئۈزگىن . » سۇ جىددىيلەشكەن ھالدا شۇنداق دەپتۇ .«ياق ، نېمە ئىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەن سېنىڭدىن ئايرىلالمايمەن .» دەپتۇ بېلىقمۇ قەتئىي ھالدا .

    سۇنىڭ ھورلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش ئۈچۈن ، كۈندۈزى بېلىق سۇنىڭ قوينىدا تىنىچ ياتىدىكەن ، ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمايدىكەن . كەچ بولۇپ ، بارلىق يۇلتۇزلارنىڭ شولىسى سۇغا چۈشكەندە بېلىق ئاندىن ئويناشقا باشلايدىكەن ، ئۇ يۇلتۇزلارنى بىردىن بىردىن يۈتۈپ ، يەنە چىقىرىپ ، يەنە يۈتۈپ يەنە چىقىرىپ خۇشاللىقىدىن ھارغىنىنىمۇ بىلمەيدىكەن . 6-ئاي ، تومۇز ئىسسىقنىڭ ئاپتىپى سۇ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ . ئۇلار مەيلى قانداق چارە قوللانمىسۇن، سۇ بىر تامچە - بىر تامچىدىن ھورلىنىپ كېتىپتۇ. بېلىقنىڭ دۈمبىسىمۇ بارا - بارا سۇ يۈزىدىن سىرتقا چىقىپ قاپتۇ، سۇ كۈچەپ دولقۇن چىقىرىپ ، ئۇنىڭ دۈمبىسىنى نەمدەپ ، قۇياشنىڭ ئۇنى زەخمىلەندۈرمەسلىكىگە ئۇرۇنۇپتۇ ، لېكىن بۇنداق قىلىش سۇنىڭ ھورلىنىشىنى تېزلىتىپتۇ. ئاخىرىدا ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە سۇمۇ بېلىقتىن ئايرىلىپتۇ. بېلىق قۇرۇپ يېرىلغان يەر ئۈستىدە تۇرۇپ ئاخىرقى تىنىقىدىن جان تالىشىپتۇ. بېلىقنىڭ يۈرىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق سوقۇشنى تاماملاپ بولغاندىن كېيىن ، بىر تامچە كۆز يېشى مەڭزىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپتۇ .

    بېلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر تىنىقىدا تۆككەن كۆز يېشىدىن كېيىن ، تۇيۇقسىز ئاسماندىن بىر دەستە نۇر يورۇپ ، چاقماق چېقىپتۇ، بىر نەچچە قېتىملىق گۈلدۈرماما ئاۋازىدىن كېيىن قاتتىق يامغۇر يېغىپتۇ ، بېلىق يەنە سۇنىڭ باغرىغا قايتىپ كەپتۇ، لېكىن سۇ بېلىقنى ھەرقانچە تولىسىمۇ بېلىق زادىلا ھوشىغا كەلمەپتۇ، سۇ ئازاپ ئىچىدە بېلىقنى ئېلىپ شامالدەك تېز يۈگۈرۈپتۇ، باغرىدىكى قان - ياشلىق ئەلىمىنى ھەممە ئادەم ئاڭلىغۇدەك تۆكۈپتۇ................... سۇ بېلىقنى ئېلىپ ، داۋاملىق يۈگۈرۈپتۇ ، ھەم ئاخىرىدا بىر كىچىك قۇرۇق دەرەخنىڭ يېنىغا ئېقىپ كېلىپ سېغىز توپا ئارىسىغا سىغدىلىپ كىرىپ ، بېلىقنى شۇ يەرگە دەپنە قىپتۇ، سۇ بېلىقنىڭ چىرىشكە باشلىغان جەسىتىگە شىۋىرلاپ تۇرۇپ : «بىز ئەمدى ھەممە يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرمىسەكمۇ بولىدىغان بولدى، مەن سەن تۇرىدىغان يەرنى تاپتىم ، بۈگۈندىن ئېتىبارەن سەندە مەن بار ، مېنىڭدىمۇ سەن بار ...............» دەپتۇ . ئۇزاق يىللاردىن كېيىن ، قۇرۇق دەرەخنىڭ ئۇچىدىن يۇمران كۆك بىخ چىقىپتۇ ، ئۈستىدە قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇرىدىغان بىر تامچە سۇ بار ئىكەن . ئۇ بېلىقنىڭ كۆز يېشى ئىكەن ...

بېلىق :«سەن مېنىڭ كۆز يېشىمنى كۆرەلمەيسەن، چۈنكى مەن سۇ ئىچىدە »
سۇ :«مەن سېنىڭ كۆز يېشىڭنى ھېس قىلالايمەن ، چۈنكى سەن مېنىڭ يۈرىكىمدە .»

بېلىق سۇغا :«مەن ئىزچىل يىغلاۋاتىمەن ، لېكىن سەن مەڭگۈ بىلەلمەيسەن ، چۈنكى مەن سۇ ئىچىدە » دەپتۇ .
سۇ جاۋابەن :«مەن بىلىمەن ، چۈنكى سەن ئىزچىل مېنىڭ يۈرىگىمدە »دەپتۇ .

مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، سەن مېنىڭ يېگانە ياش تۆككىنىمنى كۆرەلەمسەن ؟
بەلكىم ، بۇ يېگانە ئاشىقنىڭ مۇھەببەتلىك كۆز يېشىدۇر .

بېلىق سۇغا :«مەن سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن ،چۈنكى سەندىن ئايرىلسام ياشاشقا ئامالسىزمەن » دەپتۇ .
سۇ جاۋابەن :«مەن بىلىمەن ، لېكىن سېنىڭ يۈرىكىڭ يوق بولۇپ قالسىچۇ ؟ »دەپتۇ .


مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، مېنىڭ سېنىڭدىن ئايرىلالماسلىقىم سېنى ياخشى كۆرگەنلىكىمدىن ،
لېكىن ، سېنىڭ يۈرىكىڭدە مەن بارمۇ ؟

بېلىق سۇغا :«مەن ناھايىتى يىگانە ،چۈنكى مەن پەقەت سۇدىلا تۇرالايمەن . » دەپتۇ .
سۇ جاۋابەن : «مەن بىلىمەن ، چۈنكى مېنىڭ يۈرىكىمگە سېنىڭ يىگانىلىقىڭ قاچىلانغان . »دەپتۇ .


مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، مېنىڭ يىگانىلىق ھېس قىلىشىم سېنى سېغىنغانلىقىمدىن ،
لېكىن ، يىراقتىكى سەن بۇنى ھېس قىلالامسەن ؟

سۇ بېلىققا :«ئەگەر بېلىق بولمىسا ، سۇدا يەنە نېمە قالىدۇ ؟» دەپتۇ .
بېلىق جاۋابەن :«ئەگەر سەن بولمىغان بولمىساڭ مەن بولاتتىممۇ ؟ »دەپتۇ .


مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، سېنىڭ مۇھەببىتىڭسىزمۇ ، مەن ھاياتىمنى يەنىلا ياخشى داۋاملاشتۇرىمەن ،
لېكىن ، ھاياتنى داۋاملاشتۇرۇش سېنى ئۇنتۇپ كەتكەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ .

بېلىق سۇغا :«بىر ئۆمۈر سىرتقى دۇنيانى كۆرەلمەسلىك مېنىڭ ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشىم . » دەپتۇ .
سۇ جاۋابەن :«بىر ئۆمۈر سېنىڭ مۇشۇ ئويۇڭنى يوقىتالمىغىنىم مېنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىيتىم »دەپتۇ .
مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، ھازىرقى مەن پەقەتلا بىر ئۆمۈرلۈك قەسەمگە مۇھتاج ،
لېكىن ، سەن بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئالالامسەن ؟

بېلىق سۇغا :«سېنىڭ ھاياتىڭدا ، مەن قانچىنچى بېلىق ؟ » دەپتۇ .
سۇ جاۋابەن :«سەن سۇدىكى تۇنجى بېلىق ئەمەس ، لېكىن يۈرىكىمدىكى بىرىنچى بېلىق »دەپتۇ .


مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، بىز ئىككىلىمىز بىر - بىرىمىزگە نىسبەتەن ھاياتىمىزدىكى بىرىنچى ئەمەس،
بىراق ، سەن بىلەمسەن ؟ سەن مەن بىرىنچى توي قىلىشنى ئويلىغان ئادەم ...

بېلىق سۇغا :«سەن بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىشقا ئىشىنەمسەن ؟ » دەپتۇ .
سۇ جاۋابەن :«مەن سېنىڭ بېلىق ئىكەنلىكىڭنى ھېس قىلىشقا باشلىغان شۇ دەقىقىدە ، سېنىڭ مېنىڭ يۈرىكىمگە قاراپ ئۈزۈپ كېلىدىغانلىقىڭنى بىلگەن ئىدىم »دەپتۇ .


مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، مەن تېخى ئىككىمىزنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۇزاققا بارماس دەپ ئويلاپتىمەن ، چۈنكى ئۇ بىر كۆرۈپ ئاشىق بولۇپ قېلىش ئىدى .
لېكىن ، مەن خاتالىشىپتىمەن ...

بېلىق سۇغا :«نىمىشقا ھەر قېتىم مەن سورايمەن ، سەن جاۋاپ بېرىسەن؟ » دەپتۇ .
سۇ جاۋابەن :«چۈنكى مەن جاۋاپ ئىچىدىن سېنىڭ مېنىڭ قەلبىمنى چۈشىنىشىڭنى ياقتۇرىمەن . » دەپتۇ .


مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس ، سەن نىمىشقا دائىم مېنى ساقلىتىسەن ؟
ئەجىبا ، سەن بىلمەمسەن : ساقلاش = ئىشەنچىسىنى يوقىتىش = قول ئۈزۈش ؟

ناۋادا مەن بېلىق ، سەن سۇ بولۇپ قالغان بولساڭ ، نەقەدەر ياخشى بولاتتى - ھە ؟
سۇ مەڭگۈ بېلىقنىڭ نېمە ئويلىغىنىنى بىلەلەيدۇ ، چۈنكى بېلىق سۇنىڭ يۈرىكىدە .
لېكىن مەن بېلىق ئەمەس ، سەنمۇ سۇ ئەمەس .
سەن مېنىڭ مۇھەببىتىمنى مەڭگۈ چۈشەنمەيسەن ، چۈنكى مەن بەلكىم قەتئىي سېنىڭ يۈرىگىڭدە ئەمەستىمەن !

ئەگەر مەن بېلىق ، سەن سۇ بولساڭ
مەن سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئۈزۈپ كىرسەم بولامدۇ ؟

 

قارانچۇق تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش : خۇشدىل بېتىگە يوللانغان قارانچۇق تەرجىمىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ ، تور بېكىتىمىزدىن باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ. باشقا بېكەتلەر بىزدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY