باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-27 10:15 | ئاپتور: قارانچۇق تەرجىمىسى | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىق

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىق

 

قارانچۇق تەرجىمىسى

 

    يىگىت قىزنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالدى .

    يىگىت قىز بىلەن ئالىي مەكتەپنىڭ بىر قارار بىر فاكۇلتېتتىكى پاراللېل سىنىپتىكى ساۋاقداش ئىدى . يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىۋاتقان ئاشۇ كۈنى ، نەچچە مىڭلىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىش رەسمىيىتى ئۆتەش ئۈچۈن قاتارغا تىزىلىپ تۇرغان چاغدا يىگىت كۆك رەڭلىك مايكا كەيگەن ھالدا نەق قىزنىڭ ئارقىدا تۇرۇپتۇ ، ئەشۇ كۈندىن ئېتىبارەن يىگىت قىزغا بىر كۆرۈپلا ئاشىق بوپتۇ .
    تۆت يىلدىن بۇيان ، ئۇ قىزغا بولغان مۇھەببىتىنى پەقەتلا ئاشكارىلىماپتۇ ، ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ئېغىر بېسىقلىقى بىلەن قىزغا ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ ، قىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى بولۇپ قاپتۇ . 
    قىز خور ئۆمىكىنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق بۆلۈمىگە ، يىگىت ئىسكىرىپقا چېلىشقا قاتنىشىپتۇ . قىز مەكتەپ ھاياتىدا بىر نەچچە قېتىم مۇھەببەتلىشىپتۇ، يىگىت ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچى بولۇپ تۇرىۋېرىپتۇ . قىز ئالىي مەكتەپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ چەتئەلگە داۋاملىق ئوقۇشقا چىقىپ كېتىپتۇ ، يىگىت ھەربىيلىككە قاتنىشىپتۇ ھەم ئارقا - ئارقىدىن ئامېرىكىغا نۇرغۇن پارچە خەت يېزىپ قىزغا مەدەت بېرىپتۇ . قىز قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇزاققا قالمايلا توي قىپتۇ ، بىراق كۈيئوغۇل يىگىت ئەمەس ئىكەن .
    قىز يىگىتنى لاياقەتلىك دەپ ئەمەس ۋە ياكى يىگىتنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىمۇ ئەمەس . پەقەت ئۇلار ئۆز - ئارا بەك يېقىن بولغاچقا ، قىز ھەرقانچە قىلىپمۇ قايسى بىر كۈنى ئۆزىنىڭ يىگىت بىلەن دوستلۇقتىن تەرەققىي قىلىپ ئاشىق - مەشۇقلاردىن بولۇپ قالسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتۇ . شۇڭا قىز بىلەن يىگىتنىڭ مۇناسىۋىتى دوستلۇق بىلەن مۇھەببەتنىڭ ئارىسىدىكى غۇۋا رايوندا لەيلەپ قاپتۇ. قىز ئىزچىل يىگىت بىلەن دوستلۇقنى ساقلاپ كەلگەچكە يىگىتنىڭ ئۆزىگە بولغان ياخشى مۇئامىلىسىگە توغرا نەزەر بىلەن قاراشنى ئويلاپ باقمىغانلىقتىن مۇھەببەتتىن ئېغىز ئېچىشقا مۇمكىن بولماپتۇ .
    قىزنىڭ تويى بولغان كۈنى ، يىگىت تويدا تەبرىك سۆزى قىلىپ ئۇنىڭغا خۇشاللىق ۋە بەخت تىلەپتۇ. بىر ئايدىن كېيىن يىگىت بەش كىلوگرام ئورۇقلاپ كېتىپتۇ . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ، قىز يىگىتنىڭ خەۋىرىنى بىلەلمەپتۇ. قىزنىڭ تويى ئۆزى ئويلىغىنىدەك بەخىتلىك بولماپتۇ . چۈنكى ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ قاتتىقلىقىغا خىزمىتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ۋە ئالدىراشلىقى قوشۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ يېڭى ئائىلىسىگە كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ كۆڭۈل بۆلەلمەپتۇ . يەنە كېلىپ ئۇ ئاللىبۇرۇن يىگىتنىڭ كۆيۈنۈشى ، ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشى ۋە ئىنچىكىلىكىگە ئادەتلىنىپ كەتكەچكە ، ئۇ ئېرىنىڭ ئۆزىگە مۇئامىلە قىلىشتىكى ئۇسۇلى بىلەن دوستىنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشى مۇئامىلىسىنى سېلىشتۇرۇشقا مەجبۇر بوپتۇ . قىز ئەمدىلىكتە ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئېرىنى قانداقلارچە ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىدىن گۇمانلىنىپتۇ . ئويلىغانسېرى ئېرىنىڭ بىر دوستىچىلىكمۇ ئۆزىنى چۈشەنمەيدىغان ، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان ، ئاسرىمايدىغانلىقىدىن رەنجىشكە باشلاپتۇ .

    بىر يىلدىن كېيىن قىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش تەكلىپى قويۇپتۇ . بويتاق بولۇپ قالغاندىن كېيىنكى ئۇ خىزمەتتە تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇپتۇ ، بىر نەچچە يىللىق تىرىشچانلىقتىن كېيىن ، ئۇ ئاخىرى ئېلانچىلىق ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىپ بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە بوپتۇ . لېكىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى تولىمۇ مەنىسىز ۋە مىسكىنلىك ئىچىدە ئۆتۈپ ، يىگىتنىڭ ئۆزىگە بولغان ياخشى مۇئامىلىسىنى ئېسىگە ئېلىپ ئۇنى سېغىنىشقا باشلاپتۇ ، لېكىن ، قىزنىڭ يىگىتنى قايتىدىن ئىزدەپ بېرىشقا جۈرئىتى يوق ئىكەن . چۈنكى ، قىز بىر نەچچە يىلدىن بۇيان يىگىتنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن خەۋەرسىز ئىكەن . چۈنكى ، قىز ئەمدى بۇرۇنقى ياش غۇبارسىز قىز ئەمەس ئىكەن . چۈنكى ، قىز يىگىتنىڭ ئۆزىگە ئەۋەتكەن باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئاپتۇ . . .
    يىگىت توي قىلىشتىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ھەپتىنىڭ ئاخىرى قىزنى كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىپتۇ . قىز يىگىتنىڭ نېمىشقا پات ئارىدا تويى بولىدىغان تۇرۇقلۇق ئۆزى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقىنى بىلەلمەپتۇ . ئۇ ۋاقلىق تاماق ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كۆڭۈللۈك يېيىلىپتۇ ، يىگىت بىلەن قىز خۇددى ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىغا قايتىپ قالغاندەك ، قىز قىزلار يۇقىرى ئاۋازىدا ناخشا ئېيتىپتۇ ، يىگىت ئىسكىرىپكا چاپتۇ . ئۇيۇشمىدىكى ساۋاقداشلار ، ئوقۇتقۇچىللىرى ، قاتناشقان پائالىيەتلەر . . . . . . نۇرغۇنلىغان ئەسلىمىلەر ئىككەيلەننىڭ خىيال ئېكرانىدا قايتىدىن نامايەن بوپتۇ ، نۇرغۇنلىغان خۇشاللىق ئىشلار ئۇلارنىڭ پاراڭ تېمىسىدىن ئورۇن ئېلىپ ئۇلارنى خۇددى پاك سەبىي ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىگە قايتىپ قالغاندەك قىلىپ قويۇپتۇ .

    -كېلەركى ھەپتە مەن توي قىلىش ئالدىدا تۇرۇپتىمەن ، - يىگىت قولىدىكى ۋىلكىنى قويۇپ ، تۇيۇقسىزلا بۇ گەپنى چىقىرىپتۇ . 
    - ھىم ، سىزنى تەبرىكلەيمەن ، قارشى تەرەپ چوقۇم بولىدىغان قىز ، شۇڭلاشقا سىز ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشقا قوشۇلدىڭىز . 
    - بىر ئىشنى سىزگە ئېيىتقۇم بار ، - يىگىتنىڭ چىراي ئىپادىسى تۇيۇقسىز جىددىي تۈس ئاپتۇ. ئاندىن سۆزىنى باشلاپتۇ :

    «ناھايىتى ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ، بىر يىگىت ئەمدىلا ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ مەكتەپكە تىزىملىتىدىغان كۈنى ئالدىراش مەكتەپكە يۈگۈرۈپ كىرىپ، يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇزۇن قاتاردا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ھەم جىددىيلىشىپ ھەم ئالدىراپ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا بىرناتونۇش قىز ناھايىتى يېقىنچىلىق بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كەپتۇ ، ھەم يىگىتتىن تىزىملىتىش رەسمىيىتى قانداق ئۆتەيدىغانلىقىنى سوراپتۇ . يىگىت قىزنىڭ ئۆزى بىلەن بىر فاكۇلتېت پاراللېل سىنىپتىكى ساۋاقداش ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بوپتۇ ، ھەم بۇ قىزنى شۇنچە ئاقكۆڭۈل ، ياخشى دەپ ئويلاپتۇ .

    يىگىت قىزنىڭ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزى ھەم كۈلگەندىكى ئوماق تۇرقىنى بايقاپ ، شۇ كۈندىن باشلاپلا ئۇنى بىر كۆرۈپ ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. لېكىن ، يىگىت ئىزچىل ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى قانداق ئاشكارىلاشنى بىلەلمەپتۇ ، قىز شۇنچە پاك ، شۇنچە ئاقكۆڭۈل ، شۇنچە ئەقىللىق ، پاكىز ، شۇنچە كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدىغان ئىكەن . يىگىتنىڭ مىجەزى ئىزچىل ئېغىر بېسىق ، گەپكىمۇ ئانچە ئۇستا ئەمەس بولغاچقا ، پەقەت قىزغا يېقىندىن ھەمراھ بولۇپ ئۇنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ ئۆتەلەپتۇ .
    شۇنداق قىلىپ ئالىي مەكتەپنىڭ تۆت يىللىق تۇرمۇشى ئاخىرلىشىپتۇ ، يىگىت ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمى بولغان كۈنى ئۇ قىزغا : <مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن >دېمەكچى بوپتۇ .
    لېكىن قىز ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدىن بىر كۈن بۇرۇن تېلىفوندا يىگىتكە ئۆزىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ . ئۇنىڭ ئەمدىلا بىخلانغان جۈرئىتى قاياقلارغىدۇر توزۇپ كېتىپتۇ. يىگىت ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەربىيلىككە بارىدىغانلىقى ، قىزنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلىقنى ئويلاپ ئۆز كۆڭلىنى ئاشكارىلاشنىڭ پەيتى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىپ ، قىزنىڭ ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلگەندە بىر نېمە دېيىشنى ساقلاپتۇ . قىزنىڭ چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان ھەم ئۆزىنىڭ ھەربىيلىكتە تۇرۇۋاتقان كۈنلىرى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئازابلىق كۈنلىرى بولۇپ قاپتۇ . چۈنكى ئۇنىڭ ئازابلىنىشى يالغۇز قىزنىڭ يېنىدا بولماسلىقىلا ئەمەس ، بەلكى يەنە قىزنىڭ باشقا بىر يۇرتلۇق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قېلىشى ئىكەن.
    يىگىت بىر ئادەمنىڭ چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان مۇھىتتا تولىمۇ يالغۇزلۇق تارتىپ غېرىبسىنىدىغانلىقىنى بىلىدىكەن ، يەنە قىزنىڭ غېرىبلىقتىن قورقىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنىمۇ ئېنىق بىلىدىكەن ، شۇڭا ئۇ ئامالىنىڭ بېرىچە ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك ئامرىكىغا خەت يېزىپ قىزدىن ئەھۋال سوراپ ، ئۇنىڭغا مەدەت بېرىپتۇ . لېكىن قىز جاۋاپ خېتىدە چەتئەلدە ئوقۇغاندا تۇرمۇشتا ئۇچرىغان بىر تالاي قولايسىزلىقلاردىن ئاغىرىنىشتىن باشقا ، ناھايىتى كۆپ ھالدا ئامېرىكىدا باشقا يۇرتلۇق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان يىگىت بىلەن قانداق تونۇشقانلىقى يېزىپتۇ . قىز يەنە خېتىدەئۆزىنىڭ يەنە مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى ئېيتىپتۇ . قىز يەنە خېتىدە، ئۇ يىگىتنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى ، ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقى ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ .

    يىگىت قاتتىق ئازابلىنىپتۇ ، ئىش قانداقلارچە بۇنداق بولۇپ كېتىدۇ ؟  گەرچە يىگىت ئۆز ئاغزى بىلەن كۆڭلىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئىزچىل ھەرىكىتى ئارقىلىق قىزغا كۆڭۈل بۆلۈپ ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتاتتىغۇ ؟!  ئەجىبا قىز راستىنلا يىگىتنىڭ تىرىشچانلىقى ، يىگىتنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلمىدىمۇ ؟ ياكى باشلىنىشتىلا يىگىت ئۆزى ئارتۇق ئويلاپ ، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئىختىيارى بىلەن بېغىشلىدىمۇ ؟ يىگىت قىزنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا ئۆزىنىڭ يۈرىكىنىڭ <دۈك ...> قىلغان ئاۋاز بىلەن چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپتۇ.

    مۇھەببەت ئۆلۈمدىنمۇ سوغۇق . . .

    يىگىت ئەڭ ئاخىرقى جۈرئىتى بىلەن قىزنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىپتۇ ، قىزنىڭ توي كىيمى كىيگەن بەخىتلىك تاتلىق كۈلكىسى ئاستىدىكى ھالىتىنى ، ھەم ھېلىقى باشقا يۇرتلۇق چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان يىگىتنى ، ھازىرقى تويى بولغان يىگىتنى كۆرۈپتۇ . ئۇ ئەسلىدە قىزنى بىر كۆرىۋېلىپلا كەتمەكچى بولغان ئىكەن . بىراق قىزنىڭ ئۆزىگە قارىشىدىن ئىختىيارسىز سەھنىگە چىقىپ قىزغا بىر نەچچە ئېغىز بەخت ، تىلەك سۆزى قىپتۇ .

    يىگىت سەھنىدىن پەستىكى يېڭىدىن تويى بولغان قىز - يىگىتكە قاراپ ، تۇيۇقسىز ئۆزى بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى ھېس قىپتۇ ، يىراقلىغانلىقتىن قىز ئەمدى ئالىي مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىدا تىزىملاتقان ۋاقىتتىكى قاتاردا ئۇنىڭ ئالدىدا تۇرغان قىزغا ئوخشىمايلا قاپتۇ . يىگىت ئۆزىنىڭ توي سورۇنىدىن قانداق ھالەتتە چىقىپ كەتكىنىنى بىلمەي قاپتۇ ، پەقەت قايتقاندىن كېيىن كارىۋاتقا چىقىپ ياتقىنىچە توپتوغرا بىر ھەپتە ياتقىنى ھەم بۇ مەزگىلدە 5 كىلوگرام ئورۇقلاپ كەتكىنىنى ئېسىگە ئالالايدىكەن . يىگىت قىزنى قەتئىي ئۇنتۇپ كېتىش قارارىغا كەپتۇ . ئۇ شىركىتىدىن خىزمەت توختىتىپ چەتئەلگە چىقىش ئىلتىماسىنى تەستىقلىتىپ ، بىر ئادەم يالغۇز ھالدا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىگە بېكىنىپ بېرىلىپ ئوقۇپتۇ.
    ئۇ يەردە ، يىگىتمۇ ئوخشاشلا قىز بىلەن توي قىلغان يىگىت بىلەن بىر يەرلىك ياپونىيەگە ئوقۇشقا چىققان قىز بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ قىز يىگىت ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ۋاقىتلاردا ئۇنى قايتىدىن روھلىنىشقا ئىلھاملاندۇرۇپتۇ ، ئۇ قىز ئىللىق ، سىپايىلىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن يىگىتكە ھەمراھ بوپتۇ ، يىگىتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ ، ئۇنىڭ ئۆتمۈشىنى كۆڭلىگە سىغدۇرىۋېتىپتۇ ، ئۇ قىز يىگىتتە قايتىدىن ئىشەنچ تۇيغۇسى يېتىشتۈرۈپ ، قايتىدىن مۇھەببەتكە قارىتا ئىشەنچ تىكلىگۈزۈپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىز يىگىتنىڭ ھازىرقى توي قىلماقچى بولغان بولغۇسى ئايالى بولۇپ قاپتۇ. » 

    يىگىت گەرچە قەلبىدە ھازىرقى ئايالىنى بەكمۇ ياخشى كۆرسىمۇ ، لېكىن قىز ئۇنىڭ قەلبىنىڭ قېتىدا بىر كىشلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەن . شۇڭا ئۇ بۈگۈن قىزنى ئالاھىدە ئۇچرىشىشقا چاقىرىپ ، بۇ ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپ ، بىر تەرەپتىن بۇنى يىگىت بىلەن قىز ئوتتۇرىدىسىدىكى ئۆتمۈشنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان بولسا ، يەنە بىر تەرەپتىن يىگىتنىڭ يۈرىكى ئۆتمۈش ئىچىدىن ئازادلىققا ئېرىشىپتۇ . ھازىر ، ئۇ ئەمدى قىزغا بولغان يوشۇرۇن مۇھەببىتىنى قويۇپ بېرىپ ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن يېڭى كېلىن بولۇش ئالدىدىكى ئايالىنى سۆيەلەيدۇ .

    قىز بۇ ھېكاينى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن سۈكۈتكە چۆمۈپتۇ ، پەقەت ئەدەپ - قائىدە يۈزىسىدىن يىگىتنىڭ ئاخىرى ئۆز بەختىنى تاپقانلىقىنى قۇتلۇقلاپتۇ .

    قىز يىگىت بىلەن قەدەھ سوقۇشتۇرۇپ ئۆز - ئارا قۇتلۇقلاشقاندىن كېيىن ، ئىشى بارلىقىنى ئېيتىپ ئالدىدا قايىتماقچى بوپتۇ ، يىگىت قىزنى ئۇزىتىپ ئاپىرىپ قويماقچى بوپتۇ ، قىز قوشۇلماپتۇ ، ئۇ يىگىتكە تېزراق ئۆيگە قايتىپ كۆپرەك ئايالىغا ھەمراھ بولۇشنى ئېيتىپتۇ . ئۆيگە قايتىش يولىدا ، قىز ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا ھۆڭرەپ تۇرۇپ قاتتىق يىغلاپتۇ ، ياش تەسىرىدىن بۇزۇلۇپ كەتكەن گىرىمىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كەتكىنىگە غەلىتىلىك نەزىرى بىلەن قارىغان تاكسى شوپۇرىغىمۇ ئېرەن قىلماپتۇ. ئۇنىڭ بارلىق چىدامچانلىق ۋە ئىشەنچىسى ئەشۇ مىنۇتتا ئۆز كۈچىنى يوقىتىپتۇ ، قىز ئىزچىل ئۆزىگە « يىگىتنى ئەڭ يېقىن دوستۇم ، ھەرقانداق گېپىمنى ئېيتالايمەن »دەپ كەلگەن . بەزى ۋاقىتتا ئۇ ئۆزى بىلەن يىگىت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى مۇھەببەتلەشكەنگە ناھايىتى ئۇزاق بولغان ئاشىق - مەشۇقلارغا ئوخشىتىپمۇ باققان ئىكەن .

    قىز ئەمەلىيەتتە قەلبىدە ئىزچىل كۈنلەرنىڭ بىرىدە يىگىتنىڭ ئۇنىڭغا «مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن » دېيىشىنى ساقلاۋاتقان ئىكەن .

    قىز قەلبىدە ئىزچىل يىگىتنىڭ نېمىشقا باشقا ئوغۇللارغا ئوخشاش تەشەببۇسكارانە ھالدا ئۆزىنى قوغلاشمىغانلىقىدىن ئاغرىنىۋاتقان ئىكەن .

    قىز ئىزچىل ھالدا قىز بالا چوقۇم ئۇغۇل بالىنىڭ ئۆزىنى قوغلىشىشىنى ساقلىشى كېرەك ، ھەرگىزمۇ ئوغۇل بالىغا ئالدىدا ئېغىز ئېچىشقا بولمايدۇ ، دەپ ئويلاپ كەلگەن ئىكەن . 

    ئۆتۈپ كەتتى ، پۇرسەت ئۆتۈپ كەتتى . تەقدىر يۈزنى سىيپاپ تۇرۇپ چاقچاق قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى . ئەمدى ھەرقانچە قىيمىغان ، چىدىمىغان بىلەن پايدىسى قالمىدى ، ھەممىسى ئۆتۈپ كەتتى. قىز ئۆزى يىگىتنىڭ قوغلىشىشىدىن ۋاز كەچتى ، ئۇ ئۆزى يىگىتنىڭ سۈكۈت ئىچىدىكى قەلبىنى چۈشىنەلمىدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ قەلبىگە ئىشىنەلمىدى ، ئۇ ئۆزى بىر ئادەمنى ياخشى كۆرۈشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرىنىڭ بولىدىغانلىقىغا سەل قارىدى ، يەنە شۇ ئۇ ئۆزى يىگىتنىڭ ئۇنى ئاللىبۇرۇن چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋاقتىدا نىمىشقا ئۆزىگە ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانلىقىنى تەلەپ قىلدى . قىز ئاللىبۇرۇن يىگىتنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى ...  پۇرسەت كەتتى ، ئەمدى قايتا كەينىگە يانغىلى بولمايدۇ ، ھەرگىزمۇ ئۆتمۈشكە قايتىپ قايتىدىن باشلىغىلى بولمايدۇ. ھەممىسى قىز ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت ، ئەمدى قانچە پۇشايمان قىلغان ، ئازابلانغان ، ھەسرەت چەككەن ، ئاغرىنغان ، رەنجىگەن بىلەن ئورنىغا كەلمەيدۇ .

    قىزنىڭ قەلبىدىن يىگىت بىلەن ئىلگىرى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن ئەسلىمىلىرى ، توي كۈنىسى يىگىتنىڭ ياش يۇقى كۆزى بىلەن ئۆزىگە بەخت تىلىگەن كۆرۈنۈشلىرى ئۆرتىنىپ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى . قىز ئەمدىلا چەتئەلدىكى ئوقۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە ، يىگىت قىزغا ھەمراھ بولۇپ پۈتۈن شەھەرنى ئايلىنىپ دېگۈدەك ئۆي ئىزلەپ ، ئۆي جاھازلىرىنى ئېلىشىپ بەرگەن . قىز ئامېرىكىدا ئاجرىشىپ كەتكەن يولدىشى بىلەن بېرىش - كېلىش قىلغان ۋاقتىدا يىگىت ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن سىردىشى ئىدى . قىز ئامېرىكىغا ئوقۇشقا ماڭىدىغان چاغدا ، يىگىت ئۇنىڭغا خور ئۆمىكىدىكى ۋاقىتتا قىزنىڭ ئورۇنلىغان بارلىق نومۇرلىرىنىڭ كېسىلما لېنتىسىنى سوۋغا قىلغان ئىدى. خور ئۆمىكىدە قىز قىزلار يۇقىرى ئاۋازىلىق ناخشىچى بولغان ، يىگىت مەڭگۈ ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ماسلاشقۇچى ئىسكىرىپكىچىسى ئىدى . قىز ئالىي مەكتەپكە يېڭى كەلگەن ۋاقىتتىكى تىزىملاتقان ۋاقىتتا ، كۆك رەڭلىك مايكا كەيگەن بىر يىگىتنىڭ ئالدىراش ھالدا ئوقۇغۇچىلار توپىدا تۇرغانلىقىنى ، يىگىتنىڭ سەبىي ، ئوماق ، قاملاشقانلىقنى ، يەنە كېلىپ يىگىتنىڭ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئوغۇللار تىپىدىن ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ، ھەم ئەشۇ ۋاقىتتىلا يىگىتنى بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭغا ئاشىق بولۇپ قالغان ...

    دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ئارىلىق ، ھاياتلىق بىلەن ماماتلىق ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىق ئەمەس . 

    بەلكى ، مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزدىلا ، لېكىن سىز مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلمەيسىز ... 



    گېرمانىيەلىك بىر مەشھۇر ئەدىب كىشى ئويلانغۇدەك بىر ھېكمەتلىك سۆزنى قىلغان : ھاياتلىق پارچە كىتابقا ئوخشايدۇ. ئەقىلسىز كىشىلەر ئۇنى تېزلا بىر قۇر ۋاراقلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر بولسا ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئوقۇيدۇ . نېمىشقا ؟ چۈنكى ئەقىللىق كىشىلەر شۇنى ھېس قىلغانكى : < بۇ كىتابنى پەقەت بىر قېتىملا ئوقۇغىلى بولىدۇ .>

    ئەگەر يەنە ئۈمىد بارلىقىنى ھېس قىلسىڭىز ... چوقۇم ياخشى قەدىرلەڭ ... مۇھەببەت بولسۇن ... دوستلۇق بولسۇن ... تۇغقاندارچىلىق بولسۇن ، تېخىمۇ شۇنداق .

    سىزگە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم مەڭگۈ كۆڭلىڭىز تەرىپىدىن يەكلىنىپ ئۆتمىسۇن ، ئايرىلىپ قالغان ۋاقىتتا ، كۆز يېشى نېمىگە دال بولالايدۇ ؟

    كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا جاۋابقا ئېرىشكەنلىكىگە ئىشىنىمەن ...

 

ئەسكەرتىش : خۇشدىل بېتىگە يوللانغان قارانچۇق تەرجىمىلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقوقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ ، تور بېكىتىمىزدىن باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ. باشقا بېكەتلەر بىزدىن رۇخسەتسىز كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY