باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-24 07:58 | ئاپتور: جورگى لۇئىس بورگىس | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

پىچاق تارتۇقى

پىچاق تارتۇقى

جورگى لۇئىس بورگىس 

(ئارگېنتېنا)

ۋاڭ ياڭلې
  

ئۇنىڭ يۈزىدە ناھايتىمۇ قورقۇنۇچلۇق، چار رەڭلىك، ئۈزۈلمىگەن ياي شەكىلدە تارتۇق بار بولۇپ، بۇ چېكىسىدىن يەنە بىر تەرەپ چىكىسىنىڭ ياڭاق سۆڭىكىگىچە ئىدى.

 

ئۇنىڭ ھەقىقىي ئسىمىمۇ ئۇنچە مۇھىم ئەمەس، تىبرانلىقلار ئۇنى " گىل چارۋىچىلىق مەيدانىدىكى ئەنگىلىيىلىك " دەپ چاقىراتتى. ئاشۇ زېمىننىڭ ئىگىسى كاردوزو دەسلەپتە ئۇ يەرنى ساتقۇسى يوق ئىدى. ئاڭلىشىمچە ئۇ ئەنگىلىيىلىك كىشىنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەن تەدبىردىن بىرنى تېپىپتىكەن. ئۇ بولسىمۇ، تارتۇقنىڭ سىرلىق ھېكايىسىنى كاردوزوغا سۆزلەپ  بەرگەن ئىكەن.

ئەنگىلىيىلىك شوترىئوساسلانگس چېگرا رايوندىن كەلگەن بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى بىرازىلىيىدە ئەتكەس مال سودىسىنى قىلىدىغان تىجارەتچى دەپ بىلىشەتتى. گىل چارۋىلىق مەيدانىدىكى زېمىن بوز يەر ھەم ئوت-چۆپلەر قۇيۇق ئۆسكەن، دەريا سۇلىرى تەمسىز بولۇپ،  ئەنگىلىيىلىك ئادەم  بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆگەرتىش ئۈچۈن ياللانما ئىشچىلار  بىلەن بىللە ئىشلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۈزۈمى چىڭلىقتا رەھىمسىزلىك دەرجىسىگە يەتكەن بولسىمۇ،  لېكىن شۇنچىلىك ئادىللىق بىلەن ئىش تۇتىدىكەن. يەنە تېخى ئۇ ھاراق ئېچىشنى ياختۇرىدىكەن. بىر يىل ئىچىدە ئۇ ئىككى - ئۈچ قېتىم دېرىزىسى تېشىغا كۆتىرىلىپ تۇرىدىغان ئۆيىگە كىرىۋېلىپ، راۋرۇس ئىككى - ئۈچ كۈن ھاراق ئىچىدىكەن. ئويغىنىپ چىققاندا خۇددى ئۇرۇشتا ھوشىدىن كېتىپ، ئويغانغان ئادەمدەك بولۇپ قالىدىكەن. چىرايلىرى ئاقارغان، قوللىرىنى تىتىرەك باسقان، كەيپىياتى تولىمۇ ئوسال بولۇپ قالىدىكەن، لېكىن يەنە شۇ ئىلگىرىكىدەكلا تۈزۈمنى چىڭ تۇتىۋېرىدىكەن. تاكى بۈگۈنگە قەدەر ئۇنىڭ مۇز قاپىقى، ئورۇق- ۋىجىك تېنى ۋە چار ساقىلى تېخىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. ئۇ ھەممە ئادەم بىلەن ئارىلشىپ كەتمەيتتى. ئۇنىڭ ئىسپانچە تەلەپپۇزى بەك ناچار، گەپ قىلىشلىرى بىرازىلىيىكلەرگە ئوخشايتتى. پەقەت بەزى بىر سودا خەت - چەكلىرى ياكى كىتابلىرىدىن باشقا ئۇنىڭغا ھېچقانداق سالام خەتلەرمۇ كەلمەيتتى.

 

- مەن بۇ تارتۇقنىڭ كىلىش سەۋەبىنى سىزدىن يۇشۇرۇپ يۈرمەيمەن. لېكىن بىر شەرتىم بار، مەيلى ۋەقەلىك قانچىلىك كىشىنى ئۇياتقا قويغان بولسىمۇ، قانچىلىك شەرمەندىچىلىك بولغان بولسىمۇ، سۆزلىگەنلىرىم ھەممىسى ھەقىقەت،  ئازىراقمۇ كەم -كۇستىسى يوق.

مەن ئەلۋەتتە قوشۇلدۇم، تۆۋەندىكى دەل ئۇنىڭ ھېكايىسى.  سۆزلىگەن ۋاقتىدا، ئىنگىلىزچىگە ئىسپانچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىگەن. ھەتتا پورتىگال تىلىمۇ قىستۇرغان ئىدى.

ئۇنىڭ يېشى 20 ياشقىمۇ يەتمەيتتى. ھەم ئورۇق، ھەم شۇنداق بوشاڭ ئىدى. خۇددى ئۇمرۇتقىسىز ھايۋانغىلا ئوخشاش بولۇپ، كۆرگەن ئادەممۇ سەل بىئاراملىق ھېس قىلىپ قالاتتى. ئۇ تەرسالىق بىلەن قىزغىن كىتاب ئوقۇيتتى. ئۇ كىتابنىڭ نامىنى مەنمۇ بىلمىدىم،  نېمە ھېلىقى كوممونىزىم كىتابچىلىرىدىن ئىكەن. مەيلى نېمىلا مەسىلىنى پاراڭلىشايلى دائىم ماتېرىيالىزىمنى پەرق ئېتىش توغرىسىدا خۇلاسە قىلاتتى. سىز نۇرغۇنلىغان باھانە سەۋەبلەر بىلەن باشقىلارغا ئۆچ بولىدىكەنسىز ياكى ياختۇرۇپ قالىدىكەنسىز. لېكىن مون بارلىق تارىخنى ئىپلاس ئىقتىسادىي توقۇنۇشقا يغىشتۇرۇپ قوياتتى. ئۇ گىپىنى ئۈزۈپلا ئىنقىلاپ غەلبە قىلىدۇ دەيتتى. مەن ئىرادىلىك كىشىلەرلا جىددىي ۋەزىيەتنى تۈزەيدۇ، شۇڭا مەغلۇب بولغۇچى تەرەپتە تۇرۇش كېرەك دېدىم.

 

ناھايىتى كەچ بولۇپ كەتكەن ئىدى. بىز كارىدور پەلەمپىيىدىن چىقىپ مۇنازىرە قىلىپ كوچىغا چىقىپ قالغان ئىدۇق، ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغىنى موننىڭ كۆز قارىشى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بەس مۇنازىرىدىكى مۇنازىرە قىلىشقان تەلەپپۇزى ئىدى. بۇ يېڭى كەلگەن يولداش، مەيلى مۇنازىرىدە بولسۇن، يەنە ئازىراق غەزەپ-نەپرىتى ئارقىلىق بۇيرۇق بېرىپ قوياتتى.

بىز شەھەرنىڭ ئايىغىغا كەلدۇق. ئەتراپتا ئۆيلەرمۇ شۇنداق ئاز ئىدى. مۇشۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز مىلتىق ئاۋازى ئاڭلاندى. ھەممەيلەن ھەيران قالدۇق.( ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، بىر زاۋۇتقا ياكى گازارمىنىڭ ھويلا تېمىدىن ئۆتكەن ئىدۇق.) بىز دەرھال ئەگىپ بىر توپا يولغا كىرىۋالدۇق. بىر ئەسكەر ئوق چىقىۋاتقان كەپە ئۆيدىن چىقتى. كۆرۈنگەن ئوت يورۇقى، گەۋدىسى تېخىمۇ چوڭ ئىگىز كۆرۈنۈپ كەتتى.  ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا بىزگە ۋارقىرىدى، بىزنى تۇرۇشقا بۇيرىدى. مەن قەدىمىمنى تېزلەتتىم. مېنىڭ ئۇ ھەمرايىم ماڭا يېتىشەلمىگەن ئىدى. مەن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قارىسام، جون. ۋېنسنت. مون قورقىنىدىن مىدىرلىماي، بۇتتەك قېتىپلا قالغان ئىدى. مەن دەرھال كەينىمگە يېنىپ، بىر مۇش بىلەن ھېلىقى ئەسكەرنى يېقىتتىم. ۋىنسىنت.موننى قاتتىق سىلكىدىم ۋە ئۇنى قاتتىق تىللاپ، مەن بىلەن بىللە  مېڭىشنى ئېيتتىم. ئۇنىڭدا قورققىنىدىن ماغدۇرىمۇ قالمىغان ئىدى. مەن ئامالسىز ئۇنى بىلىكىدىن تارتىپ سۆرەپ يۈگۈردۈم. بىز تۆت ئەتراپى ئوق كۆتىرىلىپ تۇرغان كېچىدە بۆسۈپ چىقىپ قاچماقتىمىز. ئارقىمىزدا قۇيۇق ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلاندى. موننىڭ ئوڭ مۆرىسىدىن بىر ئوق سۈرۈپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. بىز كىچىك قارغايلىققا قېچىپ كىرىۋالدۇق. ئويلىمىغان يەردىن ئۇ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى.  

شۇ يىلى،  1922-يىلى كۈز پەسلىدە،  مەن گىنرال باكىلېتنىڭ چەت-ياقا يېزىدىكى كاتتا قورۇسىدا ئۆزۈمىنى دالدىغا ئېلىپ تۇردۇم. گېنرال شۇ ۋاقىتتا بىنگالدا بولۇپ، نېمە خىزمەتلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدىم،  ئىشقىلىپ مەن ئەزەلدىن ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم. ئۇ ئۆيلەر سېلىنغىلى تېخى يۈز يىل بولمىغان. لېكىن شۇنداق ۋەيرانە ھەم قاراڭغۇ ئىدى. ئەگىرى-بۈگىرى كارىدورلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئالدى زالدىن پايدىلانغىلىمۇ بولمايتتى. قەدىمىي ئاسار-ئەتىقىلەر ۋە زور تۈركۈمدىكى كىتابلار ئاستىنقى قەۋەتنى ئىگىلىگەن ئىدى. ئۇ كىتابلاردا ھەر خىل نەرسىلەر بار بولۇپ، ھەر بىرى بىر-بىرىگە مۇناسىۋەتىسز ھەم ئوخشىمايتتى. مەلۇم خىل مەنىدىن قىلىپ ئېيتقاندا،  19-ئەسىرنىڭ تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ دېسىمۇ بولاتتى. پانشاپورنىڭ پىچىقىنىڭ ئازغىنە يايى خۇددى قەدىمىي جەڭ مەيدانىدىكى شامال ئاۋاز ۋە شەپقەتىسزلىكنى قالدۇرغاندەكمۇ قىلاتتى. ئېسىمدە قىلىشىچە بىز ئارقا ھويلىدىن كىرىپتىكەنمىز. موننىڭ لەۋلىرى تىتىرەپ قۇرۇپ كەتكەن ئىدى. دۇدۇقلاپ شۇ كۈن كېچىسىدىكى ئىشىنى تولىمۇ قىزقارلىق بولغان دەيتتى. مەن ئۇنىڭغا بىر ئىستاكان چاي قويۇپ بەردىم.  يارىسىنى تاڭدىم.  ئۇ بىر پاي ئۇنىڭ تېرىسىنى سۈركەپ ئۆتكەنلىكىنى، سۆڭەككە زەخمە يەتمىگەنلىكىنى بىلدىم. تۇيۇقسىز ئۇ غۇۋا قىلىپ:- سىز راستىنلا چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلدىڭىز _ دېدى.

مەن ئۇنىڭ ئەنسىرمەسلىكىنى دېدىم. ( ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئادەتلىرىدە مېنىڭ بايقىدەك قىلىشلىرىمغا قەتئىي بولمايتتى، بىر ئەزانى دەپ تۇتۇلۇپ قىلىپ پۈتۈن ئىشلارغا دەخلى يەتكۈزۈشكە تېخىمۇ بولمايتتى.)

 

بىزنى گىنرالنىڭ تۇرالغۇسىدا توققۇز كۈن تۇردۇق. جەڭنىڭ ئازابى ۋە ئارزۇسى توغرىسىدا مېنىڭ سۆزلىگۈم كەلمىدى.  مېنىڭ دېمەكچى بولغان مەقسىدىم بۇ چىرايىمنى نابۇت قىلغان تارتۇق. شۇ توققۇز كۈن مېنىڭ نەزرىمدە بىر كۈندەك بىلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى ئىككىنچى كۈنىدىن باشقا. ئۇ كۈنى بىزنىڭ ئادەملەر بىر ھەربىي گازارمىغا بۆسۈپ كىردى. ئاندىن 16 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى. بىز ئەلپىندىكى ۋاقتىمىزدا ئوققا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈلگەن 16 يولداشنىڭ ئەنتىنى ئالغان بولدۇق. تاڭ يوراي دېگەندە، مەن ئۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن ئىدىم. تۈن يېرىمدا ئاندىن قايتىپ كەلدىم. بۇرادىرىم ئىككىنچى قەۋەتتە مېنى ساقلاۋاتقان ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ يارىسى بەك ئاغىرىغانلىقتىن تۆۋەنكى قەۋەتكە چۈشەلمەيتتى.  ئېسىمدە قىلىشىچە، ئۇنىڭ قولىدا جەڭ تاكتىكىلىرىغا ئائىت كىتاب بار ئىدى.  مۇئاد ياكى كالۇسىۋىتىزنىڭ ئەسەرلىرى ئىدى. بىركۈنى كەچتە، ئۇ ماڭا مۇنداق دېگەن ئىدى:- مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قورال زەمبىرەك دېدى، دە بىزنىڭ پىلانىمىزنى سۈرۈشتۈردى. قۇرۇق گەپ سېتىپ پىكىرىنى دېدى ياكى تەنقىدلەپ تولۇقلىما بەردى. ئۇ دائىم بىزگە زەربە بېرىپ:- بىزنىڭ ئېچىنىشلىق بولغان ئىقتىسادىي ئاساسىمىز دەپ قارىسىغا ھۆكۈم چىقىراتتى ياكى كىشىنىڭ دىمىنى سىقىدىغان سۆزلەر بىلەن ئوسال نەتىجىلەرنى يەكۈنلەيتتى. ئۇ غۇدۇرلاپ:- بۇ ئىش تۈگىدى ئەمدى دەيتتى.  ئۇ ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن جىسمانىي ئاجىزلىقىنى كۆڭلىگە ئېلىپمۇ كەتمەيتتى. بار كۈچى بىلەن كاللىسىنىڭ ئۆتكۈر ئىكەنلىكىنى ئىپادىلمەكچى بولاتتى. بىز نېمىلا دېگەن بىلەن مانا مۇشۇنداق خىيىم-خەتەرسىز توققۇز كۈننى ئۆتكۈزۋالدۇق.

-مون، كېيىن قانداق بولدى دەپ سورىدىم.

- ئۇ ساتقۇن مۇكاپاتىنى ئېلىپ بىرازىلىيىگە باردى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بىر قانچە مەست بولۇپ كەتكەن ئەسكەرنىڭ مەيداندا نىشان قىلىپ يۇمشاق بولۇپ كەتكەن ئادەمگە ئوق ئېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.

مەن ئۇنىڭ سۆزلەپ بولۇشىنى كۈتتۈم. لېكىن خېلى ۋاقىتقىچە ئاخىرى چىقىمىدى.  ئەڭ ئاخىرىدا مەن ئۇنى داۋامىنى سۆزلەشنى ئېيتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نالە قىلغان ئاۋازىدا، ئاستا يۈزىدىكى چار رەڭ بولۇپ كەتكەن يېرىم ئاي شەكىلدىكى تارتۇقىنى ماڭا كۆرسەتتى.

-ئەجەبا سىز ئىشەنمىدىڭىزمۇ؟ ئۇ غۇدۇرلىدى :- ئەجەبا سىز بۇ يۈزۈمدىكى شەرمەندىچىلىك ئىزىنى كۆرمىدىڭىزمۇ؟ مەن بۇ خىل ئۇسۇلدا ھېكايە سۆزلىشىمدىكى مەقسەت، سىزنىڭ باشتىن ئاخىرى ئاڭلاپ بولۇشىڭىز ئۈچۈن ئىدى. مەن بولسام مېنى ھىمايىسىگە ئالغان ئادەمنى پاش قىلغان ئادەممەن. مەن دەل ۋېنسنت. مون بولىمەن. ئەمدى سىز مېنى كەمسىتىپ، نېمىلا دېسىڭىز بولىۋېرىدۇ دېدى.

 

گۈلجەننەت مۇھەممەت تەرجىمىسى

 

 

ئاپتور قىسقىچە تەرجىمىھالى

 

جورگى لۇئىس بورگىس(1899-1986)ئارگىنتنا شائىرى، ھېكايە يازغۇچىسى، ھەم تەرجىمانى. بوينىسئايرىستىكى ئەنگىلىيە قان سىستېمىسىدىكى ئاسۋوكات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. جەنۋەدە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئوقىغان.  ئوكسىفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. ئىنگىلىزچە،  فىرانسوز، نېمىس تىللىرىنى ئۆگەنگەن.  ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىدىن باشلاپلا  شىئېر يېزىشنى باشلىغان. 1919-يىلى ئىسپانىيىگە بېرىپ،ئىكىسترىمىزىم ۋە ئاۋانگارتلار ئەدىبلىرى بىلەن ئىنتايى قۇيۇق ئارىلاشقان.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە قەرەللىك سان ئەدەبىيات ژورنىلىنى تۈزگەن.  1923-يىلى نەشرىيات تۇنجى قېتىملىق شىئېرلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان. 1935-يىلى تۇنجى قېتىملىق ھېكايىلار توپلىمىنى نەشىر قىلغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئارگىنتېنادىكى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى ئورنى تىكلەنگەن. 1946-يىلى  پىرونىزىمغا قارشى تەشۋىقاتتا  قول قويغانلىق  سەۋەبىدىن،  كۇتۇپخانىدىكى خىزمىتىدىن قالدۇرۇپ،  بازار ئۆي قۇشلىرى نازارەت قىلىش خادىمى قىلىپ چۈشۈردى. لېكىن ئۇ بۇ خىزمەتنى رەت قىلدى ھەمدە ئوچۇق خەت يېزىپ ئېلان قىلىپ ئېتىراز بىلدۈردى. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە ئارگىنتىنا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولدى.  1955-يىلى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىنىڭ باشلىقىلىق خىزمىتى ھەمدە بوينىسئايرىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پەلسەپە-ئەدەبىيات فوكولىتتىغا دەرس بېرىش خىزمىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 1950-يىلى ئارگىنتېنا مەملىكەتلىك ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، 1961-يىلى ئىسپانىيەنىڭ فورمونتو مۇكاپاتىغا، 1979-يىلى ئىسپانىيىنىڭ سېرۋانتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن :شېئىرلار توپلىمى «بوينىسئايرىستىكى قايناق ھېسسىيات»(1923)، «ئالدىمدىكى ئاي»(1925)،«ساينىت مارتىن ماركىلىق مەشىق دەپتىرى»1929-يىلى، «سايە قەسىدىسى»(1969)، «يولۋاسنىڭ ئالتۇن رەڭگى» (1972)، «يوشۇرۇن ئەتتىرگۈل»(1975)؛ ھېكايىلار توپلىمى «مۇشتۇمزورلار بىئوگرافى»(1937)، «شاخالنما چىغىر يوللۇق باغچا»(1941)، «ئۆلۈم ۋە كومپاس» (1951) قاتارلىقلار.

 

 

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY