باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-6-19 16:09 | ئاپتور: يۇرى ماركوۋىچ ناگىبىن | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

تىنچ سۇ كۆلچىكى

تىنچ سۇ كۆلچىكى

[سوۋىت ئىتتىپاقى]

يۇرى ماركوۋىچ ناگىبىن

تەرجىمان: خۇاڭ خوۋجياڭ


    بىزنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئەڭ ئاخىرقى كۈنلۈك، ئەڭ ئاخىرقى بىر سائەتلىك دەرسىمىز ئاياغلاشتى. گەرچە ئالدىمىزدا ناھايىتى تەس ھەم ئۇزۇن بولغان ئىمتىھان بار بولسىمۇ، لېكىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى دەرسلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى. بۇندىن كېيىن لېكسىيە، مۇھاكىمە يىغىنلىرى ياكى مەلۇم بىر مەسىلىلەرنىڭ سەنئەت تەتقىقاتلىرىغا قاتنىشىش بولسۇن— ھەممىسى قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ گەپلىرى ئىدى!— ئالىي دەرىجىلىك مەكتەپلەرنىڭ پەلەمپەيلىك سىنىپلىرى بىلەن تەجرىبە سىنىپلىرىغا كىرىپ چىقىرىپ يۈرەتتى. لېكىن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ كىچىك سىنىپلىرى ۋە پارتا-ئورۇندۇقلىرى ئەمدى يوق بولدى. بىزنىڭ تۇلۇقسىز دەۋرىمىزدىكى بۇ 10 نەچچە باھار ۋە كۈزلەر ئاشۇ تۇنۇش بولغان، ئازىراق ئۈنى پۈتۈپ قالغان قوڭغىراق ئاۋازى ئىچىدە ئاستا غايىپ بولدى. ئاشۇ قوڭغىراق ئاۋازىنىڭ بىنانى ئاستىنقى قەۋىتىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدىن ئاستا يۇقىرىغا ئاڭلىنىپ، بىزنىڭ 10-يىللىق بار بولغان ئالتىنچى قەۋەتكە ئاڭلانغۇچە، دائىم سەل كېچىكىپ قالاتتى.

    بىزنىڭ ھاياجانلىرىمىز، بىزنىڭ خۇشاللىقلىرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا نېمىشقىدۇر بىر خىل ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمىغان مىھرى-مۇھەببتىمىز، كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن توي قىلىش سالاھىتىگە ئېرىشكەن قورامىغا يەتكەن چوڭ ئادەمگە ئايلىنىدىغانلىقىمىزدىن ئازراق خىجىللىق ھېس قىلدۇق ھەمدە نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي قالغان ئىدۇق. كۆپچىلىك كارىدور ۋە سىنىپ ئىچىدە ئۇياق - بۇياققا مېڭىپ يۈرەتتى، خۇددى مەكتەپ ھويلىسىدىن چىقىپ، چەكسىز كەتكەن ناتۇنۇشلار دۇنياسىغا كىرىپ كېتىشتىن قورققاندەك قىلاتتى. يۈرىكىمىزنى بىر مۇنچە تەسۋىرلىگۈسىز ھېسسىيات چىرمىۋالغان بولۇپ، خۇددى ئۆتۈپ كەتكەن 10 يىل ئىچىدە، ئۆزئارا گەپلىرىمىز تۈگىمىگەندەك، ئوتتۇرا مەكتەپكى ھاياتىمىز تېخى يېتەرلىك بولمىغاندەك، تېنىمىزدىن ئۆسمۈرلۈك، ساددىلىق، گۆدەكلىك پۇراقلىرىنىڭ يەنىلا ساقلانغانلىقى، خۇددى بۇ بىر كۈن نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەيۋاتقاندەك قىلاتتى.

    ئوچۇق دېرىزىدىن توق كۆك ئاسمان كۆرۈنۈپ تۇراتتى. دېرىزە تۈۋىدە بىر قانچە كەپتەر بوم ئاۋازلىرى بىلەن «گۇرگۇر، گۇر-گۇر» قىلىپ سايرىشىۋاتاتتى. ياپيېشىل دەل-دەرەخ، گىياھلارنىڭ خۇشپۇراق ھىدى ۋە سۇ چېچىلغان قاراماي يولى پارغا ئايلاندۇرغان پۇرىقى بىلەن بىرلىشىپ، پۈتۈن بوشلۇقنى تولدۇرىۋەتكەن ئىدى.

    رېنىيا.رۇنىييانسىۋا سىنىپ ئىچىگە بېشىنى سوزۇپ قاراپ: 

    - شېمۇژ، بىر دەم ۋاقتىڭىز ئالسام بولامدۇ؟

    مەن كارىدورغا چىقتىم. بۇنداق ئالاھىدە كۈنلەردە، رۇنىييانسىۋا ئادەتتىكى كۈنلەرگە ئوخشىمايلا قالغان ئىدى. ئۇنىڭ كىيىنىشلىرى باشقا ۋاقىتلارغا قارىغان سەل غەلىتىرەك ئىدى. ئۆتكەن يىلى كىچىك كىلىپ قالغان ساراپىنى، قىسقىلىقىدىن تىزىنىمۇ ياپالمايتتى، سىرتىغا كىچىكلىكىدىن مەيدىسىدىكى تۈگمىسىمۇ ئېتىلمەيدىغان پوپايكىسى، ئىچىگە كونىراپ قالغان ئاق كۆينەك، پۇتىغا يومىلاق باشلىق پاكار قونچىلىق خورۇم ئاياق كىيىۋالغان ئىدى. — ئۇنىڭ بۇ تۇرىقىدىن بۇنى سىڭلىسىدىن ئۆگىنىۋالغاندەك قىلاتتى. ئۇ سۇس كۈلرەڭ بويىۋالغان قويۇق چاچلىرىنى نۇرغۇن چاچ قىسقۇچلار بىلەن قىسىپ تارىۋالغان ئىدى. لېكىن قىسىۋالغان چاچلىرى چۈشۈپ، ئۇنىڭ پىشانىسى بىلەن يۈزلىرىنى ئېتىلۋالغان ئىدى، يەنە بىر ئۇچۇم ماڭلاي چاچلىرى ئۇنىڭ كىچىك بۇرۇنلىرىغا چۈشۈپ، ئۇنى تېرىكتۈرەتتى، ئۇ ئاچچىقىدا قايرىپ قوياتتى. باشقا ۋاقىتتىكىگە ئوخشىماي قالغىنى، ئۇنىڭ يۈزى سۇس قىزارغان، تۇيۇقسىزلا ئەستايىدىل، جىددى بولىۋالدىغان، تۇيۇقسىز ئەنسىز بولۇپ كېتىدىغان بىر جۈپ بوز كۆزىدىن خاپا بولغانلىقىنى، يېقىن ھەم تەسىرلىك نۇرلىرى بىلىنىپ تۇراتتى، 

    -شېموژ، مېنىڭ سىزگە دەيدىغان گىپىم بار: ئىككىمىز 10 يىلدىن كېيىن كۆرىشەيلى بولامدۇ؟

    رۇنىييانسىۋا ئەزەلدىن چاقچاق قىلمايتتى، شۇڭا مەنمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن ئۇنىڭدىن سورىدىم:

     - نېمىشقا؟ 

    -سىزنىڭ كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولىدىغانلىقىڭىزنى بەكمۇ بىلگۈم بار دېدى رۇنىييانسىۋا ئاۋۇ كىشىنى بىزار قىلىدىغان ماڭلاي چېچىنى قايرىپ يەنە سۆزلىدى: _ بىلەمسىز، مەن بۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان ، ئىزچىل سىزنى ياخشى كۆرۈپ كەلدىم.

    مەن مۇشۇ كەمگىچە رۇنىييانسىۋانى بۇنداق گەپلەرنى ئەزەلدىن قىلمايدۇ، يەنە كىلىپ، بۇنداق ھېسسىياتقا مۇناسىۋەتلىك گەپلەرنى تېخىمۇ قىلمايدۇ دەپ قارايتتىم. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ جىددى خىزمەتلىرىگە قارىتىلغان ئىدى. (ئۇ بىزنىڭ گۇرۇپپىنىڭ كىچىك ئەترەت ھەيئىتى ئىدى) يۇلتۇز دۇنياسىدىكى ئارزۇ-ئارمانلار ئىچىگە غەرق بولۇپ كېتەتتى. ئۇ شۇنداق ئالدىراش ۋاقىتلاردىمۇ ئېغىزىدىن چىقىدىغىنى تۇرغۇن يۇلتۇز، سەييارە، قۇياش ئۆسۈكى، ئايلىنىش ئوربېتىسى ۋە ئالەم كېمىسى قاتارلىق گەپلەر بولۇپ، مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن بۇندىن باشقا گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلىمايتتىم. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى پەقەت بىر قىسىم ساۋاقاداشلارلا ئۆزىنىڭ كەلگۈسى توغرىلىق ئويلىشىپ قويىشاتتى. لېكىن رۇنىييانسىۋا ئالتىنچى يىللىقتىن باشلاپلا ئاستىرنوم بولۇشنى خالايتتى ھەم ئارزۇ قىلاتتى. 

    ئىككىمىز ئارىسىدا قىلچىمۇ يېقىنچىلىق بېرىش-كىلىش مۇناسىۋىتىمىزمۇ بولمىغان. ئىككىمىز پارالىل سىنىپلاردىن ئىدۇق. ئادەتتىمۇ پەقەت شۇ ئەترەت خىزمىتى بىلەنلا ئالاقە قىلىشاتتۇق. نەچچە يىللار ئىلگىرى، مېنىڭ بىر خاتالىقىم تۈپەيلىدىن، مەن پىئونېرلار ئەترىدىن قوغلاندى قىلىندىم. بۇرادەرلەرنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى ئارقىسىدا، مەن قىزىل گالىستۇكىمنى ساقلاپ قالغان. لېكىن، پەقەت بىزنىڭ مەكتەپتىكى رېنىيا مېنى قوغلاندى قىلىشتا شۇنداق چىڭ تۇرغان ئىدى. شۇ ئىشتىن مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىمدا داغ پەيدا بولۇپ قالدى. كېيىن مەن ئاندىن چۈشىنىپ يەتتىم، رېنىيانىڭ ئۇنداق سوغۇق مۇئامىلە قىلىش پۈتۈنلەي ئۆزى ئۈچۈن ئىكەن. باشقىلارغا بولغان تەلىپىنىڭ بەك قاتتىقلىقى سەۋەبىدىن چوقۇم كەسكىنلىك بىلەن يامان غەرەزدە بولىدىكەن. ئۇنىڭ يۈرىكى خرۇستالدەك سۈزۈك ھەم پاك، ئۇ ئەقىدىسىگە سادىق، سەمىمىي، قەيسەر قىز بولۇپ، دائىم ئەتراپىدىكىلەرنى ئۆزىگە ئوخشاش بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى.

    ئۆزۈمنى سېلىشتۇرسام، مەن مەڭگۈ « باتۇر، دۇرۇس چەۋەنداز» ئەمەسمەن. شۇ دەقىقىدە ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قارىشى مېنى ھەيران قالدۇرۇپلا قالماستىن، يەنە ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويغان ئىدى. مەن ئۆتمۈشتىكى ئەسلىمىدىن ئۇ سىرنى ئاچىدىغان ئاچقۇچنى ئىزدىمەكچى بولدۇم. دەرۋەقە ئىككىمىزنىڭ كىچىك سۇ كۆلچىكىدىكى بىر قېتىملىق ئۇچىرىشىشىمىزدىن باشقا نەتىجە تاپالمىدىم.......

    تەتىل كۈنلىرىنىڭ بىر كۈنى، بىز خىمىكىي سۇ ئامبىرىغا بېرىپ كېمە ھەيدىمەكچى بولىدىغانغا دېيىشىپ، يىغىلىش ئورنىنى كىچىك سۈ كۆلچىكى باغچىسىدىكى ئىگىز ھەم چوڭ بولغان شىپاڭ يېنىدا ئۇچىراشماقچى بولدۇق. لېكىن ئاسمان تەرىنى تۈرىۋالغان ئىدى. سەھەردىلا سىم-سىم يامغۇر يېغىۋاتقان ئىدى. ئۇچىرىشىش ئورنىغا پەقەت مەن، پاۋلىك، نىنا، رېنىيا يىغىلىپتۇق. نىنا تەتىلدە ئۆيدە ئولتۇرالماي شۇڭا كەلگەن ئىدى. مەن نىنانى دەپ كەلگەن ئىدىم. پاۋلىك مېنى بار دەپ كەلگەن ئىدى. لېكىن رېنىيا كىمنى دەپ كەلگەنلىكىنى بىزگە ئېنىق ئەمەس ئىدى.

    ئىلگىرى رېنىيا ئەزەلدىن بىزنىڭ كىچىك زىياپەتلىرىمىزگە قاتنىشىپ باقمىغان، ئەزەلدىن بىز بىلەن بېرىپ كىنومۇ كۆرۈپ باقمىغان، مەدەنىيەت باغچىسى ۋە خارمىتاگ كۈنى باغچىسى قاتارلىق جايلارنىمۇ ئايلىنىپ باقمايتتى. لېكىن كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆزىنى چوڭ تۇتىۋالغانلىقى ئەمەس، قەتئىي بوش ۋاقىت ئاجرىتالمىغانلىقىدىن ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ مۇسكىۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەشكىللىگەن ئاستىرنوم خانقىزىغا قاتناشقان، يەنە ئاستىرنومىيە سارىيىنىڭ قانداقتۇر پائالىيەتلىرىگە قاتنىشاتتى. بىز ھەمىمىمىز ئۇنىڭ بۇ خىل ئۆز ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلىش روھىغا قول قوياتتۇق ھەم قايىل ئىدۇق، شۇڭلاشقىمۇ ئۇنى ئاۋارە قىلىشنى خالىمايتتۇق.

    بىز تۆتىمىز تۆت ئەتراپى شامال ئۆتىشىپ تۇرىدىغان پىشاڭ ئاستىدا كۆرۈشتۇق. پىشاڭ خۇددى غايەت چوڭ بىر ياغاچ كۈنلۈك بولۇپ، دەرەخ سايىلىرى ئوتتۇرىسىدا تىك تۇراتتى. يامغۇر بىردەم قويۇلاتتى، خۇددى نەچچە مىڭلىغان رەھىمسىز قامچىلار يەرگە ئۇرۇلۋاتقاندەك چۈشەتتى. بىردەم ئۇچقۇنداپ، خۇددى تۈمەنلىگەن مەشۇت يېپىشىۋالغاندەك كۆرنمەيتتى. ئاڭلانمايتتى. لېكىن يامغۇر توختاپ باقمىغان ئىدى. قۇيۇق قارا بۇلۇت ئۆينىڭ ئۈستىدىن ئۆتتى. قارىغاندا خىمىكىي سۇ ئامبىرىغا بارالمايدىغاندەك قىلىمىز، لېكىن رېنىيا يەنىلا بىر يەرگە بېرىپ ئويناپ كىلىشگە قايىل قىلىۋاتاتتى. پەقەت شۇ قېتىمدىلا ئۇ ئازىراق يول قويغان ئىدى. ئەمما ئادەتتىكى ۋاقىتتا، ئۇ چوقۇم تۈزۈم بويىچە ئىش تۇتاتتى. دېگىنى دېگەن، قىلغىنى قىلغان ئىدى. قېرىشقاندەك شۇ كۈنى ئىش ئوڭدىن كەلمەي قالغان ئىدى. ئۇنىڭ يۇڭ پوپايكىسىنىڭ تۈگمىسىگە بىر بولاق شىرنىلىك بولكىنى ئېسىۋالغان بولۇپ، بۇ كىچىك قەغەز قاپتىن بىز شۇنچىلىك سۆيۈنگەن ئىدۇق. روشەنكى، رېنىيا بۇفىتقا، قەھۋەخانىغا، ھەتتاكى ئاشپۇزۇللارغا بېرىپ بىر قېتىملىق ناشتىلىق قىلىشنى ئۇ يەرلەرنىڭ ھەممىسى بىز سىرتلارغا چىقىپ ئوينىغاندىكى دائىم قەدەم تەشرىپ قىلىدىغان جايلار ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى. مەن بۇ كىچىك قەغەز قاپتىن كەلگەن رەھىمدىللىكتىن مەن مۇنداق تەكلىپ بەردىم:- بىز بۇ كۆلدە بىردەم ئايلىنايلى دەپ كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختىتىپ قويۇلغان كونا، تېگى ياغىچى يېرىلىپ كەتكەن كېمىنى كۆرسەتتىم دە:- بىز مۇشۇ يەرنى خىمىكىي سۇ ئامبىرى دەپ بىلەيلى دېدىم.

    -مۇشۇ يەردىكى دېڭىز دېگىنە دېدى پاۋىلىك سۆز قىستۇرۇپ. 

    -ياكى بولمىسا ھىندى ئوكيان ! دېدى رېنىيا سۆز قىلدى ئۇلاپلا. :- ياكى بولمىسا گېرلاندىيە ئارىلىنىڭ قىرغىقى دەرمىز ........ 

    - بىز چۆكۈپ كەتمەيدىغاندىمىز دەپ سورىدى نىنا، يەنە:- ئەگەر راستىنلا ئۇنداق ئىش يۈز بېرىدىغان بولسا، تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولىدۇ جۇمۇ— مەن مۇسكىۋا سەنئەت ئىنسىتىتۇتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق رەسمىي ئويۇنىغا تەكلىپ قىلىنغان.

    كېمىدە پالاق يوق ئىدى. بىز قىرغاقتىن بىر ئىككى تال ياغاچ تاختاپ تاپتۇق. ئاندىن كېمىدىكى سۇلارنى ئۇسۇپ بولۇپ، كېمىدىكى سەپىرىمىزنى باشلىۋەتتۇق. بىزنىڭ ئارىمىزدا، رېنىيادىن باشقىلار كېمىدىكى خۇشاللىقىنى ئانچىكى ھېس قىلىپ كەتمىگەن ئىدى. پاۋىلىك ئىككىمىز روھىمىز ئىنتايىن چۈشكۈن ھالدا كېمىنى ھەيدىدۇق. لېكىن رېنىيا بىزنىڭ كېمە يۆنىلىشىمىزنى مۆلچەرلەۋاتاتتى:- بوسبورۇس بوغۇزىدىن چىقىپ، سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتىمىز، قىزىل دېڭىزغا، ئەرەپ دېڭىزىغا قاراپ مېڭىپ، سۇندا تاقىم ئاراللىرى ۋە فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاندىن كېيىن تېنىچ ئوكيانغا كىرىمىز دېدى.

    رېنىيانىڭ كېچىككەن گۆدەك قەلبى شۇنچىلىك ئوماق بولۇپ، كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرەتتى، لېكىن تەبىئىيلا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان ھالەت پەيدا بولۇپ قالاتتى. «قاراڭلارچۇ» رېنىيا يامغۇر سۈيىدە ھۆل بولۇپ پارقىراپ كەتكەن سۆگەت چىۋىقىنى ھەمدە كەينىدىكى كىليى كىنوخانىسىدىكى نەچچە تال نەملىشىپ تۇتۇق بولۇپ قالغان تۆرۈكنى كۆسىتىپ تۇرۇپ :

    - ۋىندىمىل پالمىسى، ۋىستېرىيە پېلىكى، پىل، بىز ھېندىستانغا كەپتۇق!

    بىز ھەممە تەرەپكە ئوغرىلىقچە قارىدۇق. 17 ياشلىق بۇ ياش ياسالما قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كەمسىتىش ۋە زاڭلىق قىلىشلارغا قىلچە ئەيمىنىش بولمىغاندەك ھالىتىنى چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئاجىز بولغان قەلبىنى بېزەيتتى. لېكىن ئۇ ئاجايىپ ساددا تىللىرى بىلەن ئۆزىنى شۇنچىلىك تۈز ئاقكۆڭۈل ھالەتتە پەردازلايتتى. 

    - قاراڭلار، بىز ھازىر رومىنىيە تاقىم ئاراللىرىغا كەلدۇق! - رېنىيا بىر خىل شۇملۇق تەللەپپۇزىدا كۆپچىلىككە ئۇقتۇرۋاتاتتى. 

    - راسكەن، -دېدى بىزنىڭ ئاقكۆڭۈل پاۋلىك گەپ قىستۇرۇپ يەنە:- قاراڭلار، ئاۋۇ يەردە بىر توپ يەرلىكلەر تۇرىدۇ! ئۇ قولىنى ئىشارەت قىلىپ كۆلچەك قىرىدا تاماكا چېكىپ تۇرغان ئىككى ئوغۇل بالىنى كۆرسەتتى. — ئۇلار ساپ سۇ كۆلچىكى باغچىسى ئەتراپىدا ئولتۇراتتى.

    يامغۇردا بىز بۇ قېتىملىق كىشىنىڭ كەيپىنى ئۇچۇرىدىغان دېڭىز سەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرۋاتاتتۇق. پەقەت رېنىيالا چارچىغىنى بىلمەي بۇيرۇق بېرىۋاتاتتى. 

    - رولنى ئوڭغا ئايلاندۇرۇڭ، سولغا ئايلاندۇرۇڭ، يەلكەننى چىقىرىڭلار، يەلكەننى چۈشۈرۈڭلار

    ئۇ يۇلتۇزلار تۈركۈمى بويىچە كېمە يۆنىلىشىنى بېكىتىۋاتاتتى. چۈنكى بىزنىڭ رولىمىز بوران-چاپقۇندا پارچىلىنىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ يەنە مۇشۇ قېتىملىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بىزگە بىر سائەتلىك دەرس ئۆتكەنمۇ بولدى. بۇ سائەتلىك دەرستە، مەن پەقەت ئېكۋاتور تەرەپتىكى يۇلتۇزلۇق ئاسماننىڭ دەل بىزنىڭ بۇ تەرەپتە كۆرگىنىمىزنىڭ ئەكسى ئىكەنلىكىنى ئېسىمدە تۇتىۋالغان ئىدىم. كېيىن بىز «پىشكەللىك» كە يولۇقتۇق. رېنىيا بىزگە ئەڭ ئاخىرىقى قېتىملىق ئوزۇق-تۈلۈكنى بۆلۈپ بەردى. —دەل ئاشۇ يامغۇردا ھۆل بولۇپ كەتكەن شىرنىلىك بولكا ئىدى. بىز روھىمىز چۈشكۈن ھالدا چايناۋاتاتتۇق، ئەمما رېنىيا بىزگە زوقى بىلەن روبىنسۇننىڭ ھاياتنى قانداق سۆيۈش كېرەك دېگەن ئەسىرىنى سۆزلەۋاتاتتى. 

    بىز سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك بولۇپ كەتتۇق. كېمە ھەيدەپ ھالىمىزدىن كەتتۇق. قولىمىزغا ياغاچ پەننىڭ تىكەنلىرى كىرىپ كەتتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كەيپىمىز ئۇچۇرۋەتكەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا گەپ ياندۇرۇپ قويدۇم. « روبىنسوننىڭ سەرگەردانلىق خاتىرىسى»دىنمۇ بەتەر چاكىنا كىتاب بولمىسا كېرەك دېدىم.

    -كىتابنىڭ نەرىگىلا قارىسا، يېگەن-ئىچىكىنى، كەيگەن تۇرغىنى، تۇرمۇشنىڭ پارچە-پۇرات ئىشلىرىنى، ئايغى تۈگىمىگەن تۇرمۇش راسخودلىرىنى يازغان. ھەقىقەتەنمۇ كۈندىلىك تۇرمۇش قەسىدىسى دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ!

    -مېنىڭ قارىشىمچە، سىزنى دېمەكچى بولغىنىڭىز ئاتالمىش «ھېسابات»تىنمۇ بەكىرەك كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان نەرسە يوقمىكىن! دېدى دە رېنىيانىڭ كۆزىگە ياش ئېلىپ.

    -بۇ كىتابتا شۇنچىلىك كەڭرى بولغان دۇنيا ئىپادىلەنگەن بولۇپ، قانچىلىغان گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىلەر، قانچىلىغان ئارزۇ- تىلەكلەرنى ئۆز ئچىگە ئالغان ھە!.............

    بىزنىڭ مۇنازىرىمىزنى نىنانىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى ئۈزۈپ قويدى.

    -ھۇرا، ئالدىمىز دېڭىز قىرغىقى ئىكەن!............

    -قېنى؟ قېنى؟- رېنىيا ھەيرانلىق بىلەن سورىدى.

    -ئانە تۇرمامدۇ، شىپاڭ يېنىدا تۇرمامدۇ؟ - دېدى نىنا بىر خىللا تۇرۇپ.

    -ئاخىرى كەلدۇق، يىگىتلەر، بىز بەك توڭلاپ كەتتۇق، بىرەر ئىستاكاندىن قەھۋە ئىچمەيلىمۇ؟

    رېنىيا خىجىلچىلىقتىن بىزگە قاراپ قويدى. يۈزىدىن قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. 

    -ئۇنىمۇ دىيىش كېتەمدۇ؟ -ئۇ گەپنى كېسىپلا: - بىز ئىچىپ راسا مەست بولايلى! -دېدى.

    بىز كېمىنى ياغاچ قوزۇق ئاستىغا باغلاپ قويدۇق. ئەمدىلا قىرغاققا چىقىشىمىز بىلەن مېنىڭ كونا رەقىبىم لىيالىك ئۇچىراپ قالدى. بۇ كىچىك لۈكچەك يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈرمىدە يېتىپ چىقتى. يەنە تېخى ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىپ تەربىيىلەش ئورنىغىمۇ كىرىپ قالدى. ھازىر شۇنداق يوغان تەمبەل بولۇپ كىتىپتۇ. مۆرىلىرىمۇ شۇنداق كەڭ، يۇغان ئىدى. ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، بىزگە تىكىلىپ تۇراتتى. تېرىسىگە پاتماي قالغان ھالىتىنى بىزگە كۆرسىتىۋاتاتتى. سۈركىلىشىپ ئۆتكەندە ئۇ مەيدىسى بىلەن مېنى سوقۇپ ئۆتۈپ كەتتى. يەنە سول مۆرىسى بىلەن پاۋلىكنى سوقۇپ قويدى. مەينەت گەپلەر بىلەن تىللاۋاتاتتى. ئۇ تۈرمىدە ياتقاندىن كېيىن، تېخىمۇ قىلچە ئەيمەنمەيدىغان بىشەم ئەسكىلەردىن بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بىز ئۇنىڭدىن قورقمايمىز، ئەمما ئۇنىڭ پۇركەتكەن ئاتىقىدىن قورقاتتۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن، يامان ئاتاق ئەكسىچە ئۇنىڭغا تەھدىت سېلىش كۈچى بولۇپ قالغان ئىدى. لېكىن ئۆزىمىز قائىدىلىك بالىلار دەپ قارايدىغان بىزلەر، ئۇنىڭ ئالدىدا، تولىمۇ كىچىك، خۇددى قۇربىتى يەتمەيدىغان ئاقناچىلاردەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. كىممۇ بۇ جېنىدىن تويغانلارنىڭ چىشىغا تېگەلەيتتى.......

    -كىچىك لۈكچەك، ئادەم تىللما جۇمۇ! -رېنىيا ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىرىدى. ئۇ لىيالىكنىڭ قانداق ئەبلەخ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

    لىيالىك بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى. كەينىگە بۇرۇپلا بىزگە قاراپ ئېتىلىپ كەلدى. رېنىيا ئالدىغا ئۆتۈپ ئۇلارنىڭ يولىنى توستى. ئۇنىڭ يوغان قۇلىقىنى سوزۇپ، بېشىدىكى شەپكىسىنى بۇرنىغا كىيگۈزدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ مەيدىسىدىن كۈچەپ بىرنى ئىتتىردى. پەقەت لىيالىكنىڭ كەينىگە نەچچە قەدەم داجىپ پۇتلىشىپ، چىملىقتىكى سىم توردا توسۇلۇپ قالغانلىقىنى، ئاندىن ئوڭدىسىغىلا چۈشۈپ، سىم تور كەينىدىكى چىملىققا يېقىلغىنىنى كۆردۇق.

    بۇ قېتىم راستىنلا لىيالىكنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئاشكارا بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇمۇ مەن بىلەن پاۋلىكىقا ئوخشاشلا كىچىك بالا، ئۇنىڭ پوپوزا قىلىشلىرى بىر قاراپ قويۇشقىمۇ ئەرزىمەيتتى. 

    - سەن نېمىشقا ئادەمنى ئىتتىرىسەن؟ ئۇ دۇدۇقلاپ غۇدۇڭشىماقتا، بىر تەرەپتىن كۆزىنى ئېتىۋالغان ئەسكى شەپكىسىنى ئېلىۋەتكەن ئىدى.

    كېيىن، بىز قەھۋەخانىغا كەلدۇق. ھۆل بولۇپ كەتكەن گۈللۈك كاناپ ئاستىدا ئولتۇردۇق. سوغۇق پىۋا بىلەن ئىسسىق ۋە قېنىق قەھۋە ئىچتۇق. رېنىيا بىر ئىستاكان پىۋا ئىچتى. چاچ قىسقۇچى بىر قانداق بولۇپلا ئۇنىڭ قۇيۇق چاچلىرى ئارىسىدىن چۈشۈپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈزى قىزىرىپ كەتتى، ھە دەپ ئۆزىنى يارىماس، چارىسى يوق كالۋا دەپ تىللاۋاتاتتى. شۇ ۋاقىتتا مەن راستىنلا ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازىراق خىجىل بولغان ئىدىم. مۇلازىم بىزگە يەنە پىۋا قوشۇپ بېرىشكە قوشۇلمىدى. رېنىيا ئەزەلدىن بۈگۈنكى قەھۋەخانىدىكىدەك ئۇنداق يېتىلگەن قىزلاردەك كۆرۈنۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ قويىۋېتىلگەن چاچلىرى، كالتە ھەم كىچىك بولغا ساراپىنى، يالاڭ پاچاق ھەم يۇمىلاق تىزى. رېنىيا يەنە تۇنجى قېتىم ئالەمگە سەپەر قىلغاندا، ئۆلۈشكە رازىلىقىنى ئەگەر ئالەمنى بويسۇندۇرماقچى بولىدىكەن، قۇربان بېرىش بەدىلى بولمىسا قەتئىي ۋۇجۇتقا چىقمايدىغانلىقىنى، ئۇ ئۆلسە، قىممىتى بولغان ئادەمنىڭ ھاياتى ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي كاپالەتلىك قىلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    بىزگىمۇ ئايان، ئۇنىڭ بۇ دېگەنلىرى ھەقىقەتەن ئۇنىڭ يۈرەك سۆزلىرى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالىيجاناپ روھىنى ھېس قىلمىغان ئىدى.

    سېلىشتۇرۇشتىن كېيىن، بىز ئۆزىمىزنىڭ نەقەدەر كىچىك ئىكەنلىكىمىزنى، پىۋىنىڭ تەسىرىدىن ھاياجانلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭدەك ئۇنداق قىزغىن بولمايدىغانلىقىمىزنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ بىزدە پەقەت ئىستەكلەر ساقلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۇق.

    شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، رېنىيا بىز بىلەن ئىككىنچى بىرلىكتە ئوينىغىلى بېرىپ باقمىدى. بىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم بىزنىڭ تانسا كېچىلىكىمىزگە تەكلىپ قىلغان ئىدۇق. لېكىن ئۇ دائىم ۋاقتىم يوق دەپ رەت قىلاتتى. بەلكىم ئۇ راستىنلا ۋاقىت چىقىرالمايدىغاندۇ، ئۇنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ ئىدى. ئەجەبا ئۇ پەقەت بىردىنبىر مەن ئۈچۈن كەلگەنمىدۇ. يەنە مېنى دەپ تۇنجى قېتىم يول قويىشىمىدۇ، ئىلاجىسىزلىقتىنمۇ، لېكىن يەنىلا مەغرۇر ھالدا:- ئۇ قېتىم كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى دەمدىغاندۇ؟..........

    -رېنىيا، سىز نېمە ئۈچۈن ماڭا بۇرۇنراق دىمەيسىز؟ 

    -بالدۇر دېگەننىڭ نېمە پايدىسى؟ شۇ ۋاقىتتا سىز نىنانى ياخشى كۆرىدىغان تۇرسىڭىز؟

    مەن شۇ ھامان ھېس قىلدىمكى، ئۈمىدسىز ۋە قايغۇ ھەسرەتلىك بىر يۈرەك، خۇددى بىر نەرسىنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك قىلاتتى.

    -ئۇنداقتا قايسى ۋاقىتتا، قەيەردە كۆرىشىمىز؟- دەپ مەن يەنە سورىدىم.

    -15يىلدىن كېيىنكى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچ سائەت سەككىزدە. تىياتىرخانا مەركىزىدىكى ئىككى تۆرۈكنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرىشىمىز - دېدى.

    -ئەگەر ئۇ يەردىكى تۈۋرۈك ئىككى بولمىسىچۇ ، قانداق قىلىمىز؟

    -ئۇ يەردە سەككىز تۈۋرۈك بار، شېمۇژ.....ۋاقتى كەلگەندە، مەن داڭلىق بىر ئاستىرنوم بولۇپ كېتىمەن- دېدى. ئۇ يەنە ئەستايىدىللىق ۋە پەخىرلىك تۇيغۇسى بىلەن ئۆزىگە قەتئىي ئىشەنگەن ھالدا يەنە بىر ئېغىز سۆز قىلىدى:- ئەگەر مەندە ئۆزگىرىش بەك زور بولۇپ كەتسە، سىز گېزىتكە چىقىرىلغان خەۋەرلەردىكى سۆرىتىم ئارقىلىق مېنى تونىۋېلىڭ.

    -شۇ ۋاقىتتا مېنىڭ داڭقىم چىقىپ كېتىدۇ.- مەن سۆز باشلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تۇيۇقسىز توختاپ قالدىم. مەن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان ئىدىم، كەلگۈسىدە مەن قايسى ساھەدە داڭ چىقىرىشىمنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن، ھەتتا تىزىملاتماقچى بولغان فاكۇلتىتىنىمۇ بېكىتمەپتىمەن.

    -مەيلى نېمىلا دېگەن بىلەن مەن چوقۇم ئۆزۈمنىڭ پىكاپىنى ھەيدەپ بارىمەن ..........-دېدىم.

    بۇ جاۋاب تولىمۇ قىزقارلىق بولغان ئىدى. مەن راستىنلا مۇۋاپىق بولغان سۆز تاپالمىغان ئىدىم. 

    - بەك ياخشى بولدى.- رېنىيا كۈلدى. -ئۇنداقتا سىز ماشىنا ھەيدەپ مېنى ئايلاندۇرسىز ھە!.......

    كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شۇنچە ئۇزۇن يىللار بىلىنمەيلا ئۆتۈپ كىتىپتۇ. رېنىيا ئالىي مەكتەپنى لېنىنگراتتا ئوقۇدى. ئۇنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەن ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم. 1941-يىلى قىش كۈنى، مەن كونا دوستلارنىڭ ھاياتلىرىنى سۈرۈشتۈردۈم. رېنىيا ئۇرۇش پارتىلىغان شۇ كۈنىلا مەكتەپتىن توختاپ ئاۋىئاتسىيە مەكتىپىگە كىرىپتۇ. 1944-يىلى يازدا، مەن دالا ئۇرۇش دوختۇرخانىسىدا ياتقان ۋاقتىمدا، رادىئودىن ھاۋا ئارمىيىسى مايورى رېنىيا رۇمىيانسۋاغا «سوۋىت ئىتتىپاقى قەھىرىمانى»نام ئوردىنى بېرىش بۇيرۇقىنى ئاڭلىدىم. مەن ئالدىنقى سەپتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رېنىيانىڭ قەھىرىمان نامى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن تەستىقلانغان نام ئىكەنلىكىنى ئاندىن بىلدىم.

    تۇرمۇش يوللىرى ئۈزلۈكسىز ئالدىغا قاراپ كېڭەيمەڭتە. بەزىدە مەن تۇيۇقسىز بىزنىڭ ۋەدىلەشكەن ھېلىقى ئىشىمىزنى ئەسلەپ قالىمەن. بولۇپمۇ ۋەدىلەشكەن ۋاقىت يېقىنلىشىپ قالغان مۇشۇ بىر قانچە كۈندە، كۆڭلۈمدە بىر خىل قايغۇ-ئازاب، خاتىرجەمسىزلىك كۈچىيىپ كېتىپ باراتتى. خۇددى مېنىڭ ئۆتكۈزگەن بارلىق كۈنلىرىم مۇشۇ قېتىملىق كۆرۈشۈش ئۈچۈندەكلا ئىدى.

    مېنىڭ ھېچقانداق نامىم بولمىدى. مەن رېنىياغا بەرگەن ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. لېكىن بىر نۇقتا باركى مەن ۋەدەمدە تۇردۇم. مەن بىر دۆۋە ماشىنىلار ئىچىدىن غەنىيمەت بىلىپ، ئەرزان باھالىق بىر كونا «ئوپېر» سېتىۋالدىم. مەن يېپيېڭى بىر قۇر كيىم ئالماشتۇرۇپ كىيىۋالدىم. «ئوپېر»نى ھەيدەپ تىياتىرخانىغا قاراپ يول ئالدىم. 

    ئەگەر شۇ قېتىم مەن رېنىيانى كۆرەلىگەن بولسام، مەن ئۇنىڭ مۇنداق دېگەن بولاتتىم :« مەن سانسىزلىغان تېڭىرقاشلارنى ئۆتكۈزدۈم، مەن ئاخىرى ئۆزۈمنىڭ يولىنى تاپتىم، مېنىڭ بىر كىچىك ھېكايىلار توپلىمىم نەشىردىن چىقتى. ھازىر مەن ئىككىنچى توپلامنى يېزىۋاتىمەن. مەن گەرچە بۇ كىتابىمدىن بەك قايىل بولمىساممۇ، لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى مەن چوقۇم ئۆزۈم رازى بولغىدەك كىتاب يازالايمەن.»

    مەن ماشىنىنى كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گۈللۈكنىڭ يېنىغا توختىتىپ، گۈل ساتقۇچى ئايالنىڭ قولىدىن بىر باغلام لاندىش گۈلى سېتىۋالدىم، ئاندىن تىياتىرخانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تۆرۈك تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. ئۇ يەردە ھەقىقەتەن سەككىز تال تۆرۈك بار ئىكەن. مەن ئۇ يەردە خېلى ۋاقىت ئۆرە تۇرۇپ كۈتتۈم. ئاندىن لاندىش گۈلىنى پۇتىغا تەنھەرىكەت ئايىقى كېيىۋالغان، ئورۇق ئىگىز، بوز كۆزلۈك بىر قىزچاققا سوۋغا قىلىپ، ماشىنامنى ھەيدەپ ئۆيگە قايتتىم......

    مېنىڭ ھەقىقەتەن تېز ئۆتىۋاتقان ۋاقىتنى شۇ دەقىقىدە توختىتىۋالغىم كەلدى، ئاشۇ مەن ئايرىلغان دەۋرىم بىلەن ئۆزۈمنى قايتا ئەسلىۋالسام، ئاشۇ قىسقا ساراپان كىيىۋالغان، سىرتىغا يۇڭ پوپايكا ئارتىۋالغان شۇ قىزنى يەنە بىر كۆرىۋالسام، ئاشۇ ئىللىق ھەمدە يۈرۈشىنى ناھايىتىمۇ قوپال بولغان ياغاچ كېمە ۋە كۆپكۆك كۆل يۈزىدىكى مىڭلىغان سىم-سىم يامغۇر تامچىلىرىنى كۆرىۋالسام، «ھىدىستانغا كەپتۇق!» دېگەن ھاياجاندىكى ۋارقىراشنى زەڭ قويۇپ ئاڭلىۋالسام، ئاشۇ گالۋاڭ ئۆسمۈرلۈك قەلبىلەرنى قايتىدىن تېپىۋالسام، مۇشۇ يۈرەكنىڭ ئۆز ۋاقتىدا يېنىكلىك قىلىپ قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان تەقدىرىم بېكىتىلگەن ۋاقىتنى قايتۇرۇپ كەلسەم دەيمەن.

تەرجىمىسى: گۈلجەننەت مۇھەممەت

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
    ئىنكاس يوللاش
    بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
    ULY