باش بەت / ساقلايمەن

يوللانغان ۋاقىت: 2011-7-4 11:50 | ئاپتور: مەھشىيە تەرجىمىسى | مەنبە: | كۆرۈلىشى: 0قېتىم

66 يىللىق پىنھان مۇھەببەت

66 يىللىق پىنھان مۇھەببەت


( سەيچېڭ )


    بوۋاي بولسا قارا تەنلىك ، موماي بولسا ئاق تەنلىك بولۇپ ، ئۇلار بىللە گۈللۈكنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى . ئۇلارنىڭ كەينىدە سىدنېي شەھەرلىك قارا تەنلىكلەر ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان ياشانغانلار ساناتورىيىسىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك بىناسى بار ئىدى . ئاۋستىرالىيەدە باھارنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىكى قۇياش نۇرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا ، كۈچلۈك قۇياش نۇرىدا بۇ بىنانىڭ سايىسى شۇنچىلىك ئۇزۇن كۆرىنەتتى ...
    ئۇلاردىن ئون قەدەمچە نېرىدا تۇرۇپ ، بوۋاينىڭ بىرنەرسىلەرنى سۆزلەۋاتقانلىقىنى ، ئاغزىنىڭ توختىماي مىدىراۋاتقانلىقىنى ؛ موماينىڭ كۆز قۇيرۇقى ھەم مىيىقىغا كۈلكە يۈگۈرگەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيتتىم . مەن ئاستا ئۇلار تەرەپكە باردىم :
    ـــ ئىسمىم لېئو ، يېڭى كەلگەن ئىشچى بولىمەن . سىلەرنىڭ خۇشاللىقىڭلارغا مەنمۇ ئورتاقلاشسام بولارمۇ ؟ ــ دېدىم .
    قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن شامال موماينىڭ قاردەك ئاقارغان چېكە چاچلىرىنى سىيپاپ ئۆتتى ، ئۇنىڭ چىرايىدا ھېلىھەم چەكسىز خۇشاللىق ئەكس ئېتىپ تۇراتتى . گېپىمگە قارىتا موماي قارشىلىق بىلدۈرمىدى . بوۋاي ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، بېشىنى يېنىككىنە لىڭشىتىپ قويدى ۋە :
    ـــ مەن ئۇنىڭغا بولغان 66 يىللىق مۇھەببىتىمنى سۆزلەپ بېرىۋاتىمەن . ئاڭلاشنى خالامسەن ؟ ــ دېدى .
    مەن جاۋاپ بەرمىدىم ، پەقەت جىمجىت بېرىپ بىر ئورۇندۇقنى تارتتىم - دە ، ئۇلارغا توغۇرلىنىپ ئولتۇردۇم .
    « مەن سۇدانلىق ، 1940 – يىلى پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ئاۋستىرالىيەگە كەلگەن . ئەڭ بۇرۇن كېلىپلا تاسمانىيە ئارىلىغا ئورۇنلاشتىم . مەن ئىجارىگە ئالغان ئۆينىڭ يېنىدىكى ئۆي دەل خىننانىڭ ئۆيى ئىدى ... » بوۋاي زور ئىشتىياق بىلەن سۆزلەۋېتىپ ، تۇيۇقسىزلا توختاپ قالدى . ئۇ ئەپۇ سورىغان قىياپەتتە ، بېشىنى قاشلاپ قويدى – دە : « مەن ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . مېنىڭ ئىسمىم جاشىۋا ، ئۇنىڭ ئىسمى خىننا .
    خىننا مېنىڭ خوشنام . مەن تاسمانىيەگە كەلگەن تۇنجى كۈنۈمدىن باشلاپلا ئۇنى تونۇيتتىم . لېكىن ، خىننا مېنى تونىمايتتى . ئۇ ۋاقىتتا ، مەن ئەمدىلا 13 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، دادام ۋە تاغاملار بىلەن بىللە تۇراتتىم . خىننا مەندىن بىر ياش چوڭ ئىدى . ئۇ چاغدا ، خىننا ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋاتقان بولۇپ ، دائىم مىنەلمىگەچكە چىملىققا يىقىلىپ چۈشەتتى . بىراق ، ئۇ ئەزەلدىن يىغلاپ باقمايتتى . مەن ھەرقېتىم ئۇنىڭ قاقاقلاپ كۈلگەن ئاۋازىنى ئاڭلايتتىم . شۇنىڭدىن كېيىنلا ، ئۇ ئورنىدىن تۇراتتى – دە ، ۋېلىسپىتىنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ يەنە مىنىشنى باشلايتتى ...
    خىننا ئەزەلدىن ماڭا دىققەت قىلمايتتى . چۈنكى ، مەن دائىم دەرەخنىڭ كەينىگە مۆكۈپ تۇرۇپ ، ئۇنى كۆزىتەتتىم . چۈنكى ماڭا ئايان ، مەن قارا تەنلىك . خىننا بولسا ئاق تەنلىك . يەنە كېلىپ ئۇنىڭ دۈپدۈگىلەك ھەم يوغان كۆك كۆزلىرى ، ئالتۇنرەڭ چاچلىرى ... شۇنچىلىك ئۇزۇن ھەم چىرايلىق! شامال ئۇنىڭ چاچلىرىنى يەلپۈپ ناھايىتىمۇ ئېگىز ئۇچۇراتتى...» بوۋاي ئوڭ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ، ئاشۇ ھالەتنى ئىپادىلەپ بەرمەكچى بولدى « قارا ، مانا مۇشۇنچىلىك ئېگىز كۆتۈرىلەتتى . ئۇزۇن چاچلىرى شامالدا لەرزان يەلپۈنەتتى . سەن شۇ چاغدىكى گۈزەللىكنى تەسەۋۇر قىلالامسەن ؟ ! شۇڭا مەن ئۆز – ئۆزۈمگە ‹ ئۇ بىر پەرىشتە . لېكىن مەن بولسام سۇداندىن قېچىپ چىققان بىر مۇساپىر › دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتىم . مەن دەرەخنىڭ كەينىدىن مېڭىپ چىقىپ ، خىننانى قورقۇتۇپ قويۇشتىن بەكلا ئەنسىرەيتتىم . 6 كۈن ئىچىدىلا ، خىننا ۋېلىسپىت مىنىشنى ئۆگىنىۋالدى . ئۇ ۋېلىسپىت پىدالىنى ئۇچقاندەك تېپىپ ، شامالدەك تېز مىنەتتى . مەن ئاۋالقىدەكلا دەرەخنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ، ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتەتتىم . ئۆزۈم يالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىمدا ، دەرەخنىڭ كامىرىغا تەكرار - تەكرار شىۋىرلايتتىم : « خىننا ، سىزنى سۆيىمەن ! » ...
    « خىننا 16 ياشقا كىرگەن يىلى ، ئۇلار ئائىلە بويىچە مېلبۇرنغا كۆچۈپ كەتتى . مەن تاسمانىيە ئارىلىدا تىرىكچىلىك قىلىپ ، جان بېقىش ئويىغا كەلگەن دادام بىلەن تاغامغا ، ئۆزۈمنىڭ چوڭ بولغانلىقىمنى ، يالغۇز چىقىپ جاھان كۆرۈپ ، تىرىكچىلىك قىلىش ئويۇمنى ئېيتتىم ھەم ئۇلارنىڭ قارشى تۇرۇشىغىمۇ قارىماي ، ئۆزۈم يالغۇز مېلبۇرنغا كەلدىم . مەن گەرچە خىننانىڭ نەدىلىكىنى بىلمىسەممۇ ، ئۆز – ئۆزۈمگە : « مەن چوقۇم ئۇنى ئىزدەپ تاپالايمەن ! » دەيتتىم .
    « كېيىن مەن بىر ئاياغ دۇكىنىغا كىرىپ ئىشلىدىم . ئۇ ۋاقىتتا مەن دەل 16 ياشقا كىرگەن بولۇپ ، كۆڭلۈمدە دائىم : ‹ خىننا ، شۇنداق چىرايلىق . شۇڭا ئۇمۇ چوقۇم باشقا قىزلارغا ئوخشاش ياسىنىپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ . شۇنداق بولغانىكەن ، ئۇ ھامان بىر كۈنى بۇ دۇكانغا كېلىدۇ › دەپ ئويلايتتىم . گەرچە ئۇ ۋاقىتتا ، مەن تېخى بىرەر دىنغا ئېتىقاد قىلمىساممۇ ، كۈندە ئاخشىمى تەڭرىدىن خىننانى ئەتىسى ئەتىگەندىلا دۇكانغا باشلاپ كېلىشنى تىلەيتتىم . تەڭرى ئاخىرى مېنىڭ ئىخلاسمەنلىك بىلەن قىلغان دۇئالىرىمنى ئاڭلىدى ...
    بىر كۈنى ئەتىگەندە ، ئەمدىلا ئىشقا كېلىپ تۇرۇشۇم ، تونۇشلا بىر سىما غىل – پال قىلىپلا دۇكانغا كىرىپ كەتتى . ئاھ تەڭرىم ! بېشىم پىررىدە قايغاندەك بولدى . ئۇ دەل مەن كېچە – كۈندۈز سېغىنىپ ، ئوتىدا ئۆرتەنگەن خىننا ئىدى . مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قولۇمنى تامغا تىرىۋالغاچقىلا ، يىقىلىپ چۈشمىگەنىدىم . لېكىن مەن بىتاقەت بولۇپ ، يىغلىۋېتەيلا دەپ قالغانىدىم . چۈنكى خىننا يېنىدىكى ئېگىز يىگىتنى قولتۇقلىۋالغانىدى . « ئاھ خىننا ، ئۇ مۇھەببەتلىشىپتۇ ! » ... 
    « خىننا شۇنىڭدىن كېيىن ، دۇكانغا كېلىپ باقمىدى . بىراق ، مەن ئاخىرى ئۇنىڭ ئۆيىنى ئىزدەپ تاپتىم . ھەركۈنى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ، مەن دۇكاندىن ماڭغانچە ئۈچ كوچا ئېغىزىدىن ھەم بىر كىچىك گۈللۈكتىن ئۆتۈپ ، خىننانىڭ ئۆيى ئالدىغا كېلىپ قاراپ تۇراتتىم . مەن ھەرقېتىم ماڭغاندا ، قەدىمىمنى سانايتتىم : بىر قەدەم ، ئىككى قەدەم ... جەمئىي 797 قەدەم . ئەلۋەتتە ، ھەرقېتىم ئوخشاش بولىۋەرمەيتتى . گاھىدا 789 قەدەم ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 811 قەدەم ماڭغاندىلا ، خىننانىڭ ئۆيىنى كۆرەلەيتتىم . بەزىدە تېخى ئۇنىڭ ئىشىكتىن يىگىتىنىڭ يولىغا قاراپ ، پات – پات ماراۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ قالاتتىم . يەنە بەزىدە ئۇنى كۆرەلمىسەممۇ ، ياتاق ئۆيىدىن ئاڭلىنىۋاتقان كۈلكە ئاۋازىنى ئاڭلىيالايتتىم . لېكىن كۆپىنچە ھاللاردا ، خىننانىمۇ كۆرەلمەي ، ئاۋازىنىمۇ ئاڭلىيالماي ، ئۇنىڭ ئۆيى ئالدىدا سائەتلەپ تۇرۇپ ، كەينىمگە يېنىشقا مەجبۇر بولاتتىم . بۇنداق چاغلاردا قايتىپ كېلىپلا ، دۇكاننىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىغا چىقىپ تاماق يەپ ، ئۇخلاپ قالاتتىم .
كېيىن ، خىننا توي قىلىپ يېڭى ئائىلىسى بار بولدى . مەن دۇكاندىن خىننانىڭ يېڭى ئۆيىگە قانچە قەدەم كېلىدىغانلىقىنى بىلمىسەممۇ ، ماشىنا ھەيدەپ 12 مىنۇتتا يېتىپ بارىدىغانلىقىم ناھايىتى ئېنىق ئېسىمدە . ھەركۈنى ئەمەس ، لېكىن داۋاملىق ... ماشىنامنى ھەيدەپ خىننانى كۆرگىلى باراتتىم . مەن ماشىنىنى يىراقراق يەرگە توختىتىپ ، ماشىنا ئەينىكىنى چۈشۈرۋېتەتتىم . كۆز نۇرۇم پاكار ياغاچ رىشاتكىلارنى ھالقىپ ئۆتۈپ ، خىننانىڭ ھويلىسىغا نەزەر تاشلايتتى . خىننا يولدىشى بىلەن گۈللۈكتە بىللە گۈللەرنى سۇغۇراتتى ، قىزغىن پاراڭلىشاتتى ، چاقچاقلىشاتتى ... ناھايىتى تېزلا ، بىر كىچىك قىز ئۇلارنىڭ شادلىق سېپىگە قوشۇلدى . بۇ كىچىك قىز ئۇلارنىڭ قىزى ئىدى . شۇنى كېسىپ ئېيتالايمەنكى ، بۇ قىزنى مەن كۆرگەن بالىلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئوماق كىچىك پەرىشتە دېيىشكە بولاتتى . ھەيرانمەن ، قەلبىمدىكى ئۆتكۈر پىچاق بىلەن تىلغاندەك تۇيغۇلار ، ئاچچىق ھېسلار ئاستا – ئاستا يوقىلىپ ، ئىز – دېرەكسىز غايىپ بولىۋاتاتتى . ھازىر مەندە پەقەت خاتىرجەملىك ۋە خۇشاللىنىشلا بار ئىدى ... ھەر قېتىم خىننانىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە خۇشال – خۇراملىققا چۆمگەنلىكىنى كۆرگىنىمدە ، مەنمۇ ئىچ – ئىچىمدىن شادلىناتتىم . »
    « ئويلىمىغان يەردىن خىننانىڭ يولدىشى ھەم قىزى ئۇشتۇمتۇت قازا تاپتى . دادام ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاچقا ، مەن تاسمانىيە ئارىلىغا قايتىپ ئىككى ھەپتە تۇرۇپ كەلدىم . مېلبۇرنغا قايتىپ كېلىپلا ، بىر دوستۇمنىڭ ئاپىسىنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشتىم . قەبرىستانغا بارغاندا ، ئۇ يەردە تاسادىپىي خىننانى كۆرۈپ قالدىم . بىچارە خىننانىڭ چىرايىدىن قاتتىق ئازاپلانغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇراتتى . شۇ دەقىقىدە ، يۈرىكىم خۇددى ئەينەك پارچىلىرىدەك ، پارە – پارە بولۇپ كەتتى ... »
    جاشىۋا بىر پەس ئارام ئالماقچى بولغاندەك توختىدى ، خېلى ئۇزۇن ۋاقىتتىن كېيىن ، ئۇ ئوڭ قولى بىلەن كۆزىنى سۈرتتى . بوۋاينىڭ خۇنۈك كۆزلىرىدە ياش قەترىلىرى يالتىرايتتى . يەنە بىر پەس توختىغاندىن كېيىن ، ئۇ ھېكايىسىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى : « خىننانىڭ يولدىشى ئائىلىسىدىكىلەرنى ماشىنا بىلەن ، ھەپتە ئاخىرى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقىپتۇ . كۈتۈلمىگەندە ، ماشىنا ۋەقەسى يۈز بېرىپ ، خىننا يارىلىنىپتۇ ، لېكىن ئۇنىڭ يولدىشى ھەم قىزى قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىپتۇ .... »
    « مەن ئاياغ دۇكىنىدىكى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بەردىم ھەم بارلىق پۇللىرىمنى دەسمىي سېلىپ ، بىر دوستۇم بىلەن بىرلىشىپ ، ‹ مېۋە – چېۋە ، كۆكتات دۇكىنى › ئېچىۋالدىم . دۇكىنىمدىن خىننانىڭ ئۆيىگە بېرىشقا بىر مىنۇتلا ۋاقىت كېتەتتى . بىزنىڭ ‹ مېۋە – چېۋە ، كۆكتات دۇكىنى › مىزنىڭ سودىسى ئۇدا 26 يىل داۋاملاشتى . بۇ 26 يىل داۋامىدا ، مەن توي قىلمىدىم ، خىننامۇ قايتا ياتلىق بولمىدى . ‹ خىننا يەنە بىر قېتىم « كېلىنچەك » بولۇشنى خالىمىدىمۇ ياكى ئۇنى ئالىدىغان بىرەرسى چىقمىدىمۇ ؟ › بۇنىسى ماڭا نامەلۇم ... لېكىن مەن باشتىن – ئاخىر ، خىنناغا مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ باقمىدىم . بۇنىڭ سەۋەبى پەقەت بىرلا ئىدى : ئۇ بىر پەرىشتە ، لېكىن مېنىڭ ھېچنېمەم يوق . مەدەنىيەت سەۋىيەم ، مەرتىۋەم ، ئورنۇم ... مەن پەقەت سۇداندىن قېچىپ چىققان بىر مۇساپىر !
بۇ 26 يىل ئىچىدە ، مەن بىر خىزمەتچى سالاھىيىتىدە ھەپتىدە ئىككى قېتىم خىننانىڭ ئالدىدا پەيدا بولاتتىم . ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ ، خۇشال پاراڭلىشاتتىم . ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ، گۈللۈكتىكى گۈل – گىياھلارنىڭ سۇغۇراتتىم ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى سېتىۋېلىپ ئەكىلىپ بېرەتتىم . خىزمەتچى ئەمەس ۋاقىتلىرىمدا ، ئۇنىڭ خوشنىسى سالاھىيىتىم بىلەن ئۇنىڭ بۇ خىزمەتلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلدىم ... »
    « 26 يىل ئۆتۈپ كەتتى ، مانا ئەمدى خىننا سىدنىيغا كۆچۈپ كەتمەكچى بولىۋاتاتتى . شۇڭا مەنمۇ بارلىق پايلىرىمنى ‹ مېۋە – چېۋە ، كۆكتات دۇكىنى › دىكى شېرىكىمگە سېتىۋەتتىم – دە ، تۇيدۇرمايلا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ سىدنىيغا كەلدىم . مانا ئەمدى ھاياتىمدىكى ئەڭ خۇشاللىق كۈنلىرىم ئىللىق ماكان سىدنىيدا داۋام ئەتمەكتە ... مەن بۇ يەردە ھەركۈنى خننانى كۆرۈپ تۇرالايتتىم ، چۈنكى بىز ئىجارىگە ئالغان ئۆي ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل بولۇپ ، ئىشىكنى ئاچساقلا بىر - بىرىمىزنى كۆرۈپ تۇرالايتتۇق . خىننا خىرىستىيان دىنىغا ئېتىقاد قىلاتتى ، شۇڭا ھەر ھەپتىنىڭ ئاخىرى چېركاۋغا بېرىش ئۇنىڭ ئادىتى ئىدى . دەسلەپتە مەنمۇ پەقەت ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇش ئۈچۈنلا باردىم ، كېيىن مەنمۇ ئاستا – ئاستا ئەيسانىڭ مۇرىتىغا ئايلىنىپ ، خىرىستىيان دىنىغا ئتىقاد قىلىشقا باشلىدىم . ناھايىتى تېزلا مەنمۇ چېركاۋنىڭ ئەڭ قىزغىن شۇنداقلا سەمىمىي دىن تارقاتقۇچىسى بولۇپ قالدىم ....
    « بىزنىڭ ھازىرقى قارا تەنلىكلەر ئولتۇراق رايونىغا كەلگىنىمىزگىمۇ 6 يىل بولۇپ قالدى . بۇ يەرگە كېلىش مېنىڭ پىكرىم ئىدى . چۈنكى بۇ يەردە مەن تونۇيدىغان شۇنداقلا ياخشى ئۆتىدىغان نۇرغۇن قارا تەنلىك ئاكا – ئىنى ، ئاچا – سىڭىللىرىم بار ئىدى. شۇڭا مېنىڭ ئۇلارغىمۇ خىرىستىيان دىنىنى تەشۋىق قىلغۇم ، دىن تارقاتقۇم كەلدى ...» سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە جاشىۋا تۇيۇقسىز مەن تەرەپكە بۇرۇلۇپ كۆزلىرىمگە تىكىلىپ قارىدى ، ئۇنىڭ چىرايىدىن مەمنۇن بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . ئۇ خۇشاللىقىدىن ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان ھالدا : « سەن پەرەز قىلالامسەن ، مەن خىنناغا ‹ بىز قارا تەنلىكلەر ئولتۇراق رايونىغا بېرىپ خىرىستىيان دىنى تەشۋىقاتى بىلەن شۇغۇللىنايلى › دېسەم ، ئۇ ھەتتا بىرەر سىكۇنتمۇ ئىككىلىنىپ تۇرماي ، مەن بىلەن بىللە بۇ يەرگە كەلدى . بىز بۇ يەردىن ئۆي ئىجارىگە ئېلىپ ، بارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى ئىشقا سېلىپ خىرىستىيان دىنى ئۈچۈن 227 مۇرىت قوبۇل قىلدۇق . بىز تاكى، ئىككى يىل بۇرۇن قېرىپ بۇ ياشانغانلار ساناتورىيىسىگە كەلگەندىن كېيىنمۇ ، دىن تارقىتىشنى ئۈزۈپ قويمىدۇق ...
    سەن ئىشىنەمسەن ، ئۇ تا ھازىرغىچە مېنىڭ ، ئەينى ۋاقىتتا تاسمانىيە ئارىلىدىكى دەرەخنىڭ كەينىگە مۆكۈنىۋېلىپ ، ئۇنىڭ ۋېلىسپىت مىنىشنى مەشىق قىلغىنىنى كۆزىتىدىغان خوشنىسى ئىكەنلىكىمنى بىلمەيدۇ . ئۇ يەنە مېنىڭ ئۇنىڭ مېلبۇرندىكى ئۇنىڭغا ئىزچىل ياردەملىشىپ كېلىۋاتقان خوشنىسى ھەم خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىمنىمۇ ھەتتا مېنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېلبۇرنغا كەلگەن ھەم بار ئاماللار بىلەن ئۇنىڭغا ئۇدۇلمۇ – ئۇدۇل قوشنا بولۇپ ئۆي ئىجارە ئالغان ئادەملىكىمنىمۇ بىلمەيدۇ ....
    ئۇنىڭ بىردىنبىر بىلىدىغىنى ، مېنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش خىرىستىيان دىنى مۇرتى ئىكەنلىكىم ...»
    مەن نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم ...
    جاشىۋا مېنىڭ گاڭگىراپ قالغىنىمنى سەزدى بولغاي، يەنە بىر قېتىم مەمنۇن بولغان ھالدا كۈلۈپ قويدى. ئۇ ئېغىزى بىلەن مېنى خىننانىڭ كۆزىگە قاراشقا ئىشارە قىلدى.
    خىننا قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك ياشانغانلار ئەينىكى تاقىۋالغانىدى. راستىنى ئېيتسام ، مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ھېچقانداق باشقىچە ئالامەتلەرنى ھېس قىلالمىدىم . دىققىتىمنى ھەممىدىن بەك تارتقىنى ، پەقەت ئۇنىڭ كۈلكە تۆكۈلۈپ تۇرغان چىرايى ئىدى. قۇياش نۇرى ئاستىدا، ئۇ كىشىگە تېخىمۇ ئىللىق كۆرۈنەتتى.
    « شۇ قېتىمقى قاتناش ھادىسىسىدە ئۇ گەرچە بەختكە يارىشا ئامان قالغان بولسىمۇ ، بىراق شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ئۇ يورۇقلۇقتىن مەھرۇم قالدى. ئۇنىڭ بىر جۈپ چىرايلىق كۆزى ھېلىھەم مەۋجۇت ، بىراق كۆز ئالدىدا پەقەت قاراڭغۇلۇق ھەم زۇلمەتلا بار. ئۇنىڭ يورۇقلۇقى قەلبىدە ... » دېدى جاشىۋا.
    مەن بىر ئىشنى ئېسىمگە ئالغاندەك بولۇپ ، ئۇنىڭدىن سورىدىم : « ئۇ كۆزىدىن ئايرىلغان بىلەن ، يەنە ئاڭلىيالايدىغۇ ؟ ئۇ چوقۇم سىزنىڭ ئۇنىڭغا سۆزلەپ بەرگەن 60 نەچچە يىللىق مۇھەببىتىڭىزنى ئاڭلاپ ، شېرىن تۇيغۇلارغا چۆمۈلگەچ ، چىرايىدا باھار ئاپتىپى پارلاپتۇ ... » 
    ئويلىمىغان يەردىن جاشىۋا بېشىنى چايقىدى : « ئۇنداق ئەمەس ... يەنە شۇ ماشىنا ھادىسىسى تۈپەيلى، خىننانىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىمۇ ئېغىر دەرىجىدە تەسىرگە ئۇچرىدى. ئالدىنقى يىللاردىن ، ئۇ ياردەمچى ئاڭلىغۇچقا تايىنىپ ئاز – تولا ئاۋالارنى ئاڭلىيالايتتى. بىراق بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئاۋاز بىلەن ئۈزۈل –كېسىل خوشلاشتى ... »
    قەلبىمنى قاپلىغان شۈبھە ، شۇ ھامان چىرايىمغا تېپىپ چىقتى. مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ : « لېكىن مەن سىزنىڭ ئۇنىڭغا ھېكاايە سۆزلەپ بېرىۋاتقىنىڭىزنى ، ئۇنىڭمۇ چىرايىدىن كۈلكە ياغدۇرۇپ ئولتۇرۇپ تىڭشاۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرگەن ئىدىمغۇ ؟ » دېدىم .
    « ئۇ قولى بىلەن تىڭشايدۇ ... » دېدى جاشىۋا.
    مەن شۇ پەيتتىلا ، بۇ ياشانغان بوۋاي – مومايلارنىڭ بىر – بىرىنىڭ قوللىرىنى چىڭ تۇتۇشۇپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم. بىر جۈپ ئاق – قارا قوللار چىڭ سىقىلغان بولۇپ ، بوۋاينىڭ سول تىزى ئۈستىدە شۇنچىلىك خاتىرجەم تۇراتتى ....

 

مەھشىيە تەرجىمىسى
خەنزۇچە «37 گىرادۇسلۇق ئايال » ژۇرنىلى 2007- يىللىق 6- سان

 

 

 

ئەسكەرتىش : خۇشدىل تور بېتىگە يوللانغان «مەھشىيە» تەرجىمە ئەسەرلىرىنىڭ توردىكى تارقىتىش ھوقۇقى خۇشدىل تورى ۋە شۇ ئاپتورغا تەۋە بولۇپ، تور بېتىمىزدىن  باشقا بېكەتلەرگە بىردەك يوللاشقا بولمايدۇ.  باشقا بېكەتلەر بىزدىن خالىغانچە كۆچۈرىۋالغان بولسا مەسئۇلىيەت قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. پەقەت ئۇلىنىش قىلىشقىلا رۇخسەت! بېكىتىمىزدىكى ئىجادىي ئەسەرلەرنى ھەرقانداق شەخس ۋە ئورۇننىڭ خالىغانچە خۇشدىل تورىدىن يۆتكەپ ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

مەزمۇن قاتارى
تېخىمۇ كۆپ>>ئەڭ يېڭى ئىنكاس     ئىنكاس 0 قېتىم    نۇمۇرى 0 نۇمۇر
  • ياشلىقتىكى ئۈن - تىنسىز مۇھەببەت ، قىرىلىقىتىكى ئەسلىمە ، بۇنداق ئىشلار ھازىرمۇ كوپ ئۇچرايدۇ ، بولۇپمۇ تۇنجى سۆيگسىنى ئىزھار قىلالمىغانلاردا.
    ھەقىقەتەن ياخشى ئەسەرلەرنى تىپپىپ بىزگە يەتكۈزگىنىڭىزگە رەھمەت .
    ئۆچۈرۈش2011-7-18 20:29[3 نۇمۇر]ئەخمەق
  • مەجنۇنغا: تېمامنى ياقتۇرۇپ كۆرگىنىڭىزگە رەھمەت ، شۇنداقلا خۇشدىل تور بېتىگە كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن ! < ئادەم ئىزدەش ئېلانى> ڭىزنى تورداشلاردىن خەۋەر تېپىپ كىرىپ كۆردۈم. قارىسام مەن ئۈچۈن تورداشلار جاۋاپ بېرىپ بوپتۇ، شۇڭا يەنە كىرىپ ئىنكاس يېزىپ يۈرمىدىم . توغرا چۈشىنىشىڭىزنى سورايمەن ...
    مۇزىكىغا كەلسەك ، بىزمۇ ئويلاشقان . تور بەت يېڭى ئېچىلغاچقا ،  ھازىرچە شارائىتىمىز تازا يار بەرمەيۋاتىدۇ ... ئامال بار مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىمىز! كۆپرەك قوللاپ بېرەرسىلەر ...
    ئۆچۈرۈش2011-7-11 14:30[3 نۇمۇر]مەھشىيە
  • مەن سىزنىڭ كونا رېتىم مۇنبىرىدىكى تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزنى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇيدىغان مەجنۇن.سىزنى رېتىمدىن يوقىتىپ قويغان ئىدىم،رېتىمغا سىز ئۈچۈن<ئادەم ئىزدەش ئېلانى>چىقىرىپ مىڭ تەسلىكتە تاپتىم.سىزنىڭ مەزكۇر تور بېكەتتە ئەسەر يوللاۋاتقىنىڭىزنى كۆرۈپ ناھايتى خۇشال بولدۇم.گەپنىڭ قىسقىسى سىزنى ئاخىرى تاپتىم.مۇمكىن بولسا تەرجىمە ئەسەرلىرىڭىزگە بۇرۇنقى كونا رېتىم مۇنبىرىدىكىگە ئەسەر يوللىغانغا ئوخشاش مۇزىكا بىلەن بىللە قوشۇپ يوللىسىڭىز!
    چچ:67469012  E-mail:sradx@163.com
    ئۆچۈرۈش2011-7-11 09:08[3 نۇمۇر]majnun
  • ھەقىيقىي مۇھەببەت نېمانچە تاتلىق،ھەم ئۇلۇغ؟كىشىنى ئويغا سالىدىغان  ھېكايىكەن،ئەجرىڭىزگە رەھمەت!ئۆچۈرۈش2011-7-9 16:41[5 نۇمۇر]ھەۋەس
ئىنكاس يوللاش
بۇ ئەسەرگە نۇمۇر بىرىڭ 
ULY