مېنىڭ قاماقخانىدا يېتىۋاتقىنىمغىمۇ خېلى كۈنلەر بولدى، بۇ جەرياندا باشقىلارغا ئوخشاش بىرەر قېتىممۇ ۋايساپ باقمىدىم. كۆڭلۈمدە بۇ يەردە يېتۋاتقانلارنى قانۇن بىلىمى كەمچىل، دەپ ئويلايتتىم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە كامېردىشىم ياقۇپ:
-نېمە جىنايەت بىلەن قامالدىڭ؟-دەپ سورىدى.
مەن جاۋاب قايتۇرماي، ئىشىمنى قىلىۋەردىم. شۇ كۈنى كەچتە كامېرداشلىرىم قانۇن توغرىسىدا پاراڭلىشىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە پەرۋا قىلمىدىم.
-ئەسلىدە سەن ھەممىنى شېرىكىڭنىڭ قىلغانلىقىنى، پەقەت ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىشقا مەجبۇرلانغانلىقىڭنى ھەمدە ئۇنداق قىلمىساڭ، ئۇنىڭ سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىقرار قىلغان بولساڭ، جىنايىتىڭ يەڭگىللەيتتى،-دېدى ياقۇپ.
مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇنى خاتا ئەيىبلەپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم ھەم ئاستا يوتقىنىمدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ توپىغا قېتىلدىم. ئۇلار مېنىڭ ئارىغا قېتىلغانلىقىمنى كۆرۈپ:
-سەن نېمە جىنايەت سادىر قىلغانىدىڭ؟-دېدى.
مەن گېلىمنى قىرىپ تۇرۇپ:
-باسقۇنچىلىق جىنايىتى،-دېدىم.
ئارىدىن بىرەيلەن مەنسىتمىگەندەك:
-200 كويغىمۇ چىدىمايدىغان پىخسىق نېمە ئوخشايسەن؟ شۇنچە ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرسەڭمۇ، بىرەر مۇلازىمەت قىلىدىغان يەرنى تاپساڭ بولمامدۇ؟ شۇنى دەپمۇ تۈرمىدە ياتامدۇ كىشى؟ تازىمۇ بىر، كۆزگە ئىلمىغاندەك گەپ قىلماي تۇرۇۋالغانلىرىنى قارىمامدىغان...-دېدى.
ھەممەيلەن كۈلۈشۈپ كەتتى. ئاچچىقىمدا قۇيقا چېچىم تىك تۇرۇپ كەتتى.
-سەنلەر نېمىنى بىلىشىسەن؟ مەنچۇ قانۇننى بىلگەنلىكىم ئۈچۈن مۇشۇنداق دەۋاتىمەن،-دېدىم ۋە ھەممەيلەننىڭ كۈلكىسى بېسىققاندىن كېيىن، ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ تۇرۇپ:
-يانچۇقۇمدا بىر موچەنمۇ يوق ئىدى. مەن پۇلنىڭ ئامالىنى قىلىش ئۈچۈن ئۇياق ئويلىنىپ-بۇياق ئويلىنىپ، ئاخىر بىر قىزنىڭ سومكىسىنى بۇلاش ئۈچۈن قىزنىڭ كەينىگە چۈشتۈم. قىز ئۆيىگە كىرىپ كەتتى، مەنمۇ قىزغا سوڭدىشىپلا كىردىم. قىز مېنى كۆرۈپلا «قۇتقۇزۇڭلار» دەپ توۋلىغىلى تۇردى. مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدىم. شۇنداق قېلىپ ھېلىقى قىز مېنى ساقچىغا تۇتۇپ بەردى. مەن ئېلىپ كېتىۋاتقان چاغدا ساقچىلاردىن:« بۇلاڭچىلىق جىنايىتى بىلەن باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە بېرىلىدىغان جازا ئوخشاشمۇ؟» دەپ سورىغانىدىم، يېڭىلا ئىشقا چۈشكەن ساقچى: بۇلاڭچىلىق قىلساڭ 10 يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، ئەمەلگەن ئاشمىغان باسقۇنچىلىق جىنايىتىگە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دېدى. مەن ھەممىنى بىلىۋالغاندىن كېيىن سوراق جەريانىدا، ئۆزۈمنىڭ ئۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگەكىرگەنلىكىمنى ئېيتتىم، شۇڭا تۈرمىدە ئۇزاق ياتمايمەن،-دېدىم ۋە ئۇلارغا ئەقىلىق ئىكەنلىكىمنى بىر كۆرسىتىپ قويغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. ئۇلار دەسلەپتە ماڭا قايىل بولغاندەك ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، كېيىن::
-بۇلاڭچىلىق قىلىش مەقسىتىڭمۇ ئەمەلگە ئاشماپتۇ، باسقۇنچىلىق قىلىشىڭمۇ ئەمەلگەن ئاشماپتۇ، ئۇندا بولغاندىكىن، ئۇلارغا : بۇ قىزغا باسقۇنچىلىق قىلماقچى بولۇپ كەينىگە چۈشكەنىدىم، ئۆيىگە كىرىپ قىزنىڭ سەتلىكىنى كۆرۈپ نىيىتىمدىن ياندىم، دېگەن بولساڭ، گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلىشىڭ مۇمكىن ئىدىغۇ؟-دېدى ئارىدىن بىرەيلەن.
بۇنى ئاڭلاپ تۇرۇپلا قالدىم. ئىقرارىمغا پۇشايمان قىلىش بىلەن بىللە كامېردىكىلەرنىڭ قانۇن ساپاسىنىڭ ئۆسۈپ كەتكەنلىكىگە ھەيران قالغانىدىم. بۇ چاغدا بىرەيلەن:
-جازا مۇددىتىڭ توشقۇچە، سەنمۇ ئادۋوكات بولۇپ كېتىدىغان بولدۇڭ،-دېدى.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى.