يەرشارى تورى ئۇنىۋېرسال قانىلى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھوللىۋوت چولپىنى ئامىي، زوئوئېي، ئاللىسون ۋە مىندىي ئامېرىكا «ELLE» ژۇرنىلى ئۈچۈن «4-نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئايال چولپانلىرى» مۇقاۋا سۈرىتىگە چۈشتى. ئەمما بۇ سۈرەتلەردە پەقەت سەل سېمىزرەك كەلگەن مىندىينىڭ بەدىنىنىڭ يېرىمى تارتىلغان بولغاچقا، «ELLE» ژۇرنىلى «ئورۇقلۇق-گۈزەللىك» دەپ قارىغان دىگەن گۇمان پەيدا قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ نارازىلىقى ۋە مۇنازىرىسىنى قوزغاپ قويدى. خەۋەر دېيىلىشىچە، تۆت چولپاننىڭ مۇقاۋا سۈرىتىدە مىندىينىڭ بەدىنىنى يېرىمى تارتىلغاندىن سىرت، قالغان ئۈچەيلەننىڭ سۈرىتى پۈتۈن ھالەتتە رەڭلىق تارتىلغان. مىندىينىڭ يېرىم سۈرىتى تارتىلغاندىن سىرت رەڭسىز ھالەتتە تەڭشەلگەن. بۇ مۇقاۋا سۈرەتلىرى «ELLE» ژۇرنىلىنى گەپكە قويدى. بەلكىم بۇ توغرا كېلىپ قېلىش بولىشى مۇمكىن، ئەمما «ELLE» ژۇرنىلى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر پارچە سۈرەتتە سەل سېمىزرەك كەلگەن مېلىسسانى غايەت زور پەلتۇ ئىچىگە «يوشۇرۇپ» قويغان بولغاچقا، ئوقۇرمەنلەردە بۇ ژۇرنالنى ئورۇقلۇقنى گۈزەللىك دەپ قارايدىكەن، دەيدىغان گۇمان پەيدا قىلغان. ئەمما تورداشلار بەس-بەستە مىندىينىڭ بەدەن قۇرۇلۇشى ۋە تېرىسىنى ئىنتايىن ياقتۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ناھايىتى قالتىس چولپان دەپ قارايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا «ELLE» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ئىشىدىن ناھايىتى ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. «ELLE» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق ئىنكاس قايتۇردى: «بىز تاللىغان تۆت چولپاننىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بار بولغاچقا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشتۇق». ئەمما ئۇلار تورداشلار ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ گۇمانىغا قارىتا كۆپ چۈشەندۈرۈش بەرمىدى.