قىزىم سىنى مەكتەپنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇغىلى توپتوغرا 6 سائەت بولدى ، مىنى تونۇيدىغان ساۋاقداشلىرىڭ بىردەم كۈتۈپخانىدا دىسە ، بىردەم ئۆگىنىش قىلىۋاتىدۇ دىدى ، مەن يەنىلا ساقلىدىم بالام . لىكىن مەن سىنى ئويلىمىغان يەردىن بۇ يەردە كۆرۈپ قالدىم ، ئولتۇرە قىزىم ، ئولتۇرە ، سەن ئككى باھار ، ئككى قىش بولدى ، ئۆيگە بېرىپمۇ قويمۇدۇڭ قىزىم ، مەن سىنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بەلكىم ئۆگۈنۈش قىلىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلۇدۇم ، ئاناڭمۇ شۇنداق ئويلىغان . جېنىم قىزىم ، شۇنچىلىك ئالدىراش بولساڭمۇ رەھمەتلىك ئاناڭنىڭ يىل نەزىرىسىگىمۇ بارمىدىڭ بالام ، ماڭا قارا ، ماڭا قارا قىزىم ، سىنىڭ چىرايىڭدىن نۇر يېغىپ تۇرىدىغان بىر قىز ئدىڭ ، شۇڭا ئاناڭ رەھمەتلىك بەكمۇ ئامراق ئدى بالام . بۈگۈن ھەيرانلا قالدىمغۇ ، ساڭا قاراپلا قالدىمغۇ بالام ، نىمانچە ئۆزگىرىپ كەتكەنسەن ، ھە ، نىمانچە ئۆزگىرىپ كەتتىڭ قىزىم ؟ سىنى مەكتەپكە ئۇزىتىدىغاندا مەھەللىدىكى ھەممەيلەن ساڭا ئامانلىق تىلەپ دۇئا-تىلاۋەت قىلغان ، شۇ ۋاقىتتا خوش ئانا دەپ ماڭغان ۋاقتىڭدا ساڭگىلاپ تۇرغان قىرىقتال چاچلىرىڭ قېنى بالام ؟ قۇندۇزدەك قاپقارا قاشلىرىڭ قېنى قىزىم ؟ قېنى سەندىكى تەبىئىي گۈزەللىك ؟ قېنى بۇ سەندىكى ئوماق ئوماق بېقىشلىرىڭ ؟ قارا بۇ چاچلىرىڭغا ، بۇ بۈدىرە قىلىپ كىملەنى دورىغىنىڭدۇ ؟ قارا ما كىرپىكلىرىڭگە ، قارا ما ئايدەك يۈزۈڭگە بالام ؟؟؟؟ ئاناڭ رەھمىتى ساڭا نۇرغۇن مەدھىيەلەرنى كۆڭلىگە وۈككەن ئىدىغۇ ، سىنى ئوماق بولسۇن ، چىرايلىق بولسۇن دەپ ئەڭ چىرايلىق ئسىمنى قويغان ئىدۇققۇ بالام ، ما مەڭزىڭگە چىكىۋالغان خال ؟؟؟؟ كىمنىمۇ دورىغانسەن بالام ، كىمنىمۇ دورىغانسەن ؟؟؟؟ كۆزلىرىڭ نۇركەبى چاقناپ تۇراتتى ، نىمىلەرنىمۇ سۈرىۋالغانسەن قىزىم ؟؟؟؟ جېنىم قىزىم ، مەن سىنى ياسانما دىمەيمەن ، ياسانغىن بالام ، ياسانغىن ، ئۆزۈڭگە لايىق ياسانغىن ، كۆرگەنلەر بۇ ئويغۇرنىڭ قىزىكەن دەپ قالسۇن ، سەن بىر دېھقاننىڭ قىزى بالام ، لىكىن بەك ئاشۇرۋەتمە ، ئېسىڭدە تۇت سەن بىر ئۇيغۇرنىڭ قىزى ، بولدى ، ئەمدى ساڭا ئوشۇق گەپ قىلماي ، سەن بىر ئەقىل ئگىسى سەن ، توغرا يولدا مېڭىپ ، ياراملىق ئادەم بول ، سەن يالغۇز بىر بالىغىلا ئانا بولماستىن بەلكى بىر مىللەتكە ئانا بولىسەن قىزىم ، خەيىر ، ساڭا ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، ئۇلۇغ ياراتقۇچىدىن ساڭا ئىنساپ تەۋپىق تىلەيمەن!!!!!!