ئەسەر بەت ئۈستى  1000-80
ھىلىگەر بىلەن تۈلكە (چۆچەك)-:::خەلقىم تورى:::www.Halkim.Cn>>>>>::新疆哈乐克木网站 kino|news|mp3|mtv|kino|game|asar|Star|ulinix|Software|Games...

ھىلىگەر بىلەن تۈلكە (چۆچەك)

مەنبە : خەلقىم تورى       ئاۋاتلىقى 3781   قىتىم   يوللىغۇچى : جۈرئەتجان       يوللانغان ۋاقىت : 12-05-2015
ئەسەر كۈرش بەت 650-90ئېلان

-ھەي...ھەي....!!ھورۇن ئاكە قوپە!!!.يىراقتىن نۇرغۇن لەشكەرلەر كىلىۋاتىدۇ... سەن دەرھال ئوردىغا خەۋەر قىل!!!مەن ئۇلارنى بىر دەم گەپكە تۇتۇپ تۇراي،- يىراقتىن كۆرۈنگەن چاڭ توزاننى كۆرگەن ھىلىگەر دەرھال ھەركەتكە كىلىپ ھورۇننى ئويغىتىشقا باشلىدى.
--بولدى سەن بار..مەن ئۇلارنى گەپكە تۇتۇپ تۇراي...شاھىمغا سالام دە!،-دىدى ھورۇن قوپۇش خوشياقماي.
-ئاكا سەن قوپمىساڭ زادى بولمايدۇ....بۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن پەقەت سەنلا چىقالايسەن، بولمىسا شاھىم سىنى بىكاردىن بىكار سىنى بۇ يەردە گۆش بىلەن باقامدۇ..قوپ ھورۇن ئاكا ئۇلار يېقىنلاپ قالدى.،-دىدى ھىلىگەر بارغانسىرى جىددىلىشىپ.
-ئەمىسە قولامدىن تارتە....،-دىدى ھورۇن كۆزلىرىنىمۇ تۈزۈك ئاچماي.
-ھە....يائاللا ھە.....ئاخىرى قوپتۇڭ، ئەمىسە شاھىمىزغا سالام دە.....،-دىدى ھىلىگەر ھورۇننىڭ قولىنى بىر ئاز قىيماسلىق بىلەن سىقىپ.
ھورۇننى قوپقۇزۇشلا تەس ئىدى...لىكىن بىر قوپۇۋالسا ئۇنى توختاتماقمۇ ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇڭا ئەمدى ئارتۇق گەپمۇ ئىشەككە يۈك ئىدى.
-خوش. ئامان بول.،- ھورۇن شۇنداق دەپ ھىلىگەر بىلەن ئاددىلا خوشلاشقاندىن كىيىن، 3يىلنىڭ ياقى ئىشلىتىپ باقمىغان بارلىق كۈچىنى
پۇتىغا يىغىپ ئوردا تامان يۈرۈپ كەتتى. ۋە شۇ يۈگەرگىنىچە تاغ يولىدا 3 كىچە كۈندۈز يۈگرەپ، ئوردىغا يۈگۈرەپ كەلدى. ھورۇننى يۈگرۈتكەننىڭ بىر پايدىسى، يۈگرەۋاتقان ھورۇننى كۆرگەن شەھەر ئاھالىسى ئۇنىڭغا قاراپ ھاڭۋېقىپلا قالاتتى. كىم ھورۇننىڭ بۇنداق يۈگرەپ باققىنىنى كۆرگەن دەيسىز؟
-شاھىم! دۈشمەن كەلدى.بەك كۆپ. ھىلىگەر سالام دىدى ھورۇن جايىدا يۈگرەپ سالام بېرىپ.
-باتۇر سىز بارلىق قوشۇننى ئېلىپ يولغا چىقىڭ. ھىلىگەرنى چوقۇم قوغداپ قېلىڭ،-دىدى چىچەن شاھ ھىلىگەرنىڭ ئۆزىنىڭ كىرمەي،ھورۇننى ئەۋەتكىنىدىن ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى بىلىپ.
-مەن يالغۇز ماڭاي!... شاھىمنىڭ تۇلپىرىنى مىنىپ بارسام، بىر كىچە كۈندۈزدىلا بارىمەن. لەشكەرلەرنى كەسكىن باشلاپ كەينىمدىن كەلسۇن....،-باتۇر شۇنداق دىگىنىچە جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈپ چىچەن شاھنىڭ ئېتىنى مىنگىنىچە قاراۋۇلخانىغا قاراپ يالغۇز يولغا چىقتى.
ئۇ تۇلپارغا مىنگىنىچە بىر كېچە كۈندۈز يول مېڭىپ، ئۇدۇل قاراۋۇلخانىغا يىتىپ كەلدى. قارىسا قاراۋۇلخانىنىڭ ئەتراپى پۈتكۈل يىرتقۇچ ھايۋاناتلار بىلەن ئورىلىپ، كىتىپتۇ. قاراۋۇلخانىنىڭ كەينى بولسا كۆز يەتكۈسىز يىرتقۇچلار دېڭىزىغا ئايلىنىپتۇ.
-ھورۇن تۇلپارنى قويۇۋېتىپ، تۇغنى تۇلپارنىڭ خورجۇنىغا سېلىۋەتكەندىن كىيىن،تۇلپارنى ئوردا تامان يولغا سالدى. تۇلپار يالغۇز چاپسا بۇ يولنى كىچىدىلا بېسىپ بولالايتتى. باتۇر قولىدا قېلىچىنى كۆتۈرگىنىچە ئۆزىگە خىرىس قىلىپ تۇرغان نۇرغۇن يىرتقۇچلارغا پىسەنت قىلماي، ئۇدۇل قاراۋۇلخانىغا قاراپ ماڭدى. يىرتقۇچىلار ئارىسىدىن 50 قەدەم ماڭا ماڭمايلا...ئۇنىڭ ئالدىغا بىر غايەت زور ئۆمۈچۈك ئاسماندىنلا چۈشۈپ باتۇرنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلدى.
-كۆزۈمدىن يوقال!!!!،-دىدى باتۇر كۆزلىرىنى ئۆمۈچۈكنىڭ بەدبەشرە كۆزلىرىگە  غەزەپ بىلەن تىكىپ.
-ھا!!..ھا...ھا...ھا..!!چوڭ سۆزلەۋاتقىنىڭ بىلەن مىنى كۆرۈپ چوقۇم ئىشتىنىڭغا چىقىرىۋەتتىڭ شۇنداقمۇ ئادەمزات؟ ھاھاھا!!!...تۈلكە ۋەزىر ئوقۇغان كىتاپتا دىيىشىچە،  ئىنسان تەبىئىتىدە ئۆمۈچۈكتىن قورقۇش باركەن.... ئاڭلىسام تۇتۇشتۇنمۇ قورقارمىش..!!كىلە!!مىنى تۇتۇپ باقە!!....ھا!!ھا!!ھا!!!!،- ئۆمۈچۈك ئىنسان زۇۋانىغا سۆزلىگىنىچە باتۇر تامان قىستاپ كەلدى.
ئويلىمىغان يەردىن باتۇر ئۇنىڭ سۆزىگە پىسەنت قىلماي، كەلگىنىچە قېلىچىنى ئۆمۈچۈكنىڭ گېلىغىلا سالدى. ئۆمۈچۈك ئاغزىغا كېلىپ قالغان يىپلىرىنى قۇسۇشقا ئۈلگۈرمەي، شۇ يەردىلا جان بەردى. ئۆمۈچۈكنىڭ دىگىنى توغرا ئىدى. ئەمما ئۇنىڭ خاتالىغى ئۇ باتۇرغا يولۇقۇپ قالماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇ كۈچلۈككە ئۇچراپ قالغان بولسا، بەلكى ئىش باشقىچە بولاتتى. باتۇر ئۆمۈچۈكنىڭ جەسىدىگە دەسسەپ ئۆتۈپ، يەنە قاراۋۇلخنىغا قاراپ ماڭدى. بىردەم مېڭۋىدى..ئۇنىڭ ئالدىغا غايەت زور چاشقاندىن بىرسى چۈشتى.
-كۆزۈمدىن يوقال!!!،-دىدى باتۇر چاشقانغىمۇ ئۆمۈچۈككە تىكىلگەن غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن تىكىلىپ.
-ھا...ھا..ھا...قورقۇۋاتامسەن!!!!ھاھاھا!!!ھازىرلا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر ئىشنى كۆرىسەن!!،- ئۇ چاشقان شۇنداق دەپ چاققانلىق بىلەن باتۇرنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ، ئۇنىڭ بېلىگە تۈرۈكلۈك گۆشنى يۇلۇپ ئېلىپ ئالدىرىماي چايناشقا باشلىدى.
-ھا!!ھا!!ھا!!!تۈلكە مۇشاۋۇر ئوقۇغان كىتاپتا دىيىلىشىچە ئىنسانلار چاشقانلارنىڭ ئۆز ئاشلىقىنى يەپ كىتىشىدىن بەك قورقىدۇ دەپ يېزىلغانكەن. ھا!!ھا!!!ئىنسان بالىسى!!!بىز ھايۋانلارنىڭ كۈچىدىن قورقۇۋاتامسەن؟!!ھا!!ھا!!!ھا!!،-چاشقان ھوزۇرلىنىپ كۈلگىنىچە گۆشنى چايناۋاتاتتى. باتۇر قىلىچنى كۆتەرگەنچە كىلىپ ئۇنىمۇ جېنىدىن جۇدا قىلدى....بۇ چاشقانمۇ ئۆزىگە ئۆزى قىلدى. ئۆمۈچۈكتىنغۇ خېلى ئادەم تەپتارتار، بۇ چاشقانغا قورقۇنچاق بىلەن رەھىمدىل دۇچ كەپلا قالمىسا، چوقۇم نەتىجە مۇشۇنداق بولاتتى چاشقاننىڭ قورقۇنچاقلىقىنى كىم بىلمەيدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن باتۇر داۋاملىق قاراۋۇلخانا تامان مېڭىپ، قاراۋۇلخانا ئىشىكىگە ئاز قالغاندا ئەتراپتىكى پۈتۈن يىرتقۇچلار ھۇۋلىشىپ كىتىشتى. باتۇر بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنمەي تۇرىۋىدى، ئۇنىڭ ئالدىغا يۇڭلىرى پارقىراق، يوغانلىقى ئادەم بىلەن تەڭ ،كۆزلىرىنى يېرىم يۇمغان، قاشلىرىغا ئاق كىرگەن بىر تۈلكە، ھىلىگەرلەرچە كۈلگىنىچە باتۇرنىڭ ئالدىغا چىقىپ كەلدى ۋە:
-ئىنسان بالىسى. سەن ھەقىقەتەن ئىنسانلارنىڭ نوچىسى ئىكەنسەن. سەن بىزنىڭ ئۈچ باتۇرىمىزنىڭ يەڭدىڭ. سىنىڭ بىز بىلەن سۆزلىشىش سالاھىيىتىڭ بار يۈر ....،-دىگىنىچە ئۇنى قاراۋۇلخانىغا باشلاپ ماڭدى.
-مەن ئىككىنى يەڭگەن ئىدىمغۇ...يەنە بىر سى مۆكۈۋالدىمۇ نىمە!!!ئۇمۇ چىقسۇن!!!!،-دىدى باتۇر غەزەپ بىلەن...ئۇ تېخى جەڭگە تويمىغانىدى....
-ئەي ئىنسان باتۇرى..سەن سىلەر ئىنسانلار ئەڭ قورقىدىغان باكتىرىيەنى، باتۇرلارچە دەسسىۋەتتىڭ ئەمەسمۇ....،-دىدى تۈلكە ئۇنىڭغا قايىل بولغىنىچە.
-ھە...بوپتۇ ئەمىسە...ئىشقىلىپ جەڭگە كۆڭلى تارتقانلار بولسا كەلسۇن!!!،-دىدى باتۇر ئەتراپىدىكى يىرقۇچلارنى دەي-دەيگە سېلىپ. شۇنداق دەپ تۇرىۋىدى ئۇنىڭ ئەتراپىنى سەككىز بەھەيۋەت بۆرە كىلىپ قورشىدى. باتۇر جەڭگە تەييار بولۇپ تۇرىۋىدى. تۈلكە چىقىپ بۆرىلەرنى توستى.
-بۇ نېمە قىلىشقىنىڭ !!!!ھە؟!!نېمە قىلىشقىنىڭ؟؟؟ئەجىبا مىنىڭ گېپىممۇ ئۆتمەس بولدىما؟،بولدى كىرىپ كىتىڭلار ئەزىمەتلىرىم..شاھىمىزنىڭ بۇ باتۇرغا گېپى بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىرەيلەنگە سەككىزىڭلار چىقساڭلار، ئى باكتىرىيەچىلىكمۇ بولالمايسىلەر...كىرىپ كىتىڭلا..ھە...
بۆرىلەر باتۇرغا غەزەپ بىلەن بىلەن،چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىپ قويغاندىن كىيىن، بىر-بىرلەپ كەينىگە چىكىندى. قاراۋۇلخانىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلگەندىن كىيىن:
-ئەي ئادىمىزات شاھى...سىلەرنىڭ بىر باتۇرۇڭلار كىلىپ، ئۆچ ئۆتكىلىمدىن ئۆتتى. سىلەر ئادىمىزاتلاردا ھەقىقەتەن كىتاپلىرىڭلاردا يېزىلغانلىرىدىنمۇ باتۇر كىشىلەر بار ئىكەن. ئوتنى ئۆچۈرسەڭ، ئەمدى بىز پاراڭلىشىپ باقساق،-دىدى ئىشىكتىن كىرمەي. ئەسلى ھىلىگەر ئىچىدە خىيالى كاۋاپ پۇشۇرۇپ ئولتۇرغانىكەن. بۇ گەپنى ئاڭلىغان باتۇرنىڭ قۇيقا چاچلىرى دىڭ تۇرۇپ:
-پادىشاھىمنىڭ قىياپىتىگە كىرىۋالغان قايسىڭ!!،-دەپ توۋلىغىنىچە قاراۋۇلخانىغا بېسىپ كىردى.
-ۋوي!!ساراڭ....مىنىڭ ئوردامغا نېمە دەپ كەلدىڭ؟؟؟؟يوقال !!مەن سىلەرنى ئاللىقاچان يولۋاس ئالىلىرىغا تەقدىم قىلدىم..ماڭ..ماڭ كەت!...ھەممە گادايلارغا دەپ قوي..ھەممەيلەن بالىلىرىنى، قىززىق سۇدا  قاينىتىپ، دورا-دەرمەكلەرنى سېلىپ تەييار قىلسۇن..كەچتە يولۋاس ئالىلىرى بوۋاق گۆشىگە ئېغىز تەگمەكچى....40 بوۋاق ھە..ئۇنتۇپ قالما!!ماڭ كەت....ئۇلارغا دەپ قوي كىم يارلىقىمغا بويسۇنمىسا، شۇنى بىر ئۆمۈر كۈلگىلى قويمايمەن!!!،-دىدى ھىلىگەر باتۇرغا مەنسىتمەسلىك بىلەن قاراپ.
-ھەي ھىلىگەر يالغان يارلىق چۈشۈرۈشكە قانداق ئاغزىڭ باردى؟ تېخى بوۋاق پۇشۇرۇپ مۇشۇ ھايۋانلارغا يىگۈزەمدۇق. سەن ساراڭ بوپسەن.،-دىدى باتۇر ھىلىگەرنىڭ ئويۇنىنى چۈشەنمەي.
تۈلكە بولسا ھوشيارلىق بىلەن بۇ ئىنسان شاھىنى كۈزىتىۋاتاتتى.
-سەندىن سوراي..راھەتتە ياشاشنى خالامسەن؟،-دەپ سورىدى ھىلىگەر باتۇردىن.
-ياق!...،-دىدى باتۇر ھىلىگەرگە غەزەپ بىلەن بىلەن تىكىلىپ.
-ئۆزلىگىڭدىن ئۆلۈشنى ياقتۇرامسەن ياكى رەقىبىڭ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشنىمۇ؟
-ئەلۋەتتە رەقىبىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشنىدە.،-دىدى باتۇر ئويلانمايلا.
-ھەي...سەن ساراڭغا ئامال يوق،- دەپ قويۇپ، كاۋاپنىڭ پىشقان يېرىدىن ئالدىرىماي چايناشقا باشلىدى. ھىلىگەر مەن ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى دەپ ھايۋانلارنى ئالداپ، 40 بوۋاق ھىسابىغا، بۇ بىر پارچە گۆشنى تىگىشكەنىدى. بۇ چاغدا تۈلكە ئويلىنىشقا باشلىدى. مەن كۆرگەن كىتاپتا ئىنسانلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ دىگەنىكەن.بۇ ئۇنداق ئەمەسكەن. بىز ھايۋانلار جېنىمىزدا ئۆز ئۇۋىمىزدا ئۆلۈشنى خالايمىز بۇ دەسسىلىپ ئۆلۈشنى خالايدىكەن.....قارىغاندا بۇ راس ساراڭ ئوخشايدۇ.  سەل ساقلىسام چوقۇم ئۇلار يەنە شاھىنى ئىزدەپ كىلىدۇ. ئەڭ ياخشىسى يەنە بىر ئادىمىزات تۇتۇپ قاراپ باقاي.ھەي بۇ ئىنسانلارنىڭ ساراڭلىرىمۇ ئاجايىپ باتۇركىنا، قارىغاندا ئىنسانلار مەن ئوقۇغان كىتاپتىكىدىن جىق تەرەققى قىپتۇ جۇمۇ....
-ئەي ئىنسانلار شاھى...قارىغاندا بۇ ساراڭ يارلىقنى يەتكۈزەلمىگۈدەك. بىز يەنە بىر ئاز تەخىر قىلايلى....بەلكىم ساڭا تاماق ئەكىلىدىغان نەۋكىرىڭدىن بىرسى بولسىمۇ كەپ قالار.،-دىدى تۈلكە ھىلىگەرگە قاراپ ھىجىيىپ.
-بوپتۇ،بوپتۇ....شۇنداق بولسۇن..ئەڭ ياخشىسى بۇ ساراڭنى باغلاپ قويغان بولساڭلار.....،-دىدى ھىلىگەر قەستەن باتۇرنىڭ چىشىغا تىگىپ، باتۇر دەر غەزەپكە كىلىپ تۇرىۋېدى. قاراۋۇلخانىنىڭ كەينىدىن ئاجايىپ ھەيۋەتلىك بىر ئاۋاز كەلدى:
-ئەي ئادىمىزات شاھى....مەن ساڭا ئاباي پۇقرالىرىم ئىچىدىن ئۆردەكنى ساڭا ئىنئام قىلدىم. ئەمدى سەنمۇ بۇ ساراڭنى ماڭا ئىنئام قىل....،-بۇ ئېنىقكى ھايۋانلار شاھى يولۋاسنىڭ ئاۋازى ئىدى.
بۇنى ئاڭلىغان باتۇر قاراۋۇلخانىنىڭ تۇڭلۇكىدىن سەكرەپ چىقىپ يولۋاسقا قاراپ ئېتىلدى. يولۋاس باتۇرنى بىرلا قويۇۋېدى باتۇر قاراۋۇلخانىنىڭ تېمىنى ئوقتەك تىشىپ ئۆتۈپ، يەنە بىر تامغا گۇم قىلغان ئاۋاز بىلەن سوقۇلۇپ، سېرلىپ يەرگە چۈشتى. ھىلىگەر بەخىرامان گۆشنى چايناپ ئولتۇراتتى. يولۋاس بۇنى ئادىمىزات شاھى قوشۇلدى دەپ چۈشىنىپ، ئادىمىزاتنى چايناشقا تەشنا چىشلىرىنى باتۇرغا سۇندى ، ئويلىمىغان يەردىن نەچچە يەردىن سۇنغا ئۇستىخانلىرى بىلەن باتۇر تامنى ياقىلاپ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ قېلىچنى ئاران كۆتۈرۈپ يولۋاسقا تەڭلىدى. يولۋاس بۇ نادان ئادەمزاتنىڭ قىلىقىدىن غەزەپلىنىپ ،ئەمدى ئۇنى يالماي دەپ تۇرىۋىدى، ھىلىگەر چاۋاك چالغىنىچە ئورنىدىن تۇردى.
-پاھ!!..پاھ...ھايۋانلار شاھى نېمە دېگەن باتۇر ھە...بىز ئىنسانلارنىڭ سارىڭىنى بىردەمدىلا مەغلۇپ قىلدى!!!قالتىس!!قالتىس!!!!!
بۇنى ئاڭلىغان يولۋاس شاھ ھەر قانچە ھايۋان بولسىمۇ ، يۈزلىرى قىزىرىپ:
-ھىم!!!ساراڭنىڭ گۆشىنى مىنىڭمۇ يىگۈم يوق..بەك سېسىقكەن!،-يولۋاس شۇنداق دىگىنىچە، قاراۋۇلخانىدىن چىكىنىپ چىقتى. ئۇ ئادەمزاتنى كۆرسەملا يىگۈم كېلىپ قالىدىكەن دەپ بۇ ئادەمىزات ‹‹شاھى››بىلەن بىر يەردە تۇرمايتتى. شۇ تەرىزدە سىرتتى غايەت زور بىر ئاۋاز كەلدى. بۇ ئاۋازدىنلا كۈچلۈكنىڭ كەلگەنلكىنى پەملىگەن ھىلىگەر:
-مۇشاۋۇر ھەزرەت. بۈگۈن كىمنىڭ تاماق ئەكىلىدىغانلىقى ئەمدى يادىمغا كەلدى..بۈگۈن تاماقنى كىچىك ئەكەلمەكچى ئىدى....چىقىپ قاراپ باقسىلا.
-مەيلى چوڭ كەلسۇن ،كىچىك كەلسۇن...بىزنىڭ سىنىقىمىزدىن ئۆتەلىگەندە ئاندىن سىز بىلەن ئۇچراشتۇرىمىز. ئىسىمدە قېلىشىچە سىز، ئىنسانلارنىڭ كىچىكلىرىمۇ سىلەرنىڭ سىنىقىڭلاردىن ئۆتەلەيدۇ دىگەنىدىڭىز،-دىدى تۈلكە ئۆزىچە ھىلىگەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ.
-ھەي....مەن نېمىشقىمۇ شۇنداق دىگەندىمەن...كىچىك بالا سىنىقىڭلاردىن ئۆتەلمىسە، سەت بولىدىغان بولدىدە......،-دەپ قويدى ھىلىگەر ‹‹ئەپسۇسلىنىپ››.
-بۇ كىچىك ساقتۇ؟؟،-دىدى يولۋاس يەنە نەپسىنى يىغالماي.
-ساق بولمامدىغان....ئۆزى كىچىك بولغاچقا گۆشى ماۋۇ ئۆردەك چۈجىسىنىڭكىدەك يۇمشاق دىسىلە....،-دىدى ھىلىگەر يولۋاسنىڭ نەپسىنى تېخىمۇ تاقىلدىتىپ.
تۈلكە قاراۋۇلخانىدىن چىقىپ، ھېلىقى كىتاپنى يادىغا ئەكەلدىدە بىرىنچى بولۇپ ئىتنى چىقاردى.
كىتاپتا يېزىلىشىچە، كىچىكلەر ئىتتىن قورقايتتى. ئەپسۇس ئىت چىقىشىغا كۈچلۈك يەرگە ئېڭىشىۋىدى، ئىت كەينىگە بۇرۇپ بەدەر قاچتى.كىچىك بالا تۈكلۈك نەرسىلەردىن قورقۇدۇ دەپ توخونى چىقىرىۋىدى، كۈچلۈك توخونى بىردەمدە يۇڭداپ پاك-پاكىز قىلىپ قويدى. سۈۋەرەكتىن قورقىدۇ دەپ سۈۋەرەكنى چىقىرىۋىدى كۈچلۈك، باتۇر مىكروپنى يەڭگەندەك، كۆرمەي تۇرۇپلا دەسسىۋىتېپ تۈلكىنىڭ ئالدىدا توختىدى.
-ئەي باتۇر ئىسمىڭ نېمە؟،-دەپ سورىدى تۈلكە كۈچلۈكتىن. ئىشۇ ئاۋاق پادىشاھنىڭ پۇقرالىرىنىڭ كىچىكلىرى مۇشۇنداق يامان ساراڭلىرى مۇشۇنداق باتۇر ئىكەنلىكىگە ھېچ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى.
-كۈچلۈك......،-دىدى كۈچلۈك تۆت ئەتراپقا قاراپ..ئۇنىڭ راسا بىر چېلىشقىسى بار ئىدى.
-بۇ ياققا كىلىڭ كۈچلۈك...ئى ئادىمىزات شاھى سىزگە تاماق ئەكەلگىنى كىچىك ئەمەس كۈچلۈك ئىكەن ،-دىدى مۇغەمبەرلەرچە ھىلىگەرگە تىكىلىپ.
-ھا!!ھا!!ھا!!مۇشاۋۇر ھەزرەت سىلى خاتا چۈشىنىپ قالدىلا ئۇنىڭ تىلى تېخى تۈزۈك چىقمىدى.
ئۇ ئۆزىنىڭ كىچىك دىگەن ئىسمىنىمۇ ئوڭشاپ دىيەلمەي،كۈچلۈك دەيدۇ..كىلە قوزام كىلە!!!!!
ماڭا غىزا ئېلىپ كەلگەنسەن؟،-دىدى ھىلىگەر يەنە چاندۇرماي كۈچۈككە قاراپ. كۈچلۈككە ئاقىل ۋەزىر ھىلىگەرگە ماسلىشىشنى تاپىلىغانىدى. كۈچلۈك ھىلىگەرنىڭ بۇ تەييارلىقسىز سۇئالىغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى بىلەلمەي:
-مەن..ھە...ھە...ئۇقمايمەن،-دىدى ئامالسىز.
-توۋا غىزانى نەگىمۇ قويۇپ كەلگەنسەن...ماڭە كىچىك بولغاندىكىن بېرىپ ئاۋۇ بۇقىنى تۇتۇپ كەل كۆرۈپ باقاي....ئاندىن كىيىن ئۆزەڭ ئوت يېقىپ قاقلان. سىنى يولۋاس ئالىلىرى يەيدۇ،-دىدى ھىلىگەر يەنە ‹‹شاھلىق كوزىرى››نى ئىشلىتىپ.
كۈچلۈك ئۇنى بۇنى ئويلىمايلا بېرىپ، سەپنىڭ ئالدىدىكى قاۋۇل بۇقىنىڭ مۈڭگۈزىدىن سۆرىگەنچە ئېلىپ ماڭدى. بۇقا خېلى يۇلقۇنغان بولسىمۇ كۈچلۈككە پەقەتلا كۈچى يەتمىدى. بۇنى كۆرگەن ئەتراپتىكى بۇقىلار پىترىشىۋىدى يولۋاس شاھ كىچىكنىڭ يۇمران گۆشىنى يىيىش تەماسىدا بىر توۋالاپلا ئۇلارنى بېسىقتۇردى. كۈچلۈك بۇقىنى سۆرىگەنچە كېلىپ، ھىلىگەرنىڭ ئالدىغا كەلدى. بولدى بۇنىڭغا تاۋىم تاتمىدى قويۇۋەت. ئاخىرى ھىلىگەر بىر قوچقارنى تاللاپ ،كۈچلۈككە بىر دەرەخ شېخىغا قوچقارنى ئۆتكۈزۈپ، گۈلخاندا كاۋاپ قىلىشقا بۇيرىدى. يولۋاسنىڭ نەپسى تاقىلداپ كەتكەنىدى. لىكىن ھىلىگەر قوچقار گۆشىدىن پات-پات تېتىپ بېقىپ پىشماپتۇ يەنە بىردەم پىشسۇن دەپ، ساراڭغىمۇ يىگۈزگەچ ۋاقىتنى سوزدى. ھەم يولۋاس شاھنى شۇنداق ئەخمەق قىلىپ،
نەچچە كىچە كۈندۈزنى ئۆتكۈزدى. بۇ چاغدا قوچقار كاۋىپىنى ئاللىقاچان كۆيۈپ،دەرەخ ياغىچى كۆرۈنۈپ قالغانىدى. شۇ تەرىقىدە شاھ لەشكەرلىرى كەسكىننىڭ تۇغى ئاستىدا يىرتقۇچلارغا روبىرو تۇردى. تۈلكە مۇشاۋۇر دەرھال چىقىپ قارىۋىدى 100 مىڭچە ئادىمىزات قوللىرىدا قېلىچ تۇتقىنىچە،
رەتلىك تۇراتتى.بىزنىڭ سانىمىز نەچچە ئون مىلىيون تۇرسا، بۇ كىچىككىنە ئادەمزەت بىزنى نېمە قىلالايتتى. تۈلكە شۇلارنى ئويلاپ  ‹‹ئادىمىزات شاھى››غا مەنىلىك قارىۋىدى. ھىلىگەر ئالدىرىماي ئورنىدىن تۇرۇپ سىرتقا بىر قاراپ قويۇپ:
-ھە بۇلار كىچىكنىڭ ئىككىنچى ئايالىدىن بولغان بالىلىرى. بۇلارنىڭ ئىسمى ۋەھشى!...قورسىقى ئاچسا ھەممىلا نەرسىنى يەۋىرىدۇ. ھەتتاكى ئۇستىخانلىرىنمۇ قىرىپ پاكىز يەيدۇ. ئاۋۇ قولىدىكى بەكىسىنى كۆردىڭىزمۇ...بىر قېتىم كىچىكنىڭ ۋەھشى بالىلىرى مېنىڭ 11-خوتۇنۇمدىن بولغان 200مىڭ بالامنى يەۋىتىپتۇ دىمەيسىز....شۇنىڭ بىلەن،،،،،،...مىنىڭ 25-خوتۇنۇمدىن بولغان ياۋۇز بالىلىرىم كىچىكنىڭ 9-ئايالىدىن بولغان يىرتقۇچ بالىلىرىدىن 500مىڭنى ئۆلتۈرىۋېتىپتۇ.......
بۇنى ئاڭلىغان تۈلكە ئادىمىزاتنىڭ كىچىكىنىڭ مۇنچە كۆپ بالىسى بولۇپ، يەنە تېخى مۇنداق ۋەھشى بولسا، ھامىنى بىزنى يەپ تۈگىتىۋەتكىدەك دەپ ئويلاپتۇدە كىتابىنى قولتىقىغا قىسىپ، يولۋاس شاھنى بويلاپ ماكانىغا قايتىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىلىگەر بىر ئەسكەر چىقىم قىلماي دۈشمەننى چىكىندۈرۈپ تۆھپە يارىتىپتۇ.

ئەڭ كىنولار

ھەپتىلىك كۆپ كۆرۈلگەنلىرى

مۇناسىۋەتلىك يازمىلار

ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر

ئەڭ يېڭى قىسقا فىلىم