توردا ئايفون بەش دەپ ئىزدىسەك نۇرغۇنلىغان خىيالى تەسەۋۇر لايىھەلىرىنى تاپالايمىز. ئەمما مەن مۇشۇ كەمگىچە مۇندىقىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئاڭلاشقا قارىغاندا بۇ ئايفون مەك كومپيۇتېرلىرى ئۈچۈن مائۇس بولالامىش.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئاۋۋال بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ بېقىڭ.
كۆپچىلىك كۈتىۋاتقان ئالمىنىڭ يېڭى ئەۋلاد «ئايپەد» ى كېلەرئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلىنىشى مۇمكىن. چۈنكى بۇ سۈرەت ئورگان تەرەپنىڭ شۇ يەر ۋاقتى ئۈچىنچى ئاينىڭ يەتتىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت ئوندا (بېيجىڭ ۋاقتى ئۈچىنچى ئاينىڭ سەككىزىنچى كۈنى ئەتىگەن سائەت ئىككىدە ) ئامىرىكا سان فرانسېسكودا ئۆتكۈزىلىدىغان ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ تەكلىپنامىسى سۈپىتىدە ئېلان قلىنغانكەن.
سۈرەتتىكى ئېنگىلىزچە خەتنىڭ مەنىسى «بىزدە بەزى نەرسىلەر بار ، سىز چوقۇم كۆرۈپ، تۇتۇپ باققايسىز. » مۇشۇنداراق تەرجىمە قىلىپ تۇردۇم…
سۈرەتكە قارىسام بۇ ئايپەدنىڭ باش كۇنۇپكىسى home يوق تۇرىدۇ.ئېكراننى گورزىنتال قىلىپ تارتقان رەسىممىدۇ ياكى يېڭى ئەۋلاد ئايپەدتە بۇ كونۇپكىنى قىسقارتىۋەتكەنمىدۇ؟؟؟
ئۇندىن باشقا يەنە نېمە يېڭىلىقلا باردۇ؟؟؟ ۋاقتى كەلگەندە قاراپ باقمامدۇق.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
قۇرۇق گەپنى قويۇپ، قارلۇقنىڭ ئۆزىنىڭ چۈشەندۈرىشىگە قۇلاق سالايلى:
خاتىرەم بىرلا مەقسەت يەنى – ئايپەد ياكى ئايفوندا ئۇيغۇرچە خاتىرە يېزىپ ئۇنى مەلۇم سۇپىلارغا يوللاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن لايىھىلەنگەن. خاتىرەم ئارقىلىق گۈدۈك، سىنا، ئىلخەت، ئايمەسىجلەرگە ئۇچۇر يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. كونۇپكا تاختىسىنى بىز ئەسلىدىكى ”كىلاسسىك ئۆلچەم“ بويىچە ئورۇنلاشتۇردۇق. ئەلۋەتتە، سىز بۇ خىل كونۇپكا لايىھىسىغا بۇرۇنلا ئادەتلىنىپ بولغان.
ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى:
ئۇيغۇرچە ئۆلچەملىك كونۇپكا تاختىسى بىرىكتۈرۈلدى
يازمىنى گۈدۈك، سىنا، ئايمەسىج ۋە ئىلخەتكە يوللىيالايسىز
ئېكران يورۇقلۇقىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ
پۈتۈن ئېكراننى تازلاش ئىقتىدارى بار
ياقتۇرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
قارلۇق مېدىيا پەن-تېخنىكا شىركىتى
چۈشۈرۈش ئادرېسى
http://itunes.apple.com/us/app/xatirem/id484486372?ls=1&mt=8
گۈدۈكنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن…
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
«2012-يىلى كىردى» دېگەنلىك «ئايفون، ئايپەد ۋە ئايتاچلارنىڭ يېڭى ئەۋلادلىرى ئارقا-ئارقىدىن چىقىدۇ» دېگەن گەپ.
بەزى «كوچا خەۋەرلىرى» بويىچە بولغاندا، 2012-يىلنىڭ 3-ئايدا 3-ئەۋلاد ئايپەد ئېلان قىلىنىنارمىش…بىراق بۇ يىل كىرىپ بىرىنچى ئېيىدىلا ئالدىراپ يېڭىلىق ئېلان قىلمايدىغان ئالما تەرەپ ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ بوپتۇ. ئۇنداقتا نېمە يېڭىلىقىنى ئېلان قىلغاندۇ؟؟؟ بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى…
Close[SWF]
شەخسىي كۆزقارىشىم:
بۇ قېتىمقى يېڭىلىقى مەنچە بەكلا قوللىنىشچان بوپتۇ. مەخسۇس ئوقۇغۇچى ۋە ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈنلا بولغاندەك قىلىدۇ. مەنمۇ باشقىلارغا «ئۆزى ئاددىي ۋە باھاسى قىممەت» تۇيۇلغان ئايتاچىمدا نۇرغۇن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچە كىتابلارنى ئوقۇپ تۈگەتتىم.(بەلكىم شۇ كىتابلارنى بۇ ئۈسكىنە بولمىغان بولسا، كومپيۇتېردىن ھەرگىز ئوقۇپ قويمايتتىم. ) مەنچە ئىقتىسادى سەۋىيە ئانچە يۇقىرى بولمىغان بىزلەر ئالما ئۈسكۈنىلىرىنى شۇنچە قىممەت پۇلغا سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن بىرەر بىلىمگە ئېرىشمىسەك، شۇ پۇلغا تازا يۈز كىلەلمىگەنلىك بوپ قالىدۇ.
ئالما تەرەپنىڭ مۇشۇ ساھەدە يېڭىلىق ۋە قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
ھەممەيلەنگە پايدىسى تەگكەي…
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، تىخى يېقىندىلا دۇنيادىكى بىرقانچە ئېلىكترونلۇق مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىدىغان داڭلىق شىركەتلەر ئوتتىرىىدا ئەقلىي مۈلۈك تالىشىش كۆرىشى بوپ كەتتى. بۇنىڭ شامىلى ئالما تەرەپنىڭ ئىككى يۈزگە يېقىن يېڭىلىقلار بار دەپ ئېلان قىلىنغان بەشىنچى ئەۋلاد مەشخۇلات سېستىمىسىغىمۇ يېتىپ قالامدۇ نېمە؟
يېقىندا توردىن بىر يازمىنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنىڭدا دېيىشىچە ئالما تەرەپنىڭ بۇ يېڭى مەشخۇلات سېستىمىسىدىكى چوڭ يېڭىلىقلىرىدىن بەشى ئېنىقلا چوڭ رەقىبى ئاندروئىد دىن «كۆچۈرگەن»كەن.
Notification Center
ئەسكەرتىش مەركىزى
ئالمىنىڭ يېڭى مەشخۇلات سېتىمىسىدىكى ئەسكەرتىش مەركىزى ئىقتىدارى ئاي ئو ئېس گە نىسبەتەن يېڭىلىق بولغىنى بىلەن ئاندروئىد بۇ ئىقتىدارنى تۆت يىل بۇرۇنلا قوللىنىپ بولغان. ئالما تەرەپ پەقەت يېڭى ئىسىم قوشۇپ قويغان دېيىلىپتۇ.
تۋېتتىر (دۇنياغا داڭلىق مىكرو بلوگ)
بۇ ئىقتىدارمۇ ئاندروئىدنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد مەشىغۇلات سېستىمىسىدىن باشلاپلا ئشىلىتىلىپ بولغانكەن.
ۋىجىت (كىچىك قوراللار)
ئاندروئىدنىڭ كىچىك قوللىنىشچان قوراللار ئاتىسى ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق گۇمانلىنشى كەتمەيدۇ. ئالمىنىڭ يېڭى ئەۋلاد سېستىمىسىنىڭ ئەسكەرتىش مەركىزىگە تېخى ئەمدى ئىككىلا ۋىجىت قوللىنىلدى.
سىمىسىز نەشىر كۆتۈرۈش ۋە ماسقەدەملەش
بۇ ئىقتىدار خېلى يىللاردىن بېرى ئاندروئىد ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ خوش بولىدىغان يېرى ئىكەنمىش.
بۇلۇت مۇلازىمىتى
ئون يىل ئىلگىرىلا گۇگېلنىڭ ئەپلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ھازىرقى ئالمىنىڭ «بۇلۇت»غا ئوخشاشلا بىر مۇلازىمىتىردا ساقلىناتتى ۋە ھەقسىز چۈشۈرۈشكە بولاتتىكەنتۇق.
شەخسىي كۆزقارىشىم:
مېنىڭچە ئانروئىدنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بار. ئەڭ مۇھىمى ھەقسىز ئېچىۋېتىلگەنلىكتىن بۇنىڭدا يېڭىلىقلار تېز كۆرىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئالما تەرەپنىڭ بولسا ھەم قاتتىق دىتالىنى ھەم يۇمشاق دېتالىنى تەڭ ماسلاشتۇرغانلىقتىن بىرقەدەر مۇقىم بولىشى مۇمكىن. ئاۋامغا نىسبەتەن (باھا پەرقىنى چىقىرىۋەتكەندە) يەنىلا مۇقىم ئىشلەيدىغاننى تاللاش بىرقەدەر مۇۋاپپىق.
ھەممە ئادەم كۈندە «سېستىمىغا ئۇيغۇرچە تونىتىمەن.»،« تورغا چىقسام ھەرپ ئۇلاشمىدى » دەپ يۈرۈشنى خالىمايدۇ-دە…
سالام بىلوگداشلار!
مېنى بەزىدە بىر قىسىم تورداشلار مۇشۇنداق ئەرزان ئېلىكتىرون ئۇچۇرلىرى ھەققىدە مەسلىھەتكە تەكلىپ قېلىپ ئىشەنچلىك مال ئۇچۇرى سورايدۇ. شۇڭا بۈگۈن مەن ئىشەنچلىك بىر كومپيۇتېر ئۇچۇرى ېىرەي.
بۇ كومپيىيۇتېرنى مەن ئالدىنقى ھەپتە بېيجىڭغا ۋاقىتلىق خىزمەتكە كەلگەن بىر دوستۇمغا ئىككى كۈن تاللاپ ئېلىشىپ بەرگەن. ئارىدىن 4 كۈن ئۆتۈپلا بۇ دوستۇم بىر MacBookPro غا ئىگە بولۇپ قالدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ كومپيۇتېرنى قايتۇرماق بولۇپ بارساق ، سۈپەت مەسىلىسى يوق نەرسىنى قايتۇرغىلى بولمايدىكەن. ئۈمۈد باغلاپ Sony باش مۇلازىمەت ئورنىدا ئككى رەت تەكشۈرتىپمۇ بىرەر ئىۋەن تاپالماي قايتۇرۇپ كەلدۇق.
كومپيۇتېرنىڭ تىپى 索尼 VAIO VPCYB35JC بولۇپ ، تۆۋەندىكى ئىككى ئادىرىستا تونۇشتۇرۇلغانكەن.
ھازىر بارلىق تالۇن رەسمىيەتلەر تولۇق. سېتىشتىن كىيىنكى مۇلازىمەتمۇ3 يىل كۈچكە ئىگە. ئىكران، كۇنۇپكالارغا ئاسراش پەردىسى چاپلانغان،ئەسلى زاۋۇت ماس سومكىسىمۇ بار. ئېچىلغاندىن كىيىن 3 كۈنچە ئىشلەتكەن. بىز بارلىق سەپلىمە، باج تالۇنى ئۈچۈن تاپشۇرغان پۇل جەمئىي 4180. ھازىرقى ساتماقچى بولغان نىشان باھايىمىز 3200. كىرانى بىز كۆتۈرىمىز، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بارلار، ئوقۇغۇچىلارغا ئازراق ئىتىبار قىلىشقا بولىدۇ.
ئەگەر ئىھتىياجلىق قىرىنداشلار بولسا ئەرزانراق باھادا بولسىمۇ سېتىپ بېرىش ئويىمىز بار. مۇناسىۋەتلىك سەپلىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئاددىي ئېيتقاندا قوش يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ، چاستوتىسى 1.65*4Hz . ئىچكى ساقلىغۇچ 4G. قاتتىق دېسكا 320G. سۈرەت كارتا چوڭلىقى 384 MB.
تېخىمۇ تەپسىلىيسى:
电脑型号 索尼 VAIO VPCYB35JC 笔记本电脑
操作系统 Windows 7 家庭普通版 32位 SP1 ( DirectX 11 )处理器 AMD E-450 APU with Radeon HD Graphics 双核
主板 索尼 VAIO (AMD K14)
内存 4 GB ( 南亚易胜 DDR3 1333MHz )
主硬盘 东芝 MK3259GSXP ( 320 GB / 5400 转/分 )
显卡 ATI Radeon HD 6300 Series Graphics ( 384 MB / 索尼 )
显示器 奇美 CMO1113 ( 11.6 英寸 )
声卡 瑞昱 ALC269 @ ATI K14 高保真音频
网卡 鈺硕 AR8131 PCI-E Gigabit Ethernet Controller / 索尼
خوش، تۆۋەندە بىر قانچە رەسىمنى كۆرۈپ باقايلى. مېىنىڭ رەسىم تارتىش سەۋىيەم ياخشى ئەمەس،ئۆزۈمنىڭ iPhone4 دە تارتىلدى. پىرىسلانغان رەسىم.
مەن بۈگۈن بېيجىڭدىكى مەلۇم نەشىرياتنىڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلىدىغان خەرىتە دىتالىغا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈش قوشىدىغان بىر خىزمەت تاپشۇرۇپ ئالدىم.
ۋاقىت قىس، ۋەزىپە جىددى بولغاچ تورداشلاردىن ھەقلىق خىزمەتچى تەكلىپ قىلىمەن.نەزەرى. ۋەزىپە بۆلۈش تامام! كىيىن قالغانلارغا كىيىنچە يەنە پۇرسەت بولسا مەن ئاۋۋال ئۇقتۇرىمەن، ھەمكارلاشقانلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۇر، قىرىنداشلىرىم!
مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننىڭ بىر قىسمى رەسىمدە كۆرۈنگەندەك:
مۇشۇنداق ھۆججەتتىن جەمئىي 4 جەدۋەل بار، ھەر بىر جەدۋەل تەخمىنەن 150 قۇر ئەتراپىدا. مەزمۇن تەكشىسىز، ئەمما ئوتتۇرا ھىساب بىلەن ھەر بىر تۈرگە ئىككى قۇر چۈشەندۈرۈش توغرا كىلىدۇ.
تەرجىمە قىلىش ۋاقتى : مۇشۇ مىنۇتتىن باشلىنىپ 10-ئاينىڭ 28-چىسلا كەچ سائەت 23:00 كىچە بولسا بولىدۇ. ئىككىنچى كۈنى سائەت 10 دىن بۇرۇن ئىش ھەققى بېرىلىدۇ. ھەر بىر جەدۋەل ئۈچۈن 120 سوم ئىش ھەققى تەييارلاندى. ئېملا، تەرجىمە دىن ئۆلچەملىك ئۆتسىلا تەرجىمان خالىغان ئۇسۇلدا ئىش ھەققى تاپشۇرۋالسا بولىدۇ.
تەرجىمانغا تەلەپ :
1. ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش دېتالى EXCLدا ھۆججەت تەھرىرلەش مەشغۇلات قىلالايدىغان بولۇش.
2. ئۇيغۇر-خەنزۇ تىلىدا يەر جاي ناملىرى ئاتالغۇسىدا پىششىق بولۇش ياكى لۇغەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنالايدىغان بولۇش.
3.مەسئۇلىيەتچان، سەمىمى بولۇش. خىزمەت كىچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ.
4.كەمىنە نەزەرىگە ئىشىنىپ خىزمەتنى دادىل باشلىيالايدىغان بولۇش. چۈنكى مائاش خىزمەت تاماملانغاندا ئاندىن بېرىلىدۇ.
5. ۋەزىپە ئاز، ئەمما جىددى بولغاچ سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خىزمەت پەقەت 4لا ئادەم بىلەن تاماملانسا كۇپايە.
ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىش ئۈچۈن مۇشۇ تېما ئاستىغا ئېنكاس يېزىڭ ياكى ماڭا ئېلخەت يېزىڭ. admin@../
ئۆزۈم تور تېخنىلوگىيىسدە ئوقۇغان بولغاچ ئادەتتە تور ئىشلىرىنى ئىمكان بار 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىغا تايانماي قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق بولغاندا گەرچە ئازراق مۇرەككەپ بىلىنسىمۇ يەنىلا چۈشىنىشلىك بولىدۇ. ئىنىق بولىدۇ. ئۆزىمىز ماھىيىتىنى ئاز تولا چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلىمىز.
شۇڭا بۇرۇن مەن كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش دەپ بىر تېما يوللىغان . تېمانى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ../1056.html
يۇقارقى تېمىدىكى تەرتىپ بويىچە قىلغاندا ماھىيەتنى چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. لىكىن نۇرغۇن يىڭى ئۆگەنگۈچى تورداشلارنىڭ ئىنكاسى مىنى ئاددىيراق دېتال تونۇشتۇرۇشقا ئۈندىدى. بۇ تېما ۋە يۇقارقى تېمادىكى تەرتىپ بويىچە قۇرۇلغان wifi نوقتىسىدا ھەرقانداق ئۈسىكىنە تورغا چىقالايدۇ. شەرت: كومپيۇتېرىمىزدا چوقۇم سىمسىز تور كارتىسى (无线网卡,usb无线网卡) بولىشى كىرەك.
ئاندىن تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن Wifi نوقتىسى قۇرىدىغان دېتال Maryfi نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا ئىشلەتسەك بولىدۇ.ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى. قوزغىتىپلا تورنى تاللاپ بەرسەك كۇپايە. كومپيۇتېر پەقەت تورغا ئۇلانغان بولسىلا (3G،2G,宽带,拨号,专线) بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ دېتال ئارقىلىق تور سېگىنالىنى تارقاتقىلى بولىدۇ. قۇۋۋىتى ئادەتتە 50 مىتىر ئەتراپتا.
ئورگان بېتى http://www.maryfi.com/
چۈشۈرۈش بىۋاستە ئادېرسى: http://www.maryfi.com/download/Maryfi-EN.exe
ئالما مەھسۇلاتلىرى ئېچىدە ھەممىدىن بۇرۇن تونۇلغىنى، شۇنداقلا Appleنى بۈگۈنكى كۈنگە ئىرىشتۈرگىنى iPodTouch . لىكىن ئۇيغۇر ئىلىگە كە تونۇلغان مەھسۇلاتى دەل iPhone. ئالمادېكىلەر ھەمكارلاشقۇچىلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن iPhone غا سىمسىز تورنى مەخسۇس باشقۇرۇدىغان ئۈسكىنە — مودېم (调制解调器) ئورناتقان. شۇنداقلا iOSنىڭ ھەر بىر نەشرىگە بىردىن ماس نەشىردىكى ئاساسى بەلباغ (基带) نەشرى ئارقىلىق مودېمنىڭ باشقا تېلگىراف يۈرگۈزگۈچى شىركەتلەرنىڭ ئىشلىتىشىدىن ساقلىنىدۇ.مانا بۇ رىۋايەتلەردىكى تور قۇلۇپى بار iPhone.بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي بايانلار مانا. ئاساسى بەلباغ (基带) نەشرىنى ئېنگىلىزچە Baseband دەپ يازىمىز، ئوقۇلۇشى [ˈbeisbænd].
ئالدى بىلەن ئاساسى بەلباغ (基带) نەشرىنى كۆرۈش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇراي.
1.ئەگەر iPhone نورمال بولۇپ، سىستىمىغا نورمال كىرگىلى بولسا تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئاساسى بەلباغ (基带) نەشرى نى كۆرۈشكە بولىدۇ.设置-通用-关于本机-调制解调器固件
2. ئەگەر iPhone نورمال قوزغىلالمىسا، ئەمما كومپيۇتېرغا چاتقانداق ئىنكاس بولسا تۆۋەندىكى چارە ئەز قاتىدۇ:
1- TinyUmbrellaنى چۈشۈرۈپ قا
يىقىندىن بىرى مىنىڭ ۋاقتىم ئالدىراش ھەم كومپيۇتېر يوق سەۋەبلىك بىلوگىم سەل چۆلدەرەپ قالدى. بۈگۈن مەن نىشانلىغان MacBookProنىمۇ سېتىۋالدىم. خۇداغا شۈكرىلەر بولسۇنكى، كىيىنكى ئۆگۈنۈش- تەتقىقاتىمغا بىر ياخشى قورال ھەمدەمدە بولىدىغان بولدى.
ھازىر سىستىما قاچىلاپ ئولتۇرۇپتىمەن. windowsنىڭ قوزغاتقۇچىلرىىنى پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تونۇدى. macتە بىر نەرسە كۆرسە كۆزگە بەك راھەتكەن. پوچىلىق قىلدى دېيىلىپ قالمىسۇن، مەن بۇرۇنقى Windows ئىشلەتكەن ئۆمرۈمگە ئېچىنىمەن. Mac Os X نىڭ قولىغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىكەنغۇ. ھەي…. تېمىلار داۋاملىق يىڭىلىنىش باسقۇچىغا كىردى. قىرىنداشلارنىڭ قوللىشى ۋە بىلگەن- بىلمىگەنلىرىنى ئايىماي تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. نەزەرى.