ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەرزان باھادا GoogleAdsense ئېلانى تەمىنلەيمىز. تەپسىلاتى:
ئورنىڭىز: باش بەتپۈتۈكلەر>مەزمۇن
Maryfi ئارقىلىق كومپيۇتېردىلا ھەقسىز wifi نوقتىسى قۇرۇش
يازما 42 كۈن بۇرۇن پۈتۈكلەر كاتىگورىيەسىگە يوللانغان ئېنكاس 4

ئۆزۈم تور تېخنىلوگىيىسدە ئوقۇغان بولغاچ ئادەتتە تور ئىشلىرىنى ئىمكان بار 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىغا تايانماي قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق بولغاندا گەرچە ئازراق مۇرەككەپ بىلىنسىمۇ يەنىلا چۈشىنىشلىك بولىدۇ. ئىنىق بولىدۇ. ئۆزىمىز ماھىيىتىنى ئاز تولا چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلىمىز.

شۇڭا بۇرۇن مەن كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش دەپ بىر تېما يوللىغان . تېمانى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ../1056.html

يۇقارقى تېمىدىكى تەرتىپ بويىچە قىلغاندا ماھىيەتنى چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. لىكىن نۇرغۇن يىڭى ئۆگەنگۈچى تورداشلارنىڭ ئىنكاسى مىنى ئاددىيراق دېتال تونۇشتۇرۇشقا ئۈندىدى. بۇ تېما ۋە يۇقارقى تېمادىكى تەرتىپ بويىچە قۇرۇلغان wifi نوقتىسىدا ھەرقانداق ئۈسىكىنە تورغا چىقالايدۇ. شەرت: كومپيۇتېرىمىزدا چوقۇم سىمسىز تور كارتىسى (无线网卡,usb无线网卡) بولىشى كىرەك.

ئاندىن تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن Wifi نوقتىسى قۇرىدىغان دېتال Maryfi نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا ئىشلەتسەك بولىدۇ.ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى. قوزغىتىپلا تورنى تاللاپ بەرسەك كۇپايە. كومپيۇتېر پەقەت تورغا ئۇلانغان بولسىلا (3G،2G,宽带,拨号,专线) بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ دېتال ئارقىلىق تور سېگىنالىنى تارقاتقىلى بولىدۇ. قۇۋۋىتى ئادەتتە 50 مىتىر ئەتراپتا.

ئورگان بېتى http://www.maryfi.com/

چۈشۈرۈش بىۋاستە ئادېرسى: http://www.maryfi.com/download/Maryfi-EN.exe

نۆۋەتتە 4 پارچە ئېنكاس. بۇنىڭ ئىچىدە:مىھمان:4 پارچە, بىلوگگېر:0 پارچە

  1. ھەۋەسكار : 2011-يىلى10-ئاينىڭ05-كۈنى22:35:04  -9قەۋەت

    چۈشمىدى،مەن چۈشۈرەلمىدىم.قانداق ئىشلىتىدۇقالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

  2. 1987 : 2011-يىلى10-ئاينىڭ06-كۈنى08:41:02  -8قەۋەت

    http://www.connectify.me/
    ماۋۇ دېتالمۇ ئىنتايىن ئەپلىك. بۇنىمۇ سخناپ كۆرگۈلۈك.

  3. ataman005 : 2011-يىلى10-ئاينىڭ06-كۈنى14:26:39  -7قەۋەت

    بۇ xp دا نورمال ئىشلىمەمدۇ قانداق ؟

  4. ھەۋەسكار : 2011-يىلى10-ئاينىڭ06-كۈنى22:50:26  -6قەۋەت

    سىز يوللىغان ئاددىرىستىكى ئىنگىلىزچە ئىكەنغۇ پۇللۇقمۇ نىمە،قانداق ئىشلىتىدۇ قالدۇرۇپ قويساڭلارچۇ.

ئېنكاس كۆزنىكى

باش سۈرەت يوق؟