بەلگە ئارخىپى: IT

گۈرۈچفون (小米手机) ھەققىدە بايان

يىقىندىن بىرى تورلاردا (گۈرۈچچاق ئەقلىفونى، قىسقارتىپ گۈرۈچفون دەپ تۇردۇق)小米手机دەپ تولا ئاڭلاپ كەتتۇق. تۆۋەندە خالاستان بىلوگىدىن نەزەرى بۇ ھەقتە ئۇيغۇر قىرىنداشلارغا تەپسىلىيراق مەلۇمات بېرىدۇ.

قوشۇمچە خەۋەر: ئورگان تەرەپ مەھسۇلات سۈپىتىگە ۋە بازار باھاسىغا قارىتا چەكلىك سېتىش سىتىراتىگىيىسى قوللانغان بولۇپ 9-ئايدىن باشلاپ ئورگان بېتىدە مۇنبەر ئەزالىرىغا چەكلىك سېتۋىلىش نومۇرى تارقاتقان. ھازىر سېتىۋىلىش نومۇرى 300 سوم ئەتراپتا. ھەم نومۇرنى سېتىش- سېتىۋىلىش چەكلەنگەن. بۈگۈنكى خەۋەردىن بىلىشىمىزچە ھازىر ئەڭ بۇرۇنقى ئەزالارغا مال تارقىتىلىۋاتقان بولۇپ باشقا تىزىملاتمىغان (ئەركىن بازار) دىكىلەرگەن كىلەر ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا كەڭ كۆلەمدە مال تەمىنلىنىدۇ. مال پەقەت بىۋاستە سېتىش ئۇسۇلىدا تەمىنلىدىغان بولۇپ ھەرقانداق 3-تەرەپتىن مال سېتىۋىلىشقا بولمايدۇ.

ھازىر گۈرۈچفون (小米手机) نىڭ قۇرغۇچىسى 新浪微博 دا CDMA 2000 فورماتتىكى گۈرۈچفون (小米手机)  ئىشلەشكە پىكىر توپلاۋاتىدۇ. بەلكىم قوللىغۇچىلىرى كۆپ بولۇپ قالسا بازارغا كىرىشى مۇمكىن. بۇ يەردىن كىرىپ پىكىر بېرىڭ.

小米手机بولسا ئالتۇنتاغ (金山) يۇمشاق دېتال شىركىتىنىڭ CEO سى 雷军 نىڭ مەبلەغ چېقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان گۈرۈچچاق تېخنولوگىيسى(،北京小米科技有限责任公司小米科技) نىڭ بىردىنبىر مەھسۇلاتى.小米手机 نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئەرزان قوش نېگىزلىك ئەقلىفون دەپ ئاتىلىۋاتىدۇ. 雷军 بولسا دىيارىمىزدىكى ھەربىر IT خادىمى تونۇيدىغان مەبلەغ سالغۇچى .  دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق پىروگراممېرلىقتىن چوڭ ئۇتۇق قازانغان ئادەم. ئېلگىرى كىيىن بولۇپ 金山公司 نىڭ ئېچىش بۆلۈم باشلىقى، لىدىرى، 卓越网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، 逍遥网 نىڭ مەبلەغ سالغۇچىسى، بېيجىڭ شەھرىنىڭ ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى، 北京UC优视 نىڭ لىدىرى شۇنداقلا ھازىرقى 小米科技 (گۈرۈچچاق تېخنىلوگىيىسى)نىڭ قۇرغۇچىسى. تولۇق تەرجىمىھالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ. كەسىپداشلارنىڭ مۇنداق بىر باھاسى بار : 美国有乔布斯,中国有雷军!

iPhone نى ئامېركىنىڭ ئىستىمال مۇھىتىغا، ئادىتىگە ماسلاشقان مەھسۇلات دېسەك گۈرۈچفوننى جوڭگولۇقلارنىڭ ئىستىمال سەۋىيىسى ۋە بازىرىغا ماسلاشقان دېيىشكە بولىدۇ. بۇ دېگەنلىك بۇ مەھسۇلات ئەرزان بولغاچ جوڭگولۇقلارغىلا خاس، سۈپىتى ناچار دېگەنلىك ئەمەس. بىر نوقتا ئىسىمىزدە بولسۇن، ھەممەيلەن ناھايتى چوڭ بىلىپ كىلىۋاتقان iPhone4s نىڭ بارلىق تەننەرخى ئاران 1200 يۈەن خەلق پۇلى. ئەمما ھازىر 6200 يۈەندىمۇ مال يوق!!! iPhone ۋە گۈرۈچفون (小米手机) ئوخشاشلا جوڭگودا ئىشلەنگەن ، بىرى جوڭگونىڭ ئەڭ يۇقىرى دورامچىلىق سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلسا يەنە بىرى ئامېركىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مەھسۇلات ئېچىش سەۋىيىسىگە ۋەكىلىك قىلىدۇ خالاس.

小米手机نىڭ سەپلىمىسى ھەقىقەتەن يۇقىرى بولۇپ دۆلىتىمىزدە تەتقىق قىلىپ ئىشلەنگەن ئەقلىفونلار ئېچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. سىستمىسىغا ئالقشىقا ئىرىشىۋاتقان Android ۋە 小米 ئۆزلىرى ئاچقان، Android ئاساسىدىكى مەشغۇلات سىستىمىسى MIUI ئىشلىتىلگەن. ئىككى سىستىمىنى تاللاپلا ئەركىن ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.  شۇڭا ھازىرقى بازاردا ئىقتىدار باھا نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى ئەقلىفون دەل گۈرۈچفون (小米手机) دۇر. مەن ئۆزۈممۇ پۇرسەت بولسا سېتىۋىلىش ئويىدىمەن. ھەم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ سېتىۋالالايدىغانلىقىغا كۆزۈم يېتىدۇ.

يۇقاردا يانداشما گەپنى كۆپ يېزىپ كەتتىم، گۈرۈچفون (小米手机)نىڭ سەپلىمىسى تۆۋەندىكىچە :

مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى 高通MSM8260 1.5GHz قوش نېگىزلىك. ئىچكى ساقلىغۇچ 1GB RAMۋە 4GB ROM. ئىكرانى 4 سۇڭ، FWVGA ئۆلچىمىدە، يەنى 854×480 سىزىمچانلىقتا. سىنكۆز 8 مىليون پېكسول.1930mAh سىغىملىق باتارىيە سەپلەنگەن.

مۇشۇنداق يۇقىرى سەپلىمىلىك ئەقلىفون ئاران 1999 يۈەن. شۇنداقلا ”جوڭگودىكى تۇنجى قوش نىگىزلىك ئەقلىفون“ دېگەن نامغا ئىگە. iPhone سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمىگەن، مۇرەككەپ تۈرمىدىن قاچۇرۇش، دېتال قاچىلاش … قاتارلىقلارغا كۆنەلمىگەنلەر مۇشۇ ئەقلىفوننىلا سېتىۋالساڭلار غىمىڭلار ئازىيدۇ.

تۆۋەن بۇ ھەقتە ئەڭ يىڭى فىلىمدىن ھوزۇرلىنايلى

Close[SWF] - 小米手机

ئەڭ سۈپەتسىز، ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان 25 پارول

21- ئەسىر، ئ‍ۇچۇر دەۋرى، بىلىم دەۋرى،  پۇل دەۋرى،  پەن -تېخنىكا دەۋرى دەپ ئاتالغان ۋاقىتلاردا بىز تېخى كىچىكتۇق. مانا بىزمۇ «قاتارغا قوشۇلۇپ» سەپكە تىزىلىپتۇق.

ئەمدى بۇ دەۋىرنى ھەقىقىي مەنىسى بىلەن سۈرەتلەيدىغان بولساق ئىسمى – جىسمىغا لايىق «پارول دەۋرى». ھەممەيلەن توردا تۈمەن مىڭ خىل بېكەتكە كىرىمىز، ھەممىسى دېگۈدەك نەچچە يۈز خىل ئۇسلۇبتا بىزدىن ئابونت نومۇرى، پارول… قاتارلىقلارنى سوراپ ئۈلگۈرىدۇ. بۇنى دېمەيلا قويىلى ، ئۆيدىكى بىخەتەرلىك ساندۇقى، بىخەتەر ئىشىك، ماشىنا ئۈسكىنىلەرنىڭ قوزغاتقۇچىسى، تېلفون- تىڭشىغۇچ … ھەممىسى دېگۈدەك «پاروللىنىپ» ئۈلگۈردى.

ارول بىزگە بىر خىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىش بىلەن بىرگە يەنە نۇرغۇن تاماششا (ئۆلۈمدىن باشقىسى ھەممىسى تاماششا) سوۋغا قىلىدۇ. ئۆزىگە لايىق غەم- ئەندىشە ھەم ئاتا قىلىپ ئۈلگۈرىدۇ. ھازىر بۇ پاروللار بىر بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن بولۇپ بىرىنى ئۇنتۇپ قالساق يەنە بىرى ئارقىلىق ئەسلىگە قايتۇرغىلى بولىدۇ. گەپ شۇ يەردىكى ئەڭ باشتىكى ، ئەڭ ھالقىلىق پارولنى قانداق بىكىتىش كىرەك؟؟

خوش، تەتقىقاتچىلار ھازىر نۇرغۇن سىتاتسىتىكا ئارقىلىق كىشىلەر ئىشلىتىشكە ئەڭ ئامراق « ئەڭ سۈپەتسىز، ئەڭ كۆپ قوللىنىلغان 25 پارول» نى ئېلان قىپتۇ. قىنى كۆز يۈگۈرتىپ باقايلى:

1. password 2. 123456 3.12345678 4. qwerty 5. abc123 6. monkey 7. 1234567 8. letmein 9. trustno1 10. dragon 11. baseball 12. 111111 13. iloveyou 14. master 15. sunshine 16. ashley 17. bailey 18. passw0rd 19. shadow 20. 123123 21. 654321 22. superman 23. qazwsx 24. michael 25. football

يۇقارقى پاروللارنىڭ ھەممىسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ھەممىسىنىڭ بىر ئورتاقلىقى (قانۇنىيىتى) بار. يۇقارقىدەك پارول سالغانلار تىزدىن ئۆزگەرتكەيسىزلەر. ماشىنىدا بىر تەكرارلاپ سىنىسا بىردەمدە چىقىپ قالىدىغان پاروللاردىن يەنە ئۆزىنىڭ ھەمراھىنىڭ ئىسمى، يېشى، تۇغۇلغان كۈنى، تېلفون نومۇرى … قاتارلىقلار بار.

مىنىڭ بىر دوستۇم بولىدىغان، پاروللىرى پۈتۈنلەي قىزلارنىڭ ئىسىملىرى. يەنە بىر بۇرادەرنىڭ پارولى تېخى دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەرنىڭ باش ھەرىپىگە بىردىن ناخشچىنىڭ ئ‍سمىنى قوشۇپ پارول ئىشلىتىدىغان. قارىغاندا بۇلارمۇ بولۇپ قويغۇدەك.

Maryfi ئارقىلىق كومپيۇتېردىلا ھەقسىز wifi نوقتىسى قۇرۇش

ئۆزۈم تور تېخنىلوگىيىسدە ئوقۇغان بولغاچ ئادەتتە تور ئىشلىرىنى ئىمكان بار 3-تەرەپ يۇمشاق دېتاللىرىغا تايانماي قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇنداق بولغاندا گەرچە ئازراق مۇرەككەپ بىلىنسىمۇ يەنىلا چۈشىنىشلىك بولىدۇ. ئىنىق بولىدۇ. ئۆزىمىز ماھىيىتىنى ئاز تولا چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلىمىز.

شۇڭا بۇرۇن مەن كومپيۇتېرداWiFiنوقتىسى قۇرۇپ iPhoneدا ھەقسىز تورغا چېقىش دەپ بىر تېما يوللىغان . تېمانى بۇ يەردىن كۆرۈڭ ../1056.html

يۇقارقى تېمىدىكى تەرتىپ بويىچە قىلغاندا ماھىيەتنى چۈشىنىپ مەشغۇلات قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. لىكىن نۇرغۇن يىڭى ئۆگەنگۈچى تورداشلارنىڭ ئىنكاسى مىنى ئاددىيراق دېتال تونۇشتۇرۇشقا ئۈندىدى. بۇ تېما ۋە يۇقارقى تېمادىكى تەرتىپ بويىچە قۇرۇلغان wifi نوقتىسىدا ھەرقانداق ئۈسىكىنە تورغا چىقالايدۇ. شەرت: كومپيۇتېرىمىزدا چوقۇم سىمسىز تور كارتىسى (无线网卡,usb无线网卡) بولىشى كىرەك.

ئاندىن تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن Wifi نوقتىسى قۇرىدىغان دېتال Maryfi نى چۈشۈرۈپ قاچىلاپلا ئىشلەتسەك بولىدۇ.ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى ناھايتى ئاددى. قوزغىتىپلا تورنى تاللاپ بەرسەك كۇپايە. كومپيۇتېر پەقەت تورغا ئۇلانغان بولسىلا (3G،2G,宽带,拨号,专线) بولىشىدىن قەتئىينەزەر بۇ دېتال ئارقىلىق تور سېگىنالىنى تارقاتقىلى بولىدۇ. قۇۋۋىتى ئادەتتە 50 مىتىر ئەتراپتا.

ئورگان بېتى http://www.maryfi.com/

چۈشۈرۈش بىۋاستە ئادېرسى: http://www.maryfi.com/download/Maryfi-EN.exe