سەھەر ، يول ، خىزمەت
-1-
 بۈگۈن سەھەر تۇرىشىم كىرەك 
قوياش ئېچىلماستىن بۇرۇن .
مەن ھارارەتلىرىم بىلەن 
ئايلىنىمەن بىر دەستە چۈشكە 
تۆكۈلىمەن دەرتكە يۇشۇرۇن .
 ساقىلىمنى ئېلىشىم كىرەك 
تىنىقىمنى تىڭشاپ ئولتۇرۇپ .
قوشنىلىرىم كېتەر پەرۋاسىز 
دەرىزەمگە بىر لەھزە بېقىپ
چۆگىنىگە ئىمان تولدۇرۇپ .
 -2-
 ئىشىكىمنى قۇلۇپلاپ ئاخىر 
ئايلىنىمەن ئۇزۇن بىر يولغا .
يۈرىكىمنى ئىزىپ ، يەنچىتىپ 
كېتىپ بارار سانسىز ئادەملەر 
كىملىكىنى ئېلىپ قولىغا .
 يولنى ئېلىپ بارىمەن ، ياكى 
يولدا مېڭىپ بارىمەن چەكسىز
غىرىپلىققا تۇتاشقان  كەبى .
تونىمايدۇ مېنى دەرەخلەر 
تونىمايمەن مەنمۇ ئۇلارنى 
ئازاپ بەلكىم كۆزۈمنىڭ دەردى .
 بىر دەرت ، مىڭ دەرت ئوخشاشلا بىر دەرت 
دەرت تارتىشقا تۇغۇلغان ئىنسان 
يوللار چەكسىز يوللار بىر گۈزەل ،
ھەر كۆزىدە ئالار ئىمتىھان .
 -3-
 يوللار قايتقان تەرەپ تەرەپكە  
تۇتىشىدۇ ئازاپقا بىرى .
مەن شۇ يولدا ماڭماسلىق ئۈچۈن 
ماڭدىم تالاي ئۆزۈمنى ئۇنتۇپ 
خىزمەت ماڭا ئايلانغان كۈنى .
 -4-
 سەھەر ،يول ، خىزمەت 
مېنى قىرىتماقتا چەكسىزلىكىدە .