بەت يۈزىدىن تامچە:
ئىككى شېئىر
ئۈمىدجان قادىرى
خەلقىم
قۇچسا كۆكسۈم شەرەپ مىدالى،
ئۇ خەلقىمىنىڭ ھۆرمىتى دەيمەن.
باقسا كۈلۈپ ئىقبال جامالى،
خەلقىم تاجى-دۆلىتى دەيمەن.
بىلىق سۇسىز ياشالماس تىرىك،
ئۆسەلمەيدۇ تۇپراقسىز گىيا.
ئۇتۇقۇمغا خەلقىم ھەمشىرىك،
خەلقىم ياقار يولۇمغا زىيا.
ئاۋاز چىقماس يالغۇز چاۋاكتىن،
يالغۇز ئاتنىڭ چىقماس سەم چېڭى.
خەلقىم ماياك،ئاشۇ ماياكتىن
تېپىلىدۇ مەنزىلنىڭ تېڭى.
ھاياتلىقتا- ئۇزۇن سەپەردە،
گەر تالجىقسام يۆلەيدۇ خەلقىم.
سوغ-جۇدۇندا قالسام ئەگەردە،
ئايانماي ئوت پۈۋلەيدۇ خەلقىم.
خەلقىم بولۇپ ئادىل تارازا،
ئۆلچەپ تۇرار ئادەملىكىمنى.
ئۈپكېنىدە تېنىم جىنازا،
خەلقىم تۇتار ماتەملىكىمنى.
خەلقىم دېسەم ئىپتىخارلىقىم،
پەۋەسلىنىپ تولۇر قەلبىمگە.
دېمەك؛مېنىڭ پۈتكۈل بارلىقىم،
مەنسۇپ ھامان ئەزىز خەلقىمگە.
سالام سەھرا
سالام سەھرا،سالام جىگدىزار،
قۇشقاشلىرىڭ تۇرامدۇ ئامان؟
توي كۈنىگە بولۇپ ئىنتىزار،
ئىنىم يەنە چېكەمدۇ ئارمان؟
سالام سەھرا،سالام كىچىك باغ،
يوقلىدىمۇ قۇشلىرىڭ سەھەر؟
خوراز ئۈنى ئاڭلانغان شۇچاغ،
ئېتىز تامان ماڭدىمۇ پەدەر؟
سالام سەھرا،سالام شوخ بۇلاق،
كۈي تۆكەمدۇ سۇلىرىڭ زىلال؟
ھەركۈن كېچە سالامدۇ قۇلاق،
شاد ناخشاڭغا كۆكتىكى ھىلال؟
سالام سەھرا،سالام چىغىر يول،
خىيالىمدا زاھىرسەن ئەنە.
نىگار بىلەن تۇتۇشقىلى قول،
تاڭ بارارمەن قوينۇڭغا يەنە.
|